مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2489|ئىنكاس: 25

شاڭخەي.ئۇيغۇر.خوتەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 01:51:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شاڭخەي.ئۇيغۇر.خوتەن


ئابدۇلھەمىد ياسىن


1.ئايرودۇرۇمدا


   نېمىسىنى ئېيتىسىز، مەن ئۆزەم يىراق سەھرادىن كەلـگەن بولغاچقا، تەپەككۇر ئۇسۇلۇم ۋە ئادەتلىرىمدە سەھرا پۇرىقى بولماي نېمە بولماقچىدى!سەھرادىكى ئاشۇ ساددا ئويلىرىم، غايىۋى خىياللىرىم، يېزىلاردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان كەچمىشلىرىم بىلەن دونيا سانائىتى ۋە مەدەنىيتىنىڭ ئۆرنەكلىردىن بىرى بولمىش بۇ شەھەرگە توككىدە چۈشۈپ قالسام، قىزىق-قىزىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى، ساددا ئويۇمنى ھەيرانلىق ۋە ئىزتىراپنىڭ قايمۇقتۇرىشى، قاياققىلا قارىسىڭىز سەنئەت پۇرىغى چىقىپ تۇرىغان كوچىلىرى، سەمىمىيەت بىلەن تويۇنغان تۇرمۇش ئادىتى، مەن ۋە مەنداشلاردىكى بوشلۇقلارنى ئايان قىلىپ ئۆزىنىڭ سېھرىي ھىكمەت بىلەن تولغان چوڭقۇر بەھرىگە سۆرەيدىغانلىقى  تۇرغانلا گەپتە، بۇنىڭ مىسالى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئايرودۇرۇمدا يۈز بەرگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي:

    <<نىكاھنى مەن بىلەن ئوقۇغاندىن كېيىن مېنىڭ ئۆيۈمگە بارماي نەگە بارىدۇ؟>> دېگەندەك، بېلەتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن مېنى ئالماي ماڭمايدۇ، دەپ ئويلىدىممۇ، ياكى ئايرودۇرۇمغا ئۇزىتىپ چىققىلى ھېچكىمىم يوق غېرىپلىقتا غەپلەت بېسىپ قالدىمۇ، ئايروپىلانغا ئالتە مىنۇت كېچىكىپ قاپتىمەن. ئايرودۇرۇمدا تۇرۇپلا قالدىم. كاساپەت مېنى ئالماي ئۇچۇپ كېتىۋېرىپتۇ ئەمەسمۇ، ئامالسىز ئۈچ كۈن كېچىكىپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا تىزىملىتىپ قويۇپ يېنىپ كەلدىم.بۇنى ئۇققان ئاپتونۇم رايۇنلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ <<كىچىكىپ قالدىڭىز، تېز يولغا چىقىڭ>>دېگەن بۇيرۇقى، ئىككى دوستۇمنىڭ <<سەن بۆگۈنمۇ ماڭالمىغۇدەكسەن، ئەمدى بىرگە چىقىپ ئوزۇتۇپ قويىمىز>>دەپ سەمىمىي ياردەم قىلىشى بىلەن ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاپ، ئاخىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم، كۆك قەھرىگە كۆتۈرۈلۈپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرىگىمنى تۇتقان ھالدا تۆت سائەت ئۇچۇپ شەھرى شاڭخەي ئايرودۇرۇمىغا چۈشتۇق.ماڭا ئوخشاشلا كېچىككەن بىر سەپەردىشىمغا يۈك-تاقلارنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئەڭ يامان بۇيرۇقلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ھاجەتخانىغا يۈگۈردۇم.ھاجەت راۋا بولغاندىن كېيىن قولۇمنى يۇيۇش ئۈچۈن جۆمەكنىڭ يېنىغا كەلدىم، كەلدىميۇ، ھاڭ-تاڭ بولۇپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى پاك-پاكىزە قول يۇيۇش دېسىنىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپ تۇرغان پارقىراق تۆمۈر شىلانكىنىڭ نە بۇرايدىغان يېرى، نە سۇنى چۈشۈرىدىغان بىرەر بۇرمىسى كۆرۈنمەيتتى.جۆمەكنى تۇتۇپ سىلكىپ باقتىم، قايرىپ، بۇراپ باقتىم ئەمما بىر تېمىممۇ سۇ چۈشمەيدۇ.قانداق ئىش بولغىيدى بۇ، دەپ خۇددى ئۆگزىدىكى پىچانغا بويى يەتمىگەن كالىدەك گۆشىيىپ تۇرۇپ قالدىم. دەل شۇچاغدا مېنى كۈزىتىپ تۇرغانمۇ، ساقاللىق بىر چەتئەللىك كېلىپ قولىنى ھېلىقى جۈمەكنىڭ ئاغزىغا تەڭلىۋىدى، جۆمەكتىن سۈزۈك سۇ چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ. ھېلىقى چەتئەللىك ماڭا قايرىلىپ كۈلدى ۋە مۆرىسى بىلەن كۆزىنى تەڭلا قىسىپ بىر نېمىلەرنى دەپ كالدىرلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى.ئوزايىمچە ئۇ <<ئەپتىڭ بىزگە ئوخشايدىكەنۇ، نەدە ياشاۋاتقان بەدىۋى سەن>> دېدىغۇ دەيمەن.مەنمۇ ئەقىل تېپىپ ئىتتىكلا جۆمەكنىڭ ئاغزىغا قولۇمنى ئاپىرىۋىدىم، كاساپەت مېنىڭ قولۇمنىمۇ تونۇيدىكەن بولمىسا، شۇ جاھان كۆرمىگەننىڭ، بىلىمسىزلىكنىڭ ئىشىدە.

بۇ مەن ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىشلارنىڭ بىرسى خالاس.ئەمما مەن بۇ يازمامدا مەن يولۇققان ئوڭايسىزلىقلارنى يازماقچى، ئۆزەمنىڭ كالۋالىغىنى تەشۋىق قىلماقچى ئەمەسمەن. ئۆزەمنىڭ تەپەككۇرۇم بويىچە مۇشۇ ۋاقىتقىچە كۆزەتكەن دۇنيا بىلەن، ھازىر مەن دەسسەپ تۇرىۋاتقان تۇپراقتىكىلەر ئارىسىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەردە ھېس قىلغان بوشلۇقلارنى ۋە تەسىراتلىرىمنى خاتىرىلىمەكچىمەن.

2. ئەسسالام-شاڭخەي


    سەھرادىن كېلىپ ۋەز ئېيتىۋاتقان، شاڭخەيدە ئۇيغۇرلانىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقان سەن كىمۇ؟، دەپ ئويلاپ قالغان بولىشىڭلار مۈمكىن، مەن نوپۇسىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ سالمىغىنى ئىگەللەيدىغان كۆك نامرات دېھقاننىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان، يىراق ناھىيىنىڭ ئەڭ چەت يېزىسىدىن كەلگەن بىر <<سولتەك ئەپەندى>>.شاڭخەيگە كېلىپ بەش ئاي ئوقۇش شەرىپىگە قانداق ئېرىشىپ قالغانلىغىم بەلكى بىر تاساددىپىيلىق بولسا كېرەك.دەسلىۋىدە مەتبۇئاتنىڭ بۈرجەكلىرىدە ئېلان قىلىنىپ قالىدىغان پارچە-پۇرات يازمىلىرىمغا قاراپ مېنى تىزىملاپ سالدى بولغاي، كېيىن رەسمىي ئاشۇ بارىدۇ، ئورنىغا باشقىلارنى ئەۋەتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، دەپ بىر پارچە <<قىزىل باشلىق تۈگۈنەك>>يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئامالسىز يول كىرايىمنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ يولغا سېلىشتى.مەن بۇيەرگە كەلگەندىن كېيىن كۆردۈمكى، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى مەكتەپ، ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئەڭ ئىقتىساسلىق خادىملاردىن بولۇپ ئۇيغۇر-قازاق يىگىرمە نەچچەيلەنلا كەلگەن ئىكەنمىز.

ياتىغىمىز ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قولىمىزغا مەكتەپتىكى مۇسۇلمان ئاشخانىسىدىن تاماق يەيدىغانغا كارتا بېرىلدى. شۇندىن كېيىن ئىشلار ئىزىغا چۈشۈپ كەتتى. كۈندە ئالتە سائەت فروفىسسور، دوكتورلارنىڭ يېڭى دەرىسلىك، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ھەققىدىكى لىكسىيەلىرىنى ئاڭلايمىز، يېڭى مەزمۇنلاردىن بولۇپمۇ مائارىپ تۈزۈمى ۋە تۈزۈلمىسىدىن گاھى ھەيرانلىق ئىلكىدە، گاھى بەس-مۇنازىرە ئىچىدە خاتىرە قالدۇرىمىز. ئەمما تاماق...ھەي ئەڭ ياخشىسى يېيىش ئۈچۈنلا كەلمىگەندىكىن تاماق توغرىسىدا سۆزلىمەيلا قوياي، ھېلىمۇ بىر يەرگە كەلسەكلا تاماقنىڭ گېپى.


3. شاڭخەي مائارىپىدىن مەكتەپلىرىمىزگە نەزەر


    ئەمدى مائارىپىمىزدىكى ئۆزەم ھىس قىلغان پەرقلەر ۋە تەسىراتلىرىمنى بايان قىلىشقا ئۆتەي.

مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئالدى بىلەن مائارىپىمىز ھەققىدە تەخىرسىز ئويلارغا سالغان مەزمۇنلارنى بايان قىلماي بولمىغۇدەك.شاڭخەيلىكلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەدەنىي تۇرمۇشىنى ئەلۋەتتە يەنە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مائارىپىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.مېنىڭ شاڭخەيدىكى مەكتەپلەردە كۆرگىنىم ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەركىن، غەمسىز ئۆگۈنۈش مۇھىتىنىڭ بارلىغى بولدى.(ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەلۋەتتە ئۆگەنگۈچىدە)مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ يوقۇرى بولىدىغانلىغى مەكتەپ مۇھىتىدىنلا ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.مەكتەپلەر خۇددى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلەنگەن، رەڭگارەڭ كىيىم كىيگۈزۈپ قويۇلغان بوۋاقتەك بەكلا چىرايلىق تۈستە ئىكەن.يول بويىدىكى سېدىلەر ھەرۋاقىت ھەرخىل سىياق، ھەرخىل تۈستە شەكىلگە كىرگۈزۈلۈپ چىرايلىق ياسىلىپ تۇرغان بولغاچقىمۇ سەنئەت پۇرىغى، گۈزەللىك تۇيغۇسى بىرىپ تۇرىدىكەن. مەكتەپكە كۆيۈنۈش، مەكتەپنى ئاسراش، مۇھىتنى قوغداش ئېڭى ھەممەيلەننىڭ يۈرىگىگە ئورناپ كەتكەن چېغى، ھەممىسى بۇ مەكتەپ ئاتلىق <<ئانا>>سىغا بەكلا مىھرىبان ئىكەن.كۆلدە ئويناپ پىلتىڭلاپ تۇرىدىغان ھەرخىل رەڭدىكى ئالتۇن بېلىقلار، ياپ-يېشىل، پاك-پاكىزە چىملىقلار، چاقچۇق يوللار، رەتلىك، ئازادە چىرايلىق كېيىنگەن ئوقۇغۇچىلار، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوشۇققىچە توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان يوللىرى، توپىدا ئېغىناپ، كىيىملىرىگە قارىغۇسىز بولۇپ كەتسىمۇ پەرۋاسىز ئويناپ يۈرىدىغان بالىلار، قۇرتلاپ كۆكىرىپ تۇرىدىغان سۇ سېپىش كۆلچەكلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇما بولۇپ تۇيىلىدىكەن. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ھەم بىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىغىمىزنى كۆرسىتىپ قويغان بىر ئىش:

   بىر كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن شاڭخەي  قاتناش ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئىككىنچى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە دەرس ئاڭلاشقا باردۇق. دەرىس باشلاشتىن بورۇن مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم بۆگۈنكى دەرس ئاڭلاش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمىزنى دەرس ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويىشىمىزنى ئېيتتى. دەرس ئوقۇتقۇچىسى سىنىپقا كېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ئىھتىرام بىلەن سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن تەبىئى بىر تۈستە باشلىنىپ كەتتى. مەن يېڭى دەرىسلىك ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى خېلى تەتقىق قىلغان بولغاچقا نەزەرىمدىكى بۇ سائەتلىك دەرىستىمۇ دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلار پائالىيتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان، ئېلىكتىرلىك ۋاستىلەردىن كۆپلەپ پايدىلىنىدىغان، شەكىلۋازلىق بىلەن تولغان بىر دەرس بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم. گەرچە ئۆزەم ئوقۇغۇچىلار پائالىيتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىشى كېرەك دېگەننى تەكىتلىگۇچى بولساممۇ، بۇ ئويۇمدىن سەل گۇمانلىناتتىم.چۈنكى ئوقۇغۇچىلار پائالىيتى ئاساسىي ئورۇندا تۇردى، دەپ ئاساسىي نەزەرىيىلەر تاشلىنىپ قېلىپ، قوشۇمچە مەزمۇنلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكرارغا سېلىپلا دەرسنى بولدى قىلىدىغان، دەرسنىڭ ئالدىدا دەبدەبىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئوقۇتۇش نىشانىغا يېتەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللارنى كۆپ كۆرگەن ئىدىم. ئەمما بۇ سائەتلىك دەرس ئۇنداق بولمىدى. ھەمدە گۇمانىمدىكىدەك بۇ ئوقۇتقۇچى ھەممە ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىۋەتمىدى، ئەمما ئوقۇغۇچىلار دەرىسخانىنى ئۆزىنىڭ ئازادە بىر پائالىيەت سورۇنى دەپ بىلىدىغان چېغى، ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈپ ئولتۇردى. ئېلىكتىرلىك ۋاستىلاردىنمۇ ئەركىن پايدىلىنىلدى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئۆزى نەق مەيداندا مەشغۇلات ئېلىپ باردى. ئەڭ قايىل قىلىدىغان يېرى دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىغا، دۇنيا قارىشىغا ئۆزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇردى.ئوقۇتقۇچى شۇقەدەر ھېسياتلىق بايانلارنى سۆزلىدىكى، دەرسنىڭ نەچچە يېرىدە ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس دەرس ئاڭلاشقا كەلگەنلەرنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياش ئەگىدى.ئوقۇتقۇچى خۇددى بىر ئاتاقلىق سەنئەتكاردەك تېكىستىنى شۇنداق ھىسياتلىق ئىنتۇناتسىيە بىلەن گاھ جاراڭلىق، گاھى ئاران ئاڭلىغىلى بولغىدەك ھالدا سەنئەتلىك بىر تۈستە ئوقۇدى، ئەسەر باش قەھرىمانىنىڭ ئۆگۈنۈشتە تارتقان جاپالىرىنى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتكۈدەك بايان قىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ سالمىغى يىغلاپ سېلىشتى.سىنىپ كەيپىياتى چىۋىن ئۇچسىمۇ ئاڭلانغۇدەك جىمجىت بولۇپ، پەقەتلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاجايىپ يۇقۇرى ناتىقلىق تالانتى نامايەن بولۇپ تۇراتتى.دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىختىيارسىز يانچۇقلىرىدىن قول ياغلىقلىرىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. باش قەھرىماننىڭ تارتقان جاپالىرىغا لايىق زور نەتىجە قازانغانلىغى سۆزلەنگەندە بولسا سىنىپ ئىچىدىكى كەيپىيات بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۇپ، ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. دەرس ئاخىرىدىكى سوئاللارغىمۇ ئوقۇغۇچىلار جانلىق كەيپىيات ئىچىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشتى. ئوقۇتقۇچى قانداقتۇر ئولۇغ قانۇنىيەتلەرنى بايان قىلىپ، يادلاشقا تاپشۇرۇق بەرمىدى، جاپا تارتىپ ئۆگەنسە ئاشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىىدىغانلىغى ھەققىدىمۇ ئاغزىغا كۆپۈك كەلتۈرۈپ سۆزلەپ يۈرمىدى. ئەمما ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسىياتىغا توختاۋسىز بۆسۈپ كىرىپ دېمەكچى بولغانلىرىنى تولۇق ئېيتىپ بولغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دونيا قارىشىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىپ بولغان ئىدى. دېمەك دەرس كۈتكەن ئۈنۈمنى يەنى نىشاننى تولۇق ئورۇنلىدى.يەنى بىز نەزەرىيەدە ھەمىشە سۆزلەيدىغان، ھىسيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشىنى ئۈنۈملۈك سىڭدۈرۈپ بولغان ئىدى.مۇشۇ دەقىق كۆز ئالدىمغا بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىكى ئۆلۈك، مىخانىكىغا ئايلىنىپ كەتكەن قائىدە-تېرمىنلارنى ئېزىپ، سۆزلەپ كېتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇتقۇچىنىڭ كايىپ بىر بولۇپ كېتىشى بىلەن پەرۋايى يوق ھالدا ئالدىدىكى قىزلارنىڭ چېچىنى تارتىپ ئويناپ ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار كېلىۋالدى.  

   دەرىس ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىدىن سىز شائىرمۇ ياكى سەنئەتكارمۇ دەپ شۇنداق سورىغۇم كەلدى. ئەمما بىلىپ تۇرۇپتىمەنكى ئۇ شائىرمۇ، سەنئەتكارمۇ ئەمەس بەلكى مۇنبەردىكى بىر مۇتەخەسس ئىدى. يەنە ئۇنىڭدىن دەرىسخانىدا بىلىم بېرىشتە قائىدىنى بىلدۈرۈش مۇھىممۇ ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسياتىغا ھۇجۇم قىلىش مۇھىممۇ دەپ سورىغۇم كەلدى. ئەمما سورىمىدىم. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بۇنىڭ جاۋابىنى ماڭا بېرىپ بولغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نازۇك بولغان ھېسسىي دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك بۆسۈپ كىرەلىگەندىلا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىغىنى، قۇرۇق قائىدىلەرنىڭ، قۇرۇق نەزەرىيە تۈسىدە ھىچقانداق ئىنكاسسىز ھالدا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىغىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش بۇلا ئەمەس. دەرس ئاخىرىدا بىلدۇقكى قولىمىزغا تارقىتىپ بېرىلگەن ماتىرىيال ئەسلى دەرىسلىكتىكى مەلۇم بىر تېكىست بولماستىن مۇئەللىم ئۆزى لايىھەلىگەن تېما ئىكەن!يەنىي ئەسلى تېكىستتە شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان، يەتمەكچى بولغان نىشانى ئوخشاش بولغان بىر تېكىست بار ئىكەن.ئەمما ئوقۇتقۇچى ئۇ تېكىستنى ئىشلەتمەستىن شاڭخەيلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى تونۇيدىغان بىر يازغۇچىنىڭ تەسىرلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنى دەرسلىك قىلىپ لايىھەلىگەن ئىكەن.بۇ لايىھەدە تەسۋىرلىنىۋاتقان شەخس ئوقۇغۇچىلار ياشاۋاتقان جايدا، ئۇلارنىڭ دۇنياسىغا يېقىن بولغانلىغى ئۈچۈنمۇ دەرستە ئاشۇنداق زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغانلىغىغا شەكلەنمىدىم. شۇنداقلا بىزنىڭ دەرىسخانىلىرىمىزدىكى ھەقىقىي بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىشنى يادىمغا ئېلىپ قالدىم.

بىر قېتىملىق تويۇقسىز ئېلىپ بېرىلغان باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوچۇق دەرس ئاڭلاش پائالىيتىدە بىر ئوقۇتقۇچى لېنىننىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر ۋازىنى سۇندۇرۇپ قويغانلىغى سۆزلىنىدىغان دەرسنى ئۆتمەكچى بولغان. دەرس داۋامىدا بىر ئوقۇغۇچى، مۇئەللىم، ۋازا دېگەن نېمە؟، دەپ سورىغان، ئوقۇتقۇچى دەماللىققا جاۋاپ بېرەلمەي يەنە بىر ئوقۇغۇچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، سەن دەپ باقە، ئاۋۇ كالۋا ۋازىنىڭ نېمىلىگىنىمۇ بىلمەيدىكەن، دەپ سورىغان. ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپلا <<ۋازا دېگەن تەشتەك>> دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئوقۇتقۇچى بۇنى ئاڭلاپ <<ئاڭلاشتىڭمۇ>> دەپ قويۇپلا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا يەنە بىر ئوقۇغۇچى، مۇئەللىم، ۋازىنى كىم چاقتى؟، دەپ سورىسا قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەن بۇ ياش ئوقۇتقۇچى: تەشتەكنى چاققان ئوقۇغۇچى دەرھال ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل، مەن تېپىۋالىدىغان بولسام-ھە! دەپ ۋارقىرىغان. دەرس ئاڭلاشقا كەلگەنلەر ئىختىيارسىز قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتكەن ھەمدە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا خېلىلا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىغىنى تونۇپ يەتكەن.دېمەك ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئۆزى دەرسلىك لايىھەلەش تۈگۈل دەرس مەزمۇنىنىمۇ تۈزۈكرەك كۆرمەيلا دەرسخانىغا كىرىپ كەلگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاخىرى <<چۇرۇق بىلەن خامپىغا سەكرىگەن>>.بۇ يېزا ئاساسىي قاتلام مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمى خالاس.ھازىر پۈتۈن جوڭگۈ مىقياسىدىكى مەكتەپلەردە يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.ھەتتا شاڭخەينىڭ پروفىسسورلىرى بىزگە، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتىمىز دەپ سۆزلەۋاتىدۇ. دېمەك ئۇلارمۇ تېخى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ ئەندىزىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ دېگەن گەپ. ئەمما بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە كىم نەزەرىيەۋى گەپلەرگە ئۇستا بولسا، كىم جەلپ قىلارلىقراق گەپ قىلالىسا شۇنىڭ دېگىنى بويىچە يېڭى دەرسلىككە كىرىپ كېلىۋاتىمىز.ئىلمىي مۇدىرلىرىمىز <<يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى بويىچە دەرسىنى مۇنداق...مۇنداق...تەييارلاپ، مۇنداق ئۆتىسىلەر>> دەپ ئاللىقاچان بىزگە قېلىپ ھازىرلاپ بىرىپ بولدى. دېمەك بىز يېڭى دەرسلىكنى يولغا قويۇپ بولدۇق. ئەمما باشقا پەنلەرنى قويۇپ تۇرايلى، ئەدەبىيات پېنى نوقتىسىدىن ئالغاندا بورۇن ئەدەبىيات ئوقۇغۇچىلارنى باشقا پەنلەرگە قارىغاندا جەلپ قىلالايدىغان دەرس ئىدى.يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كىتاپتىكى ئۆلۈك ئەدەبىياتنى رىئاللىقتىكى ھىسىياتقا ئىگە تېرىك پەنگە ئايلاندۇرىشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى. بىز ئەمدى كىتاپتىكى ئۆلۈك ئەدەبىياتنى ئەمەس رىئاللىقتىكى تىرىك پائالىيەتلەرگە ئەدەبىي نوقتىدىن باھا بېرەلەيدىغان، رىئال شەيئىلەر ئارقىلىق ھىسيات تەربىيسى بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسسىي دۇنياسىنى بېيىتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئېڭىغا ئۆزلۈكسىز تەسىر ئۆتكۈزىدىغان بولىشىمىز كېرەك ئىدى.  كىتاپتىكى مەۋھۇم تېمىلارغا بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلماي، ئاشۇ ئۈنۈمنى قازىنىش ئۈچۈن نەزەرىمىزنى مەكتەپنىڭ رىشاتكىسىدىن ئېلىپ چقىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان تېمىلارنى لايىھەلەپ، ئۇلارنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشقان، تېخىمۇ ھىسسىي ھەم رىئال بولغان ئەدەبىياتقا باشلاپ كىرىشىمىز، ئۇلارنىڭ نازۇك بولغان دۇنيا قارىشىنى گۈزەل شەيئىلەر ۋاستىسى ئارقىلىق گۈزەللىك ئالىمىگە باشلاپ كىرىشىمىز كېرەك ئىدى.

4.دەرسخانىدا


    بىر كۈنى دەرسخانىدا دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۈنۋانىغا ئىگە بىر ئوقۇتقۇچى يېڭى دەرسلىك ھەققىدە سۆزلەۋېتىپ دوسكىدا بىر رەسىمنى كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپاراتىدىن پايدىلىنىپ كۆرسەتتى.ھېلىقى رەسىمگە قىزىل گىلاستۈك تاقىغان بىر ئوقۇغۇچى ئۆرە تۇرۇپ قولىنى شىلتىۋاتقان، ئوقۇتقۇچى تۆت پۇتلۇق بولۇپ يېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش سىزىلغان ئىدى.ئوقۇتقۇچى بۇ رەسىمنى كۆرسىتىپ سىلەر بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرۈپ باققانمۇ، دەپ سورىدى.بىز گاڭگىراپ قېلىشتۇق.باشقىلار دەرھاللا <<كۆرمىگەن>> دەپ ئىنكاس بىلدۈرۈشتى.ئەمما بىردىن كۆز ئالدىمغا گەرچە 21-ئەسىردىن ھالقىپ ئۇچۇر دەۋرىدە كېتىۋاتقان بولساقمۇ سىنىپلىرىمىزغا ئوقۇغۇچى كەلتۈرەلمەي تارتىدىغان جاپالىرىمىز، گەرچە بۇ باشقىلارغا كونا تېما بولسىمۇ، بىزگە <<مەڭگۈلۈك تېما>> بولۇپ تۇيۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىش مەسىلىسى ياندىشىپ كېلىۋالدى.

-تۈپ سانىڭ ئەللىك ئۈچ، بۈگۈن كەلگىنى يەتتە، ئەتە كېلىدىغان باھالاشقا ئۈلگۈرۈپ سىنىپىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېسبىتى ٪98گە يەتمەيدىغان بولسا كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتلەشتۈرۈپ مائاشىڭنى كولايمىز.- مۇدىرلىرىمىزنىڭ  سېمىز قوۋزىنى كۆپتۈرۈپ مانا مۇشۇنداق گۈركىرەشلىرى يادىمغا يېتىشى ھامان ئىختىيارسىزلا :

-رەسىمدىكىدەك ھالەت بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا بار- دەۋەتتىم. سۆزۈمنى تەپسىلى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ۋە كۇرسانتلار مەن سۆزلىگەن ئەھۋاللارنى تەسەۋۋۇرىغا پەقەتلا سىغدۇرالمىدى. قايسى بىر ناھىيىدىن كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچى:

-سىلەرنىڭ مەكتەپلەردە ئىككى ئاساسەن قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلمامدۇ، دېۋىدى ئىتتىكلا:

-ئىككى ئاساسەننىڭ باھالىشى كەلگەن كۈنى ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىشى يۈز ئون پىرسەنت بولىدۇ،- دېدىم. دەرۋەقە بىزنىڭ رايونلىرىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە تۇراقلىشىشى باشنى ئەڭ قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ مەسىلىگە ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت زور كۈچ سەرپ قىلدى. ئوقۇتقۇچىلار ھەركۈنى يىغىپمۇ ئەكىلەلمىگەندىن كېيىن يېزا مەسئۇللىرى بىز ئەكىلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىمىز، دەپ كەنت باشلىقلىرىنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلدى.بۇنىڭ بىر ئاز ئۈنۈمى بولدى. چۈنكى شادا پاچاق ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان بىلەن بوقا گەدەن مەھەللە باشلىغىنىڭ سۆزىنى دېھقانلار بەكرەك ئاڭلايدۇ ئەمەسمۇ، ئەمما بۇمۇ ئوزۇنغا بارمىدى. مەكتەپكە كەلمىگەنلەردىن جەرىمانە ئېلىندى. ئىشنى قىلىپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ بۇ ئىشقا كۆپ كۈچىدى، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ ئاساسلىق ئىشى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى يىغىشلا ئەمەستە، شۇنىڭ بىلەن دىھقان بالىلىرى: ئوقۇتقۇچىلار، كەنت كادىرلىرى كۈچىسىلا كېلىدىغان، بولمىسا كەلمەيدىغان رىزىنكە مىجەزنى يېتىلدۈرىۋالدى.

    باشقىلار بۇ ئەھۋاللارنى مۇلاھىزە قىلىپ ئېچىنىپ كېتىشتى. راستىنى ئېيتقاندا شاڭخەيلىكلەر بۇنداقمۇ ئىشنىڭ بارلىغىنى تەسەۋۇرىغىمۇ سىغدۇرالمىدى، ھەتتا شىنجاڭدىن كەلگەن باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەيران قېلىشتى. ئەمما ئەھۋال راستىنلا شۇنداق ئىدى. گەرچە  كېتىۋاتقىنىمىز 21-ئەسىر بولسىمۇ.

    ئەسلى ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ رەسىمنى سىزىشتىكى مەخسىدى باشقا ئىكەن، ئەمما شۇ سائەتلىك دەرىس ئوخشىمىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلىش بىلەنلا ئۆتۈپ كەتت   كۈنىگە ئالتە سائەت، گاھى كۈنلىرى سەككىز سائەت دەرس ئاڭلاش ھەممىمىزگە سەل ئېغىر كېلىۋاتىدۇ.ئەمما ئاڭلاۋاتقانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى، قەلبىمىزدە ئۆزگىچە ئۆركەش ياسايدىغان گەپلەر بولغاچقا دەرس ئاڭلاۋېتىپ ھاياجانغا چۆمۈپ كېتىمىز. مانا بۈگۈنمۇ شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى، دوكتور ئاسپىرانىتلىرىنىڭ يېتەكچىسى شىې مۇئەللىم سۆزلەۋاتىدۇ:

-ئېلىمىزدە ھازىر خەنزۇ تىلى بىلەن ئېنگىلىز تىلىدىن ئىبارەت قوش تىل ئۆگۈنۈش يولغا قويىلىۋاتىدۇ.بۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىجابىي تەسىرگە ئىگە.مەدەنىيەتلەر ئۆز-ئارا ئالمىشىپ، تەرەققىياتقا نۇرغۇن ياخشى پۇرسەت ۋە شارائىتلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىم تاكامۇللىشىدۇ. ئەمما بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ. يەنىي بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە تارىخىمىز ھازىر، مەيدانغا كەلگىنىگە ئارانلا بەش يۈز يىل بولغان ئىنگىلىز تىلى مەدەنىيىتىنىڭ خىرىسىدا يەكسان بولۇپ، غەرپ مەدەنىيتى ۋە غەرپ مەدەنىيىتىگە قۇل بولغان ئەللەرگە ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قالساق بولمايدۇ. چۈنكى تىل دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى، ھازىر بىزدە ئىنگىلىز تىلىغا چوقۇنۇش بەك ئېغىر.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ بىلىمنى ئاساس قىلماي، مەيلى ئۇنۋان ئېلىش بولسۇن، مەيلى يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش بولسۇن ھەرقايسى ھالقا، ھەرقايسى ئۆتكەللەردە ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسىنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ.بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېنگىلىز تىلىنىلا ئەمەس غەرپ مەدەنىيتىنىمۇ ئەلا بىلىدىغان زەيپانە كىشىلەر ئاۋۇپ قېلىۋاتىدۇ، خۇددى يولداش ماۋزېدۇڭ ئېيتقاندەك مۇشۇندا شارائىتتا <<بەزىلەرنىڭ بۇرنىغا يوناننىڭ ئۇسۇرىقىمۇ ناھايىتى خۇش پۇرايدىغان بولۇپ كەتتى>>.توغرا، ماۋزېدۇڭنى ئالايلى، ئۇ خەنزۇتىلىدىن باشقا ھىچقانداق تىل بىلمەيتتى. ئەمما ئۇ دونيا ئېتراپ قىلغان بىر سىياسىي، ھەربىي ئالىم. دانا بىر يولباشچى، ئولۇغ داھىي. ئۇ ئانا تىلىدىن باشقا تىل بىلمىگەن شارائىتتىمۇ شۇنداق زور نەتىجە يارىتالىغان. بۇنداقلار تارىختا كۆپ. ئەمما بۇ ھىچقانداق چەت تىل بىلمىسەڭمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.  ناۋادا ماۋزېدۇڭمۇ باشقا مەدەنىي تىللارنى بىلگەن بولسا يات مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆزىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۇرگەن ھەتتا ئون يىللىق قالايمىقانچىلىق بولمىغانمۇ بولارىدى... شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئەمەلىيەتتە  تىل دېگەن بىر ۋاستە، كۆۋرۈك. ھەرگىزمۇ مەخسەت ئەمەس. بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك قاراڭغۇ ئۆيگە بىر دەرىزىنى ئارتۇق ئاچقان بىلەن باراۋەر، قاراڭغۇ ئۆي دېگەنگە قانچە كۆپ دەرىزە ئاچساڭ شۇنچە يورۇق بولىدۇ.ئەمما بىز دەرىزىنى ئېچىش بىلەنلا قالماي، ئاشۇ دەرىزىدىن پايدىلىنالايدىغان كۈچلۈك كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىمىز، دەرىزىدىن كىرىدىغان ساپ ھاۋادىن پايدىلىنىش بىلەن بىللە بۇلغانغان نەرسىلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلىيەلەيدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرىشىمىز، ھەتتا ئۆي قانچە يورۇق بولسىمۇ بىكىنىۋالماستىن، سىرتقا چىقىپ تاشقىي مۇھىتنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۈزىتەلەيدىغان، سىرتقا چىقتىم دەپ، يات مەدەنىيەتنى ماختاپ ئانا مەدەنىيىتىمىزنى خارلىمايدىغان بەلكى ئۇنى قوغدايدىغان ئەركەكلەرچە غورۇر تۇيغۇسى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك. ...

فىروپىسسورنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خىيالغا چۆكۈپ قالدىم...


5.شاڭخەيدىكى شەرق گۆھىرىنىڭ كۆزىدىن يۇرتقا نەزەر


    بىز بۇيەرگە كەلگەنلەر ئاز بولغاچقىمۇ ياكى شۇنداق پىلان بارمۇ، پائالىيەتلىرىمىز ناھايىتى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مانا بۈگۈن <<جوڭگۇنىڭ كۆزى>> دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنىۋاتقان جوڭگۈدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا شەرق گۈھىرىگە چىقىپ كېتىۋاتىمىز، بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ھەرخىل ئېرىقتىكى، ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلەر بۇ يەرنى ناھايىتى ئاۋاتلاشتۈرىۋەتكەنىدى.شەرق گۆھىرىنىڭ يەر يۈزىدىن ئۈچ يۈز نەچچە مېتىر ئېگىزدىكى كومزىكىگە(بۆلمىسىگە) چىقىپ شاڭخەينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى، تىنچقىنا لۆمشىپ ئېقىۋاتقان خۇاڭ پۇجىياڭ دەرياسىنى تاماشا قىلدۇق. مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى خۇاڭ پۇجىياڭ دەرياسىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىمۇ، شەرق گۈھىرى ئىچىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەللىكلەرمۇ ئەمەس بەلكى بۇ يەرگە كەلگەن مېھمانلار ئىچىدىكى بالىلارنىڭ كۆپلىگى بولدى. مەيلى چەتئەللىكلەر بولسۇن، مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك بالىلىرىنى يېتىلىۋالغان ئىدى. بۇ ئەھۋالغا پەن-تېخنىكا سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىنىمىزدىمۇ كۆپرەك دىققەت قىلغان ئىدىم.پەن-تېخنىكا سارىيىغا كەلگەنلەرمۇ بالىلىرىغا كۆپرەك بىر نەرسە كۆرسىتىش، ئۆگىتىشنى مەخسەت قىلغان چېغى، ئۆزى پائالىيەت قىلمىسا قىلماي، بالىلىرىغا راكىتا، ھەرخىل نەرسىلەرنىڭ مودىللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، تەجرىبە خاراكترىلىق نەرسىلەرنى قول سېلىپ قىلغۇزۇپ كېتىۋاتاتتى. مانا شەرق گۈھىرىنىڭ مېھمانلىرى ئىچىدىمۇ كىچىك مېھمانلارنىڭ نېسبىتى خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ بىزلەرنىڭ بىر يەرگە ساياھەتكە بارماقچى بولساق:

-بالىلارنى ئايرىم ئاپارغان ياخشى، تۈزۈكرەك ئوينىغىلى قويماي خاپا سالىدۇ.ھەممىمىز جېدەلخورلىرىمىزنى ئۆيدە قويۇپ ماڭىمىز،-دەيدىغان قاراشلىرىمىز، بىچارە بالىلارنىڭ ئۆي مەھبۇسى بولۇپ بويۇن قىسىپ قالىدىغانلىغى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى.     يەنە تۇرۇپ شۇنداق خىيالچان، غېرىپ بولۇپ قالدىم، غايىسى ئولۇغۋار، ئېتىقادى قۇرۇق بىر جامائەنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقاندەك بولۇپ تولىمۇ سىقىلدىم ۋە بۇ سىقىلىشلىرىمنى مۇنداق مىسرالارغا جەم قىلدىم:

تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،

جۈر بولدى شاماللار ماڭا ئۈن قېتىپ.

قۇشقاچلار ھەيرانە كەتتى چۇرۇقلاپ،

 ياپراقلار باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ.

 

تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،

تاڭ قالدى خۇاڭ فۇجىياڭ خىيالغا پېتىپ.

تەنھا مەن بىر ئولۇغ ھىكمەتلەر ئارا،

يۈرىگىم يىغلايدۇ، باغرىم چاك ئېتىپ.

 

تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،

كۈلدى ئاي ئاق سۈتتەك نۇرىنى چېچىپ.

قارىدى بىردىنلا كۆرگەندەك مېنى،

شەرىقنىڭ گۈھىرى (1) كۆزىنى ئېچىپ.

 

تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،

يۈرمەكتە ئادەملەر قولاقنى ئېتىپ.

جۈر ئەمەس ھېچكىشى نىدالىرىمغا،

مۇناجات ئوقۇدى دېڭىز ئۈن قېتىپ!

6.ئاشخانا ۋە ئاپتوبۇستا


    روھىمنى قاتتىق غېرىپلىق بېسىۋالغان ئاشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپ ئىچىدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىغا يالغۇز كىرىپ قالدىم. (باشقىلار بازار ئارىلىغىلى چىقىپ كەتكەن) تاماقنى كەلتۈرۈپ قويۇپ (ئەلۋەتتە ھەرۋاقلىغىمىزغا گۈرۈچ تامىغى)، خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن. ئاشخانىنىڭ ئىچىدە لىققىدە ئادەم. ئەمما ھەممىسىنىڭ زۇۋانى باشقا، ساپ ئۇيغۇرچە كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن قايناپ تۇرىدىغان قايناق ئاشخانىلار، قاراپ ئولتۇرغۇدەك ئوخشايدىغان لەغمەنلەر قەيەردە قالدىكىن. شۇ خىياللار بىلەن نېمە بولغىنىنى بىلمىدىم، ئاش سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن كۆتۈرگەن چىنە قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى. (بۇيەردە چاي ئورنىغا ئاش سۈيى بېرىدىكەن) تاراققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن كۆينىكىم، ئىشتانلىرىمغا تۆكۈلگەن ئاش سۈيى مېنى بەكلا ئوسال ئەھۋالغا قويدى. پالاكەتلىگىمنى قارا، ئىتتىك ئەتراپىمغا قارىدىم. توۋا دەيمەن، جىممىدە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان شۇنچە كۆپ ئادەم، پۈتۈن تاماقخانىنى بىر ئېلىپ تاراقلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ماڭا قاراپمۇ قويماپتۇ دېسە، ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن، بىر چاغدا ئاشپەز ئۇستاملاردىن بىرى پاكىزە لۈڭگىدىن بىرنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. مەن خىجالەت ئارىلاش ئۈستىۋېشىمنى سۈرتۈپ رەھمەت ئېيتتىم.ئەگەر يۇرتتا مۇشۇنداق ئەھۋال بولغان بولسا ئەتراپىمدىكىلەر دوستلىرىم بولغان تەقدىردىمۇ قىقاس سېلىپ كۈلگەن، ھاماقەتلىكىمنى يەتكىچە مازاق قىلغان بولارىدى. تونۇمايدىغانلارمۇ مېنى سۈرۈشتە قىلىپ، قانداق كالامپاي بىرنېمە بۇ دەپ ئۈستۈمدىن گەپ تاپارىدى.

    مەن بۇلارنى بىلىمنىڭ ئەخلاققا ئايلىنىشى دەپ قارىدىم. ئۇلار زىيادە ئەخلاقلىق ھەم تەرتىپلىك ئىكەنكى، ئاممىۋىي سورۇنلار ئادەم شالاڭ يەردىكىدىن جىمجىت، كوچىلارنىڭ پاكىزلىغىدىن قولۇڭدىكى كەمپىت قەغىزىنى ئەخلەت ساندۇقى ئۇچرىمىغۇچە ساقلاپ يۈرۈشكە مەجبۇرسەن، گەرچە ھىچكىم دېققەت قىلمىسىمۇ كوچىغا ئەخلەت تاشلاشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. ئەمما مەن ئاشۇ ئەخلاقتىن بىر ئاز گۇمان قىلىپمۇ قالدىم.چۈنكى شۇقەدەر ئەخلاقلىق شاڭخەيلىكلەر ئارىسىدىمۇ كىشى كۆرمىـگەندە كوچىغىلا كىچىك تاھارەت قىلىپ قويىدىغان، يەر ئاستى پويىز ئىستانسىلىرىدا ئولتۇرغان تىلەمچىلەرگە قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كېتىدىغان، ئاپتوبۇستا ياشانغان، ئاجىز كىشىلەرگە ئورۇن بەرمەيدىغان، چوڭ كوچىلاردا بالىكونلىرىغا خادا تېڭىپ كۇسار-مايكىلىرىنى يۇيۇپ ئېسىپ قويىدىغان ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدىم. كېلەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىكنىڭ بىر ئورنى مۇشۇ شاڭخەي تۇرسا، شۇ ۋاقىتتىمۇ مۇشۇنداق قىلارمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلىپ قالدىم. يەنە شاڭخەيلىكلەردىكى ئەخلاقنى ماددىلاشقان ئەخلاقلىقكەن دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.جەمىئىيەت شۇقەدەر كۈچلۈك ماددىلاشقان تۇرسا ئادەملەرنىڭ قەلبى ماددىلاشماي قالارمىدى؟ توغرا، مەن ئەخلاقنىڭ ھەقىقىي يىلتىزى بىلىم دېگەن قاراشتىن گۇمانلىنىمەن.چۈنكى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق خەلقلەرنى ئاللىقانداق شاپائەتلەر باھانىسىدا ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىۋاتقان ئامرىكىلىقلارنى كىم بىلىملىك ئەمەس دەيدۇ؟...

    بىر كۈنى ئاپتوبۇستا ناھايىتى قېرىپ كەتكەن بىر كىشىگە ئورۇن بوشىتىپ بەردىم. ئەمما ئىنىق كۆردۈمكى يەنىلا ئۆتكۈر ھالدىكى گۇمانىي نەزەرلەردىن ساقىت بولالمىدىم. يېنىمدىكى ساۋاقدىشىم، بىزلەر كوچىدا ۋەلىسپىتتىن يېقىلىپ چۈشكەن ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىپ بېرىپلا ئۇنى يۆلەيمىز، ئەمما شاڭخەيدە يىقىلىپ چۈشكەن ئادەم قاراپ قويۇپ ئاسانلىقچە يۆلىمەيدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن، ئاشۇ كىشىنى يۆلىسە كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي ئاقىبەتنى ئويلايدۇ. ئەگەر ئۆزى قىلغان ئاشۇ ياردەم ئۆزىگە ئىقتىسادىي ھەم باشقا جەھەتتە بالا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىغىغا كۆزى يەتسە ئاندىن يۆلەيدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ئاشۇنى قۇتقۇزۇش ئېڭىلا بولىدۇ، ئاقىبەتنى ئويلىمايمىز، دېدى. بۇ توغرا ئېيتىلغان گەپتەك قىلاتتى. بۇ يەرگە كېلىپ ئاچچىقىم كەلگەن يېرى، كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقسام كۆپلىگەن شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئالۋاستىنى كۆرگەندەك سومكىلىرىنى قولىغا ئېلىپ چىڭ قۇچاقلىغىنىچە مەندىن بەدەر قاچىدىغانلىغى بولدى. بۇ ئەھۋالغا قاراپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەردە ئۇيغۇرلارنى خۇددى سېگانلاردەك ھەممىسىنى ئوغرى دەپ قارايدۇ دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ئەمەلىيەتتە راست گەپلەركەن. شۇڭا كوچىدا ماڭسام، خۇددى بىرى مېنى تۇتىۋېلىپلا <<ئوغرى!>> دەپ جار سالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپمۇ قالدىم. ھەي، ئوبرازىمىزنى نېمە قىلىۋالدۇق-ھە!...


7.بۇ مەكتەپتىكى تەنھا ئوقۇغۇچى


    شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىدەك چوڭ بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار دەپ پەرەز قىلغان ئىدۇق. ئەمەلىيەتتە موسۇلمان ئاشخانىسىدا بىزدىن باشقا بىرمۇ ئۇيغۇرنى كۆرەلمىدۇق. چېكىسىگە مۇسۇلمان ئاشخانىسى دەپ يېزىلغان ئاشخانىنىڭ ئىچىگە ھەربىر كىرگىنىمدە بىرەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇچرىتىپ قالىمەنغۇ، دېگەن ئۈمىد بىلەن ئەتراپقا نەزەر سالاتتىم.ئەمما ئۇيغۇر سىياق بىرەرسىنىمۇ ئۇچرىتالمايتتىم.ئەمما بىر كۈنى ئاشخانىغا كىرىپ كېلىشىمگىلا ئېگىز بوي، يارىشىملىق مايسا بۇرۇت قويىۋالغان تىپىك ئۇيغۇر چىراي بىر يىگىت ئالدىمدا قولىنى سوزۇپ كۈلۈمىسرەپ تۇرىدۇ. ھاياجېنىمنى تەستە بېسىپ قىزغىن كۆرۈشۈپ، پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.ئەنۋەر ئىسىملىك بۇ يىگىت دەرۋەقە مۇشۇ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.

    ئۇيغۇرغا بولغان مۇھتاجلىق ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ بىلەن خۇددى قېرىنداشلاردەك ئۆتىدىغان، ھال-مۇڭ بولىشىدىغان قىلىپ قويدى.ئۇنىڭ ئوچۇق-يۇرۇق، مەردانە خاراكتىرىگە قاراپ، بىرەر زەردارنىڭ بالىسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن، كىچىككىنە بېشىغا چۈشكەن ھايات دوقاللىقلىرىدىكى ئەگرى-توقاي سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا بولسا ئىختىيارسىز بۇ ئىرادىلىك يىگىتكە ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم.

ئۇ ئەسلى مەن ئويلىغاندەك زەردار ئائىلىسىدە ئەمەس بەلكى ئاقسۇدىكى ئاددى بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغانىكەن. ئېسىنى بىلسىلا ئانىسى ئۇنى-بۇنى ئېلىپ-سېتىش بىلەن ناھايىتى جاپالىق ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ بۇ ئائىلىنى بېقىپ كەلگەنىكەن.ئەنۋەر مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇپ ھەممە بالىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپتۇ.ئاشۇنداق ئەقىللىق بىر بالا ئاپىسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرىغا چىداپ تۇرالىسۇنمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئەنۋەر مەكتىۋىدىن يانسىلا گازىر-پۇرچاققا ئوخشاش ئۇششاق نەرسىلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان كىچىك ئوقەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، قىلىپ باقمىغان <<تىجارىتى>>قالماپتۇ. مەكتىپىدە ئۇنى ساۋاقداشلىرى <<شەرق سودىگىرى>> دەپ زاڭلىق قىلسىمۇ، تىجارەتتە قانچە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ئاپىسىنىڭ جاپالىرىنى ئويلىسىلا ھەممىنى ئۇنتۇپ ئىشلەپ كېتىدىكەن. ئەمما ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئۆيدىكىلىرىنى خاتىرجەم قىلىدىغان يىرى ئۇ يەنىلا دەرىستە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ ھەمىشە مۇكاپات ئېلىپ مېڭىپتۇ.مۇشۇ ئادەت ئۇنىڭغا مۇشۇ شاڭخەيگىچە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ. ئەنۋەردىن <<ئوقۇش بىلەن ئىشلەش بىر-بىرىگە توسقۇنلۇق قىلمامدۇ؟>> دەپ سورىسام، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، باشقىلار ئەلۋەتتە شۇنداق ئويلايدۇ.ئەمما مەن ئۆگەنگەندە قاتتىق بېرىلىپ ئۆگىنەتتىم، ئىشلەشنى بولسا دەم ئېلىش دەپ بىلەتتىم. چۈنكى بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ، كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىپ، جاپالىق ئىشلىگەندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىسىز، يەنى پايدا قالغان پۇل ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ بىرخىل ھۇزۇر بەخىش ئېتىدۇ. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتەلىگىنىمنى ئويلىسام ئەلۋەتتە ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاننىڭ ئۈستىگە بىرخىل بەخت ھېس قىلىمەندە، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىنى ئويلاپ ئولتۇرسىڭىز ھېچ ئىش قىلمىسىڭىز  بولىدۇ. ئەمما ۋىجدانغا خىلاپ ئىش بولمىسىلا ئەنسىرەشنىڭ، باشقىلارنىڭ بىرنېمە دېيىشىدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.ھالال ئەمگەك ھەرگىزمۇ نومۇسلۇق ئەمەس. سىز ئىشلەپ باقمىغان بولسىڭىز بۇ خىل تۇيغۇنى ھېس قىلالمايسىز، ئەلۋەتتە.

   توغرا، بىز قىلغان ئازراق ئىشىمىز بىلەن ھال ئېيتىشقا، ۋايساشقا ئۇستا، بىر ئىشقا ھەممە ھاياتىي كۈچىمىز بىلەن بېرىلمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر <<قىلىغىلى ئىش يوق، تەرەت قىلغىلى ئارام يوق>> ئۆتۈپ كېتىمىز.

-كىچىك ۋاقتىمدىلا يېتىلگەن ئاشۇ مىجەز مېنىڭ بۇ يەردىمۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىرتەرەپتىن ئىشلىشىمگە تۈرتكە بولدى، شۇڭا شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى باكلىق سۇ توشۇيمەن يەنە يېقىندا كۈتۈپخانىدىن ئىش تاپتىم، ئەمدى ئانچە ئوزۇنغا بارمايلا بانكىنىڭ قەرزىنى قايتۇرىۋىتەرمەن دېگەن ئۈمىدىم بار، دېدى ئۇ جۇشقۇن ۋە خوشال بىر قىياپەتتە.توغرا دەرىستە ياخشى ئوقۇغانلار ئەگەر، مەن ئەلاچى بولۇپ ئوقۇدۇم، مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئىش، دەپ بىلسىمۇ بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ ھاللىق ئائىلىلەرنىڭ <<بەگزادە>>لىرىگە يارىشىدۇ. ئەنۋەرگىمۇ يارىشىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋىلايەت بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتۈپتۇ.يەنە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان مۇشۇ پىداگوگىكا ئۈنۋىرسىتىتىغا ئۆتۈپتۇ.شۇنداق بولغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۆزىدىن پەخىرلەنسە، باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك <<ئەمدى پىلسىراتتىن ئۆتۈپ بولدۇق، ئوينىساق بولىدۇ>> دەپ ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ئويناش دەۋرانى دەپ بىلسە بولىدۇ.ئەمما ئەنۋەر ئۇنداق قىلماپتۇ.چۈنكى شۇنداق قىلسا ئۆزىنىڭ ئاشۇ جاپاكەش ۋە مىھرىبان ئانىسىغا قىلىدىغانلىغىنى، ئۆيىدىكىلىرىنى سىقىپ، گاڭسا-جىڭسا قىلىۋەتكەننىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئادەمىيلىكىنىمۇ پايخان قىلىدىغانلىغىنى ئۇ چۈشىنىپ يېتىپتۇ.شۇنداق، ئەقىل دېگەن ھەقىقەتنى چۈشىنىشتە ئەسقاتمىسا ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ.شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇپتۇ-يۇ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندە زور ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كەپتۇ.ئوقۇمايمەن، دەپمۇ بېقىپتۇ.ئەمما <<مەيلى، قانچە قىينچىلىق بولسىمۇ چىداپ چوقۇم ئوقۇتىمەن>> دەپتۇ، جاپاكەش، قەيسەر ئانا. خولۇم-خوشنا، ئەل-يۇرتمۇ قاراپ تۇرماپتۇ. ھۆكۈمەتمۇ ياردەم قىلىپتۇ. ئەمما ساڭزا يېگىلى ھەمىشە ھېيت بولىۋەرمىگىنىدەك، بۇ ياردەملەرمۇ ھەمىشە بولىۋەرمەپتۇ.ئەقىللىق ئەنۋەر يەنە ئۆيدىكىلەرگە ئارتۇق يۈك چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئاپتۇ.ئۇنى جاسارەتكە تولدۇرۇپ ئىچىنى ئىسسىق قىلىدىغان بىر ئىش، ئەلە-مەلىدىكىلەر سەي-كۆكتات ئالماقچى بولسا ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىلگەچكە ھەممىسى دېگۈدەك ئانىسىدىن ئالىدىكەن. شۇنىڭغا ئانىسىنىڭ سودىسىمۇ ياخشىكەن.بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇپ، ھازىرقى زامان فىزىكىسىنى ئۆگىنىۋاتقان ئەنۋەر كەلگۈسىدە چوقۇم يۇرتى ئۈچۈن كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشۇشنى ئويلاۋېتىپتۇ. ياخشى نەتىجە چوقۇم ئىرادىلىكلەرنىڭ قولىدا. ئەنۋەرنىڭ ئىشەنچ بىلەن تولغان كۆزلىرى بۇنىڭ يىراق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.ھازىر ئەنۋەر ئىنىستىتوت بويىچە بىرىنچى بولالمىسىمۇ ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇپ كېلىۋېتىپتۇ.شۇنچە يىراق يۇرتتىن كېلىپ، ئىستىمال ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيەسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغان بۇ شەھەردە، بايلارنىڭ بالىلىرىلا ئوقۇيالايدىغان مۇشۇنداق بىر داڭلىق ئۇنۋىرسىتتا ئۆزى يالغۇز مۇشۇنداق تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇشنىڭ ئۆزىنى مۆجىزە دېمەي تۇرالايمىزمۇ؟ ھەممە تەرەپتىن مەڭسىتمەسلىك نەزەرىدە قاراپ تۇرغان كۆزلەر ئارىسىدا تىرىشچانلىق بىلەن ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ئوقۇۋاتقان بۇ يىگىتكە ئاپرىن ئېيتماي تۇرالايمىزمۇ؟ يۇرتىمىزدىن يىلدا بەش مىڭ ئوقۇغۇچى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولسىلا ھەقلىق ئوقۇيدۇ.بەلكىم تۇرمۇش سەۋىيەسى ئەنۋەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدىغان بالىلارمۇ كۆپتۇر، ئەمما ھەممىسى ئاشۇنداق ئىرادە بىلەن ئوقۇپ ھەم ئىشلەپ كېتەرلەرمۇ؟

     ياشاپ كەت، ئىرادىلىك يىگىت. چوقۇم نەتىجە قازېنىشقا تىرىشقىن! ئەتراپىڭدىكىلەرمۇ بىلىپ قالسۇن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇھتاجلىقتا قالدىم، دەپلا خەقلەرنىڭ يانچۇقىغا قولىنى ئوزاتمايدىغانلارنىڭ، ھالال تەرى بىلەن ئىشلەيدىغانلارنىڭ، مۇشۇنداق نوقتىلىق يەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ، يەنە كېلىپ ئەڭ ياخشى ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۇرۈپ قوي.بولسا ئۆز كەسپىڭدە نەتىجە قازىنىپ ئۆزەڭنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىڭنى، ئۇيغۇرنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىنى ھەممىگە بىلدۈرۈپ قوي.


8.نەمۇنىلىك ساقچى ئىستىلى


    شاڭخەي شەھرىدە ساقچىلارنىڭ ئوبراز قورۇلۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ھەممىلا جايدا قىزغىن ۋە ئىللىق مۇئامىلە بىلەن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ساقچىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.نېمىشقىكىن ئەزەلدىن ساقچى دېسە كۆز ئالدىمغا ئەپتى بەكلا سۈرلۈك، ھەيۋە بىلەنلا جان باقىدىغان، ئاللىقانداق جىنايەت بىلەن بىر كىملەرنى تۇتىۋالسا قاتتىق ئۇرىۋېتىدىغان، (يوۋاشلارنى تازا سېلىپ، ئازراق بىرنېمە سۈڭگۈتىۋەتكەننى قانات ئاستىغا ئالىدىغان نائەھلىلەر)كېلەتتى. (ئەلۋەتتە بۇنداقلار، ساقچىلارغا نومۇس كەلتۈرىدىغان ئايرىم ساندىكى ساقچىلار)بۇ يەردە مەيلى مەكتەپ، دوختۇرخانىلارا ئىشلەۋاتقان ساقچىلار بولسۇن، مەيلى بازاردىكى ساقچىلار بولسۇن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ يول كۆرسىتىۋاتقان ساقچىلارنىلا كۆردۈم.چەت ناھىيە، يېزىلاردىكى بەزى ساقچىلارنىڭ قوپاللىغىنى، سەۋىيەسىز ھالدا پالتىنىڭ بىسىنى ئىشلىتەلمەي، چۇلدىسىنى ئىشلىتىدىغانلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلگەن بولغاچقا، بەلكى ئاشۇ ۋەقەنىڭ شاھىدى بولۇپ قالمىغان بولسام، بۇ يازمامدا ساقچى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىش خىيالىممۇ يوق ئىدى.

     بىر كۈنى ئەمدىلا دەرستىن تارقاپ دەرۋازا ئالدىغا كېلىشىمىزگىلا بىر كىشىنىڭ بىر ساقچىنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرىۋاتقانلىغىنى، ھېلىقى ساقچىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىۋاتقانلىغىنى، باشقا ساقچىلارنىڭ ئۇ كىشىنى توسۇپ بولالماي قالغانلىغىنى كۆرۈپ قالدۇق.

-ھە-كۆرۈپ قويدۇق، شاڭخەي دېگەن بۇ يەردە ساقچىنىمۇ ئۇرىدىكەن، ساقچى بولسىمۇ ئاتىمىز-، دېدى غولجىلىق ساۋاقدىشىمىز قايسى بىر ئېتوتتىكى جۈملىنى تەكرارلاپ.توغرا ھەممىمىزنىڭ خىيالىدا ساقچى دېگەن ئادەم ئۇراتتى، تاياق يېمەيتتى.ئەمما غولجىلىق بۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ بۇ چاقچىقىدىن ساقچىلارمۇ تاياق يېيىشى كېرەك دېگەن مەنا چىقمايتتى، بەلكى ئاۋۇ ساقچىنىڭ ماجرادىن ئەتەي ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقىنىغا مەسلىكى كېلىپ شۇنداق دېگەنىدى.شىنجاڭدىكى بىكارلىق ئويۇن كۆرىدىغان ئادىتىمىز بويىچە دەرھال ئۇلارنىڭ جېدىلى بولىۋاتقان يەرگە ئولاشتۇق.ئەسلىدە ساقچى ئۇ ئادەمنىڭ كىنىشكىسىز قاتناش ھەيدەۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تەربىيە قىلسا ھېلىقى كىشىنىڭ تەتۈرلۈك قىلىپ، قەستەن جېدەل قىلىپ، ساقچىنى قوغلىغىنى ئىكەن. ھېلىقى ئۆكتەم كىشى ساقچىنى ئۇرغاننىڭ ئۈستىگە توختىماي ۋارقىراپ داۋراڭ سالاتتى. بىردەمدىن كېيىن بۇ يەرگە بىر مۇنچە ساقچىلار يىغىلىپ كەتتى.ئەمدى ھېلىقى كىشى قاتتىق تاياق يەپ كېتىدىغان بولدى، دەپ ئويلىدىم. ئەمما ساقچىلار ئۇ كىشى بىلەن ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك سۆزلەشتى. بىز ئەدەپسىزلىك بولۇپ قالمىسۇن دېگەندەك يېقىن بارمىدۇق. ئەمما ئاخىرى قانداق بولىدۇ دەپ قاراپ تۇردۇق. ئاخىرىدا ئۆكتەم كىشى ھېلىقى ساقچىنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دېدى ھەم قولىنى سىقتى.چوقۇم كەچۈرۈم سورىدى، دەپ ئويلىدۇق.دېگەندەك ساقچىلار تىزلا تارقاپ كەتتى. ھېلىقى كىشىمۇ كېتىپ قالدى.ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش، بەردىمۇ، ياكى باشقا جازا بېرەمدۇ، بۇنى بىلمىدۇق. ماڭغاچ بۇ ئەھۋالنى تازا تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغدۇرالماي، ھەي يۇرتنىڭ ساقچىلىرى بولىدىغان بولسا ھېلىقىدەك ئۆكتەمنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويار بولغىيدى، بۇ يەردە گەپ بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلالايدىكەن يەنە كېلىپ ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدىكەن، دېيىشتۇق.بۇ سۆزىمىزدە بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ ساقچىلىرى ئەسكى دېگەن مەنا چىقمايتتى.ئەمما ساقچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ، ھەقىقىي ساقچىلىق ئىستىلىنىڭ، مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا بېرىپ ياتىدىغان مۇھىم ئىش ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.بىر ساقچى يازغۇچى ئەدەبىي يازمىسىدا، <<بىر چوكان بالىسىغا، بالام خاپا سالما، ئاۋۇ ساقچىنى كۆردۈڭمۇ، دېگەنىدى ھېلىقى بالا دەرھاللا جىم بولۇپ قالدى، بۇنى كۆرۈپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم>> دەپ يازغانىكەن. ساقچى ئەلۋەتتە ئەسكى ئادەملەرنى تۇتىدۇ. ياخشى ئادەملەرنى قوغدايدۇ. ئەمما تارىخىمىزدا ئوزاق ۋاقىت بىكىنمە ھالەتتە ياشىغان، قۇللۇققا دۈملەنگەن روھىمىز بىزنى قورقۇنچ ئىچىدە ياشايدىغان قىلىپ قويغان.شۇڭا بىزدە گۇناھ بولمىسىمۇ قورقىمىز، ئۆزىمىزدىن ئازراق كۈچلۈكلەرگە خوشامەت قىلىمىز...

 دەرۋەقە ئەگەر ساقچىلار كېلىپلا ھېلىقى كىشىنى ئۇرۇپ كەتكەن بولسا ئاشۇ كىشىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس بىر داغ قالار بولغىيدى. ئەمما گۇناھ ئاشۇ كىشىدە بولسىمۇ ساقچىلار، سېنىڭ قىلغىنىڭغا، دەپ ئۇنىڭغىمۇ قوپاللىق قىلماستىن، ئۆز قىلمىشىنىڭ بولمىغۇر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇردى. ئىلمىي بىر تەرتىپ بويىچە مەسلىنى تىنچ ھەل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەيلى يول سورايدىغان ئىش بولسۇن، مەيلى باشقا ئىھتىياجلىرىمىز بولسا دەرھاللا ساقچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ياردەم سورايدىغان بولدۇق. ساقچىلارمۇ قىزغىن مۇلازىمەت قىلدى.

9.پارچە پۇرات تىز سىزمىلار


   گۈزەل خاڭجۇنىڭ ياپ-يېشىللىق قاپلىغان كوچىلىرىدا سەيلە قىلىپ كېتىۋاتىمىز، يوپۇرغا ناھىيسىدىن كەلگەن شائىر قېيۇم تۇر كېتىپ بېرىپ،

شاڭخەيدە ئوقۇدۇق، داڭ شياۋدا يېتىپ،

بالىنى سېغىندۇق، ئانىسىنى قېتىپ.

دەپ شېئىر ئوقۇغىلى تۇرىۋىدى، ھەممەيلەن بارىكاللا ئېيتىپ كېتىشتۇق.بۇ شېئىر ھەممىمىزنىڭ ئاچقان يېرىگە بارغان ئىدى. خاڭجۇنىڭ يېشىلچىلىق قاپلىغان تاغ ۋە ئورمانلىقلىرىغا قاراپ يۇرتىمىزنىڭ كۆيۈك تاغلىرى يادىمغا يەتسە، ئورمانلىقلىرىدىكى تىكەنلىك كىرپە، ئاغمىخانلارغا قاراپ، بۇرۇن بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا مۇشۇنداق تىكەنلىك كىرپىلەرنى قوغلاپ، ئاغمىخانلارنى تۇتۇپ باغلاپ ئوينىغانلىرىمىز يادىمغا يېتىپ خىيالغا پېتىپ قالدىم.بۇ يەردە تىكەنلىك كىرپىلەر ئەركىن ئېغىناپ، ئاغمىخانلارمۇ گاھ چۆپلۈك، گاھ دەرەخ شاخلىرىدا ئەركىن يايلاپ يۈرىدىكەن.ھازىر بورۇنقىدەك ئاشۇ تىكەنلىك كىرپە، ئاغمىخانلارنى يۇرتىمىزدا كۆرەلمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق، شۇڭا ھۆكۈمەت مۇشۇ ھايۋانلارنى نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان قاتارىغا كىرگۈزگەنمىدۇ، دەيدىغان ئەندىشەم يوققا چىقتى.يېتەكچى مۇئەللىم، بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك شارائىتى ياخشى، شۇڭا ھەرقانداق ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئادىتىگە ماس كېلىدۇ، دېدى.دېمىسىمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىتلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. بۇ يەردە گويا يېشىل تاغ، يېشىل ئورمان، يېشىل سۇلار بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك ئىدى.كىچىكىمدىن <<سۇ بويىدا>>نى كۆپ ئوقۇپ، كۆڭلى-كۆكسى شۇقەدەر كەڭرى پالۋانلاردىن تەسىرلەنگەن بولسام، مانا ھازىر ئۇلار ياشىغان گۈزەل مۇھىتتا تۇرىۋاتقاندەك ھىسياتتا بولۇۋاتاتتىم.بۇ يەرگە كېلىدىغان چەت ئەللىكلەر ناھايىتى كۆپ بولىدىكەن.ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن، يات تىللاردا كالدىرلىشىپ گۈزەل مەنزىرىلەردىن بەھىر ئېلىپ كېتىۋاتقان چەتئەللىكلەر ماڭدامدا بىر ئۇچراپ ئۆزلىرىگە بىزە ئوخشاپ كېتىدىغان بىزلەرگە يېقىملىق جىلمىيىپ قويۇپ كېتىپ قېلىشىدىكەن.كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بىر ئىش، چەت ئەللىكلەر قاراپمۇ قويمايدىكەنۇ، بىزدىن بارغانلار ئارىسىدا، ھەرخىل بەلگە تاشلارغا تەڭگە تاشلاپ، بۇتخانىلاردا داڭ ئۇرۇپ ئوغۇل پەرزەنت تىلىگەنلەرمۇ بولدى. مەن بۇلارغا قاراپ قالغان چەت ئەللىكلەرگە دىققەت قىلدىم. ئۇلار، غەرپلىكلەر ئارىسىدىمۇ بۇددىستلار بار ئوخشايدۇ، دەپ قالدىمىكىن. (ئۇلار بىزنى غەرپلىك دەپ ئويلايدىكەن)

   ئەپسۇس، بىلىمدىن، ئەھكام ۋە ئەخلاق دېگەندەك چوڭ تېمىلاردىن چۈشۈپ كېتىدىغان، ئۈستىدە <<清真>> دېگەن خېتى بولمىسا ھېچنېمە يىگىلى ئۇنىمايدىغان ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۇچۈن ئېتىقاد دېگەن، نېمىنى قىبلە قىلىپ، قاياققا قاراپ مېڭىش دېگەن ئاڭ يوقمىدۇ؟ باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى دوراش شۇنچە پەرۋاسىز قارايدىغان ئىشمىدۇ؟ ھەي، <<بىلىملىك>> نارىسىدىلىرىمىز...

 ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يەر مەيدانى شىنجاڭدىن يۈز ھەسسە كىچىك بولسىمۇ نوپۇسى شىنجاڭنىڭكىدىن ئازراق كەم شاڭخەي شەھرىدە 20مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىكەن (تولۇقسىز مەلۇمات).كۆرمىگەنلەر بىلمەيدۇ، كۆرگەنلەرمۇ ھەرخىل باھا بېرىدۇ.مەن كۆرگەن شاڭخەي ۋە خاڭجۇدىكى كوچىلاردا كاۋاپ سېتىۋاتقان، كۆكۋاش پىشۇرۇپ، تاۋۇز تىلىپ سېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىكەن.ئۇلار شەھەر قۇرۇلۇشىنى قوغدىغۇچىلار ۋە سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرىدىن قېچىپ يۈرۈپ كاۋاپچىلىق ياكى باققاللىق قىلىدىكەن.قىلىدىغان تىجارىتىنىڭ دائىرىسى تار ھەم بازارلىق ئەمەسكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ كىچىككىنە ئورۇننى شاڭخەيلىكلەردىن بەكراق شىنجاڭلىقلار ئۆز-ئارا تالىشىپ جىدەل بولۇپ تۇرىدىكەن.ئاشخانا ئاچقانلارمۇ بار بولۇپ بازىرى خېلى ياخشىكەنۇ، بەزىدە خۇيزۇلار ئاچقان كىچىك ئاشپۇزۇللارچىلىكمۇ ئاقمايدىكەن. مەن بۇ يەردە باشقىلارنىڭ تەسۋىرىدىكى: <<پويىز ئىستانسىلىرىدا يۇرتلىرىغا قايتالماي گاڭسا-جىڭسا بولۇپ ئاق چېكىپ يېتىپ كەتكەن، تىرامۋاي ۋە يەر ئاستى پويىزلىرىدا باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلار>>دىن بىرىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم.شۇنداق قىلىدىغانلار بولىشى مۈمكىن.ئەمما ئۇنداقلارنى كۆرمىگەچكە ئۇلار ئازساندا بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلىدىم.بۇنى كاۋاپچىلىق قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بالا ئىسپاتلاپ بەردى.ئىلگىرى ئاڭلىغان، كۆرۈنۈشتە كاۋاپچىلىق قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاق ساتىدۇ، دېگەن گەپلەر يادىمغا يېتىپ دەسلەپتە ئۇنىڭغا ئېرەن قىلماي ماڭدىم. ئەمما ئۇ مېنى كۆرۈپلا يۈگرەپ دېگۈدەك كېلىپ قىزغىن ئەھۋاللاشتى.ئۆزى خوتەنلىك يىگىتكەن.بىر يۇرتلۇق ئىكەنلىكىمىزنى ئۇققاندىن كېيىن تېخىمۇ ھاياجانغا چۆمۈپ كەتتى.مەنمۇ يۇرتلۇقۇمنى كۆرۈپ مەھەللەمگە كېلىپ قالغاندەكلا تەسىراتقا كېلىپ قالدىم.ئۇنىڭ پاراڭ قىلىپ بىرىشىچە <<بورۇن بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى بەك ھۆرمەتلەيتتىكەندۇق، لېكىن ھازىر ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى راستىنلا ياخشى ئەمەس.ئەمما شاڭخەيدە قانۇن-تۈزۈم بەك چىڭ، قانۇنسىزلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر بالىلار بەك ئاز، بولسىمۇ تىزلا تۇتۇلۇپ قالىدۇ>>. ئۇ يەنە <<مەن مۇشۇ پويىز ئىستانسىىسىدا كاۋاپچىلىق قىلىمەن. ئەمما تولىراق كىنو ئىشلەيدىغانلارغا رول ئېلىشىپ بېرىمەن.بۇنىڭ كىرىمى خېلىلا ياخشى، ئۇلارمۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ رولى بولسىلا مەن قاتارلىق بىر نەچچىمىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئۇيغۇر ئۇچرىسا بەك قېچىپ كەتمەڭلار>> دېدى. مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، باشتا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتىن تولا ئىھتىيات قىلغىنىمغا سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.

    ئاھ، ئۇيغۇرلۇرۇم، سىلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر شارائىت، مۇشۇنداق بىر شەھەردە مەۋجۇتلۇق ئىزدەۋاتقىنىڭلارنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش.ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى خەقنىڭ يانچۇقىدىكى پۇللارغا چەن سوقماي، نامىمىزنى بۇلغىماي، ھالال ئىش قىلىدىغان بولساڭلار، قانداقلا ئىش بولمىسۇن مۇشۇنداق ئىقتىسادىي ئۇمۇرتقىغا ئايلانغان، ئىستىمالغا بولغان ئىھتىياج كۈچلۈك بولغان شەھەردە ئەجرىڭلارنىڭ يەردە قالمايدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن...

شاڭخەيدە دوختۇرخانىلار كۆپ ھەم كەسپىي سەۋىيەسىمۇ ياخشىكەن. بىراق كېسەل كۆرسىتىش ئانچە ئوڭاي ئەمەسكەن. قايسىلا دوختۇرخانىغا بارساڭ ئوزۇن ئۆچرەتتە تۇرىدىكەنسەن.يەنە مۇتەخەسسىس دوختۇرلارغا كۆرۈنۈشنىڭ باھاسى زىيادە قىممەت بولىدىكەن.گاھى داۋالاش تۈرلىرىنىڭ پۇلىمۇ كىشىنى چۈچۈتكىدەك كۆپ بولىدىكەن.بۇ يەرگە كېلىپ پېقىر مۇئەللىپنىڭ بۆرىكىمدىكى تاش قوزغىلىپ بەك بىئارام قىلدى. ئەمما بىر-ئىككى ئايدەك ۋاقىت پەقەت تەكشۈرۈشكىلا كېتىپ تازا قىينالدىم. ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ <<بۆھران>>غا دۇچ كەلدىميۇ، شىنجاڭدىن بارغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ياردىمى ۋە ئىلھامىدا بۇ ئۆتكەلدىنمۇ خاتىرجەم ئۆتىۋالدىم.ھەتتا بۇ يەردىكى خەنزۇ مۇئەللىمىم مېنى ئۆزى ئەكىلىپ، تونۇشلىرىغا كۆرىسىتىپ دېگۈدەك نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.ئەمما داۋالىنىشىم، ھەي...ئەڭ ياخشىسى ئۆزەم ھەققىدە توختالماي، ئۆزى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىگەن موللىنىڭ نۇتقى ئەڭ بىمەنە چىقىدۇ-غۇ؟ ئىشنى قىلىپ، شاڭخەينىڭ داۋالىنىش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بەكلا قىممەتچىلىك ھەم قىستاڭچىلىق ئىچىدە بولغاچقا داۋالىنىش قىيىن بولىدىكەن.


10.شاڭخەي بىلەن خوتەن


    تۇرۇپ شاڭخەي بىلەن خوتەننى سېلىشتۇرغۇم كېلىپ قالدى. بەلكى خىيالىمدا ئېگىز بىلەن پەسنى سېلىشتۇرغاندا تۇرىۋاتقان ئورنىمىزنى ئىنىق ھىس قىلىپ، ئېگىزگە ئىنتىلىدىغان بولارمىز، دەپ ئويلىغاندىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپرىلنىڭ مەلۇم كۈنى سېلىشتۇرمىسام بولمايدىغان، شاڭخەي شەھرىدە، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە غولغۇلا قوزغىغان بىر ۋەقە يۈز بەردى.بۇ كۈنى تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلىققا ئىمتاھان بىرىپ ئۆتەلمىگەن بىر قىز بىنانىڭ 15-قەۋىتىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالماقچى بولغان، ئەمما قىزنىڭ تەلىيىگە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ئۇنى قۇتقۇزىۋالغان ئىكەن.مەن مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئوقۇتقۇچىدىن ئاڭلاپ مۇنداق بىر سېلىشتۇرما كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى.

بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل بورۇن خوتەن ۋىلايىتىدىمۇ 12ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى كىتاپ پۇلىنى تاپشۇرالماي ئۆزىنى دوڭغاق جىگدىگە ئېسىپ ئۆلىۋالغان.شاڭخەيدىكى قىز يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولالمىغاچقا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولغان. خوتەندىكى بالا مۇھتاجلىقنىڭ زۇلمىغا چىدىماي ئۆلىۋالغان.ئەگەر شاڭخەيلىك قىز ئۆتەلىگەن بولسا ئۇنىڭغا ماددىي كاپالەت توسالغۇ بولماسلىغى مۈمكىن ئىدى.ئەمما خوتەنلىك بالا مەنىۋى تەشنالىقنى ئويلاشقا ماددىي كاپالەت يار بەرمەيلا ئۇدۇنياغا كېتىپ قالغان.بىرسى مەنىۋىي ئىھتىياج، يەنە بىرسى ماددىي تەلەپنىڭ زورى بىلەن ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئوخشاش بىر يولنى تاللىغان.يەنە بىر ئوخشاش يېرى، ھەر ئىككىسى نومۇس كۈچىدىن شۇ يولنى تاللىغان.دېمەك نومۇس تۇيغۇسى ھەرئىككىلىسىدىلا مەۋجۇت. ئەمما شاڭخەيلىك قىزنى باشقىلار قۇتقۇزىۋالغان، يەنە جەمئىيەت قوينىغا ئالغان. خوتەنلىك بالىنى بولسا قۇتقۇزىۋالىدىغان ھىچكىم چىقمىغان. شاڭخەيلىك قىزنىڭ ۋەقەسى شاڭخەي شەھرىنى زىلزىلىگە سالغان، پۈتۈن جەمئىيەت بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن. ئەمما خوتەنلىك بالىنىڭ ئاشۇ پاجىئەسى يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ قەلىمى ئاستىدا يورۇقلۇققا چىقمىغان بولسا بەلكى ھېچكىم ئاشۇنداق بىر بالىنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە سەۋەپ (ئەمەلىيەتتە مۇھتاجلىقتىكى، ئاچلىقتىكى كىشى ئۈچۈن بىر بۇردا نانمۇ چوڭ ئىش، چوڭ سەۋەپ) جېنىنى ئالغانلىغىنى بىلەلمەيلا قالغان بولارىدۇق. پىسخولوگىيە دەرسى ئۆتىدىغان مۇئەللىمىمىز خوتەندە يۈز بەرگەن ئاشۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇنى <<ھەممسى پىسخىكا ئاجىزلىغى، پىسخىكىدىكى كېسەللىك، شاڭخەيدە بۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلار كۆپ. ئۈچ يىل بۇرۇن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بىر پەندىن ئۆتەلمىگەنلىگىدىن نومۇس قىلىپ 8-قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالغان>>دەپ ئىزاھلىدى. ئەمما مەن خوتەن ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئىشنى پىسخىكا ئاجىزلىغى دەپلا شەرھىيلەشكە ئانچە قوشۇلالمىدىم...

    شاڭخەي شەھرىدە داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارنىڭ، يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلارنىڭ بەكلا قەدرى بولىدىكەن.ئۇنداق زىيالىيلارمۇ ئۆزىدىن، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتە يوقۇرى ئورۇنغا ئىگە بولالىغانلىغىدىن بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىپ ئۆتىدىكەن. توغرا، ئۇلار شۇنداق پەخىرلىنىشكە ھەقلىق.ئەمما خوتەندىچۇ؟ داڭلىق داشۆدە ئوقۇساڭمۇ، يوقۇرى ئوقۇش تارىخى ھازىرلاپ، بېشىڭغا يوغان سەللە ئوراپ كەلسەڭمۇ ئوخشاش، تېخى بەزىلەرنىڭ كەسپى خوتەنگە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بەرىبىر يەرلىك خاقانلارنىڭ بىر پىچكىسىغا ئايلىنىسەن. ئۆزەڭدىن نەچچە ھەسسە بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئۆتىسەن، ئەگەر سەن شۇلارنىڭ ئېغىر ھالدىكى بىيروكراتلىق قاپلىغان چويۇن كاللىسىغا ماسلىشىپ، توكۇرنىڭ شەھرىدە بىر پۇتنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندەك، ساراڭنىڭ يېنىدا ئالا-جوقا سۆزلىگەندەك، ئاشۇلار نېمە دېسە خوش دەپ تىچ ئۆتسەڭ نېنىڭنى يەيسەن.ئەمما ئۆگەنگەن بىلىمىڭگە ئىشىنىپ كېتىپ شۇنداق باش كۆتىرىمەن دەيدىكەنسەن، ئۈستۈڭدە مەندىن ئېشىپ كېتەرمۇ؟ دەپ ساڭا تىكىلىپ تۇرغان بىرنەچچە بېغىر كۆز قاراپ تۇرغان بولغاچقا، ئۆزەڭمۇ ئۇقمىغان ھالدا ئىككى پۇتۇڭ بىر ئۆتۈككە تىقىلىپ، بىر ئۆمۈر ھىچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي ئۆتۈپ كېتىشىڭ مۈمكىن.

نېمىشقا شۇنداق دەيسەن؟ دەپ ئويلايدىغانلارنى مەن خوتەننى چۈشەنمەيدىغانلار دەپ قارايمەن. چۈنكى خوتەندىكى بۇ رىئال ئەھۋال خوتەننى چۈشىنىدىغانلارغا سىر ئەمەس. داشۆدە ئېلىپ قالايلى، دېسىمۇ ياق، مەن ئاشۇ ھەمىشە توپا يېغىپ تۇرىدىغان ئانا يۇرتۇم خوتەنگە قايتىمەن. ئاشۇ يەرنى گۈللەندۈرىمەن، دەپ قايتىپ كەلگەن نۇرغۇن ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ ھازىر قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز. مېنىڭ بۇ ھەق گەپلەرنى سۆزلىشىمدىن مەخسەت يەنىلا سوتسىيالىستىك ۋەتەن ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان خوتەن ئۈچۈن.مىسالى خوتەندىكى ئاشۇنداق رىئال ئەھۋالنى ئوڭايراق ئىزاھلىشىم ئۈچۈن تۆۋەندىكى بايانغا قولاق سېلىڭ.

    چەتئەلدە بىر ئالىم ئىكىسپىدىتسىيە بىلەن ئافرىقا قۇرۇقلىقىدا كېتىۋېتىپ، ئورمانلىقتىكى بىر قەبىلىنىڭ كېسەل، ئاجىز كىشىلەرنى يەۋىتىدىغانلىغىنى بايقاپ قالغان ھەم بۇھالەتنى ئۆزگەرتىش مەخسىدىدە بىر بالىنى ئېلىپ كېتىپ ئوقۇتقان، ھەتتا ئالىي مائارىپ تەربىيسىگىچە ئوقۇتۇپ، ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭدىكى يامان ئادەتنى ئۆزگەرت، دەپ يۇرتىغا ئاپىرىپ قويغان. ئەپسۇسكى بىر يىلدىن كېيىن كەلسە ئۇ زىيالىينى تاپالمىغان.سۈرۈشتۈرسە، قەبىلىدىكىلەر ھېلىقى زىيالىينى يەۋەتكەنىكەن. توغرا، ئۇ زىيالىينىڭ ئۆگەنگەنلىرى يۇرتىغا پەقەت ماس كەلمىگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمى ئارقىلىق يۇرتىغا ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمىگەن، شۇنداقلا قەبىلىدىكىلەرگە ئازراقمۇ تەسىر ئۆتكۈزەلمىگەن. شۇڭلاشقا قەبىلىدىكىلەر بۇ <<كارغا يارىماس>>نى يەۋەتكەن. مەن خوتەن ۋە خوتەنلىكلەرنى شۇلارغا ئوخشىتىمەن. ئەمما شۇ نەرسە ئايان بولىشى كېرەككى مەن خوتەننى ئۇنچىلا بەدىۋىلەرنى ماكانى دېمەكچى ئەمەس.ھەم خوتەن ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس.ئەمما خوتەنگە يىلدا دىگۈدەك ناھايىتى ئىقتىدارلىق، يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر <<يۇرتۇمنى گۈللەندۈرىمەن>>دەپ كېلىدۇ.ئەمما تۆت-بەش يىلدىن كېيىن قارىساڭ ئۇنىڭ ئاشۇ غايىسى، ئاشۇ بىلىمىدىن ئەسەرمۇ يوق، بارچە خوتەنلىكتەك بارىغا رازى بولۇپ، كۆرگەن كۈنىگە شۈكرى قىلىپ، سېرىقتال تۇرمۇشىدىن قىلچە غەيرىيلىك ھىس قىلماي بولىشىچە ياشاۋاتقانلار كۆپ.شۇنداق ئەينى ۋاقىتتا ياش تۇرۇپلا نەتىجە قازانغان، ئاشۇ نەتىجىلىرىمنى خوتەندە جارىي قىلدۇرىمەن، دەپ كېلىپ ئاقىۋەتتە <<يىيىلىپ كەتكەن>>لەردىن نەچچىنى ساناپ بەرگىلى بولىدۇ. ئاددىيسى يېزىدىكى بىر مەكتەپكە ناھايىتى ئىقتىدارلىق بىر ئوقۇتقۇچى كەلسە، ئىككى-ئۈچ يىلغا بارمايلا ئاشۇ ئوقۇتقۇچى دەسلىۋىدە خېلى كۈچەپ ئىشلەپ باقىدۇ-يۇ، ئاتالمىش چوڭاملارنىڭ، مەندىن ئېشىپ كېتەرمۇ دېگەندەك نەزەر بىلەن قىلىۋاتقان دۈشمەنلىكلىرىدىن تېڭىرقاپ، تېخى كەسىپتە بىرەر نەتىجە قازانمايلا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاشلا ساددا، توپا چىراي بولۇپ كېتىدۇ. باشقا كەسىپلەرمۇ ئوخشاش. ھەتتا چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەردىنمۇ نەچچە يىل ئىشلىگەنلەرنىڭ سىياقىدىن چەتئەلگە بارغانلىقنىڭ ئىزناسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.

    شاڭخەيدە كەسپىي قابىلىيتى يوقۇرى كىشىلەرنىڭ نەتىجە يارىتىش پۇرسىتى كۆپ بولىدىكەن. چۈنكى ئۇلار تىگىشلىك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغاننىڭ ئۈستىگە، كېرەكلىك مۇھىت ۋە شارائىتلارمۇ تەل ئىكەن.شۇڭا ئۇلاردا بىرخىل تىرىشچانلىق، جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن.توغرا، دوختۇرخانىغا ئەڭ ئۇستا، قابىلىيەتلىك دوختۇر باشلىق بولىدۇ.توپنى ئەڭ ياخشى ئوينايدىغان كىشى ئاخىرى تېرىنىر بولىدۇ.ئەمما ئېتراپ قىلىش كېرەككى خوتەندە ئۇنداق ئەمەس. مائارىپقا سېمۇنىت زاۋۇتىدىن ئۆسۈپ كەلگەن كىشى باشلىق بولسىمۇ مۇئەللىملەرنى راۋرۇس باشقۇرىۋېتىدۇ، يېزا ئېگىلىكىگە سېلسارلىقتىن چىققان ئادەممۇ مەسئۇل بولالايدۇ. باشلىق بولغانلارنىڭ ئېغىزىدىن راسا بەدبۇي، سەت تىللار بىلەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلار چىقالىسا، بىزگە <<يەنجۇسىڭ>> (تەتقىقاتچى) كېرەك ئەمەس، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرسىمۇ ئوتتۇز-قىرىق بالىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسا بولدى، دېگەندەك <<سەۋىيەلىك>> نوتۇقلارنى سۆزلىيەلىسە بولدى. شۇڭا خوتەنگە كەلگەن ئىرادىلىك زىيالىيمۇ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن <<يېيىلىپ>> كېتىدۇ ياكى خوتەندىن ئۆزىنى تارتىپ بىراقلا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. ئەمدى ئاشۇ ئىقتىدارلىقلارنى خوتەنگە ھىچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمىدى، <<يېيىلىپ كېتىشكە ھەقلىق>>دەيلىمۇ؟ ئۇنداق بولۇشنىڭ نىگىزلىك سەۋەبى زادى يوقۇرى ئوقۇش تارىخى ھازىرلاپ يۇرتۇمنى گۈللەندۈرىمەن دەپ كەلگەنلەرنىڭ بېلى بوشلىقىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە شۇلارنىڭمۇ مەلۇم مەسئۇلىيتى بار، يەنى ئۇلار توغرا بولغان پىكىرىنى ھەممىلا يەردە سۆزلەپ ئۆزىگە دۈشمەن تاپماي، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ۋايساپلا يۈرمەي، يۇرتقا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى جار سالماستىن ئۈن-تىنسىز ھالدا جاپاغا چىداپ ئىشلىشى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پايدىلىق نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىش جەھەتلەردە ئوڭۇشسىز شارائىتتىمۇ نەتىجە قازىنالايدىغان جاسارەتنى ھازىرلىشى كېرەك.شۇندىلا بىلىمنى، تېخنىكىنى ئاساس قىلغان كىشىلەر توپى بارلىققا كېلىدۇ، ئۇلار بىر توپ بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىن ئاسان يېيىلىپ كەتمەيدۇ.ئاقىبەت يەنە شۇنداق زىيالىلاردىن ئەمەلدارلار قاتلىمى ھازىرلىنىدۇ-دە، ئىشلارنى ئىلمىيلىك ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان مەدەنىيەت تەرتىپى ئورنىتىلىدۇ.بۇنىڭ ئوزۇنغا بارمايدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.

    ئىزدىنەيلى، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئىش ھەممىمىزنىڭ زىممىسىدە بار. بۇرۇندىن ئانچە ئۆتكۈر ئەمەس دەپ قارىلىپ كەلگەن مەن ئەمدى بۇ ھەقتە ئازراق سۆزلەي.بولمىسا يەنە ئويلاۋەرسەم، ئويلىغاننىڭ ھەممىسىنى ئېيتىۋەرسەم مەنمۇ ئىقتىدارلىق ئەمما يەۋىتىلىدىغانلار قاتارىدا، دەپ سانىلىپ <<يېيىلىپ>> كەتمەي يەنە.

    شاڭخەيدە ھەممە ئادەم قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىكەن. ۋاقىتقا قاتتىق ئەمەل قىلىدىكەن. ئىقتىدارلىقلار قەدىرلىنىدىكەن. يەنە ئىش ھەققى مەسىلىسىدە پىروفىسسور ئوقۇتقۇچىلار بىزگە <<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا ئىش ھەققىنىڭ دەخلىسىز ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇنىڭغا قالايمىقان چېقىلىش ھوقۇقى يوقلىقى>>نى ئېيتقاندا ھەممەيلەن چۈرقىرىشىپ كەتتۇق.چۈنكى ھازىر گەرچە مائاشنى كاسسىرنىڭ قولىدىن ئەمەس، بانكىدىن ئالىدىغان بولساقمۇ تەدبىر بەلگۈلىگۈچى <<ئالىيلىرى>>نىڭ ئىنسابى بىلەن بەس كەلگۈسىز باھانىلەر دۆۋىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان پۇللا قولىمىزغا تېگىدۇ. مائاشقا كەلگەندە بىچارە قەلەم، ئىستارە موللىنىڭ دېگىنىنىلا يازىدۇ. جەدۋەلدىكى مائاشنى ساق ئېلىپ باققىنىمىزنى ئەسلىيەلمەيمىز، ھازىر مائاشنى ساق تارقىتىشنى ئەمەلىيەلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەت زۈرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ.مالىيە ئىدارىلىرى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرىۋاتىدۇ.ئەمما ئاشۇ ئۇستا باشلىقلىرىمىز قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش، تەپتىش قىلىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ يەنە مائاشىمىزنى تۇتىۋىرەلەيدۇ. چۈنكى گەپ ئېيتىلىشتا، ھەممىسى بىز ئۈچۈن، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ناھايىتى <<پايدىلىق>> بولغان <<ئورۇنلۇق>> زۈرۈر سەۋەپلەر. يەنە تېخى ئېيتىلىشتا ئىختىيارىي، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەجبۇرىي بولىدىغان ئاتالمىش ئىئانىلىرىمىزمۇ بىچارە ئاۋاق مائاشىمىزنى شۈمۈپ تاشلىۋەتكەن كەمپۈتكە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. شۇلارنى دېگىنىمىزدە پىروفىسسورنىڭ كۆزلىرى چوڭ ئېچىلىپ، <<مۇنداق ئىشمۇ بارمۇ، بىزنىڭ مائاشىمىزدىن شۇنداق قىلىدىغان بولسا ئەرز قىلىمىز>>، دېدى.شۇنداق، قانۇن بولغان ئىكەن ئەرز قىلىش كېرەك.بولمىسا ئۇ قانۇننىڭ تازىلىق قەغىزىدىن نېمە پەرقى بولسۇن.ئەمما ھەي... بىزمۇ ئەرز قىلساق بولارمۇ؟ ئەرزىمىز ناھىيەنىڭ سىرتىغا ئۆتمەيلا يىگىنىمىز ئاش بولماي قالىدىغان ئەھۋاللارنى نېمە دېسەم بولار...ئاخىرىنى دېمەي، خوتەندە تېخى ماۋۇ ئاۋام ئۈچۈن ھەق گەپ قىپتىكەن دەيدىغان ئىش يوق. پالاكەتكە ئۇچرىغان ھامان، تېخى يېقىنلىرىمىز ئارىسىدىن، تۆت كىشلىك گوروھتىن مىراس قالغان، راست شۇنداقتى، بۇ زادى ئوسۇرغاقتى، دەپ يالا چاپلايدىغان ئىشلار كۆپ، ئەمما يەنە دېمەي بولمايدۇكى-ھەممىمىز قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قىلساق بولاتتى.قانۇن ئۈچۈن ھەق گەپ قىلساق بولاتتى.بىرسى ئۈجمە ئېغىتسا باشقىلار ئاستىدا يېتىپ ئۈجمە يىيىشنى ئويلىماي، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ قانۇنى ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىشتىن ئېرىنمىسەك بولاتتى...

   ئەسلى مۇشۇ تېمىنى سېلىشتۇرماي دېگەن، ئەمما قەلبىمگە تەسىر قىلغاننى قەلىمىم ئاشكارىلىۋەتمىسە ئۇنىمايدىغان خۇيۇم بۇنىڭغىمۇ يول قويمايدىغان چېغى.

 شاڭخەيلىكلەرمۇ ھاراق ئىچىدىكەن.ئەمما ھاراق ۋاستە بولسا بولىدىكەنۇ ھەرگىزمۇ مەخسەت ئەمەسكەن.توۋا، بىزنىڭ شاڭخەيلىكلەردىن ھىچنېمىمىز ئارتۇق بولمىسىمۇ ھەرھالدا ئىچەلەيدىغان بىر <<ئالاھىدىلىكىمىز>> بولسىمۇ يۇقىرىكەن. چۈنكى مەن ئۆزىمىزنى بىلىم جەھەتتە ئۇلارغا سېلىشتۇرۇشقا قەتئىي پېتىنالمىدىم.تەرەققىيات جەھەتتە سېلىشتۇرۇش تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەسكەن.ئەمما مۇشۇ كۆتىرەلەيدىغان ئالاھىدىلىكىمىز ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدىكەن.ئۇلار نەچچە رومكا ئىچسىلا قەتئىي ئىچكىلى ئۇنىمايدىكەن.ئەمما بىز شىنجاڭدىكى ئاشۇ تەۋەررۈك ھۈنىرىمىزنى ئارتۇقچىلىق دەپ بىلدۇقمۇ، شاڭخەيلىكلەر مەسخىرە قىلىپ تۇرسىمۇ نەگىلا بارساق قانچىلىك كۆپ كۆتىرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈردۇق. يەنە تېخى ئاھانەتلىك زورلاشلار، قولاق مىدىرلىغىچە بولدى قىلمايدىغان قىلىغىمىزنى سۆرەپ يۈردۇق. قانچىمىزنى سورۇندىن يۈدۈپ دېگۈدەك ئېلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئۇلار بىزگە سورۇن تەشكىللەپ بىرىشتىنمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇشتى.ئەمما بۇنىڭدىن خاپا بولۇپ كەتمىدۇق. ھەركۈنى ئىچىپ تۇرمىساق، نورمىمىز توشمايدىغاندەك، يوقلىمىغا نۆل چۈشۈپ قالىدىغاندەك ھەرگىزمۇ كۈن ئۆتكۈزىۋەتمىدۇق. ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىي يازغان بىر ماقالىدىكى، شىنجاڭدىكى ئىچىلىدىغان ھاراقنىڭ سىتاستىكىسغا كەم قالمىسۇن دېدۇقمۇ ساقاللىق نارىسىدىلەردە بولىدىغان بۇ <<گاڭگۇڭ>>لىغىمىزنى تاشلىيالمىدۇق.بۇنداق ئەھۋال بىزگە قانچىلىك پالاكەتلەرنى، ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلمىگەن؟ يەنە نەگە ئاپىراركىن.<<نوچىلىق، پوچىلىق قىينايدۇ جاننى>> (روزى سايىت). بارچە مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆزىنى تونۇش شوئارغا ئايلىنىپ كەتكەن مۇشۇ دەۋىردە ئۆزىمىزنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىمىزنى، قانداق قىلىش، قاياققا مېڭىش كېرەكلىكىنى ھامان تونۇپ يېتىمىز، ئەمما سۈرئىتى بەكلا ئاستا بولىۋاتىدۇ.

     
      مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدىن ئېلىندى .
      ئۇلىنىش مەنزىلى : http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=19&TopicID=1611   

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3449
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 02:33:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇن ئېلىپ قۇيۇپ ئەتە ئۇقۇپ ئىنكاس يازىمەن..

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 09:07:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئىككى جاي ئاسمان زېمىن پەرىقلىنىدۇ،  مەيلى كىشىلەرنىڭ روھىي قىياپىتى، تۇرمۇش رېتىمى، شەھەر مۇھىتى ، تەرەققىياتى ۋە خىزمەت پوزىتسىيەسى....
        ئانا يۇرتۇم خوتەن ئۈچۈن سوققان سانسىزلىغان يۈرەكلەر  ئەشۇ  ئىزگۈ تىلەكلەر ئىچىدە    سىقىلىپ، مىجىلىپ، ئىزىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا گۈزەل ئارزۇلىرىنى يوقىتىدۇ، رىئاللىققا بوي سۇنىدۇ، ئەگەر   جاھىل، تۇرمۇشقا كۆنۈككەن، جاپادىن قورقمايدىغان مىجەز خاراكتىرى بولمىسا،  خوتەنلىكلەرنىڭ  خوتەننى ھازىرقى ھالىتىگە ئەكىلەلىشى، خوتەن تۇپرىقىدا  پارچە پارچە يېشىل كارىدورلارنى ھاسىل قىلالىشى ۋە  دۆلىتىمىز ئىچىگە داڭلىق  مەھسۇلاتلارنى ۋە  ئىجادىيەتلەرنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس  ئىدى. ئەمما  چاڭقىغان، چاك چاك كەتكەن  ئاشۇ روھ ۋە  تەنلەر،  ئەمدى سۇ ئىچىۋاتىدۇ، كۆزلىرى ئېچىلىدى،  ئىشىنىمەنكى  بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات، ئىجادىيەت ۋە كەشپىيات سەھنىسى  خوتەنلىكلەرنىڭ  قەدىمى ۋە  ھاسىلاتلىرى بىلەن تولىدۇ.
    رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش   سوتسىيالىستىك ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ئىشىنىمەن،  بۇ  شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يېغىنىنىڭ ئېچىلىشى نەتىجىسىدە رىئاللىققا ئاشقۇسى... كۈن ئۇزاق، مۇساپە قىيىن،  تارىخ گۇۋاھچى.

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ھاياتقا ئۈمۈد بى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9450
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 10:14:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (HANJAR) نىڭ يازمىسىغا

ھەقىقەتەن مەدەنىيەت پەرىقى دىگەن شۇدە ... ماڭا بۇ ئەسلىمە ساياھەت يازمىڭىز چوڭقۇر تەسىرلەرنى بەردى ... بولۇپمۇ مائارىپ تۈزۈلمىسى ، ساقچىلاردىكى ئىللىقلىق ھەقىقەتەن كىشىنى سۈيۈندۈرىدۇ ... بىزنى بۇ يەرلەردىچۇ ... ھەي ، ھەممە قۇساق ئاۋارىسى ، ئۈزىنىڭ قۇرىسىقىدىكى ئۇماچنى ئەمەس ، بەلكىم ، پۇلىنى ، ھەيۋىسىنى ، ئەمەلىنى پەش قىلىدۇ ... نېمە دىگەن چوڭ پەرىق ... كىشىنى ئويغا سالىدىكەن ... شاڭخەي تەسىراتلىرىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ... كۆپ بىلىملەردىن بەھىرلەندىم ...

دۇنيادا ھەممە نە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 2043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19430
تۆھپە نۇمۇرى: 1519
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 12:31:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«دىسەم:مەن شاڭخەيدە ئوقۇدۇم ناماز،
دىدى بىرسى:شاڭخەيدە ناماز نىمىسى؟!
دىدىم ئاڭا:نىمىشقا ئۇندا ئۇقماي ناماز،
يۇرتۇم خوتەن تۇرسا  ئۇنىڭ قىبلىسى...»

ياخشى يېزىپسىز........... ھەقىقى ئەھۋال..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7828
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8620
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2310 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 12:49:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر ئىككىسى چىگرا  رايۇن  ،  ئەمما يۇقىرىدىن بەرگەن سىياسىدىن پايدىلىنىش ئوخشىمايدۇ ،ئوخشاش بولمىغان باشقۇرۇش تۇزۇلمىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى توپنى يىتىلدۇردى ،  تولۇقسىزنى پۇتتۇرگەن  ئاران ئىككى يىللىق  ھەربى مەجبۇرىيەتنى  توشقۇزۇپلا   ئادەمگە شۇجى بولۇپ دوكتۇر -تەتقىقاتچىلارنى پىقىرىتىپ يۇرسە ،  بىيۇگىراتچىلىق  شۇنداق ئەۋىج ئالغان تۇرسا ،  ھەتتا بەزى يىزىلىرىمىز تىخىچىلا  مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنى  باشتىن ئوتكۇزىۋاتسا  شۇنداق بولماي نىمە بولماقچىتى -ئەمىسە  .........................................

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 01:06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ تېمىسىنى سورىماي تۇرۇپ كۆچۈرمەڭلار  [s:173]

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

كۈنلىرىم قىممىت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16384
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 01:24:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەمدى كۈرۋاتمەن ئۇقۇپ بوپ بىرنەرسە دەي

ئالدىراپ كۈلمىگىن تەڭشەپ قۇيىدۇ، دەرد ـ ئەلەم كۈزۈڭنى ياشلاپ قۇيىدۇ . ئۇنۇتما ، بىرگە بىر تەڭشەلگەن جاھان ، نامەرتلەر سىنىمۇ ئالداپ قۇيىدۇ .

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19987
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10619 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 02:16:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان تىمىكەن .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 02:21:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇي  دىسەم  بەك جىقكەن.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش