1. ئاچچىقى يامان قۇشلارنى ئۆتكۈزىۋەتكەنما؟ ئەمدى بۇنى ئۆتكۈزىۋەتمەڭ!
بىر مەزگىل بۇرۇن AppStore دا ئوت بولۇپ كەتكەن ئويۇن
Angry Birds نۇرغۇنلىغان ئويۇنخۇمارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ماۋۇسى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇن. لېكىن كۆرىنىشىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. بۇ ئويۇندا بىز بىر تال مەنچاناققا ئوخشايدىغان ماشىنا بىلەن تاشقى پلانىت ئادەملىرىنىڭ
مىجىقىنى چىقىرىمىز. ئۇ ماشىنىمىزغا ھەرخىل نەرسىلەرنى قاچىلاپ ئېتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرسەكلا بولىدۇ. ئۆلمىكى ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس. پەقەت سوقساقلا بولدى.
ئاچچىقى يامان قۇشقاچنىڭ ئويۇنىنى مەنمۇ چۈشۈرىۋالمىغان ئىكەنمەن. بۇمۇ خېلى بولىدىغان ئويۇنكەن. ئۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلەر بۇنى بولسىمۇ ئۆتكۈزىۋەتمەي چۈشىرىۋالغۇلۇق.
ئويۇننى ھەقسىز چۈشۈرۈش ئادىرسى:
http://www.pasiban.com/20110113802.html
2.تەۋسىيە : ئەڭ قوللىنىشچان ئايفون دېتالى SoundHound
سىز مەيلى رادىئودا بولسۇن، مەيلى تېلىۋىزۇردا بولسۇن بىرەر جايدا بىر مۇزىكا ياكى ناخشىنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، سىزگە يېقىپ قالسا شۇ ناخشىنىڭ نامىنى بىلىۋېلىپ، توردىن ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ ئاڭلاشنى خالايسىز، شۇنداقمۇ؟ بىرەر كىشىدىن سوراي دېسىڭىز، شۇ ناخشىنى ئۆزىڭىز غىڭشىپ ئوقۇپ بېرىپ، ماۋۇ ناخشا قانداق ناخشا بولغىيتى، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلسىڭىز بەزىدە زاڭلىققا ئۇچرىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
بۈگۈنكى ماۋۇ App دەل سىزنىڭ بۇ غېمىڭىزنى يوق قىلىدۇ. Soundhound بولسا AppStore دىكى ئاۋازغا ئاساسەن ناخشا تاپىدىغان دېتاللار ئىچىدىكى ئەڭ تىز ۋە ئەڭ توغرا تاپىدىغان بازىرى ئىتتىك دېتال. بۇ دېتال ئايفون، ئايتاچ، ئايپەدنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدۇ.
دىتالنى ھەقسىز چۈشۈرۈش ئادىرسى:
http://www.pasiban.com/20110112778.html
مەنبە: http://www.pasiban.com/