|
|
|
|
ئاياللىق خۇلق ئاياللارئەرلەرگە بېغىشلايدىغان ئاجايىپ مەزمۇنلۇق ۋە قالتىس نەپىس بىرخىل پۇراق بۇلۇپ، ئاياللار
جسمىدىكى سەبىيلىك ،بالىلارچە قىزىقىش،ۋە پاكلىقنىڭ مۇكەممەل بىرلىششىدن ئىبارەت..ئەلۋەتتە مىلىيۇنلىغان ئەرلەرنى ساراسىمىگە سالىدىغان. نەرسە، قەدىمكىلەر ئېيتىدۇكى : كۈلۈپ تۇرغان ئايالنى ئالۋاستىمۇ ئۇرمايدۇ.،بىر ئاقكۆڭۈل ،رومانتىك ئايالنى ئالۋاستىنىڭ ئۇرۇشىغا كۆزى قىيمىغان يەردە ئىرىنىڭ قانداقمۇ ئۇرغۇسى كىلىدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەركىلەش ئاياللارنىڭ يەنەبىر خىل شەكىلدىكى مۇلايىملىقى،نۇرغۇن ئاچچىقى يامان كۈسمەستەك ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ نازاكىتى ۋە مۇلايىملىقى ئالدىدا باش ئەگمەي قالمايدۇ.بۇنىڭدىن كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇكى، ئەركىلەش ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى يېڭىشنىڭ بىر مەخپى قورالى بۇلۇپلا قالماستىن نىكاھ تۇرمۇشىدىكى تېخمۇ كۈچلۈك بولغان سىلىقلاش مەلھىمىدۇر.گۈزەللىك ،تاشقى گۈزەللىك بىلەن ئىچكى گۈزەللىكنىڭ مۇكەممەل بىرلىكىدىن ئىبارەت.
تاشقى قىياپىتىڭىز نوقسانسىز بولسا ئۇ سىزنىڭ تەلىيىىڭز.لېكىن ئۇپەقەت تاشقى قىياپەتتىنلا ئىبارەت بۇلۇپ سىزدە ئۇخىل گۈزەللىكنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان،ئىچكى گۈزەللىك بولمايدىغان بولسا سىز ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا بەختىسىزبۇلۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. مۇلايىملىق بىلەن نازاكەت ئاشۇ ئىچكى گۈزەللكنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى. بۇلار ئاياللارنى تېخىمۇ جەزبىدارلىققا ئىگە قىلىدۇ.ھەر قانچە گۈزەل،ھەر قانچە باي ھەر قانچە يۇقىرى ئەمەلدار بۇلۇپ كەتسىڭىزمۇ ،ئىرىڭىزنىڭ ئالدىدا سىز يەنىلا ئۇنىڭ خۇتۇنى ،شۇڭا ھەر ۋاقىت ئىرىڭىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشنى ئويلىشىپ تۇرۇشىڭىز كىرەك...........
باشقىلارنىڭ ئالدىدا تەمكىن، سالماق، ئىرىڭىزنىڭ ئالدىدا نازۇ كەرەشمىلىك بۇلۇشنى پەقەت تالانىت ئىگىلىرىلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
ھالبۇكى بۇنداق ئاياللار ئانچە كۆپ ئەمەس.مانا بۇ ئەر خۇتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك ئامراقلىق مىھرىبانلىقنىڭ سىرى.بۇنداق قوش تالانىتى كەمچىل ئاياللار ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك مۇنداق ئامراقلىق تاپماق تەس تېپىشماقتەك بىلىنىدۇ.
بۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسى: قىز ئاياللارنىڭ بىلىشكە تىگىشلىك مەخپىيەتلىك ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى.
ھازىر جەمئىيتىمىزدە نىكاھتىن ئاجرىشش بەك كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ.كەڭ دوسلىرىمىزنىڭ ئاياللىرىمىزنى ئائىلىسىنى قوغداشنى ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلەشنى بىلىۋېلىشىغا پايدىسى بۇلۇپ قالار دەپ ئويلايمەن. |
|
|
|
|
|
|