مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1451|ئىنكاس: 19

سەن نەلىك ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 09:40:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
_ سىنىپ باشلىقىمىز ئەكبەرنىڭ ئورنىغا ئۆزى بىلىملىك، مەسئۇلىيەتچان، سىنىپ خىزمىتىنى جان دىل بىلەن ئىشلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىغان ئادىل باشلىقتىن بىرنى سايلايمىز دېگەن ، سېنىڭچە كىمنى سايلىساق بولار؟
_ مېنىڭچە مەتقاسىمنى سايلايلىمىكىن دەيمەن.
_ قايسى مەتقاسىمنى دەيسەن؟
_ ھېلىقى خوتەنلىك مەتقاسىمچۇ؟
_قويە ئاداش، خوتەنلىك دېگەنچۇ،  < بىرنى بىي دەيتمىز، ئىشكەنى تىرت دەيتمىز > دەپ تۇرىۋالىدىغان جاھىل خەق ئۇ.
_ ئۇنداقتا توختاجىچۇ؟
_ نەلىك  نېمە ئۇ ؟
_ قەشقەرلىك.
_ قويا ئۇ قاشقالىقىنى، قاشقالىق دېگەن بىر چەينەك چاي تېپىۋالسا، ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان، گېپى ئاچچىق، زەھەردەك خەق   ئۇ.
_ ئەمىسە ئاتۇشلۇق ھاجى كېرەمچۇ؟
_ ئاداش ، ئاتۇشلۇقنىڭ سىنىپ باشلىقى بولۇپ قېلىشىدىن خۇدا ساقلىسۇن!
_ ئاتۇشلۇق شۇنچە يامانما ؟
_ ئاتۇشلۇق دېگەنچۇ، ئاي شارىغا ئاچچىقسۇ (سىركە)ساتقىلى چىققان خەق.
_ ماڭا ئاداش، ئاي شارىغا ئامرىكىلىق چىققان تۇرسا.
_ ئامرىكىلىق ئەمدىلا ئاي شارىغا چىقىشىغا، ئاتۇشلۇق ئاللىقاچان ئاي شارىدىكى سودىسىنى پۈتتۈرۈپ  پۇلىنى يانچۇققا سېلىپ قايتقان گەپ.
_ يائاللا، دۇنيادا ئاتۇشلۇق يوق يەر بارمىدۇ؟
_بار
_ نەدە؟
_ دوزاختا يوق
_ نېمىشقا؟
— چۈنكى دوزاختا پايدا يوق ئەمەسمۇ؟
_ ئەمىسە تۇنىياز قانداق؟
_ كىم ئۇ تۇنىياز دېگېنىڭ؟
_ ئاقسۇلۇق تۇنىيازچۇ؟
_ ئاداش، ئاقسۇلۇق دېگەنچۇ، بىر كاۋىنى تالىشىپ تونۇرغا دۈم چۈشۈپ ئۆلگىلى تاس قالغان خەق.
_ ئەمىسە زامانىدىننى سايلايلى ؟
_ ھېلىقى غۇلجىلىق زامانىدىننى دەمسەن، ئۇمۇ بولمايدۇ.   نېمىشقا دېسەك؟  غۇلجىلىق دېگەن بارغۇ، قۇلىقى يوق تەمبۇردىن بىرنى تېپىۋالسا، <خانلەيلۇن > نى ۋارقىراپ، زەي سالماي پو ئېتىپ، ئۈچ ۋاخ تاماق يېمەيدىغان خەق ئۇ.
_ بىر قېتىم گەپ قىلىپ، ئون قېتىم كۈلىدىغان خەق دېگىنە ئۇ، خۇددى تۈكىنى تارتقان ئۆچكىدەك.
_ ۋاي شۇنى دېگىنە، ئايىغىنى پارقىرتىپ، ئىشتاننى قىرلاپ يۈرگەن بىلەن يانچۇق قۇرۇق، بىر تىيىن يوق، ئەتكەن چايغا نان چىلاپ يەپ  كۈن كەچ قىلىدىغان خەق.
_ ئەجەپمۇ ئوخشاتتىڭا ئۇ غۇلجىلىق خەقنى، مۇبادا زامانىدىننى سىنىپ باشلىقى قىلىپ قويساق، ئۇ بىزگە  يىغىن ئېچىپ قالسا، ساۋاقداشلار، ھازىر يېغىننى باشلايمىز   ۋەيت، بىر ھەپتىلىك ئومۇمىي ئەھۋالدىن خۇلاسە چىقارساق ۋەيت  دەپ يېغىننى ئولتۇرۇشقا ئايلاندۇرىدۇ.
_  ئۈرۈمچىلىك دىلشات خېلى تۈزۈك ، يامان ئەمەس نېمىدەك تۇرىدۇ، شۇنى سايلامدۇق- يە ؟
_ ئۈرۈمچىلىكنى قانداقمۇ سىنىپ باشلىقى قىلغىلى بولسۇن ئاداش، ئۈرۈمچىلىك بارغۇ، پىۋىنى تولا ئىچىپ   لاتىلىشىپ كەتكەن خەق ئۇ، ئۇنى سايلىساق بولمايدۇ.
_ئەمىسە تۇرپانلىق   ئەنەيتۇلچۇ؟ گېپى قوپال بولغان بىلەن ، كۆڭلى ياخشى نېمە ئۇ.
_ بولمايدۇ، ئاداش، تۇرپانلىق دېگەن بەك ئەخمەق كېلىدۇ  جۇما، موللا زەيدىن بوپ قالمايلى يەنە.
_ قۇمۇللۇق سالىچۇ؟
_ قويە ئۇ تۇڭگان قاپاق ، خەنزۇ چىراي بىر نېمىلەرنى...
_ ئالتايلىقچۇ؟
_ بولمايدۇ .
- كۇچالىقچۇ بايىرچۇ؟
_ ۋاي  قويا ، ئۇ خەقنى ،  ئەرلىرى ئەردەك ئەمەس غىلجىڭ بىر نېمىلەرغۇ؟
_ چەرچەنلىك قەيسەرجانچۇ؟
_ تېخىمۇ بولمايدۇ  ئۇ  ئورۇس كۆز.
_ شۇنداق قىلىپ  سىنىپ باشلىقى بولىدىغانغا كىم قالدى؟
_ سەن بىلەن مەن .
_ ئۇنداقتا  سەن نەلىك______________ ؟
_ ئۆزۈڭچۇ _____________________؟

