مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3828|ئىنكاس: 25

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 08:15:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


  ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى قىسقارتىلىپ ئامېرىكا دەپ ئاتىلىدۇ، ئامېرىكا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ نامىنى دۆلەت نامى قىلىپ قوللانغان، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ نامى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىسقارتىلما نامى ئىنگلىزچىدە ئوخشاشلا «America» دېيىلىدۇ.

  مۇھىم بايراملىرى: دۆلەت بايرىمى، 4-ئىيۇل (ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى، 1776-يىلى)؛ مەملىكەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئەسلەش كۈنى، 11-سېنتەبىر؛ ئاسىيالىقلار ۋە تىنچ ئوكيانلىقلار ئەۋلادى بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەنئەنە ئېيى، ھەر يىلى 5-ئايدا.

  دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى: ئامېرىكىنىڭ 44-زۇڭتۇڭى(56-نۆۋەتلىك) باراك ئوباما، 2008-يىلى 11-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جو بايدىن، 2008-يىلى 11-ئايدا سايلانغان؛ دۆلەت كاتىپى ھىلارى رودھام كلىنتون، 2009-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتىس، 2006-يىلى 12-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، 2009-يىلى 1-ئايدا داۋاملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ مالىيە مىنىستىرى تىموسىي گەيزنىر 2009-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

  تەبىئىي جۇغراپىيەسى: شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، دۆلەت زېمىنى يەنە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالياسكا ۋە تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمالدا كانادا بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا مېكسىكا ۋە مېكسىكا قولتۇقىغا، غەربتە تىنچ ئوكيانغا، شەرقتە ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدۇ. يەر كۆلىمى 9 مىليون 629مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر(بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 9 مىليون 158 مىڭ 960 كىۋادرات كىلومېتىر(،زېمىنىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 4500 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 2700 كىلومېتىر، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 22 مىڭ 680 كىلومېتىر. كۆپ قىسىم رايونىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىغا تەۋە، جەنۇبىي قىسمى سۇبتروپىك بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە. ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىدىكى تۈزلەڭلىكتە يىللىق تېمپېراتۇرا پەرقى تولىمۇ چوڭ، چىكاگونىڭ 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇس، 7-ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى 24 سېلسىيە گىرادۇس، مېكسىكا قولتۇقى قىرغاقلىرىدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 1-ئايدا 11 سېلسىيە گىرادۇس ، 7-ئايدا 28 سېلسىيە گىرادۇس.



  پايتەختى: ۋاشىنگتون، كولومبىيە ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان، نوپۇسى تەخمىنەن 550 مىڭ

  نوپۇسى: 307 مىليون(2009-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە). ئاق تەنلىكلەر %75نى، لاتىن ئامېرىكىسىلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى %12.5نى، قارا تەنلىكلەر %12.3نى، ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى %3.6نى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگولۇقلار تەخمىنەن 2 مىليون 430 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.9ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ بولغانلار. (2000-يىللىق ئىستاتىستىكا). نوپۇس سانى جەھەتتە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا نوپۇس ئەڭ كۆپ بولۇپ، نوپۇسى 37 مىليونغا يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، نيۇيورك ئىشتاتى ۋە فلورىدا ئىشتاتى بولۇپ، نوپۇسى ئايرىم-ئايرىم 19 مىليون 500 مىڭ ۋە 18 مىليون 500 مىڭغا يېتىدۇ.

  مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى: ئون چوڭ رايونغا بۆلۈنىدۇ، بۇلار: يېڭى ئېنگلاند رايونى، مەركىزىي رايون، ئوتتۇرا ئاتلانتىك ئوكيان رايونى، غەربىي جەنۇب رايونى، ئاپپالاچىيە تاغلىق رايونى، ئېگىز تاغلىق رايونى، شەرقىي جەنۇب رايونى، تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرى رايونى، كۆل رايونى ۋە ئالياسكا بىلەن ھاۋايدىن ئىبارەت. جەمئىي 50 ئىشتات ۋە پايتەخت تۇرۇشلۇق جاي ۋاشىنگتون-كولومبىيە رايونى، شۇنداقلا 3042 ناھىيە بار.

  ئامېرىكا ئەسلىي ئىندىئانلارنىڭ ماكانى بولۇپ، 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسپانىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيەلەر شىمالىي ئامېرىكىغا ئاھالە كۆچۈرۈشنى باشلىغان. ئەنگلىيەلىكلەر كېيىن كەلگەن بولسىمۇ «تۆرگە چىقىپ»، 1773-يىلىغىچە 13 مۇستەملىكە قۇرۇپ بولغان. 1775-يىلى شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلىغان. 1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى فىلادېلفىيە شەھىرىدە چاقىرىلغان 2- قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەشكىللىنىپ، جورج ۋاشىنگتون بۇ ئارمىيەنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلانغان. مۇستەقىللىق ئۇرۇشى 1783-يىلى ئاخىرلاشقان، 1787-يىلى قوشما ئىشتات ئاساسىي قانۇنى تۈزۈلگەن، 1788-يىلى جورج ۋاشىنگتون تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1812-يىلدىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ ئىدارە قىلىشىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغان. 1860-يىلى نىگېرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدىغان ئابراھام لىنكولىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1862-يىلى 9-ئايدا «نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، جەنۇبىي قىسىمدىكى قۇلدارلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى پارتلىغان. ئۇرۇش 1865-يىلى شىمال تەرەپنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان، شۇنىڭ بىلەن، كاپىتالىزمنىڭ ئامېرىكىدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش يولىدىكى توسالغۇلار سۈپۈرۈپ تاشلانغان. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىكنى باشلىغان. 1776-يىلدىن كېيىنكى 100 يىلدا، ئامېرىكىنىڭ زېمىنى 10 ھەسسىدەك كېڭەيگەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيگەن.

مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15141164.html

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19625
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6360
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2011-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 08:57:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە كىشى ھەۋەس قىلىدۇ ئۇ پەرەڭلەرگە. بىراق بەزىلەر بىر تەرەپتىن ئۇلارنى تىللاپ بىر تەرەپتىن ئۇلار ئىجات قىلغان كومپىيۇتېر،تىببى دورا،ھەرخىل قاتناش قۇراللىرى...دىن تارتىنماي پايدىلىنىدۇ.ئۇلارنى تىللىغانلارنىڭ  قايسى بىرىنىڭ ئۇ يەرگە بارغىسى يوق؟

ئېنگىلىزتىلى ئۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22920
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3718
تۆھپە نۇمۇرى: 661
توردا: 2041 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 08:57:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ يەر جۇمۇ بۇ ئامېرىكا دىگەن.لىكىن ئانا ماكانىمىزغا يەتمەيدۇ

ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنەمسىز؟www.tilhumar.biz

ئادەم قىممەت ئەم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5041
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9970
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5481 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 09:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاپىتالىزىمنىڭ ئەڭ يۈكسەك تەرەققىياتىنى بىر كۈرۈپ باققۇم بار . ئاللاھ خالىسا بىرىشقا نىسىپ قىلار ....

ماڭا ھىجايما !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14661
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9214
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 1686 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 09:01:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2- دۇنيا ئۇرىشىدا بىردىن - بىر پايدا ئالغۇچى دۆلەت ..........

مىللىتىگە ھاقارەت قىلغان كىشى مىللىتىگە خايىن بولۇر .

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 09:08:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسىڭلار  روسيىگە يىقىن  شىتاتىنىڭ  چۇشەندۇرشىنى دەپ  بىرەلەيسىلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24904
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5012
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2011-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 10:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسىڭلار  روسيىگە يىقىن  شىتاتىنىڭ  چۇشەندۇرشىنى دەپ  بىرەلەيسىلە
ئالياسكا شىتاتى

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 466
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 10:05:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىركىلىقلار يەھۇدىلار ، ئۇلار بىزنىڭ دىنىمىزدە ئەمەس، كىلىڭلەر تور مولىلىرى بىز بىرلىكتە تىللايلى  [s:123]  [s:179]  [s:137]  [s:127]  [s:134]  [s:180]  [s:177]

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 10:12:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  qaplin كە 2011-01-11 10:05 PMئەۋەتىلدى  :
ئامىركىلىقلار يەھۇدىلار ، ئۇلار بىزنىڭ دىنىمىزدە ئەمەس، كىلىڭلەر تور مولىلىرى بىز بىرلىكتە تىللايلى  [s:123]  [s:179]  [s:137]  [s:127]  [s:134]  [s:180]  [s:177]

ماۋۇ تېمىنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياقتىڭىزمۇ نىمە؟

قاتىل ئىنكاسلار كېلىپ قەتلە قىلىۋەتمىسۇن يەنە...

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19625
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6360
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2011-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 10:17:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىللاپ تۇرۇپ ھەۋەس قىلىشنى نىمە دەپ چۈشۈنۈش كىرەك؟ [s:134]  [s:123]  [s:180]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش