مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1492|ئىنكاس: 17

ئائىلە زادى كىمنىڭ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىنىڭمۇ ياخش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25115
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9668
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1520 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 11:14:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئائىلە زادى كىمنىڭ؟

 

 بىر قانچە ئاغىنىلەر بىلەن ئاشخانىدا تاماق يەۋاتاتتۇق،چۈشلۈك تاماق ۋاقتى  بولغاچقا ئاشخانا خېلى بېسىق ئىدى.
تۇيۇقسىز بىر ئەرنىڭ زەردە بىلەن قاخشىغان ئاۋازى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 
 -ھەي، قاچانغىچە يالغۇز تارتىمەن بۇ ئۆينىڭ دەردىنى،  قاچانغىچە بۇ ئۆيگە ھېلىقماي ئۆتىسەن دەيمە؟
-ھەي لاۋزا،ئەركىشىمۇ سەن؟ ئەركىشى بولغاندىكىن سەن باقماي باشقا بىرەرسى باقسا بولاتتىمۇ؟
بۇ يەردە جېدەللىشىۋاتقان باشقا بىرسى ئەمەس، دەل ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ئىدى ، ئۇدۇلىدا ئايالى بولسا كېرەك ،بىر ئايال تەڭ زۇكۇنلۇشۇپ تۇراتتى.
-تىلىڭنى كېسىۋەتمەيدىغان بولسام، سەن قانجۇقنىڭ...
-قولۇڭدىن كەلگىننى قىل!
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىنى ئاشخانىنىڭ ھېسابات شىرەسى توسۇپ تۇراتتى . شۇ ئەسنادا بىر قانچە مويسىپىت بېرىپ ئارىلاشتى .
-ئۇكام، ئۆزلىرىنى بېسىۋالسىلا، ھە خېنىم بالام ئۆزلىرىمۇ ئۆيلىرىگە ماڭسىلا، بۇ دىگەن ئاممىۋىي سورۇن، جېدەل قىلىدىغان يەر ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۆزەڭلارنىڭ دۇككىنى تۇرسا تىجارىتىڭلارغىمۇ دەخلىسى بار. ئۆي ئىشىنى سىرىتتا دىيىشىپ.....
ئايال چىقىپ كەتتى، لىكىن ئۇ ئادەم ئۆزىنى بېسىۋالىدىغاندەك ئەمەس،
-ۋاي تۇققانلىرىم، ھېلىمۇ 17 يىل بوپقالدى، كۈيئوغۇل كۆرەگۈدەك بوپقالدۇق، خىزمىتى بار، 2000 كويغا يېقىن مۇئاش ئالىدۇ، خىزمەت ئالدىرىشچىلىقى دەپ ئۆي ئىشى بىلەن كارى يوق.خوتۇن خەقنىڭ پۇلىدىنغۇ تامايىم  يوق، لىكىن ئۆزىنىڭ پۇلى ئۆزىگە يەتمەيدۇ. ئائىلىمىزنىڭ  تامىقى  مۇشۇ ئاشخانىدا، ئۆيدە ئايلاپ يىللاپ بىر تاماق ئېتىلمەيدۇ، ئۆي دىگەندە ھەممەيلەن بىر داستخاندا ئولتۇرۇپ يىيىشسە،-  بۇمۇ بىر ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى  بىلدۈرىدىغان ئادەمگە، لىكىن بىزنىڭ ئۆي  ئۇنداق ئەمەس ، ھېلىمۇ ياخشى قىزىم كىر قات يۇيۇشقا يارىغۇدەك چوڭ بوپقالدى،- بولمىسا ئىش بارتى بىزگە، ئىشقىلىپ دىسەم گەپ جىق........
-بولدى ئۇكام ، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۈزىگە سەت. دىدى،-بايىقى چوڭلاردىن بىرەيلەن،-ھە مىھمانلار بىزمۇ تامىغىمىزنى  يەيلى،خوش-قېنى..
تاماقمۇ سۇۋۇپ قالغان ئىدى. ئاشخانىدا جېدەل بېسىقىپ قالغان قالغان بىلەن مۇلاھىزىلەر باشلانغان ئىدى؛
-ئۇنىمۇ دەيمىز ، بۇنىمۇ دەيمىز تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى مورا بىلىدۇ.
-جاھاندا ئاشۇنداقمۇ ئاياللار بولىدىكەن،-ھە.
...........
-ئادەمنىڭ ئۆيلىنىشت ئەجەپ رايىنى قايتۇردا ،- ما خەق.
ئاشخانا ئىچىنى پاراققىدە كۈلكە قاپلىدى،
-ۋاي تۇققانلار ما غا تاماق يگىلى كىرگن بولغىيتتۇق، بۇ بىر ھەر قايسىللىرىمىزنىڭ  مەجلىسخانىسى بولمىغاندىكىن.......... 
 ئاشخانىمۇ ئىچىمۇ تىچلىنىپ قالدى، بىزمۇ قايىتتۇق.
ئاخشىمى ئۇيقۇم  قاچتى،كاللامدا گادىرماچ خىياللار......
*****
بىر دوستۇنم بولىدىغان، ئاتا-ئانىسى ئالىي  مەكتەپتە ئاران ئوقۇتۇپ قەرىزگە بوغۇلۇپ كەتكەن.  ئاران  دىگەندە خىزمەتكە چىقىپ بىرەر يىل ئۆتمەستە  بالىمىزنىڭ تويىنى قىلىمىز دەپ يەنە نۇرغۇن قەرىزگە بوغۇلدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزنىڭ ئاتىسى ؛<<بىز قىزىمىزنى ئوقۇتىمىز دەپ ئازراق قەرىزدار بوپ قەلغان 5-6 يىلغىچە قىزىمنىڭ مۇئاشىنى سۈرىشتە قىلمساڭلار>> دەپ شەرىت قۇيغانىكەن . ئىشقىلىپ ئۇنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
*****
بىزگە خوشنا بولغان يۇقارقى مەھەللىدە  ياشلا بىر چوكان  ئۆلۈۋالدى ؛ سەۋەبى،- ئېرى داۋاملىق قىمار ئويناپ ئائىلە ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىنى نۇرغۇن قەرىزگە بوغۇۋەتكەن.ئايالىنىڭ توسۇشىغا قارىماي قەرزلىرىنى يەنىلا قىمار ئارقىلىق قايتۇرماقچى بولغان، ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بوپقالغان ئايالى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان.ئۈچ بالا يېتىم بولغاننىڭ ئۈستىگە ئائىلىنىڭ نۇرغۇن قەرزى....
*****
يەنە......
*****
ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك،-ئائىلە زادى كىمنىڭ؟
بىرلا ئادەمنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن بىر ئائىلىنىڭ بەختى، خۇشاللىقى ۋۇجۇتقا چىقارمۇ؟
ئەرلەر؛
بىز تۇرمۇشىمىزغا يەنە داۋاملىق جىنايەتنىڭ ئانىسى بولمىش ھاراق- شاراپنى ھەمرا قىلىمىزمۇ؟  يەنە داۋاملىق بىر كېچىدىلا باي بوپ كەتسەم دىگەن ئۈمۈتتە قىماردىن قول ئۈزمەيمىزمۇ؟ ۋەيەنە؟؟؟
ياكى بىز ھالال كەسىپ ۋە خىزمەت بىلەن ئائىلىمىزگە ماددىي ۋە مەنىۋىي بەخىتنى ھىس قىلدۇرالماسمىزمۇ؟ ئاتا -  بوۋىللىرىمىزدەك ئىللىق ئائىلە ۋد ئىناق جەمىيەتن بەرپا قىلالماسمىزمۇ؟  پەرزەنتلەر ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈلگە بولالماسمىزمۇ؟؟؟؟؟؟؟
ئاياللار ؛
بىزمۇ داۋاملىق ئايىغى چىقماس قاتار چاي ، ۋە باشقا ئاياللارنى چىرىتكۈچى ناچار قىلمىشلاردىن يىراقلىشالماسمىزمۇ؟  ئەرلەرگە ھەمدەم بولۇپ  بىر ئائىلىنىڭ چىرىقىنى تەڭ يوريتالماسمىزمۇ؟ مىللەتنىڭ ئانىسى سۇپىتىدە  بىزمۇ ئانىللىرىمىزدەك باھادىر ئوغلانلارنى  تەربىيلىيەلمەسمىزمۇ؟ قىزلىرىمىز
ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈلگە بولالماسمىزمۇ؟؟؟؟؟؟؟
ئاتا - ئانىلار ؛
بىز تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلۇنۇپ پەرزەنتلىرىمىزنى ھېچقانداق شەخسىي تامادىن خالىي ھالدا تەربىيلىيەلمەسمىزمۇ؟
پەرزەنتلەر ؛
بىزمۇ ھەم تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالالماسمىزمۇ؟ ئاتا - ئانىلارۋە جەمىيەتكە يۈك بولماستىن ، بەلكى شۇ يۈكلەرنى كۆتىرىشىپ بېرىدىغانلاردىن بولالماسمىزمۇ؟ ئاتا - ئانىلانىڭ چېھرىدىن بىزدىن پەخىرلىنىدىغان مەمنۇنىيەت تەبەسسۇمىنى كۆرەلمەسمىزمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟

 

مەنبە ؛ قەلەم

ياخشىنىڭمۇ ياخشىسى ياخشى

Love is Suicide

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3590
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22425
تۆھپە نۇمۇرى: 976
توردا: 3880 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقىدەك ناچار مەسلىلەرنىڭ كىلىپ چېقىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىماننىڭ ئاجىزلىشىشى دەپ قارايمەن ......  بۈگۈنكى جەمىئىتىمىزدە ئەرلەر ئەرلەردەك ئەمەس ، ئاياللار ئاياللاردەك ئەمەس .......

ئەركەك بولسىڭىز تۇتىۋاتقان ئۆيېڭىزگە ياخشى ئىگە بولۇڭ! ئاياللىرىڭىزنى ئاسراڭ ، ئاغزىڭىزدىلا ئەمەس يۈرىكىڭىزدە ، ھەرىكەتلىرىڭىزدە ئۇنى سۆيۈڭ ، باللىرىڭىزغا ياخشى ئۈلگە بولۇڭ ، ئۇلۇغ <اللە> ئالدىغا بارغاندا يۈز كىلەلىگۈدەك ياشاڭ!

ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى! ئىمانىمىزنى مۇستەھكەملەيلى!

ئۇيغۇرلار سالونى باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. تەپسىلاتىنى سالونىمىزدىن كۆرۈڭ. سالون ئۈندىدار نومۇرى: uyghurz

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:44:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە ئەر - ئايال ئىككسى تۇتقان بولغاندىن كىيىن ئورتاق ئىككىسىگە مەنسۇپ بولىدۇ دە تۇرمۇشنىڭ راھەت ھەم جاپاسى .............
ھەي تۇرمۇش دېگەن ئاجايىپلا جۇما .

مۇھەببەت ، نىكاھ ، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچى بىر – بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ ، خۇشال – جورام ، ئىجىل – ئىناق ، بەختىيار ياشاشنىڭ ئاساسى . بىز بەختىيار ، ئىناق ئائىلە قۇرىمىز دەيدىكەنمىز ، مۇھەببەتكە ، نىكاھقا ساسىق ، ئائىلىگە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز لازىم .
ئەر – خوتۇنلار ئۈچۈن ھەر قاچان ،  ھەرقانداق  جايدا سەمىمىي – ساداقەتنى ساقلاش ، بىر – بىرىنىڭ ئىززەر – ھۆرمىتىنى قىلىش ئىنتايىن قىممەتلىك پەزىلەتتۇر . مۇۋەپىقىيەتنىڭ داغدام يولىدا يول بويى ئەرلەرنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇپ ، ئۆمۈدتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئاياللار بولغىنىغا ئوخشاشلا ، ئاياللارنىڭمۇ ھايات يولىدا ئۇلارنى جان تىكىپ قوغدايدىغان ، كۈچىگە كۈچ قاتىدىغان ، شادلىقىغا شەتلىق ئاتا قىلىدىغان پىداكار ، مەسئۇلىيەتچان ئەرلەر بولىدۇ . شۇنداق بولغاچقىلا ، ھايات سۆيۈملۈك ، تۇرمۇش گۈزەل ، ئائىلە بەختىيار ، مۇھەببەت يالقۇنلۇق ، نىكاھ گۈلخانلىق .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12724
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8423
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 3667 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:47:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئاياللار بەك جاپاكەش بولۇپ كىتىپ بارىدۇ، ئەركىشىلەر ئۆيگە تىقىلىپلا ئولتۇرىۋالغان ،ھەممە ئىشنى شۇ ئانا قىلىۋاتقان. بۇنداق دىسەم بەزەنلىرىڭلەرگە تەككەتمىسۇن ، ئىشقىلىپ بۇرۇنقىدەك جاپاكەش ، ئايالىغا يىنىك ئىشلارنى قىلدۇرىدىغان ئەرلەر يوق دىيەرىك

بۈگۈنۈڭدە ياشا !

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12391
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32439
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 12:59:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە دېگەندە ئەر -ئايال بىر -بىرىگە كۆيۈنسە، ئەر بولغۇچى ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى، ئايال بولغۇچى ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسا، ئائىلىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقارسا ئاندىن ئائىلە گۈللىنىدۇ....ھەممىدىن ئەر -ئاياللىق كۆيۈنۈش، مېھرى -مۇھاببەت، ئىشەنچ....مۇھىم......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 01:06:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئائىلىدە جىدەلنىڭ باشلىنىشى ئىناقنىقلىق يوقلىقىدىن بولىدۇ. ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇپ، پىكىردە بىردەكلىكنى ساقلاپ، سېنىڭ- مېنىڭ دىمەي، مۇئاشىنى تالاشماي، ئىقتىسادنى ئايرىۋالماي ياشىسا ، بۇ ئائىلە بەك بەخىتلىك دەپ قارايمەن .
ئەر ئەردەك ياشاپ، خوتۇن ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسا ، ھىچقانداق ئىش يۇز بەرمەيدۇ. بۇ ئائىلىگە ھەممە كىشىنىڭ نەزىرى چۇشىدۇ...

گۈل جەننەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 682
يازما سانى: 1805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12230
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 3977 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 01:25:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟  مېنىڭ بىر خوشنام بار ئەر-ئايال ئىككىلىسى دۆلەت مەمۇرى ، توي قىلغىلىمۇ خېلى يىللار بوپتۇ باللىرىمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدى ،ئايال بولسا شۇنداق ئەخلاقلىق، ئاددى-ساددا، تېجەشلىك... ئەر بولسا ئىنتايىن  بەتخەج، ئەخلاقسىز، ھاراق،قىمار،زىنا دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە بار . شۇنداق تۇرۇپ ھە دىسە ئۇ ئايالنىڭ قېينى ئانىسى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارلىشىۋالىدىكەن ،تېخى مەن بالامنى بەك تەستە ئۇقۇتقان ، شۇڭا مېنىىڭ ئۆيدىكى  باللىرىمنىمۇ سىلەر قاتارغا قۇشۇشۇڭلار كېرەك ،دىگەندەك چاك باسماس سەپسەتىلەرنى ياغدۇرۇپ ھېلىقى خوشنامنىڭ قۇلاق مېڭىسىنى يەپ كېتىدىكەن ، ئەجىبا ئۇ خوتۇننىڭ ئوغلى تاپقىنىنى ئاشۇنداق ناشايان كۇچىلارداتۈگىتىۋاتسا ئۇ چوكان نەدىن پۇل تېپىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىسۇن؟

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26087
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5088
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2011-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 02:50:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھازىرقى بۇ ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە ھېچنىمە دىگىلى بولمايدۇ ، دېمىسىمۇ ئائىلە كىمنىڭ ؟ ئەرلىرى تالادا ، ئاياللىرى چايدا ، ھەممە كەلگۈلۈك بالىغا كېلىدۇ ، ئۇ بالىمۇ ياشاش دېگەن شۇكەن دەپ يامان ئىشلارنى ئۆگىنىدۇ ، بالىسى يامان ئىش قىلىپ بېشىغا بالا بولغاندا يەنە ئۆزىدىن كۆرمەي بالىسىنىڭ ئۈستىدىن سۆز چۆچەك قىلىپ خەققە قاخشايدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 03:07:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر كۆپ قىسىم ئائىلىلەرنىڭ ئىگىسى ئايال كىشى بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ . ئەر كىشىلەرنى دائىم ئاشخانىلاردا ، ئاتالمىش قىمارخانىلاردا ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ . ئاشخانىلارغا كىرىپ قالغۇدەك بولساق ، كۆپ قىسمى ئەر كىشى ، بىخارامان تاماق يەپ ،ئىچىشىپ ئولتۇرغان . ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئۈيىدە بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچقا ،  ئۇلار خاتىرجەم ئولتۇرالىغاندە! ئەر كىشى دىگەن ئاران تۇرىدۇ ، بىر باھانىلارنى تېپىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى ! ئۇلارنى بەزلەپ تۇرۇپ ئولتۇرغۇزمىسا ...... [s:134]  [s:180]

شاتلىقتا دوست بو

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5867
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15068
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 3115 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2013-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 03:09:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە ئەسلىدە ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ بولىشى چەك باسماس ھەقىقەت ئىدى،ئەمما دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى،ئىددىيەنىڭ بارغانسىرى ئازات بولىشى سەۋەپلىك ،ئائىلىگە بولغان تونوش  تۆۋەنلەپ كىتىۋاتىدۇ،ئەرلەرغورۇرلۇق،    مەسئۇلىيەتچان،كۆيۈمچان،ئىمانى كامىل،سەمىمى بولسا،ئاياللار قانائەتچان،ئىمانى كامىل ،ۋاپادار،مۇلايىم ،پاكىز بولسا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك ماس كەلگەن بولاتتى،ھەم بۇسۈپەتلەر بىز ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرىنىڭ ئەسلى خارەكتىرىمىز ئىدى،ھازىر قارىساق ئائىلە يۈكىدىن قاچىدىغان، مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىردىغان،ئاتىلار ئاتىلىق مەسئۇلىيىتىنى بىلمەيدىغان،ئانىلار ئانىلىق مەجبۇرىتىنى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار كۆپىيىپ قالدى. ئاللاھ خالىسا بۇنداق شالغۇتلاشقان ئادەتلەر تۈگەپ ھەقىقى ئۆزىمىزگە قايتىپ كىلىشكە نىسىپ قىلغاي!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش