مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2491|ئىنكاس: 30

مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز - يىگىتلەر سەمىگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22039
تۆھپە نۇمۇرى: 1133
توردا: 3243 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 05:23:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز - يىگىتلەر سەمىگە



تۇرمۇش يولىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان ياشلارنىڭ قېنى قىززىق، تەجرىبىسىنىڭ كەم بولۇشى، مۇھەببەت قارىشىنىڭ ھەر خىل بولۇشى سەۋەپلىك، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا يا ئۇنداق يا مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئازاپلارنى تارتىۋالىدۇ . روھىي زەربە كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خىزمەتلەرگىمۇ تەسىرى بولىدۇ.

1. يەڭگىلىك قىلماسلىق لازىم.
قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىش ئالدىدا بىردەملىك ھېسسىيات بىلەنلا ئالدىراپ بىر قارارغا كېلىشتىن ساقلىنىشى، ئىككىلا تەرەپ بىر- بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان- كۆرمەيدىغانلىقىنى ئوبدان ئويلىشىشى، بىر- بىرىنى ياخشى كۆزۈتۈشى، سىنىشى شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ئىش كۆرۈشى كېرەك.

2. بىر- بىرىنى چۈشىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر- بىرىنى قىسمەن چۈشەنگەن ياكى يۈزەكى چۈشەنگەن بولىدۇ. شوڭا ھەر ئىككى تەرەپ مەلۇم ۋاقىت بىر- بىرىنىڭ مىجەز- خاراكتېرى، ئىستىتىك ھەۋىسى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى كۈزىتىپ، ئىگىلەپ تەدرىجى ھالدا بىر- بىرىگە لايىقلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش لازىم.

3. بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەش لازىم .
مۇھەببەت بىر نازۇك ئىچكى تۇيغۇ. ئۇ خۇددى چاۋاك ئىككى قولدىن تەڭ چىققانغا ئوخشاش، ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قانداقتۇر بىرى يەنە بىرىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ئىلاھ بولىۋالسا، يەنە بىر تەرەپ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا چوقۇنغۇچىغا ئايلىنىپ قالسا ھەم بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئاخىرىغا بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى سوۋۇپ مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى قارشى تەرەپنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق غۇرورى، كۆڭلى ۋە ئىرادىسى بولىدۇ- دە، ئەلۋەتتە.

4. ئالدىراپ يېقىن بولۇپ كەتمەسلىك لازىم.
قىز- يىگىتلەر يېڭى مۇھەببەتلەشكەن مەزگىللەردە بىر- بىرىگە ئىنتىلىدۇ، تەلپۈنىدۇ. خۇددى بىر- بىرىدىن ئايرىلسا ياشىيالمايدىغاندەك ھېسسىياتتا يۈرۈشىدۇ. مانا مۇشۇنداق پەيتتە، ھەددىدىن زىيادە يېقىن بولۇپ كەتسە، ئاسانلا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىش- ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپ قويۇشى، نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپتە مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنچىلىكلا ئىشكەنغۇ، دېگەن كۆز قاراشنى پەيدا قىلىپ، بىر- بىرىگە بولغان قىزغىنلىق، تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇشى مومكىن.

5. ئۆز ئارا سىنىشىشىتا ئۇسۇل مۇۋاپىق بولۇشى لازىم.
بەزى قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە ساداقەتمەن ئىكەنلىكىنى سىناپ باققۇسى كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن موھىم. ئەگەر قوللانغان ئۇسۇلىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىلمىي بولسا، كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يېتىپلا قالماي مۇھەببىتىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مۇناسىۋەت تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە قوپال، تېتىقسىز ئۇسۇللار بىلەن سىنىماقچى بولسىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ بىر ئوبدان كېتىۋاتقان مۇناسىۋىتىڭىزنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشىڭىز مۇمكىن.

6. تەمكىن، ئېغىر- بېسىق بولۇش لازىم.
مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز - يىگىتلەر بىر- بىرىدىن رەنجىپ قالغاندا، ھەتتا خېلى ئېغىر كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن چاغلاردىمۇ، قىزىققانلىق قىلىپ مەسىلىنى ھاپىلا- شاپىلا بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىرىماي ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ئىجابىي تەرەپكە تارتىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. قايسى تەرەپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، كەچۈرۈم سورىشى، قارشى تەرەپمۇ كەچۈرۈم سورىغۇچىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى، بىر- بىرىگە يول قويۇشى لازىم.

7. ئېھتىياتچان بولۇش لازىم.
ئادەملەر مۇرەككەپ، دۇنيا زىددىيەتكە تولغان، شۇنداق ئىكەن مەيلى قانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سۆيگۈنىڭىز توغرىسىدا قىلغان گەپ- سۆزلەرگە نىسبەتەن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بېقىشىڭىز، ھەرگىزمۇ چاپاننى تەتۈر كىيىپ مەسىلىنى قوپال ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا ئالدىرماسلىقىڭىز لازىم. ناۋادا ئاڭلىغان گەپ- سۆزلىرىڭىز يالغان بولۇپ قالسا، كېيىن ھەر قانچە ئۆكۈنگەن بىلەنمۇ ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ.

8. بىر- بىرىگە ھەقىقى ئىشىنىش لازىم.
مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز - يىگىتلەر ئۆز ئارا راستچىل، سەمىمى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، سۆيگۈنىڭىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ بارالمىغان ياكى كېچىكىپ قالغان چاغلىرىڭىزدا سەۋەبىنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشىڭىز لازىم. ئەگەر يالغان سۆزلەپ ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز، كېيىن بۇ ئىش قارشى تەرەپكە مەلۇم بولۇپ قالسا، ئۇنىڭدا سىزگە نىسبەتەن گۇمانىي كۆز قاراش پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىسىز.

9. بىر- بىرىگە غەمخورلۇق قىلىش لازىم.
ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، قىزغىن ياردەمدە بولۇشى لازىم.

10. ھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىق لازىم.
ياشلىق دەۋر تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، بىلىم ئالىدىغان دەۋر، شوڭا بۇ دەۋرنى پەقەت ھاۋايى- ھەۋەسكە بېرىلىپ بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن زېھنىمىزنى بىلىم ئېلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشقا سەرىپ قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇھەببەت ئۈچۈنمۇ لايىقىدا ۋاقىت ئاجرىتىشىمىز، نۇقۇل ھالدا ھېسسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.


ھاياتلىق ژ ورنىلى


ھەقىقى مۇسۇلمان

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21842
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2642
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2011-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 05:32:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلمىغۇچە مۇھەببەتلەشمەسلىك لازىم دېگەن تۈر يوقمىكەن؟

كۈنلەر شۇنداق ئوتۇپ كېتەرمۇ؟

جىمغور ؛-مىللىتم

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5025
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12466
تۆھپە نۇمۇرى: 333
توردا: 1091 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 05:35:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھازىر بۇنداق ئىنچىكە مەسىلگە ئىنچىكلىك بىلەن مۇئاملە قىلدىغانلار بەك ئاز ، دەسلەپتە سىز مىنىڭ قۇياشىم دەپ يېپىشىپ كىيىن تىزلا يۈز ئۈرۈيدۇ، ئىشقىلىپ بىرنىمە دىيىش تولىمۇ قىيىن، تولىمۇ جايىدا يېزلىپتۇ. كۆپ رەخمەت

ئۇغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان، ۋاختى كەلسە جەڭگە يارالغان. ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچەر شوڭا، ئۇغۇل نامى ئەلگە تارالغان.

خوراز : سەن دانام

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14234
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9162
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2011-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 06:12:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن خۇدا بۇيرۇسا خوتۇننى ئېپ بولغاندىن كىيىن قانۇنلۇق ئاساستا مۇھەببەتلىشىمەن ! [s:165]  [s:152]  [s:179]  [s:179]

قولۇمداقەلەم   ،  يۈرەكتە ئەلەم ! يۈتمىسۇن غورور،تەۋرىسۇن ئالەم !

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18765
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3240
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2011-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 06:17:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن 5-6 قىز بىلەن يۈرۈپ بۇنداق ئىشلارغا كۆپ يۇللۇققان

كۈنۈپ قالىمىز ئازىراق گەپككە كۈنەلمەيمىز ئازىرىاق گەپككە تۇۋا دەيمۇ مۇخاببەتكە

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9318
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7545
تۆھپە نۇمۇرى: 321
توردا: 1598 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 06:26:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5-قەۋەت (ESTANBOL) نىڭ يازمىسىغا

ھاي ھاي ئىستانبۇل ....بىكار ئۆزۈڭگە ئىش تاپتىڭ . دەپ نىمە قىلارسەن . ئابرۇيدەك .........

ئاللاھ ئىيتقانكى ئاراڭلاردىن پادىشاھ سايلاپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار ......مانا بۇ سۆز بۇرۇنمۇ ھازىرمۇ قۇلاقتا چىڭ ساقلايدىغان سۆز ئىدى..............
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 06:33:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

@كىمنى سۆيسەڭ ھە

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 760
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8672
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 1674 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 06:48:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن 5-6 قىز بىلەن يۈرۈپ بۇنداق ئىشلارغا كۆپ يۇللۇققان

@كىمنى سۆيسەڭ ھەقىقى سۆي ئالدىمىغىن@ @ رَّحْمَنِ ارَّحِيم بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم@

ياشاش ھەر بىر نە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9836
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 6363 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 06:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10ياشلىق نادىرەنىڭ  بۇ تىمىسى مىنى قىزىقتۇردى ،ھەم ھەيران قالدۇردى

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر

ئاتا-ئانا  رازى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2504
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8748
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2012-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 07:18:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا سىزنىڭ گىپىڭىز مىنى ھەيراقالدۇر دى10 ياش ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز

ئۇ ئارخىپتىكى خاتا جۇمۇ ھا ھا ھا .........

نە ھاجىتى ئەمدى كۇتۇشنىڭ. ئارزۇ قىلغۇدەك كىم بار كۇتۇشكە.    كۆڭۇل بۆلۇپ بولمىغىن مالال، كۆنۇكقۇ مەن تەنخا ئۆتۇشكە....> زاھىر123

ياشاش ھەر بىر نە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9836
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 6363 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 07:23:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 10قەۋەت zayir123 كە 2011-01-12 07:18 PMئەۋەتىلدى :
ھا ھا سىزنىڭ گىپىڭىز مىنى ھەيراقالدۇر دى10 ياش ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز

ئۇ ئارخىپتىكى خاتا جۇمۇ ھا ھا ھا .........

كەسكەن سۆز قىلغىنىڭزغا قارىغاندا سىز نادىرە نى تونۇيدىغان ئوخشىمامسىز؟

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22205
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 214
توردا: 870 سائەت
تىزىم: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 07:27:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ھەددىدىن زىيادە يېقىن بوپ كەتسە ئىشتىن چاتاق چىقىدىكەن............

sinig awazig tuman mig nawa kuylarnig arsidimu uzgiqa ham uzulmas sada supitida kadirlik tur.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2769
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7345
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 2852 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2012-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 07:27:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلىپ بولۇپ ئايالىڭىز بىلەن مۇھەببەتلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ . چوقۇم مۇھەببەتلىشىپ ئاندىن توي قىلىش دەيدىغان قائىدە يوق . مەنمۇ مانا ئايالىم بىلەن شۇنداق مۇھەببەتلىشىپ ئۆتىۋاتىمىز .

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1137
تۆھپە نۇمۇرى: 716
توردا: 4714 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 07:44:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ مۇھىمى قاپتۇ ....

          ۋاقتىدا توي قىلىۋېلىڭلا ... [s:164]

ئىنسانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندا تەرخەمەككە ئوخشاپ قالىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16155
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6637
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 2509 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 08:11:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 13قەۋەت  panar كە 2011-01-12 07:27 PMئەۋەتىلدى  :
توي قىلىپ بولۇپ ئايالىڭىز بىلەن مۇھەببەتلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ . چوقۇم مۇھەببەتلىشىپ ئاندىن توي قىلىش دەيدىغان قائىدە يوق . مەنمۇ مانا ئايالىم بىلەن شۇنداق مۇھەببەتلىشىپ ئۆتىۋاتىمىز .
مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن.تويدىن كىيىن مۇھەببەتلەشسە تېخى بەك پەيزى بولىدۇ.
مەنمۇ يولدىشىم بىلەن توي قىلغىلى ئىككى يىل بۇلاي دىدى،ئەمما بىز تۈنۈگۈنلا توي قىلغاندەك ھېس قىلىمىز.

تەنھاكىيىك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش