مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1128|ئىنكاس: 7

چېچەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:22:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر روﺳﯩﻴﻪ ﻓﯧﺪﯦﺮاﺗﺴﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪۋە ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﺪە ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﻮﻟﯘپ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪۇ. ﭼﯧﭽﯩﻨﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ روﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎۋﻛﺎز راﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن. ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﺪە ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﮕﯘش ﮬﻪم رۇﺳلار ﺑﺎر. ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎز ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ داﻏﯩﺴﺘﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﺪە ﺗﺎرﻗﺎق ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن.

  ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪڭ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻳﺎزﻣﺎ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟلار ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 7 _ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﻗﺎﻟﺪۇرۇﻟﻐﺎن. ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎۋﻛﺎز ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪڭ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪۋلادى ﺑﻮﻟﯘپ، زاﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪي ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎن. «ﭼﯧﭽﻪن» دﯦﮕﻪن ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺋﺎرﻏﯘن دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ «ﭼﻮڭ ﭼﯧﭽﻪن» دﯦﮕﻪن ﻛﻪﻧﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ _ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﭼﯧﭽﻪن ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن.

  ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﻳﺎۋروﭘﺎ ﺋﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎۋﻛﺎز ﺗﯩﭙﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ، ﻛﺎۋﻛﺎز ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ داﻏﯩﺴﺘﺎن ﺗﯩﻠﻰ ﮔﯘرۇﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎخ ﺗﯩﻞ ﺗﺎرﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﭼﯧﭽﻪن ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 7ﺧﯩﻞ دﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﻪرەب ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯩلاۋﻳﺎن ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻜﻪن. ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

  ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﻗﺎرا ﭼﺎچ، ﺑﯘﻏﺪاي ﺋﯚڭ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻗﻮﻳﯘق ﺳﺎﻗﺎل ﻗﻮﻳﯩﺪۇ، ﺑﻮۋاﻳﻠﯩﺮى ﺋﯘزۇن ﺳﺎﻗﺎل ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﻗﻮي ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﯘﻣﺎق ﻛﯩﻴﯩﺪۇ. ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪرﻟﯩﺮى ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪڭ ﻳﻪﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩلاش ﻛﯩﻴﯩﺪۇ؛ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى ﺑﯧﻠﻰ ﺗﺎر ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺗﯩﻚ ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﯕﻠﻪك ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪڭ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﻮﭘﻜﺎ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ، ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯜﻣﯜﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن زﯨﻨﻨﻪت ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻨﻰ، ﮬﺎﻟﻘﺎ ﺋﯧﺴﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯜزۈك ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ، دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﺎدﯨﻖ. ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜزۈﻣﻰ ۋە ﺋﯘرۇﻗﺪاﺷﻠﯩﻖ ﺗﯜزۈﻣﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯩﺮ ﺋﯘرۇﻗﺘﯩﻜﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮ _ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻛﺎ _ ﺋﯘﻛﺎ، ﺋﺎﭼﺎ _ ﺳﯩﯖﯩﻞ دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ.

  ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪوﺳﺖ ﻣﯩﻠﻠﻪت. ﺑﯘ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯚرپ _ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮى. ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚزى ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﯩﺪۇ، ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﯩلا ﺋﯘﻧﯩﯔ دوﺳﺖ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎت ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪاﻳﺪۇ.

  ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎۋۇزﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯘرۇش ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪت. ﺑﯘﺧﯩﻞ «ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜرﯨﺸﻰ» 13 _ ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﺗﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﻪ ﻗﻪدەر ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﻪ زﯦﻤﯩﻨﯩﺪا داۋام ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ... ﺋﯘزاق ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯜرەﺷﻠﻪر ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﺗﯘر، ﺑﺎش ﺋﻪﮔﻤﻪس، ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎن، ﻗﯩﺴﺎﺳﻜﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯧﯖﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﻮﻟﯘپ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﻣﻪﺷﮭﯘر ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ ﻟﯩﻒ. ﺗﻮﻟﯩﺴﺘﻮﻳﻤﯘ ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ «ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮرﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻠﻪر» دەپ ﺗﻪرﯨﭙﻠﯩﮕﻪن.

  13 _ ﺋﻪﺳﯩﺮدە، ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺋﯩﺴﺘﯩلاﭼﯩﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎن، 14 _ ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺗﯧﻤﻮر ﺧﺎﻧﺪاﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮاﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن. 17 ـ 18 ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪردە ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﭘﺎرس، ﺋﻮﺳﻤﺎن، ﭼﺎرروﺳﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺧﺎﻧﺪاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرەن، ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر 200 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯜرەﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜرﮔﻪن. 19- ﺋﻪﺳﯩﺮدە، ﭼﺎرروﺳﯩﻴﻪ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﺎۋﻛﺎز ﺋﯘرۇﺷﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪ ﺧﻪرﯨﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘۋاﻟﻐﺎن. 1922- ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﻪ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم ﺋﻮﺑلاﺳﺘﻰ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن. 1934- ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪﯦﺸﻰ ﺋﯩﻨﮕﯘش ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ، ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ روﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎراﺷﻠﯩﻖ ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﻪ _ ﺋﯩﻨﮕﯘش ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن.

  1991 _ ﻳﯩﻠﻰ، ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﭘﺎرﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪە، ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﻗﻮل ﺗﯩﻘﯩﺸﻰ» ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ روﺳﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜرﯨﺸﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪن. دەل ﻣﯘﺷﯘ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ، ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﮬﺎۋا ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪ ﮔﯧﻨﯩﺮاﻟﻰ ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﯩﻠﯩﻚ دۇداﻳﯧﻒ، ﻗﻮرال ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺳﺎﻳلام ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎﻛﺎرﻟﯩﻐﺎن. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯜرﯨﺸﻰ روﺳﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮاپ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ _ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮔﯜزەل ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮى رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎن... ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە، ﺑﯘﺧﯩﻞ «ﻗﺎرﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﺑﺎﺳﺘﯘرۇش» ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﺎﺧﺒﺎرات ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰزﯨﻖ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، «ﭼﯧﭽﯩﻨﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺴﻰ» ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯧﻘﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى.

  ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮرﻧﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ «ﺋﻪۋزەل» ۋە ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﺋﯘ روﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﺎۋﻛﺎز راﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜچ دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺗﯘرۇﺑﯩﺴﯩﻨﻰ، ﺗﯚﻣﯜر ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﮕﯘش، داﻏﯩﺴﺘﺎن، ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﻮﺳﺴﯧﺘﯩﻴﻪ، ﺋﺎﺑﻐﺎزﯨﻴﻪ ۋە ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﻛﯚپ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﻪﺗﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎلاﻗﯩﺴﻰ ﻗﻮﻳﯘق. ﺑﯘرۇن ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﯩﻨﯩﯔ «ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﺎۋﻛﺎزﻧﻰ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘرﻏﯘﭼﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى.

  ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻟﺘﯘراق ﺋﯚﻳﻠﯩﺮى ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﺴﯩﻤﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﺎش، ﻳﺎﻏﺎﭼﺘﯩﻦ ﻗﻮﭘﯘرۇﻟﯩﺪۇ؛ ﺗﯜز ﺋﯚﮔﺰﯨﻠﯩﻚ، ﻛﯚپ ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻚ راﻳﻮﻧﺪا ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﯩﺮى دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯘﻏﺪاي، ﻗﻮﻧﺎق، ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﭙﻪرەس ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺗﯧﺮﯨﻴﺪۇ، ﮬﻪﻣﺪە ﻣﯧﯟە _ ﭼﯧﯟە ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرﯨﺪۇ؛ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ راﻳﻮﻧﺪا ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻳﯘﯕﻠﯘق ﻗﻮي، ﺋﯚﭼﻜﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﭼﺎرۋا ﺑﺎﻗﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻛﯩﮕﯩﺰ ﺑﯧﺴﯩﺶ، ﺧﯘرۇم ﺋﯩﺸﻠﻪش، ﺧﯘﻣﺪاﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻗﻮل ﮬﯜﻧﻪرۋەﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘلاپ ﺋﯩﺸﻠﻪش، ﻗﯘرۇﻟﯘش ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮى، ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﭼﯧﭽﯧﻨﯩﻴﻪ ﻧﯧﻔﯩﺖ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﺎز ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮى ﻣﻮل راﻳﻮن.

  ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﻛﯚﻣﻤﯩﻘﻮﻧﺎق ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎزان ﻧﯧﻨﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘن ﻏﯩﺰاﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؛ ﻛﺎۋاپ، ﺳﯜزﻣﻪ، ﻗﯘرۇت ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ، ﭼﺎي ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ.

  ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯧﻴﯩﺖ _ ﺋﺎﻳﻪم، ﺗﻮي _ ﺗﯚﻛﯜن، ﺋﯚﻟﯜم _ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى ۋە ﭘﻪرﮬﯩﺰﻟﯩﺮى ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ.

  ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﻮل ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪل ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا داﺳﺘﺎن، ﻗﻮﺷﺎق، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ، ﭼﯚﭼﻪك، رﯨﯟاﻳﻪت، ﻣﻪﺳﻪل ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﻛﻪڭ ﺗﺎرﻗﺎﻟﻐﺎن، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ داﺳﺘﺎﻧﻰ __ «ﻧﺎرﯨﺖ» ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﯘﺳﻠﯘب ۋە ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

  ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

  ﭘﺎﻳﺪﯨلاﻧﻤﯩلار:

  «دۇﻧﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷلار _ ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1996 _ ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى، 515 _ ،516 _ ﺑﻪﺗﻠﻪر.

  ﻳﺎﻟﻘﯘن روزى: «ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘن ﻛﻮﻟﺪۇرﻣﺎ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1999 _ ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى،100 _ ،101 _ ،102 _ ﺑﻪﺗﻠﻪر.

ئېلىنغان مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/12788035.html

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2595
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10489
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:29:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﺗﯘر، ﺑﺎش ﺋﻪﮔﻤﻪس، ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎن، ﻗﯩﺴﺎﺳﻜﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯧﯖﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻣﯩﻠﻠﻪت بولۇشىغا تۇشلۇق،مۇشۇ كەمگىچە دۆلىتى بولمىدى... دىمەك مۇستەقىل بولۇپ دۆلەت قۇرماق ئاسان ئەمەس.

غۇلجا شەھەر چۇغلۇق يىزا-ئېگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:42:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىملىك بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىدە  [s:166]

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئىنسانغا ۋە تىنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24162
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 751 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2011-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 10:51:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇپۇسى ئاز مىللەت قۇراللىق كۆرەش قىلسا تۈگەپ كىتىدىغان ئىش بولسا مۇشۇ مىللەت تۈگەپ كەتسە بولاتتى .... ،

بىراق مىللەت يىمشاق قوللۇق بىلەن تەڭ باستۈرۈلسا بەك تىز تۈگىشىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ  ......... !!!!!!!!!!

بۇنىڭغا ھازىرمۇ ياشاۋاتقان بەزى بەخىتسىز مىللەتنىڭ پاجئەلىك تۈرمۇشى گۈۋاھ بولالايدۇ  ................ ؟؟؟؟؟؟؟

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18765
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6240
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2011-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 11:08:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىچەن .دىگەننى ئۇيغۇرچە گە تەرجىمە قىلساق .شاش رۇچى ئۇرغۇپ تۇردىغان چىچەن ئەقىللىق دىگەن مەنا غۇ دەيمەن

كۈنۈپ قالىمىز ئازىراق گەپككە كۈنەلمەيمىز ئازىرىاق گەپككە تۇۋا دەيمۇ مۇخاببەتكە

ناتىرىي خىلور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3169
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17255
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 6081 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 11:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي توۋا دېمىسە بىكار ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى بەكلا موھىم دىسە ..... مۇشۇ ئارقىلىق خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن ئەسلى .....

بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .     - ئىسكەندەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 12:13:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇي كەپسىز جان رەخمەت سىز گە

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

باھانىنىڭ &a

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20708
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6242
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1229 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2011-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 12:52:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوپوسى بىر مىلىيۇنغىمۇ يەتمەيدىكەن بۇلارنىڭ . ئورۇس چوشقىلىرىنىڭ ئانا مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋاتىدۇ-دە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش