مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 451|ئىنكاس: 6

ئائىلە ئەخلاقى ۋە پەرزەنت تەربىيەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23513
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 12:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى ئاپتۇرنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن قۇرداشلار تورىدىن بۇ سەھىپىگە چاپلاپ قۇيدۇم،كەڭ قېرىداشلارنىڭ پەرزەن تەربىيەسى،ئائىلە ئەخلاقى مۇناسىۋەتلىرنى تەڭشەشتە بەلگۈلۈك قىممىتى بولسا ئەجەپ ئەمەس





                   ئائىلە ئەخلاقى ۋە پەرزەنت تەربىيەسى
                                                    
                                                تۇردى توختى




ىق كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەشكەندە ۋە ئالاقە قىلغاندا،يۇرۇش تۇرۇش ئىش ھەركەتتە رىئايا قىلىدىغان مۇھىم قايادە-قانۇننىيەتلەرنىڭ يىغىندىسى بۇلۇپ،ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ھەركەت مىزانى،شۇنداقلا پەرزەنتىلەرنى قايسى يۇسۇندا تەربىلەش ۋە ئۇلارغا قانداق تەسىر قالدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى.
نۇرغۇنۇن چاغلاردا ئائىلىدىكى ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ تەسىر پەرزەنتىلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
ئائىلىدىكى ئەخلاق، پەزىلەتلىك بولسا  بالىنىڭ تەربىلىنىشدىكى، دەسلەپكى ۋە مەڭگۈلۈك بەخىتنىڭ باشلىنىشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.سىزنىڭ ئائىلىڭىز ئەخلاقسىز ئائىلە بولسا چۇقۇمكى بۇنداق پەزىلەتسىزلىڭنىڭ پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە باشقىچە تەسىر بۇلۇشى،ھەتتا پەرزەنتىڭىزنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلىشى مۇمكىن.
يارمۇھممەت تاھىر تۇغلۇق ئۆزىنىڭ<<يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيەسى>>دىگەن زور ھەجىملىك پەندى-نىسەھەت خارەكتىردىكى ئەسىرىدە<<ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مائارىپ تارىخىدا،ئائىلە تەربىيەسى ئەڭ قەدىمقى،ئانا مائارىپ بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجدىمائى تەرەققىيادى ۋە ئىنسانى كامالات تەرەققىيادىدا ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان>>دىگەن ھۈكۈمنى ئوترىغا قويغان.
بىز بۇ ھۈكۈمدىكى <<...مائارىپ تارىخىدا...>> دىگەن سۆز بىرىكمىسى بىلەن<<...ئىنسانى كامالەت تەرەققىياتىدا...>>دىگەن ئىككى سۆز بىرىكمىسىنى تەھلىل قىلدىغان بولساق ئاپتۇر ئائىلە تەربىيەسىدە ئەخلاقى تەربىيەنىڭ رۇلىنى بىزگە، ئۇمۇمى مەرگەزگە سىڭدۈرۈپ كۆرسۈتۈپ بەرگەن.ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇنىڭ قەدىمىلىك ۋە ئەمىليةتچانلىغىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.مائارىپنىڭ بۇنداق ئۇزۇنغۇچە تەرەققى قىلىپ،راۋاجلىنىشى،يۇقۇلۇپ كەتمەي،ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ تۇرالىشى ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ھەم مۇككەممەل بولغانلىغىدىن ئىبارەتتۇر.مائارىپنىڭ مۇكەممەللىگى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەخلاقى تەربىيەنى ئۈزىنىڭ تەربىيە مەزمۇنى قىلغانلىغىدا ئىسپاتلىنىدۇ،ئەخلاقى تەربىيەنى تەربىيە مەزمۇنى قىلمىغان مائارىپنىڭ ھايات كۈچى بولمايدۇ،ئۇ بىر ساختا نەرسىگە ئايلىنىپ،ئاخىرى ھالەك  بولىدۇ.بۇ نوقتىنى تۇنۇپ يەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى <<پىداگوكلىرى>>-ئاتا-ئانىلار تەربىيەنىڭ يادىرولۇق مەزمۇنى ئەخلاقى تەربىيەدىن باشلىغان .
<<...ئىنسانى كامالەت تەرەققىياتىدا...>>دىگەن بۇ سۆز بىرىكمىسىدىكى ‹‹كامالات›› ئۇقۇمىدىن شۇنى كۈرۈپ يىتىشكە بولىدىكى كامالەت تاپقان ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمىنىڭ ئەخلاقى پەزىلەتتە بەلگۈلۈك چەككە يەتكەنلىگىنى بۈلۈش تەس ئەمەس،ئەخلاقسىزلىقتىن كامالەت تېپىش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى ئەخلاقسىزلىق پاسسىقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەخلاقسىز ئادەم قانچە ئىقدىدارلىق بولۇشتىن قەتتىئىنەزەر ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بالا قازا،چۈنكى ئۇنىڭ ئەقىل-ئىقدىدارى ئەڭ تار قورمىچىلىق ئىچىدە نامايان بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇ ئۈزىدىن باشقىنى ئېتىراپ قىلماي،ئىنكار قىلىش پۇزۇتسىيەسىدە بولىدۇ،شۇنىڭ ئۇچۈن ئۈنداق ئىچى تار ،ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ ياراتقىنىنىڭ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولىشى ناتايىن.
ناشىنىستلارگىرمانىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەقۇماندانى-روببىنتورۇپنىڭ،<<ئۈچۈنچى ئىمپىريەنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى>>دىگەن كىتاپنىڭ ئالدىنى بىرىلگەن ئۈزۈندىلەر سەھىپىسىدە:<<گىتلىر-گىرمانىيە ئۈچۈن بالا قازا ئىدى>>دىگەن، مەشھۇر سوزنى ئۈزۈندە قىلىپ بەرگەن،بۇ ئۇنىڭ گىتلىرنىڭ تار مىللەتچىلىگى ۋە شۇ ئاساستا يىتىلگەن ئىقدىدارىغا قاراتا چىقىرىلغان ئەڭ مۇۋاپىق يەكۈن ئىدى.
بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۇتۇش كېرەككى ھەرقانداق ئادەم ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ ئادىمىلىك پەزىلىتىدىن ئايرىلىدىكةن ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ساختا،ياكى ساختىلىقىنى يېپىش ئۈچۈن تىرىشقان يەنە بىر ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كىلىش تەس ئەمەسكى ئائىلە ئەخلەقىنىڭ قانداق بۇلۇشى پەرزەنتىنىڭ تەربىلىنىش ۋە قانداق ئادەم بۇلۇپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
1.ئاتىنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتى
ئاتىلار ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى،يولەنچۈكى،ئائىلەدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر تەنزىنى سۆرەپ ماڭغۇچى،پەرزەنتىلىرىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ھاياتىدىن كەچكۈچى ئۇلۇغ ئىنسان.
ئاتىلار پەرزەنتىلىرگە لەۋزىدە تۇرۇشنى،مەرتۇ-مەردانىلىقنى،باتۇر قەيسەرلىكنى،چىدامچانلىقنى ،ئەجدادىنىڭ مەدىنىيىتى ۋە تارىخىنى پەرزەنتىلىرىگە يەتكۈزۈپ،ئەجدات ۋە نەسئەبىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغان ھەم ئۇلۇغ،ھەم جاپاكە ئىنسان.ئاتىنىڭ قانداق بۇلۇشى ماھىيەتتىكى(پەرزەنتىلەردىكى)قاننىڭ قانداق بۇلۇشىنى بەلگىلەيدۇ،بۇ دىگەنلىك ئاتىدا ئاتىچة خاسىيەت بولسا پەرزەنتە چۇقۇمكى ئۈزىگە ئىشىنىشتەك ئۈمۈت نۇرى بولىدۇ.
دۇنيادىكى مەشھۇر ئىلمىي ئەسەرنىڭ بىرسى بولغان  <<ئىلىمگە دالالەت>،دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە،ياپۇنىيەلىك  ئاپتۇر  فۇزېيۈيجى  مۇنداق مەشھۇر سۆزنى ئوترىغا قويغان<< ‹تەڭرى ئادەمدىن ئۈستۈن ئادەم ياراتمايدۇ ھەم ئادەمدىن پەس ئادەمنىمۇ ياراتمايدۇ>،بۇ خۇدا ياراتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى،پۈتۈنلەي باراۋەردۇر دىگەنلىك >>دەپ يازغان.
يۇقارقى ھۈكۈمدىن بىز تەربىيەنىڭ تەسىرنىڭ رۇلى ئارقىلىق ئادەمنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنىڭ(كىيىنكى ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ياكى سۇس بۇلۇشى)بەلگىلىنىدىغانلىغىنى بۇنىڭدا ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە پەزىلىتىنىڭ تەسىرىنىڭ ناھايتى مۇھىم بولىدىغانلىغىنى كۈرۈپ يەتەلەيمىز،چۈنكى بوۋاق تۇغۇلغاندا،ياكى ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى چاغلاردىلا بىۋاستە ئۇچرىشىپ تۇردىغىنى ۋە بىۋاستە تەسىرلىشىپ تۇردىغىنى يەنىلا ئاتا-ئانىلاردۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا (پەرزەنتىلەرگە)تەسىر قىلىشنى ئەڭ ئاۋال باشلايدىغىنىمۇ ئاتا-ئانىدۇر.
يۇقارقىلاردىن يەنە ئادەمنى پەزىلەتلىك ياكى پەزىلەتسىز،ئادامدىن ئۈستۈن ئادەم،ئادەمدىن پەس ئادەم قىلىپ يارتىدىغىنى ئەمىليەتتە تەڭرى ئەمەس بەلكى ئادەملەرنىڭ ئۈزى ئىكەنلىگىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىكى سىر ئادەم ئەخلاقىنىڭ قانداق نەتىچىلىنىشىدىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا ئاتىلار زادى قانداق پەزىلەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟پەزىلەت ھازىرلانغان ھامان پەرزەنت تەربىيەسىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغىلى بولامدۇ؟
ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا ئەخلاقى- پەزىلىتىنىڭ رۇلى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
ئاتا <<ئالىم >>تەربىلىمەيدۇ،<<ئادەم>> تەربىلەيدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىلارنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ياراتالىشى ئىنتايىن مۇھىم ئۆتكەل بۇلۇپ،ئائىلە يۇسۇنى پەرزەنت تەربىيەسىدىكى بىرىنچى ئۆتكەل بۇلۇپ،ئۇ (ئائىلە يۇسۇنى)تەربىيەنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ،تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى،ئەنئەنىۋى يۇسۇن بىلەن ھازىرقى زامان ئەخلاقىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.
ئاتا بولغان كىشى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تۈۋەندىكى پەزىلەتلەرنى يىتىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.
لەۋزىدە تۇرۇش-بۇ ئاتىلارنىڭ پەرزەنتىلىرىگە مەدۇ-مەردانىلىق،ھەقىقى سوزلۇك،خىيانەتسىزلىك ،قىزىلكۆزلۈكتىن نېرى تۇرۇپ،قىزىلكۆزلۈككە قارشى تۇرىدىغان ئىسىل پەزىلەتنى يۇقتۇرۇشىدىكى پەزىلەتلىرىنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئاتا قۇلىدا تەربىلەنگەن پەرزەن ھەقىقى ئادىمىلىك خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا زور دەسمايىگە ئىگە بۇلۇدۇ.
كەڭ قۇساق بۇلۇش-ئاتا-ئانىلارنىڭ كەڭ قوساق بۇلۇشى ماھىيەتتە پەرزەنتىلەرنىڭ ئەپۇچان ،باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كۈچۈرۈپ،ئۇنىڭغا يەردەم بىرىپ،توغرا يولغا باشلايدىغان مەزمۇت ئادەم بۇلۇپ چىقىشتىكى يەنە بىر پەزىلەت ھىساپلىنىدۇبۇنداق پەرزەنتىلەر ئەقىل بىلەن ئىش قىلۇدىكىى قىزىققانلىق،كۆكەمىلىكتىن خالى بۇلۇپ تەربىلىنىدۇ.
راسچىل بۇلۇش-ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرى ئالدىدا راسچىل بۇلۇپ،سەمىمىيىتىنى بىلدۇرۇشى،ئۈزى قىلالايدىغان ،قىلىپ بەرەلەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە بىرىشى،قۇلدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە قىلماسلىغى لازىم.بۇنداق شارايىتتا تەربىلەنگەن پەرزەنتىلەر سېمىمىلىك،راستچىللىق پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۋېلىپلا قالماي يەنە ئائىلىسىگە باشقىچا تەلەپ قۇيۇشتەك ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىنالايدۇ<<يوتقانغا بېقىپ،پۇت سۇنۇش>>نى بىلىپ،ھەرقانداق ئىشتا ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىشنى ئۈگىنىۋالىدۇ.
ئائىلە ئىچىدىكى پەدى-شەپكە ئاتا بولغۇچى چۇقۇم قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك.بۇ دىگەنلىك ئاتا قىز ئوغۇل پەرزەنتىلەرگە بولغان مۇئامىلىدىكى پەرىقىنى بىلىپ،ئۇلارغا ئايرىم تەربىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە چۇقۇم ئايرىم تەربىيە قىلىش،ئىنۋىرسال تەربىيەلەرنى بىرلىكتە قىلىش،ئۆي ئىچىدە ھاياسىزلارچە گەپ سۆز،ئۇرۇش تالاش قىلىشنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئېلىپ،ئائىلە ئەزالىرى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك.
ئاتالاردا چۇقۇم باشقىلارغا يولەك بولىدىغان،باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،باشقىلارغا يەردەم بېرىدىغان،باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە كۆز قىرنى سالمايدىغان ياخشى خارەكتىر پەزىلىتى بولۇش كېرەك.ئاتانىڭ بۇنداق خارەكتىر پەزىلةتلىرى ئاستىدا چوڭ بولغان پەرزەنتىلەرنىڭ،كۆزى توق،باغرى ئىللىق چوڭ بۇلۇپ،نۇرغۇن دىللارنىڭ غەمخانىسى بولالايدۇ.
ئاتىلاردا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىززەتلەش تۇيغىسى كۈچلۇك بولسا پەرزەنتىلەردە ئۈزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان ئىسىل خىسلەت شەكىللىنىدۇ.دوست دۈشمەننى،ياخشى ياماننى،ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش تۇيغىسى يىتىلىدۇ.
ئاتىلار پەرزەنتىنى <<ئادەم>> قىلىپ تەربىلەيمەن دەيدىكەن يەنە پاسسىق ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشى،شۇ ئاساستا پەرزەنتىلىرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە چەك قۇيۇشى كېرەك.بۇنداق چەك قۇيۇش مۇۋاپىق ۋە دەل بۇلۇشى كېرەك.مەسىلەن:بالىڭىز كىچىك چېغىدا  خوشنىڭىزنىڭ قۇغۇنلۇقىدىن ئىككى دانە قۇغۇن ئۆغرلاپ  كىردى.سىزدە تۈۋەندىكىدە ئۈچ خىل ئىنكاس كۈرۈلىشى مۇمكىن ، A:قوغۇننى تىلىپ يىيىشىڭىز مۇمكىن،B:بالا كىچىكلىك قىلىپتۇ دةپ ئىگىسىگە قايتۇرىشىڭىزمۇ مۇمكىن،C:بالىغا تەربىيە بىرىپ،بۇنىداق قىلىشنىڭ خاتالىغىنى ئۇنىڭغا تۇنۇتۇش ئارقىلىق،خوشنىڭىزغا قۇغۇننى قايتۇرۇپ بىرىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
بىز قايسى تىپتىكى ئاتالاردىن بولىشىمىز كېرەك؟بۇنىڭدا چۇقۇمكى بىز ئۈچۈنچى خىل ئۇسۇلنى تاللىشىمىز لازىم.ئەگرىنى تال(نوتا) ۋاختىدا تۈزلىگەن ياخشى.بىرىنچى ،ئىككىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتتىئى ساقلىنىش كېرەك.ئەگەر داۋاملىق يول قويساق، ئىشنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن بۇ، يامان ئىللەتلەرنىڭ پەرزەنتىمىزدە يىتىلىشىگە ئاساس بۇلۇپ قالىدۇ.
بىز دەپ ئوتكەن پەزىلەتلەر ئاتىلاردا يىتىلدى دىگەندىمۇ بۇ پەزىلەتلىرىمىزنى پەرزەنتىلىرىمىزگە سىڭدۈرەلىشىمىز ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس،بىز ئاتا بولغۇچىلار تەربىيەنىڭ ئۇسۇلىنى تاللاپ،ئاساسسىز تەربىيە بىرىشتىن ساقلىنىپ،پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ قايىللىغىنى قوزغاپ،ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بولساق بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكى كىشىلەرگە نىسپەتەن بىزنىڭ پەزىلىتىمىزنىڭ تەسىر قىلىش دائىرىسى چوڭ بولىدۇ.
ئاتا بولغۇچىلار پەرزەنتىمىزگە ئۆزىمىزدىكى ئەخلاقى پەزىلەتلەرنى ئۈگۈتۈش،يۇقتۇرش بىلەن بىرگە،پەرزەنتىمىز ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىككەرگىمۇ توغرا قارىيالايدىغان بولىشىمىز،ھەم شۇ ئارقىلىقمۇ پەرزەن تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز،ھەرگىزمۇ زىددىيەتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ،ئۆزىمىزگە تۈگىمەس باش قېتىنچى تېپىۋالماسلىغىمىز لازىم.
بۇ ھەقتە شەيىخ سەئىدىنىڭ<<بوستان>>دا مۇنداق بىر ھىكايەت بار.
ئاچ كۆز ،نۇمۇسسىز بىر تىلەمچى،ئاللانىڭ يېقىن بەندىلىردىن بىرسى بولغان بىر زاتتىن پۇل تىلىدى.ئۇ زاتتا شۇ چاغدا پۇل يوق ئىدى،پۇل بولسا ئۇ ھەرگىز ئايىمايتتى.
تىلەمچى مەھەللىدە ئۇ زات ئۈستىدىن مۇنداق پىتنە تارقاتتى......ئۇ زاتنىڭ كۆرۈنىشى قۇناق شېخىدەك ئۇرۇق،لىكىن تويمۇغۇرلۇقتا مۇسانىڭ ھاسىسىغا ئوخشايدۇ....
پىتنە تارقالغاندىن كىيىن ئۇزاتنىڭ شاگىرتلىرى:زاتقا(شەيىخكە) يۇقارقىدەك پىتنىلەرنى بىر-بىرلەپ يەتكۈزدى.
بۇنى ئاڭلىغان شەيىخ
-ھەي،مىنىڭ كەمچىلىكلىرىمنى ئىزدىگەن كىشى،كىلىپ مەندىن سورا،گۇناھلىرىمنىڭ تىزىمىنى ساڭا ئۆزەم بېرەي...دىگەن.
بۇنىڭدىن يامانلىققا ياخشىلىق قىلىپ،باشقىلارنى غەبلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇشنىڭ خاسىيەتىنى كۆرىۋالالايمىز.ئاتا بولغان ئادەم پەرزەنتىڭ سەۋەنلىكىنىمۇ كۆچۈرۈشكە قادىر بۇلۇپ،ئۇنى ئۇيقىسىدىن ئويغۇتۇش كرەك.
ئائىلىدە ئاتا تەربىيەسى سۇس بولسا پەرزەنتىلىرى گەدەنكەش بولىدۇ،بالىغا ھەددىدىن ئارتۇق كۈيۈنىشنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھىساپتا ئاتىنىڭ ئۈزىگە سالغان بۇيۇنتۇرۇقى،ياكى سىرتمىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.شۇنىڭ ئۇچۇن كۈيۈنۈش بىلەن قاتتىق تەلەپ قۇيۇشنى بىرلەشتۈرۈپ،پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ خاسلىقىنى يىتلدۈرۈشكە ئالاھىدە يەردەم بىرىشىمىز لازىم.
كىيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن،ئاتا بولغۇچى بۇ ھەقىقەتنى مەڭگۈ ئىسىدە ساقلىشى كېرەك.
2.ئانىنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتى
ئانا –پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ مۇققەدەس ،ئەڭ جاپاكەش،پەرزەنتىلەرگە ئەڭ يېقىن،ئۇلارنىڭ ھالىغا ئەڭ يېتىدىغان،پۇتۇن ۋۇجۇدىنى پەرزەنتىلىرىگە ئاتىغان ئائىلەدىكى يەنە بىر يادۇرۇلۇق ئەزا بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئانىلارنىڭ ئەخلەق پەزىلىتىنىڭ قانداق بۇلۇشى پەرزەنتىلىرگە بىۋاستە تەسىر قىلىپ،پەرزەنتىلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى جەريانى ۋە ئاخىرقى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھىساپلىنىدۇ.ئانىلارنىڭ پەزىلەتسىزلىكى،بۇلۇپمۇ ئەخلاقسىزلىقى پەرزەنتكە بىلىنگەن كۈن-پەرزەنتىنىڭ قاباھەت ئىچىدە قالغان كۈنىدۇر،شۇنداقلا ئانىنىڭ روھايىتى تۈگىگەن كۈنىدۇر،چۇنكى ئانىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ئۈزىنىڭ نۇمۇسى پەرزەنتىلىرىنىڭ ۋىجادىنى،جورىسىنىڭ  ئۈمۇتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچ، بۇنداق ئەخلاق ئاياللار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىسا بۇنىڭ ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىيسىگە بۇزغۇنچىلىقى ئانىلار ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە زور بولىدۇ.
بۇنى ئەجداتلىرىمىز بۇرۇندىللا تۇنۇپ يىتىپ،نۇرغۇنلىغان پەندى-نىسەھەتلەرنى بىزلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن.بىزدە<.قىزىنى ئالماي ئانىسىنى ئال>>دەيدىغان مەشھۇر سوز بار.بۇنىڭدىن ئاياللارغا قويۇلغان شەرتنىڭ ئاددى ئەمەسلىگىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.بۇ ھىكمەتتە خۇتۇن ئېلىشقا توغرا كەلگەندە چۇقۇم  شۇ قىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەن ھىساپلىشىپ،ئائىلەسى پەزىلەتلىك بولغان ئائىلىنىڭ قىزىنى ئېلىشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ.يەنە بۇ يەردە شۇنىمۇ كۈرۈۋېلىش كېرەككى قىزنى ئالماي ئانىسىنى(ئاپىسىنى) ئېلىش شۇ قىزنى تەربىلىگەن ئانىسىنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتىگە چەك قۇيۇپ،پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ تەربىلىگەن قىزىنى ئېلىشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ.بىنىڭدىن ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رۇلىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالغىلى بۇلۇدۇ.
