مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 677|ئىنكاس: 2

ھايات تىنىقلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سسەنسز كىىچە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26963
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5957
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 09:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 دوستۇم، سىز بىراۋدىن ئۆزىڭىزنى چۈشىنىشىنى تەمە قىلىۋاتامسىز؟ رېئال تۇرمۇشتا سىز ئۆزىڭىزنى تولۇق چۈشىنەلمەي تۇرۇپ  باشقىلار سىزنى قانداقمۇ چۈشىنەلىسۇن؟ چۈنكى دۇنيادا ئىنسان ئەڭ مۇرەككەپ بولىدۇ. ئەڭ قېيىن توختايدىغىنى ئادەمنى چۈشىنىش. ئادەملەر بىر ئۆمۈر بىرگە ياشاپمۇ يەنىلا بىر- بىرىنى چۈشىنەلمەي ئۆتىدۇ. شۇڭا سىز بىراۋدىن ئۆزىڭىزنى چۈشىنىشىنى تەمە قىلماي ئالدى بىلەن  ئۆزىڭىزنى مۇكەممەل چۈشىنىڭ!   دوستۇم، ھەممە ئادەم ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ياشاۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە سىز بىراۋدىن بىر بۇردا نان بېرىشىنى تىلەۋاتامسىز؟ شۇنى بىلىڭكى، باشقىلار سىزگە تاغدەك شاپائەت قىلىپ يۇمشاق نان بەرسىمۇ، لىكىن سىزگە يەنىلا شۇنچىلىك قاتتىق تۇيۇلىدۇ. شۇڭا سىز ئۆزىڭىز قان- تەر ئاققۇزۇپ ئاندىن نان تېپىپ يەڭ. چۈنكى قان- تەر بەدىلىگە كەلگەن نان گەرچە ئاز ھەم قاتتىق- قۇرۇق بولسىمۇ سىزگە شۇنچىلىك مەززىلىك تۇيۇلىدۇ  دوستۇم،  سىز باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا ئۆزىڭىزنىڭمۇ يەنە باشقىلار تەرىپىدىن ئازار يەپ قالىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەمدە، بۇگۈن سىز ماڭا  ئازار بەرسىڭىز، ئەتە باشقىلار سىزگە ئازار بېرىدۇ. شۇڭا سىز بۈگۈن باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن بۇرۇن ئەتىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ    ئەقەللىسى سەن ئائىلە، پەرزەنت مۇھەببىتى  بىلەن قېرىنداشلىق مۇھەببىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلالمىدىڭ. ئەمىلىيەتتە ھەممىسى ئۆز يولى بىلەن كېتىۋېرەتتى. بىراق سەن ھاياتلىق سەپىرىڭدە ساڭا نېمىنىڭ ھەقىقى ھەمراھ بولالايدىغانلىقىنى پەرىق ئېتەلمىدىڭ، شۇ ۋەجىدىن ئىللىق ئائىلەڭدىن ئايرىلىپ قالدىڭ. ئائىلەڭدىنلا ئەمەس، بەلكى ھاياتلىقىڭنىڭ مۈشكۈل سەپىرىدىكى ئەڭ يېقىن قولدىشىڭدىن ئايرىلىپ قالدىڭ!!!ساڭا يېرىم يولدا ھەمراھ بولغان ھەمراھتىن ئۈمۈد كۈتمە، چۈنكى يېرىم يولدىكى ھەمراھ ساڭا ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولالمايدۇ   سېنىڭ مەندەك بىر بىختسىزنىڭ نىداسىغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغىنىڭدىن ئەجەبلەنمىدىم. چۈنكى، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدا بەختسىزلەرگە بەخت تىلەش ۋە ئازغۇنلارنى توغرا يولغا باشلاشنىڭ قىلچىلىك ئىزناسى يوق ئىكەن   مەن بۇ يولدىن مېڭىشنى ئۆزۈم تاللىدىم. لىكىن سەن بارلىق ئاماللار بىلەن مېنى بۇ يولدىن توسىۋاتىسەن. گەرچە تاللىغان بۇ يولۇم جاپالىق ھەم ئەگرى- توقايلىق بولسىمۇ، بىراق بۇ يولنىڭ  ئاخىرقى مەنزىلىنىڭ تولىمۇ داغدام بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ ئىدىڭ كاشكى!   مەن يۈرۈگۈمدىن شاتلىنىپ كۈلۈشكە تالاي- تالاي قېتىم تېرىشقان بولساممۇ، لىكىن يۈرۈگۈم شاتلىق دەرۋازىسىغا قىسىلىپ تۇنجۇقۇپ قالدى. شۇ تاپتا مەن بەخت ئەلچىلىرىنىڭ شاتلىق دەرۋازىسىنى داغدام ئېچىپ، ھەسرەتلىك قەلبىمنى شاتلىق ئارامگاھىغا باشلاپ كىرسىكەن دەپ ئىلتىجا قىلىۋاتقانلىقىمنى كىملەرنىڭ يۈرۈگى سەزگەندۇر؟  پۇشايمان ئىنسانغا ئەڭ ئەجەللىك دۈشمەن بولىشى مۈمكىن. چۈنكى، قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى نەتىجىلىك بولۇپ چىقىشى ناتايىن. قىلغان ئىشىڭىزدىن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلمىسڭىز بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ بەرىبىر ئورنىغا كەلمەيدۇ. ئەكسىچە پۇشايمان سىزنىڭ زېھنىڭىزنى ئوغۇرلايدۇ ھەمدە ۋاختىڭىزنى خورىتىدۇ. شۇڭا سىز پۇشايمان قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاچچىق ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئىلىپ، ۋاختىڭىزنى قەدىرلەپ، ئالدىڭىزغا قاراپ قەدىمىڭىزنى پۇختا ئىلىپ، قولىڭىزدىكى پۇرسەتلىرىڭىزنى قەدىرلەڭ   .
ئاپتۇر: يەكەن ناھىيە ئالامەت يېزا «مېھرىبان» كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنىدىن

كۇلۇپ ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27103
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7944
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 1681 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 09:33:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇقۇم بۇنى ئىسىمدە ساقلايمەن.

دۇنيادا ھەممە نە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 2043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19430
تۆھپە نۇمۇرى: 1519
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 11:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتلىقنىڭ بۇلغانمىلىرى ئارىسىدىن ساپ ھاۋاغا تەلپۈنگەن يۈرەكنىڭ ئەركىن نەپەس ئېلىپ ئوچۇق ھاۋاغا تەشنا بولغان شۇ دەقىقىلىرىدىن تىنىلغان بۇ تىنىقلار تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ،ھەم ياخشى يېزىلىپتۇ.........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش