مارالبېشى ناھىيەسى ساياھەت بايلىقلىرىنى پائال ئېچىش، ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسى قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، شارائىتنى ياخشىلاش ئارقىلىق، زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە سودا - ساياھەت شەھىرى بەرپا قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.
ناھىيىمىز بۇلتۇردىن بۇيان «قەشقەرنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئىقتىساد مەركىزى، پاختا توقۇمىچىلىق سانائەت شەھىرى ۋە زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا سودا - ساياھەت شەھىرى بەرپا قىلىش» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ناھىيەنىڭ ساياھەت بايلىقىنى رەتلىدى ھەم ناھىيە ئەتراپىدىكى تارىخىي ئىزلار، قۇملۇق ساياھىتى، تۈزلەڭلىكتىكى كۆل، توغراق مەنزىرىسى قاتارلىق ئالاھىدە ساياھەت تۈرلىرىنى پائال ئاچتى. ناھىيە بازىرىدا ئەل ئىچى تەنتەربىيە تۈرلىرى، كۆڭۈل ئېچىش، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەر، مىللىيچە تائاملار قاتارلىقلارنى؛ سېرىقبۇيا بازىرىدا بازار ساياھەتچىلىكى، «دېھقانلار ئائىلە ساياھەتچىلىكى»، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش نۇقتىلىرىنى پائال ئېچىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلدى. تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە توردىن پايدىلىنىپ، ناھىيەنىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسى، ئالتۇن توغراق ساھىلى ساياھەت نۇقتىسى قۇرۇلۇشى، ئۆرۈكلۈك باغ ئالاھىدە ساياھەتچىلىك نۇقتىسى، شاقۇ توغراق مەيدان ئېكولوگىيە قۇملۇق ساياھىتى نۇقتىسى قاتارلىقلارنى كەينى - كەينىدىن پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردى. نەتىجىدە، بۇلتۇردىن بۇ يىل 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۈتىۋېلىنغان رايون - ئىچى سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 64 مىڭ 830 ئادەم (قېتىم) گە، ئىستېمال كىرىمى 12 مىليون 332 مىڭ 400 يۈەنگە يېتىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.(يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەنلىرى يېڭىدىن ئېچىلغان ساياھەت نۇقتىلىرى بۇلۇپ بۇلار ئېچىلماس ۋاقىتتا بار بولغان قەدىمكى ساياھەت نۇقتىلىرىدىنمۇ يەتتە سەككىزى بار .)
ئىگىلىنىشىچە ،ناھىيىمىزنىڭ تونۇر كاۋاپلىرى 5–ئاينىڭ 30–كۈنىدىن 6–ئاينىڭ 3–كۈنىگىچە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹2010–يىللىق شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت ، ئېسىل تائاملار مەدەنىيىتى بايرىمى››دا پىشۇرۇلۇش جەريانىنىڭ ئاددىيلىقى ، تەبىئىي ، زىيانسىز ، يېشىل يېمەكلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ، دۆلەت ئىچى–سىرتىدىن كەلگەن ھەر مىللەت ساياھەتچىلىرىنى ئۆزىگە رام قىلىپ ، بۇ قېتىمقى ‹‹2010–يىللىق شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت ، ئېسىل تائاملار مەدەنىيىتى بايرىمى››غا رەھبەرلىك قىلىش تەشكىلىي كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹قەشقەرنىڭ ئېسىل تائاملىرى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن
سىلەرنىڭمۇ تېپىتپ باققىڭلار كىلىۋاتىدۇ ھە .ھى ھى ھى
پۈتۈن قوي ۋە بېلىق كاۋاپلىرى
رەھمەت . [s:141] [s:141]مىسرانىم مۇنبىرىدىن ساياھەتكە كەلسەڭلار ھەقسىز ساياھەت يىتەكچى بۇلۇپ بىرەي ھى ھى (ۋاقتىم چىقسىلا جۇمۇ ،خىزمەت ۋاقتىدا كەلسىڭىز چىقمايمەن )