ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 26قەۋەت xiwas1- كە 2011-01-20 12:28 AMئەۋەتىلدى 23-قەۋەت (adabiyat) نىڭ يازمىسىغا :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ...دىيىشكە توغراكەلتۈرۈپ قويدىڭىز ،مەنمۇ يالقۇن روزىنى تونىمايمەن ھەتتا رەسىمىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان لېكىن مەن ئۇنىڭ ئوبزور ئەسەرلىرىنى تامامەن ئوقۇغان ھەم پىكىر قىلغان ،مۇشۇ يازمىدا يۇقۇرقى تۆت مەرھۇم قەلەمكەشلىرىمىزنى ئۆمرىدە يازغان ھەم قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى خاتاغاچىقىرىپ ئۇلارنى پۇشايمان غا قالدى دىيىلگەن ئەمەس .بەلكىم سىزمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق دىگەن بۇ سۆزگە قوشۇلىسىز .ئەلۋەتتە ئەنە شۇنداق داڭدارلارنىمۇ خاتالاشمايدۇ دەپ ئېيتالمايمىز ،ئەڭ يامىنى شۇخاتالىقنى ۋاختىدا تۇنۇپ تۈزۈتۈش تېخىمۇ يامىنى شۇكى شۇخاتالىقنى دادىل كەسكىنلىك بىلەن كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىرسىنىڭ يوقلىقى ، سىز يالقۇن روزىدەك ئوبزورچىلىرىمىزنى ساناپ بېقىڭ بەش بارمىقىڭىز توشومدۇيوق ،بىزيەنە مۇشۇنداق دادىل پىكىرلىك ئوبزورچىلىرىمىزنى ئۇچۇقتۇرىۋەرسەك ئەدەبىياتىمىز تەرەققىياتى ھەم نوخسانلىرىنى يەنەكۆرسىتىپ بىرىشكە كىم پېتىنالايدۇ ،ھەقىقى مىللەت ئەدەبىياتىغا كۆيىنىدىغان ئوبزورچىلار ھەرگىزمۇ ئاتالغان نامدارلارنى قاراملىق بىلەن ئۇچۇقتۇرۇشنى ئويلىمايدۇ ،ئېھتىمال سىز يالقۇن روزىنىڭ مۇختار بوغراغايازغان ئوبزورىنى قايتا تەپسىلى ئوقىشىڭىزكىرەكتۇ ،شۇ ئوبزوردىمۇ يالقۇن روزى پاكىت ئىنىق بولغاچقا بەزى بايانلارنى قوپاللىق بىلەن ئېچىپ تاشلىغان يەنەبىرتەرەپتىن مۇختاربوغراغادوستانىلارچە مۇئامىلىدە تەكلىپ بەرگەن ،لىكىن مۇختاربوغرا بۇنىڭغا قانداق پۇزۇتسىيەدەبولدى ئېھتىمال ئۇنىڭ قايتۇرما بايانىنىمۇ ئوقۇغان بولىشىڭىزمومكىن مەن مۇختاربوغرانىڭ قايتۇرما جاۋابىنى ئوقىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ كەسپى ئەخلاقىغاھەقىقەتەن گۇمانىم قوزغالدى ........
يۇقۇردا دىن ۋە مىللى ھىسىياتتىن پايدىلىنىپ خەلىقنى ئالدايدۇ دەپ ئۆتۈپسىز بەلكىم بۇسۆزنى قىلىشىڭىزغا يالقۇن روزىنىڭ كۈرەش رەجەپ كە يازغان ئوبزور ماقالىسى تەسىرىدىن بولغان بولساكىرەك شۇنىسى ئىنىقكى بۇ ئوبزوردا يالقۇن روزى شۇ ئوبزورىدا دىنى قاراشنى يوق يەردىن پەيداقىلىپ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ئۆزىچىلا بەت يۈزىگە پەيداقىلىۋالمىغان ،نىمىشقادىسىڭىز ئوبزور ئۈبۈكتى بولغان كۈرەش رەجەپ ئالدى بىلەن بۇدىنى قاراشنى پۈتۈن شىنجاڭدا يەنەكىلىپ ئاساسى جەھەتتىن ئىسلام ئىلى بولغان شىنجاڭدا ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى 5-قانىلىدا قويىلىدىغان تەڭرىتاغ كۈيلىرى پىراگىراممىسىدا كۆرەش رەجەپ ئۆزى ئاۋال شۇسۆھبەتكە قارغۇلارچە ئارلاشتۇرۋالغان http://aqilcc.67.3i60.cn/bbs/read.php?tid=79
مانا مۇشۇ يازما شۇ ...
مۇنازىرە داۋام قىلسا يەنە پىكىرلىشەمىز .........
سىزنىڭ مېنىڭ ئىنكاسىمغا قارىتا بەرگەن كۆز قارىشىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم..ھەقىقەتەن سىزنىڭ دىگەن بەزى سۆزلىرىڭىز ئورۇنلۇق ..خۇددى سىز دىگەندەك بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئوبزورچىلار كېرەك..مەن ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقىمىغان.كەسپىم كىلىنكا..لېكىن مەن كەسپى كىتاپلاردىن باشقا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن..7-8يىلنىڭ ئالدىدا كىتاپخانىدىن "تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرماما"دىگەن كىتاپنى سېتىۋېلىپ ئوقىغانتىم..بۇ كىتاپتا ئاساسلىق ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ ئوبزورلىرى ۋە بىر قىسىم ئاپتۇرلارنىڭ بۇ ئوبزورلارغا قارىتا يازغان ئىنكاسلىرى تولۇق ئېلىنغان..مېنىڭ بۇ كىشىنى دىنى ھىسىياتتىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئالدىدى دىيىشىمگە شۇ كىتاپتا يېزىلغان پەرھات تۇرسۇننىڭ رومانىغا قارىتا يېزىلغان ئوبزورى سەۋەب بولغان..ھەرگىزمۇ كۈرەش رەجەپكە يازغان ئوچۇق خېتى سەۋەپ بولمىغان..
چۇنكى يالقۇن روزى پەرھات تۇرسۇننى خىرىستىيان،ئۇ مۇسۇلمان ئەمەس دەپ ھۆكۇم چىقارغان..لېكىن پەرھات تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ رومانىنىڭ باش مۇھەررى كېيىن ئىنكاس قايتۇرغان..
مېنىڭ ئۇنداق دىيىشىمدىكى ئاساسىم:1·پەرھات تۇرسۇن ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرسىمۇ،ئۇنىڭغا قارا بۆھتان چاپلاپ،ئۇنى خرىستىيان..ئۇنىڭ ئەسەرلىرنى خرىستىيان دىنىنى تەرغىپ قىلىدۇ دىگەن ھۆكۇم چىقاردى..بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى مۇسۇلمان دىگۇچىگە سەن مۇسۇلمان ئەمەس دىيىشى شەرىئەتتە توغرىمۇ؟ئەلۋەتتە ،بۇ ئىككەيلەننىڭ شەخسى ئۆچ ئاداۋىتى بار..لېكىن بۇ ئۆچ ئادەۋەتنى دەپ خەلقنى بۇنداق گەپ سۆزلەر بىلەن ئالداش زۆرۇرمۇ؟
2·بۇ كىشى بىرەر ئەسەر ئۇستىدىن تەھلىل يۇرگۈزگەندە ،نىمىشقا ئەسەر ئۇستىدىن ئوپراتسىيە قىلماي ھەمىشە يازغۇچىغا ھۇجۇم قىلىدۇ؟نىمىشقا زەيىب،رەزىل،چاكىنا دىگەندەك ئەدەپ ئەخلاقسىز سۆز ئىبارىلەرنى قوللىنىدۇ؟
3.ھەقىقەتەن مىللىتىمىزنىڭ مىللى ھىسىياتى بەك كۇچلۇك..ئەگەر بىزنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە،دىنى-ئېتىقاتىمىزغا بىرەرسى چاخچاق قىلىپ قويسا،بەك تېز ئىنكاس قايتۇرىدۇ..مەن بۇ جەھەتتىن مىللىتىمدىن بەك سۆيىنىمەن..بۇ ئوبزورچى بۇخىل ھىسىياتنى تېخىمۇ بەكرەك چۇشىنىدۇ..شۇڭا بۇ خىل ۋاستىنى قوللىنىپ پەرھات تۇرسۇندىن ئۆچ ئالماقچى بولغان..
بىزگە ھەقىقەت ئوبزورچى لازىم..لېكىن كەمتەر ،ئەدەپ ئەخلاقلىق ،كەسپى ئەخلاقى بولغان ھەقىقى ئوبزورچى كېرەك..ھەرگىزمۇ خەلقنى ئالدايدىغان ئوبزورچى كېرەك ئەمەس..
ئەسكەرتىش:مەن پەرھات تۇرسۇننىمۇ تونىمايمەن..لېكىن سابىق دىيارىم تور بېتىدە زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرگەن.ۋە ئۇنىڭ بىر ئوقۇغىچىسى بىلەن سۆزلەشكەن..