  بۇ ساتىرا < ئىلى پېداگوگىكا ئېنىستىتۇتى ئۇيغۇرچە گېزىتى > 2007-يىل 8- ئايلىق سانىدىن ئېلىندى.
      زىيالىي

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 11:05:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (ziyaliy) نىڭ يازمىسىغا

نىمانداق قىزىق بەك كۈلۋەتتىم جۇمۇ .
غۇلجلىق بىلەن ئاتۇشلۇقىنى بەك قىزىق ئوخشتىپتۇ   [s:179]  [s:179]

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 11:11:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكى قىزىقارلىق ، يۇمۇرۇرستىك ئىپادىلىنىپتۇ. تازا كۇلكىلىك چىقىپتۇ. بولۇپمۇ ئىسىملارمۇ يۇرتنىڭ ئىسىم قويۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن يۇرۇتۇلغان ئىكەن.

ئاللاھتىن ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23302
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11882
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 11:13:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتۋازلىق بىزدىكى ئېغىر ئىللەت ،پاتۇرماسلىق چەتكە قېقىش غىۋەت ھەممىسىىڭ تۇپ سەۋەۋى يەنىللا شۇ يۇرتۋازلىق .....

ئادەمنىڭ روھى چۇشسە ئۇنىڭ ئېتىمۇ چاپالمايدۇ......چىڭگزخان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63974
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 11:25:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:سەن نەلىك ؟___________ (زىيالي)

ahiriga kelip kulup ketiptiman  towa biz hakni ha

man nalikman ha ....

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 11:29:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا دېدىم.... ھەممىمىز شۇ ئوخشىتىلغان يۇرتلارنىڭ بىرىدىن غو ئەلۋەتتە...

مېنىڭ ھاياتىم،م

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8329
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39778
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 8730 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-26 11:43:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:سەن نەلىك ؟ (زىيالي)

ماڭغا قايسىلا ئۇستام....سىز قايادىن....مەن شۇيادىن ماقما..!....تىجلىق تۇدىلىما،ساقام...........ئاپىلىرىڭىز تىچ تۇرۇپتىما؟پوباش.........گاڭدەك ئىش قىلدۇق جۇما....
   ...ھەي....بىر بىرىمىزنى دۇراپ...تېخىمۇ ئاشۇرۇپ سۆزلەپ.يۇرتۋازلىقمۇ ئەۋجىگە چىقپتۇ ......نەدىن چىقسا ھەممەيلەن ئۇيغۇرغۇ....شۇنىمۇ يۇرتۋازلىق قىلىپ ئايرىپ..

ئۈمىدسىزلىك،چىقىش يولى قالماسلىقىمۇ ھامىنى بىر چىقىش يولى تېپىلىدۇ.

ئىسلام قىزى ` !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27525
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5843
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 12:06:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bu gap  siz ga manga yani hammimiz ga iytilgan ........  
  qvnki hammimiz uygur , hammimiz hammimiz kirindax  ,

قەلىبلەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26826
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2011-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 12:22:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:180]  [s:134]  [s:127]  [s:137]   ۋاي نېمانچە قىزىق، زىيالىيمۇ يېتىلىپ قاپتۇ، جۇمۇ، مىللەت ئىچىدىكى يۇرتۋازلىقنى ھەقىقى ئېچىپ بېرىپسىز.  قەلەم قۇۋۋىتىڭىز  مىللىتىمىزنىڭ روھىنى پاكلاش ئىشلىرى ئۈچۈن  توختىمىسۇن!

تېنىم بۇلغانسىمۇ، قەلبىم بۇلغانمىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8440
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9134
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1747 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 12:22:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتۋازلىق يىراقلارغا يوقالسۇن !
يۇرتۋازلىق يىلىكىمىزنى يىگىلىتىۋېتىدۇ!
يۇرتۋازلىق يېققىنلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ!
يۇرتۋازلىق يامان !
يۇرتۋازلىقتىن يىراقلىشىپ ،  يار-يۆلەكتە ياشايلى !

مېھىر-مۇھاببەت بولمىسا بېكار!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش