مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5863|ئىنكاس: 116

يوپكام نەرىڭگە پۇتلاشتى ؟! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈزەللىكنى قەلب

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5182
يازما سانى: 3124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11652
تۆھپە نۇمۇرى: 1056
توردا: 1956 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 02:09:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئويلىسام ئويلىسام نىرۋام ئۆرلەيدۇ دىسە ! كىچىچە تىرىكىپ چىقتىم ، ئوف !!! ئۆزۇمنى توختىتىپ سىلەرگە سۆزلەپ بىرەي ...

   قوشنا يىزىغا كىلىپ ئىشلەۋاتقىنىمغا 1ئايدىن ئىشىپ قالدى . يول يىراق كىرا ھەققى يۇقىرى بولغاچقا ئىش ئورۇنۇمغا يىقىن يەردىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرىۋاتىمەن ، ئەلۋەتتە ئۆزۈم يالغۇز ئەمەس ، يىنىمدىكى گىرىم بويۇم دۇككىنىدا ئىشلەيدىغان دوستۇممۇ بار .
   بۇ ئۆينى قانچىلىك تەستە ئۆيگە ئوخشاتقىنىمنى ئويلىسام يىنىمدىكى بۇ دوستۇمنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكۈم كىلىدۇ ، ئىجارىسى ئەرزاننى ئىزدەپ ئاران تاپقان بۇ ئۆينىڭ تاپسىسىدىكى خىشلارنىمۇ ئۆزۈم يىيىتتىم .( گەرچە ئۆلچەملىك تىزالمىساممۇ ) قىشنىڭ قىشلىرىنى مۇشۇ كىچىك ئۆيىمدە ئۆتكۈزىۋاتىمەن ، دوستىمنىڭ ئىسمى ماھىرە ،ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا قول قويماي تۇرالمايمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغان كىيىملىرى ۋە ياراشتۇرۇپ قىلىۋالغان گىرىملىرى ئۇنى تىخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتەتتى .
  ئۇ كەنجە قىز بولغاچقا شۇنداق ئەركە ئىدى ، ئۆي ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالمايتتى ، ئەلۋەتتە تاماق ئىتىشنىمۇ بىلمەيتى ،  تاماق ئىتىش ، ئۆي تازلاش ، ئوت قالاش ،دىگەندەك ئىشلارنى ئىزچىل ئۆزۈم قىلىپ كىلىۋاتىمەن ،ئەلۋەتتە ئىككى ئادەمگە تاماق ئىتىش ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس ،لىكىن ئۇنىڭ تاماق پىشاي دىگەندىلا يىگىتى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىپ كىتىدىغىنى نىرۋامنى ئۆرلىتىۋىتەتتى ، شۇنچە ئىخلاس بىلەن ئەتكەن تامىقىمنى ئۆزۈم يالغۇز يىيىشنى ئويلىساملا بىئارام بولاتتىم ،لىكىن بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدىم ... گەرچە ئۇ ھورۇن بولسىمۇ مەن ئۇنىڭغا يەنىلا ئامراقتىم ، چۈنكى ئۇ شۇنداق ئاق كۆڭۈل ،شۇڭا ئۇ نىمىلا قىلسا كۆتىرىپ كەلدىم .

      تۈنىگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرسەم ،ئۇ يوقكەن ، ئۆينىڭ ھەممە يىرىگە كىيىملىرىنى چىچىپ قويوپ چىقىپ كىتىپتۇ ،ھەتتا بىشىنى يۇيغان يۈندىنىمۇ تۆكمەپتۇ ، ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتالمىدىم ، نىرۋام بەك ئۆرلىدى ، ھىلىمۇ يىنىمدا يوقكەن ،بولغان بولسا ئۇرۇپ ماخارىنى ئىزىۋىتەتتىم ، ئاچچىقىمدا كىرىشىپ كەتتىم دىسەم ئوشۇق كەتمەس .  شۇنداق تىرىكتىم ئەجەبا مەن مالايما ؟ مەنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر كۈن كەچكىچە ئىشلەيمەنغۇ ، تاماقمۇ ئەتمىسۇن ، ئاق قوللىرى بىلەن كۆمۈرمۇ تۇتمىسۇن ،ئەمدى ئۆزىنىڭ يۈندىسىنىمۇ ماڭا تۆككۈزەمدۇ دەيمەن ، ئاچچىقىمدا كىيىملىرىنىڭ ھەممىنى يۈندىغا تاشلىۋەتكۈم كەلدى .
     بولدىلا ...!  بولدى قىلىۋىتەي ! يەنە ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ،يۈندىنى تۆكۈپ كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ تاماققا قوپتۇم ، چۈشتە تەييارلاپ قويغان قىيما بىلەن كاۋا مانتا ئەتتىم ، ئۇ شۇ ۋاققىچە كەلمىدى ، ئو ۋۇ شە  نىمە كارىم ،نىم بولسا بولمامدۇ . تاماقنى يەپ بولوپ قاچامنى يۇيۇپ خۇپتەننى ئۆتەپ تىلفۇنىمدا تورغا چىقىپ ئولتادىم ، ئۇنىڭدىن يەنىلا خاتىرجەم بولالماي ،تىلفۇن قىلدىم ، تىلفۇنۇمنى ئالمىدى . ۋاي جان نىمە كارىم دەپ ئولتادىم .
      1سائەتتىن كىيىن ئۇ تىلفۇن قىپتۇ ،ئاداش بىكەتكە كىلىپ تۇرە ،قورقىمەنكەن ،بىللە كىرىپ كىتەيلى دىدى.
چاپىنىمنى كىيىپلا چىقتىم ، بالدۇر چىقىۋالغان ئوخشايمەن 10مىنوتلاردىن كىيىن ئۇلار كەلدى ، 3قىز 2 ئوغۇلكەن .
_ ھەي ! چىمچىلاق ! چىقتىڭما ئاداش ! ئۇ يىراقتىن شۇنداق دەپ ئەركىلەپلا كەلدى .
_  ھە !
10مىتىر ماڭا ماڭمايلا ،ماڭا قاراپ ،ھەي بولومسىز قارا نىمىلەرنى كىيىۋالدىڭ ، ئادەمنى نۇمۇس قىلدۇرۇپ !
_ نىمە كىيگەندەك تۇرىمەن ئۇكام ! شۇ كۈندە كىيىۋاتقىنىمنى كىيدىمغۇ .
_ ئۆيدىغۇ كىي بۇ شارا _بارانى ئەمدى سىرىتقىمۇ مۇشۇنى كىيىپ چىقامسە ؟؟
_ سىنى سىرىتتا بۆرە يەپ كەتمىسۇن دەپ پالاقشىپ چىقىپتىمەن شۇ !   شۇنداق دەپلا غۇژژىدە ئاچچىغىم كەلدى ، ھەي !  كىيسەم نىمە بوپتۇ ،بىريەردە بىرى كوچىغا ئۇزۇن يوپكا بىلەن ياغلىق تىڭىپ چىقسا باژ ئالىدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش چاپلاپ قوياپتىما ؟؟؟
خەق نىم دىسە دىمەمدۇ ، بۇ كىچىدە سىرىتتا يۈرگەنلەرمۇ قانچىلىك نىمىلەر دەيسە ، بىرنىم دىسىمۇ ئۆزەمگە ئىلىپ كەتمەيمەن قارا ، ئىشقىلىپ شۇ تۈن كىپىنەكلىرىدىن ياخشىراق تۇرىدۇ ...
_ ۋىيى ،مانىڭ گىپىنى قارا ؟؟؟  ماڭا قارىتىپ دىگەنلىرما بۇ ؟؟
_ كاللاڭ بولسا دەپ بەرمىسەممۇ چۈشىنەرسەن ؟؟ شۇنداق دەپ قويۇپلا ئالدىدا ئىتتىك ئىتتىك دەسسەپ ماڭدىم .
_ كىچىدە تالاغا چىقسام نەرىڭگە پۇتلاشتىم ؟ ئۇ كوچىدا ۋارقىراپلا كەتتى .
_ ۋاي كانىيىڭنى بوشراق چالە ۋا ئاداش ، سىنىڭ كانەي چاغىنىڭنى كۆتىرىدىغان ئادەم يوق بۇ يەردە ، ئەمسە مىنىڭ يوپكام سىنىڭ نەرىڭگە پۇتلاشتى ، نىمە كىيسەم سىنىڭ نىمە كارىڭ ! مىنىڭ كىيىنىشىمگە كۆڭۈل بۆلمەي ،ئۇۋاڭغا بالدۇرراق قايتىشنى بىلە !
كۈندە يىرىم كىچىدە ئىشىك قىقىپ ،قوشنىلارنىڭ ئالدىدا نۇمۇسمۇ قىلمايدىغان بىرنىمىكەنسەن !
ۋاييەي ئەسكى ئۆيىڭگە كىرگىنىمگە خوش بولە ! مەنمۇ ئاشىق ئەمەس !
بولدى بۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئەسكى تاملىقىڭدا ئۆزەڭ يات ! مەنمۇ ياتمايمەن، ھالىنى بۇ پاسكىنىنىڭ !

بۇ گەپ ئۇستىخىنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى ...
__  ھەي  نامازشام خوتۇنى ، ھالىڭغا باقماي ئۆي ياراتمىغىدەك بوپ قالدىڭما ، شۇنچىلىك ئۆينىڭ چىققىنىغا خوش بولە !  پاسكىنا دەپ كەتكىننى ، ۋاي ، چىنتاشدەك پاكىز خىنىم ،بۇ تۇرىقىڭدىچۇ ئايرىم تۇرساڭ ئەخلەت ئارىسىدىن نان ئىلغاپ يەتتىڭا ۋا ! گەپ قىلمىسا دەۋاتقان گىپىنى بۇ يۈزسىز ،شور گەدەننىڭ !  
كۆزۈن يۈنۇلدى ئاغىزىم ئىچىلدى ، تىللاپ قالدىم بۇنى ، ئىشقىلىپ بىرەر مىڭ كويلوق تىللاپ بولغانمەن .
ماڭە ۋاي ،يۈزى نىپىز چىچەن پاكىز . كوچىدا ۋارقىراشماي ئۆيگە كىرىپ دىيىشىلى !
_ ئەسكى تىمىڭغا ئۆزەڭ كەت ،ئەمدى مەن تۇرمايمەن ئۇ ئۆيۈڭدە !
_ ۋاي خىنىم سىنىمۇ مەن تۇر دەپ ئىسىلىۋالمايمەن ، بۇگۈن بىر كۈن قوندۇرىۋالاي ،تاڭ ئاتقاندا نەگە بارساڭ بارمامسەن . نەدە كۆتۈرۈپ يۈرەي دوستى كىچىدە سىرىتتا قاپتۇ دىگەن گەپنى !!!

شۇنداق قىلىپ بىز ئايرىم تۇرىدىغان بولدۇق ، نىمىشقىكىن بىر يەرلىرىمدىن ئۇنىڭغا چىدىمايتىم ، بەلكىم ھازىر كۆچۈپ چىقىپ كەتكەندۇ ، بىقر يوپكىنى دەپ دوستۇمنى قوغلىۋەتتىم دىسە ، نىمانچە ئەسكى نىمە مەن !  /i]

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
guzal_atux + 20 سەۋەپ  يوق ...........

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

قىزلاردا نازاكەت تۇگىسە، ئوغۇللاردا جاسارەت تۇگەيدۇ...!

كۈتكەن كۈنلەر ، كەلگەندەك ئەمە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8241
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 6615 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 03:44:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي كۈلقىز ئاۋۇ دوستىڭىز نىمانداق بىشەم ، سىزنى شۇنداقمۇ بوزەك قىلامدۇ ؟ چىدىمىغۇدەك نەرى بار ئۇ دوستىڭىزنىڭ ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بەكلا ئاقكەن جۇمۇ.

ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خۇش قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4638
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30819
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 3132 سائەت
تىزىم: 2010-7-24
ئاخىرقى: 2013-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 03:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي..بۇ كۈندىلىك خاتىرە يازدىغان يەر ئەمەس....خاتا يوللاپ قۇيدىڭىزمۇ يا ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20112
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7271
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 03:50:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىلى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا ئىشلارغا سۆز قىلغىلى بولىدۇ بولمىسا بىر كىشىنىڭ
سۆزىنى ئاڭلاپلا ھۆكۈم قىلىش ئەخمەقلىق.
ئىشقىلىپ ئۇرۇشماي ياخشى ئۆتۈڭلار.

ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق،ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز!

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15709
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 03:51:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز نىمانچە قىزىق گەپ قىلىسىز،ھا،ھا ھا،دوستىڭىز ھامان بىركۈنى سىزنىڭ سەمىمىي كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ قالىدۇ.كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ!پەقەت بىرەر پارچە خەت يېزىپ ئويلىغانلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭ............مۇشۇنىڭدا ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشىسىز......... [s:173]  [s:139]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

قەدىرلە.قەدرىڭن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 03:52:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىززىق جۇمۇ،كۇلقىز،ئىنكاسلىرىڭىزمۇ،تېمىللىرىڭىزمۇ. تېخىمۇ تىرىشىڭ.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

ئاللاھتىن ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23302
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11882
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 03:58:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭغا نىمە دەيمەن ؟سىزنى ماختاپ ئۇنى تىللايمۇ؟ ئۇنداق قىلاي دىسەم ئۇمۇ ئۇيغۇر ئىكەن ....
ئۇرشمايمۇ ئىشنى ھەل قىلغلى بولتتىغۇ؟ سىز ئەمەس بەلكىم ئۇنىڭمۇ كوڭلى يېرىمدۇ؟ئەگەر ئۇ باك ئەسكى بولغان بولسا بۇنچلىك تارتشمىغان بولتىڭىز غۇ دەيمەن چاۋاك ئىككى قولدىن چىقدۇ
ھايا -ئىمانىڭ جۇملسىدىندۇر  .ئىمان جەنەتكە مەنسۇپتۇر .ئەدەپسىز سوز قوپالىقتۇر ،قوپاللىق دوزاققا مەنسۇپتۇر....
باشقا يۇرتتا ،ھەم 2 لار قىز بالا بولغانكى ئىتپاقلشىپ ياخشى ئوتكەن بولساڭلارچۇ؟

ئادەمنىڭ روھى چۇشسە ئۇنىڭ ئېتىمۇ چاپالمايدۇ......چىڭگزخان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23502
يازما سانى: 1178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9261
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 04:00:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھامان بىر كۇنى دوستىڭىز سىزنى چۇشۇنۇپ قالىدۇ ،،،،،،،،،

كۇلگەنلەر كۇلىۋەمەيدۇ،يىغلىغانلار يىغلاۋەرمەيدۇ . بۇدىگەن ئۆتنە جاھان .

كۈنسىر ئالغا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 1474
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 33297
تۆھپە نۇمۇرى: 714
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 04:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خى ....خى ...سىزنى توردا دائىم كۆرۇپ تۇرىمىغان بولسام مەن بىلەن بىر ياتاقتىكى دوستۇمىكىن دەپ قالاتتىم ،دوستۇم ئىككمىزمۇ ئىككى خانىش ئايىم دەستىدە تاس قالدۇق ياتاقنى تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كەتكلى
چېچلىغاننىڭ پايدىسى يوق ئۇنداق ئەقىلسىز قىزلارغا ،
كىچە -كىچلەر سېرتلادا يۈرگىنى يۈرگەن
چىقىرۋېتىپ ياخشى قىپسىز ،ئۇنداق ئىمانسىزلار بىلەن بىرگە يېتىش قىيىن ،دەردىمىز ئوخشاشكەن ھە
جاق تويدۇم ياتاقلىق تۇرمۇشقا ھەي

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭقانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20112
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7271
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 04:07:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8-قەۋەت (kapsizkiz) نىڭ يازمىسىغا

كەپسىزخان......بىر كىشىنى ئالدىراپ ئىمانسىز-ئىمانلىق دەپ تون پىچماڭ.
سىزنىڭ غەيۋەت قىلغىنىڭزنى نېمە دەيمىز؟
غەيۋەت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار .

ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق،ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش