ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت eltekin26 كە 2011-01-12 11:04 AMئەۋەتىلدى :
ئانا يۇرتتىن ئايرىلمىغانلار سىزنىڭ ھىسىياتىڭىزنى تولۇق چۈشۈنۈپ كېتەلمەيمىز بەلكىم. ئايرىلغانلار بەك بىلىدۇ يۇرتنىڭ قەدرىنى. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
بۇ توغرىدا گەپ قىلمايتتىم. لېكىن، بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىش ئىھتىمالى بولغان ئەھۋالدا ئىتىبار قىلىپ قويساق، پەقەت شۇ ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىزنىڭ ئەتلىسى شۇنچە يېتىشمەي قالغانمىدۇ، ياكى ئۇزۇنراق ئەتلەس كۆينەك تېپىلمىغانمىدۇ ؟ چېچىنى بەك قىممەت پۇلغا بۈدرە قىلغانمىدۇ؟ چۇۋۇپ، تال-تال قىلىپ ئۆرىۋالغان بولسا... ... (پىتنىلىق قىلىش مەقسىتىم يوق)
ئاغزىمغا شۇنداق گەپتىن بىرى كېلىۋىدى،خەپ! مۇشۇ ئىسىل تېمىنى ئەخلەت قىلماي دېدىم. ئەڭ ئاۋۋال ئۆز ئۇچىڭىزدىكى،ئېنى-سىڭىللىرىڭىزنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرگە بىر نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ ئاندىن بۇ يەردە كىيىم باھالىساق قانداق بولار!؟ ئېسىڭىزگە سالايكى رەسىمدىكىلەرنىڭلا ئەمەس ئۆزىنى ئۇيغۇر ئاتىغان ھەر قانداق بىرىنىڭ ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىش ئىھتىمالى بار.
ئۇيغۇرشاھ،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن~ دوستىڭىز <<ئەلكۈيچىسى>>دىن سىزگە ئوتلۇق سالام~