مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1528|ئىنكاس: 31

نىمشىھىتنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇنتۇپ كەت يۈرىك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37
يازما سانى: 2306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17804
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 4574 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 04:23:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




نىمشىھىتنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى








ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا ئېلى ئاخۇن ( ئاقھۇن ) ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1922 - يىلدىن 1930 - يىلغىچە باي ۋە كۇچا ناھىيىلىرىدىكى مەدرىسىلەردە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى شەكلى بىلەن يازغان « بازار ۋە مازار » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قوليازما ھالىتىدە خەلق ئىچىدە تارقالغان. 1930 - يىلى شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى - قەشقەر « خانلىق مەدرىس » كە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ بۇمەكتەپتە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ئەرەپ، پارىس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ھەم « مادارا ئەئىزەم » ( چوڭ ياراشتۇرۇش ) ناملىق شېئىرلار تپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان « ئەنۋارۇلھادا » (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق قەسىدىسىنى ئىلان قىلىپ، جامائەتچىلىككە تالانتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان.
1933 - يىلى قەشقەردە جىن شۇرېننىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا ئارمىيە ئېلىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىر قېتىملىق جەڭدە ئېغىر يارىلانغان. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن يازغان شېئىرلىرىنى « نىمشېھىت » ( يېرىم جان ) دىگەن ئەدەبىي تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدۇرغان.
نىمشېھىت ئۆزىنىڭ 43 يىللىق ئىجادىي ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى، باللادا، داستان، ئوپېرالارنى يازدى.
شائىر ئازادلىقتىن بۇرۇن يازغان « بىلىم ئىشقىدا »، « بۈيۈك جۇڭگۇ »، « قىزىم يېغلىماڭ »، « ئۇنۇتما »، « گېزىت » قاتارلىق شېئىرلىرىدا جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە فاشىستىك مۇستەبىتچىلىككە قارشى كۆرەش قىلىش روھىنى ھەم ۋەتەننى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ھېسياتىنى مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلەپ خەلقنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن بولغان كۆرەشلىرىگە ئىلھام بەردى.
ئۇ يەنە ئەسىرلەردىن بويان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئېغىزدىن - ئېغىزغا ئۆتۈپ، قەلبدىن - قەلبكە كۆچۈپ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان « مىڭ ئۆي ۋە پەرھات - شېرىن » داستانىنى يازدى. بۇ داستان 1945 - يىلى « شىنجاڭ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغاندا خەلق ئىچىدە خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى. شائىر داستاننى قايتا -قايتا ئىشلەپ ۋە تولۇقلاپ 1948 - يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن كىتاپ قىلىپ باستۇرغان.
« مىڭ ئۆي ۋە پەرھات- شېرىن » داستانى مەزمۇنىنىڭ يېڭى ۋە موللىغى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئىخچام ۋە مۇكەممەللىگى، بەدىئىي سەۋىيەسىنىڭ يۈكسەكلىكى، شەكلى ۋە ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىگى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
نىمشېھىت ئازادلىقتىن بۇرۇن ئاقسۇدا ئىشلەپ يۈرگەن مەزگىلدە « لەيلى - مەجنۇن » داستانىنىڭ خەلق ئىچىدىكى بىرنەچچە خىل ۋارىيانتلىرىنى توپلاپ، شۇ ئاساستا « لەيلى-مەجنۇن » ئوپىراسىنى يېزىپ چىققان ۋە بۇ ئوپىرا سەھنىلەردە ئوينىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئوپىرانىڭ تولۇق نۇسخىسى « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە يوقىلىپ كەتكەن. ئوپىرانىڭ پەقەت ئۈچ پەردىسىلا ساقلىنىپ قالغان.
ئازادلىقتىن كىيىن شائىر نىمشېھىت شېئىرىيەتتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ يارىتىپ، قايناق ھىسياتقا، باي پەلسەپىۋىي پىكىرگە، ئۆتتەك قىزغىنلىق ۋە ئۈمىدۋارلىققا تولغان شېئىرلىرى بىلەن كىتاپخانلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ « ئالدىدا »، « سېغىندىم »، « يۈرەك سۆزى »، « ئۇسسۇل »، « تارىم قىزى» قاتارلىق شېئىرلىرى خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن جەڭ دۇمبىقىنى چالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا ئازاد يېڭى دەۋرنى، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، ئەمگەكچى خەلقنى كۈيلىدى.
ئازادلىقتىن كىيىن نىمشېھىتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىك جەھەتلەردە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى.
ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، « شېئىرىيەت »، « يەنخې » ، « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. 1981 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە « نىمشېھىت شېئىرلىرىدىن تاللانما » نى نەشىر قىلدى.
نىمشېھىت ئۇيغۇر خەلق ئېغىزئەدەبىياتىنى قىزغىن سۆيەتتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىجادىيىتىگەمەنبە قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادى ھاياتىدا كۆپلىگەن خەلق قوشاقلىرىنى،خەلق چۆچەكلىرىنى توپلاپ رەتلىگەنىدى.
تالانتلىق شائىر نىمشىھىت 1972 - يىلى ۋاپات بولدى.






پېقىرنىڭ ئىقرارى




(مۇسەددەس)

نىمشىھىت


پاتتى كۆكسۈمگە زەھەر تىرناقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۇردى قانلىق قامچىسىن ئالچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
قاقشىتىپ يۇتتى مېنى پاتقاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئالدى گۈل ئورنى تىكەن - يانتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قان شوراپ چاقتى - زۈلۈك چاققاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ھەر قەدەمدە مىڭ تۇزاق - قىلتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

قايسى بىر نەس كۈنىكىم مەن تۆرەلدىم زېمىنغا ؟!
قايسى بىر دۇنيا جەھەننەم ئوخشىغاي بۇ تۈرمىگە ؟!
قان يۇتۇپ ھەر دەم زەھەر - زەقۇم يېدىم مەن كۈنىگە ،
مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ يول تىرىلدىم چەرخى بىدات زۇلمىگە .
باستى بېشىمنى بۇ زۇلمەت تاغلىرىڭ ، ئەي شۇم پەلەك ،
بارمىكىن دۇنيادا ئادىل چاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟!


ئۇچتى شەمئى كۆزلىرىمدىن ئۇچتى ئۈمىدنىڭ نۇرلىرى ،
كەتتى سەۋرى ئىلكىمىزدە ئۆتتى ھۆرلۈك كۈنلىرى ،
قايدا بارسام زۇلۇمى بىداد نالە - پەرياد ئۈنلىرى ،
كۆزىمىزنى باستى زۇلمەت قاپقاراڭغۇ تۈنلىرى .
قان بىلەن ئالۇدە قول - بارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بەلكى قول - پۇتتۇر ساڭا قورچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

كىمگىدۇر روزى - ساپا ، كىملەرگىدۇر زۇلۇمى - سىتەم ،
كىمگىدۇر بايراملىرىڭ ، كىملەرگىدۇر چەكسىز ئەلەم ،
بىز نىچۈن تەڭلىك سۈيىدىن بەھرى ئالماي قەترە ھەم ،
سۈرسە شۇملەر ئەيشى -ئىشرەت بىز نىچۈن تەشنا شۇ دەم ؟!...
يوق ئىكەن ئەدلىڭ بىلەن ئىنساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بوغۇزىمىزغا سۈردى تىغ قاسساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

بولدى زۇلمىڭدىن جۇدا گۈلزارىدىن بۇلبۇللىرى ،
بىگۇناھ چۈشتى قەپەسكە قىرىلىپ نۇرغۇنلىرى ،
ۋەتەنسىز بولدى قېچىپ يۇرتىدىن ئوغۇللىرى ،
بولدى خار بويۇن قىسىپ يېتىم -يېتىمە تۇللىرى .
چىقمىدى دەردىڭ بىلەن ئارمانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قايدىدۇر ئەخلاق يەنە ۋىجدانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟

قانمىدۇر ، مارجانمىدۇر ، يا قەترە شەبنەم ياشىمىز ،
تاشمىدۇر ، يا تاغمىدۇر ، قايغۇدا ياتقان باشىمىز ،
يوقمىدۇر دۇنيادا بىزنىڭ ئىچ كۆيەر يولداشىمىز ،
دائىما قايغۇ - ئەلەم ، ھەسرەتمىدۇر قۇرداشىمىز .
سورۇلۇپ باش ئۈستىگە تۇپراقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بولدىغۇ زىندان كەبى ھەرياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

ۋاھ ...ئەجەب قۇش ئۇۋىسىغا شۇم يىلان « مېھمانىكەن »،
بىلمىدۇق ئاۋۋال دىلىدا بىر غەزەل پىنھانىكەن ،
ئالدىنىپ قىلتاققا چۈشتۇق ھېلىگەر دەۋرانىكەن ،
ياكى قىسمەتنى ئەزەلدە موللىسى يازغانمىكەن ؟!...
زەپمۇ پاتتى بوغۇزىمىزغا قارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بىگۇناھلار كۆكسىنى يارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

نە گۇناھلىق بەندە بىز زۇلمەتتە قالدۇق ناگىھان ،
جايىمىز پۇرقەتكە تولدى ، داغ بىلەن قىينالدى جان ،
يوق ئاداۋەت - گىنە بىرلە بىزگە بولدۇڭ بەدگۇمان ،
كۆرمىگەندۇر شۇڭغىچە ھېچكىم بۇ ئىشنى ھېچقاچان .
كۆزۈڭ كىچىك، تار سېنىڭ قورساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قان - يىرىڭ ، زەرداپقا تولغان دوۋساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

بولدى قويلار پاسىبانى ، بۆرىلەر ئاغزىدا خۇن ،
كىم ھەقىقەتنى دېسە بولدى ھەم ھالى زەبۇن .
ئايلىنىپ تەتۈر ھەمىشە چەرخىڭ سېنىڭ كاج -ۋاجىگۇن ،
باستى تۆھمەت - پىتنىلەر ئالەمنى مانەندى قۇيۇن .
بولدى ھاكىم ئۈستىمىزدە زاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۆچمىگەي مەھشەرگىچە بۇ داغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ...

ھېچ بۇلۇت كۈننى توسالماس ، پەردە زۇلمەت چاك بولۇر ،
نېمشېھىت قايغۇرمىغىن كۆپ ، كەلگۈسىڭ پارلاق بولۇر ،
نىسپى ئاي بولسا قاراڭغۇ ، نىسپى روشەن ئاق بولۇر ،
تا ئەزەلدىن بېرى بۇ قانۇن ئىرۇر ، شۇنداق بولۇر ...
ئاقىۋەت گۈم بولغۇسى راۋاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۆرتىنىپ كۈل بولغۇسى تاياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ...





مەنبە : تارىم ژورنىلى

1985-يىل8-ساندىن ئىلىندى .





پىكىر قىلىۋاتىمەن دېمەك مەۋجۇتمەن!! خەيىر-خوش جېنىم سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭمۇ بەختىم!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28032
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6104
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2011-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 04:38:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا نىمشىھىتنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى  بەكمۇ كېرەك بولۇۋاتاتتى ،،،،،
       كۆپ رەھمەت سىزگە، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن........
      ماڭا چوڭ ياردەم قىلدىڭىز......

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 04:52:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمشىھىتنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن . رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9732
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8253
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 04:58:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شائىرنىڭ شېئىرلىرى تىلى ئاددى، راۋان يېزىلغان .مەندە ئۇنىڭ بىر شېئىرلار توپلىمى بار ئىدى، 1980-يىللىرى نەشر قىلىنغان ،مەن باشلانغۇچتا ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا شۇنىڭدىكى ئائىرنىڭ سىزما رەسىمىنى چوڭايتىپ سىزىپ ،ئىككى تال قېرىنداش،بىر تال دەپتەر مۇكاپات ئالغان ئىدىم. [s:180]

زىمىن ئۇلۇغ،زىمىن مۇقەددەس. ئۇنىڭ بولغاچقا سەن،مەن زەبەردەست
turk娃娃 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 05:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26729
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 05:21:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز.ئەجرىڭىزگە رەخمەت.نىمشېھىت داموللامنىڭ شېئىرلىرى تىلى گۈزەل،ئاددى،ئاممىباب بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.مەنمۇ شۇنداق ياخشى كۆرىمەن.شائېر ئاتالمىش<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>دا دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراپ،پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.جەسىدىنى قىغ دۆۋىسىگە كۆمۈۋېتىلگەن،دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 05:26:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەرجىمىھال تولۇق ئەمەسكەن ، مەن ئازراق قوشۇپ قوياي


< مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> دىن ئىبارەت تەتۈر قۇيۇن كۆتۆرۈلۈپ ، ئۇنىڭ ئاشۇ
قىممەتلىك ئىجادىي ئەمگەكلىرى ۋەيران قىلىۋىتىلدى ۋە ئۆزىمۇ مىسلىسىز ئېغىر خورلۇق ۋە ناھەقچىلىق تۈپەيلىدىن ، 1971- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى .
شائىر ۋاپات بولغاندىن كىيىنمۇ يەرلىكىدە ئارامخۇدا يىتىش ئەركىگە ئېرىشەلمىدى . ئۇنىڭ مۇردىسى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز مۇئامىلىگە ئۇچۇردى . ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى كىندىن قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى تېزەكقاغۇدا يىتىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسىمۇ ، ئارزۇسىغا يىتەلمىدى ، ئۇنىڭ ئايالى بۇ ئەقەللي ۋەسىيەتنى ئورۇنداشقىمۇ ئامالسىز ئىدى . ئۇ زار-زار يىغلىغان ھالدا ئەترەت كاتىۋاشلىرىغا تاۋۇت ۋە نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇشقا ئادەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى . ئۇ چاغلاردا مەسچىتلەر چېقىپ تاشلانغاچقا ، تاۋۇت ئەترەت ئىسكىلاتىدا ساقلىناتتى .
يۈرىكى قازاننىڭ كۈيىسىدەك قارىداپ كەتكەن بىر نادان : __ تاۋۇتنى بېرىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تاۋۇت زەھەرلىنىپ قالىدۇ . ئۇنىڭ جەسىتىنى  قەبرىستانلىققا قويۇشقا بولمايدۇ . چۈنكى ، ئۆلۈكلەرنى زەھەرلەيدۇ ، __دېدى .
شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بىردىنبىر مۈلكى بولغان كارىۋاتنىڭ پۇتى ئېلىپ تاشلىنىپ تاۋۇت قىلىندى ، < زەھەرلەنسىمۇ مەيلى > دەپ قارالغان < تۆت خىل ئۇنسۇر > دىن ئۈچ - تۆتى  تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ ، مەھەللە ۋە قەبرىستانلىققا يىراق بولغان چۆل تاغ باغرىدىكى يۇلغۇن تۈۋىگە ئېلىپ باردى . مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويچە يەرلىك ئېلىنماستىن ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۆرەك كولىنىپ مۇردا قويۇلدى . ئاندىن ئۈستى گەمە ياپقان شەكىلدە ئېتىپ كۆمىۋىتىلدى ....
    يۆلەنچۈگىدىن ئايرىلغان ئىمىرنىساخان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ، قاراڭغۇ ، زەي ، غېرىپ كەپىسىگە قايتىپ كەلدى . لېكىن ، يورۇق كۈن ئۇنىڭغىمۇ نىسپ بولمىدى . 1975- يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جەبىر _ جاپا ، دەرت - ئەلەم دەستىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن بۇ ئانا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى .          
   
نىمشېھىت ئەسەرلىرى ۋە نىمشھېت تارىخى                                       

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

<ئەكبەرئوغلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16400
يازما سانى: 1074
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10523
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 05:28:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس !!!
   بۇ ئۇلۇغ كىشىمىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ئاددى، چۈشۈنۈشلۈك ئىخچام ،
   كىشىگە بىر  مەنانى تىزلا  بىلدۈرىدۇ ...
   بۇ ئۇلۇغ  كىشى بىلەن بىزنى تونۇشتۇرغان تىما ئىگىسىگە رەخمەت ...

ئەكبەر...ئۇيغۇرئوغلانى

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 06:02:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىدا . ئۆمۇر خاتىرەمدىن .سىغىندىم . دىگەن شېئىرنى  ياقتۇرۇپ  ئوقۇيمەن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5285
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7871
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 06:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<بىلىم  ئىشقىدا >> دىگەن  غەزىلىنى  تۇلىمۇ  ياقتۇرۇپ  ئوقۇيمەن .

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش