كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ باشلانغۇچ قىسمىدىن ئىككى پارچە يوللىغان ئىدىم، ئەمما ئاچچىق تەنە ۋە سېسىق گەپلەر مېنى قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھ تائالا بەرگەن ئەقىل ئۈسىتىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇلار كۈندىلىك خاتىرە دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇخمايتتى. بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك خاتىرە دېگەننى ئاشكارىلىشىنىڭ قانچلىك تەسلىكىنىمۇ ئۇخمايتتى. گەرچە مەن تاللاپ، تەھرىرلەپ، قسىمەن ئەدەبىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئاساسىدىكى كۈندىلىك خاتىرەمنى ئېلان قىلغان بولساممۇ، ئۇلاردىكى مەزمۇنلار تۇرمۇشۇمنىڭ ھەممە ساھەسى ئەمەس، مەن كۈندىلىك خاتىرىگە جىق مەزمۇنلارنى يازغان، سەبىي قەلىبپتىن ئورغۇغان ھەقىقىي بالىلارچە ھېسلارنى يازغان ئىدىم. تورداشلارنىڭ ئوخشاش بالىلىق ھېسياتى بولسا بايان قىلىشىنى ، بولمىسا زەھەرلىك نەشتەر سانجىماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۈندىلىك خاتىرىگە ئاز - تولا چۈشەنچە بېرەي:
كۈندىلىك خاتىرە دېگەن مەلۇم بىر شەخسنىڭ كۈندىلىك ئىش- پائالىيەتلىرى، ئەسلىمىلىرى ۋە ئەتراپىدا ئۇچراتقان سىياسى، ئىجتىمائىي مەسلىلەر، تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە قىسمەن ھايات ھېكمەتلىرى بايان قىلىنىدۇ، بەزىدە كۈندە يېزىلىدۇ، بەزىدە ھەپتىدە بىر، بەزىدە ئايدا بېرەر قېتىم... ئۇنىڭ مۇقىم قېلىپى ۋە شەكلى بولمايدۇ، نەسرىي شەكىلدە يېزىش ئاساس، قىسمەن شېئىرىي شەكلىدە يازسىمۇ بولىدۇ. ھەربىر پارچە كۈندىلىك خاتىرە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاخىرىغا يىل- ئاي - كۈن يېزىلىدۇ ( مۇشۇ يەردە تاماملىنىدۇ ) . يىل- ئاي - كۈن ئاخىرىغا ( ) تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان مەزمۇنلار شۇ بىر پارچە كۈندىلىك خاتىرىگە بولغان ھازىرقى باسقۇچتا يېزىلغان ئىزاھ، چۈشەندۈرۈش ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشتە يېزىلغان ئەمەس .
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈندىلىك خاتىرەمگە بۇنداق چۇشەندۈرۈشلەرنى يازمايلا، بىۋاستە باشلايمەن.
1- قىسم ئادرىسى :
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-34688.0html
ئېچىۋېتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە ( 2 )
بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم، چۈنكى تولۇقسىز بىرىنسىنىپتىكى (1- يىللىق نى كۆرسىتىدۇ ) ساۋاقداشلىرىم ئىچىدە خەنزۇتىلىدا ئەڭ ناچىرى مەن. خەنزۇتىلىدىكى مەن ، سەن ، ئۇ دېگەندەك ئادەتتىكى بىر قانچە خەتكە كۆزۈم پىشىپ قالغانلىقىن ھېسابقا ئالمىغاندا ، بىر تېكىستىكى خەتلەرنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك تونۇمايتتىم. مەن پەقەت مالىمنىڭ ئوقۇغان خەتلىرىنى ئۇيغۇرچە ئاھاڭ بويىچە ئۇيغۇرچە يېزىقتا خەنزۇچە خەت ئۈستىگە يېزىپ ماڭاتتىم، چۈنكى مەن باشلانغۇچتا 3 يىل خەنزۇتىلى دەرىسى ئوقۇپ، تولۇقسىز 1- يىللىققا پىنيىنچە ساۋادىمۇ چىقماي سىنىپ ئۆرلىگەن دېھقان بالىسى. مېنىڭدەك ساۋاتسىزلا ئەتراپىمدا كۈرمىڭ. ئېسىمدە قېلىشىچە، باشلانغۇچتا سىنىپ مۇدىرىمىز مەلىكە مالىم 5 يىلغىچە ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ناخشا ( مۇزىكا، رەسىم، ھەقىقى مەنىدىكى ناخشا ئېيتىش دەرسى يوق ئىدى ) ، ئىدىيە- ئەخلاق، ئاتىزىم تەربىيسى دېگەندەك دەرسلەرنى يالغۇز بىرلا شۇ مەلىكە مالىم ئۆتەتتى. مەكتىپىمىزدە ئىككىلا خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى بار ئىدى، بىزنىڭ خەنزۇتىلى مالىمىمىز خەيرىگۇل مالىم دوسكىغا خەنزۇچە خەتلەرنى يېزىپ قويۇپ، سىنىپ ئاخىرىغا بېرىپ مويا ( پوپايكا نى كۆرسىتىدۇ ) توقۇپ ئولتۇرۇپ ، بىر خەتنى ئوقۇپ قويۇپ 10 قېتىم ئەگىشىپ ئوقۇڭلار دەيتتى. شۇنداق قىلىپ، ئائىلىدىكىلەر ساۋاتسىز بولغاچقا باشلانغۇچتا خەنزۇتىلىدىن ھېچنېمىنى ئېگەللىيەلمىدىم. ئەمما ناخشا- ئۇسۇل دېگەندە پۈتۈن مەكتەپتە مېنى تونۇمايدىغان بىرمۇ ئادەم قالمىغان ئىدى. مېنىڭ ئىسمىمنىڭ ئاخىرىغا جېكسوننى قوشۇپ چاقىراتتى . گەرچە مەكتىپىزدە گۈزەل- سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى يوق، سىنىپ مۇدىرىمىز ئۆزى يادقا بىلىدىغان قىزىل ناخشىنى 3 يىل ئۆگەتكەن بولسىمۇ، مېنىڭ سەھنىلەردە ئېيتدىغىنىم سېرىق ناخشا دەپ ئاتىلىدىغان ئەكبەر قەھرىماننىڭ ناخشىلىرى بىلەن خالىدە ئىمامنىڭ ناخشىلىرى ئىدى. ھەي، باشلانغۇچ ئەسلىمەمنى ئەسلىمەيلە، قوياي، بۈگۈنكى ئىشقا كەلسەم، بىزگە ئۆتىلىۋاتقان 7 پەن ئىچىدە ، باشقا 6 پەندە سىنىپ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكىسى مەن، ئەمما پەقەت خەنزۇتىلىدا ئاخىرقى قاتاردا ھېسابلىنىمەن. قانداقلا قىلسام تىلىم كەمەيۋاتىدۇ، ئانام ماڭا: مۇسۇلمانلارنىڭ تىلىنى ئۆگەنمەك ئاسان ، يات لارنىڭ تىلىنى ئۆگەنمەك تەس دېگەنتى، ئۇنداقتا تىلمۇ مۇسۇلمانچە تىل ۋە كاپى ر تىل دەپ ئايرىلارمۇ؟ ....
2000- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى دۈشەنبە ( تولۇقسىز 1- يىللىقتىكى ۋاقتىم )
( مائارىپنىڭ تەربىيەلىگىنى ھەممىسى ئىختىساسلىقلارئەمەس، مائارىپ بەزىدە كېرەكسىز ئەخلەتنىمۇ يېتىشتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ مىللىي يىلتىزى بوغۇلغان ۋە ياكى مىللىي تەركىبى ئاجىزلاشتۇرۇلغان مائارىپتىن يېتىشكەن بالىلار تېڭىرقاش ئىچىدە ھاياتىنى ئوربىتا رامكىسى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىمۇ بوغۇلغان بولۇپ، ئاشۇ رامكىدىن ھالقىيالمايدۇ )_ ھازىر ئويلىغۇنۇم.
بۈگۈن مەن سىنىپ باشلىقى بولدۇم، ئەگەر بىرەر خاتالىق سادىر قىلمىسام تولۇقسىز ئۈچ يىلنى پۈتتۈرگىچە سىنىپ باشلىقى بولىدىكەنمەن. مالىم ماڭا شۇنداق دېدى. ئەمدى سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى گېپىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ھەممىسىدىن چوڭ، ھەممىسىنى باشقۇرۇپ، دېگىنىمنى قىلدۇرىمەن. ئالىم دېگەن ئۆزىنى لاۋدا دەپ ماڭا چوڭ سۆزلىگەن، ئەمدى جىق تازىلىققا ئورۇنلاشتۇرىمەن، پۇرسەت بولسا مالىمغا چېقىشتۇرۇپ، ئۆچۈمنى ئېلىۋالىمەن.
2000-يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۈمە ( تولۇقسىز 1- يىللقتا ئىدىم )
( بالىلىقتىكى خىياللار ئۆزگىچە بولىدىكەن، شۇ ۋاقىتلاردا ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، سىنىپتىكى كۆزۈمگە سىغمايدىغان بالىلارنى تەكرار ۋاختىدا تىللىۋالاتتىم، مالىمغا چېقىشتۇراتتىم، قەستەن جىق تازىلىققا ئورۇنلاشتۇراتتىم. ھازىر ئويلىسام تولىمۇ بالىلارچە خىياللار ئىكەن ئۇ. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئالىدىغان، ھوقۇقىنى ناتوغرا ئىشلتىدىغان ئادەملەر خېلى بار )
بۈگۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمما پارىسىنى يادقا ئېلىپ تاماملىدىم، تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆيدە ئاكامنىڭ قاتتىق قوللۇقى ئاستىدا ئەمما پارىدىكى بارلىق سۈرىلەرنى يادقا ئېلىپ بولدۇم، ئەمدى جەننەتكە كىرىمەن. چۈنكى مەن خۇدايىم چۈشۈرگەن كىتاپنى يادقا ئالدىم، ئانامدىن ئاڭلىسام، قۇرئان ساۋادى بار، ھەمدە قۇرئان سۈرىسىنى يادقا بىلىدىغان كىشلەر، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىپ قېلىپ، جەننەتكە كىرىدىكەن. . .
مەن 6 ياش ۋاختىمدا مېنى ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە بىر داستىرخان مەزلە بىلەن ھەپتىيەك ساۋادىمنى چىقىرشقا ئەۋەتىپ بەرگەن . ئۇ يىللاردا ئاخۇن، قارىلار ئىچىدە ھەپتىيەك ساۋادىنى چىقىرىش قانۇنلۇق دەپ ئاتىلامدىكىن تاڭ، ھازىرلاردا يەر ئاستى ئوقۇتۇشى دەپ چەكلەيدىكەن، مەن 8 ياشقا كىرگەندە ھەپتىيەكنى تاماملاپ، قۇرئاننى ھېجىيلاشقا باشلىغان ئىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بىزنىڭ خەلپەت ( ھەپتىيەك ساۋادىنى چىقىرىدىغان كىچىك قارىمنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىۋاستە ھېجىيلاش ۋە ئوقۇشنى ئۆگىتىدۇ ) بىزنى دائىم ئۇزۇن قامچىسى بىلەن ئۇراتتى. بىز قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقىدا مەش قويمىغان سوغۇق بىر ئۆيدە تىترەپ ئولتۇرۇپ ، 70، 80 بالا ساۋات چىقىراتتۇق، چۈش بولغاندا قوينىمىزدىكى نېنىمىزنى يەپ، چۈشتىن باشلاپ ئاپتاپقا چىقىپ ئوقۇيتتۇق. ئەمما كۈرەش، شىرئەلىي ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇنداق ئوقۇيدىغان يەرلەرنى توختىتىۋەتتى. ھەم يەر ئاستى دىنىي ئوقۇتۇش بازىسى دەپ تۇتىدىغان بولىۋالدى، ھازىر نەرۋە ئىنىمغا ئۆگۈتەيلى دەپ ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە بارساق، ئاخۇنۇمنى يەرئاستى دىنىي ئوقۇتۇش بازىسى ئاچقان دەپ تۇتۇۋاپتۇدەك، ئاڭلىسام ئەمدى تۈرمىدىن چىقماسمىش. ئوڭلۇق ئادەمتى. توۋۋا، ھۆكۈمەت دېگەن غەلىتىكەن، ئانام ھۆكۈمەتنىڭ ساقىلى يوق دەيتتى، راس ئوخشايدۇ، بىر كەملەردە قانۇنلۇق ھېسابلانغان ياكى رۇخسەت قىلىنغان ئىش، يەنە بىر كەملەردە قانۇنسىز ھېسابلىنىدىكەن. توۋۋا
2001- يىل 2- ئاينىڭ 11- كۈنى يەكشەنبە
( مەن ئوقۇغان يىللادا ، 1990- يىلللار، تەتىل ۋاقىتلىرىدا ھەپتىيەك ساۋادىنى چىقارساق بولاتتى. ھېچكىمنىڭ كارى بولمايتتى. ئەمما 1999- يىلدىكى كۈرەش ، شىرئەلىي باشچىلىقىدىكى تىرورلۇق ۋەقەسدىن كېيىنلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلدە دىندا ئوقۇشى چەكلەندى ۋە مەسچىتكە كېرىشىگىمۇ چەك قويۇلدى. سېلىنىۋاتقان مەسچىتلەر سېلىشتىن توختىلىپ، مەسچىتلەرنى سالغاندا نەقىش ئويۇش چەكلىنىپ، سىداملا ئاق رەڭدە سېلىش، ياغاچلارغا ۋە ئىشكلەرگە نەقىش ئويۇشقا، ئىشكلەرنى ھەرخىل رەڭدە سىرلاشقا چەك قويۇلدى. تىرورلۇق بىزنىڭ ئەسلى بار بولغان ھوقۇقىمىزنى كىچىكلىتىپ، بىزنىڭ ياشاش ئىمكانىيتىمىزنى كىچىكلىتىپ، يوللىرىمىزنى ئەتسە ئەتتىكى ، يول ئاچىمىدى، بىز تىنىچلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى خالايمىز )
بۈگۈن پۈتۈن سىنىپتىكىلەر كېۋەز تىكىشكە باردۇق، ئككى كۈن ئەمگەك قىلىپ، بەدەل پۇلىنى تاپىدىكەنمىز، 40 كوي بەدەل پۇلىنى تاپشۇرالىغانلار ئۆيىدە دەم ئالسا بولىدىكەن، ئەمما دادام ماڭا بەدەل پۇلىنى بەرمەي، بېرىپ ئىككى كۈن ئىشلە، كېۋەز تىكىش ئاسان گەپ، ئوغۇل بالا دېگەن ئىشلەپ چېنىقىدۇ دەپ مېنى ئېتىزغا ئەۋەتتى. مەنمۇ مالىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە جىتاق مەلىگە كېۋەز تىكىشكە باردىم، بەك ھېرىپ كەتتىم.ئۆيگە ھېرىپ كەلسەم، يەنە ئادەتتىكىدەكلا قويلارغا ھەلەپ ئېتىمەن، كۇپقا كۆلدىن سۇ توشۇپ تولدۇرىمەن.ئادەمنى ئېشەكتكە ئشىقا سالىدىكەن... بۈگۈنكى ئەمگەك مەيدانىدا بىر ئىش بەك قىزىق بولدى.
بىر خانىم ( ئايال ئوقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدۇ ) ئېشەكنى خىتە گۇي دەپ ھەيدىگەنتى، ماڭمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر دېھقان ئەدەم : ھاي خانىم، ئاڭلىسام، ئايال كىشى ئېشەكنى خت دىسە ،نان يەمسە قېرى دەيمىش، شۇڭا ھەيدىمىسىلە بولدى ....دېگەنتى بالىلار كۈلۈپ ، تېلىقىپ كەتتى. دېمىسىمۇ ئۇ خانىم ئېشەكنى تاياقتا ئۇرسىمۇ ماڭمىدى،. ..
لېكىن، شۇنداق ھېرىپ كەلسەم، مەلىمىزدىكى دەنشى ( تېلىۋىزور ) بار ئۆيدىكىلەر پۇلۇڭ يوقكەن دەپ كىرگۈزمىدى، بۈگۈن سۇمۇكۇڭنى ( غەرپكە ساياھەت فىلىمىنى كۆرسىتىدۇ ) قوياتتى. دادامغا پۇل بە، ئەرشىدىنخان غوجامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دەنشى كۆرۈپ كېىلمەن دېسەم شەيتاننىڭ نەرسىسىنى كۆرمە دەپ پۇل بەرمىدى، بىر موچەن بولغان بولسا، ئەرشىدىن خوجامنىڭ ئوغلى ئىشكتىن كىرگۈزەتتى.....
2001- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى پەيشەنبە )
( 2001- يىلىدىمۇ مەلىمىزگە توك ئۇمۇملاشمىغانىدى، پەقەت بىردە بېسىمى يۇقىرلاپ، بىردە تۆۋەنلەپ كېلىدىغان توك باتتى. مەلىمزدە ئەرشىدىنخان غوجام دەپ بىر غوجىلار ئەۋلادى بار ئىدى. ئۇلار باي ئىدى، شۇلارنىڭكىدە تېلىۋىزور بار ئىدى.ئۇ كىشنىڭ بالىسى پۇل ئېلىپ ئاندىن تېلىۋىزور كۆرگىلى قوياتتى. ئۆيىمىزگە تۇرۇبا ئومۇملاشمىغان ئىدى، بەزىدە كۆلدىن، بەزىدە باسما قۇدۇقى بارلارنىڭ ئۆيىدىن كۈپكە سۇ تولدۇرپ، ساقلاپ ئىچەتتۇق.
بەدەل پۇلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دائىم بايلارنىڭ ئېتىزلىرىغا بېرىپ كېۋەز تىكەتتۇق، پاختا تىرەتتۇق. بوغداي ئوراتتۇق، كۈزدە قوناق ئاقلاشقا ياردەم بېرەتتۇق. ئەمما ھازىر مائارىپىمىز ھەقسىز بولدى، مەن پەقەت 2003- يىلى تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتىكى چېغىمدىلا ئاندىن ھەقسىز مائارىپقا بىر يىل ئولاشقان ئىدىم )
كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ تولۇقسىز 1- يىللىق قىسمىدىن مۇشۇلارنىلا يوللىدىم. كېلەركى ساندا تولۇقسىز 2- يىللىقتىكى قسىمىدىن پارچە يوللايمەن. بالىلىقتىكى ساددا خاتىرىلىرىم سىزدە ئاز تولا ئوي پەيدا قىلالىسا ۋە مەلۇم ئەسلىمىلىرىڭىزنى ئەسكە سالالىسا مەن ئالەمچە بەخت ھېس قىلىمەن. كىم بىلىدۇ ، بۇ خاتىرىلەر سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا تەسىر قىلىپ قالامدۇ تېخى.
زىيالىي