ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت چىۋەر كە 2011-01-28 07:54 PMئەۋەتىلدى :
1962يىلى ئىلى بىلەن چۆچەكتە بولغان ۋەقەدىن قايسىڭلارنىڭ خەۋرى بار مەن بۇتوغۇرلۇق پەقەت بۇگۇن ئاڭلاۋاتىمەن....رەھمەت
1961-1962 - يىللىرىدا دۆلىتىمىز تەۋەسىدە سىياسىدىكى سولچىللىق ھەمدە تەبئىي ئاپەت تۈپەيلى ئىقتىسادىي قېيىنچلىق يۈزبەرگەن. ئاشلىق يېتىشمەي بازاردا تاۋارمۇ ئېھتىياجدىن زور دەرىجىدە تۈۋەنلەپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو كۇممۇنىستىك پارتىيسى بىلەن سوۋېت كوممۇنستىك پارتىيسى ئوتتۇرىسدا سىياسى جەھەتتە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر يۈز بېرىپ، سوۋېت- جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە دەز كەتكەن. دەل مۇشۇنداق ئىقتىسادىي قېيىنچلىق مەزگىلىدە ئىلى ، چۆچەك رايونىدىكى سوۋېت كونسۇلى تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق، شۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ، قازاق قاتارلىق ئاممىنى ئازدۇرغان < سوۋېت ئىتتىپاقى كومۇنىزمىغا يەتتى، مولچىلىق بولىۋاتىدۇ، ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىگە پۈتۈن مۈلكۈڭلار ۋە ئائىلە ئەزالىرىڭلار بىلەن ئۆتسەڭلار سىلەرگە ئۆي ، تېرىلغۇ يەر، مول بولغان تەمىناتتىن بەھرىمان قىلىمىز دېگەن...> .. ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا جۇڭگۇدا سوۋېتنى ھەممىدىن تەرەققىي قىلغان، باي دەيدىغان قاراش ئومۇملاشقان، شۇنىڭ بىلەن نادان خەلقىمىز ئۇ يالغان- ياۋىداق گەپكە ئىشىنىپ، ئېچىۋېتىلگەن چۆچەك چېگىرسى ۋە قورغاس چېگراسىدىن ئۇدا 7 كۈنگىچە مال- چارۋىلىرى ، بايلىقلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن. سوۋېت تەرەپ چېگرا قارشى تەرىپىدىن ئۇلارنى ماشىنىلىق توشىغان. دۆلىتىمىز بۇ ئەھۋالغا قارىتا تىزدىن تەدبىر قوللىنىپ چېگرانى تاقىغان. ئەمما ئۇ چاغدا ئاللىقاچان نەچچە يۈزمىڭ ئامما كۆچۈپ چىقىپ كېتىپ بولغان .ھەمدە تاشلاپ چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆي زېمىنلىرى ھەمدە يەرلىرى ئەمگەك كۈچى يېتشىمىگەنلىكى سەۋەبىدىن جىددىي كۆچۈرۈلگەن قېرىنداشلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ھەمدە بىر قانچە بىڭتۈەن قورۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. . .. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھازىرقى قازاقىستان يەتتەسۇ قاتارلىق كەڭ ئېچىلىمغان رايونلارغا جايلاشتۇرۇلۇپ قاتتىق كۈن كۆرگەن ۋە بوز يەرئېچىش ، ئېغىر ئەمگەك دېگەنلەرگە سېلىنغان. ... كېيىن ئۇلار قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغاندا جۇڭگۇ ھۆكىمىتى ئۇلارنى خائىن ھېسابىدا قاراپ ئۇلارنى چېگرادىن كىرگۈزمىگەن، پەقەت تۇققان يوقلىشىغا رۇخسەت قىلغان. بۇ تۇققان يوقلاش ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ....
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئوتيۈرەك ، ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز تېيىپچان ئېليوف < كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن > دېگەن ئوتلۇق شېئىرنى يازغان، ھەمدە < ۋەتەن ئۇ تاشلاپ بېرىشكە بولمايدىغان نان ھەمدە ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ئۇلۇغ قوياش ، ئۆزىنىڭ ئەجدادى ساقلاپ كەلگەن زېمىننى ۋە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا تۇپراقنى تاشلاش ئەجدادلارغا ئاسىيلىق ۋە ئۆز زېمىنىنى باشقىلارغا يەم قىلىپ بېرىش ...> دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرغا قويغان. ھەمدە كۆچۈپ كەتكەنلەرگە لەنەت ئوقۇغان. كېيىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بۇ ناخشىنى ئوقۇدى< كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن >