مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 856|ئىنكاس: 10

ئائىلە تەربىيىسىدىكى قېممەتلىك «بىرمېنۇت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەڭرى ياراتقان ب

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26758
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2022
تۆھپە نۇمۇرى: 202
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2011-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 02:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئائىلە تەربىيىسىدىكى قېممەتلىك «بىرمېنۇت»لار


ئالەم قاتناش خادىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا،بىرمىنۇت ۋاقىت سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش دېگەنلىك، گېئولوگلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،بىرمىنۇت ۋاقىت نېفىت قۇدۇقىدىن نېفىت چىقىرىش دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇ ئۇلۇغ بىر مىنۇت. بىر مىنۇتلۇق قاتتىق يەرتەۋرەش بىر ئاۋات شەھەرنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇشى،بىرمىنۇتلۇق زور كەلكۈن بىپايان مۇنبەت ئېتىزلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن، مانا بۇ ۋەھىمىلىك بىر مىنۇت.بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى،ئەگەر بۇ بىرمىنۇتتن ھوشيارلىق بىلەن جانلىق،ئەپچىل پايدىلىنالىغان بولسا، ئىنسانىيەت ئاسمىنىدابىر گۈزەل ھەسەن –ھۈسەن نۇرچاچقان بولاتتى.
1.بىرمىنۇتلۇق تېگىشىش.
ئاتا-ئانىنىڭ قولى پەرزەنتلەرنى يېتەكلەيدۇ، يېتەكلەش كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا، پەرزەنتلەر شۇنچە ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بالىڭىزنىڭ بېشىنى مېھرىڭىز بىلەن ئاستاغىنە سىلاپ قويۇڭ.ئۇنىڭ كىچىككىنە قوللىرىنى چىڭ تۇتۇڭ، بۇ خىل تېگىشىش ئارقىلىق بالىڭىزغا ئاتا-ئانىلىق مېھرىڭىزنى يەتكۈزۈڭ، مۇھەببەت ۋە كۈچ بېغىشلاڭ.لېكىن بۇنداق تېگىشىشتە كەيپىياتقا، سورۇنغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
2.بىرمىنۇت دىققەت قىلىپ ئاڭلاش.
دائىملا بالىڭىز ئاڭلىغۇچى بولىۋەرمىسۇن، سىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، بالىڭىزنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ بېقىڭ، بالىڭىزنىڭ قەلب دۇنياسىغا كىرىپ بېقىڭ،يۈرەكلىرىڭلارتېگىشسۇن.ئۈنۈملۈك تىل ئالاقىسىگە ئەھمىيەت بېرىڭ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بالىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەلەيسىز، ئۆزىڭىز بىلەن بالىڭىز ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ ۋە ھىسىياتنى ئىلگىرى سۈرەلەيسىز.بالىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، چوقۇم زېھنىڭىز مەركەزلەشكەن، روھىڭىز كۆتۈرەڭگۈ، پوزىتسىيىڭزمۇلايىم بولۇشى كېرەك.
3.بىرمىنۇت ئويۇن ئويناش.
بىر دۆت بالا ئويۇن ئويناش جەريانىدا خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ.بىر ئەقىللىق بالائويۇن ئويناش جەريانىدا بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ، بىر ياراملىق بالائويۇن ئويناش جەريانىدا پاراسەت يېتىلدۇرىدۇ.ئويۇن ئويناش بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارئوتتۇرسىدىكى ھىسياتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بالىلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ.ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن چوقۇم مەزمۇنى ساغلام ،ئاكتىپ تەسىرگە ئىگە، قىزىقارلىق، بالىلارنى مۇكەممەللىككە، ئىلگىرىلەشكە، شادىمان تۇرمۇشقا ئىنتلدۇرىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىشى كېرەك.
4.بىرمىنۇتلۇق تۈزىتىش.
مەجنۇنتالغا جىلۋە ئاتا قىلغان دەل شامال، تىپتىنچ سۇغا ھەيۋەت ئاتا قىلغان دەل دولقۇن، بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، سىز چوقۇم قانداق قىلىپ بۇ خىل قىلمىشنى تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى ئىنق كۆرسىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك.خاتا قىلمىش داۋاملىشىۋەرسە ئاپەتكە ئايلىنىدۇ، بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزىتىڭ، بولمىسا يىغىلىپ ئەسلگە كەلتۈرۈش تەس بولىدۇ.لېكىن بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى بايقىغاندا، ئالدى بىلەن بۇ خىل خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنىڭ سۇبيېكتىپ سەۋەب ياكى غەيرىي سۇبيېكتىپ سەۋەب ئىكەنلىكىنى، ئەھۋالنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىنىقلىۋىلىڭ.بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتكەندە، سورۇنغا دىققەت قىلىڭ، گەپ-سۆزلىرىڭىز سىلىق، پوزىتسىيىڭىز مۇلايىم بولۇشى، ئالدىراقسانلىق قىلماي، قەدەممۇقەدەم ھەل قىلىشىڭىز كېرەك.ھەرگىزمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلىماڭ.
5.بىرمىنۇتلۇق ئىلھاملاندۇرۇش.
ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۈ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىدۇ، ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۈ ئۈمىدۋار لىققا ئىگە قىلىدۇ.ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۇبەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۇرىدۇ.بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزسە، چوقۇم تۇزىتىڭ، لېكىن تۈزىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىڭىزغا ئىشەنچ بىلەن قارىشىڭىز، كۆپرەك ئىلھاملاندرۇشىڭىز، ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قايتما ئىنكاسىنى قوزغىشىڭىز، مۇھەببەت بىلەن ئۇنى تەسىرلەندۇرىشىڭىز كېرەك.
6.بىرمىنۇت تەرىپلەش.
قۇياش نۇرىدا گۈل-گىياھلاربەرق ئۇرۇپ ئۆسىدۇ، يامغۇردىن كىيىن بامبۇك نوتىلىرى ياشىرىپ كېتىدۇ.زېمىن تاغنى تىرەپ تۇرغاچقىلا، ئۇ بەھەيۋەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.بالىڭىزنىڭ ھامان بىر ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق بەلكىم ئۇنى قالتىس ئادەم قىلىۋىتىشىمۇ مۇمكىن.ئاتا-ئانا بولغان سىز، بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدىكى مۇنەۋۋەرلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولىشىڭىز ۋە مۇۋاپىق پەيتتە، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۇنى تەرىپلىشىڭىز كېرەك.
7.بىرمىنۇت قاتنىشىش.
قاتنىشىش كىشىگە دېمۇكىراتىيەنى،باراۋەرلىكنى، كىشىلىك ئىززىتىنىڭ نەرەرگە ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛قاتنىشىش كىشىگە دوستلۇقنى، ئىتتىپاقلىقنى، ئىناق كەيپىياتنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ قاتنىشىش ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى توپلايدۇ؛قاتنىشىش ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بىر ئائىلىدە،ئاتا-ئانا بالىنىڭ سۇبيېكتىپ ئورنىغا ھۆرمەت قىلسا، ئائىلىدىكى چوڭ ئىشلاردا (مەسىلەن ،ئۆي سېتىۋېلىش،ماشىنا سېتىۋېلىش،ئېلېكتر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش )بالىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىشى ،شۇ ئارقىلىق بالىنى ئائىلىنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئادەتلەندۇرۇپ،ئىمكانقەدەر كوللېكتىۋىزملىق روھىنى يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك،بۇ ئىناق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قېلىشقا ئىنتايىن پايدىلىق.لېكىن بۇ ھەممىلا ئىشتا بالىنىڭ دېگىنىنى قىلىش دېگەنلىك ئەمەس،بەلكى قاتناشتۇرۇش مۇۋاپىق دەرىجىدە ھۆرمەت ۋە يېتەكلەش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.بۇنداق قاتناشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى بالىدا مەسلىلەرئۈستىدە ئويلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولۇشى، ھەرگىزمۇ بالىنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى شەرتسىز ئورۇنداش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
8.بىرمىنۇت تەنبىھ بېرىش.
بالىڭىز ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە،مەسىلەن، مەكتەپتە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغاندا، جەمئىيەتتە مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشنى سادىر قىلغاندا، چوقۇم تەنبىھ بېرىشىڭىز كېرەك، بولمىسا بالىڭىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.شۇڭا ئاتا-ئانىلاربۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىشى، زۆرۈر بولسا بايرىقى روشەن ھالدا كەسكىن تەنقىدلىشى، سەۋەنلىكنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى، خاتالىقىنى تۈزۈتۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. لېكىن ھەرگىزمۇ قول كۆتۈرۈپ بالىنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئاقىلانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياجىنىنى بېسىۋېلىپ، بالىدا زىتلىشىش كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.تەنقىدلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى تاللىشى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا، ياكى بالىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ۋاقىتتا تەنقىدلىمەسلىكى كېرەك.
9.بىرمىنۇت مۇھەببەت ئاتا قىلىش.
بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇنى تەنقىدلەيدىغانلىقىڭىزنى، ھەم ئاتا –ئانىلىق مېھرىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۇرۇپ قويۇڭ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ تېخىمۇ يېرىم بولىدىغانلىقىنى، ئۇياش تۆكسە، سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياش تۆكىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.بالىڭىزغا مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك.
10.بىرمىنۇت ئۈمىد كۈتۈش.
بالا ئاتا-ئانىنىڭ ھاياتىنىڭ داۋامى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى.بالا ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرى ئىچىدە چوڭ بولىدۇ.بالىڭىز سىزنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىڭىزنى بىلىشى كېرەك.مەسىلەن: مۇۋاپىق بىرپەيىتنى تاللاپ بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىڭىزنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆزىڭىزئۇچرىغان پىشكەلچىلىكلەرگە ئۇچراپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ؛ بالىڭىز بىلەن بىرگە كەلگۈسى تەرەققىياتىڭلارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، گۈزەل كىشىلىك ھايات پەلسەپىسى توغرىسىدا مۇڭدىشىش. ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەر بىلەن بالىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىنى،باتۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم قىلىڭ.لېكىن ئۇنڭىدىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىز ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، تەرەققىياتقا ماس بولۇشى كېرەك.

<P class=the_content><SPAN style="COLOR: #0000ff">«ۋەتەن» بلوگى تەمىنلىدى</SPAN></P>

ۋەتەن بلوگىhttp://weten.me

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8431
تۆھپە نۇمۇرى: 268
توردا: 4095 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2011-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 03:18:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى  بىلملەركەن  .....رەھمەت  سىزگە  
مەن  ساقلىۋالدىم  ئاللاھ  خالسا  پات  يىقىندىن  تارتىپ
پايدىلنىپ  ئەمىليەتتە  قوللىنىمەن

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

cahil insanin yaninda kitab gi

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25101
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5109
تۆھپە نۇمۇرى: 815
توردا: 6351 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 03:36:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەربىر ئاتا-ئانا بىلىۋىلىشكەۋەئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك ياخشى بىلىملەركەن رەھمەت سىزگە!

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر دۈشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر

تەڭرى ياراتقان ب

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26758
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2022
تۆھپە نۇمۇرى: 202
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2011-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 03:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بلوگ يېزىقچىلىقىمدىكى مۇھىم بىرتۈر دەل ئائىلە-پەرزەنت تەربىيىسى بولدى، جۇڭگوۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بىرقانچىلىغان ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلغان ، بولسا مىسرانىم مۇنبىرىدە ئورتاقلاشساق بولغۇدەك.

ۋەتەن بلوگىhttp://weten.me

نېمىلەرنى ئويلا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27366
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2096
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 801 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 05:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بالام بىلەن بولغان ئارلىقىم يىراقلىشىپ كەتكەن ئىدى، مانا ئەمدى بىلىۋالدىم ،رەخمەت سىزگە!

باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىزنى ئويلاپ بېسىڭ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5368
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6919
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 4248 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 05:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم.بالىلىرىمىز بىلەن ئوتتۇرىمىزدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغىنىڭىزغا.

ئەرلىرى زەيپانىلەشكەن ئەلنىڭ ،ئاياللىرى رەسۋالىشىدۇ.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 114359
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6795 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 05:42:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ، بىر مىنۇتلۇق ئانا بولۇشنى ئۈگۈنۈۋېلىڭ ، دىگەن ماقالىكەن ھە.

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

دۇنيادا ھەممە نە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16331
تۆھپە نۇمۇرى: 1429
توردا: 5150 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 06:17:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق، ھەممە ئىشتا ھالقىلىق پەيتنى چىڭ تۇتۇش كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11831
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5277
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 618 سائەت
تىزىم: 2010-9-27
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 07:26:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ‹‹ۋەتەن›› ئەپەندى، ئىسىل تېمىڭىزغا ھەشقاللا، ھارمىغايسىز، تېخىمۇ كۆپ ئىسىل تېمىلىرىڭىزغا تەشنامەن، ئويغاتقىنىڭىزغا ھەشقاللا، ئامان بولۇڭ!

ئوماق قوزام....!!! T

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16072
يازما سانى: 695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13524
تۆھپە نۇمۇرى: 485
توردا: 5362 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 07:43:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنت تەربىيلەشنى ھازىردىن باشلاپ ياخشى ئۆگەنمىسەم بولمايدۇ، پەرزەنتىمنى چوقۇم ياخشى تەربىيلەشكە تىرىشىمەن......

تەمەيىم يوق ساخاۋەتتىن، ۋەتەن پەخرىم غورۇرىمدۇر، ئۇنىڭ قوينى ماڭا جەننەت، مۇقەددەس ۋەتەنگاھىمدۇر. zalimin zulumu varsa, sevennin allahi var! ! http://www.1000do.info/?227122.htm

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23513
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 12:21:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقىت ھەقىقەتەن ھەممىنى ھەل قىلغۇچىدۇر،ئائىلە تەربىيەسىدىمۇ ۋاقىت مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش