ئۇقۇم ماشىنىسى بىر ماشىنا زاۋۇتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. BMW نىڭ Vision Efficient Dynamics ناملىق بۇ ئۇقۇم ماشىنىسى فرانكفورت ماشىنا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن كىيىن ھەۋەسكارلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن ئېدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە بولسا مۇھىت ئاسرايدىغان بۇ ئالاھىدە چاپقۇر خەلقئارا مەركىزى شەھەر دۈبەيدە پەيدا بوپتۇدەك.
بۇ ماشىنا 2+2 كىشىلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، چايكا قانىتى شەكلىدىكى ئىشىكى بار. سىرتقى كۆرىنىشىنىڭ گۈزەللىكى ئىلمىي فانتازىيەلىك كىنولاردىكى غايىۋانە ماشىنىلارنى ئەسلىتىدۇ. ماشىنا ئېگىزلىكى 1.24 مېتىر. پۈتكۈل ماشىنا ئايرودىنامىكىغا ئاساسلىنىپ لايىھەلەنگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىقى پەقەت 0.22Cd .
ماتور قىسمىغا بولسا مۇھىت ئاسراشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ھالدا 1.5 لېتىرلىق 3 سېلىندىرلىق تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق دېزىل ( سەلياركا) ماتور سەپلەنگەن. ئۇنىڭغا ئارقا چاقىغا ئورۇنلاشتۇرغان ياردەمچى ئېلىكتىر ماتور قوشۇلۇپ تۆۋەن سەرپىيات بىلەن يۇقىرى ئۈنۈمگە يىتەلەيدىغان ھەقىقى «غايىۋانە ماشىنا» مەيدانغا كەلگەن. ئېلىكتىر ماتور ۋە دېزىل ماتور بىرلىشىپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 356 ئات كۈچى چىقىرالايدۇ.
قوشۇلغان ئېلىكتىر ماتورنى 98 دانە جەمئىي 10.8 كېلوۋات سائەتلىك ھەجىمدىكى لىتىيلىق باتارىيە توك بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ بۇ باتارىيەنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 84.82 كېلوگرام. لىق توك قاچىلاش ئۈچۈن پەقەت 2.5 سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ماشىنىمۇ سىرتتىن توك بىلەن توك قاچىلاشقا بولىدىغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ئۇقۇم ماشىنىسى. ساپ توك بىلەن يول يۈرگەندە 50 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇققا بارالايدۇ.
ماي سەرپىياتى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، شۇنچە كۈچلۈك، شۇنچە ئىقتىدارلىق بۇ چاپقۇرنىڭ 100 كېلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى پەقەت 3.75 لېتىر. BMW تەرەپنىڭ يەنە بىر مەلۇماتىدا 1 لېتىر دېزىل بىلەن 25 كېلومېتىر يول يۈرەلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاران 24 لېتىرلىق ماي باكىغا لىق تولدۇرۇپ 700 كېلومېتىر يول يۈرگىلى بولىدۇ. 0-100 كېلومېتىرلىق سۈرئەتكە پەقەت 4.8 سېكونتتىلا چىقىپ بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 250 km/h. بۇ سانلىق مەلۇماتلار BMW نىڭ بۇ جانۋارىنىڭ ھەقىقى ئەمەلىي كۈچىنى يورۇق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
ياۋرۇپادا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ماشىنىنىڭ سېتىلىش باھاسى 200 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا 2013-يىللىرى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىنكەن. بۇ ماشىنىنىڭ دۈبەيدە پەيدا بولىشىدىن پۇلدارلار ئۈچۈن ئالاھىدە ياسىلىپ ئارقا ھويلىدا پۈتۈشكەن بولىشىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.
مەنبەسى پاسىبان كۇلوبى