مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1709|ئىنكاس: 19

چۆلگۈلىنىڭ ، خانىم - قىزلارغا ..... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1993
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34202
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 3625 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 07:24:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەمكىن، ئالىيجاناپ، روھلۇق كۆرۈنەي دېسىڭىز شارائىتقا قاراپ كىيىنىڭ.
خىزمەت ئورنىدا
خىزمەتچى بولسىڭىز ئىش ئورنىڭىزدا چوقۇم خىزمەت كىيىمى كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۈرۇڭ. ئەگەر خىزمەت كىيىمى يوق بولسا، ئامال بار چوڭ سۈپەترەڭ (ياقىلىق، سىدام)كىيىملەرنى كىيىڭ. ئالاھىدە ئوچۇق رەڭلىك، پەۋقۇلئاددە كەڭ ياكى تار كىيىملەرنى كىيمەڭ. ئېڭىشسە مەيدىسى، قولنى كۆتۈرسە قولتۇقى ئېچىلىپ قالىدىغان يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىڭ.
چاچ پاسونىڭىزنى ھەررەڭ – سەررەڭ قىلىپ ياسىتىۋالماڭ. چېچىڭىزنى چۇرۇق ھالەتتە قويۇپ بېرىپ، خىزمەت ئورنىڭىزغا بېرىشتىن ساقلىنىڭ. ھېچ بولمىسا رەتلىك تاراپ چاچ قىسقۇچ ياكى چاچ بوغقۇچ بىلەن بوغۇپ يۈرۈڭ.
ئىش ئورنىڭىزدا ھەددىدىن زىيادە چوڭ ياكى چاكىنا زىبۇ – زىننەتلەرنى تاقىۋالماڭ. بولۇپمۇ قۇلىقىڭىزغا ساڭگىلايدىغان ھالقا سېلىپ يۈرمەڭ. ھەممە بارمىقىڭىزغا ئۈزۈك سېلىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ.
بازارغا چىققاندا
ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئازادە كىيىملەرنى كىيىڭ. كىيگەن كىيمىڭىز تار ھەم قىسقا بولمىسۇن، بەك چاكىنا پاسۇنلۇق كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقماڭ. كىيىمىڭىز بىلەن سومكىڭىز ماسلاشقان بولسۇن. سىرتقا چىققاندا ئامال بار نورمال پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيىڭ، پەۋقۇلئادە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن بازارغا چىقىپ، يېرىم يولغا كېلىپلا مېڭىش شەكلىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ. چېچىڭىزنىڭ شەكلىنى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسۇندا ياسىۋېلىڭ، بىراق چۇۋۇق قويۇپ بەرمەڭ. ئامال بار ئىگىز تۈرۈۋېلىڭ، كېيگەن كىيىمىڭىزنىڭ پاسۇنى بىلەن چاچ پاسۇنىڭىز ماسلاشقان بولسۇن. گىرىمنىمۇ نورمال قىلىڭ. زىننەت بۇيۇملىرىڭىز ئاددىيراق بولسۇن، كەيپىياتىڭىز جۇشقۇن، تېتىك كۆرۈنسىز. يول ماڭغاندا بەك تېز ماڭماڭ، كۆزلىرىڭىزنى ھەممە ياققا تەڭ يۈگۈرتمەڭ، يولدا بىر نەرسىلەرنى يەپ مېڭىشتىن ساقلىنىڭ.
زىياپەت سورۇنلىرىغا بارغاندا
سورۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ (ئەگەر ئەر – ئايال بىللە بارىدىغان سورۇن بولسا) كۆركەم، كەڭ – كۈشادە، پاسۇنلۇق، رەڭلىك، ئۆزگىچىلىككە ئىگە كىيىملەرنى كىيىڭ. (ئەگەر سىز ساھىبخان بولسىڭىز باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان رەڭلىك، جۇلالىق، نېپىز رەختلەردىن تىكىلگەن ئۇزۇن مۇراسىم كۆڭلىكى كىيىڭ. كۆڭلەك بىلەن ئىچ كۆڭلەكنىڭ رەڭگى ماسلاشسۇن). ئامال بار ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىم كىيىڭ. ئاياق كىيىم بىلەن پايپاقنىڭ ۋە كىيىمنىڭ رەڭگى ماسلاشقان بولسۇن. چاچ پاسۇنىڭىزنىمۇ ئەڭ چىرايلىق پاسۇندا، كىيگەن كىيىمىڭىزنىڭ ياقا ئويانجىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسىتىڭ. گىرىمنى ئادەتتىكىدىن سەل قېنىقراق قىلىڭ. ئەگەر كەچلىك زىياپەت بولسا، پارقىراق، كۆركەم، چىرايلىق زىبۇ – زىننەتلەرنى تاقاڭ. ئالتۇن بۇيۇملارنى تاقىۋالماڭ. كىيمىڭىزنىڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېرىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك بۇلاپكا قىستۇرۇۋېلىڭ. چېچىڭىزغىمۇ ياقۇتلۇق، پارقىراق چاچ بوغقۇچ قىسىڭ. سورۇندا باشقىلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە زەن سېلىپ قارىماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ كىيىملىرىڭىزنىمۇ تولا تۈزەشتۈرۈپ كۆز – كۆز قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ.
چوڭلار ، پېشقەدەملەر يىغىلغان سورۇندا
چوڭلار قاتناشقان توي – تۆكۈن ۋە باشقا مېھماندارچىلىقلارغا (ئۆيدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشلارغا)بارسىڭىز ئامال بار مىللىيچە ئەنئەنىۋى كىيملەرنى، چوڭلار ياقتۇرىدىغان ئۇزۇن، پۈتۈن كىيىملەرنى كىيىڭ. چوڭلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇلارغا ماس ھالدا ئامال بار بېشىڭىزغا ياغلىق ياكى شارپا ئارتىۋېلىڭ. ئالتۇن زىبۇ – زىننەتلىرىڭىزنى نا مۇشۇنداق سورۇنلاردا تاقىسىڭىز ماس كېلىدۇ. گىرىمنى مۇۋاپىق قىلىڭ، ئەمما بۇنداق سورۇندا ئارتۇق گەپ قىلماڭ. چوڭلاردىن ھەرگىز گەپ تارتىۋالماڭ. سورۇن ئاخىرلاشقىچە ئامال بار سورۇندىن ئايرىلماڭ.
يۇقىرىقلارغا دىققەت قىلالسىڭىزلا، باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئىززەت – ھۆرمىتىڭىزنى چوقۇم ساقلاپ قالالايسىز.





‹‹پەن ۋە تۇرمۇش››ژورنىلىدىن ئېلىندى


ۋىجدانسىزنى ھاي

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23453
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5447
تۆھپە نۇمۇرى: 281
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 07:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق قىلالىساڭلار  بەش بولۇش ئەمەس...  100 بولۇشقىمۇ چۈشىسىلەر....

بىر ھەقىقى دوست دىگەن بۇرنىڭغا بىر مۇش ئېتىپ تۇرۇپمۇ سىنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ                                           ____       ئوقياچى

تەدبىرىڭ قانداق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1742
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7105
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 2132 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 07:33:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تەكلىپ ئىكەن، بىزگە بەكمۇ ماس كېلىدىكەن، مەنغۇ ئادەتتە مۇشۇنداق ئىشلارغا خېلى دىققەت قىلاتتىم، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قىلسام بولغىدەك، رەھمەت سىزگە...

تەدبىرىڭ قانداق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18574
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6248
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2091 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2011-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 07:34:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىزمەتچى بولسىڭىز ئىش ئورنىڭىزدا چوقۇم خىزمەت كىيىمى كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۈرۇڭ. ئەگەر خىزمەت كىيىمى يوق بولسا، ئامال بار چوڭ سۈپەترەڭ (ياقىلىق، سىدام)كىيىملەرنى كىيىڭ. ئالاھىدە ئوچۇق رەڭلىك، پەۋقۇلئاددە كەڭ ياكى تار كىيىملەرنى كىيمەڭ. ئېڭىشسە مەيدىسى، قولنى كۆتۈرسە قولتۇقى ئېچىلىپ قالىدىغان يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىڭ.
قاچان كىم دەركىن دەپ تۇراتتىم .

ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق، كەتتىمۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق. شۇئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل، ۋەياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

تەدبىرىڭ قانداق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18574
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6248
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2091 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2011-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 07:35:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىمۇ مۇشۇ ئەھۋاللار بەك ئىغىرلاپ كەتكەن.تېما ئىگىسىگە رەخمەت.

ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق، كەتتىمۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق. شۇئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل، ۋەياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

كۈنلىرىم قىممىت

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16384
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6308
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 08:05:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىز گە  ھەقىقەتەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۇغۇل قىز لىرمىزنىڭ  ئۈگنىۋىلىشقا  تىگىشكىك قاىدە ئېكەن   [s:132]

ئالدىراپ كۈلمىگىن تەڭشەپ قۇيىدۇ، دەرد ـ ئەلەم كۈزۈڭنى ياشلاپ قۇيىدۇ . ئۇنۇتما ، بىرگە بىر تەڭشەلگەن جاھان ، نامەرتلەر سىنىمۇ ئالداپ قۇيىدۇ .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 1318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2244
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 08:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تەكلىپنى مەن قوبۇل قىلدىم ...................... [s:166]

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5803
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5637
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 3981 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 08:34:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياحشى يىزىپسىز  ،ياحشى تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن

بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس ،بىر يامانلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6892
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5343
تۆھپە نۇمۇرى: 269
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 09:50:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خانىم قىزلارغا تەكلىپ بەرسە ...ئەپەندىلەر  بىزمۇ كىرىۋالدۇققۇ ئەمدى.

size=7]ئاغزىڭنى يۇم!ئاچساڭ ھەقنى سۆزلە!!

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17400
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5798 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-22 10:06:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنىڭدىن كېيىن كەمكۇستىلىرىمنى تۈزەتسەم بولىدىكەن،كۆپ رەھمەت.....ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي..... [s:166]  [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش