مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4364|ئىنكاس: 40

ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 11:53:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ، ﺗﻪﺳﯩﺮى ﻛﯜﭼﻠﯜك، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺋﻪڭ ﻛﯚپ  ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ 26 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق. ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎن( 20 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎن ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 80 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ) ، ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎن ( 400ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ، ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎن ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ .3 2 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ) ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎن ( 976 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎن ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ .6 14 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ )، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎن ( 1 ﻣﯩﻠﻴﻮن 706 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎن ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ .5 26 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ) ، ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎن(  874 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎن ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ .2 9 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ)، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎن ( 2 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎن ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 10 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ، ﺳﻪﺋﯘدى ﺋﻪرەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻰ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ، روﺳﯩﻴﻪ ، ﺋﯩﺮان ۋە ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 12 ﻣﯩﯔ 400 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻏﯘﻟﺠﺎ ، ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ، ﭼﯚﭼﻪك ، ﻣﻮرى ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ، ﻳﻪﻛﻪن ، ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﺮﯨﺪە ﺗﺎرﻗﺎق ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن - 1987 . ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 - ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻮرى ﻗﺎزاق ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪە داﻧﻪﻧﮕﻮ ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن.
     ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﺎر . ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺗﯩﻠﻰ __ ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜرك ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﮬﻮن ﺗﯩﻞ ﺗﺎرﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ. ﺗﯩﻞ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚپ ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ. ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﺎلاﻗﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا لاﺗﯩﻦ ﮬﻪرﭘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. دﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪزﮬﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ.
     ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪردە ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧلاق - ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﯘلار ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪددەس ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪۇ . ﺋﺎﺗﺎ __ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ۋە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮەر ﻣﻪۋﻗﻪﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕلارﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﺸﻰ ، ﺋﯩﺘﺎﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷﻰ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﺪۇ.
     ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮي ﻣﯘراﺳﯩﻤﻠﯩﺮى ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪە - ﻳﻮﺳﯘﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪۇ. ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﺰ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﻮﻏﯘل ﺗﻪرەپ ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ «ﺳﺎۋﭼﻰ » ( ﺋﻪﻟﭽﻰ) ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ، ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەپ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ رازﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرەپ ﺗﻮﻟﯘق ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻮي ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺗﻮي ﻣﻪرﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯜچ ﻛﯜن داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺪۇ- 1 : ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەﭘﺘﻪ ﻧﯩﻜﺎھ ( ﺗﻮي ) ﻣﯘراﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪۇ؛ 2 - ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەﭘﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎۋاﺑﻪن ﻣﻪرﯨﻜﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﯩﺪۇ ، ﺑﯘ __ «ﭼﯩﻠلاش» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ ؛ 3 - ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪرەپ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯧﻠﯩﻨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﻛﯧﻠﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ، ﺋﯘرۇق - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺳﺎلاﻣﻐﺎ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﺑﯘ __ «ﻳﯜز ﺋﺎﭼﻘﯘ» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ . ﺗﻮي ﻣﻪرﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﻛﯜﻧﻰ ، ﻧﯩﻜﺎﮬﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪش ۋاﻗﺘﯩﺪا ، ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەپ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪرەپ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﺎۋاﺑﻪن «ﻳﺎر - ﻳﺎر» ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﺷﻰ ، ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ ، ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ، ﻧﺎزاﻛﯩﺘﻰ ، ﻣﯩﺠﻪز - ﺧﯘﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرۈپ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﻳﺪۇ. ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪرەپ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﻣﻪدﮬﯩﻴﯩﻠﻪپ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﮬﺎرﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺖ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ.
     ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪك ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
     «ﺳﯩﻢ» __ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﯩﻴﻪك ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎن ﺋﯘزۇن ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﻮڭ ﭘﻪﺷﻠﯩﻚ ، ﺗﯜز ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯜﮔﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ، ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ « ﺗﻮن » دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪۇ ،  ﺗﻮن ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮔﯜﻟﻠﯜك رەﺧﺘﻠﻪردﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاﻧﻐﺎن ﭘﻮﺗﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
     «ﺗﯘس دوﭘﭙﺎ» __ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎدام دوﭘﭙﺎ. ﺗﯚت ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ، ﺋﺎق ﺑﺎدام ﺷﻪﻛﻠﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﮕﻪن ﺑﺎش ﻛﯩﻴﯩﻢ . ﺗﯘس دوﭘﭙﺎ ﭘﻪس ۋە ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻨﯩﺪۇ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، « ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ دوﭘﭙﺎ » ، « ﺧﯘﻧﺎﺑﻪ » دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺑﺎش ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪر ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮلا ﺧﯩﻞ ﻗﺎرا ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯧﻐﯩﺮ رەﯕﻠﯩﻚ ﻣﻪﺧﻤﻪل ، دۇﺧﺎۋا ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﺪۇ .  ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ دوﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﯩﺸﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﯧﺮى ، ﺋﯘلار دوﭘﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪى ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨلاپ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ.
     ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺧﻮﺗﯘن - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮى ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﻠﻪﺳﺘﯩﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاﻧﻐﺎن ﻳﺎرﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻖ ، ﻧﻪﭘﯩﺲ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ۋە داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﯜرﻣﻪ ﻛﯚﯕﻠﻪك ، ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻨﺠﻪك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻗﻮل ﮬﯚﻧﻪرﮔﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى داﺋﯩﻢ دوﭘﭙﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯚرﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﺎﭘﺘﯘل ﭼﯧﭽﯩﻜﻰ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﻧﯧﭙﯩﺰ روﻣﺎل ﺳﯧﻠﯩﯟاﻟﯩﺪۇ.
     ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﯜﺟﻤﻪ ، ﻛﯧﯟەز ﺋﯚﺳﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ، ﺑﻮﻳﺎش ، ﺗﻮﻗﯘش ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻘﻰ  ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘزاق زاﻣﺎﻧلاردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن داﯕﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺋﻪﺗﻠﯩﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﯘﻟﯘش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯩﭙﺘﯩﻠﯩﻘﻰ ، رەڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚرﻛﻪم - ﻧﻪﭘﯩﺴﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘر.
     ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜرى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە « ﭘﯧﭽﻪن » ( ﭘﻪرۋەردە ) ، « ﺷﯩﺮﻣﺎن ﻧﺎن » ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪر ؛ رﯨﺸﺎﻟﻪ ، ﭘﻪﺗﺎﺳﻰ ، ﭘﻪﺷﻤﻪك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪر ؛ ﻗﻮۋۇرداق ، ﺋﺎش ( ﭘﻮﻟﯘ ) ، ﻧﺎرﯨﻦ ﭼﯚپ ، ﻛﺎۋاپ ، دۈﻣﻠﯩﻤﻪ ، دۇرﻣﻪن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣلار ۋە ﻣﻪﺳﺘﺎۋا ، ﻣﺎش ﻛﯩﭽﯩﺮ، ﺋﯜﮔﺮە ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺗﺎﺋﺎﻣلار ﺑﺎر.

مەنبە؛جۇڭگو مىللەتلەر ژورنىلى
سەلتەنەت تورى
http://www.seltenet.com


بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

تەۋرەنمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16723
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9476
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 3858 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 02:25:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدىكى ئۆزبىكلەنىڭ سانىنى خاتا يىزىپ قويدىڭىزمۇ يا ؟
قايسى بىر ژورنالدا 100مىڭ دىگەندەك كۆرىۋاتاتتىم ، يا مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ؟

بولىۋەرسە ئىتقا  كۆر ، باش ئارسىلان ،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان .
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش ،
بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان .

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11255
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 04:10:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەستاۋا  دەپ  بىر  ئاشخانىدا  كۆرۇۋېدىم   قانداق  تاماق ئۇ

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

ئارزۇيۇم ئاددي ھەم بۈيۈك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14234
يازما سانى: 1706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12358
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 08:31:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  0998attella كە 2011-01-13 03:59 AMئەۋەتىلدى  :
يەنە شۇ ئۆز بىك توغۇرلۇق تىما...........زىرىكتىم......... [s:176]  [s:135]  [s:156]  [s:156]  [s:156]  [s:164]  [s:176]

ۋوي بۇرادەر !!! ئۆزلىرىگە قايدا تېما كىرەكتى ؟؟    مەندە ئېمرىكىنىڭ باتتى ، يوللاپ بەسەم شۇنىلا كۆرەملىيا !
تۆۋە !!!   خەقنىڭ تېمىسىنى ياراتمىغىدەك كىم بولغىيتىلە سىلى   ؟؟؟؟    ئۆزبىك بولسا بولمامدىكەن !  ماندا دىسەم سەنمۇ ئۆزبىكمۇ دەپ تۇرۇۋالمىسىلا يەنە !!!

قولۇمداقەلەم   ،  يۈرەكتە ئەلەم !يۈتمىسۇن غورور،تەۋرىسۇن ئالەم !

كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8504
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 6914 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:49:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزبىكلەر ناخشا مۇزىكىغا يامان خەق جۇمۇ؟ قاتاردىكى مۇسابىقىدىمۇ گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولدى.بىزنىڭ كوماندا قاتاردىن 2 توپ يەپ ......ھەي يەنىلا ئۇمىد يوق

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:52:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز............توينىڭ 3-كۈنى يۈزئاچىدۇ دەيدىيا؟شۇ كۈنگىچە ئاچمايدىكەندە!

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 11:06:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز  بىلەن ئوخشاپكىتىدىكەن  

مىنىڭ  يەڭگەممۇ ئۆزبەك  لىكىن  ھىچ ئۇقمىدىم  بىزدىن پەرقلىنىدىغان يىرىنى
يا ئۇيغۇرلار ئىلىدە تۇرۇپ  ئۇيغۇر بىلەن توي قىلىپ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنمۇ .
كىملىكىنى  كۆرمىسە ،ئۆزى مەن ئۆزبەك  دىمىسە  ھىچكىم بىلمەيدۇ

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9014
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 12:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8-قەۋەت (melody) نىڭ يازمىسىغا

بىزگە ئەڭ يېقىن مىللەت ئەمەسمۇ بۇ ! بىز بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىدۇ !
شۇڭا مەن ئۆزبىكىستاننىڭ كىنولىرىغا بەك ئامراق ! چۈنكى ئۇلارنىڭ كىنولىرى بىز ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رىئاللىقىغا يېقىن كېلىدۇ ! چۈنكى بىز ئۇلار بىلەن يېقىن ! ئىشقىلىپ بىز بىلەن مەدىنىيىتى تامامەن ئوخشاش بولمىغان يەرلەرنىڭ كىنولىرىنى كۆرگەندىن جىق ياخشى !

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 12:58:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزبىك مىللىتى بىلەن يەنە بىر تەپسىلى تۇنۇشۋالغىنىمدىن خۇشالمەن.

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25005
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6768
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 01:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ ئۆز بىك توغۇرلۇق تىما...........زىرىكتىم..  


ۋوي بۇرادەر !!! ئۆزلىرىگە قايدا تېما كىرەكتى ؟؟    مەندە ئېمرىكىنىڭ باتتى ، يوللاپ بەسەم شۇنىلا كۆرەملىيا !  

باشقۇرغۇچى خەنجەر ئەپەندى مەن يۇقارقى ئىنكاسقا قارىتا يازغانتىم .ئەپسۇس ئنكاسىمنى بۇغۇزلاپ تاشلاپسىز ،تەپسىلى كۆرەپرەك ئۆچۈرەسىز ھە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش