مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 881|ئىنكاس: 8

ھەدەمنىڭ سىڭلىمغا ئېيىتقانلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10659
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5264
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 03:08:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]ھەدەمنىڭ سىڭلىمغا ئېيىتقانلىرى



كەل سىڭلىم، كەل!
گۈزەل تەبىئەتنىڭ يارقىن ھۆسنى بولمىش كۈز پەسلى ئاخىرلىشىپ،دەل-دەرەخلەر
يۇپۇرماق تاشلاپ،بوشىنىپ،غازاڭلىرى ئەتراپنى بىر قاپلاپ، ئاجايىپ گۈزەل ئالتۇن
مەنزىرە ياساپتۇ.
كەل سىڭلىم، كەل!
بىزمۇ ھاياتىمىزنىڭ گۈلشەنى بولغان،ياشلىقىمىزدا،گۈلدەك چېغىمىزدا،باشقىلارغا گۈلدەك
ھېس-تۇيغۇ بىرەلمىسەكمۇ،گۈزەللىكىمىزنى تولۇق نامايەن قىلىش ئۈچۈن،كىيىم-كىچەكلىرىمىزنى
ئەڭ يۇقىرى چەكتە قىسقارتىپ ،ئەڭ تار،ۋە ھەم ئەڭ نىپىز كىيىنىپ، بىر مەيدان كىيىم-كىچەك
ئىسلاھاتى ئېلىپ بارايلى.
تەبىئەت بىزدىن رەڭ ئالسۇن،دەۋرىمىزنىڭ شىرمەتلىرى،بىزنى كۆرگەندە مەس بۇلۇپ، ئۆزىنى
دۇنيا بىلەن قوشۇپ ئۇنتۇپ كەتسۇن.


كەل سىڭلىم، كەل!
يىراق قىرلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز، ئىپلاس تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراپ،دەرىت-ئەلەم، ئازاپ-
ئوقۇبەتلەرنى يەتكۈچە تارتىپ، پاتمان ئېغىرچىلىقلارنى،سەۋىر تارازىسىدا كۆتۈرىۋاتىدۇ.
كەل سىڭلىم، كەل!
بىز شاشلىقىمىزنى قەدىرلەپ،شەھۋەتتىن يول ياساپ، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن ئوۋلىنىپ
قورساقنى، ھارامدىن كۆتۈرۇپ يۈرەيلى.


كەل سىڭلىم، كەل!
بەزىلەر بىر قولىدا مىزاننى، يەنە بىر قولىدا  ئىماندىن سوقۇلغان شەمشەر بىلەن يېشىنى
سىياھ ،ھاياتىنى قەلەم،ھەقىقەتنى مەنزىل قىلىپ ھەر خىل جەڭ مەيدانلىرىدا ، قان كىچىپ
جىھاد قىلىۋىتىپتۇ.
كەل سىڭلىم، كەل!
بىزدە ئۇنچە ئىلىم ۋە غەيرەت بولمىسىمۇ، «چىغىر»يولدىن تاپقان ئۆكسىمەس كىرىم ۋە
مومىمىزدىن مىراس قالغان ئۈزۈلمەس غەيۋەت بار. گىرىمنى راسا قىلىپ، كالتە پوزۇر
كىيىنىپ، ئىپپەتنى دەسمىي،«تىجارەتنى»رەسمىي قىلىپ مەھەللىمىزدىكى شىر يۈرەك
ئەزمەتلەرنى، بىزدىن ئۆزگىنى كۆرەلمەس،بىزدىن ئۆزگىنى سۆيەلمەس،كۆزىمىزگە يات
كۆرۈنگەن بەزىلەرنى، غەيۋەتتىن خاتىرجەم يول يۈرەلمەس قىلىۋىتەيلى.


كەل سىڭلىم، كەل!
باشقىلار ئاي شارىغا ھىجرەت قىلىپ  زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ  كاتتا ئىنسانىيەت
دۇنياسى بەرپا قىلماقچى بولىۋىتىپتۇ.
كەل سىڭلىم، كەل!
بىز رېستۇران، قاۋاق،دىسكۇخانا ۋە «تار» كوچىلارغا  ھىجرەت قىلىپ،زور بىر ئەۋلاد
«يىتىشكەن» پەرزەنىتلەرنى تەربىيلەپ چىقايلى.
                  

كەل سىڭلىم، كەل!
ئانىلار  بىر قولىدا بۆشۈكنى، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدىكەن.                                
كەل سىڭلىم، كەل!
بىز بىر ناز بىلەن پۈتۈن دۇنيا ئەركەكلىرىنى تەۋرىتەيلى.


كەل سىڭلىم، كەل!
باشقىلار ئۇشبۇ سىناق دۇنيادا، سىنىلىپ ،تىكەنلىك باغلاردىن، بەھەيۋەت تاغلاردىن
ھالقىپ ،.ئەبەدىيەت ئالىمىنى ئارمان قىلىپ، بۈيۈك مەنزىللەرگە قاراپ كېتىۋىتىپتۇ.
كەل سىڭلىم، كەل!
بىز ئادىمىيلىكتىن ھالقىپ ،باشقىلارنى سىناپ،ئىپتىدائىيىتىمىزگە قاراپ، دەھشەتلىك
ئاقىۋەتلەرگە مەئىششەت  بىلەن كىتەيلى.   

مەنبە؛ئىسلام مۇنبىرى


قايان باقسام ئىسلام يىتىم غىرىپ يىتىم، ئىسلام ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەك جانلار يىتىم. يىتىملىكتە ھەمراھ ئىزدەپ كارۋان ئىزدەپ، ھىجىرەت قىلغان مۇسۇلمانلار قاپتۇ يىتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25477
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3096
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 04:55:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىدىن ،ئاكىلارنىڭ ئىنىلىرىغا نىمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرىۋالماق تەس ئەمەستە..........ھەي
تىمىغا تەشەككۈرلەر

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17400
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5798 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 05:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگىچە ئېيتقان ئۈنچىلەركەن،بەك قەلىمى ئۆتكۈركەن ئاپتورنىڭ........

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1083
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9992
تۆھپە نۇمۇرى: 543
توردا: 8301 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 05:08:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر .

ئاللاھ ئاشىق مەن مەشۇق ، ئۆلۆكدىن ئاۋاز چىقماس .

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10438
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15329
تۆھپە نۇمۇرى: 323
توردا: 1661 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2011-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 05:16:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇر ھەقىقەتەن ئۆتكۇر پىكىرلىككەنسىز،  ئەمدى ئاكىڭىزنىڭ ئىنىسىغا قىلغان سۆزىنىمۇ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز، تىخىمۇ تولۇق چىقاركەن، ياخشى يىزىپسىز،  [s:166]

بۇگۈن ماڭمىسىڭىز ،ئەتە يۈگۈرەيسىز.

تەدبىرىڭ قانداق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18574
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6248
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2091 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2011-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 05:29:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭىچە ئۇسلۇپتا مەزمۇن بوپتۇ.....

ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق، كەتتىمۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق. شۇئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل، ۋەياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25222
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 05:45:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن ئۆتكۈر پىكىر ! قەلىمىزگە تەشەككۇر! [s:166]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8536
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 3353 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 06:55:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن ھەممەيلەن ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك جەمىيەتتىكى بىر قىسىم داپلارغا قارىتىلغان تېمىكەن،ھەممەيلەن ئىبرەت ئالساق بولغۇدەك.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38244
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2011-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 10:17:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما يۇللىنىپتۇ،كۆپ تەشەككۇر،مۇشۇ مەزمۇنلار سەۋەپ بۇلۇپ بىرقىسىم قىزلىرىمىز قەلبىگە يىدايەت غۇنچىسى ئۇنگەي ئېلايىم ئامىن

ياپراق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش