مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 740|ئىنكاس: 4

بالىدا قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنىڭ شەرت-شارائ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6132
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5663
تۆھپە نۇمۇرى: 267
توردا: 1198 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 03:55:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالىدا قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنىڭ شەرت-شارائىتى ئائىلىدە

[align=justify] بالا تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپلا ھاياتىي كۈچنىڭ تەسىرىدە ئىجتىماھىي مۇھىتقا ماسلىشىش قابىليىتىنى ئۆزلۈكسىز يېتىلدۈرىدۇ.«ھەرقانداق بالا ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ».
   بالىدا قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش ھەممە ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيىتىدۇر.ئاتا-ئانا ياراتقان مۇھىت،يەنى ئائىلە-بالىلاردا قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى،بالىدا قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشتە ئائىلىدىنمۇ ياخشى شارائىت يوق.
بالا ھاياتىي كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە،شۇنداقلا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن داۋاملىق ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش داۋامىدا،ئۇنىڭ جىسمى ۋە تۈرلۈك قابىليىتى ئۈزلۈكسىز يېتىلىپ بارىدۇ.
بوۋاق ئائىلە ئەزالىرى بىلەن،بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۈندىلىك ئۇچرىشىش  داۋامىدا بارغانسىرى بىر ئىشلارنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ،سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ھەرخىل ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ.بوۋاق ياخشى-ياماننى،چىرايلىق-سەتنى ئايرىيالمىسىمۇ،ئائىلىدىكى كۈندىلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق قابىليىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ بارىدۇ.
ھەرقانداق ئاتا-ئانا بالىنى ئاق كۆڭۈل،چېچەن ھەم قابىليەتلىك ئادەم قىلىپ چىقىمەن دەيدىكەن،ئۇلار ئائىلىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مېھىر-مۇھەببەتلىك،شاد-خوراملىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىشى كېرەك،بۇ ئالدىنقى شەرت.ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان،بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئائىلە مۇھىتىنى يارىتىش-بالىلارنى تەربىيلەشنىڭ ئاساسىي.
تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن شۇنداق قارايمەنكى،بالىنىڭ قابىليىتى «تۇغما بولىدۇ»ياكى «ئۆزىگە خاس ساپادۇر»دىگەن قاراشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق.بۇنىڭغا قارىتا،چوڭ مېڭە پىسخولىگىيىسىدە«ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ مېڭىسى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشاش قۇپقۇرۇق بولىدۇ،بىراق كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غىدىقلىنىش تەسىرىدە،بوۋاقنىڭ مېڭە ھۈجەيرىللىرى تەدرىجىي بىرلىشىدۇ ۋە بوۋاقتا قابىلىيەت شەكىللىنىدۇ»دەپ قارىلدۇ.ئۆزۈمگە ئەڭ تۇنۇش بولغان مۇزىكا نوقتىسىدىن قارىغاندىمۇ،بۇ گەپ ئىنتايىن توغرا.
بالىدىكى قابىلىيەت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ،بەلكى بالىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشى جەريانىدا يېتىلدۇ،مەيلى غەب ئەللىرىدە تۇغۇلغان بالا بولسۇن ياكى شەرق ئەللىرىدە تۇغۇلغان بالا بولسۇن،مەيلى ئافرىقىدا تۇغۇلغان بالا بولسۇن ياكى ئاۋستىرالىيەدە تۇغۇلغان بالا بولسۇن،ئۇلارنىڭ قابىليىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى،ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ئاساسىدا يېتىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئاتا-ئانىلار ۋە ئائىلە مۇھىتى خىلمۇ-خىل بولغاچقا،ئۇ ئاتا-ئانىلار ئاشۇ خىل مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان خىلمۇ-خىل بالىلارنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.
ھەممە شەيئىنىڭ تەرەققىياتىدا سەۋەبكە چۇشلۇق نەتىجە بولىدۇ،بالىنى تەربىيلەشمۇ ھەم شۇنداق.ياخشى مۇھىتتا بالىنى ئاق كۆڭۈل،چېچەن ئادەم قىلىپ چىققىلى بولىدۇ؛ناچار مۇھىتتا بالا قارا نىيەت،ئىقتىدارسىز ئادەم بۇلۇپ قالىدۇ.
شۇڭا بەزىلەر:«ئۇنداق ياخشى مۇھىتنى بىزمۇ يارىتالايمىز»دەيدۇ.مىنىڭچە،ھەشەمەتلىك،چىرايلىق بېزەلگەن ئائىلىنىلا بالىنى ئوبدان تەرىيلەيدىغان ئائىلە دەپ قاراشقا بولمايدۇ.پەقەت شاد-خوراملىققا،مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئائىلىلا  بالىدا قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ ياخشى مۇھىتتۇر.ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىنى بالىنىڭ قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشتىكى ئەۋزەل مۇھىت دېگىلى بولمايدۇ.
«پەرزەنىتلەردە ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش»دىن ئېلىندى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2595
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7356
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 3119 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 06:50:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كۈندە بالا تەربىيىلىمەكنىڭ تەسلىگى، كۆزىگە قاراپ. شۇ ئاللادىن ئېنسابىنى تىلەيمىز....... مېنىڭچە بۇ ئەڭ ياخشى بالا تەربىيلەش ئۇسۇلى.

غۇلجا شەھەر چۇغلۇق يىزا-ئېگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8536
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 3353 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 08:59:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باللىرىمىز مۇشۇ كۇنلەردە بەك بىچارە بىز كىچىك چاغلاردا خېلى بولىدىغان ئۇيۇنلىرىمىزمۇ بولىدىغان،ھازىرقى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى،ۋاقىت قىستاڭچىلىقى،<<ئادەمگەرچىلىك>>نىڭ ئەۋىج ئېلىشى،<<رېستۇران>>،<<ھوسۇن تۇزەش>>مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋىج ئېلىشى قاتار چاينىڭ كۆپلىكى،پۇل تېپىش ھەلەكچىلىكى،....... قاتارلىق ساناپ تۇگەتكىلى بولمايدىغان ئىشلار تۇپەيلىدىن بالىلارنى ئائىلىگە باغلاپ قويدۇق،ئۇلار بىلىششكە تىگىشلىك بىلىمدىن،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتىن مەھرۇم بولماقتا،ئەكسىچە جانسىز بىلىم بولغان كومپىيوتۇر تېلۋىزورغا باغلىنىپ،تىلى بارگاچا،مىڭىسى بار ئەقلى تەپەككۇرى يوق نىمە دىسە شۇنى قىلىدىغان ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى،ئوغۇللىرىمىزنى ھەقىقى ئەركەكلەرگە خاس چوڭ قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىدۇق قىزلىرىمىزنى شەرمى ھايالىق قىلىپ چوڭ قىلىشقا تىرىشمىدۇق،ئەكسىچە ئۇلارنى بارغان يىرىمىزگە بىللە ئاپىرىپ ياكى ئويگە سولاپ سەلبى تەسىر بىرىپ ئوغۇللىرىمىز نەمخۇش مىجەز،قىزلىرىمىزمايمۇن مىجەز چوڭ بولىۋاتىدۇ،ئوغۇل تەربىيلەۋاتقان،ئانىلار پۇقرا تەربىيلەۋاتقانلىقىمىزنى،قىزتەربىيلەۋاتقانلار پۇتۇن مىللەتنى تەربىيلەۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالاي دىدۇق.ھەي بىزدىكى بۇ ئىللەت تۇگىسە مىللىتىمىز چۇقۇم روناق تاپاتتى ھېلىمۇ تىرىشۋاتقانلار خېلى كۆپ.ھەممەيلەن بىرلىكتە تىرىشايلى،دوستلار.بالىرىمىزدا قابىلىيەت،ئەدەپ ئەخلاق ....يىتىلدۇرۇشتە تىرىشايلى.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20861
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3936
تۆھپە نۇمۇرى: 214
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 10:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كۈندە بالا تەربىيىلىمەكنىڭ تەسلىگى،

ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن، ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن، ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن، ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9300
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 7202 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 01:27:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېممىدا «بىلىم» ،«ماھارەت» ،«قابىلىيەت»لەر ئارلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ.
بىلىم بولسا سوبيىكىتنىڭ ئوبيىكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىگى،مەنىسى،قۇرۇلمىسى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش قانونىيىتىنى  بىلىشىدۇر؛
ماھارەت  بولسا ئەقلىي پائالىيەت ۋە ماشغۇلات پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت شەكلى بولۇپ،ئۇ ھەركەتنىڭ ئۆزىنى ياكى ھەركەتنىڭ پىششىقلىق دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۇرىدۇ .ئۇنى چوقۇم بەلگىلىك مەشىق ئارقىلىق ئاندىن ئۇرۇندىغىلى بولىدۇ.  
قابىلىيەت بولسا ھەركەتنىڭ پىششىقلىق دەرىجىسىگە يېتىشىگە كېپىللىك قىلىدىغان ،ھەركەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىشىغا كېپىللىك قىلىدىغان يەككىدىكى  بەزىبىر مۇقىم بولغان پىسخىك خارەكتىرنى كورسىتىدۇ . شۇڭا ئاپتۇر ئىيتقان « كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غىدىقلىنىش تەسىرىدە،بوۋاقنىڭ مېڭە ھۈجەيرىللىرى تەدرىجىي بىرلىشىدۇ ۋە بوۋاقتا قابىلىيەت شەكىللىنىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئاساسىي يېتەرلىك ئەمەس.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش