مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 910|ئىنكاس: 11

سالامنىڭ يۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سىز ئۇزىڭىزگە ئى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4687
يازما سانى: 1816
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15006
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 7390 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 03:18:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەبنىڭ بېشى سالامدىن باشلىنىشى بارچىمىزگە ياد بولۇپ كەتكەن. لېكىن بۈگۈنكى ياشلىرىمىز ئارىسىدا سالاملىشىشنىڭ ھەرخىل كۆرۈنىشتىكى ‹‹ زامانىۋىي ›› تۈرلىرىنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق. كۈنىمىزدە، ياش بوغۇنلىرىمىزدا بۇ ئاجايىپ مىللىي ئادىتىمىز – سالاملىشىش تۈرلۈك شەكىللەردىكى مەزمۇنى ۋە ئىجراسى ئۆزگەرگەن رەۋىشتە ئادا قىلىنماقتا. ئېنىقراق ئېيتقاندا، ياشلار ئارىسىدا تېتىقسىز ئاھاڭدا : ‹‹ ياخشىمۇ؟ … ›› ، ‹‹ ئالو؟ … ›› ، ‹‹ ۋۇججۇ ئاداش تېنچلىقمۇ ؟ (قىزلار)… ››، ‹‹ بارمۇ سەن بالاڭزا ھېي ؟…›› ، ‹‹ سالامۇلەيكۇم …›› كەبىي تۇترۇقسىز سۆز ۋە خىتابلارنى ئىشلىتىپ سالاملىشىشقا ئوخشاش يامان ئادەتلەر ئومۇملىشىپ كېتىپ بارماقتا. شۇ قاتاردا قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز – ئارا سۆيۈشۈپ ( مەڭزىنى يېقىشىپ ئەمەس ) كۆرۈشىشى، يىگىتلەرنىڭ باشلىرىنى بىر- بىرىگە سوقۇشلىرى، بىر – بىرىنىڭ يەلكىسى ۋە كۆكسىگە مۇشتلاشلىرى، قىز – يىگىتلەرنىڭ قول تۇتىشىشلىرى ، ئاۋۋال ئالقانلىرىنى بىرى – بىرىگە شاپلاقلاپ، ئاندىن مۇشتۇملىرىنى تەگكۈزۈپ ، ئارقىدىن ‹‹ يې ! ›› دەپ توۋلاپ كۆرۈشىشلىرىگە ئوخشاش سالاملىشىشنىڭ ‹‹ زامانىۋىي ›› تۈرلىرىنى ئۇچرىتىمىز. لېكىن بۇ كەبىي ھالەتلەرنى كۆرۈپ كۆپچىلىكنىڭ خيالىدا ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي سالاملىشىش يوسۇنى ئەسلى قانداق ؟ … دېگەندەك سۇئاللارنىڭ تۇغۇلىشى تەبىئىي.

ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش يوسۇنى
سالاملىشىش- كىشىلىك ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر پەزىلەت بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ ئۆلچەملىرىدىن بىرى. ئاغۇن – ئەجدادلىرىمىز تارىختىن بۇيان سالاملىشىشقا يۈكسەك ئېتىبار بىرىپ كەلگەن . ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە تىلى چىققاندىن باشلاپلا سالاملىشىشنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ . ئۇيغۇرلاردا سالام – سەھەتنى بىلمەيدىغانلارنى ئەيىپلەيدىغان ياخشى ئادەت بار .
سالاملىشىشنىڭ قىممىتى توغرىسىدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ < قۇتادغۇبىلىك > دېگەن كاتتا ئەسىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلغان :

5055. سالامدۇر كىشىگە ئېسەنلىك يولى ،
سالاملە قويۇلۇر ئېسەنلىك ئۇلى .

5056. سالامدۇر كىشىگە ئەمىنلىك – ئامان ،
قىلىنسا سالام ، ساق بولۇر ئۇشبۇ جان .

4111. كۆرەڭلەپ قولۇڭنى سېلىپ كىرمىگىن ،
ئىلىك ئال سالامنى ، غاپىل بولمىغىن .

4154.كېرەكتۇر كىچىكتىن ئۇلۇغقا ھۆرمەت ،
ئۇلۇغمۇ كىچىككە قىلۇر ئەينىنى .

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادەتلىرى كۆپ قاتلاملىق بولغاچقا ، ئەر – ئاياللاردىكى سالاملىشىش يوسۇنلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . شۇڭا بۇلارنى مۇنۇ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىپ بايان قىلىش مۇمكىن :

1. ئەرلەر ئارىسىدىكى سالاملىشىش

ھازىر بىزدە ئۆز – ئارا قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈش بىر قەدەر ئوموملىشىپ قالدى . ئەمەلىيەتتە ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى سالاملىشىش قائىدىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ، سالاملىشىش ھاجىتى تۇغۇلغاندا سالام بەرگۈچى تەرەپ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە (يۈرەك ئۇدۇلىغا) ئېلىپ ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن باشنى ۋە بەلنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىگىپ < ئەسسالامۇئەلەيكۈم > دېيىشى ، سالام قوبۇل قىلغۇچى تەرەپمۇ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېگىلىپ < ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام > دەپ ، سالام قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ < ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام > دەپ سالام – سەھەت يوللىنىپ بولۇپ ، ئاندىن ئۆز – ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدىغان ئادەت بار ئىدى.
ئۇيغۇرلار سالام – سەھەتتە ئالدى بىلەن كىچىكلەر چوڭلارغا سالام بىرىشكە ئادەتلەنگەن . ياشانغانلار بىلەن ياشلار ئوتتۇرىسىدا بولسا ، ياشلار ئولتۇرغان بولسۇن ، ماڭغان بولسۇن (ئۇلاغلىق ياكى پىيادە) ياشانغانلار ئۇچراپ قالغان ئەھۋالدا چوقۇم ياشلار ياشانغانلارغا ئاۋۋال قولىنى كۆكسىگە قويۇپ < ئەسسالامۇئەلەيكۈم > دەپ سالام بىرىدىغان ، ياشانغانلار < ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام > دەپ سالام قايتۇرغاندىن كىيىن ياشانغانلارنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ ، تېنىچ – ئامانلىق سوراشتەك ئادەتلەر ساقلانغان . بۇ ، ياشانغانلارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسى .
بىرەر ئىش سەۋەپلىك ئۇزاق مەزگىل كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغان ئۇرۇق – تۇققانلار ، دوست – بۇرادەرلەر ئۇچراشقان چاغدا سېغىنىش ھېسياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن قۇچاقلىشىپ ، مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىشىدۇ . ھەتتا ئۇرۇق – تۇققانلار ياكى دوست – بۇرادەرلەر ئوتتۇرسىدا ، بىرەرسىنى سەپەرگە ئۇزىتىش ياكى سەپەردىن كۈتۈۋىلىشقا توغرا كەلسە ، يەنىلا يۇقىرقىدەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ . بۇمۇ ئۇيغۇرلاردىكى ياخشى ئەنئەنىنىڭ بىرى .

2. خوتۇن – قىزلارنىڭ سالاملىشىشى

ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ ياخشى ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادەتلىرى بار . ئومومەن ، خوتۇن – قىزلار ئۆز – ئارا ئۇچراشقاندا ئالدى بىلەن ئىككى قولنىڭ پەنجىسىنى كۆكرەك ئۈستىدىن ئالماشتۇرۇپ ، بىشىنى ۋە بىلىنى يەڭگىل ئېگىپ ئېھتىرام بىلەن < ئەسسالام > دەپ سالام بىرىشىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۆز – ئارا قۇچاقلىشىپ بىر – بىرىنىڭ سول مەڭزىگە ، كىچىك قىز بولسا پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ . بۇمۇ سالاملىشىشنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ .

سالامنىڭ كۈچى
قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن بىر پادىشاھ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇقراچە كىيىنىپ، نەۋرىسىنى يېتىلەپ ئېكىنزارلارنى ئارىلاپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر دېھقان ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىسىمۇ، خۇش تەبەسسۇم بىلەن سالام بەجا كەلتۈرۈپتۇ. شاھ ئۇنىڭ سالىمىنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ، يۈگۈرۈپ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ يېرىلغان، قاداق ئالقانلىرىنى چىڭ سىقىپ قىزغىن ئەھۋاللىشىپتۇ. قايتاشىدا نەۋرىسى شاھ بوۋىسىدىن:
–– بوۋا، سىز بىر ئەلنىڭ شاھى تۇرۇپ، ئاشۇ ئەسكى چاپانغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ھۆرمەت كۆرسىتىسىز؟ – دەپ سوراپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھ نەۋرىسىدىكى ئىنسانىي تەربىيىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:
–– ئەي، ئەزىز پۇشتۇم، باشقىلارنى ھۆرمەتلىيەلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ. ئېسىڭدە تۇت، بىر ئېغىز سەمىمىي سالام جاللاتنىمۇ تەسىرلەندۈرەلەيدۇ….

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە پەيلى بۇزۇق يالماۋۇز كەمپىر سالام بەرگەن قىزچاققا ‹‹ ئەگەر سالىمىڭ بولمىغاندا ئىدى، سېنى ئىككى يالماپ، بىر يۇتار ئىدىم … ›› دەپ، قىزنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە غەزىپىگە ھاي بېرىپ ، يامان غەرىزىدىن يانىدۇ. بىزدە بۇنىڭغا ئوخشاش سالامنىڭ پەزىلەتلىرى بايان قىلىنغان ھېكايەتلەر تولا.

دېمەك، سالامنىڭ قانداق بولۇشى بىزنىڭ قارشى تەرەپتىن ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئېرىشىدىغان مۇئامىلىمىزنى بەلگىلەيدۇ. قايسى رەۋىشتە سالام قىلساق شۇ رەۋىشتىكى پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىگە ئۇچرىشىمىز ئېنىق. ئۆز مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن بولغان سالاملىشىش بىزنى قارشى تەرەپكە ئەدەبلىك ، ھايالىق كۆرسىتىپ، باشقىلاردا ئۆزىمىز ھەققىدە ياخشى تەسىرات، گۈزەل تۇيغۇ ھاسىل قىلىدۇ. ئىشلىرىمىزمۇ شۇنىڭغا لايىق ئىلگىرى باسىدۇ، ئەل ئىچىدە ئىززەت – ھۆرمىتىمىز ئاشىدۇ. ئەكسىچە، مىللىي يوسۇنلىرىمىزغا يات بولغان سالاملىشىش باشقىلاردا بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىمىزگە پايدىسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ. ئىشلىرىمىز قونجىغا دەسسەپ، ئەل ئارىسىدا كۇرسىمىز چۈشىدۇ.
بىزدە‹‹ سالام بېرىش قەرز، ئىلىك ئېلىش پەرز›› دەيدىغان ھېكمەت بار. ئەجدادلىرىمىز ئەلمىساقتىن بۇيان تونۇشسۇن – تونۇشمىسۇن، ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ، بىر – بىرىنىڭ كۆيۈنۈشى، ھۆرمىتى، ھېسداشلىقىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. شۇڭا قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۆز مىللىي ئۆرپ – ئادىتىمىز، سالاملىشىش يۇسۇنىمىزغا ئۇيغۇن رەۋىشتە ئۆزئارا تەمەنناسىز، سەمىمىي سالاملىشىشتەك گۈزەل ئەخلاقىمىزدىن مەھرۇم بولمىساق! بۇ تولىمۇ ئاددىي، ئەمما بەكمۇ مەزمۇندار ئۆتۈنۈش ئىكەنلىكى ھەمىشە ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولغاي!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
AynaK + 50

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

رىۋايەت

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35813
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7056 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 03:28:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز!بىلۋېلىشقا تىگىشلىك.
يەنە مۇشۇ ئاكاش، داداش. ئاچاش. تېخى ھەدەش. دەپمۇ قۇيىدىكەن يوقاتساڭلار بولمامدۇ مۇشۇ لاۋزىلىقنى. مودا بالىلار. بۇلۇپمۇ 10ياشتىن كىينمۇ مۇشۇنداق دەپ تۇرۋالدىغان ياشلار. ئادەمنىڭ بەك غىدىقى كېلىدكەن .  بىرچىرايلىق ئاچا -ئاكا دەپ ئاتسىا بولمايدىغان يېرى بارمىكەن. بەك  تېتىقسىز بىلىنىدۇ ماڭا.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 5031
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55694
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6572 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 04:13:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ئەنئەنىمىزنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى... ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىكلەرنى تولۇقلاشقا تېرىشايلى............

ئاتا ياتقان جايى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 436
يازما سانى: 1443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16713
تۆھپە نۇمۇرى: 1831
توردا: 8167 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 09:30:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجداتلىرىمىزدىن ياتلىشىپ كېتىپ بارىمىز.باشقا   مىللەتلەردە، ئەجداتلىرىنى ئەسلەپ تۇرىدىغان ئادەت باركەن، بىزدە بولسا ئاتا -بوۋىمىزنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ كېلىۋاتىمىز، ئاتا بوۋىمىزنىڭ 7 ئاتىغىچە ،ئىسمىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئازغۇ دەيمەن سالام تۈگۈل، سالامنىڭمۇ  خارەكتىېى زامانغا لايىق مودىلىشىۋاتىدۇ ؟  ئىگەك سالىمى ،قاپاق سالىمى، ئېغىز نى مىدىرلىتىش سالىمى، كۆز قىسىش سالىمى ،مۇشلاپ ئۆتۇپ كېتىش سالىمى .يەنە نۇرغۇم   يېڭىلىقلار بار خېلى .

سېنى سېغىندىم ئامال يوق مەندىن رازى بول !جېنىم ئاتا.

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4255
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 5672 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 10:13:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
–– ئەي، ئەزىز پۇشتۇم، باشقىلارنى ھۆرمەتلىيەلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ. ئېسىڭدە تۇت، بىر ئېغىز سەمىمىي سالام جاللاتنىمۇ  تەسىرلەندۈرەلەيدۇ....
.....................
ناھايىتى توغرا گەپ.

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

ئوﯞﭼﻨﯔ ﺋﻮﻗﻴﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، كيكنڭﺧﯘ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8763
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9408
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 3622 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 10:25:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئېغىز سەمىمىي سالام جاللاتنىمۇ  تەسىرلەندۈرەلەيدۇ    ،توغرا دەيسىز  ،سەمىمىي بىر سالامنىڭ شۇنچىلىك كۈچى بارلىقىغا ئىشەنمەي تۇرالمايمىز.....

ئهەركىرەك ئۆرتەنسهە يانسهە يالىنە،
يارا يهەپ ياتسها ئاتىنىڭ يالىنە.
ئىت ئۆلۈمى بىرلەه ئول نامهەرد ئۆلهەر،
ئەر ئاتانىپ دۈشمىنىگە يالىنە.

سەن بەخىت بىلەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10373
يازما سانى: 1120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14129
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 7469 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 10:36:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا  بەك  توغرا  ھىكىمەتلەركەن،  ھەممىمىز  ئۆزىمىزدىن  باشلىساق  ياخشى  بۇلىدۇ؟
بىز  باشقىلارغا  قانداق  مۇئامىلە  قىلساق ، بىزمۇ  شۇنداق  مۇئامىلىگە  ئۇچىرايمىز.........................................

سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!

cahil insanin yaninda kitab gi

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25101
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7997
تۆھپە نۇمۇرى: 905
توردا: 6372 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 01:06:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست....بىرئغىز (ئەسسالامۇئەلەيكۇم)دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا ئادەمنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ ،نىمىدىگەن چىرايلىق سالام بۇھە!

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر دۈشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16221
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8926
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2012-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 01:42:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا بةك توغرا  ھىكىمەتلەركەن،ئەجداتلىرىمىزدىن ياتلىشىپ كېتىپ بارىمىز.باشقا   مىللەتلەردە، ئەجداتلىرىنى ئەسلەپ تۇرىدىغان ئادەت باركەن، بىزدە بولسا ئاتا -بوۋىمىزنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ كېلىۋاتىمىز، سالامنىڭمۇ  خارەكتىېى زامانغا لايىق مودىلىشىۋاتىدۇ ، ئىگەك سالىمى، قاپاق سالىمى،  ئېغىز نى مىدىرلىتىش سالىمى، كۆز قىسىش سالىمى ، مۇشلاپ ئۆتۇپ كېتىش سالىمى .يەنە نۇرغۇم   يېڭىلىقلار بارمىش تىخى [s:164]  [s:164]  [s:164]

دۇنيادا ھەممە نە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 1125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19429
تۆھپە نۇمۇرى: 1519
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 01:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇنداق ياخشى سالاملىشىش ۋە سالام قىلىشتىن ئىبارەت ياخشى ئەخلاقىمىزنى نەۋرە -چەۋرىلەرگىچە يەتكۈزۈش لازىم،ئۇلارمۇ ئەۋلاتلىرىغا يەتكۈزۈپ داۋاملاشتۇرسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش