مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2258|ئىنكاس: 18

قايسى خىلدىكى ئاياللارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى ئ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25097
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3610
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 855 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2011-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 07:24:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                 قايسى خىلدىكى ئاياللارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى ئاسان بۇزۇلىدۇ.
1.ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلار.
بۇ خىلدىكى ئاياللار نىكاھ تۇرمۇشىغا پۈتۈنلەي رىئاللىقتىن ھالقىغان ھالدا رومانتىك مۇئامىلە قىلىدۇ.بىرەر ئىش كۆڭلىدىكىدەك بولماي قالسا ئۈمۈتسىزلىنىوپ كىتىدۇ.تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشمۇ خۇددى مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدىكىدەك قايناق ھېسىياتتا ئۈتۈشى كېرەك.دەپ قارايدۇ.دە قارىشى تەرەپنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكىنى كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىكىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ.
2.ئەركە چوڭ بولغانلار
بۇنداق ئاياللار تۇلۇق پىشىپ يىتىلمىگەن بولغاچقا ئىنتايىن نازۇك كىلىدۇ.گەپ كۈتۈرەلمەيدۇ.ھە دىسىلا ئاتا-ئانىسىغا داتلاپ تۇرمۇشتىن رازى بولمايدۇ.زىدىيەتىنى ئىرى بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ مەسلىھەت بىلەن ھەل قىلمايدۇ.
3.مۇكەممەل بۇلۇشنى ئويلايدىغانلار
بۇ خلدىكى ئاياللار ھەمىشە كۆڭلىگە پۈككەن ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچەمگە يىتىشنى ئويلايدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىمۇ قارىشى تەرەپنىمۇ ئېغىر روھى بېسىملارغا ئۇچرىتىدۇ.
4.ھەددىدىن زىيادە پىخسىقلار
بۇ خلدىكى ئاياللارئۈزى ئىقتىسادچان بولغاننىڭ ئۈستىگە ئىرىنىڭمۇنورمال خىراجىتىگىمۇ يول قويمايدۇ.زۆرۆر بولغان خىراجەتلەر قىسقارتىلغانلىقىتىن تۇرمۇشى مەنىسىز بۇلۇپ قالىدۇ.قارىشى تەرەپ بۇنىڭغا كۈنەلمەي ئاسانلا جىدەللىشىپ قالىدۇ.
5.تاۋى نازۇكلار
بۇ خىلدىكى ئاياللاربىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن شىكايەت قىلىش ،ئاغرىنىش ،ئارقىلىق ئىرىنىڭ دىققىتىنى ئۈزىگە تارتىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەكىسچە قارىشى تەرەپ بۇنىداق ئەھۋالدىن بىزار بۇلىدۇ.
6.ھە دىسىلا ئىرىنىڭ يېغىرىنى تاتلايدىغانلار
بۇ خلدىكى ئاياللار ھە دىسىلا ئىرىدىن قۇسۇر ئىزدەپ ئۇنىڭ زىتىغا تىگىدۇ. نەتىجىدە ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى ئىناقلىققا تەسىر يىتىدۇ.
7.ھەددىدىن زىيادە ئاجىز تىپتىكىلەر
بۇنداق ئاياللار ئىرى نىمە دىسە ،نىمە قىلسا ماقۇل دەپ كۆندۈرۈپ قويىدۇ.ئۇرۇنسىز تەلەپنىمۇ بىجا كەلتۈرۈپ ئۈزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ساقىلىمايدۇ.ئەگەر ئىشلار بىرەر قېتىم كۆڭلىدىكىدەك بولماي قالسا ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا ھەل قىلغۇسىز زىدەيەت كىلىپ چىقىدۇ.
8.تولا ئۆزەىرىپ تۇرىدىغانلار
بەزى ئاياللار ئىنتايىن ئۆزەىرىشچان كىلىدۇ. ھىسىياتى ،كەيپىياتى، بىرەر ئىشقا تۇتقان پۇزىتسىيسى تۇراقسىز بۇلىدۇ.بىردە ئوڭدەك،بىردە تەتۈردەك يۈرىيدۇ.نەتىجىدە ئەر بولغۇچى ئۇنىڭدىن زىرىكىدۇ.
مەنبەسى :ئاياللار بىلىشكە تىگىشلىك مەخپىيەتتىن ئېلىندى.
ھۆرمەتلىك تورداشلىرىم ،سىرداش دوسلىرىم سىلەر بەلكىم بۇ ئەزا نىمانچە مۇشۇ تىمىلارغا قىزىقىدىغاندۇ دەپ ئەجەپلەنگەنسىلەر. كەسپى تەجىربىەمگە ئاساسلانغاندا ھازىر ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى يۈكى ۋە مەجبۇرىيتى بەك ئېغىر. بەزى ئەرلەر بۇ بېسىمنى چۈشەنمەيدۇ.ئاياللارنى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىنى قىلدى دەپ ئويلاپ.ئاياللارغا ھېستاشلىق قىلمايدۇ.نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۇزاققا بارماي غازان بۇلۇشقا باشلايدۇ.مىنىڭچە ئاياللار يۇقارقىدەك ئەھۋاللارغا دىققەت قىلساق.بىز ئاياللارنىڭ غەرەزسىسز بولغان مېھرى-مىھنىتىمىزدىن ئەرلىرىمىز رازى بولسا ئاياللارغا كۈيۈنىش كېرەكلىكىنى بىلسە ھەر قانداق بىر ئائىلىدە ماجرانى كۆپ قىلماي پەرزەنتلىىرىمىز ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە ياردەم بىرىپ ئائىلىمىزنى ساقلاپ قالساق دەپ ئۈمۈت قىلىمەن. مىنىڭچە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم تۇرىشى ئائىلە بىلەن بەك مۇناسىۋەتلىك ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھۈجەيرىسى.
ئەرلەر ئاياللارنىڭ قوللىشىغا، رىغبەتلەندۈرىشىگە مۇھتاج،
ئاياللار ئەرلەرنىڭ كۈيۈنىشىگە،ھېستاشلىق قىلىشىغا مۇھتاج بۇلىدۇ.
مەن ئائىلەمگە بەك ئىتىبار بىرىمەن.يولدىشىمنىمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن.مەنمۇ يېڭى توي قىلغاندا تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشقا كۈنەلمەي ئوتتۇرىمىزدا ماجرا كۆپ بولغان.مەنمۇ مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپ ئۇقۇپ يولدۇشۇمنى چۈشۈنىشكە تىرىشتىم نەتىجىدە بۇ تىمىلار مىنىڭ ئائىلەمنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولدى.مەن ئائىلەمنى بەك ياخشى كۆرىمەن.كەڭ ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارنى خورلۇق ھېس قىلماي كۈچىنىڭ يىتىشچە ئائىلىسىنى ساخلاپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
چۈنكى ئاپام ماڭا :قىزىم سەن ئىرىڭ ئۈچۈن يەر بولغىنكى ھەرگىز ئاسمان بولما. خۇددى يەر مىڭلىغان ئادەمنى يۆلەپ تۇرغىنىدەك كۈچۈڭنىڭ يىتىشچە ئىرىڭنى يۆلە. شۇندىلا سەن ئىرىڭنىڭ كۆڭلىدىكى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز بۇلالايسەن،دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى ئىسىڭدە تۇت دېگەن.
بىلىمەن كۆپ ئەرلەر ئاياللارنى چۈشەنمەيدۇ.ئەمما ئىرىڭىز سىزنىڭ غەرەزسىز سەمىمى ،پاڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشەنگىچە بەرداشلىق بىرىڭ.شۇندىلا يەنى ئىرىڭىز سىزنى چۈشەنگندە سىزدىن بەختلىك ئايال بولماسلىقى مۇمكىن.
ئەگەر بىر ئۆمۈر چۈشەنمەي سىزنى خارلىسا چۈشكۈنلەشمەڭ بىزنىڭ دۇنيارىمىز بۇلا ئەمەس.
كەچۈرۈڭلار كۆپ سۆزلەپ قويدۇم.

مۇھا

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1083
توردا: 9755 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 09:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىرنى قوشۇپ قۇياي :
دائىم ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن  چىقالمايدىغان ، ئانىسىنىڭ سىزغان سىزىقى بۇيىچىلا ئىش قىلىدىغان ئاياللار نىڭ نىكاھ تۇرمۇشى ئاسان بۇزۇلىدۇ . [s:164]

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

شۇكرى ئاللا...

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17116
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4471
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1687 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 10:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (orkixi) نىڭ يازمىسىغا

تەجىربىڭىز مول ئىكەنغۇ .توغرا دەيسىز [s:179]

ئسىل ياشا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4302
تۆھپە نۇمۇرى: 420
توردا: 1781 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 11:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن 3-گە چۈشىمەنمۇ قانداق؟
ھەر قانداق ئىشتا مۇكەممەل بولۇشنى ئويلايمەن،  باشقىلارغىمۇ شۇنداق تەلەپ قويىمەن لېكىن،  ئۆزۈم  ئويلىغان ۋە تەلەپ قىلغان مۇكەممەللىك   ماڭا قانائەت تۇيغۇسى بىرەممەيدۇ.  بەلكىم بۇ مەندىكى بىر ئاجىزلىق بولسھ كېرەك.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

تەدبىرىڭ قانداق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18574
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6248
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2091 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2011-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:16:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە  ھە دىسىلا    ئىرىنىڭ يېغىرىنى تاتلايدىغانلار
بۇ خلدىكى ئاياللار ھە دىسىلا ئىرىدىن قۇسۇر ئىزدەپ ئۇنىڭ زىتىغا تىگىدۇ. نەتىجىدە ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى ئىناقلىققا تەسىر يىتىدۇ.
دەپ  قارايمەن.

ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق، كەتتىمۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق. شۇئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل، ۋەياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئاتۇش ۋاسكىتبول

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 1318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2244
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:19:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە ئىۋۇ تىلغا ئىلىنغان تۈردىن ئىككىنجىسى بار ئىكەن دىسە ....... [s:162] ئەڭ ياخشى مەن بۇ مىجەزىمنى  ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ،  ۋاقتىدا ئۆزگەرتىۋالسام بولغۇدەك جۇما . [s:123]

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

.YáMáη ηIG KáS Ti  Diη

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26267
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3485
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2011-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:51:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:151]  [s:151] ئەركە چوڭ بۇپ قالغان تۇزتەي [s:164] ئىش چاتاق ئۇخشايدۇ...داۋاملىق يۇللاپ تۇراسىز بۈلۋالاي...... [s:143]

ئى ئاللا گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغايسەن.....

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14796
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3887 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 03:28:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنىڭغا قاراپ بەزى يىتەرسىزلىكلىرىمىنى تۈزتىۋالغۇدەكمىز ، تىمىڭىزغا تەشەككۈر ....!

http://blog.sina.com.cn/esma88

قايىل قىلىش قۇرق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9222
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4758 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 11:26:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزنىڭ دادىسى خۇتۇن كىشى مىجەز ، گۇمانخور ، قىزىدىن باشقا ئادەمگە ئىشەنمەيدىغان ، "قاغا بالام ئاپپاق ، كىرپە بالام يۇمشاق " دەيدىغان بولسا ، كۈيئوغلى توغرۇلۇق كىم يامان گەپ قىلىپ بەرسە پۇل خەشلەپ تۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولسا ..................خۇدا ساقلىسۇن !!!!!!!!!!

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ھاياتنىڭ باشلىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 147
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3212
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 1926 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت albax كە 2011-01-20 11:26 AMئەۋەتىلدى :
قىزنىڭ دادىسى خۇتۇن كىشى مىجەز ، گۇمانخور ، قىزىدىن باشقا ئادەمگە ئىشەنمەيدىغان ، "قاغا بالام ئاپپاق ، كىرپە بالام يۇمشاق " دەيدىغان بولسا ، كۈيئوغلى توغرۇلۇق كىم يامان گەپ قىلىپ بەرسە پۇل خەشلەپ تۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولسا ..................خۇدا ساقلىسۇن !!!!!!!!!!

ئالامەت ئىنكاس.....

نىمە ئۈچۈ ن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش؟ چۈنكى ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ،پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈن......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش