مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 763|ئىنكاس: 11

ئىلم ۋە ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يالقۇن085

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10473
تۆھپە نۇمۇرى: 3211
توردا: 1763 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 10:43:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          ئاياللار ئىلىملىك بولۇشى لازىم، بۇنى ئىنكار قىلىدىغان بىرەر مۇسۇلمان بولمىسا كېرەك.يەنە ئاياللار تەربىيە كۆرگەن بولۇشى لازىم.ئەڭ تۆۋەن خىزمەت ئاتالمىش مال بېقىش ئۈچۈنمۇ بەزى نەرسىلەرنى ئىلىش كېرەك بولىدۇ،شۇنداقتىمۇ بالىلىرىمىزنى تەربىيلىگۈچى ئانىلىرىمىز بىر قىسىم نەرسىلەرنى بىلىشتىن يىراق،ئەلۋەتتە بالىلىرىمىز قەدىر-قىممەت جەھەتتە تۆت پۇتلۇق ھايۋانلاردىن ھۈستۈن تۇرىدۇ.
        ئاتا-ئانىلار ياخشى-يامان ئادەتلىرىگە تەقلىد قىلغۇچى بالىلانىڭ ئانىلىرى نادان بولسا،بالىلىرىغا بىلىمگە مۇھەببەت ۋە ئەخلاق دەرىسلىرىنى م ھەر بىر مۇئىمىننىڭ بىلىش لازىم بولغان نەرسىلەرنى كىم ئۆگىتىدۇ؟ئاتىلار قانچىكى مەلۇماتلىق بولسىمۇ بالىلرىنى تەربىيلەشكە يېتىشەلمەيدۇ. مەكتەپ مۇئەللىملىرى بالىلارغا ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەتسىمۇ ئانىلارئۆگىتىدىغان مىجەز-خۇلق توغرىسىدىكى نەرسىلەرنى ئۆگىتەلمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بالا تەربىيسى  ھەققىدە بولىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئانىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ.
           بالىلار خۇددى يېڭى تال نوتىسىدەك ھەر تۈرلۈك تەربىيگە ماسلىشىشىچان كېلىدۇ.ئەگەر ئايال ئىلىمسىزبولسا بۇلارنى قانداق تەربىيلەيدۇ؟ بىر مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تەدبىر كېرەك.ئائىلىنى ئىدارە قىلىش ئىشىمۇ بۇنىڭدىن يەڭگىل ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئىلىملىك بولۇشى زۆرۈر.لېكىن ئىلىم كۆپ ،ئۆمۇر قىسقا بولغانلىقتىن ،ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلەشكىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئاياللار ئانا ھەم ئايال بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئۆگىنىش كېرەك.
ئىنژىنىر بولىدىغان ئادەم گېئومىتىرىيە ئىلىمنى ،سائەتچى بولىدىغان ئادەم سائەت ئىلىمىنى ،تېلگرافچى بولىدىغان ئادەم تېلگېراف ئىلىمىنى بىلىشكە مەجبۇر بولغاندەك ئانا ھەم ئايال بولىدىغان كىشىمۇ ئۆز ئۈستىگە  يۈكلىنىدىغان خىزمەتكە مۇناسۋەتلىك ئىلىملەرنى بىلىشكە مەجبۇردۇر.
           مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلما ئاياللىرى ئۈچۈن مەنتىق ، پەلسەپە ۋە چەتەل تىللىرىنى ئىگىلەشتىنى ئاۋۋال ئەخلاق،ئەدەپ-قائىدە،ئۆي ئىچىدە بولىدىغان تەرتىپلەر ،ئوقۇش ،يېزىش ۋە ئۆي تۇتۇش ،ئائىلىنى ئىدارە قىلىش ئىلىملىرىنى بىلىش كېرەك بولىدۇ.
             دۇرۇس ئېتىقاد ۋە زۆرۈر قائىدىلەر بۇزۇق خۇلىقنىڭ داغلىرىنى يۇيىدۇ. بۇنىڭغا ( دۇرۇس ئېتىقاد ۋە زۆرۈر قائىدىلەرگە) ئەمەل قىلغان كىشىلەر .ئۇلۇغۋارلىق كۆينىكىنى كىيىدۇ،سەۋر ئۈنچىلىرى بىلەن تىكىلگەن رازىلىق قالپىقىنى بېشىغا كىيىدۇ،قانائەت ئۈزۈكلىرىنى بارماقلىرىغا تاقاپ،بالىلار تەربىيسى ھەم ئۆي خىزمەتلىرىنى ئەتىر گۈلدەك بېزەپ سائادەتكە ئېرىشىدۇ. بۇنداق ئايالنىڭ يېنىدا رۇچىلد ( چوڭ بانكىر،18- ئەسىردە ئۆتكەن) نىڭ بايلىق ھەم مىسىرنىڭ ۋالىيسى يىپ ئېشەلمەيدۇ.
             ئەخلاق ئىلمى ئاياللار ئۈچۈن ھەممىدىن زۆرۈر.ئەگەر ئاياللار گۈزەل خۇلقلىق بولسا ، پۈتۈن ئائىلىنىڭ راھىتىدۇر.ئەگەرئەخلاقسىز بولسا، پۈتۈن ئائىلىنى خاراپ قىلغۇچىدۇر.ئاياللار تەۋرىسە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆيلەر ۋە شەھەرلەر ۋەيران بولىدۇ.ئاياللار كۈچىسە،شەھەرلەرنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.
ئاش پىشۇرۇش،كىيم تىكىش، ئائىلە تەربىيسى ۋە قولا ھۈنەرلىرىنى بىلىش ئاياللار ئۈچۈن كامالەت ھېسابلىنىدۇ. كونىلار :" ھۈنەر بىچاىلىكتىن ساقلايدۇ." دەيدۇ.ئەگەر بىر ھۈنەرلىك ئايال ئېرىدىن تۇل قېلىپ بالىلىرى يېتىم بولسا،ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۆزىنىڭ ھۈنىرى سايىسدا كوچىدا قالمايدۇ.
            ئايال قول ھۈنىرىنى بىلسە، ئۆينىڭ بايلىقى يوق يەرگە سەرىپ بولمايدۇ.ئەرمۇ ئېھتىياجى  بولغان نەرسىلەرنى تىكتۈرۈش ۋە يامىتىش ئۈچۈن يات كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىشقا مۇھتاج بولمايدۇ. بۇ ئاياللار ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىشتۇر.قول ھۈنىرىدىن مەھرۇم بولغان ئايالل ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟ ئۇخلاش ۋە بوشاڭلىق بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزۈش ياكى ئىشسىز قېلىش نااھايىتى مۈشكۈل - مۇشەققەتكى، بۇنداق ئازاب دۇنيادا يوق. ھالبۇكى ،ئىشلەش قاننىڭ يۈرۈشۈشىگە، تەننىڭ سالامەتلىكىگە ،يېيىش -ئىچىشنىڭ ، ئۇيقۇنىڭ لەززەتلىك بولۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
              ئايالنىڭ ئۆز ئېرىنى خۇشال قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ قانداق ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ شۇنداق ۋاقىتكى، ئايالنىڭ ئوچۇق چىراي بىلەن بالىلىرىغا ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ تۇرغان ياكى ئولتۇرۇپ قول ئىشى قىلىۋاتقان ۋاقتىدۇر. شۇ سەۋەپتىن ئۆينى ئىدارە قىلش ئىلمى ئاياللار ئۈچۈن كېرەكلىك ئىلمدۇر.
ئۆينى ئىدارا قىلىش ئىلمنى بىلىپ مەشغۇل بولۇش،ئاياللرنىڭ كۆڭلىنى بۇزۇق پىكىرلەردىن ،ئىسراپچىلىق قىلىپ ياسىنىش كەبى ئىللەتلەردىن پاكلايدۇ.ئېرىنىڭ نەزىرىدە ھۆرمىتىنى ،بالىلىرىنىڭ ئالدىدا مەرتىۋىسىنى ئاشۇرىدۇر،خۇلقىنى تۈزىتىدۇ.
              مۇشۇ كۈنلەردە ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلىش ئاسان بولغانلىقتىن ھەممىلا ئادەم ئۇنى ئۆگەنمەكتە، شۇنداق ئىكەن،ئائىلىدە ھۆرمەتلىك ئىشتا بولغان مۆھتەرەم ئايال ئۈچۈن  بۇنىڭدىن مەھرۇم قېلىش ئەيىب ھېسابلىنىدۇ.
ئوقۇش يېزىشنى بىلگەن ئايال ئائىلىدە ھەر تۈرلۈك پايدىلىق رىسالىلەرنى ئوقۇيدۇ. تارىخ،جۇغراپىيە ۋە ئەدەبىياتتىن خەۋەردار بولىدۇ.ئەستە تۇتۇش لازىم بولغان ۋەقەلەرنى دەپتەرگە يېزىۋالىدۇ.ئېرى سەپەردە بولسا ئۇنىڭغا خەت يازىدۇ،ئۇنىڭدق كەلگەن خەتلەرنى ئوقۇيدۇ.ئۇششاق سۆزلەپ غەيۋەتكە بېرىلىش ئەيىبتىن خالاس بولىدۇ،ئېرىگە ئىلىم جەھەتتە تەڭداش ،دۇنيا سەپىرىدە ھەمراھ بولالايدۇ.
                   كىتاپ خىلۋەتتە سىرداش، يالغۇزلۇقتا دوسىت،ھەسرەتلەرگە بەرھەم بەرگۈچىدۇر. ئۇ كۆڭۈللەرگە زىيا بەخش ئېتىدۇ. زىياسىز دوسىت ۋە  قائىدىسىز يولداش بولغان ئاياللار ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇش ئەلۋەتتە پايدىلىق.ئوقۇش ئۈچۈن كىتاپ تاللاش خۇددى دوسىت تاللاشتەك مەسئۇلىيەتلىك بولۇپ،بەزى كىتابلار ناچار دوستلادىنمۇ زىيانلىق بولىدۇ.
                  نۆۋىتى كەلگەندە سالامەتلىك قائىدىلىرىدىن ۋە بىمارنى كۈتۈش نىزاملىرىدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەردار بولۇش ئاياللار ئۈچۈن پايدىسز بولمايدۇ.چۈنكى ،بىمارلارنى كۈتۈشتە ئاياللارنىڭ ماھارىتى ئەرلەردىن ئارتۇق بولىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار ئاغرىسا ئانىلارنىڭ پۈتۈن زىكرى ئۇلاردا بولۇپ،ھەتتا ئۆزىنىمۇ ئۇنتۇيدۇ.ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك زەخمەتلەرنى چېكىدۇ.
              ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىدىن خەۋىرى بولغن ئايال بۇ ۋاقتتا بالىلىرىغا زور ياردەم قىلالايدۇ. بىمارنى كۈتۈش قائىدىلىرىنى بىلىدىغان ھەر بىر ئايال چالا تېۋىپلاردىن ئارتۇق ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئۇنىڭ يۇمشاق سۆز ۋە مۇلايىم ھەىكىتى بىمارنىڭ كۆڭلىگە راھەت بېغىشلايدۇ. سالامەتلىك قائىدىسىنى بىلگۈچى ئانىلار يېيىش ئىچىشتە ،كىيىنىشتە پايدىلىقلىرىنى زىيانلىقلىرىدىن پەرىقلەندۈرەلەيدىغانلىق سەۋەبلىك باشقىلارغا نىسبەتەن بۇلارنىڭ بالىلىرى سالامەت بولىدۇ.
            " سوۋغات" دېگەن كىتاپتى ئېلىندى.

جىمغور ؛-مىللىتم

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5025
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12466
تۆھپە نۇمۇرى: 333
توردا: 1091 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 11:00:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتگەندە بىر ئىسىل تىمنى كۆردۈمغۇ مەن، رەخمەت سىزگە، ھەربىر ئادەمگە سوغات بولسىكەن

ئۇغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان، ۋاختى كەلسە جەڭگە يارالغان. ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچەر شوڭا، ئۇغۇل نامى ئەلگە تارالغان.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3449
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6788
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 4150 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 11:19:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار ئوقۇپ يادلىۋالغۇدەكلا ساۋاتلاركەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19625
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2011-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 11:32:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر ئاياللار باراۋەرلىكى بولمىغان مەدەنىيەت قاتلىمىدا ئاياللار ۋە ئىلىم توغرىسىدا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. كاناينى ياغلىغىلى ياغ يوق سونايغا نەدە دەپتىكەن كونىلار.
شۇڭا ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ ئورنىغا تەسىر كۆرىسىتىدىغان ناچار قاراشتىن قۇتۇلۇش كىرەك.

يۈرەك قانېمىغىچ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18529
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4021
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 11:39:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈندىكى قارا تاكسىچى بالا بىر ئوقۇپ باقسا بوپتىكەن .
- خوتۇن ئالسا دۆت خوتۇن ئالسا بولىدىكەن جىما ، بولمىسا ھەممە ئىشتا ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋىلىپ بارغان ، - دەيدۇ .
- خوتۇنىڭىز دۆت بولسا قانداق ئائىلە باشقۇرۇپ ، بالىڭىزنى قانداق تەربىيلەيدۇ ،- دىسەم
_ مەكتەپ تەربىيلىمەمدۇ ؟ - دەپلا گەپنى تۈگەتتى .

ھايات يالىڭاچلىنىپ ئاياللارغا ئايلانماقتا ، ياشار ئۇندا ئەركەكلەر سەرسان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5565
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 844 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 11:40:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىمگە دۈمبىسىنى قىلغان قەۋىمنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ ، ئاياللار ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ، ئەۋلادلارنىڭ ئىلىملىك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس !
ئاتا ، ... بالا تەربىيەلەشتە ئانىنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ .

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 1949
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15778
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 12:10:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  خۇما كە 2011-01-12 11:39 AMئەۋەتىلدى  :
قايسى كۈندىكى قارا تاكسىچى بالا بىر ئوقۇپ باقسا بوپتىكەن .
- خوتۇن ئالسا دۆت خوتۇن ئالسا بولىدىكەن جىما ، بولمىسا ھەممە ئىشتا ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋىلىپ بارغان ، - دەيدۇ .
- خوتۇنىڭىز دۆت بولسا قانداق ئائىلە باشقۇرۇپ ، بالىڭىزنى قانداق تەربىيلەيدۇ ،- دىسەم
_ مەكتەپ تەربىيلىمەمدۇ ؟ - دەپلا گەپنى تۈگەتتى .
بىلدىغانلىرىمىز  بەك  ئاز  بولغاچقا  دۆتلەرنى  ياخشى كۆرىمىز  ،  بولۇپمۇ  دۆت  قىزلارنى ...

بارلىق  بىساتىڭنى  سېتىپ بولسىمۇ  قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل  .  ئۆلىمانىڭ  قىزىنى  ئېلىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىڭدىن  ئايرىلساڭمۇ  ئەرزىيدۇ .

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9441
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 7020 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 12:15:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يزىلغان ماقالىكەن بۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19625
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2011-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 12:57:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر ئاياللار باراۋەرلىكى بولمىغان ئەھۋالدا قانداقمۇ ئۇلارنىڭ ئىلىم ئەھلى بولالىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ مانا بۇ شەرق ئاياللىرىنىڭ جۈملىدىن تۆۋەن قاتلامدىكى  بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنىڭ پاجىئەسى. [s:148]

زەمىر-ۋىجدان ،غو

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25873
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5066
تۆھپە نۇمۇرى: 217
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2012-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 02:05:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېگىت شۇئارى

(جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا) ، ئەمما قانداق ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا ؟؟؟ ئەلۋەتتە ، جەننەتكە لايىق ئېتىقاد ، ئەخلاق بىلەن تەربىيلەنگەن ، ۋە ئەۋلاتلىرنى جەننەت ئەھلىگە لايىق تەربىيلىگەن ئانىلىرىمىزنىڭ ئايىغى ئاستىدا ...
ئاياللار ، قىزلار بىلىم ئېلشى ، بولۇپمۇ ، ئىتقاد بىلىمنى ئۈگىنىشى كىرەك ، دادىلار ، يېگىتلەر ئۇلارنى قوللىشى ، شارائىت يارتىپ بىرشى كىرەك ، شۇندىلا مىللەت گۈللىندۇ ، ھەقىقى بەخىت-سائادەت قولغا كىلدۇ ...
بىزغا (دۆت) قىزلار ، مەسئۇليەتسىز ئانىلار كىرەك ئەمەس ، كىرەك ئەمەس !!!

بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر باراۋەر بولامدۇ ؟؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش