1
ياردىن يىقىلىپ چۈشكەن گېنىرال،
دەرھال تۇرۇپلا ئالدى چاقچاقنى.
قاپاقلىرىم بەك تۈرۈلدى شۇدەم،
نەدە يۈدۈدۈم سىزدەك ئاۋاقنى.
(شېئىرنىڭ قاپىيە ئىھتىياجى ئۈچۈن چاقچاق قىلدىم ،ئاۋاق دەپ ھە.)
2
كەسپىم شۇدۇر ھەم، غەليان سانايمەن،
گۈللەر ئىچىرە، ئوخشاش بىر گۈلمەن .
يازغان شېئىرىم قەلەمگە تالىق،
زامان تەختىدە شۇنداق بۇلبۇلمەن .
3
بەخىت تىلىگەن گېنىرال يىگىت،
مەنمۇ تىلەيمەن سىزگە ھەم تەخىت.
يىگىتلەرگە ھەم قۇسۇر ناھاجەت،
خاتا ئويلاش يوق، تىلەيمەن بەخىت.
4
مىسرانىمنىڭ ھەم كەڭدۇر ھويلىسى،
سىردىشىشقىمۇ سورۇن بەھەيۋەت.
يۈسۈپنىڭ ئۇخلاپ قالغان مەزگىلى،
مېنىڭ كۆزلۈرۈم قىلىدۇ غەيۋەت.
5
ئاددى خىزمەتتە يوقتۇر تەمەننا،
شۇندىلا كۆڭۈل بولۇر ئەمەننا.
ئۇيغۇر يىگىتى گېنىرال بولسا،
سەتىراش بارسۇن خىزمىتىڭ ئەمما.
ھەر بىر كوبلىتىڭىزغا بىر- بىرلەپ جاۋابىمنى بەردىم ، قوبۇل قىلغايسىز.