جۇڭگو تېلېگىرافى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا CDMAنۇسخدىكى iPhone نى بازارغا سالماقچى
ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە ئالاقىلىشىش سودىگىرى Verizonبۈگۈن ،2011-يىلى 3-ڧېۋرالدىن باشلاپ CDMA نۇسخدىكى iPhone 4قا زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،جۇڭگو تېلېگىراف ئۇچۇرلىرىغا يېقىن ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە،تېلېگىراف ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئالما بىلەن كىرگۈزۈش ئىشىدا كېڭىشىۋاتقان بولۇپ ،ئەڭ تېز بولغاندا بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا CDMAنۇسخدىكى ئالما تېلېفۇنىنىڭ دۆلەت ئىچىگە كىرىش ئېھتىماللىقى باركەن .
ئېگىلىنىشىچە،CDMAنۇسخدىكى ئالما يانفۇنى FaceTime،A4بىر تەرەپ قىلغۇچ،بەش مىليۇن پىكسىللىق ئاپپارات،App Store،iOS،iTunesقاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ ،ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش خىل ئۈسكۈنىنى چاتقىلى بولىدىكەن.3-فېۋرالدىن باشلاپ Verizonنىڭ كونا خېرىدارلىرى ئالدىن زاكاس قىلسا بولىدىكەن،10-فېۋرالدىن باشلاپ ھەرقانداق ئىشلەتكۈچى توردا،Verizonپارچە سېتىش دۇكانلىرىدا ياكى ئالما دۇكانلىرىدا سېتىۋالسا بولىدىكەن .ئۇنىڭ ئىچىدە ،16GBنىڭ توختاملىق باھاسى 199دوللار،32GBنىڭ بولسا 299دوللار ئىكەن .
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ ئالما يانفۇنىنىڭ 4-ئەۋلاد نۇسخىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتا رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ ،باشتىن ئاخىرىغىچە بازارلىق بولغان ۋە مال يېتىشمىگەن .2010-يىلى 12-ئايغىچە،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسىدىكى ئالما 4-ئەۋلاد يانفۇنى سېتىلىش سانى مىليۇنلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى ،جەمئىي توختاملاشقانلىرىنىڭ سانى بىر مىلىيۇن 300مىڭدىن ئاشقان .ئالما پارچە سېتىش دۇكىنى ساتقان ئالما يانفۇن سانىمۇ 30مىڭدىن ئاشىدىكەن.
گەرچە توختاملىق ھەمكارلاشقۇچىلار ئىزچىل مال كەمچىل بولۇش ھالىتىدە بولسىمۇ ،ئالما شىركىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى سېتىش يوللىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن كېڭەيتمەكتە . 2010-يىلى 12-ئايدا ئالما شىركىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتا كۆپەيتكەن بىر تۈركۈم سېتىش يوللىرىنى ئېلان قىلدى،تۈنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغىدىن فاڭجىڭ شىجى،چاڭخوڭ جىياخې ۋە جىيا جىې لار بار .
جۇڭگو تېلېگىرافىغا يېقىن ئۇچۇر ئەبابلىرىنىڭ سوخۇ تورىغا ئاشكارىلىشىچە،ئالما شىركىتى 2008-يىلدىن باشلاپ CDMAنۇسخسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىگە تۇتۇش قىلغان بولۇپ ،جۇڭگو تېلېگىرافىنىڭ ئۇچىرىشىىشى ئۆتكەن يىلى باشلانغان .جۇڭگو تېلېگىرافىنىڭ باش دېرىكتورى ۋاڭ شىياۋ 2010-يىلى8-ئايدا تۈنجى قېتىم ئوچۇق -ئاشكارە :ئەگەر ئالما شىركىتى CDMA نۇسخىدىكى يانفۇننى چىقارسا جۇڭگو تېلېگىرافىمۇ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ ،دېگەنىدى .كەسپىي ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە،2010-يىلىنىڭ 3-پەسلىدە،ئالما يانفۇنىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بازار نىسپىتى 5.9%يەتكەن بولۇپ ،ئەقلىفون بازىرىدا 5-ئورۇندا تۇرغان .جۇڭگو تېلېگىرافىنىڭ نۆۋەتتە 88مىليۇن CDMAئىشلەتكۈچىسى بولۇپ ،ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىVerizonنىڭ كۆلىمى بىلەن تەڭ كېلىدۇ،بۇنداق بازارنى ئالما شىركىتى جەزمەن قولدىن بەرمەيدۇ .
مەنبە:
يۇلتۇزلار مۇنبىرى