<<قابۇسنامە>>دە قانداق خۇتۇن ئېلىش توغرىسىدىكى باياندا مۇنداق ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ<<...ئەي ئوغۇل خۇتۇنۇڭ بالاغەتكە يەتكەن ھەم ئەقىللىق بۇلۇشى كېرەك.ئۇ ئۆي تۇتۇش يوللىرىنى بىلسۇن،بەك ياش بۇيىغا يەتمىگەن كىچىك قىزنى ئالما،پەقەت مەرت(ياخشى ئوغلان)خۇتۇننى ئۆي ئىشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالىدۇ،جىما(جىنسى تۇرمۇش)ئۈچۈنلا ئالمايدۇ...>>
بۇنىڭدىن بىز مەڭگۇلۇك جورىنى تاللاشتا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىزنىڭ لازىملىغىنى چۈشىنىۋالالايمىز يەنە خۇتۇن كىشىلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى،ئوي ئىشلىردىكى رولىنىڭ مۇھىملىغىنىمۇ ھىس قىلالايمىز.يۇقىردىكى باياندا مۇنداق ئۈچ قاتلاملىق مەنە ئوترىغا قۇيۇلغان.بىرسى سىز ئالماقچى بولغان قىزنىڭ يېشى،يېشى بەك كىچىك بولۇپ قالسا ئوي ئىشلىرىنى قىلالمايلا قالماستىن بەلكى بالا تۇرۇپ بالا تۇغۇپ،بۇ بالىنى ياراملىق تەربىلىيەلمەيدىغانلىغى،شۇنداقلا جىسمانى جەھەتتىن نابۇت بۇلۇپ،يەنىلا ئوي ئىشلىرى ۋە بالا تەربىلەشنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالمايدىغانلىغى ئوترىغا قۇيۇلغان.ئىككىنچى بىرسى بولسا ئايال كىشىنىڭ ئۆينى ئويدەك تۇتۇشى ئوترىغا قۇيۇلغان بۇلۇپ،بىز ئالماقچى بولغان ئاياللارنىڭ ئۆي تۇتۇشقا ئىپى بۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.ئۆي تۇتۇشقا،ئۆي ئىشلىرىنى ياخشىلاشقا ماھىر ئاياللار چۇقۇمكى پەرزەنتىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيىلىيەلەيدۇ دەپ قارىلىپ،ئىشچان چىۋەر بولۇشنىڭ لازىملىغى ئوترىغا قۇيۇلغان.ئۈچۈنچى بىر مەنىسى بولسا ئايال كىشىنى پەقەت جىنسى تۇرمۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆمۈرلۈك ھەمرا سۈپىتىدە تۇرۇپ ئويلاپ ئېلىشنىڭ لازىملىغىنى تەكىتلىگەن بۇنداق بولغاندا ئاياللار جىنسى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ،ئۈزىنىڭ بارلىغىنى ئائىلە ۋە پەرزەنتىلەر ئۈچۈن بېغىشلايدىغانلىغىنى،شۇڭا ئاياللارنى ئانىلارنى كەمسىتىدىغان ئىللەتلەردىن خالى بۇلۇپ،ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ،ئۇلار بىلەن بىرگە باراۋەر ئاساستا ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنت تەربىلەش ئوترىغا قۇيۇلغان.
ئاياللارنىڭ پەزىلىتى ۋە پەرزەن تەربىلەشتىكى رۇلىنىڭ مۇھىملىغىنى نەزەرگە ئېلىپ يۇقارقى كىتاپتا قانداق پەزىلەتلىك ئاياللارنى ئېلىش مەسىلىسى مۇنداق ئوترىغا قۇيۇلغان<<...خۇتۇنۇڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ،مەكتەپنىڭ توغرا تەربىيەسىنى ئالغان،ئۆي تۇتۇش تەبىرلىرىنى ئۈگەنگەن بولسۇن.بۇنداق قىز قولۇڭغا كىرەر بولسا،ئۇنى ئېلىشتا بىپەرۋالىق قىلما،ھىچ ۋاقىت خۇتۇنىڭغا يامانلىق قىلما...ساڭا خۇتۇنىڭدىن ياخشى دوست بولمايدۇ...>>.
يۇقارقىلاردىن بۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىۋالىمىز ئائىلىنىڭ يادۇرۇسى،پەرزەنتىمىزنىڭ ئانىسى،بولغان كىشى چۇقۇم مۇۋاپىق تەربىيەگە ئىگە بولغان بۇلۇشى كېرەك.بۇ تەربىيە مۇنداق ئىككى چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇشى لازىم.بىرسى بۇ ئانا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرى،ئوي تۇتۇشنىڭ يوللىرى،ئىرىگە سادىق بولۇشنىڭ يوللىرى،پەرزەنتىگە كۈيۈنۈشنىڭ يوللىرى ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشتىكى يوللىرىنى ئۈگەنگەن بولۇشى كېرەك.ئىككىنچى بىرسى ئۇ چۇقۇم جەمىيەتتىكى تۇرلۇك ئىشلار،كۆز قاراشلار ،بىلىش مەسىلىلىرى ۋە ئېتىقات قاراشلاردىن سېسىتمىلىق تەربىلەنگەن بۇلۇشى كېرەك.نىمە ئۈچۈن قېدىمقىىلەر ئاياللارنىڭ قانداق تەربىلىنىش مەسىلىسىنى مانا مۇشۇنداق مۇككەممەل ئوترىغا قۇيالىغان،بۇ يەنىلا ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىلەش رۇلىنىڭ مۇھىملىغى تەرىپىندىن بەلگىلەنگەن.
يەنە شۇ كىتاپتا <<ئەگەر پەرزەنتىڭ بولسا،بىرىنچىدىن ياخشى ئىسىم قوي،ئىككىنچىدىن ئىمكانىيەت بولسا  بالىنى ئەقىللىق ۋە مىھرىۋان تەربىيەچى خۇتۇنغا تاپشۇر>>دىيىلگەن.
بۇ ھۈكۈمدىن بىز ئانىلاردا چۇقۇم ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ بولىشىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە بولغان تەسىرىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتەلەيمىز.ئۇنداق بولسا ئاياللار قانداق پەزىلەتلەرنى ئۈزىدە مۇجەسەملىگەندە ئاندىن پەرزەنتىلىرىنى ياخشى تەربىلىيەلەيدۇ؟
سەييىد سۇلايمان نەدۋىي نىڭ<<ھەزىرىتى ئائىشە>>دىگەن تەرجىمىھال خارەكتىرلىك ئەسىرىدە ھەزىرىتى ئائىشەنىڭ ئاخلەقى ۋە پەزىلىتى ئوترىغا قۇيۇلغان بۇلۇپ،ئەخلاقى دىگەندە ئۇنىڭ ياخشى مىجەز ئادەتلىرى،پەزىلىتى دىگەندە ئۇنىڭ بىلىش دەرجىسى كۆزدة تۇتۇلغان.
ھەزىرىتى ئائىشەنىڭ يىتىشتۈرگەن ئەخلاقىنى  تۈۋەندىكى تەرەپلەرگە يىغىنچاقلىغان.يەنى كىتاپتا<<ھەزىرىتى ئائىشە-پىداكار،،پەرزەنتىلىرگە كۇيۇنۇش روھى(ئۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولسىمۇ)،ئىتائىتى،غىيۋەت ۋە باشقا ناچار ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى،ئېھساننى قۇبۇل قىلماسلىغى،ماختىلىشتىن خۇش بولماسلىغى،ئىززەت-غۇرۇرىنى ساقلىشى ۋە قوغدىشى،جاسارىتى،مەرتلىگى،رەھمىدىللىكى ۋە ئاللادىن قورقۇشى،قۇللارغا شەپقىتى،يوقسۇللارغا يەردىمى،ئەرلەردىن ھايا قىلىشى>>.
پەزىلىتى دىگەندە يۇقارقى كىتاپتا يەنە<<ئاللا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى پىشقەدەم ساھىبىلەرنىڭ ھەزىرىتى ئائىشەدىن ئىسلامنىڭ ئەككاملىرىنى سورىۋاتقانلىغىنى كۆردۇم >>دىگەن ئائىشەنىڭ شاگىرتىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.يەنە زۈبەيرىنىڭ ئوغلى ئۇرۋە مۇنداق دىگەن<<قۇرئانغا،ھالال-ھارامغا،ئىلىمگە،شىئېرىغا،تىبابەتكە،تارىخ ۋە نەسەب ئىلمىگە مۆمۈنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشەدەك يىتۈك كىشىنى كۆرمىدىم>>يۇقارقى بايانلاردىن ئانىلارنىڭ ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابۇليەتلىك بولمىغى زۈرۈر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىمىز.
بىزنىڭ ئانىلىرىمىز تۈۋەندىكىدەك ئەخلاقى پەزىلەتنى يىتىشتۈرۋېلىشى لازىم.
ئىپپەت-نۇمۇسلۇق بۇلۇش-بۇ ئانىلارنىڭ پەرزەنتىنى ياخشى تەربىلەپ چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم پەزىلىتىنىڭ بىرسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئانىلار شەرمى ھايانى ئۈزىگە يار قىلىپ، نۇمۇسنى،ئاھانەتنى ئۈزىنىڭ ۋىجدانى ئۈستىگە قۇيۇپ ئويلىيالايدىغان پەرزەنتىلەرنى تەربىلەپ چىقالايدۇ.بۇنداق پەرزەنتىلەر شەرمى-ھايا  پاك ۋىجدان بىلەن ياشايدۇ.ئانىدا ھاياسىزلىق كۆرۈلسە بالا ئەلۋەتتە بەتنىيەت بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.
بارلىغىنى ئائىلىگە ۋە كەسىپكە بېغىشلىشى كېرەك-بۇنداق ئاياللار مەسئۇليەتچان بۇلۇپ،ئائىلە مەسئۇليىتى بىلەن جەمىيەت يۈكلىگەن مەسئۇليەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ،ئىككىسىنى جانلىق بىرلەشتۈرەلەيدۇ.بۇنداق مەسئۇليەتچان ئەنىلار تەربىلىگەن پەرزەنتىلەر تەبىئى ھالدا ئائىلە ۋە جەمىيەت ئالدىدا بەلگۈلۈك بۇرۇچىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ.
ئانىلار كۈيۈمچان بۇلۇشى لازىم.كۈيۈمچانلىق پەقەت ئېرى،پەرزەنتىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىغى لازىم.يەنە بۇنداق كۈيۈمچانلىق ئاتا-ئانا،خۇلۇم خوشنىلار ،ئاجىز- ئۇرۇقلار ،ئەڭ مۇھىمى ئوغۇل تەرەپ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەشتە ئىپادىلىنىشى كېرەك.بۇنداق كۈيۈمچانلىق ئىچىدە تەربىلەنگەن پەرزەنتىلەر باشقىلارغا غەمىورلۇق قىلىشنى ئۈزىگە مەجبۇريەت دەپ قاراپ،باشقىلارغا بەرگەن يەردىمى ئىچىدىن خۇشاللىق تاپىدىغان ئىسىل خىسلەتكە ئىگە بۇلۇدۇ.
ئانىلار جەسۇر بۇلۇشى كېرەك-ئانىلار جەسۇر،غەيرەتلىك ،قەيسەر بولسا ئۇ تەربىلىگەن بالا جاپا-مۇشەققەتتىن قورقىمايدىغان،مەينەت ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ھەق ناھەق قارىشى كۈچلۈك،ۋىجدانلىق بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.بۇنداق پەرزەنتىلەر كەلگۈسىدە خەلىقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇلىنى سۇۋۇتىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بۇلۇدۇ.
ئانىلار قۇرۇق گەپ ۋە غىيۋەتتىن نېرى تۇرۇپ،ئەمىلى ئىش قىلىشتەك ئەمىليەتچانلىقنى يىتىشتۈرۋېلىشى لازىم.بۇنداق ئانىلار تەربىلىگەن بالىلار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنالايدىغان، قەتتئى پىكىر قىلىپ،مۇستىقىل قارار چىقىرىدىغان ئەقىللىق بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.ئۇنداقلار خەۋىپ - خەتەر ئۈستىدە تەمتىرىمەيدۇ،سوغۇق قان تەمكىن كېلىدۇ.
ئانىلاريەنە كەڭ قوساق بولۇشى لازىم.بەزى ئاياللارنىڭ قوسىقىغا بالا پاتقان بىلەن بىر تۈگمە پاتمايدۇ.بۇنداق ئاياللار كىشىلەرنىڭ بەخىتسىزلىك ئىچىدىن بەخت ئىزدەيدۇ.بۇنداق ناكاسچىلىقتىن ئانىلىرىمىز خالى بولىشى لازىم.سىز باشقىلارنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئۆزىڭىز شۇنچىلىك ھۆرمەت تاپىسىز،سىز باشقىلارنىڭ قايغۇسىدىن خۇشاللىق ئىزدىۋاتقان چېغىڭىزدا سىزگىمۇ شۇ قايغۇنىڭ كېلىدىغانلىغىدىن بىخەۋەر قالماڭ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلىرىمىز كەڭ قوساق بۇلۇشى،كۈندە زەھەر ئىچىپ تۇردىغان كۈرەلمەسلەردىن بۇلۇپ قالماسىلىغى لازىم.كەڭ قوساق ئانىلار تەربىلەگەن پەرزەنتىلەر چۇقۇمكى باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كۈچۈرۋاتالايدىغان پەزىلەت ئىگىسىدىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.
ئانىلىرىمىزدا  ئاياللىق سالاپەت بۇلۇشى كېرەك.ئاياللىق سالاپەت ئاياللارنىڭ خاسلىغىنىڭ جېنى ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئاياللىق سالاپەتكە ئىگە ئاياللىرىمىز تەربىلىگەن بالىلار ئۈزىدىكى ئىندۋىدال خارەكتىرىنى ياخشى نامايەن قىلالايدۇ.بۇ دىگەنلىك بۇنداق پەزىلەتلىك ئانىلار تەربىلىگەن قىزلاردا نازاكەت،ئوغۇللاردا جاسارەت يىتىشىپ چىقىدۇ.
ئانىلىرىمىز يەنە پەرزەنتىلىرىگە دىيىش زۈرۈر بولمىغان گەپلەرنى قىلماسلىغى،بۇنداق ئىشتا پۇرسەتنى تېپ باشقا ھەركەتلەر بىلەن پەرزەنتىنىڭ سەمىگە سېلىپ قۇيۇپ،پەرزەنتىنىڭ شۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىشىغا پۇرسەت يارتىپ بىرىشى كېرەك.
ئانىلار يەنە پەرزەنتىلەرگە ئاتا نىسەھەتى بولىۋاتقاندا بالا تەرەپتە تۇرۇپ،ئاتاغا قارىشى چىقىشتىن قەتتى ھەزەر ئەيلىشى لازىم .ئۇنداق بولمىغاندا بالا ئانىنىڭ ھىمايچىلىغىدىن ئىبارةت بۇ قالقانغا تايىنىپ ،گەپ ئاڭلىمايدىغان قېلىن كىشىلەردىن بۇلۇپ قالىدۇ.بۇنداق قېلىن كىشىلەرنى باشقىلار كۆزگە ئىلمايدۇ.
ئانىلىرىمىز يۇقارقىدەك پەزىلەتلەر بىلەن بالا تەربىلىگەندە چۇقۇم ياراملىق پەرزەنت تەربىلەپ قاتارغا قۇشالايدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە ئانىلىرىمىز نۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ،ھەممە ئىشتا مىنىڭ بىلگىنىم ھىساپ دەپ بىشةملىك قىسا، بۇنداق ئانىلار تەربىلەپ يىتىشتۇرگەن بالىلارنىڭ كەلگۈسى خىرە،ئۈزى گۇمراھ بۇلۇپ،كەلگۈسىدە جەمىيەتكە يۈك بۇلۇپ،كىشىنىڭ قۇلىغا قاراپ ياشايدىغان كەرەكسىزلاردىن بۇلۇپ چىقىدۇ.
بىلىم ئېلىش مەسىلىسىدە ئانىلىرىمىز كەڭ دائىرىدىكى ئەخلاقى بىلىملەرگە،ئەنئەنىۋى بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشتىن سىرت مۇكەممەل پەننى بىلىمگە ئىگە بۇلۇشى كېرەك بۇ ئانىلىرىمىزدىكى بىر پەزىلەت بۇلۇپ نامايەندە بۇلىشى لازىم.چۈنكى ھەر بىر ئانا مىللەتنىڭ ئانىسىدۇر.
3.ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەخلاقى بىلىشى
يۇقىرىدا بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رۇلى ۋە ئورنى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوترىغا قۇيۇپ ئۆتتۈق،ئەمدى تۈۋەندە ئاتا-ئانىلاردىكى ئاشۇ ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ ئەخلاقى پەزىلەت نوقتىسىدىلا تۇرۇپ قېلىپ،يۇكسەكلىككە(بىلىش دەرجىسىگە)كۈتۈرۈلمىسە بۇنىڭ رولىنىڭ بىز دىگەندەك چوڭ بولمايدىغانلىغى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى چۇقۇمكى ئۈزىدىكى ياخشى خۇسۇسىيەتلەرنى بىلىش بىلەن جەمىيەت ئەخلاقى(ئىجدىمائى ئەخلاقىنى)بىلىش ۋە ئىككىسىنى جانلىق بىرلەشتۈرۈپ ئەخلاقى بىلىش دەرجىسىگە كۈتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.بىزدىكى ياخشى خىسلەتلەر ئەخلاقى بىلىش دەرجىسىگە كۆتۈرۈلمىسە بىز ،كىشىلەر كۆزگە ئىلمەيدىغان بىر توپ <<يىمشاقلار>>غا ئايلىنىپ قالىمىز-دە بىزنىڭ پەرزەنتىلىرىمىزنى ياراملىق تەربىلەپ چىقىمىز دىگەن گىپىمىز قۇرۇق نەزىريە بۇلۇپ قالىدۇ.
<<جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردىكى مەشھۇر پەيلاسۇپلارنىڭ ھىكىمەتلىردىن>> دىگەن كىتاپنىڭ 2-قىسىمىدا<<ئەخلاق ئەقىلدىكى كەمتۈكلۈكنى تۇلۇقلايدۇ،ئەمما قانداق نەرسە ئەخلاقتىكى كەمتۈكلۈكنى تۇلۇقلايدۇ؟ ››دىگەن سۇئال ئۆترىغا قۇيۇلغان،بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ،ئەخلاقتىكى كەمتۈكلۈك نىمە؟ئەخلاقتىكى كەمتۈكلۈك ئە‎خلاقنىڭ بىلىش دەرجىسىگە كۈتۈرۈلەلمىگەنلىكى،ئۇنداقتا ئەخلاقتىكى كەمتۈكلۈكنى نىمە تۇلۇقلايدۇ؟بۇنى بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغادا- بىلىش،يەنى ئەخلاقى بىلىش ئەخلاقتىكى (ئۈزىدىكى)كەمتۈكلۈكنى تۇلۇقلايدۇ دەپ ھۈكۈم قىلىشقا ھەقلىقمىز.چۈنكى ھەرقانداق شەيئى ئۈزىدىكى ئاجىزلىق(كەمتۈكلۈك)نى تۈگۈتۈش ئىختىدارىغا ئىگىدۇر.
ئۇنداقتا ئەخلاقى بىلىش دىگەن نىمە؟
بىز بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىشتىن ئىلگىرى <<ئەدەپنامە>>نىڭ 145-بىتىدىكى مۇنۇ قۇرلارغا قاراپ باقايلى:<<ئەخلاق ئىنسانلارنى ياخشىلىققا چاقىرغۇچى،يامانلىقتىن قايتۇرۈۇچى ئىلىمدۇر...ئەخلاق ئىلمىنى ئۇقۇپ بىلىپ،ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشىلەر،ئۈزىنىڭ كىم ئىكەنلىەىنى،جانابىي ھەق نىمە ئۈچۈن ئۈزىنى ياراتقانلىغىنى،يەر يۈزىدە نىمە ئىش قىلىش ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىغىنى بىلىدۇ.بىر كىشى ئۈزىنى چۈشەنمىسە،ئىلىمنى،ئۆلۈمنى،ياخشى كىشىلەرنى،ياخشى نەرسىلەرنى،ياخشى ئىشلارنىڭ قەدرىنى،قىممىتىنى بىلمەيدۇ.ئۆز ئەيىپىنى بىلىپ،ئىقرار قىلىپ،ئۇنى تۈزۈتۈشكە ئەسدايىدىل كىرىشكەن ۋە جەزىم قىلغان كىشى چىن باھادىر پەلۋان كىشىدۇر.رۇسۇلى ئەكرەم نەبىي مۇھتىرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام:<مىزان تارازىسىغا قۇيۇلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ئىچىدە ياخشى خۇلۇقتىن ئېغىرراقى يوقتۇر،مۆمۈن بەندە ياخشى خۇلقى سەۋەپلىك ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىپ،روزا تۇتقان كىشىلەر دەرجىسىگە يېتىدۇ>دەيدۇ...>>يۇقارقىلاردىن ئەخلاقى بىلىشنىڭ بىشارەتلىرىنى كۈرىۋېلىشقا بۇلۇدۇ.
ئەخلاقى بىلىش دىگىنىمىز - كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيە ئارقىلىق ،ئۈزىنىڭ ئەقىل-ئىدىرىككە تايىنىپ،نىمىنى قىلىش ،نىمىنى قىلماسلىق،قانداق قىلىش،ئۈزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى،ئۈزىنىڭ قانداق مەسئۇليەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ،قانداق مەسئۇليەتلەرنى ئادا قىلىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى بىلىپ،ئەخلاقنى ئېقىل(بىلىش)ھالىتىگە يەتكۈزۈش،ئاساسىدا باشقىلارنى(پەرزەنتىلىرى ۋە غەيرى پەرزەنتىلىرىنى) تەربىلەش جەريانىدىن ئىبارەت.
بىزنىڭ بۇ ھۇكىمىمىزدىن  تۈۋەندىكىلەرنى كونكىرتلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
بىرسى ئەخلاقى تەربىيە ئارقىلىق بىلىم ئېلىپ،ئەخلاقى ئاڭ يىتىلدۈرش مەسىلىسى.ئىككىنچى-ئۈگەنگەن(يىتىشتۈرگەن) ئەخلاقى بىلىمىنى ئەقىل ئىدىرەككە تايىنىپ بىلىش دەرجىسىگە كۈتۈرۈپ ئۈزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ،ئەخلاق ئارقىلىق يامانلىقنى تىزگىنلەشنىڭ زۈرۈرلىگى.ئۈچۈنچىسى بو-كىشىلەر نىمىنى قىلىش ،نىمىنى قىلماسلىقتەك ھەق-ناھەق مەسىلىسىگە نىسپەتەن قارىشىنى كەسكىن ئوترىغا قۇيۇپ،جەمىيەت ئالدىدا ئۈستىگە ئالغان،جەمىيەت يۈكلىگەن ۋەزىپىلىرىنى ئادىمىلىكنى ئاساس قىلىپ ،ئورۇنلاش،يەنە بىرسى بۇ ئەڭ مۇھىم نوقتا بۇلۇپ،ئۈزىنى بىلىش ئاساسىدا ياخشى خۇلۇق يىتىلدۈرۈپ،كىيىنكى كىشىلەرنى ياخشى خۇلۇق بىلەن تەربىلەپ،پەرزەنتىلەردە ئەجدادىغا تىۋىنىدىغان،ئەجدادى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىسىل ئەنئەنە،ئىسىل مەدىنىيەت مىراسلىرى،ئىسىل ئەخلاقى پەزىلىتىگە ۋارىسىلىق قىلىش ئاساسىدا ئۈزىنى ،مىللىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا،تۆھپە قۇشىدىغان ئىسىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىدىن قارىغاندا ئەخلاقى بىلىش مەسىلىسى تېخى ھەممە كىشىلەردە يىتىلىپ كەتمىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەخلاقى تەربىلىنىشنى كۈچەيتىشىمىزلازىم.ئەك ئادىسى سەۋرى قىلىپ،ئۈزىنى بېسىۋېلىپ زۈرۈر بولمىغان تۇقۇنۇشلاردىن ساقلىنىپ،باشقىلارنى توغرا يولغا باشلاشمۇ ئەخلاقى بىلىش ھىساپلىنىدۇ.ئەڭ ئاددى گەپ بىلەن دىگەندە ئەخلاقى بىلىش-ئەخلاقى-پەزىلەتنى ئەمىليەتتە قوللىنىش ۋە ئىشلىتىش دىگەنلىكتۇر.
ئۆز ئىشلىرىنى،جەمىيەتنىڭ ئىشلىرنى ۋە باشقىلارنى ئېقىل ئارقىلىق كونتۇرۇل قىلىش ئەخلاقى بىلىشنىڭ يەنە بىر يۈكسەك نوقتىسى ھىساپلىنىدۇ.
بەزىلەر ھەرقانداق مەسىلىگە دۇچ كەلسە ھىسىيات ۋە قىزىق قانلىقنىڭ كۈچى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرنىدۇ.تولا چاغلاردا بۇ كىشىلەرنىڭ پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قېلىۋاتقانلىغىنى كۆرىمىز.مانا بۇ ئەقىلسىزلىقتۇر.
<<جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردىكى مەشھۇر پەيلاسوپلىرىنىڭ ھىكىمەتلىرىدىن>>دىگەن كىتاپنىڭ 2-قىسىم 6-بىتىدە مۇنداق بىر ھىكايە بار.بۇ ھىكايىنى مۇشۇ يەرگە قىستۇرۇشنى زۈرۈر دەپ قاراپ،بۇ يەردە بايان قىلدۇق.
<<ئاياغ كىيىش سەرگۈزەشتىسى
يېڭى بېتىگە كەيگەن ئادەم يول يۈرگەندە بېتىنگەمگە لاي چاچراپ كەتمىسۇن،دەپ ئەنسىرەيدۇ.بىراق بىخەستەلىك قىلىپ،بېتىنكىسى مەينەتلەشكەندە بۇرۇنقىدەك ئاۋايلاپ كەتمەيدۇ-دە،لاي پاتقاقنى كىچىپ مېڭىۋەرىپ،بېتىنكىنى كۆرۈمسىز قىلۋاتىدۇ.
ياشلارمۇ ئۈزىگە يامانلىقنىڭ چاڭ تۇزانلىرى قونمىغان چاغدا يامانلىقتىن ئۈزىنى تارتىدۇ،يامانلىققا كۈنۈپ قالغان چاغدا ھەممە يامانلىقنى يۇقتىرۇۋېرىدۇ.....تۇرمۇشقا يېڭىلا قەدەم باسقان ياشلار-يېڭى ناتۇنۇش يولغا كىرگەندە،ئۈزىنى ئاجايىپ ، خۇشال ھىس قىلىدۇ،قەدىمى شۇنچە چاققان بۇلۇدۇ.بارغانچە ئۇزاپ كېتىدۇ.ئەمما بۇ چىغىر يولدىن چوڭ يولغا قايتىپ كەلەي دىگەندە قانداق قايتىشنى بىلەلمەي قالىدۇدە يولنى تاكى ئۈزىنى نابۇت قىلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇدۇ>>
بۇ يەردە ئىش قىلىشتىن ئىلگىرى شۇ ئىش ئۈستىدە ئەسدايىدىل ئويلىنىپ پىكىر قىلىپ،مۇمكىن بولغاندا كېڭىشىپ قىلىشنىڭ زۈرۈرلىگى ئوترىغا قۇيۇلۇپ ھىسىيات بىلەن قىلغان ئىشنىڭ نەتىچىلىك بولمايدىغانلىغى كۈچلۈك دەلىللەنگەن.
ئاتا-ئانىلار چۇقۇم ئىبرەتلىك مەسىلەردىن ساۋاق ئېلىپ،ئۈزىنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنى ھىسسىي بىلىش باسقۇچىدىن ئەقلى بىلىش باقۇچىغا كۈتۈرىشى كېرەك.مۇشۇنداق قىلغاندا ئۆز پەرزەنتىلىرىگە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئادەم بۇلۇشنىڭ يوللىرىنى كۈرسۈتۈپ،ئۇلارنى ياراملىق قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ.<<ئەدەپنامە>>دە <<ئىنسان ئىككى نەرسىدىن تۈزۈلىدۇ:بىرى تەن،ئىككىنچىسى نەپەس.تەن كۆز ئارقىلىق بارلىق نەرسىنى كۈرۈدۇ،ئەمما نەپەس ئىدىراك بىلەن ياخشىنى ياماندىن،ئاقنى قارىدىن ئايرىيدۇ.بۇلارنىڭ سۈرىتى-يا ياخشى،يا يامان سۈرۈتلىك بولىدۇ..>>دىيىلگەن بۇنىڭدىن بىز ياخشى خۇلقىمىزنى نامايەن قىلىپ،كىشىلەرنى يامانلىقتىن ياخشىلىققا يىتەكلىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىغىنى ھىس قىلىشىمىز لازىم.ئاتا-ئانا بولغۇچىلار چۇقۇم بۇ نوقتىنى گەۋدىلەندۇرۇپ،ئۆزلىرىدىكى نەكاسلىقنى تۈگىتىپ پەرزەنتىلىرىنى ياخشى تەربىلىش ۋە پەرزەنتىلىرىگە مۇكەممەل ئۈلگە بۇلۇشى لازىم.
ئاتا ئانىلار بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى تەرەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلەر نىمىنى قىلىش نىمىنى قىلماسلىقنى ئوبدان بىلىشى لازىم.مەيلى جەمىيەت ئىشلىردا بولسۇن،مەيلى ئائىلە ئىشلىرىدا بولسۇن ئاتا ئانىلار دادىللىق بىلەن ياخشى يامان ئۈستىدىن ھۈكۈم چىقىرىپ،قىلىدىغاننى چۇقۇم قىلىش ،قىلىشقا بولمايدىغانلىرىنى چۇقۇم قىلماسلىق شۇ ئاساستا پەرزەنتىلىرىگە تەلىم بىرىپ پەرزەنتىلەرنىڭ ھەق ناھەق قارىشىنى تۇرغۇزۇش،ئاخىرقى ھىساپتا پەرزەنتىلەرنىڭمۇ دادىل ھۇكۈم قىلىش ئىقدىدارىنى ئۆستۈرۈپ،پەزىلەت ئىگىلىرىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.
ئاتا-ئانىلار يەنە ۋىجدانى بىلەن ياشىشى لازىم.ھەرگىز قىيىنچىلىق ئالدىدا،مۇھتاچلىق ئالدىدا ۋىجدانىنى ساتماسلىق،ئۈزىنىڭ ئادىمىلىكىنى دەپسەندە قىلماسلىق،ئۆتۈنۈش توغرا كەلگەندە ئىشنىڭ خارەكتىرى ۋە نەتىچىسىنى ياخشى ئويلاپ ئۆتۈنۈش لازىم.ئاتا-ئانىلار ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئۈزنىڭ ۋىجدانىدىن يول قۇيۇدىغان قويمايدىغانلىغىنى سوراپ كۇرۇش،ئۈزىنى ھەر چاغ ،ئۈزىنىڭ ۋىجدان سوتىنىڭ تارازىسىغا سېلىپ تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.بۇنداق ئاتا-ئانىلار تەربىلەپ يىتىشتۇرگەن پەرزەنتىلەر ئەخلاقلىق، ۋىجدانلىق بۇلۇپلا قالماي،ئەڭ مۇھىمى ئۈزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى ياخشى بىلۈدۇ.بۇلار كىيىنكى چاغلاردىمۇ ۋىجدانسىزلىق،يۈزى قارىلىق قىلىشتەك پەسكەشلىكلەردىن خالى بۇلۇدۇ.
ئاتا-ئانا(ئەر –خۇتۇنلار)ئۆز-ئارا بىرى بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ،كەڭەش بىلەن ئىش قىلىپ،قايسىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولسا شۇنىڭكى بۇيۇچە ئىش كۈرۈپ،ھەمكارلىشىپ،ئىگىلىك يارتىش ۋە ھەمكارلىشىپ پەرزەنت تەربىلەشتەك بۇ مۇھىم مەسئۇليەتنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىشى كېرةك.بۇنداق ئاتا-ئانىلار تەربىلىگەن پەرزەنتىلەردە توغرا خاتانى پەرقلەندۈرش ئىقدىدارى يىتىلىپلا قالماي يەنە ھەمكارلىشىپ،كەڭىشىپ،مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلدىغان كۆللىكتىپ  بىرلىگى شەكىللىنىدۇ.شۇنداقلا مەسىلە يۈز بەرگەندە ئۈزىنىڭ خاسلىغىنىمۇ جارى قىلدۇرالايدىغان ،شەخسى بىلەن كوللىكتىپنىڭ ئاقىل-پاراسىتىنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان ئىقدىدارنى يىتلدۈرۋالالايدۇ.
ئەخلاقى بىلىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم نوقتىسى ھەممە كىشىلەرنى ئۈزىنىڭ قان-قېرىداشلىرى دەپ بىلىش.بۇ ئەخلاقى بىلىشنىڭ يۈكسەك نوقتىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ،ئاتا-ئانىلار چۇقۇم بۇنى پەرزەن تەربىلەشتىكى بىر مۇھىم ئەنگۈشتەر دەپ بىلىشى لازىم .مۇشۇنداق قىلغاندا پەرزەنتىلەرنىڭ  باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىشتەك،باشقىلارغا يەردەم بىرىش،كۈيۇنۇشتەك،ئىسىل پەزىلىتىنى نامايەن قىلالايدۇ.بۇنداق تەربىلەنگەن پەرزەنتىلەر كىشىلەر ئارسىدا ھۆرمەت تېپىپ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا كىشىنىڭ قۇلىغا قالاپ قالمايدۇ.بۇ بىر ھەقىقەت.بۇنىڭ ئەكسىچە بولسە تۈۋەنكى ھىكايىدىكىدەك ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ
ھىكايەت:
بىر ئاچ تۈلكە ئۇزۇق ئىزدەپ ئۇۋىسىدى چىقىپ،ھەر تەرەپكە سوكۇلداپ كىتىۋېتىپ، بىر تېرىگە ئۇچراپتۇ ۋە دەرھال ئۇۋىسى تەرەپكە سۆرةپتۇ.شۇ ئەسنادا يەنە ئۇنىڭغا سىمىز تۇخىلار ئۇچراپتۇ.تۈلكىنىڭ تۇخى يىگۈسى كەپتۇ،بۇ چاغدا تۇلكە تېرىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ تۇخىنىڭ كۇيغا چۈشۈپتۇ.شۇ چاغدا بىر چىل بۈرى يىتىپ كىلىپ:
-ساڭا نىمە ھادىسە يۈز بەردى بارادەر دەپ سوراپتۇ
-ماڭا ئۈزەمنىڭ نىيىتىدىكىدەك نىممەت ئۇچرىدى دەپتۇ تۈلكە ،
- نەچچە كۈندىن بىرسى مەنمۇ ئاچ يۈرەەتتىم دوپتۇ چىل بۈرە.ھەم بۇ تۇخىلارنى  ئىگىسى بەك چىڭ مۇھاپىزەت قىلۋېتىپتۇ دوپتۇ يەنە تېرەڭگە شۈككۈرى قىلىپ،بۇ نىيىتىڭدىن ۋاز كەچ دەپتۇ.
لىكىن تۈلكى بۆرىنىڭ نىسەھەتىەگە قۇلاق سالماپتۇ.
بۆرە تۈلكىنىڭ گەپ ئاڭلىمىغىنىدىن ئاچچىقلاپ كىتىپ قاپتۇ.تۈلكە توخۇنىڭ قېشىغا بېرشىغا تۇخى ئىگىسىنىڭ ئاتقان چۇمىقى تىگىپ توكۇر بۇلۇپ قاپتۇ-دە تېرە ئىسىگە كىلىپ،تېرىنىڭ قېشىغا بىرىشىغا تېرىنى سا كۆتۈرۈپ ئۈچۈپ كىتىپتۇ،بۇنىڭدىن(ئەقىلسىزلىقىدىن)قاتتىق ئۆكۈنگەن تۈلكە كاللىسىنى يارگە شۇنداق قاتتىق ئۇرۇپتىكى،ئۇنىڭ مېڭىسى چاچراپ چىقىپ كىتىپتۇ. (كېلىلەۋە دەمىنە،244-بەتتىن ئېلىنىدى)
4.ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلىمىنىڭ كەڭلىگى
ئائىلە ئەخلاقىنى مۈكەممەللەشتۈرۈشتە يالغۇز ئەخلاقى-پەزىلەت يەنە ئەخلاقى بىلىش بولسىلا بولمايدۇ.ئەخلاقى بىلىشنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئاتا-ئانىىلارنىڭ تايىنىدىغان ئەڭ مۇھىم قۇرالى يەنىلا پەننى بىلىملەردىن ئىبارەت.ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلىش دەرجىسىنىڭ كەڭ-تارلىق ئائىلە ئەخلاقىنىڭ ساغلام پېزىلەتكە ئىگە بۇلۇشى ۋە بولالماسلىغى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى:
ئەدىپ ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ <<ئەتەبەتۇلھەققايىق>>دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدىكى تۈۋەندىكى بىيىتلاردۇر.
بىلىملىك كشى قىممەتلىك دىننار،
بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز ياماقتۇر.
بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز ھىچقاچان تەڭ بولالمايدۇ،
بىلىملىك ئايال گۇيا ئەر،نادان ئەر گۇيا ئايالدۇر.

ئادەمدە بىلىم بۇلىشى سۈڭەكتە ئىلىك بولغانغا ئۆىشايدۇ،
ئادەمنىڭ زىننىتى ئېقىل بولسا، سۈەكنىڭ يىلىكتۇر.
بىلىمسىز كىشى ئىلىكسىز سۈڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ.
ھالبۇكى،ئىلىكسىز سۈڭەككە ھىچكىم قول ئۇزارتمايدۇ.(خەۋىر تۈمۈرتەرجىمە قىلغان،42،43-بىيىتلار)

بۇ مەشھۇر ئەدىپىنىڭ بىلىملىك كىشىلەر بىلەن بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ قىممىتى ۋە جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى رۇلى جەھەتتىكى قاراشلىرى.بۇنىڭدىن بىز چۇقۇم كىشىلەرنىڭ بىلىملىك بولغاندىلا ئاندىن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بىر كىشلىك ئۇرۇنغا ئىگە بۇلۇپ،ياشالايدىغانلىغنى چۈشىنىپ يەتەلەيمىز.12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن بۇ ئۇلۇغ ئەدىپ بىلىم ئىگەنلەشنىڭ ئىسانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېتىياجى ئىكەنلىگىنى ئۆترىغا قۇيۇپ،بىلىمنىڭ خاسىيەتنى زور دەرجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى 11-ئەسىردە ياشىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىم ئېلىشنىڭ مۇھىملىغىنى مۇنداق ئىزھار قىلغان.
<<بىلىم ئىگەنلىگەن ئادەم ئىشنى ياخشى قىلالايدۇ>>دەپ بىلىم بىلەن ئىش قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش بىلەن بۇنىڭ ئاقىلانىق ئىكەنلىگىنى ئوترىغا قويغان.يۈسۈپ خاس ھاجىپ<<بىلىم –كۈچ>> دىگەن ھۈكۈمنى ماركىستىن 500يىل ئىلگىرى ئوترىغا قويغان.(قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋەقارىخانلار-ھاجى نۇرھاجى415-بەت
يۇسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇقارقى ئىككى ھۈكىمىدىنمۇ بىلىم ئېلىشىنىڭ،بىلىم بىلەن قۇراللىنىشنىڭ ھەرقانداق ئىشنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىگىنى ،بىلىملىك كىشىنىڭ يىڭىلمەس كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولدىغانلىغىنى،قىسقىسى بىلىمنىڭ بىر ئەقىل،بىلىنىڭ بىر كۈچ،بىلىمنىڭ تەڭداشسىز بايلىق ئىكەنلىگىنى كۈرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
يۇقارقى ئىلمىي ھۈكۈمدىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ باشقا قەدىمقى مەدىنىيەتلىك مىللەتلەرگە ئوخشاشلا بىلىم ئېلىش جەھەتتە زور بايقاشلارغا ئىرىشىپ ئىنسانىيەت بىلىم خەزنىسىگە زور تۆپىلەرنى قوشقانلىغىنى بىلىۋالالايمىز.
يۇقارقى ھۈكۈلەرگە ئاساسلانغاندا پەرزەنتىنىڭ بىرىچى ئۇستازى،ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى مىللەتنىڭ نامايەنىدىسى بولغان ئاتا-ئانىلارمۇ ئۈزىنى بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ،كەڭ ئىجدىمائى بىلىملەرنى ئىگەنلىشى،شۇ ئاساستا پەرزەنتىلىرىنىڭ بىلىم ئېلىشىغا شارايىت يارتىپ بىرىپ،ئۇلارنى ئىلىم-بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرىشى ھەم شۇ ئاساستا تەربىلىشى لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا ئانىلاردا تۈۋەندىكىدەك پەزىلەتلەر يىتىلگەن بۇلۇشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلاردا كۈچلۈك زامان ۋە ماكان ئېڭى بۇلۇشى لازىم.زامان ماكان ئېڭى بولمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ زاماننىڭ تەرەققىيادى ۋە ماكاننىڭ جان تۇمۇر ئىكەنلىەىنى بىلىش سەۋىيەسى بولمايدۇ.بۇنداق زامان ماكان ئېڭىدىن مەھرۇم قالغان مىللەت بەرى-بىر باشقا مىللەتنىڭ سىڭدۈرۈپ  كىتىشىگە قول قۇغۇشتۇرۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز سەگەكلىك بىلەن زامان ۋە ماكان چۈشەنچىسىنى ئايدۇڭلاشتۇرۋېلىشى لازىم.بۇنداق سەگەك ئاتا-ئانىلار تەربىلىگەن پەرزەنتىلەردە تەخىرسىزلىك ئېڭى،يېڭىلىق يارتىش ئېڭى يىتىلىدۇ-دە ئۇلار زامانغا(دەۋرىگە) ماسلىشىپ،ئۈزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى نامايەندە قىلىدۇ.
ئاتا ئانىلاردا يەنە كۈچلۈك مائارىپ ئېڭى يىتىلگەن بۇلۇشى لازىم.ئاتا-ئانىلار چۇقۇم مائارىپنىڭ ئورنى،رولى ۋە ئۇنىڭ كىشلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيەتنى توغرا تۇنىشى لازىم.ئاتا-ئانىلارنىڭ پەننى بىلىمىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەن بۇلىشى بىلەن ،ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى  ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.مائارىپ ئېڭى يۇقىرى بولغان ئاتا-ئانىلار چۇقۇمكى پەرزەنتىلىرىنىڭ تەربىلىنىشىگە،ئەقلىگە دەسمايە سالىدۇ.بۇنداق شارايىت ئاستىدا تەربىلەنگە پەرزەنتىلەر ئۈزىنىڭ نىمە قىلىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ئۈزى بىلىپ،كەلگۈسىگە دادىل قەدەم تاشلىيالايدۇ.بۇنداق شارايىتتا ئوسۈپ يىتىلگەن پەرزەنتىلەرنىڭ ئەخلاقى بىلىشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.قىسقىسى ئاتا-ئانا پەرزەنتىلىرى ئۈچۈن بىر ھايات ئۈلگىدۇر.
ئاتا-ئانىلار ئۈزىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپلا قالماي يەنە قانداق قىلغاندا مىللەتنىڭ پەرزەنتىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرگىلى بولىدۇ دىگەن مەسىلىنى قاتتىق ئويلىنىش كېرەك.بۇنىڭدا چۇقۇمكى قىزلارنى(ئانىلارنى)تەربىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.چۈنكى ئانىلار پەرزەنتىلەرگە ئەڭ كۆپ ھەمرا بۇلۇپ،ئۇلارغا تەربىيە بېردىغان بىردىن-بىر كىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلارنىڭ تەربىلىنىشنى نەزەرگە ئالمىغان مىللەت ئۈزىنىڭ كەلگۈسىنى ياراتالمايدۇ.شۇڭا ياھۇدىلارنىڭ تەرەققىيادىدىكى سىر-دەل ئۇلارنىڭ ئانىلارنى(قىزلارنى) تەربىلەشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىغىدىن ئىبارەت .
يۇقارقى قارىشىمىزغا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ<<ئەگەر ئىتلارغا ئارسىلان باش بولسا(تەربىلىسە)،ئىتلار ئارسىلان بۇلۇر.گەر ئىتلار باش بولسا ئارسىلانغا،ئارسىلانمۇ ئىتقا ئايلىنۇر>>دىگەن مەشھۇر سۆزىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
بۇ بىيىتتىن تەربىلىگۈچىلەرنىڭ قانداق بۇلۇشىنىڭ تەربىلەنگۈچىلەرگە شۇنداق تەسىر قىلىدىغانلىغىنى،شۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيەنىڭ مەقسىدىگە يەتىمىز دىگەندە چۇقۇمكى تەربىلىگۈچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرىش كۈتۈرىشىمىزنىڭ لازىملىغىنى كۈرىۋالىمىز.
ئاتا ئانىلار بىلگىنىنى چۇقۇم پەرزەنتىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى،شۇ ئاساستا پەرزەنتىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىنى قولغا كەلتۈرىشى لازىم.بىلىم ئېلىشتىكى مەقسەت ئۇنى ئىشلىتىشتە،ئەگەر ئىشلىتىلمىگەن بىلىم بولغىنىدا ئۇنىڭ ھىچقانداق قىممىتى نامايەن بولمايدۇ.بۇ خۇددى ئۆلۈك كىشىنىڭ ئۈزى بىلەن كەتكەن بىلىمىگە ئوخشايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز بىلگىنىنى ئىشلىتىشتەك ئەڭگۈشتەرگە تايىنىپ،پەرزەنتىلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىنىشىنى توغرا تەرەپتىن كۈرسۈتۈپ بىرىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار بىلىمسىز بولسا پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە زور تۇسالغۇ بولىدۇ.چۈنكى بىلىمسىز ئادام بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ.بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن بۇنداق كىشىلەردىن قانداقمۇ ئۈمۈت كۈتكىلى بولىدۇ.پەرزەنتىنىڭ تەربىيەسىگە ئۇلار ئىگە بولالامدۇ؟تەربىلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلالامدۇ؟ بۇنداق بۇلۇش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى بۇنداق بىلىمنى سويمەيدىغان كىشىلەر بۇرنىنىڭ ئۈچنى كۈردىغان،كەلگۈسى يوق كىشىلەردۇر.
بۇ يەردە بىز ھەرقانداق ئاتا ئانىنى سېسىتمىلاشقان،ئالى،نەزىريەۋى بىلىملەر بىلەن قۇراللىنىپ،باللىرىنى ئاشۇ يۇسۇندا تەربىلىسۇن دىمەكچى ئەمەسمىز.(لىكىن كەلگۇسى نىشانىمىز شۇنداق)بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىمىز بولسا ئاتا-ئانىلار مەيلى ئەخلاقى جەھەتتىن بولمىسۇن ،مەيلى تۇرمۇش ئەمىليىتىدىن بولمىسۇن زۈرۈر بىلىشكە تىگىشلىك قايدا قانۇنىيەتلەرنى پىشىق ئىگەنلەپ،پەرزەنتىلەرگە قانداق ئادەم بۇلۇشىنىڭ يۇلىنى كۆرسۈتۈپ قۇيۇشتەك مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى،ياكى ئۈستىگە ئالالايدىغان بۇلۇشى لازىم.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىجدىمائى بىلىمىنىڭ كەڭرى بۇلۇشى،پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بەلگۈلۈك تەسىرلەرنى كۈرسۈتۈپ،ئۇلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ.
5.پةرزةنتىلةرگة ئةنئةنىۋى ئادةت تةربىيةسى بىرىشنىڭ مۇھىلىغى
پةرزةنتىلةرنى ئةنئةنىۋى ئادةت بىلةن تةربىلةش ماھىيةتتة ئاتا-ئانىلارنىڭ پةرزةنتىلةرگة ئادةت تةربىيةسىنى سىڭدۇرۇشتىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرسى.ئادةت تةربىيةسى بةرگةنلىك تىگى-تةكتىدىن ئېيتقاندا ئةجدات تةربىيةسى ۋة نةسلةگة سېغىنىش بىلةن ئةخلاق، ئېتىقات تةربىيةسى بةرگةنلىك بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.چۈنكى بىزدة ساقلىنىپ كىلىۋاتقان گۈزةل ئةنئةنىلةرنى بىزنىڭ ئةجداتلىرىمىز تۇرمۇش تةجىربىلىرى،ئىجدىمائى ئةمىليةت جةريانلىرى ۋة بةلگۈلۈك ئېتىقاتنىڭ كۈچى بىلةن ياراتقان.
شةمسۇلمائالى قابۇسنىڭ‹‹قابۇسنامة›› دىگةن مةشھۇر ئةسىرىدة‹‹...پةرزةنتىڭ ئوغۇل بولسا خةتنة قىلدۇر،ئاندىن ئاندىن بىر ماھىر ئۇستازغا تاپشۇرۇپ،تةلىم تةربىية ئالدۇرغايسةن.جۈملىدىن ئاتقا مىنىش...سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۈگةتكةيسةن.››(يۇقارقى كىتاپ 91-،92-بةتلةر)دىگةن بايانلارنى ئۇچرىتىمىز.بۇنىڭدىن بىزنىڭ پةرزةنتىلىرىمىزگة ئةجداتلىرىمىز ياراتقان ھةرقانداق بىر ئةسقاتىدىغان مةدىنىيةت ئةنئةنىسىنى،ياخشى ،ھازىرقى زاماندىمۇ ئۈزىنىڭ خاسىيةتىنى يوقاتمىغان بىلىم(قايدة-يۇسۇنلارنى)ئۈگىتىشىمىزنىڭ زۈرۈرلىگىنى كۆرىۋېلىش تةس ئةمةس.
بىزنىڭ ئةجداتلىرىمىزمۇ دۇنيادىكى باشقا مةدىنىيةتلىك خةلىقلةرگة ئوخشاشلا ئۆچمةس مةدىنىيةتلةرنى قالدۇرۇپ كةتكةن.ئۇ مةدىنىيةتلةرنىڭ ھازىرغىچة داۋام قىلىپ،بىزگىچة يىتىپ كةلةلىشىدىكى سىر زادى نةدة؟بۇنىڭغا جاۋاپ بىرىش مىنىڭچة ئۇنچة تةس ئةمةس.بىرسى ئةجداتتىن-ئةۋلاتقۇچة بۇ ئىسىل مةدىنىيىتىمىزنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ،بىردىن بىرگة يةتكۈزۈپ داۋاملاشتۇرۇشتةك يېڭىلىق يارتىش روھىدا بولسا،ئىككىنچى بىرسى مةدىنىيةتىمىزنىڭ قىممىتىنىڭ دۇنيا مةدىنىيةتى تةرىپىندىن ئىتىراپ قىلىنغانلىغىدا.بۇنىڭ كۈچلۈك دةلىلى نۇرغۇنلىغان مةدىنىيةت يادىكارلىغىمىز ۋة كىلاسسىك ئةسةرلىرىمىزنىڭ تةرةققى قىلغان مةدىنىيةتلىك دۆلةتلةردة ئةتۋارلىنىپ ساقلىنىشى ۋة تةتقىقى قىلىنىشى،شۇنداقلا دۇنيانى بىلىشتة تېخىمۇ نۇرلىنىپ ئۈزىنىڭ خاسىيىتىنى نامايان قىلىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.(بۇ ھةقتىكى بىرىنچى قول ماتىرياللارغا دوكتۇر ئةسئةت سۇلايماننىڭ ئةسةرلىرى تېخىمۇ تۇلۇق جاۋاپ بېرةلةيدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يةردة ئۇلارنى بىرمۇ-بىر ساناپ يۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق)
بىز دۇنيا ئىتىراپ قىلغان ئةنئةنىۋى مةدىنىيةتمىزنى قةدىرلىشىمىز،ئاسرىشىمىز ۋة ئةۋلاتمۇ-ئةۋلات يةتكۈزۈشتةك مةسئۇليةتنى ئۈستىمىزگة ئېلىشىمىز لازىم.
ئةمىدى ئۆز گىپىمىزگة كةلةيلى،بىزنىڭ يۇقارقىدةك مةشھۇر ئةنئةنىۋى مىراسلىرىمىزدا بىز بىرىشكة تىگىشلىك ئادةت تةربىيةسىمى بةلگۈلۈك سالماقنى ئىگةنلةيدۇ.بىز ئۇنى تةكشۈرۈپ كوردىغان بولساق،ئادةمنىڭ قةدرىنى قىلىش،باتۇرلۇقنى تةشةبۇس قىلىش،يىمةك-ئىچمةك ئادةتلىرى،قايدة يۇسۇن،قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋىتى،ئةر ئاياللار ئوترىسىدىكى پةدى-شةپ...بالىلار ئۇيۇنلىرى قاتارلىق بارلىق ساھىلةرگة بېرىپ چېتىلىدۇ.بىز بۇ ماقالىمىزدا ئادةت تةربىيةسى،بۇلۇپ ئاتا-ئانىلار بىرىشكة تىگىشلىك ئائىلة تةربىيةسى ئۈستىدة توختالماقچى بولغانلىغىمىز ئۈچۈن مۇناسىۋةتلىك تةرةپلىرىنىلا ئوترىغا قۇيۇپ ئۆتىشنى لايىق كۆردۇق.
بۇ توغرىدىكى قاراشلىرىمىزنى ئوترىغا قۇيۇشتىن ئىلگىرى باتۇر رۇزىنىڭ‹‹تةجةللى››دىگةن ئةسىرىدىكى تةجةللىنىڭ تىلىدىن بةرگةن مۇنۇ سۆزىنى كۈرۈپ ئۆتةيلى!
‹‹...ھۈسةيىن ئۈزىنىڭ ئۇيغۇرلىرىنى ئويلىدى.قاغان ئالىپ ئةر توڭانىڭ قۇمى سانالمىش ئۇيغۇرلار قةدىمىي مةدىنىيةت ياراتقان بۇيۇك قۇۋم.ئۇلارنىڭ مةدىنىيةتمۇ قةدىمقى يۇنان،رىم،مىسىر مةدىنىيةتگة ئوخشاشلا ئالةمشۇمۇل مةدىنىيةت.ئۇلارمۇ يىپةك يۇلىدىن ئىبارةت دۇنياۋى مةدىنىيةت ئالمىشىش ساماسىدا ئۆز مةدىنىيةتىنىڭ يىگانة ئةۋزةللىكلىرى بىلةن تالاي ئةسىرلةردىن بىرى يارقىن يۇلتۇزدةك چاقناپ كةلدى.ئۇلارنىڭ ئۇيۇن تاماششىلىرىدىن ،كىيىنىشلىردىن،بىناكارلىق ئةئةنىلىرىدىن تارتىپ تاكى ياشاش ئۇسۇلىغىچة،تۇرغان-پۈتكىنىنىڭ ھةممىسى ئاجايىپ بىر پةلسةپة...››(يۇقارقى كىتاپ،18-19-بةتلةر)
تةجةللىنىڭ تىلىدىن بىرىلگةن بۇ باياندىن بىز مةدىنىيىتىمىزنىڭ ھازىرغىچة داۋاملىشىپ مۇكةممةلىشىپ كىلىۋاتقانلىغىغا كۈچلۈك دةلىل تاپالايمىز.شةرىق پةلىسىپة ساھىسىدة ئۇيغۇرلاردةك ئورۇن تۇتقان يةنة بىر مىللةتنىڭ يوقلۇقىغىمۇ ئىشةنمةي تۇرالمايمىز.بۇ سوزىمىز ئۈچۈن شةرىق پةلىسىپىسىنىڭ ئاتىسى-فارابىنى مىسالغا ئالساقلا كۇپاية.
باتۇر رۇزىنىڭ ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئويۇنلىرى،كىيىنىشلىرى،پۈتكۈل ياشاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھةممىسى بىر پةلسةپة ئىدى››دىگةن بۇ سوزى بىنىڭ ئائىلىدة ئادةت تةربىيةسى بىرىشىمىزنىڭ تةخىرسىزلىكىنى يةنة بىر قېتىم بىزگة ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.بىز ئةنئةنىۋى ئادةتلىرىمىز بىلةن ھازىرقى زاماندىكى بىلىش نةتىچىلىرىمىزنى بىرلةشتۇرۇپ،پةرزةنتىلىرىمىزگة ئادةم بۇلۇشنىڭ يۇلىنى(ئادىمىلىكنى يىتىلدۈرۈشنىڭ يۇلىنى) ئۈگىتىش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
بىز ئائىلىدة بىرىشكة تىگةىشلىك ئادةت تةربىيةسى تۈۋةندىكى مةزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگة ئالىدۇ.يۈرۈش تۈرۈشتىكى قايدة يۇسۇن،مىھماندارچىلىقتىكى قايدة يۇسۇن،ئۆلۈم ئۇزىتىشتىكى قايدة يۇسۇنللار،توي-تۈكۈنلةردىكى قايدة يۇسۇنلار،يىمةك-ئىچمةكتىكى قايدا يۇسۇنلار.ھېيىت-ئايةمدىكى قايدة يۇسۇنلار.كىيىم –كىچةك(كىيىنىش)توغرىسىدكى قايدة يۇسۇنلار.قىز-ئۆغۇللار ئارىسىدىكى قايدة يۇسۇنلار،ئةر ئاياللار ئوترىسىدكى قايدة يۇسۇنلار...تازىلىق ئادةتلىرى ،بالىلار ئويۇنلىرى ،قةيسةرلىك قاتارلىقلاردىن ئىبارةت بولىشى كېرةك دةپ قارايمةن.
يۈرۈش-تۇرۇرۇشتىكى قايدة يۇسۇنلار-يۇرۇش-تۇرۇشمۇ ئادةمنىڭ ئةخلاقى پةزىلىتىنىڭ قانداقلىقنى ئىپادىلةيدىغان مۇھىم بةلگىلةرنىڭ بىرسى بولۇپ ھىسالىنىدۇ.بىز پةرزةنتىلىرىمىزگة بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان يۇرۇش-تۇرۇشتىكى قايدة يۇسۇنلارنى پىشىق بىلدۈرۈپ مىللةتنىڭ خاسلىقىنى ساقلاشقا ئةھمىيةت بىرىش بىلةن بىرگة يةنة كىشلىك قةدىر-قىممةتنىڭ ئىپادىلىرىنى ئىگةللىتىشىمىز كېرةك.
يۇرۇش تۇرۇشتة سىپاية بۇلۇش،غةيرى قىلىقلارنى قىلماسلىق،چوڭلار بىلةن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا سالام بىرىش،ئۇلاردىن ئةھۋالسوراش،ئۇلارنىڭ يةردةم قىلغۇدةك ئىشلىرى بولغاندا(شۇ مةيدانىنىڭ ئۆزىدة) تةشةبۇسكارلىق بىلةن يةردةم بىرىش،چوڭلار توپلىشىپ تۇرغان يةردىن ئوتكةندة قاتناش ۋاستىسىدىن چۈشۈپ ئۇلارغا ھۆرمةت بىلدۈرۈش ياكى سالام قىلىپ تىنىچلىق-ئامانلىق سوراش.ئۇلار ئالدىدا بىلةرمةنلىك،ئاتا-كاچىلىق(مةن-مةنلىك)قىلماسىلىق،قانداق كىشى بولىشىدىن قةتتى نةزةر ئۈزىدىن چوڭلارنى مةنسىتمةسلىك،كۆزگة ئىلماسلىق ئىللةتلىرىدىن داۋاملىق ساقلىنىش،ئۇلارنى ھۆرمةت قىلىشنى ئۈزىنىڭ بۇرچى دةپ قاراش،چوڭلارنىڭ خاتالىغىغا نىسپةتةن،كةڭ قوساق بولۇش،مۇۋاپىق سورۇن تاللاشنى بىلىش...قاتارلىق قايدىلةرنى ئاتا-ئانىلار ئايلة تةربىيةسىدة پةرزةنتىلىرىگة ئۈگىتىشكة سةل قارىماسلىق كېرةك.
مىھماندارچىلىقتىكى قايدة يۇسۇنلار-مىھماندارچىلىق بولسا مىللىتىمىز ئىچىدة ساقلىنىپ كةلگةن خۇلۇن-خوشنا،ئۇرۇق-تۇققان ۋة باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ،مىللةت ئىچىدىكى قةدىر-قىممةتنى بىرى-بىرىگة يةتكۈزۈش،ئةھۋال سوراش،ھاردۇق سوراش،ياكى مىھمان بولغۇچىنىڭ شةخسى-ئىززةت ھۆرمىتىنى قىلىش شۇ ئاساستا مىللةتنىڭ،قوۋمنىڭ،جامائاتنىڭ ۋة شةخسىلةر ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مىللةتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچۈنى نامايةن قىلدىغان بىر خىل ھۆرمةت تۇيغىسىنى ئىپادىلةيدىغان پالىيةتلةرنىڭ بىرسى بۇلۇپ بۇ ئىككى تةرةپتىكى مةزمۇننى ئۆز ئىچىگة ئالىدۇ.بىرسى مىھمان بولغۇچىنىڭ پةزىلىتى توغرىسىدىكى مةزمۇنلار،يةنة بىرسى بولسا مىھمان قىلغۇچىلارنىڭ پةزىلىتى توغرىسىدىكى مةزمۇنلاردىن ئىبارةت.
مىھمان كۈتۈۋالغۇچىلار مىھماندارچىلىققا ئةسدايىدىل تةييارلىق قىلىشى،ھةر بىر مىھماننىڭ خاسلىقغا ھۆرمةت قىلىشى،مىھمانلارغا ئازادىچىلىك تۇغدۇرۇپ بىرىشى،ياخشى سوز ھةركةتلةر بىلةن مىھماننىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىشى،مىھمان كۈتۈش جةريانىدا خۇشا-خۇرام بۇلۇشى،ھةرگىزمۇ مىھماننىڭ كۆڭلىگة كېلىدىغان سوز ھةرۆةتلةردة بولماسلىغى،ئائىلة ئةزالىرى ئىچىدة قاتتىق-قۇرۇق گةپ سۆزلةرنى قىلىشىپ قالماسلىغى،تاپقىنىغا ياخشى تةييارلىق قىلىش،تاپالمىغىنىغا كايىمالىغى لازىم.ئۇزۇتۇپ چىققاندا،مىھماننى كۈتىۋالغاندا ئۇلارغا ئةدةپلىك مۇئامىلة قىلىپ ،ئۇلاردا ھۇزۇرلىنىش تۇيغىسى شةكىللةندۈرۈشكة تىرشىش لازىم.
مىھمان بولغۇچىلارمۇ مىھمان قىلغۇچىلارغا نىسپةتةن ىۇشاللىق ئاتا قىلىشى،ئۇلار بىلةن ھال-مۇنة بۇلۇشى،ئۇلار تةييارلىغان نىممةتلةرگة نىسپةتةن ياخشى باھالارنى بىرىشى،ياراتماسلىق تۇيغۇسىدا بۇلۇپ قالماسلىغى،مىھمان قىلغۇچىلارغا قۇلايسىزلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بةرمةسلىكى،چوڭ تةلةپلةرنى قويماسلىغى،ئارتۇقچة ئىشلارغا ئارلاشماسلىغى،سورۇندا بىر-بىرىنىڭ ئىززىتى قىلىپ قايدىلىك ئولتۇرۇشى،تاماق تارتىغاندا غةيرى شةككىلةردة ئولتۇرۋالماسلىغى،كىچىك بالىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشى...يانغاندا رةھمةت بىلدۈرۈپ،قىيناپ قويغانلىغىنى بىلدۈرۈپ،ئۈزىنىڭ ئادةمئىگةرچىلىكىنى مىھمان قىلغۇچىغا بىلدۈرۈپ قۇيۇشى كېرةك.
يۇقارقى ئادةتلىرىمىزنى ئاتا-ئانا بولغۇچىلار چۇقۇم پةرزةنتىلىرىمىزگة ھةر ۋاقىت،دةل ۋاختىدا ئةسكةرتىپ تۇرىشىمىز.ھةرگىزمۇ ئىش يۈز بىرىپ بولغاندىن كىيىن سورۇننىڭ ئۈزىدة تةربىية بېرىمةن دةپ،قارشى تةرةپنى(مىھمان ئىگىسىنى) تةڭقىسلىقتا قويماسلىقمىز كېرةك.
ئۆلۈم ئۈزىتىشتىكى قايدة يۇسۇنلةر-ئكلۈم ئۇزۇتۇش ماھىيةتتة ئۆلگۈچىنىڭ قةدىر-قىممىتىنى،ئۆلۈم ئىگىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلدىغان،ئۆلگىچىگة نىسپةتةن قايغۇسىنى ئىپادىلةپ،ئۆلىم ئىگىسىگة سةۋرى قىلىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى بىلدۈردىغان،ئۆلۈم ئىگىسىگة نىسپةتةن كۈيۈنۈشىنى ئىپادىلةيدىغان،ئۇلارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاقلىشىشنى مةقسةت قىلغان بىر خىل ئاممىۋى پالىيةت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ پالىيةتتة ئۆلۈم بولغانلىغىدىن ئىبارةت بۇ يوقلۇقنى ئۇققاندىن كىيىن ئۆلىم ئىگىسى بىلةن كۈرۈشۈپ،ئۇلارغا تةسسةلى ئېيتىش،ئۆلگۈچىنىڭ ياىشى پةزىلةتلىرىنى ئةسلةش،ئۆلۈم ئىگىسىنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلىرنىڭ بارلىغىغى دىققةت قىلىش،ئۆلۈمنى ھةمكارلىشىپ يىرىدة قۇيۇش،ئۆلۈم ئىگىسىنىڭ ھاردۇغىنى چىقىرىش ۋة تةسةللى ئېيتىش ئۈچۈن ئۇلارغا مىھرىنى يةتكۈزۈش،ئاش-تاماق  ھال سوراپ ئۇلارنىڭ تاماقلىنىشغا ئةھمىيةت بىرى،ئۆلۈم ئىگىلىرنى 2،3كۈنگۈچة يوقلاپ ئۇلارغا تةسةللى بىرىش،ئۇلارنىڭ يةنة ياشىمىسا بولمايدىغانلىغىغا نىسپةتةن ئۈمۈت تۇغدۇرۇش قاتارلىقلارنى قىلىش ئارقىلىق كىشىلةر ئارىسىدىكى مىھرىبانلىقنى نامايةن قىلىش لازىم.ئۆلۈم بولغان ئۆيدة قالايمىقان كۈلمةسلىك،ئۈزنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىمةسلىك،تاماكا ،ھاراققا ئۆىشاش پۇراقلىق نةرسىلةرنى ئىستىمال قىلىپ،ئۆلۈم ئىگىسىگة ئازار بةرمةسلىك،قايدة يۇسۇنلۇق بۇلۇپ،ئۇلارغا تةسسةلى بىرىش كېرةك.ئاتا-ئانا بولغۇچىلار پةرزةنتىلىرىگة بۇ جةھةتتىكى ئادةتلىرىمىزنى كىچىكىدىنلا سىڭدۈرۈپ،پةرزةنتىلىرىمىزنىڭ قةلبىدىكى ئادةمنىڭ ئورنىنى ئويغىتىشى كېرةك.
توي تۇكۇنلةردىكى قايدة يۇسۇنلار-توي تۈكۈنلةردىكى قايدة يۇسۇنلار ئۆزگىرىپ ئادةمنىڭ ئىچى ئېلىشقۇدةك دةرجىگة بېرىپ يةتتى.ھازىرقى تويلادا ياش باللا ئاساسى جةھةتتىن ھاراق ئىچىشنى،رېستۇرانلاردا پالىيةت قىلىشنى ئاساس قىلغانلىغى ئۈچۈن ،بۇرۇنقى قىز كۈچۈرۈش ئالدىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پةرزةنتى(قىزى)بىلةن ئۇزۇتۇش يةربىيةسى ئالدىدا ئۇقۇلىدىغان نىكا ئىلاجىسىز ئةتتىگةن تةرةپتة نىكا ئۇقۇلۇشقا يۇزلةندى.قىز كۈچۈرىدىغان چاغدا قىزنىڭ ئۆيىگة بىر توپ مةس پةيدا بۇلۇپ،ھةر خىل قىلىقلارنى چىقىرىدىغان ئىشلار مةيدانغا كةلدى.
بىزنىڭ ئةنئةنىمىز بولسا توي بولغان كۈنى ئىككىلا تةرةپتة مىھمانلارنى كۈتۈش ئېشى بىرىش بىلةن بىرگة ناغرا سۇنايلار بىلةن مةشرةپ قىلىپ،پۈتۈن مةھةللىدىكى كىشىلةر بۇنىڭدىن تةڭ بةھرىمان بولاتتى.قىز كۈچۈرۈش،يول تۇسۇش،دةرۋازا تۇسۇس قاتارلىقلا ئۆزگىچة مةدىنىيةتكة ئىگة بۇلۇپ،خۇشاللىق ئۈستىگة ىۇشاللىق قور بولاتتى.قىزلار كوچۇرۇلۇپ كةلگةندىن كىيىن يةڭگىلةر قىزغا قىنسى تۇرمۇش،پاكلىنىشتىن تةربىية بىرىپ،ئۇلارغا بةخىت تىلىشةتتى...
ھازىرقى رىياللىقتا ئوغۇل ئاساسةن مةس(كةچلىك ۋىچىركىدىكى ھاراق ئىچىش توي قىلغانلىقنىڭ بةلگىسىگة ئايلىنىپ قالدى)،ئۇلار ئويگة كةلگۇچة يةڭگىلةر ئۇقۇغا كةتكةن...ۋة باشقىلار.
يۇقارقىدةك ئةھۋالدا بىز چۇقۇم ئةنئةنة تةربىيةسىنى پةرزةنتىلىرىمىزگة بىرىپ ئولارنىڭ قةلبىدىكى خۇنۇكلۈكنى تۈگۈتۈپ،قةلبىدة مةسئۇليةت تۇيغۇسىنى ئويغىتىشىمىز لازىم.بۇ ھةر بىر كىشى ئويلىنىپ كۈرۈشكة تىگىشلىك بىر رىياللىق.
ئىككىنچى بىرسى توي تۈكۈندىكى چوڭچىلىق ئىسراپچىلىقتىن قةتتى ساقلىنىشىمىز.بىز توي ئويناپ كۈلۋاتقاندا ،كۆڭلى يېرىم قېرىداشلىرىمىزنىمۇ(ئاجىز-ئۇرۇق)ئويلاپ قۇيۇشىمىز لازىم.
كىيىم كىچةك،يىمةك-ئىچمةكتىكى قايدة يۇسۇنلار-كىيىم-كىچةك،يىمةك ئىچمةكمۇ مىللةتنىڭ خاسلىقى،ئېتىقاتىنىڭ قانداقلىقىنى ئىپادىلةيدىغان مۇھىم بةلگىلةرنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
كىيىم كىچةك جةھةتتة ئوغۇللىرىمىز قىز بالىدةك،قىزلىرىمىنىڭ ئوغۇل بالىدةك بولىۋېلىشىغا قةتتى يول قويماسلىغىمىز لازىم.چىرايلىق،سالاپاتلىك،يارىشىملىق قىلىپ كىيىشنى ئادةتلةندۈرىشىمىز.لازىم.دادىلار بالىلاردةك،ئانىلار قىزلاردةك،قىزلار ئانىلاردةك،ئوغۇللار دادىلاردةك كىيىۋېلىشتىنمۇ ساقلىنىش،ياش ئالايىدىلىكىگة قاراپ ماس كىيىنىشكة ئةھمىيةت بىرىشىمىز لازىم.
ھىكايات:مةن 2008-يىلى ئاقسۇغا تةربىلىنىشكة بارغاندا ئاقسۇدىكى دوستلىرىم تاماققا تةكلىپ قىلدى.بىز ماشىنىغا چىقىپ تۇرىشىمىزغا ئارىمىزدىن بىرسى شةڭگةڭ بازار دخمۇشىدىكى ئاشخانىنىڭ كاۋىپى بىلةن ئۈگرىسىنىڭ ئوخشايدىغانلىغىنى شۇ ئاشخانىغا بىرىپ تاماق يىسةك بولدىغانلىغىنى ئېيتتى.بىزمۇ قوشۇلدۇق.ئاشخانا ئالدىدىكى كىچىك دوكان ئالدىغا كىلىپ ماشىنىدىن چۈشۈشىمىشگة بىر قىز ئالدىمىزغىلا كىلىپ قالدى.قىزنىڭ ئۈستۈنكى بةدىنىدة مةيدىسىدىن باشقا يةردة بىر نةرسة يوقتةكلا كورنۇپ كةتتى(ھةممىمىزگة شۇنداق كۆرۈنۈپتۇ).شۇنىڭ بىلةن ئارىمىزدىن بىرسى
-قويۇڭلا بۇةۇنكى تاماق ھارام بولدى،مۇشۇ قىزنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى،ئاكا-ئۇكىلىرى باردۇ،باشقا يةرگة كېتىپ تامىقىمىزنى يةيلى....دىدى
بۇ يۇرۇش-تۇرىشىمىزدىكى ئىبرةتلىك رىياللىق.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پةرزةنتىلىرىمىزگة بۇ جةھةتتىكى تةربىيةنى كۈچةيتىپ،يةىشى ئةنئةنىمىزنى قۇلالاندۇرۇشىمىز كېرةك.
يىمةك-ئىچنمةك جةھةتتة بولسا بىز بىرىنچى قىلدىغان ئىشىمىز ھالال بىلةن ھارامنى ئايرىپ ئۇزۇقلىنىشقا ئةھمىيةت بىرىشىمىز لازىم.ئۇنىڭدىن كىيىن يىمةك-ئىچمةك جةھةتتىكى پةزىلةتنى پةرزةنتىلىرىمىزگة يةتكۈزۈپ،ئۈنۈم ھاسىل قىلالىساق بىز بۇ  جةھةتتة مةقسةتكة يةتكةن بولىمىز.بۇنىڭدا بىز پةرزةنتىلىرىمىزگة قوساقنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش،تاماق يىگةندة ئةدةپ بىلةن زىھنىنى مةرگةزلةشتۈرۈپ يىيىش،قوساقنى بةك چىڭقىۋاتماسلىق،ئازادة تۇيۇنۇشقا ئةھمىيةت بىر توغرىسىدىكى تةربىية ۋة ئادةتلىرىمىزنى پةرزةنتىلىرىمىزگة سىڭدۈرىشىمىز لازىم.
ھېيىت ئايةملةردىكى قايدا يۇسۇنلار-بۇنىڭدا بىز ئۇرۇق تۇققان،خۇلۇم-خوشنا،مةھةللة-جامائةتلةرنىڭ ئۈيىنى پةتىلةپ،ئۇلارنىڭ ئةھۋالىدىن خةۋةردار بۇلۇپ،ئۇلار ئارىسىدىكى تۇل خۇتۇن-يىتىم ئوغۇل،ئاغرىق سىلاقلارنىڭ بار يوقلىغىنى ئېنىقلاپ قىيىنچىلىغى بار ئاھالىلةر بىلةن بىرلىكتة ھېيىتنىڭ خۇشاللىغىدىن بةھرىمان بولىدىغان ئادىتىمىزنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تةربىيةنى كۈچةيتىپ،ھازىقىدةك چاقىرمىسا پةتىلىمةيدىغان ئىشلارنىڭ قةتتى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
بىز يۇقارقىلاردىن باشقا يةنة پةرزةنتىلىرىمىزگة ىۇلۇن-خوشنىلار ئىچىدىكى،ئۇرۇق تۇققانلار ئىچىدىكى،قۇدا-باجىلار ئىچىدىكى ئكرپة-ئادةتلةرنى ئۈگىتىشكىمۇ ئةھمىيةت بىرىشىمىز لازىم.بۇلار ئوترىسىدىكى بىلىشكة تىگىشلىك قايدىلةرنى چۇقۇم تۇلىقى بىلةن پةرزةنتىلىرىمىزگة بىلدۈرىشىمىز كېرةك.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى يۇقارقى مۇناسىۋةتلةر ساقلاپ تۇرۋاتىدۇ،كىيىن ئۇلار بۇ خىل مۇناسىۋةتلةرنى چۇقۇم مۇستىقىل بىر تةرةپ قىلالايدىغان بولىشى كېرةك.تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىنى بىر تةرةپ قىلالمىغان كىشىلةر كىيىنكى چاغلاردا جةمىيةتتىن ئايرىلىپ قېلىشى تۇرغان گةپ،جةمىيةتتىن ئايرىلىپ قېلىش ئادةم ئۈچۈن ئةڭ زور بةخىتسىزلىك ھىساپلىنىدۇ.
قىز ئوغۇللار،ئةر-ئاياللار ئوترىسىدىكى بىر-بىرىنى ھۆرمةت قىلىش،ئىززةتلةش،ئۇلار ئوترىسىدىكى ھةرقانداق مۇناسىۋةت نورمالنى بولۇش،غةيرى مۇناسىۋةتتة بولماسلىق.ئاياللار ئةرلىرىنى شۇنداقلا باشقا ئةرلةرنى ئةر دةپ بىلىش،ئۇلارنى كۆزگة ئىلمةيدىغان ،مةنسىتمةيدىغان قىلىقلاردىن ساقلىنىش،ئةرلةر ئاياللارنى ئةتۋارلاش،ئۇلارغا كۇيۇنىشنى بىلىش.قىزلا بىلةن ئوغۇللار ھةرقانداق چاغدا پةدى-شةپنى قايرىپ قويماسلىق،ھةم ئارىلىق ساقلاپ ئارىلىشىش،نىيىتى توغرا بۇلۇش،قىزلارنى كةمسىتمةسلىك،ئوغۇللارنى ھاقارةتلىمةسلىكتةك ئةنئةنىلىرىمىزنى پةرزةنتىلةرگة بىلدۈرۈش،ئاتا-ئانىلارنىڭ قةرزى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.چۇقۇمكى ھةرقانداق ئاتا-ئانا قىزلارغا قىزلارچة،ئوغۇللارغا ئوغۇللارچة تةربىية قىلىپ،قىزلاردا نازاكةت،ئوغۇللاردا جاسارةت يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.
پةرزةنتىلةرگة ئةجداتلىرىمىزدىن قالغان بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ قايدىلىرىنى سوزلةش،ئۇنى ھىكاية قىلىپ ئېيتىپ بىرىشئارقىلىق ئۇلاردا ئةنئةنىۋى ئويانلارغا بولغان قىزىقىزنى ئويغۇتۇپ،ئۇلارنى چةبدةس،ىۇشال ىۇرام،ئۆتكۈر ،مةسىلىلةرگة دةرھال ئىنكاس قايتۇرالايدىغان قىلىپ تةربىلةپ چىقىش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
مةسىلةن:‹‹تةپكۇچ پىتىش››ئويۇنىنى ئالساق ئىنىڭ كۆزنىڭ قۇۋىتى،مېڭىنىڭ ئىنكاسى ،پۇت-بةلنىڭ گۆشلىرىنىڭ چىداملىغى،تةرةققى قىلىش،بالىلارنىڭ سانناش ئىقدىدارى،پۈتۈن بةدةنننىڭ چىداملىغى ۋة چةبدةسلىكىنى يىتىلدۈرۈشتة رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن بالىلار ئويۇنى،بۇلۇپمۇ نادىر ئةنئةنىۋى بالىلار ئويۇنىنى ئويناشنىڭ پةرزةنتىلىرىمىزنىڭ ساغلام،قةيسةر بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشتىكى رۇلىنى كۈرىۋېلىش ئاسان.شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭلار،ئاتا-ئانىلار،مةكتةپلةر،مةدىنىيةت ئورۇنلىرى ئويۇن ئارقىلىق تةربىلةشكة سةل قارىماسلىق لازىم.
پةرزةنتىلةرنى جاپاغا چىداپ،ئالغا باسىدىغان،ئةمگةكنى،ئةمگةكچىلةرنى سويدىغان،بىلىمنى قةدىرلةيدىغان ياخشى ئادةتلةر بىلةن،ئةجداتىمىزنىڭ مۇشۇ جةھةتتىكى تةسىرلىك ھىكايىلىرى بىلةن تةسىرلةندۈرۈپ تةربىلةشكة ئةھمىيةت بىرىشىمىز لازىم.بۇ جةھةتتة بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان نۇرغۇن تةسىرلىك ھىكىمةتلةر ۋة ئىش-ئىزلار بىزگة مىراس.
پةرزةنتىلةرگة چېلىشىش،ئوغلاق تارتىشىش،بةگىگة چۈشۈش توغرىسىدىكى قايدىلةرنى ئۈگۈتۈش ئارقىلىق،ئۇلارغا باتۇر،قةيسةر،دادىللىق بىلةن ئىش قىلىشنى بىلىدىغان،ماھىرلىق بىلةن ھةم كوللىكتىپنىڭ ھةم ئۈزىنىڭ رولىنى نامايةن قىلالايدىغان پةزىلةتنى يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.ئاتا-ئانا بولىشىمىز بىلةن پةرزةنتىلىرىمىزنى يۇقۇرقىدةك مةدىنىيةتلىرىمىز بىلةن تةربىلةپ ھةم پةرزةنتىلىرىمىزنى مۇستىقىل ياشاش قارشىغا ئىگة قىلىشىمىز،ھةم ئةنئةنىۋى مةدىنىيىتىمىزنى ساقاش،جاللاندۇرۇشقا تۆھپة قۇشىشىمىز لازىم.
ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغا نىسپةتةن يۇقىرىقى ئادةتلةر بىلةن پةرزةنت تةربىلةش ھةم زۈرۈر ھةم تةخىرسىز بىر مةسئۇليةت دةپ قارايمةن.
6.ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمةتلىشى
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمةتلىشى ،ھالىدىن خةۋةر ئېلىشى،ئۇلارغا كۈيۈنۈشى ئائىلة  ئةخلاقىدىكى يةنة بىر مۇھىم ئۈلگة خارةكتىرلىك تةربىيةلةرنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئاتا-ئانىلار ئۈزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆرمةتلىسة،ئۇلارنىڭ ھالىدىن خةۋةر ئالسا ،ئۇلارغا كۈيۈنسة چۇقۇمكى ئۇلارنىڭ پةرزةنتىلىرىمۇ ئۇلارغا شۇنداق ھۆرمةت قىلىدۇ،كۈيۈنىدۇ،ھالىدىن خةۋةر ئالىدۇ.بۇ قىل سىغماس ھةقىقةت.
بىز رىياللىقتا دائىم ئۇچرىتىپ تۇردىغان مىساللارنى كۆز ئالدىمىزغا ئېلىپ كةلسةكلا بۇ نوقتىنى ئېنىق تۇنۇپ يېتةلةيمىز.بةزىلةر ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمةت قىلمايدۇ،ئاخىردا ئۇلارنىڭ كۆردىغىنىمۇ ئوخشاش ئاقىۋةت بۇلۇپ،ئۇلارمۇ ئاتا-ئانىسىنى تاشلىۋةتكةندةك پةرزةنتىلىرى تةرىپىندىن تاشلىنىپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر جةمىيىتىدة ئادةمنى ھةيران قالدۇردىغان ياشاش ئادةتلىرى شةكىللةنگةن بۇلۇپ،بۇ نوقىتىنى چۇقۇم تۈزۈتىشكة ھةممة ئادةم كۈڭۈل بۈلۈشى كېرةك.بۇ ئادةتلةردىن مىسال ئالساق ئاتا-بالا بىر ھۆيلىنىڭ ئىچىدة بۆلةك چىقىش(ئۆي ئايرىپ چىقىش) مةسىلىسى.بۇ ھۆيلىنىڭ بىر بۇلىڭىدا ئانىسى ياكى ئاتىسى،ھةر ئىككىسى ھايات بولسا ئىككىسى بىرلىكتة ماجالى قالمىغان بةدةنلىرىنى سورةپ،تاماق قىلىۋاتسا يةنة بىر بۇلىڭىدا ياش ئةر خۇتۇن پۇشۇرغان تامىغىنى پةرزةنتىلىرى بىلةن مةززة قىلىپ يةپ تۇرۇپ،ئۈزىگة ھاياتلىق بةرگةن ئۇلۇغ كىشىلىرىنىڭ بار-يوقلىغىغىغا دىققةت قىلماسلىق...
بۇ يةردة سىز بىلةن ئولتۇرۇپ تاماق يىۋاتقان پةرزةنتىڭىز ئةنة ئةشۇنداق رىياللىقنى قۇبۇل قىلىپ ئولتۇرۇپ،سىز بىلةن بىرگة ياشىغان ئىكةن ئۇلار چۇقۇمكى كةلگۇسىدة سىز قىلغاننى قىلىدۇ.سىز كةلگۇسىدىكى ‹‹ئاجىز تىنىنى سورةپ ئۇچاقنىڭ كۇلىڭىغا پۈۋلةپ ئولتۇردىغان دادىڭىز ياكى ئانىڭىز،شۇنداقلا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ھةر ئىككىسى››.چۈنكى كىشىلةر  نىمة تىلىسة شۇنى كۆردىغان،رىياللىقنى ياراتقۇچىلاردۇر...
مۇشۇ يةرگة كةلگةندة ‹‹ئۇيغۇر خةلق چۇچةكلىرى››دىكى مۇنداق بىر ھىكاية(چۇچةك)ئىسىمگة كةلدى.
‹‹بۇرۇنقى زاماندا بىر ئاتا بالا دىقان بۇلۇپ،ئاتىسى قېرىپ يېشى بىر يةرگة بارغاندا ئوغلى ئاتىسىنى ئۈزىگة يۈك بولۇپ قالدى دةپ قاراپ،ئاتىسىنى كۆزدىن يۇقاتماقچى بۇلۇپ،كۆڭلىگة يامان نىيةتلةرنى پۈتۈكۈپتۇ.شۇنىڭ بىلةن بۇ ئوغۇل ئاتىسىنى يۇدۇپ بازارغا ئېلىپ بېرىش مةقسىدىنى ئاتىسىغا ئېيتىپ،ئۇنى‹‹بازار›،غا يۈدۈپ ئېلىپ مېڭىپتۇ.ئۇلارنىڭ ئۆتة يولدا بىر دةريا بۇلۇپ سۇلىرى دۆلقۇنلاپ ئېقىپ تۇردىكةن.ئاتا-بالا مۇشۇ دةريا بۇيىغا يىتىپ كىلىپتۇ.ئاتىسى بالىسىنىڭ يامان نىيىتىنى ئاللاقاچان سةزگةن ئىكةن.بالا ئاتىسىنى يۇدۇپ بىر ئۆركةشلةپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ يېنىغا كىلىپ،ئاتىسىنى بوينىدىن ھالقىتىپ سۇنىڭ ئىچىگة ئاتماقچى بولۇپتۇ.مۇشۇ چاغدا ئاتىسى بالىسىغا:
-بالام مةن سةندىن رازى بولۇپ كةتةي،مىنى بۇ يةرگة تاشلىماي،ئالدىمىزدىكى ئاۋۇ دولقۇن ئىچىگة تاشلىغىن،چۈنكى مةن ئاتامنى شۇ يةرگة تاشلىغان دةپتۇ-دة يىغلاپ كىتىپتۇ...
ئاتىسىنىڭ بۇ سۆزىدىن ھةيران قالغان ئوغۇل بىر ھةقىقةتنى چۈشةنگةندةك بۇلۇپ،ئاتىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ يىغلىغان ھالدا:
-ئاتا مىنى كۆچۈر،مةن بىر ھةقىقةتنى ھىس قىلدىم،قالغان ئۆمرۈڭدة مةن سىنى ياخشى بېقىپ،پةرزةنتىلىك بۇرچۈمنى ئاقلايمةن دةپتۇ-دة.ئاتىسىنى يۇتكةن ھالدا كةلگةن يول بىلةن ئارقىسىغا قايتىپتۇ..››(كىچىك چاغلىرىمدا ئاڭلىغان ،ئىسىمدة قېلىشچة رةتلىدىم)
بۇ يةردة ئوغۇل چۈشۈنۇپ يةتكةن ھةقىقةتنى ئةقىللىق ئۇقةرمةنلىرىمىز ئاللا بۇرۇن چۈشۈنۈپ يةتتى.بۇ رىياللىق بىزگة شۇنداق بىر ھةقىقةتنى بىلدۈردىكى-ئۇ بولسىمۇ ‹‹نىمة تېرىساڭ شۇنى ئالىسةن››
بىزدة باشقىلارغا قانداق ھۆرمةت قىلىش مةسىلىسىدة ‹‹سةن باشقىلاردىن ھۆرمةت كۈتكةندة،سةن باشقىلارنى ئىززةتقىلغان بول››دىگةن مةشھۇر سوز بار.بۇنىڭدىن بىز باشقىلارنى ھۆرمةتلةش ئۈچۈن ئةڭ ئاۋال ئۈزىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئۈزىمىز قىلىشىمىز لازىم،ئۈزىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلالمىغان كىشىلةر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ھةرگىز قىلالمايدۇ دىگةن ھۈكۈمنى كةلتۈرۈپ چىقىرالايمىز.
ئاتا-ئانىمىز بىزگة ياشاش پۇرسىتىنى يارتىپ بةرگةن كىشىلةر بىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىلاردىمنۇ  مۇھىمراق بىرةر كىشى بولمىسا كېرةك.بىز بۇ نوقتىنى قانچىلىك چۈشىنىپ يةتتۇق بۇ نوقتا ماڭا ئېنىق ھةمةس(مةن بۇ توغرۇلۇق بىرىنچى قول ماتىريالغىمۇ ئىگة ئةمةس ھةم ئۈزةم نوقتىلىق تةتقىقى قىلمىغان).بۇ يةردة شۇنداق بىر نةرسة ئېنىقكى بىزدة بالىنى دةپلا ياشاپ،ئاتا-ئانىدىن ئىبارةت بۇ بۇيۇك كىشىلىرىمىزنى ئىسىمىزدىن چىقىرىپ قويغان ئةھۋاللار خېلى ئېغىر.بۇ قةدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كةلگةن بىز خةقتىكى ناچار ئةنئةنىلةرنىڭ بىرسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنى بىز يةنة بىر ئويلىنىپ،كۈرۈشكة،تةتقىقى قىلىپ كۈرۈشكة ئةرزىيدىغان مۇھىم مةسىلىلةرنىڭ بىرسى.
‹‹مةن كۈيةرمةن بالامغا،بالام كۈيةر بالىسىغا›› بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدة ئۇمۇملۇشۇپ كةتكةن ،ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شارايىتىدىكى قېرىداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى تةرتىپنى كۈرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم خۇلاسىلارنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلاردا قېدىمقى چاغلاردىن تارتىپلا ئاتا-ئانىدىن،پةرزةنتىلةرنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كةلگةنلىكى،پةرزةنتىگة كۈيۈنگةندةك ئاتا-ئانىغا كۈيۈنۈپ بولالمىغانلىغىمىزنى ھىس قىلالايمىز.
پةرزةنتىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇش مىللةتنىڭ كةلگۈسىنى ئويلىغاندا بىر ئاقىلانىلىك،بۇنىڭلىق بىلةن ئاتا-ئانىنىڭ ئورنىغا سةل قاراش،ئۇلارغا بىھۆرمةتلىك قىلىشنىڭ ئۈزى بىر مةككۇملۇقتىن ئىبارةت.بىز پةرزةنتىمىزنى ئويلىغان چاغدا بىزگة يۇرۇقلۇق ئاتا قىلغان ئاتا-ئانىمىزنى ئىسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىغىمىز،ئۇلارنى تېخىمۇ بةكرةك،سۈيىشىمىز لازىم.بىز ئائىلة ئةخلاقىنى تةكىتلىگةندة چۇقۇم پةرزةنت بىلةن ئاتا ئانا ئوترىسىدىكى مۇناسىۋةتنى توغرا ھةل قىلىشىمىز،ئاتا-ئانىمىزغا بولغان مۇھابىتىمىزنى پةرزةنتىلةرگة بىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا،ئاتا-ئانىسىنى،چوڭلارنى ھۆرمةتلةيدىغان ئىسىل ئةخلاقى پةزىلىتىنىڭ يىتىلىشىگة ئاساس سېلىشىمىز لازىم.
مةن بۇ يةردة يةنة بىر رىياللىقنى قىستۇرماقچىمةن.
2010-يىللىق ئالى مةكتةپ ئىنتىھانىغا قىزىم قاتناشقانلىغى ئۇچۇن مةن قىزىمنىڭ ئىنتىھان بېرىدىغان نوقتىسىغا بېرىپ،ئۇنىڭ ئىنتىھانغا كىرىپ-چىقىش،ئىنتىھاننى قانداق بىرىش ئةھۋاللىرىنى ئىگةنلةپ تۇرۇش مةقسىتىدة ئىنتىھان بولىۋاتقان مةكتةپنىڭ ئالدىغا كةلدىم.بالىلار ئىنتىھانغا كىرىپ  كةتتى.تۇيۇقسىز بىرسى چاقىردى
-نىمىشقا كةلدىڭ،بۇ يةردة تۇرۇپ قاپسةنغۇ،دىدى ئۇ.
-قىزىم ئىنتىھان بةرمةكچىدى دىدىم مةن.
-قىزىڭىنىڭ ئىنتىھانىغا كةپسةنسة،ئةگةر-ئاتا-ئاناڭ ئىنتىھان بةرگةن بولسىمۇ بىرگة كةلةمتىڭ دةپ سورىدى ئۇ
مةن بۇ سۇئالغا نىمة دةپ جاۋاپ بىرىشنى بۈلةلمةي تۇرۇپلا قالدىم.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پةرزةنتىلةرنىڭ ئىنتىھانىغا بىرگة باردىغان ئىشلار كۆپىيىپ قالدى،لىكىن بىز ئاتا-ئانىمىزدىن تۇرمۇش ئېلىۋاتقان سىناقلارغا قانچة قېتىم بىرگة قاتنىشالىدۇق؟بۇ مةسىلىنى ھةممة ئىنسان ئويلاپ بېقىشى كېرةك.
بىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ ھةققىنى قايتۇرۇپ بولالمايمىز .شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا كۆڭۈل بىلىپ،ئاتا-ئانىمىزغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.بىز شۇنداق قىلساق چۇقۇمكى بىزنىڭ پةرزةنتىلىرىمىزمۇ شۇنداق قىلىدۇ.بىز ئاتا-ئانىمىزغا پةرۋاسىز قارىساق كةلگۈسىدة پةرزةنتىلىرىمىز بىزگةىمۇ پةرۋاسىز قارايدۇ.چۈنكى بۇ‹‹ئۆتنة دۇنيا››.
بىز يارمۇھةممةت تاھىر توغلۇقنىڭ‹‹مۇقةددةس نةسىھةت ۋة ۋةسىيةتلةر›› دىگةن كىتاۋىدىكى مۇنۇ مةزمۇنلارغا قاراپ باقايلى‹‹ ‹ئاتا-ئانىسى رازى بولغان كىشىدىن مةن رازى بولىمةن ›،‹خۇدايى تاللادىن بۆلةك نةرسىگة تىۋىنماڭلار،ئاللاغا بولغان قۇللۇقنى بىجا كةلتۈرۈڭلار.ئاندىن ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىپ،ئۇلارنى رازى قىلىڭلار› ››(يۇقارقى كىتاپ.228-بةت)
يۇقارقى بۇ مةزمۇنلاردىن شۇنى كۈرۈشكة بولىدۇكى پةرزةنتىلةرگة نىسپةتةن ئىلاھتىن قالسىلا ئةڭ ئۇلۇغ ،ئةڭ بۈيۈك بولغىنى ئاتا-ئانىمىزدۇر،ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش،ئۇلارنى رازى قىلىش بىزنىڭ باقى ھةم پانى دۇنيادىكى مةسئۇليىتىمىزدۇر.ئاتا-ئانا پةرزةنتىلىردىن رازى بولمىسا،ئۇلاردىن كۆڭلى ئاغرىپ،ئۇلارغا بولغان ئىشةنچىسى تۈگىسة بىزنىڭ ھةر ئىككىلا دۇنيادا يۈزىمىز قارا بۇلىدۇ.بىزدة پةرزةنتىلةرگة قالدۇرغۇدةك گۈزةللىك،ئاتا-ئانىنىڭ رازلىق بولماي تۇرۇپ ئىشقا ئاشمايدۇ.ئىشقا ئاشتى دىيىلسة بۇ ساختا گۈزةللىكتىن باشقا نةرسة ئةمةس.
بىز ئاتا –ئانىلىرىمىزنى رازى قىلىمىز،ئۇلارنى ھۆرمةتلةيمىز،ئۇلارغا بولغان قةرزىمىزنى قايتۇرىمىز دةيدىكةنمىز چۇقۇم بىز ئاتا-ئانىمىزغا نىسپةتةن ئةپۇچان بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ بةزى بىر‹‹ خاتالىقلىرىنى›› كۈچۈرۈپۋېتىشنى بىلىشىمىز لازىم.كىچىك ئىشلاردىن ئاتا-ئانىلىرىمىزغا قېيدا يۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئازاپلاشنىڭ ھىچقانداق ئةھمىيىتى يوق.بىز يةنة پةرزةنتىلىرىمىزگة ئاتا-ئانا ھةققىدة دةرس ئۈتۈپ،ئاتا-ئانىلارنىڭ بىز قايتۇرۇپ،بولالمايدىغان،قايتۇرۇپ بۇلۇشمۇ بىزنىڭ قولىمىزدىن كةلمةيدىغان قةرزىلةرگة ئىگة ئىكةنلىگىمىزنى بىلدۈرۈرۇپ،مۇشۇ ھاياتلىقنى بىزگة ئاتا-ئانىمىزنىڭ بةرگةنلىگى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قةرزىنى ئاقلاپ بۇلىشىمىزنىڭ مۇمكىن ئةمةسلىگىنى ،ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمةتلةشنىڭ ئىنسانلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى،شۇنداقلا بىر گۈزةل ئةخلاق ئىكةنلىةىنى ئۇلارغا كىىچىكىدىن باشلاپلا بىلدۈرىشىمىز لازىم.
مةيلى سوتسىيالىستىك ئةخلاقتا بولسۇن،مةيلى قانۇندا بولسۇن مةيلى دۇنيادىكى قايسى بىر ئىدىلوگىية سېسىتمىسادا بولسۇن ئات-ئانىنى ھۆرمةتلةش مۇققةددةس ئةخلاق سۈپىتىدة تةكىتلىنىپ،ئاتا-ئانىسىنى خارلىغۇچىلار بىردةك ئېيىپلةنگةن شۇنداقلا مۇناسىۋةتلىق قانۇنلار تةرپىندىن بۇ بىر خىل جىنايةت دةپ قارالغان.بۇنىڭدىنمۇ شۇنى كۈرىۋېلىش تةس ئةمةسكى ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمةتلةش ئىنسانىيةتنىڭ ئورتاق مةسئۇليىتى،بۇ بىر يۈكسةك بىرلىك بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
فۇزېيۇيجى ئۈزىنىڭ دۇنياۈا مةشھۇر ئىلمى ئةسىرى بولغان ‹‹ئىلىمگة دالالةت››دىگةن كىتاۋىدا‹‹ئادةم ئۈگةنمىسة ئةقىلسىز بۇلۇپ قالىدۇ،ئةقىلسىز ئادةملةر نادان كېلىدۇ››(مةزكۇر كىتاپ،1-بةت)دىگةن ھۈكۈمنى ئوترىغا قۇيۇپ ئىنسانلارنى بىلىم ئۈگىنىشكة چاقىرغان،بىلىم ئىگةنلىمىسة كىشىلةرنىڭ نادان،ئةقىلسىز بولدىغانلىغىنى ئوترىغا قۇيغان.بىز يۇقىردىكى ھۈكۈمدىن ئائىلة ئةخلاقىنىڭمۇ،ئۈگۈتۈش ۋة ئۈگىنىشكة مۇھتاچ ئىكةنلىگىنى كۈرىۋالالايمىز.
مىنىڭچة دۇنيادىكى ھةممة نةرسىلةرنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق چۈشةنگىلى بولىدۇ.بىراق ئاتا-ئانىغا بولغان مۇھةبةتنى چۇقۇم ئۈگۈنۈش باسقۇچىدا،ياكى چۈشىنىش باسقۇچىدا توختۇپ قۇيۇشتىن قورقۇنچىلىق ئىش يوق.چۇنكى ئاتا-ئانىلار ئوترىسىدىكى كۈيۈنۈش نةزىريةگة ئةمةس ئةمىليةتكة،قۇرۇق سولةتۋازلىققا ئةمةس ھةقىقى بولۇشقا مۇھتاچ بۇلار ئوترىسىدىكى ھىسىياتقا قانداقلا بىر ساختىق يۇشۇرۇنىدىكةن بۇ ساختىلىق ئاخىرقى ھىساپتا ئىككىسى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋةتنى نابۇت قىلىدۇ.بۇنداق ھالةتتة ئاتا-ئانا كۈتۈرۈشچانلىق بىلةن بىلدۈرمىسىمۇ،پةرزةت بولغۇچى سىز ساختىلىقنى  ئاشكارلىغۇچىسىز...
بىز پةرزةنت تةربىيةسى ۋة ئائىلة ئةخلاقى مةسىلىسىدة سېمىمى بۇلۇشىمىز،بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانىلارغا قىلغام مۇئامىلىمىزدة ساختىلىققا ھةرگةىز يول قويماسلىغىمىز لازىم.بىز بۇنداق ئىسىل ئةنئةنىنى پةرزةنتىلىرىمىزگة قالدۇرۇشىمىز،ئۇلارنىڭ ئةۋلاتمۇ-ئةۋلات داۋاملاشتۇرۇشىغا ئةمىلى ھةركىتىمىز بىلةن يىتةكچىلىك قىلشىمىز لازىم.
مةن يۇقارقىلارنى دةلىلةش يۈسىسىدىن ‹‹قابۇسنامة››دىكى تۈۋةندىكى قۇرلارنى ئۇقارمانلةرگة قالدۇرۇشنى لايىق كۆردۈم.
‹‹ئةي ئوغۇل بىلىشىڭ كېرةككى،تةڭرى بۇ جاھاننى ئاۋات قىلىشقا ئىرادة قىلىپ،ئىنسانلارنىڭ نةسلىنى كۈپةيتىش ۋة بىر بىرىگة باغلىنىشلىق قىلىش ئۈچۈن،شةھۋةت(ئىسپىرما)نى ياراتتى.ئاتا-ئانىلارنى پةرزةنتىنىڭ دۇنياغا كىلىشكة سةۋةپ قىلدى.
ئةي ئوغۇل،ئاتا-ئانىنىڭ ھةققى ۋة ھۆرمىتىنى ساقلىغايسةن،ئۆز ئةسلى زاتىڭىنى ئۇلۇغلىغايسةن.ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمةت قىلساڭ،ئۆز ئةسلىڭنى ھۆرمةت قىلغان بولىسةن ‹ئاتا-ئانامنىڭ مةندة نىمة ھةققى بار  ›دىمة؟.چۈكى،ئاتا-ئاناڭ سىنى دۇنياغا كةلتۈردى.ئاتا-ئاناڭ بولمىسا،سةن دۇنياغا كةلمةس ئىدىڭ.ئاتا-ئاناڭ ۋۇقۇدىدىن سىنى تۇغۇپ،چةكسىز جةبرۇ-جاپالار بىلةن سىنى ئاسراپ،تةربىلةپ،ئةڭ چۇڭقۇر مۇھابةت بىلةن سىنى ئۆستۈرۈپ ئادةم قىلىپ،كىشلىك قاتارىغا قوشتى.ئةگةر ئاتا-ئاناڭ سىنى شۇنداق يىتىشتۈرمىسة،سةن نةدىن كةلگةن بولاتتىڭ ۋة قانداق قىلىپ،بۇ يىگىتلىك-ياشلىق ھالىتىگة يةتةتتىڭ؟
ئةمدى ساڭا زۈرۈرى،ئۆز جېنىڭنى قانداق سۆيسةڭ،ئاتا-ئاناڭنى شۇنداق سۈيۈپ قېدىرلىگةيسةن،ئاتا-ئانىنى ھۆرمةتلىمىگةن-ئاتا-ئانا قةدرىنى بىلمىگةن پةرزةنت تةڭرى بىلةن ئۈزى ئوترىسىدىكى سةۋةپ بولغۇچى نةرسىنى بىلمىگةن بولىدۇ.
ئاتا-ئانىغا بوي سۇنماق پةرىزدۇر.ئاللاتائاللا:‹تةڭرىگة ۋة تةڭرىنىڭ پةيغةمبىرىگة،ئۈزۈڭلاردىن بولغان پةرمان ئىگىسىگة بويسۇنۇڭلار›دةيدۇ.ئاللانىڭ بۇ ئةمرىدىكى‹پةرمان ئىگىسى›ئاتا-ئانىنى كۈرسىتىدۇ.ئاللاتائاللا يةنة ئاتا-ئانىنى خورلىماسلىقنى،ئۇلارغا گۈزةل،ياخشى،يۇمشاق سۆزلةرنى بۇيرۇيدۇ.
ئةگةر ئاتا-ئانا ھةققىنى دىن يۈسىسىدىن كۆرمىسةڭمۇ،ئةقىل يۈسىسىدىن ئويلاپ كۆر،ئاتا-ئاناڭ سىنىڭ دۇنياغا كىلىشىڭگة ۋة ئۆسۈپ يىتىلىشىڭگة،تةربىلىنىشىڭگة سةۋةپچى بولغان تۇرسا،سةن ئۇلارنى ھۆرمةتلةپ،خىمىتىنى ياخشى قىلمىساڭ،ياخشى پةرزةنت ۋة ياخشى ئادةم بولمىغان بولىسةن.ھةرقانداق ئادةم ئاتا-ئانىسىنىڭ ھةققىنى ئادا قىلمىسا ،باشقا كىشىلةرنىڭ ھةققىنى ئةسلا ئادا قىلالمايدۇ.مۇنداق ئادةم ياخشىلىقنىڭ قةدرىنى بىلمةيدىغان يامان ئادةم ھىساپلىنىدۇ.يامان ئادةمگة ياخشىلىق قىلىشمۇ دۇرۇس ئةمةس.
سةن ئةگةر پةرزةنتىڭدىن ھۆرمةت ئۈمۈت قىلساڭ،ئالدى بىلةن ئۈزةڭ ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمةت قىلىشىڭ لازىم.بالىلىرىڭ ئاتا-ئاناڭغا قىلغان ھۆرمةت خىزمىتىڭنى كۈرۈپ،ساڭا ئىززةت ئىكرام ۋة ياخشى خىمةت قىلىدۇ.چۈنكى بالا ئاتا-ئانىنىڭ قىلمىشىنى كۈرۈپ ئۈگىنىدۇ.سةن بىر مىۋىلىك دةرةخكة ئوخشايسةن،بالىلىرىڭ شۇ مىۋىلىك دةرةخنىڭ مىۋىسى...››
7.ئائىلةنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئةخلاقى-پةزىلةتلةر
ئائىلىنىڭ ئىچىكى قىسىمىدىكى ئةخلاق-پةزىلةتلةرنىڭ يادۇرۇسى ئائىلة ئةزالىرى ئوترىسىدىكى پةدة-شةپتىن ئىبارةت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئائىلة ئةزالىرى ئوترىسىدا يةنى شۇ ئائىلة جةمةتىدىكى كىشىلةر ئوترىسىدىكى پةدى-شةپ  بولسا ئائىلة ئةزالىرى ئوترىدىكى،كۇيۇنۇش ۋة نۇمۇسنى يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇدىغان يۇسۇنلارنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بىر جةمةت دىگةندة نۇرغۇن كىشىلةر ياشايدۇ بۇ جةمةت بىرنةچچة كىچىك ئائىلىلةردىن تةشكىل تاپقان بۇلۇدۇ.بۇ كىچىك ئائىلىلةر ئاشۇ غول ئائىلىنىڭ يۇسۇنى ئاساسىدا ئائىلة ئةخلاقىنى شةكىللةندۇرۇدۇ ھةم ئۇنى مىراسى سۈپىتىدة قۇبۇل قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۇچۈن غول ئائىلىنىڭ يۇسۇنلىرى ھةقىقى يۇسۇن بولىشى كېرةك.بۇ يۇسۇندا چۇقۇم چوڭ كىچىك،ئةر ئايال ،قېرى-ياشلار توغرىسىدىكى بةلگىلىمىلةر ئېنىق بۇلۇپ،ئةۋلاتلاردىن بۇ قايدىنى ھةقىقى ئىجرا قىلىشنى تةشةبۇس قىلىشى،ۋة قاتتىق تةلةپ قۇيۇپ ئىجرا قىلىشقا ھةيدةكچىلىك قىلىپ ئادةتلةندۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرةك.
ئادةت تةربىيةسىنى ئائىلة ئةخلاقىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ ئىشلةشكة ئةھمىيةت بىرىش لازىم.بىز بۇ يةردة ئادةتلةندۇرمةكچى بولغان قايدة-قانۇنىيةتىمىز بولسا جةمةتنى ھةرقايسى جةھةتلةردىن يىتةكلةپ،مىللةتنىڭ ئۇمۇمى ساپاسىغا بۇلۇپمۇ ئةخلاقى ساپاسىغا بىۋاستة تةسىر كۈرسىتىدىغان ئىسىل يۇسۇنلار بۇلۇش كېرةك ھةرگىزمۇ‹.قىز بالا تالانىڭ ئادىمى،ئۇ بةرى-بىر خةقنىڭ كىشىسى،ئۇنى ئۇقۇتقاننىڭ نةمة پايدىسى،ئۇنى بىر ئةر باقىدۇ..››دىگةندةك قاتمال نةرسىلةر بۇلۇپ قالماسلىغى لازىم.
بىز تةشةبۇس قىلغان ئائىلىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئةخلاقى پةزىلةت ماھىيةتتة ئائىلة ئةزالىرى ئوترىسىدىكى،ھۆرمةت.ھةق-ناھةق قارىشى،بىرى-بىرگة مةسئۇل بۇلۇش تۇيغىسى،بىر-بىردىن تةمة قىلماسلىق،ئةر-ئايال،قىز-ئوغۇل.ئاتا-بالا ئوترىسىدىكى يۇرۇش-تۇرۇش،سوز ھةركةت ۋة بىر بىرىگة تۇتقان پۇزۇتسىيةسىنىڭ ئىلمىي بۇلۇشىغا قارتىلغان .
كونكىرتىنى قىلىپ ئېيتىغاندا بىز ئائىلةنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئةخلاقى پةزىلىتىمىزنى تةكىتلىگةندة تۈۋةندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدة ئةھمىيةت بىرىشىمىز كېرةك.
1)ئائىلة ئىچىدىكى سۆز ھةركةتلةرگة ئالاھىدة دىققةت قىلىش بىلةن بىرگة سوز ئاڭلىۋاتقان سورۇندا كىملةرنىڭ بارلىغىغا ئالاھىدة دىققةت قىلىشىمىز لازىم.
شةمسۇلمائالى قابۇسىنىڭ‹‹قابۇسنامة››دىگةن مةشھۇر ئةسىرىدة مۇنداق بايانلارنى ئۇچرىتىمىز.‹‹...گۈزةل ياخشى سوزلةرنى سوۆزلةش ھةر كىمگة ۋاجىپ(زۈرۈر)،..سۆزنىڭ ئالدى-كةينىگة قاراپ بىلىپ سۆزلة...››(يۇقارقى كىتاپ 23-بةت)
قابۇسنىڭ يۇقارقى بايانلىرىدىن شۇنى كۇرۇپ يىتىش تةس ئةمةسكى مةيلى ئائىلةدة بولسۇن،مةيلى باشقىلار بىلةن پىكىرلةشكةندة چۇقۇم يېقىشلىق،كىشىلةرنىڭ كوڭلىنى باھار قىلدىغان سوزلةرنى قىلىش ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىدا بىر خىل ئىللىقلىق ۋة ھۆرمةت تۇيغىسىنى قوزغاش شۇ ئارقىلىق ئۈزىنىڭ يةتمةكچى بولغان مةقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرةك ئىكةنلىگى بايان قىلىنغان.بۇنداق سوزنىڭ تةربىيةۋى رۇلىمۇ كۈچلۈك بۇلۇپ،پةرزةنتىلةر ئارىسىدىكى سوز ھةركةتتة پةدى-شةپ ساقلاپ ئالاقة قىلىش سةنئىتىنى يىتىلدۇرۇدۇ.بۇنداق پةدة-شةپ مةڭگۈلۈك ھۆرمةت-ئىززةتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۇرۇتكىلىك رول ئوينىيالايدۇ.ئىككىنىچى بىر نوقتىدىن قارىغاندا ئائىلىدة ئاتا-ئانىلار ئاساسى يوق ئةپقاشتى سۆزلةرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرةك.بىلىپ سۆزلةش پةرزةنتىلةر ۋة ئائىلة ئةزالىرىنىڭ سېمىمىيةتنى تېخىمۇ يىتىلدۇرۇدۇ.قارىسىغا سۆزلةپ،تۇتۇرۇقسىز سوزلةرنى قىلىش بولسا ئائىلة ئةزالىرنىڭ كۆڭلىنى خۇنۇكلةشتۇرۈپ قۇيىشى مۇمكىن.
2)ئائىلة ئةزالىرى ئىچدة بىرى-بىرنى ھاقارةتلةپ،بةزةپ گةپلةر بىلةن دائىم سۆزلىشىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرةك.بۇلۇپمۇ ئةر-ئايال-پةرزةنتىلىرنىڭ ئالدىدا بىر-بىرنىڭ شةخسىيىتىگة ياتىدىغان،ياكى غۇرۇرىنى دةپسةندة قىلىدىغان ئېغىر ،رةسۋا گةپلةر بىلةن تاكاللىشىشتىن ساقلىنىش كېرةك.بالىلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق رةسۋا گةپلةر قانچة جىق بولسا بىزنىڭ بالىلىرىمىز بۇ گةپلةرنى ئادةتتىكى گةپلةر قاتارىدا ئىستىمال قىلىپ،باشقىلارنى ھةتتا ئۈزىنى قېرىداشلىرىنىمۇ ئاشۇنداق گةپلةر بىلةن ھاقارةتلىشى،بۇ قىلىقىنى ئادةتتىكى گةپ چۈشىنىشى مۇمكىن.بىزدة‹‹قاغا بىلةن بىرگة بولساڭ،يىيىشىڭ پوق››دىگةن مةشھۇر ھىكمةت بار.بىز بۇنىڭدىن تةربىيةنىڭ،مىجةز-خۇلۇقنىڭ بىر-بىرگة ئۆتىشىدىغانلىغىنى،يۇقۇيدىغانلىغىنى كۇرىۋالالايمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلة ئىچىدىكى گةپ سۆ
زلةرنىڭ،ئىلمىي،ھةقىقى بولىشىغا ئةھمىيةت بىرىپ،پةرزةنتىلىرىمىزگة بۇ خىل گۈزةللىكتىن لةززةت ئېلىشىنى ئۈگىتىشىمىز كېرةك.
3)ئائىلة ئىچىدة قىز ئوغۇللار ئوترىسىدىكى گةپ سۆزلةرنىڭ گۈزةل بۇلۇشىغا ئةھمىيةت بىرىش لازىم.قىز ئوغۇللار مةيلى پىزىلوگىيةلىك ،مةيلى پىسخىكىلىق جةھةتلةردة بولسا بولسۇن بىر-بىردىن پةرىقلىنىدىغان ئىككى خىل كىشىلةر بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇلار بىر بىرى بىلةن مۇئامىلة قىلغاندا ئىشلىتىدىغان سۆز-ھةركةتلةرمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ يېقىملىق تۇسىنى ئېلىشى بىراق سۈنئى بۇلۇپ،قېرىداشلار ئارىسىدىكى مىھرىنى بوغۇپ قويماسلىغى لازىم.
ئائىلىمىزدة قىز-ئوغۇل پةرزةنتىلىرىمىز ۋة قېرىداشلىرىمىز بولىشى مۇمكىن.بۇلار ئىچىدىكى گةپ سۆزگة چةك قويماي مةيلىگة قۇيۇپ بةرسةك،قىزلار ئوغۇللارنى رةسۋا گةپلةر بىلةن تىللىسا،ئوغۇللار قىزلانىڭ قىزلىغىغا ھاقارةت قىلسا بۇ ھال داۋاملاشسا ئائىلة ئةخلاقى بۇزۇلۇپلا قالماي ،پۇتۇن مىللةتنىڭ ئةخلاقى ساپاسىغا تةسىر يةتكۈزىدۇ.
بةزى ئائىلةردة قىزلار ئوغۇللارنى ‹‹ھېچىقىز››،ئوغۇللار قىزلارنى‹‹جالاپ››دةپ تىللىسا ئويدىكى چوڭلارنىڭ كارى يوق تۇرۇدۇ.بۇنىڭغا دىققةت قىلىش كېرةكمۇ ئةمةسمۇ مةسىلىسىدة دىققةت قىلىپ،مةسىلىنى ۋاختىدا تۈزىتىش كرةك.بۇنداق بولمىغاندا سوزىمىزنىڭ ئىلمىلىگى مةدىنى سۆزلةش ئةنئةنىمىزگة تةسىر يېتىدۇ.يةنة بۇلار ئوترىسىدى تةنىئى مۇناسىۋةتنى سۈنئىلةشتۈرۋېتىشتىن قةتتىئى ساقلىنىشىمىز كېرةك.قېرىداشلار ئارىسىدىكى تةبىئى مۇناسىۋةتنى سۈنئىلةشتۈرۈش بولسا قېرىداشلىق مىھرىنى ساختىلىققا باشلايدۇ.
مةسىلةن ئاكا-سىڭىل ئىككىيلةن بىر-بىرنى سةنلةپ چاقىرىشىدۇ دةيلى،بۇنداق ئةھۋال ئاستىدا قىزىغا ئاكانى پالانى بةگ ئاكا،پۇستانى جان ئاكا دةپ، چاقىرىسةن دةپ مةجبۇرلاشتىن ساقلىنىش،ئاكا دةپ تةبىئى چىققان مۇشۇ يېقىملىق سۆزنى قوللانغىلى(سىڭلىسى ئۈچۈن مۇشۇ سوزدىن يېقىملىق ھةم تةبىئى دىيةلةيدىغان گىپى يوق،سىز زورلىغان ھةرقانداق سۈپةتنى قۇشۇپ ئاتىغاندا دىگۈچىمۇ،ئاڭلىغىچىمۇ قورۇنۇپ،ئارىدا ياتلىشىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ،بۇ ماھىيةتتة سۈنئىلىكنى كةلتۈرۈپ چىقىرىدۇ)قۇيۇش لازىم،ھةر ئىككىلا تةرةپ ئاشۇ ئادةتلةنگةن تةبىئى يىتىلگةن سۆزنى ئاڭلىسا،قىلسا كۆڭلى يايراپ كېتىدۇ.
قىسقىسى ئائىلىدىكى ھةرقانداق دىيىشكة بولمايدىغان،شةخسىنىڭ شةخسىيىتىگة داغ كةلتۈرۈدىغان گةپلةرنى قىلىشقا يول قويماسلىق،تةبىئى يىتىلگةن ئادةتلةن گۈزةل سۆزلةرگة چةك قويماسلىق،ئۇنداق سۆزلةرنىڭ چىنلىغىنى بۇزىدىغان بىھدة سۈپةتلةرنى قۇشۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرةك.
4)ئائىلىدىكى تاماقلىنىش پةزىلىتى ۋة ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشنىڭ خاسىيةتلىرىنىڭ پةرزةنت تةربىيةسىدىكى رۇلى.
تاماقلىنى بولسا بىزنىڭ پىزىلوگىيةلىك ئېتىياجىمىز بۇلۇپ،كىشىلةرنىڭ ھايات ياشىشىدىكى بىرىچى ئېتىياجى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.تاماقنى يىگةندة چۇقۇم قوساقنى تويغۇزۇپ ئۇزۇقلىنىش ئۈچۈنلا يىيىشتىن ساقلىش كېرةك.تاماق يىگةندة ئةڭ مۇھىمى ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش كةرةك.ھۇزۇرلىنىشنى بىلمةي يىيىلگةن تاماقنىڭ كالىنىڭ ھةل يىيىشى بىلةن پةرقى بولمايدۇ.
بۇخارى مۇنداق دةپ رىۋايةت قىلىدۇ‹‹ھةي بالا،تاماق يىگةندة بىسمىللا دةپ،ئوڭ قۇلۇڭ بىلةن ئۆزةڭنىڭ ئالدىدىكىنى يىگىن›› بۇ ھةدىستىن تاماق يىگةندة نىمىلةرگة دىققةت قىلىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى،تاماقنى قانداق يىگةندة ھۇزۇرلانغىلى بۇلىدىغانلىغىنى ئېنىق تۇنۇپ يةتةلةيمىز.ھةدىستة:بىرىنچىدىن تاماق ئاتا قىلغۇچى رةببىمگة ھةمدۇ سانا ئۇقۇش.ئىككىنچىدىن تاماىداشلار ئىمكانىيةت يار بةرسة ئوخشاش تةرةپتىكى قولى (ئوڭ قۇلى)بىلةن يىيىش،ئۈچۈنچىسى ئالدىدىكىنى ئېلىپ يىيىش مةسىلىسى. بىز نىمة ئۈچۈن بىر تةرةپتىكى قول(ئوڭ)قول بىلةن تاماق يىيىشنى تةكىتلىگةنلىكى ئۈستىدة توختالساق تاماق يىيىشتىن لةززةتلىنشكة،ئةدةپ قايدىلىك بۇلۇپ،شۇ تاماقداشلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشنى مةقسةت قىلغان.بۇ يةردة شۇنداق مىسال ئېلىش مۇمكىن ئةگةر سىز سولخاي بۇلۇپ،ئوڭخاي بىرمۇنچة ھةمداستىخانلار بىلةن تاماق يىۋاتىسىز،ئويلىمىغان ۋاقىتتا سىزنىڭ سول قولىڭىز قېرىدىشڭىزنىڭ ئوڭ قۇلى بىلةن سوقۇشۇپ،ئالغان تاماق چېچىلىپ كةتتى(سىزمۇ ئوڭقاي بولسىڭىز بۇنداق ئىش ھةرگىز يۈز بةرمةيدۇ،ئىشةنمةيدىغانلةر تةجىربة ئىشلةپ كۈرۈڭلار)... يةنة داستىخان ئۇستىدىكى تاماقتىن ئالدىغان لةززةت قالامدۇ.مىنىڭچة لةززةتنىڭ ئورنىغا تةكةللۇپ قالىدۇ.بۇ يةردىكى لةززةتلىنى تاماقنىڭ ئۈزىدىن ۋة باشقىلارنىڭ ئةخلاقىدىن لةززةتلىنىشنى كۆزدة تۇتىدۇ.
ئوزىنىڭ ئالدىدىكىنى يىيىشمۇ تاماقتىن لةززةتلىنىشنىڭ ،تاماق ئةدةپ ئةخلاقىنىڭ ئةڭ يۇقىرى بسقۇچىلىرنىڭ بىرى بۇلۇپ،ھةممة كىشى ئورتاق رىئاية قىلىشقا تىگىشلىك گۈزةل ئةخلاق.سىز بىسمىللا دىمةيلا باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى ‹.ياخشىسىغا››قول سۇنسىڭىز بۇ تاماقتىن لةززةت چىقماي،سورۇنداشلارغا‹‹دوزاق››شۇ چاغدىلا چىقىدۇ.بىز پةرزةنتىلىرىمىزگة بۇ توغرىدىكى تةربىيةلةرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرةك.
يۇقارقى تةربىيةلىرنى قىلىش بىلةن بىرگة يةنة ئائىلةدة ئىقدىساتچىل،ئىسراپچىلىققا يول قويمايدىغان گۈزةل پةزىلةتنى يىتىلدۇرۇش كېرةك.بۇ دىگةنلىك پىخسىقلىقتىن دةرةك بةرمةيدۇ،ئىسراپچىلىق قىلىش بولسا بىر پةزىلةتسىزلىك ھةركةتتۇر.بىزنىڭ پةرزةنتىلىرىمىز ئۈزى تةمةقنى مةزة قىلىپ،بۇزۇپ چېچىپ يىۋاتقان چاغدا دۇنيادا،قېرىدىشلىرىمىز ئىچىدة يةنة نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىزنىڭ قىينچىلىق تۈپةيلى جان تالىشىۋاتقانلىغىنى بىلدىغان بولسۇن.بۇنى ھةقىقى بىلدۈرةلىسةك بىزنىڭ پةرزةنتىلىرىمىز ئۈزىنىلا ئةمةس باقىلارنىمۇ ئويلىيالايدىغان كىشىلةردىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىپ،باشقىلارنىڭ خۇشاللىغى ۋة قايغۇسىغا ئورتاقلىشالايدىغان بۇلىدۇ.
بۇ ھةقتة پةيغةمبةر ئةلةيسالام مۇنداق دىگةن‹‹ئىككى ئادةمنىڭ يةيدىغان تامىغى ئۈچ ئادةمگة يېتىدۇ،ئۈچ ئادةمنىڭ يةيدىغان تامىغى تۆت ئادةمگة يېتىدۇ››(بۇخارى رىۋايةت قىلغان).
بۇ يةردة دىيىلگىنى بىرگة يىگةن تاماق بةركةتلىك بولىدۇ،شۇڭا مىھمانلارنى ھۆرمةتلةش،تاماقتىن قىزغانماسلىق،باشقىلارنى تاماققا تةكلىپ قىلىش كېرةك دىگةن مةنىگة ئىگة بولسىمۇ ھةقىقى مةنىس تاماق ئىسراپچىلىقىدىن قةتتى ساقلىنىش،ئېشىپ قالغان تاماقلارنى خالىغانچة خار قىلماسلىق،ئاجىز-ئۇرۇقلارغا سۇنۇش(بىرىش،ئۇلار بىلةن تةڭ ئىستىمال قىلىش)مةسىلىلىرى نوقتىلىق ئوترىغا قۇيۇلغان.
ئىقدىساتچىللىق بىلةن ياشاش توغرىسىدىكى تةربىية بىلةن بىرگة باشقىلارنىڭ دةردىگة دةرمان بۇلۇش تةربىيةسى بىرلةشتۈرۈلسة ،پةرزةنتىلىرىمىزنىڭ كةلگۇسىدىكى ئادىمىلىك پةزىلىتىدىن گۇماللىنىشقا ھةققىمىز قالمايدۇ.
5)ئائىلة ئةزالىرى ئىتىپاقلىقىلىغى تةربىيةسىنى بىرىش ئارقىلىق ئةۋلاتلىرىمىزنىڭ ھةمكارلىشى،ئىناق ئۆتۈش خاھىشىنى تۇرغۇزۇپ،پۇتۇن جةمةت ۋة مىللةتنىڭ ئۇمۇمى گةۋدىدىسى بۇيۇچة ھةمكارلىشىپ،بىرلىكتة ئالغا ئىلگىرلىشىمىز ئۈچۈن ئاساس سېلىشىمىز كېرةك.ئائىلة ئىناق بولمىسا ئائىلى توزدةك(كونا تۈگمةندة ئۇن تارتىغاندا ئۇننىڭ ئىچىدىكى ئىڭ يۇمشاق ئۇنلار ھاۋاغا كۇتۇرۇلۇپ لةيلةپ يۇرۇپ،ئۇندىن ئىبارةت ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ،مۇشۇ ۇچۇپ يۇرگةن ئۈننى توز دةپ ئاتيمىز) تۇزۇپ كېتىدۇ،مىللةتمۇ ھةم شۇنداق.شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلة ئازارچىلىقىدىن قةتتى ساقلىنىش كېرةك.
6)جىما(جىنسى مۇناسىۋةت) بۇ كىشىلةرنىڭ پىزىلوگىيةلىك ئېتىياچى بۇلۇپ،دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان لةززةتلةرنىڭ ئىچىدة ئالدىنقى ئورۇندا تۇردىغان لةززةت ھىساپلىنىدۇ(ھالال جىنسى مۇناسىۋةتكة قارتىلغان)،ئائىلة بولغاندىن كىيىن ئةر-ئايال بۇنداق مۇناسىۋةتتة بولماسلىغى مۇمكىن ئةمةس.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق مۇناسىۋةتتة بولغان چاغدا بۇنىڭ بالىلار تةرىپىمدىن سىزلىپ قېلىشىدىن قةتتى ساقلىنىش كېرةك.بالا كىچىك-ياكى ئۇخلاپقالدى دىگةننى ئويلاپ بالىنىڭ قېشىدا بۇنداق قىلىپ بالىڭنىڭ سىزىۋېلىشىنى كةلتۈرۈپ چىقارسىڭىز،سىزنىڭ پةرزةنتىلةر ئالدىدىكى ئوبىرازىڭىز پۈتۈنلةي تۈگىشىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشنى پىنھاندا،پةرزةنتىلةردىن پىنھان تۇتۇپ قىلىش،پةرزةنتىمىزنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگة،ھايالىق ئادةم بۇلۇشىغا ياخشى تةسىرلةرنى بېرىدۇ.
قىقىسى ئائىلة ئىچىدىكى ئةخلاقى-پةزىلةتكة ياتىدىغان ھةممة ئىشلاردا دىققةت قىلىپ،چةك قۇيۇدىغىنىغا چةك قۇيۇش،رىغبةتلةندۈردىغىنىنى چۇقۇم رىغبةتلةندۇرۇش شۇ ئاساسىدا ئائىلة ةۈزةل ئةخلاقىنى يىتىلدۇرۇپ،مىللةتنىڭ ئۇمۇمى ئةخلاقى ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ھةممىمىز بىر كىشلىك تۆھپة قۇشىشىمىز لازىم.
8.ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقدىسادى ئېڭى
ئاتا-ئانىلار بولسا ئائىلىدىكى ئاسالىق ئةزالار بۇلۇپ،ئۇلار قۇرامىغا يةتمىگةن پةرزةنتىلىرىنى بېقىشتىن ئىبارةت مةسئۇليةتنى ئۈستىگة ئالغان كىشىلةر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردا چۇقۇم ئىقدىسادى كاللا بۇلۇشى كېرةك.بۇنداق ئىقدىسادئى كاللىغا ئىگة كىشىلةر تىرىشچانلىق بىلةن ئىشلةپ،ئۈزىنىپ پةرزةنتىلىرىنى كىشىنىڭ ئالدىدا يةرگة قارىتىپ قويماي بېقىپ قاتارغا قۇشۇدۇ.بۇنداق قاتارغا قۇشۇش (بېقىش) چۇقۇم ئاتا-ئانىنىڭ ھالال قان-تةر بېدىلىگة كةلگةن ئىقدىسات بىلةن كاپالةتلىنىشى كېرةك.بۇنداق بولمىغاندا بىز بېقىۋاتقان پةرزةنتىلةردة ئىقدىسادى ئاڭ يىتىلسىمۇ ،لىكىن بۇ ئىقدىسادى ئاڭ توغرا بولمىغان رةۋىشتة يىتىلگةن ساختا ئىقدىسادى ئاڭ بۇلۇپ،ئۇنداق ئىقدىسادى ئاڭ كاتۇگۇرىيىسىنىڭ يىتةكچىلىگىدة ئۆسكةن پةرزةنتىلةر جىسمانى ۋة روھى جةھةتتىن زةيىپلىشىپ،كةلگۇسى خار بۇلۇپ قالىدۇ.
ئىقدىسادى ئاڭ دىگةندة كىشىلةرنىڭ ئىقدىساتنى يارتىش ۋة ئۇنى باشقۇرۇش ئېڭىغا قارتىلغان بۇلۇپ،بۇ كىشىلةردىن چاققان،چىۋةر،ئةقىللىق بۇلۇپ،بازا ئةھۋىلى ۋة مۇناسىۋةتلىك مةسىلىلةرنى ئانالىز قىلالايدىغان،توغرا ھۈكۈم چىقىرالايدىغان بۇلۇشنى تةلةپ قىلىدۇ.ئاتا-ئانىلار (مةيلى ئۇلار قانداق كةسىپ بىلةن شۇغۇللىنىشتىن قةتتئى نةزةر،بازار ئةھۋالىنى ئىگةنلةپ تۇرۇشقا ماھىر بۇلۇشى لازىم.بۇنداق بولغاندا قىينىلىپ قىلغان ئوقةتنى بازارغا سالغاندا كىشىلةرنىڭ ئالداپ كىتىشىدىن ساقلىنىپ،ئةمگىگىنىڭ ھةققىنى تۇلۇق ئالالايدۇ.بىر نةرسة ئېلىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىپىنى قىلىپ،نةرقىدة ئالالايدۇ.
ئىقدىساتنى يارتىش ئىنتايىن كۆپ يوللار بىلةن ئةمةلگة ئاشىدۇ.مةرگةزلىك ئىپادىلىگةندة تۈۋةندىكى ئىككى چوڭ نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.بىرسى ھالال يول بىلةن ئىقدىسات يارتىش،يانا بىرسى بولسا ھارامدىن ئىقدىسات تارتىشتىن ئىبارةت.
ھةقىقى ئىقدىسادى ئاڭغا ئىگة كىشىلةرنىڭ ياراتقان قىممىتتى ھةرگىزمۇ ھارامدىن(قانۇنسىز) بولمايدۇ.بةلكى ئۇلار ھالال كۈچى،ئةقىل-پاراسىتى ئارقىلىق ئىقدىسات يارتىدۇ.بۇنداق كىشىلةر پةرزةنتىلىرگىمۇ توغرا يولدا مېڭىشنىڭ خاسىيىتىنى ھةقىقى تۈردة ئۈگىتىدۇ.بىز ئىقدىسادى قاراشتا چۇقۇم ئةقىل-پاراسةت ئارقىلىق(بىلىم،پةن-مةدىنىيةت)ئارقىلىق قىممةت يارتىشقا ماھىر بۇلىشىمىز،ھةم پةرزةنتىلةرنىمۇ تةربىلةشكة ئةھمىيةت بىرىپ،پةرزةنتىلةرنىڭ ئةتراپلىق تةربىلىنىشكة كاپالةتلىك قىلىش كېرةك.
قابۇسنامىنىڭ14-بابىدا‹‹ئةي ئوغۇل،مال-مۈلۈك بايلىق ھاسىل قىلىشقا تىرشى،لىكىن مال-مۈلۈكلةر ھالال توغرا يوللار بىلةن بولىشى لازىم›› دىگةن بايانلارنى ئۇچرىتىمىز.بۇنىڭدىنمۇ شۇنى كۆرۋېلىش تةس ئةمةسكى ئىقدىساتنى ھالال كۈچ قۇدرىتىمىز ،ئةقلىمىزگة تايىنىپ تاپقاندىلا ئاندىن ئۇ بىزنىڭ ھةقىقى بايلىغىمىز بولىدۇئۇنىڭ ئةكسىچة بولسا بۇ بايلىق ئادةمنىڭ دۈشمىنى ھىساپلىنىدۇ.
ئائىلىدة ئىقدىساتچىل بۇلۇشنى قاتتىق تةلةپ قۇيۇش ئىقدىسادى ئاڭنىڭ يۇقىرى باسقۇچى بۇلۇپ،بۇ شۇ جةمةتنىڭ كىيىنكى تةقدىرىنى يۇرۇق قىلىدىغان بىردىن-بىر يول.‹‹قابۇسنامة››دة ‹‹ئةگةر ئۆيۈڭگة  10تةڭگة كىرىم بولدىغان بولسا،سةن 9سىنى خىراجةت قىلىپ،بىرسىنى تةجةپ سةرمايةڭگة قۇشۇپ قوي،شۇنداق قىلساڭ ھىچقاچان مۇھتاچ بولمايسةن...››دىگةن دىگةن مةشھۇر ھۈكۈمنى ئۇچرىتىمىز.بۇنىڭدىن ئىقدىساتچىل بۇلۇشنىڭ نةقةدةر ئۇلۇغلۇغىنى ھىس قىلالايمىز.بىز بۇنداق ھىسياتنى چۇقۇم ئاقلى بىلىش دةرجىسىگة كۈتۈرۈپ،ئۇنى ئةمىليةتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.ھةرقانداق بىلىش ئةمىليةتكة ئايلانغاندىلا ھةقىقةتكة ئايلىنىپ سېسىتمىلىشىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقدىسادى ئېڭى ھالال بولسا پةرزةنتىلىرنىڭ ئىقدىسادى ئېڭىمۇ تةرةن بۇلۇدۇ.ئۇلاردا ئىقدىسادى ئاڭ بىلةن بىرگة شۇنىڭغا مۇناسىپ ئةخلاقى-پةزىلةت يىتىلىدۇ.چۈنكى ئةخلاق ئۈستىقۇرۇلمىغا تةۋة بۇلۇپ،ئۇ ئىقدىسادى بازىسنىڭ ئۈستىگة قۇرۇلغان بۇلۇدۇ.مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا ھالال ئةمگة بةدىلىگة كةلگةن ئىقدىسات،گۈزةل ئةخلاق يارىتىپ،ئائىلىمىزنى يىمىرىلماس بىر جةمةتكة ئايلاندۇرۇدۇ.
ھارامدىن ئىقتىسات جۇغلاش(ئوقةت قىلىش) پةرزةنتىلةرنىڭ ئائىلىدىكى ئۈسۈپ يىتىلىشتة تۇلىمۇ خةتةرلىك بىر مةسىلة بۇلۇپ.ئاتا-ئانىدىن باللىرىغا ئاشۇنداق يامان ئىشلار مىراس بۇلۇپ قالىدۇ.
يارمۇھةممةت تاھىر تۇغلۇق تۈزگةن‹‹مۇقةددةس نىسھةت ۋة ۋةسىيةتلةر››دىگگن كىتاپتا(293-بةت)‹‹ئةي مۆمۈنلةر،بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى(ئوغۇرلۇق،خىيانةت قىلىش،بۇلاش،جازانةخورلۇق،قىمار ئويناش،قاتارلىق)ناھةق يول بىلةن يىۋالماڭلار،ئىككى تةرةپ رازى بۇلۇشۇپ قىلىشقان سودا-سېتىق ئارقىلىق ئىرىشكةن نةرسة بۇنىڭدىن مۇستةسنا››دىگةن قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز.بۇنىڭدىمۇ بىزگة ھالال يول بىلةن ئىقدىسات توپلاشنىڭ زۈرۈرلىگى،ھارام يوللار بىلةن تاپقان ئىقدىساتنىڭ ھاراملىغىنى بىشارةت قىلىپ كىشىلةرنى ياخشى يولغا دالالةت قىلغان.
بىر ئائىلةدة ئاتىسى،ئانىسى ئوغرى بولسا يامان يولدىن قايتىمىسا شۇ ئويدة چوڭ بولغان بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى دوراپ ئوغرى بولۇپ،يامان يوللاردا يۇرۇيدىغان داشقال بولڭدۇ.بۇ قىل سىغماس ھةقىقةت چۈنكى كىچىكى بالىنى سىز قانداق تةربىلىسىڭىز ئۇ شۇنداق ئادةم بۇلۇپ يىتىلىپ چىقىدۇ.تةربىيةنىڭ قۇدرىتىگة سةل قاراش ئةڭ زور بىمةنىلىكتۇر.
بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزدا ئىقدىسادى ئاڭ ئاساسةن پۇل چۈشةنچىسى بىلةن باغلىنىپ،ئىلىم-ھۈنةر چۈشةنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.بىزدىكى بۇلۇپمۇ دىخانلىرىمىزدىكى ئىقدىسات ئېڭى پۇلدىن ئىبارةت بۇ ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى بىلةن توختاپ ،مةدىنىيةت چۈشةنچىسى بىلةن بىرلةشتۇرۈلمىگةن بۇ ھال بىزدىكى ئىقدىسادى ئاڭنىڭ نةقةدةر تۈۋةن دةرجىدىكى ئىقدىسادى ئاڭ ئىكةنلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇدۇ.
مةسىلةن :سىز چارۋا بېقىپ باي بولغان بايلارنىڭ ئۈيىگة كىرسىڭىز ئۆيدة چارۋا ماللار بىلةن ئادةمنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياشاش دةرجىسىنىڭ ئايرىلمىغانلىغىنى ئةپسۇزلانغان ھالدا كۈرةلةيسىز.بۇنداق ئادةم بىلةن چارۋا بىرگة ياشاش بولسا بىزنىڭ ئىقدىسادى ئېڭىمىزنىڭ مةدىنىيةت ئېڭىمىز بىلةن ئورگانىك بىرلىشةلمىگةنلىكىنىڭ مةسئۇلىدۇر.
بىز ئىقدىسادى ئېڭىمىزنى مةدىنىيةت بىلىش ئېڭى بىلةن بىرلةشتۈرۈپ،مةدىنىيىتىمىزنى تېخىمۇ كۆپ ئىقدىسات يارتىشقا سةرىپ قىلىشىمىز لازىم.بىزنىڭ ئائىلىمىزدة ئىقدىسات بىلةن مةدىنىيةتنىڭ بىر بىرگة ئۈتۈشىشى راۋان بولسا بىز تةربىلىگةن پةرزةنتىلةرنىڭ ئةخلاقلىق،مةدىنىيةتلىك توغرا بولغان ئىگىلىك يارتىش ئۇسۇلىغا باي كىشىلةردىن بۇلۇپ چىقىشىدا گۇمان يوق.
بۇ مةسىلىدة ‹‹ئةدةپنامة››دة مۇنداق بايانلار  قۇملىلةرنى ئۇچرىتىمىز.
-‹‹دۇنيادا ئىككى نةرسة باركى،ئۇلار بىر-بىردىن ياخشىدۇر.مةسىلةن:ھۈنةر مول بىلىمدىن،ياخشى ئىش ياخشى سوزدىن ئةۋزةل››
بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرةك.بىز يةنىلا ئةدةپنامىنى ۋاراقلاپ باقايلى:ئۇنىڭدا‹‹ھةر كىمنىڭ ھۈنىرى بولمىسا ئۇ قۇرۇق تام بىلةن ئوخشاش،ھةر كىمنىڭ سۆزى چىرايلىق بولسىمۇئىشى يامان بولسا ئۇ پايدىسىز شامالغا ئوخشايدۇ››.(يۇقارقى كىتاپ4-بةت)
بىز بۇ مةزمۇنلارنى تةھلىل قىلدىغان بولساق مۇنداق ىۇلاسىگة ئىرشةلةيمىز.سىز بىلىمنى قانچة كۆپ ئىگةنلىشىڭىزدىن قةتتى نةزةرسىز بىلىمىنىڭزنى ئىشلةتمىسىڭىز ،ئةمىليةت بىلةن بىرلةشتۈرمىسىڭىز(ھۈنةرگة ئايلاندۇرالمىسىڭىز بۇنداق بىلىمنىڭ ئۆزىڭىزگة ۋة باشقىلارغا پايدىسى تةگمةيدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىلىمنى ئةمىليةتكة(ھۈنةرگة ئايلاندۇرىشىڭىز زۈرۈر.
قۇرۇق گةپ،دةپدىبىلىك گةپلةرنى قىلىش،بىر قېتىم ئةمىلى ئىش قىلغانغا باراۋةر ئةمةس،ياخشى سۆزلةرنى قىلىپ،ئۇنى ئةمىليةتتة كۆرسةتمىسىڭىز ئۇنداق سۆزلةر ئادةمنى قايمۇقتۇرۇپ قۇيۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم-بىلىم،ئةدةپ-ئةخلاق قاتارلىقلارنى ئةمىليةتكة ئايلاندۇرغاندىلا كىشىلةرگة نةپ بېرةلةيدۇ.بۇ خۇلاسىدىن ئةمىليةتكة ئايلىنالىغان نةرسىلةرنىڭلا ھةقىقة ئةمىليةت بۇلۇپ،كىشىلةرگة ئةمىلى نةپ بېرىدىغانلىغىنى كۈرىۋالالايمىز.
ئاتا-ئانىلار ئىقدىسادى جةھةتتىن ئةڭ بىچارة ھالةتكة چۈشۈپ قالسىمۇ لىكىن باشقىلاردىن تةمة قىلماسلىق،ئۈزى ئىزدىن كېرةك.يارمۇھةممةت تاھىر تۇغلۇقنىڭ‹‹مۇقةددةس نةسىھةت ۋة ۋةسىيةتلةر››دىگةن ئةسىرىدة‹‹..بىراۋنىڭ نېنىغا باغلىنىپ،شۇ نان تةمةسىدة سۆھبةت قۇرما،تةمادا يىگىنىڭ بىر جةسةتتۇركى سةن بىر چىۋىندۇرسةن،ئادةم باقىلارنىڭ ئېشىغا ئۈگىنىپ قالسا،ئۇنىڭ مىننىتى ھامان بېشىغا  توقماق بۇلۇپ تىگىپ تۇرۇدۇ››(يۇقارقى كىتاپ251-بةت)
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرۈشكة بولۇدىكى تىمة قىلىش ھارام،ئةڭ زور پةزىلةتسىزلىك بۇلۇپ تىمةخىر ئادةمدة ئېقىل ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىك بولمايدۇ،ئۇ ئاللاقاچان باشقىلارنىڭ قۇلىغا قاراپ قالغان كىشىلةر بۇلۇپ بۇنداق كىشىلةر ئار نۇمۇسنى بىلمةيدۇ.بۇنداق ئائىلىدة چوڭ بولغان پةرزةنتىلةر يةنة بىر ئةۋلات تةمةخورلاردىن بۇلۇپ قالىدۇ خالاس.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ‹‹كۇچۇڭنى خار قىل،ئۆزۈڭنى خار قىلما››دىگةن ئۇلۇغ ھىكىمةتنىڭ كۆرسةتمىسى بىلةن ئىش قىلىپ،پةرزةنتىلىرىنى ياراملىق تةربىلةپ چىقىشى كېرةك.
قىسقىسى ئاتا-ئانىلار ئىقدىسادى ئاڭ بىلان مةدىنيةت قارىشىمىزنى ئورگانىك بىرلةشتۈرۈپ،گۈزةل پةزىلةت يارتىش ئۈچۈن تىرشىشى ھةرگىزمۇ پاسسىقلىق بىلةن ياشاشتةك ھارام،توغرا بولمىغان ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىۋالماسلىق كېرةك.
9.پةرزةنتىلةر باراۋةرلىگى
ئاتا-ئانىلار پةرزةنتىلىرگة باراۋةر مۇئامىلى قىلىشنى ئۈزىنىڭ مةڭگۈلۈك قةرزى دةپ قارىشى لازىم.پةرزةنتلةرگة باراۋةر مۇئامىلة قىلىش تىگى-تةكتىن ئېلىپ ئېيتقاندا شۇ جةمةتنىڭ مةڭگۈلۈك ئةمىنلىكىنىڭ ئاساسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئىتىپقلىق ئۇيۇل تاشتةك ئۇيۇشۇشچانلىقنى كةلتۈرۈپ چىقىرىپ،جةمةت ئةزالىرىنىڭ باراۋةرلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ،ئۆز جةمةتىگة سادىق بۇلۇدۇ.
بۇنداق باراۋةرلىك نىسپىي مۇقۇملىققا ئىگة بۇلۇشى كېرةك.بۇ دىگةنلىك پةرزةنتىلةرنىڭ ئىقدىسادى ھةمكارلىق ئاساسىدىكى پةرزةنتىلةرنىڭ مال-مۈلۈكىنىڭ  مۇمۇقۇم بۇلۇشىغا قارتىلغان.
ئةگةردة بارلىق پةرزةنتىلةرنىڭ مال-مۈلىكى ئاتىنىڭ باشقۇرۇشتا بۇلۇپ،مۇستىقىللىقا ئىگة بولالمىسا چۇقۇمكى پةرزةنتىلةر ئىچىدة ئالا كۈڭۈللۈك،گۇمانخۇرلۇق،ئىشةنمةسلىك ئىللةتلىرى باش كۈتۈرۈپ قالىدۇدة،جان كۈيدۈرۈپ ئىشلةشنىڭ ئورنىغا ھىلىگةرلىك ئالمىشىپ،‹‹كۆرمةستة ئوقةت قىلىش››ھةركةتلىرى كۈرۈلۈدۇ.ئاتا-ئانىنى ىۇدا چاقىرىپ ئېلىپ كةتكةندىن كىيىن پةرزةنتىلةر ئارىسىدا مال-مۈلۈك تالىشىپ،جىدةل-ماجرا تۈگىمةيدۇ-دة،ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى ئۇزاق مةزگىل داۋاملىشىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇ مةسىلىگة جىددىي قاراپ ئائىلة ئىقدىسادىنى ياخشى باشقۇرۇش بىلةن يةنة بىلةك چىققان ئائىلةر(تارماق ئائىلةر)پةرزةنتى قۇرغان ئائىلةرنىڭ مۈلۈكىنىڭ پةرزةنتىلةرنىڭ ئۈزىنىڭ باشقۇرۇشىدا  بولغىنى مۇۋاپىق.بۇنداق بولغاندا چوڭ ئۆينى مةرگةز قىلىپ،تارماق ئائىلىلةرنىڭ گۈلىنىشىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ..
ئاتا-ئانىلار پةرزةنتىگة باراۋةر مۇئامىلة قىلىشتا چۇقۇم،قىز-ئوغۇل،ئاجىز-ئۇرۇق،ئۆز-ئۈگةي دةپ مۇئامىلة قىلىشتىن ساقلىنىشى،ھةممىسىگة ئاتا-ئانىلىق مىھرىنى ئوخشاش ئاتا قىلىشى،ئوخشاش كۈيۈنۈشى،قۇلىدا يوق،ئاجىز،مېيىپ پةرزةنتىلىرى بولغىنىدا ئۇنىڭغا ئىقدىسادى جةھةتتىن بةكرةك يةردةم قىلىشى،بۇنداق يةردةمنى باشقا پةرزةنتىلةر ئالدىدا ئۇچۇق دةپ قىلىشى،خۇپىيانة قىلماسلىغى لازىم.
بىر پةزىلةتلىك ئائىلة توغرىسىدا مۇنداق بايانلارنى ئۇچرىتىمىز نۇرمةھةممةت تاھىر  تۇغلۇقنىڭ قۇرئان ۋة ھةدىسلةردىكى كىشلىك مۇناسىۋةتكة ئائىت بايانلار دىگةن ‹‹مۇقةددةس نىسىھةت ۋة ۋةسىيةتلةر ›› كىتاۋىنىڭ بىر بولىگىدة مۇنداق بايانلارنى ئۇچرىتىمىز.‹‹جةننةت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا.ياخشىلىق قىلماقچى بولساڭ ئاناڭغا،داداڭغا،ئاچا-سىڭىللىرىڭغا،ئاكا-ئۇكىلىرىڭىغا ۋة يېقىن بولغان كىشىلىرىڭگة قىل.بۇ ئىشلار زۈرۈر بۇرۇچ،ئۈزۈلمةسلىكى كېرةك بولغان قېرىداشلىقتۇر››
قېرىداشلىقنىڭ ئۈزۈلمةسلىكىگة كاپالةتلىك قىلالايدىغان بىردىن-بىر نةرسة قېرىداشلىق ئوترىسىدىكى باراۋةرلىك،ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ جةھةتتىكى پةزىلىتىدىن ئىبارةت،ئاتا-ئانىلار پةرزةنتىلةرگة ئالا-كۈڭۈللۈك قىلسا بةزى پةرزةنتىلةرنىڭ نةزىرىدىن چۈشۈپ كىتىشى،ئۈزى كۈيىنىۋاتقان پةرزةنتىنىڭمۇ كۇيۈنۇشى ساختا بۇلۇشى مۇمكىن.چۈنكى ،ئۇ ئاتىسىنىڭ خارلىنىۋاتقان پةرزةنتىنىڭ قېرىندىشى،كۈنلةرنىڭ بىردة ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇزۇتسىيةسىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئېتىيات قىلىدۇ ھةم ئةركىلىتىلگةن بۇ پةرزةن بۇزۇپ چېچىشتىن خالى بولالمايدۇ.
‹‹ئىلىمگة دالالةت››دىگةن ئةسةردة فۇزېيۈيجى‹‹بىر ئائىلىدىكى قېرىداشلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشى نىگىزدىن ئالغاندا بىر جةمةت قېرىداشلار بۇلۇپ،بىر ئاتا-بىر ئانىدىن بولغانلارنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈشكة دائىر ئةدةپ-ئةخلاق ھةقىقىتىدىن بولغان››دةپ ئاتا-ئانىلاردا يۈكسةك ئةخلاقى-پةزىلةت بولغاندىلا قېىنداشلار ئوترىسىدىكى ئىناقلىق،باراۋةرلىك بولدىغانلىغىنى ئوترىغا قويسا يةنة باراۋةرلىك نوقتىسىدا توختىلۇپ،‹‹...ئادةم بىلةن ئادةم باپباراۋةر دىمةي تۇرالمايمىز،بىز بۇ يةردة دىگةن باراۋةرلىك رىياللىقتىكى باراۋةرلىك ئةمةس،ھۇقۇقتىكى باراۋةرلىك...››دىگةن ھۈكۈمنى ئوترىغا قۇيۇدۇ.(يۇقارقى كىتاپ15-،16-بةتلةر)
بىز يۇقارقى ھۈكۈمدىن ئادةمنىڭ مال مۇلۇك جةھةتتىكى پةرقنىڭ داۋاملىق مةۋجۇت بۇلۇپ تۇردىغانلىغى،ياشاش ھۇقۇقى جةھةتتىن پةرىق بولماسلىغىنىڭ لازىملىغىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ.ئائىلىدىمۇ پةرزةنتىلةرنىڭ ئادىمىلىك(ياشاش)ھۇقۇقىغا ھةقىقى كاپالةتلىك قىلىنسىلا پةرزةنتىلةر ئوترىسىدىكى باراۋةرلىك ئىشقا ئاشقان بۇلۇدۇ.
ئاتا-ئانىلار يةنة مىراس تةقسىم قىلغاندا ئادىل-باراۋةر بۇلۇپ،ئۈزىدىن كىيىن قالغان پةرزةنتىلةرنىڭ دائىم ئۆم ئۈتۈشكة شارايىت ھازىرلاپ بىرىشى كېرةك.جةمةت خاتىرجةم بولسا ئىشلىرى يۇرۇشۇپ،ئۇلار داۋاملىق تةرةققى قىلالايدۇ.
10.چۇڭ پةرزةنتىنىڭ ئائىلىگة كۆرسىتىدىغان تةسىرى
چوڭ پةرزةنتىنىڭ پةزىلةتلىك بۇلۇش بولماسلىغى ئائىلىدىكى كىيىكى پةرزةنتىنىڭ قانداق بۇلۇپ چىقىشى بىلةن زىچ مۇناسىۋةتلىك مۇھىم مةسىلة،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار تۇنجى پةرزةنتىنى پةزىلةتلىك قىلىپ تةربىلةپ چىقىشقا ئةھمىيةت بىرىپ،كىيىنكىلىرنىڭ ئاكىسى ياكى ئاچىسىدىن ئۈگىنىشكة شارايىت ھازىرلاپ بىرىشى كېرةك.
ئىككىنچى بىر نوقتىدىن قارىغاندىمۇ چوڭ پةرزةنت بۇلۇپمۇ چوڭ ئوغۇل كىيىنكى چاغلاردا كىچىكلىرىگة بىۋاتة باشچىلىق قىلىدۇ،ئۇنىڭدا بةلگۈلۈك ئىجدىمائى بىلىم،بةلگۈلۈك ئىجدامائى مۇناسىۋةتلةرنى بىر تةرةپ قىلدىغان قابۇليةت بولمىسا ئۇ باشقىلارغا باشچىلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ كىيىنكى تةقدىرىنى كۆرسۈتۈپ بېرةلمةيدۇ.
بىز نۇرغۇن ئىبرةتلىك مةسىلىلةرگة يۇلۇققانمىز.مةسىلةن:بىر ئائىلىدة چوڭ ئوغۇل ياكى قىزنىڭ پةزىلىتىدة مةسىلة كۈرۈلسة كىچىكلىردىمۇ ئوخشاش ئةھۋال تةكرارلانغان.بۇنداق بۇلۇشتىكى ئاساسلىق سةۋةپ كىچىكلىرى چوڭ پةرزةنتىلةر بىلةن داۋاملىق بىرگة بولغانلىغى ئۈچۈن كىچىكلىرىگة تةبىئى تةسىر قىلىپ،كىچىكلىردىمۇ ئوخشاش ئىللةتنى پةيدا قىلغان.
يانا دىققةت قىلىشقا ئةرزىيدىغان بىر مةسىلة شۇكى چوڭ پةرزةنتىلةر مةكتةپتة ياخشى ئۇقۇسا كىچىكلىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا ياخشى ئۇقۇيدىغان ئةھۋاللار بىزگة يۇلۇقۇپ تۇرۇدۇ.بۇنىڭدىنمۇ چوڭ پةرزةنتىنى ھةر جةھةتتىن تةربىلةپ،ياخشى بىر پةزىلةت ئىگىسى قىلىپ يىتۈشتۈرۈپ چىقىش ،باشقا پةرزةنتىلةرنى ياخشى خۇلۇق بىلةن تةربىلةشتة بېسىلغان ئةڭ مۇھىم قةدةملةرنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
يۇقارقىلاردىن قارىغاندا چوڭ پةرزةنتىنى تۈۋةنكى جةھةتلةردىن ياخشى تةربىلةپ،ئۇنىڭ ئةخلاقى پةزىلىتىنى يىتىشتۈرۈشكة ئاساس سېلىش لازىم.
ئائىلىدة قاتتىق تةلةپ قۇيۇش بىلةن كۈيۈنىشنى بىرلةشتۈرۈپ،ئۇنى ئائىلة گۈزةل ئةخلاقىغا رىئاية قىلىقا ئادةتلةندۈرۈش.
جةمىيةتنىڭ ئىچىكى مۇناسىۋةتلىرى ۋة مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپة-ئادةتلىرىنى بىلدۈرش.
ئىلىم-ھىكمةت بىلةن تةربىلةش،ئۈگةنگةن نةرسىنى ئىشلىتىشقا شارايىت ھازىرلاپ بىرىش.
ئۇلارنى مۇستىقىل ئىش قىلىشقا يىتةكلةش،مةسىلىلةرگة مۇستىقىل باھا بېرةلةيدىغان قابۇليةتنى يىتىشتۈرۈش.
باشقىلارغا كۈيۈنۈش،يةردةم بىرىش،باشقىلارنىڭ دةردىگة دةرمان بۇلۇشقا ماھىر بۇلۇشقا يىتةكلةش.
ھارامزةدىلىك،قىزىل كۆزلۈك ،پاسسىقلىقتىن نېرى تۈرۈش،ھةق-ناھةق قارشىنى يىتىلدۈرۈپ،رةزىللىكتىن نةپرةتلىنىدىغان جاسارةتنى يىتىلدۈرش.
مةسئۇل بولۇش تۇيغۇسىنى كۈچةيتىپ،ئادىمىلىكنى نامايةن قىلالايدىغان بۇلۇپ،ھارامدىن نېرى تۇرۇشتةك ئېتىقاتىنى تىكلةش
يۇقارقىدةك پةزىلةتكة ئىگة بولغان پةرزةنتىمىز كةلگۈسىدة باشقا قېرىداشلىرىنى تةربىلةشتةك ئېغىر مةسئۇليةتنى ئۈستىگة ئېلىپ.ئۆز قةمةتى ۋة مىللىتىگة شان شةرةپ كةلتۈرةلةيدۇ.
خاتىمة
مةن خاتىمة ئورنىدا يارمۇھةممةت تاھىر تۇغلۇقنىڭ‹‹يۈسۈپ خاس ھاقىپنىڭ ئائىلة تةربىيةسى››دىگةن ئةسىرىدىكى پةرزةنتىلةرنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز قۇلىدا بېقىشنىڭ،تةربىلةشنىڭ بةزى شةرتلىرى دىگةن قىسىمنى ئۆزلةشتۈرۈپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.
ئاتا-ئانىلار پةرزةنتىلىرنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا  تاشلاپ بةرمةي ئۆز قۇلىدا بېقىشى،بالىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشتة ئىنتايىن مۇھىم ئةھمىيةتكة ئىگة.ئاتا-ئانىلار پةرزةنتىلىرنى ياخشى تةربىلةشتة ئۈزىدىكى ئةخلاقى-پةزىلةتنى دةڭسةپ كۈرۈشى،ھۈزىدىكى بةزى تۈزۈتۈشكة تىگىشلىك ئىللةتلةرنى تۈةۈتۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.
ئاتا-ئانىلار ئۈزىنىڭ قۇلدىن كېلدىغان ئىشلارنى ئۈزى قىلىپ،پةرزةنتىنىڭ ياشاش ھۇقۇقىنى ھةقىقى كاپالةتكى ئىگة قىلىش لازىم.
1.ئىمكانىيةتنىڭ بېرىچة ئانىلار پةرزةنتىلىرنى ئۈزى ئىمىتىپ چوڭ قىلىشى لازىم.بۇ دىننىڭ جةھةتتة پةرزةنتىنىڭ ئانىدىكى ھةققى بولسا،پةننى جةھةتتىن قارىغاندا ئانىنىڭ سۈتىدىكى ئادةم بېدىنىڭ جةۋھىرى بولسا،باشقا سۈرلةردة نامايةن بولدىغةنى ھايۋاننىڭ قېنى ئاساسىدىكى جةۋھةردۇر.بۇ ئىككىسى ئوترىسىدا پةرىق ناھايتى چوڭ.
ئةگةر ئانىنىڭ بالىنى تةربىلةش ئىختىدارى بولمىسا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 4505-بىيىتىدىكى بۇيۇچة قىلىشقا ئةھمىيةت بىرىش لازىم
ئېرىغ،ياخشىنى ئال ئىنىكة(ئىنىك ئانا)قىلىپ،
ئوغۇل قىز ئۆسةر پاك ۋة ساغلام بۇلۇپ.
2.بالانى ئانا چۇقۇم ئىككى يىل ئىمىتىكة كاپالةتلىك قىلىشى لازىم.
بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ ھةم ئانىلارنىڭ جىسمانى جةھةتتىن ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشكة پايدىق.بۇنداق قىلغاندا ئاتا-ئانا بىلةن پةرزةنتلةر ئوترىسىدا مىھرى مۇھابةتمۇ كۈچلۈك بۇلۇدۇ.
3.پةرزةنتلىرى بىلةن بىللة تۇرۇدىغان مۇۋاپىق ۋاقىتقا كاپالةتلىك قىلىش لازىم.بۇنداق قىلغان پةرزةنتىلةرنى چۈشىنىشكة پايدىسى چوڭ بۇلۇدۇ.
ھىكايةت:
پادىشا ئةلشىر ناۋاھىدىن سوراپتۇ:
-مىنىڭ ئېيتىمنىڭ قايسى نةسىلدىن ئىكةنلىگىنى بىلةمسىز.
-ئېتىڭىز سىيىر نةسىلدىن
-ئاتمۇ سىيىر نةسىلدىن بولامدۇ دةپ ئاچىققلىنىپتۇ پادىشاھ
-ئۇنداقتا مۇشۇ ئاتنى باققان ئاتباقارنى چاقىرىپ سوراپ باقايلى دةپتۇ ئةلشىر ناۋايى
-بۇلۇدۇ دةپتۇ پادىشاھ،ھةم شۇ ھامان ئاتباقارنى چاقىرتىپ سوراپتۇ
-بۇ ئاتنى قانداق باققان.
-بۇ ئاتنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كىتىپ،سىيىرغا ئةمدۈرۈپ باققان
پادىشا بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ،
-سىز قانداق بىلدىڭىز دةپ ئةلشىر ناۋائىدىن سوراپتۇ،-ئېتىڭىز سۇ كىچىپ قىرغاققا چىققاندا سىيىرلاردةك پۇتلىرىنى ئارقىغا قارىتىپ سىلكىيدىكةن دةپ جاۋاپ بىرىپتۇ
...                          

(تۈگىدى)
ئىجادىيەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8431
تۆھپە نۇمۇرى: 268
توردا: 4095 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2011-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 04:58:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  تىمىڭىزنى  ساقلىۋالدىم ئىشتىن چۇشۇپ كەچتە ئالدىرماي ئوقۇي

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8536
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 3353 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 07:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن دىمىسىمۇ بىز ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى،بىزنىڭ ھەر بىر سۆزھەركىتىمىز ئۇلارغا تەسىرقىلىدۇ،ئۇلار بىزدىن ئۇگىنىدۇ،شۇڭا بىز ئۇلارغا ئۇلگە بولالىشىمىز كېرەك.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

ئىنسان_ ھامان ئۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24665
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6772
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1802 سائەت
تىزىم: 2011-1-1
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 07:32:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىغا نىمانداق ئازئىنكاس بۇ ؟

<ئەكبەرئوغلا

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16400
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9468
تۆھپە نۇمۇرى: 328
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2011-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 08:09:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانا سۆزى  ئوق ... ئۇلار  بىرنچى ئۇستاز ئەلۋەتتە !!
ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسى بىلەن  بىز  مۇشۇنداق ياخشى يوللاردا كىتىۋاتىمىز !!!

ئەكبەر...ئۇيغۇرئوغلانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23513
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 05:44:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت DILNAZI كە 2011-01-27 07:03 PMئەۋەتىلدى :
ياخشى تېمىكەن دىمىسىمۇ بىز ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى،بىزنىڭ ھەر بىر سۆزھەركىتىمىز ئۇلارغا تەسىرقىلىدۇ،ئۇلار بىزدىن ئۇگىنىدۇ،شۇڭا بىز ئۇلارغا ئۇلگە بولالىشىمىز كېرەك.

ئاتا-ئانىنىڭ پەزىلىتى سىز دىگەندەك پەرزەنتىلەرگە تەسىر قىلىپ،ئۇلاردا بەلگۈلۈك قاراش پەيدا قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئۈزىدە ياخشى پەزىلەتلەرنى يىتىلدۈرۈپ،بالىلىرى بىلەن بولغان پەدى-شەپنى ياخشى ساقلىشى كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23513
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 10:12:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت melody كە 2011-01-27 04:58 PMئەۋەتىلدى :
رەھمەت  تىمىڭىزنى  ساقلىۋالدىم ئىشتىن چۇشۇپ كەچتە ئالدىرماي ئوقۇي

ساقلىۋالىغىلى بولىدىكەن دەپ قارىغان بولسىڭىز،ماقالىنىڭ قىممىتى باركەن دەپ قارىدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش