ھۆرمەتلىك،مۆھتىرەم،ئەزىز،قامەتلىك،كىلىشكەن ،ئۇز ،ئوماق،چىرايلىق،سۆزمەن،خۇشچاقچاق،تېتىك مىسرانىم جامائىتى تېنىچلىق تۇرۇشلا كەمىنە زامانىدىن شاپاق دوپپام چۇشۇپ كەتكۈدەك ئىگلىپ تۇرۇپ تاتلىق بىر سالام....
دىققەت....
1.2.3.....باشلاندى....
تىت تىت تىت ........تۇت.......
مىسرانىم خەلىق رادىئو ئىستانسى ...................................(ئاپلا كىمۇ ماۋۇ مىكروفىننى تارتىۋالغان)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم ئەھلى بۇگۇن سىلەرگە بېرلىدىغان ئۇيغۇرچە <<تاغدىن -باغىدىن>> ئاڭلىتىشمىزنى باشلايمىز!!!
گىژ گىژ گىژ كىش ........گىژژژژژژژ....
سائەت8:00 خەلقئارا خەۋەرلەر
بۇ سەھىپىدە داڭلىق باي بىل گەيتىسنىڭ تىرلىيادىر بولشىغا 10 يۇئەن پۇلى كەملەپ قاپتۇ بولمىسا بۇرۇنلا تىرلىيادىر بولاتتىكەنتۇق شۇڭا ھازىر شۇ سەۋەب ئۇ باشقىلاردىن 10 يۇئەن سوراپ يۈرگىدەك دىگەن مىش -مىش پاراڭ...
دۇنيانى زىل- زىلگە سالغان داڭلىق چولپان مايكول جېكسوننىڭ ئۆلۈش ئالدىكى قالدۇرغان ۋەسياتنامسنىڭ
ئاخىرقى بىر مەخپىي قۇرلار بۇگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئىتتپاقى ئاخپارات مەركىزىي تەرپىدىن ئاشكارلاندى...
بۇ مەخپىي قۇرلار مۇنۇ لاردىن ئىبارەت:
- << كورلا نەشپۇتىغا ئىغىز تەگمەي تۇرۇپ ھېسامكامدىن بالدۇر كېتىپ قالدىغان بولدۇم >>
ئىكەن.....
داڭلىق ۋوللىۋوت كىنو چولپىنى چېڭلوڭ يېڭى سىتۋالغان مايكىسنى تۇنجى قېتىم كەيگەچلا يىرتىپ قويۇپتۇ....
قاتارلىق جەمئىيتىمىزدىكى مىش مىش پاراڭلار ئاڭلىتىلدۇ.....
ۋىش ۋۇش......گىژ.....(تارىمكارادىئونى ياخشى تەڭشىيەلمەپسىز يەنە ).....
سائەت 9:00 دا سەنئەت گۇلزارى
بۇ سەھپىدە دۇنيا مۇزىكا ئاتسى يانينىڭ يىرتىلغان كانىينى چىڭ سىقىمدىغنىچە مەرتلىك بىلەن ئىيىتقان <<3 كويچىنىمنى بەرمەمسىز قىزچاق>> ناملىق مىللىيچە ئۇسلۇبدا ئېيتىلغان ناخشىسى ئاڭلىتىلدۇ
قېنى ئىدرىسجان داپنى،ئارشاڭ راۋاپنى تەييار قىلىڭلار..........
مۇنبېرىمىز قىزقچىلىردىن ئۆرۈكجاننىڭ ھويلا بېغدىكى سەي ئورسىدا ۋارقىراپ تۆۋەن ئاۋازدا ئېيىتقان
ئېسىدىدۇر بەلكىم،مىنىڭ ئېسىمدە يوق،
شۇ مىنۇت،شۇ ئۇنتۇلماس گۇزەل
توۋا دەيمەن ھەجەپ ياراشتى ماڭا
يايرىم بۇرۇن بەرگەن يېڭى ئىشتان باغ
ناملىق ناخشىسىنىڭ لەرزان مۇڭلۇق DJ نۇسخېسى ئىلان قىلنىدۇ........
گىژ گىژ....ۋىش غىچ .....شى شى 中央电视台
团结就是力量 ئاپلا ماۋۇ بىزنىڭ ئاڭلىتشغا مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانسىنىڭ كاشلا قىلۋاتىدۇ دىسە....
خاتىرجەم بولۇڭلار ئامال بار ئۇلار بىلەن كارىمىز يوق ئاڭلىتىۋېرىمىز....نەگە كەلگەنتۇق ھە تاپتىم...
سائەت 10:00 بۇگۇنكى مائارىپ
بۇ سەھىپىدە ھەر قايسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قارىتا <<ئوقۇغۇچىلاردىكى مىھر-مۇھەببەت ئېڭىنى كۈچەيتەيلى>> ناملىق قىسقا فىلىم تونۇشتۇرلىدۇ ھەمدە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن <<سىنىپلاردا بىر قىز- بىر ئوغۇل بىللە ئولتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى> سۆزلىنىدۇ..
سائەت 11:00 تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
بۇ چاچنى تارغاق بىلەن تاراشقا قەتئىي پەقەت زادى بولمايدۇ پەقەت ئامال بولماي تاراشقا توغرا كىلىپ قالسا كەچتە تاراپ يېتىپ ئەتىسى ۋاقتىدا بۇزۋېتىش كىرەك ناملىق جىددى ساۋات سۆزلىنىدۇ...
بۇ سەھىپىگە ئۇلاپلا يانداش ئۆزۈم تەييارلىغان تىببىي ساۋات يەنى ھەممە ئادەم بىلىدىغان،دۆلەت گۆھرىدىنمۇ مەخپىي رىتسىپ:
بەدەنگە پەيدىلىق ئاچچىق توخۇ شورپىسى،
چۇۋۇلۇپ تۇرار دەممۇ-دەم بۇرۇن خالتىسى،
ناملىق شېئىرىي رىتسىپ ئاشكارلىنىدۇ.............
يەنە بار....ئۈش جىم.....
يەنە تېخى جىگدە ،زاغرا نان يىسڭىز ئۇسسايسىز، ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلىسڭىز بىلىڭڭىز تالىدۇ،كۆزڭىزنى يۇمۋالسىڭىز ھېچ نىمنى كۆرەلمەيسىز ،ئايقىڭىزنى كىيىپ پۇتىڭىز بىلەن ماڭسىڭىز ،ئايقىڭىز تىگنىڭ يەرگە تىگدىغانلىقنى بايقايسىز، ..
سائەت 12:00 دە ھاۋارايىدىن مەلۇمات
يەنى شاتئاي قىزنىڭ مۇنۇ
شېئىرى بىلەن باشلايمىز:
يازمۇ كەلدى دىسە ئاخىرى
قېلىن كىيىنسەكمۇ توڭۇپ-تىترەپ،
قىشمۇ كىلەر قاچانلىققا ،
ئوينايمىز شۇ چاغ يالڭاچ سەكرەپ،
گىژ گىژ گىژ كىش ........گىژژژژژژژ.... (ئاپلا سىگنال ياخشى ئەمەس ھەي........)
دىلكۇيى مۇزىكىسى باشلىنىدۇ دە
قەشقەردە رايونىدا قەشقەر كىشلىرنىڭ تاتلىقلىقىدىن چاپلىشىپ قالغۇدەك گەپلىرى رايونىمىزىدىكى پەۋقۇلاددە چوڭ 12 بال بوراننى تەسلىم قىلدۇردى...
ئاتۇش رايونىدا ئاتۇشنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى بولغان ئۈستۇن ئاتۇش ئۈزۈملۈك يېزسىسى لەڭگەر كەنتىدىكى دىڭىز يۇزدىن 10مىتىر تۆۋەن تۆپلىكىدە 7 يۇئەنلىك خەلىق پۇلى ئۇدا ئىككى سائەت ياغىدۇ....
ئۈرۈمچى رايونىدا ئۈرۈمچىنىڭ باگاڭ رايونىدا پولات بىلەن تۆمۈر
سەنشىخاڭزا رايونىدا ياغاچ بىلەن كۆمۈر ياغىدۇ...
قارماي رايونىدا نىغىتلىك تەرەپتە ھېچنىمە يوق شەھەر رايونى تەرەپتە بىنزىن بىلەن دىنزىل بىرلا ۋاقىتتا ياغىدۇ كەڭ شوپۇر ئۈستاملارنىڭ ماشنىنىڭ ماي قاچىلاش ئېغزىنى ئوچۇق قويشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز....
سائەت 1:00 دە بېيىش يولى
بۇ سەھىپىدە مۇنبېرىمىز ئەزاسى گۇزەل ئاتۇش نىڭ تەراققىيات پۇرسىتىگە دادىل قەدەم تاشلاپ بەزىدە مىسىلداپ مېڭىپ بەزىدە چوڭ چوڭ سەكرەپ بەزىدە دوملاپ ،بەزىدە يىقىلىپ، بەزىدە قوپۇپ ،جاپالىق ئەمما بوشاشماي تېرشش ئارقىلىق ئاخىرى باي بولغانلىقى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم تونۇشتۇرلىدۇ ھەمدە كەڭ جامائەتكە مۇنۇ يۈرەك سۆزى:
ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزسەكمۇ تويلارنى،
پۇل كىتىدۇ دەپ بوياتمىدۇق بويلارنى،
ئەزان نىسى سېتىۋەتمەستىن قويلارنى،
چىڭ تۇتايلى ئاران تاپقان كويلارنى،
سۇنىلىنىلىدۇ...
ئاپلا.....كىمۇ ماۋۇ ئاڭلىتىش ئۆيىگە قونچىقى بىلەن كىرۋالغان، كەپسىز قىز ھەدە يەنە سىزكەنسىزغۇ؟؟؟( ئاچچىقتىن يېرلىپ كىتىپ شۈك بولۇپ قالغان چىراي ئىپادىسى)..........
سائەت 2:00 دە شېئىر قوشاقلار
بۇ سەھىپىدە سۈزۈك ئاي نىڭ مۇنۇ شېئىرى ئاڭلىتىلدۇ...
كەتسەڭمۇ كەت يىراقلارغا،
ئارقاڭدىن مارلاپ قارمايمەن،
بۇزۋەتسەڭ چېچىمنى يەنە،
گېپىم گەپ ئىككىنچىلەپ تارمايمەن،
خوي ئالدىيماي تۇيۇشسىلا سەخيا ئوغلى نىڭمۇ باي تېخى (خوتەن شىۋلىرىدىن 100g )
سەھرالىرىڭغا بارمايمەن،
بىنالىرى بەك ئېگىز،
شەھەرلىرىڭگە كىرمەيمەن
پۇتلىرىمغا كىردى بىگىز،
ئاڭلىتىلدۇ....
سائەت 3:00 يۇرىت قىزىق نوقتىلىق پاراڭلىرى
بۇ سەھىپىدە غۇلجىدىكى چاقچاقچىلار يىلدىن يىلغا ئازلاپ كىتۋاتىدۇ شۇڭا خۇش چاخچاخ غۇلجا خەلقى ئالاھىدە جىددىي قىز سىگنال چىقاردى،ھەمدە مۇناسىۋەتلىك يۇقرى قاتلامدىكلەر بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۇپ
چاخچاقچىلار كۇرسى ئاچماقچى بۇ كۇرۇسقا شۇشىيەن قېرىغان ھېسامكام مۇددەرىسلىك قىلماقچى.....
ناملىق خەۋەر<< ۋەت....>> دىگەچ ئاڭلىتىلدۇ...
سائەت 4:00 تە سۇيۇقجاننىڭ سۇيۇلىشى
بۇ سەھىپىدە دوستىمىز سۇيۇقجاننىڭ نەچچە مىنۇت ئالدىدا تونۇشقان 4565-نومۇرلۇق قىزغا يازغان7869-قېتىملىق تەلەپ خېتى بەخىتكە قارشى رەت قىلىندى لىكىن سۇيۇقجان كۆنۇپ كەتكەچكە قىرىغىمۇ ئەپ قويمىدى ئۇ تەلەپ خېتىنى شۇنچىلىك تەسىرلىك يازدىكى ھەيھەنناس بۇ تىمىغا كىرگەن قىزلارمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇپ كۆرۇشتى...
يەنى مۇنداق يازغان ئىدى
راۋۇرۇس دۇلدۇل بولۇپ،
يانلىرىڭىزدە كىشنىسەم،
ئوماق تەخەي بولۇپ،
لەۋلىرڭىزنى چىشلىسەم،
يېڭى قىزنى تاپقۇچە قىزچاق،
نەچچە كۇنلۇك خىزمىتڭىزنى ئىشلىسەم.
سائەت 5:00 تە ئاق دوسىتلار خەيرى خوش...
مىسرانىم خەلىق رادىئو ئىستانسىدىن زامانى بىلىپ بىلمەي ئاڭلاتتى ....
100g يۇمۇر چاخچاقلىق ئاڭلىتىش مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى....
ۋاي ئاپلا ماۋۇ تىمغا ھەممىڭلار كىرۋاپسلەرغۇ ھەي تىمغا مەخپىي نومۇر سېلىشنى ئۇنتۇپتىمەن دىسە ھەي...