مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2353|ئىنكاس: 26

ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەدەپ -ئەقىلىنڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12153
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6846
تۆھپە نۇمۇرى: 582
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2011-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 07:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ
ئۆز-ئۆزىنى چۈشەنگەن،ھاياتنى ياخشى تەھلىل قىلالىغان،ھەقىقەت پەللىسىگەئۆرلەشنى ئۆزىنىڭ دائىملىق نىشانى قىلغان ئىنسانلار ھەر ۋاقىت ھاياتقا كۈلۈپ باقىدۇ،ئەڭ ئازاپلىق مىنۇتلارنىمۇ ئوخشاشلا تەمكىنلىك بىلەن ئۆتكۈزەلەيدۇ،ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە كېلىۋاتقان پايدا زىياننى ئوبدان بىلىدۇ،قاچان ئۆزىگە جان كۆيدۈرۈش ۋە قاچان ئۆزگىگە كۆيۈنۈش مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. ھاياتنىڭ لەززىتى ۋە گۈزەللىگى،بەخىتنىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ۋايىغا يىتىشى پەقەت ئىنساننىڭ توغرا ئېتقادنى تاللىيالىشى ۋە ھايات مۇساپىسىنى شۇ ئېتقادنىڭ تەقەززاسى بويىچە توغرا بېسىشىغا باغلىق.ھايات ئەنە شۇنداق قىممەتلىك ۋە قىسقا بولغاچقا،بۇ ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزىگە لايىق قىممەت يارتىش ئۈچۈن ،ھەربىر ئادەمدە مەلۇم نىشان،بۇ نىشانغا يەتكۈزدىغان يول،ئۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدىغان ئىرادە ۋە ئارزۇ بولۇشى كېرەك.بۇ ئاددىي رىسالىدە ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدا سىزنى توغرا يولغا يېتەكللەيدىغان بىر قانچە ھەقىقەتلەرنى دەستە گۈل قىلىپ سىزگە سۇندۇم.

1. تولا گەپ قىلىپ كوتۇلداشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.ئورۇنسىز ئىشلارغا كوتۇلداپ يۇرۇپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان ئاياللار ئاز ئەمەس،ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى تەكرارلاش ھاجەتسىز.شۇنى بىلىڭكى،كوتۇلداش باشقىلارنىڭ سىزدىن بىزار بۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.شۇنىڭ ئورنىغا سىز ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىڭ.

2.ئۆزىڭىزنىڭ ئېتقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە ھايات يۇلىڭىزنى كۆرسىتىپ بېردىغان ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇڭ.پايدىسىز كىتاپلارنى ئوقۇش بىلەن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ.بىلىملىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىڭ،سۆھبەت جەريانىدا ئازراق سۆزلەپ،كۆپرەك قۇلاق سېلىڭ.

3.ئاڭلىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىلا باشقىلارغا سۆزلەپ يۇرۇش ياخشى ئادەت ئەمەس،بۇنداق ئىشلار كۆپ بۇلۇپ كەتسە،سىزدە يالغانچىلىق ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيسىز.

4.كىشىلەر ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىپ ئۆز-ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ،ئۇنداق بولىدىكەن ئويلىمىغان يەردىن ئۇياتقا قالىسىز.

5.يۇقىرى ئاۋاز،قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلىمەڭ.شۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى،سىز بىر ئايال،ئەگەر سىز ئاۋازىڭىزنى بارىچە قۇيۇۋېتىپ،قۇپاللىق بىلەن سۆزلىسىڭىزئاياللارغا خاس جەلىپكارلىقىڭىزنى يوقۇتۇپ قويىسىز.بىر ئايال ئۈچۈن ۋۇجۇدىدىن ئاياللىق مەنالىرنىڭ يوقۇلىشى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش.

6.ئۇلۇغلارنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ سۆزلەڭ.ياخشى ،مەنپەئەتلىك گەپ بولسا قىلىڭ ،بولمىسا شۈك تۇرۇڭ.

7.ھەرگىز باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەڭ،سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ سۆزلىرىگە ئەدەپ بىلەن قۇلاق سېلىڭ.باشقىلار سۆزلەپ بولغاندا ئەڭ ياخشى ئۇسلۇب بىلەن گەپ باشلاڭ،سىزنىڭ سۆزنى قانداق باشلىغانلىقىڭىز ،گاھىدا سىزنىڭ خاراكتىرىڭىزنى ئېچىپ بېرىدۇ.

8.باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ،دوراپ گەپ قىلماڭ.شۇنى بىلىڭكى ،ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا،ئون بەشى ئايدىڭ بولىدۇ.<<كىشىگە سانساڭ ئۆزگە،قاشقا سانىساڭ كۆزگە>>دىگەن گەپ بار.بىر كۈنلەردە ھايات سىزنى،پەرزەنتىڭىزنى ياكى قېرىنداشلىرىڭىزنى سىز مەسخىرە قىلغان كىشىلەردەك تەقدىرگە دۇچار قىلىپ قويسا قانداق قىلىسىز؟

9.گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى قىلماقچى بولغان سۆزىڭىزنىڭ سالمىقىنى دەڭسەپ بېقىڭ.سۆز قىلىشتا مەسئۇلىيەت بۇلۇشى كېرەك.سۆزلىرىڭىزدىن ياخشىلىق تېمىپ تۇرسۇنكى،رەزىللىكنىڭ ھىدى زادىلا پۇرىمىسۇن.ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ<<سۆز ئېغىزدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئالتۇن،چىقىپ بولغاندىن كىيىن مىس بولىدۇ .>>دىگەنىكەن.

10.بىلىم ئېگەللەش ياخشى ئىش ۋەئۇلۇغ يول بارلىق ئىمكانىيەتلىرىڭىز بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.بىلىم ئىگەللەشتىن مەقسەت دىپلوم ئېلىش ،خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ياكى پۇل تېپىشلا ئەمەس،بەلكى ھەق-نەھەقنى تۇنۇپ،ئىنسانلىقنىڭ چىن مەنىسىنى بىلىپ،تۇغرا تەلىم-تەربىيە يوللىرىنى ئىگەللەش.شۇڭا بۇيۇكلۈك ئۈچۈن ھەر دائىم ساپ دىللىق بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.

11.بىلىمى يوق،مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى ئۇقۇيالمىغان مەسخىرە قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ.كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارغا ياردىم قىلىڭ.

12.قۇلىقىڭىز ھەقىقەتنى ئاڭلاش ئۈچۈن يارتىلغان،بولمىغۇر،قۇرۇق گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالماڭ.

13.جاھاننىڭ نەرىگىلا بارماڭ سىز ئۇيغۇر قىزىسىز.سىزنىڭمۇ جاھان خەلقىگە ماختانغۇدەك ئىسىل كىيىملىرىڭىز بار،سىزنىڭ گۈزەللىگىڭىز ،لاتاپىتىڭىز پەقەت مىللى كىيىم-كېچەك بىلەنلا تېخىمۇ يارقىن نامايەن بولىدۇ.

14.ئۆزگىلەرنىڭ تەپەككۇرى بىلەن لاھىيلەنگەن مودا كىيىملەرنى كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.بەدىنىڭىز كۈرۈنۈپ تۇردىغان كىيىملارنى كىيمەڭ،يېپىشقا تېگىشلىك جايلىرىڭىزنى يېپىپ يۇرۇڭ. شۇنى ئۇنۇتماڭ ھەر قانداق نەرسە قانچە يۇشۇرۇن بولسا شۇنچە سىرلىق ۋە جەلىپكار بولىدۇ.سىز كىيىملىرىڭىزنى كۈندىن-كۈنگە قىسقارتىۋاتقاندا،سىز بىلەن بىر جىنىس بولغان ئەۋلادلىرىڭىزنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ.ھەممىسى سىزنىڭ دەۋرىڭىزدىلا قىسقىراپ كەتسە،ئۇلار قىسقارتقاننى سېلىپلا ئاتمىسۇن.

15.دوستلىرىڭىز بىلەن ئولتۇرغاندا ئېغىزىڭىزدىن ھەقىقەتنىڭ دۇردانىللىرى تۆكۈلۈپ تۇرسۇن.سۆھبىتىڭىزدىن ھەممە مەمنۇن بولسۇنكى،ھېچكىم ھەسرەتلەنمىسۇن.

16.سۇرۇنلارداكىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ،ئەيىبىنى ئاچماڭ،ئۇ تولىمۇ ئەخلاقسىزلىق.

17.سۇرۇندا باشقىلار خاتا گەپ-سۆز ياكى بولمىغۇر قىلىقلاردا بولسا،كىشىلەر يوق يەردە چىرايلىق نەسىھەت قىلىڭ ۋە ئۇنى تەسىرلەندۈرۈڭ.

18.ئۆيىڭىزدە چۇقۇم بىر كىچىك كىتاپخانا بولسۇن،ئۇنىڭدىن ئائىلە ئەزالىرنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتلەنسۇن.كىتاپخانىڭىزدىكى كىتاپلار ئۇنۋېرسال بولسۇن.نىكاھ،ئائىلە،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى ھەتتا تىببىي ساھەدىكى كىتاپلارمۇ بولسۇن.كىتاپخانىڭىزدا تارىخقا دائىر كىتاپلارنىڭ بولماسلىقى كىتاپخانىنىڭ چوڭ كەمچىللىگىدۇر.مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر كىتاپخانىنىڭ ئۆزگىچە گۈلىدۇر.

19.كوچىدا ئورۇنسىز لاغايلاپ يۈرمەڭ،بۇ ئۆيگە بېكىنۋېلىڭ دىگىنىم ئەمەس.سىزنىڭ بارلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە بايلىق ۋە شەرەپ،مىللەتكە نىسبەتەن پەخىر ۋە ئابروي.سىز ئۆزىڭىزنىڭ غۇنچە،قىزىل گۈل دەك سۈپەتلىندىغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.كوچىدا ماڭسىڭىز ئۇياق-بۇياققا تولا قارىماڭ،قاقاقلاپ كۈلمەڭ،بىر نەسە يەپ ماڭماڭ،سېغىز چاينىماڭ.بۇ سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.كىشىلەرگە نۇمۇس تۇيغۇسى يوق ئادەمدەك تەسىر بىرىپ قويىسىز.

20.ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىىڭ.

21.ۋاقىت كۆز قارشىنى تىكلەڭ.

22.نەسەب جەھەتتىن سىزگە يېقىن بولغان بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرۇڭ.پۇلى بارغا بىر خىل،پۇلى يوققا يەنە بىر خىل قاراشتىن ھەزەر قىلىڭ.

23كوچىلاردىكى بىكار تەلەپ،ناچار ئادەملەرنى كۈرۈپ مەيۈسلەنمەڭ،جاھان بۇزۇلۇپتۇ دەپ ئارقىغا چېكىنمەڭ،تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ.ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئادەم ،ئۇلارمۇ ھاياتقا ئاران بىر قېتىم كېلىدۇ.

24.ئۆزىڭىزدە مېھرىبانلىقنى يېتىلدۈرۈڭ،ھەتتا ئۇچار قۇش،جان-جانىۋارلارغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ،تەبەئەتنىڭ بىزدە ھەققى كۆپ.

25.ئاتا-ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ،ئۇلارنىڭ سىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئېسىڭىزدىن زادىلا چىقارماڭ.ئانىڭىزغا كۆپرەك ھەمكارلىشىڭ،شۇندىلا سىز كەلگۈسىدە بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشقا مەلۇم ئاساس سالالايسىز.

26.ھۇرۇنلۇقتىن ھەزەر ئەيلەڭ،ئىشچانلىقىڭىز ئىش-ھەركىتىڭىزدە ئىپادىلەنسۇن،ھەممە يىرىڭىزدىن پاكىزلىق تۈكۈلۈپ تۇرسۇن.

27.كۈلۈمسىرەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ،ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ باشقىلارنىڭ سىزنى ياخشى كۈرۈشىگە سەۋەپ بۇلۇپ قالىدۇ.

28.ھەرگىز ئاچچىقلانماڭ.بۇ ھېچكىمگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.

ئاپتور:ئابدۇل ئەزىز ئەلى.

. سېنى شۇنچىۋالا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17650
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4805
تۆھپە نۇمۇرى: 282
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2010-11-15
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 08:14:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا مەن بۇ تېمىنى خاتا ئېچىپتىمەن.....  چاق چاق   جاپا چىكىپسىز قىزلار بىر كۆرۈپ قويسا بولغۇدەك ...

جۇدالىق ئەزگەندە مىسكىن دىلىمنى، دەرىت تۆكتۈم پايانسىز تاغۇ-دەرياغا. ۋولقاندەك ئۆرتەندى يۈرۈگۈم گويا، دەرغەزەپ بولدۇممەن رەزىل دۇنياغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11018
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5525
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 2909 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 08:17:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلار بۇنى كۇندە ئوقۇپ تۇرۇڭلار.ياخشى تىما ئىكەن،رەھمەت [s:166]

ئاڭلىساڭ تىڭشايسەن يۈرەك نىداسى
كۆرىسەن كۆزۈمدىن سۆيگۈئىزناسى
كۆرىمەن سىنىڭدىن كۈلكە سىماسى
قەلبىمدە تولايمەن سۆيگۈ نىداسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22179
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2011-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 08:42:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى  ياخشى يىزىپ سىز!   كۆپ جاپاچىكىپسىىز قىزلىرىمىزنى  توردا ئويۇن ئوينىماي مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى كۆرسىكەن،دىگەن ئۇمۇددە مەن.رەخمەت سىزگە  [s:132]  [s:166]

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20579
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2011-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 08:42:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە،بىز بىلۋالغۇدەك ئىشلاركەن
مۇشۇ تىمىڭىزدا دىگەن ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى مەندە بولغان بولسا  ھە.... [s:130]  [s:130]  [s:130]  [s:137]  [s:137]

قىزلىرمىزغا تىلەيمەن ھايا` ئوغۇللاردىن كۈتىمەن ۋاپا

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8536
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 3353 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 08:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېمىكەن،بىلىۋالدىم.رەھمەت سىزگە.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

ۋىجدانسىزنى ھاي

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23453
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5447
تۆھپە نۇمۇرى: 281
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 08:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىھەت ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق

قېنى  بۇ قىزلار

بىر ھەقىقى دوست دىگەن بۇرنىڭغا بىر مۇش ئېتىپ تۇرۇپمۇ سىنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ                                           ____       ئوقياچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24766
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5321
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 2215 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 09:02:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىھەتنى ئوبدان ئاڭلاڭلار ھە!

تەدبىرىڭ قانداق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18574
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6248
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2091 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2011-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 09:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى  ياخشى يىزىپ سىز!   كۆپ جاپا چىكىپسىىز 。

ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق، كەتتىمۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق. شۇئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل، ۋەياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10438
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15329
تۆھپە نۇمۇرى: 323
توردا: 1661 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2011-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 09:22:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، ھەممىنى ئوقۇپ چىقتىم ، بىز قىزلارغا تەبىيۋى-ئەھمىيىتى چوڭ نەسىھەتلەركەن،  ھەر بىر قىزلار مۇشۇنڭدەك بولساق ئۇ چاغدا جاھان قانچىلىك گۈزەل بوپ كىتەتتى ھە، ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلساپ دىققەت قىلساق بولغىدەك~

بۇگۈن ماڭمىسىڭىز ،ئەتە يۈگۈرەيسىز.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش