مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13499|ئىنكاس: 207

مـەن تـۇغماس ئەمــەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىر مىللەتتە ساپ

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 17942
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 5178 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 05:44:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  مەن تۇغماس ئەمەس


 


1.مەن ھامىلدار بولدۇم


       7- ئاينىڭ تۇمۇز ئاپتىپى ئادەمنى ئىزىلەڭگۈ قىلۋىتىدىكەن. ئۈچ سائەتلىك چۈشلۇك دەم ئىلىشتىن كېيىن ئىسسىقتا ئىرىنچەكلىك بىلەن ئىشخانىغا كەلدىم. يەنە بۇرۇنقىدەك خىزمەت دېسە باش چۆكۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئادىتىم بويىچە بۇ ئايلىق ئىستاستىكا جەدىۋىلىنى  ئىشلەشكە تۇتۇندۇم. جەدىۋەلنى ئىشلەۋىتىپ تۇيۇقسىز ئاچچىقسۇ، لازىلىرى تىتىغان سېرىق ئاشنىڭ مەزىلىك پۇرىقى بۇرنۇمغا گۇپپىدە ئۇرۇلدى-دە، سېرىق ئاش يىگىم كىلىپ ئورنۇمدا زادىلا ئولتۇرالماي قالدىم. قىززىق، بۇرۇن مەندە زادىلا بۇنداق ئىش كۆرۇلۇپ باقمىغان ئىدى. يەنە يىرىم سائەت ئىشلىۋىتىپ ئاندىن چىقاي دەپ ئويلىغان بولساممۇ ئەمما پۇتۇن ئەس-يادىم سېرىق ئاشتا بولغاچقا ئاخىرى سىرتقا قاراپ يۈگۈرۈپ دېگۇدەك چىقىپ، ئىدارىمىزنىڭ قارشىسىدىكى كىچىك سودا بازىرىغا كېلىپ، بىر ئوروندا ئولتۇرۇپ سېرىق ئاش بۇيرۇتتۇم. بىر چوكا سېرىق ئاشنى مەزە قىلىپ يۇتتۇم. يەنە بىر چوكا سېرىق ئاشنى ئاغزىمغا سىلىشىمغا كۆڭلۇم شۇنچىلىك ئاينىدىكى پۇلنى ئۈستەل ئۇستىگە تاشلاپلا، ئاغزىمنى قولۇمدا تۇسقانچە ئىشخانىغا يۇگۇردۇم. ئىشخانامنىڭ يىنىدىكى تازىلىق ئۆيىگە ئارانلا ئۈلگۇرۇپ كىرىپ بىرنەچچە قېتىم قۇرۇق ھۆ قىلىۋەتتىم. كۆزلىرىمدىن ياش قويۇلۇپ، ئۆپكەم ئاغىزىمدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم. ئىشخانىغا كىرىپ ئېغىزىمنى سۇ بىلەن چايقىۋىتىپ ئورۇندۇققا ئۆزەمنى تاشلاپ بىرھازا ئولتۇرۇپ ئۆزۇمگە كەلگەندەك بولدۇم-دە، ئاندىن قىلۋاتقان ئىشىمنى قولۇمغا ئالدىم. يىرىم سائەت ئىشلە-ئىشلىمەي يەنە سېرىق ئاشنىڭ پۇرىقى پۇرىغىلى تۇردى. كۆزۇمگە سېرىق ئاش كۆرۇنۋىدى يەنە كۆڭلۇم ئاينىپ تازىلىق ئۆيىگە يۇگۇردۇم. 《 توۋا نېمە بولدۇم مەن》 دەپ ئويلىدىم كۆڭلۇمدە. ئىشخانىغا ئەمدى كىرىشىمگە ئىشىك چىكىلىپ بۆلۇم مۇدىرىمىز ئايشەم ھەدەم ئىشخانىغا كىردى.
       _ۋاي خۇدا، نېمە بولدىڭىز دىلبەر؟_دېدى تۇرقۇمغا قاراپ ھەيران بولغان ئايشەم ھەدەم. مەن بايىقى ئەھۋاللارنى ئايشەم ھەدەمگە سۆزلەپ بەردىم.
       _ئادىتىڭىز قانداق؟_دەپ سورىدى ئايشەم ھەدەم گەپلىرىمنى ئاڭلاپ.
       _6-ئاينىڭ 3-كۈنى ھېساب بولسا، بۈگۈن، ھە توپ-تۇغرا 13 كۈن بوپتۇ كەينىگە سۇرۇلۇپ كەتكىلى،_دېدىم مەن.
       _ۋاي، ۋاي مۇبارەك بولسۇن سىڭلىم، بەكمۇ ئىنتىزار بولغان ئىدىڭىز، مانا ئېغىر بوي بوپسىز ئەمەسمۇ، سىزدىكى بۇ ئالامەتلەر پۇتۇنلەي ئېغىر بوي ئاياللاردا بولىدىغان ئالامەتلەر،_دېدى ئايشەم ھەدەم ھاياجاندىن قوللىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ. بىراق مەن گاڭگىراپلا قالغان ئىدىم.
       _ۋاي نېمە بولدى سىزگە، خۇشال بولايمۇ دېمەيسىزغۇ،_دېدى ئايشەم ھەدەم.
       _بۇ راستمىدۇ؟ مەن چۈش كۆرگەندەكلا بولۇپ قالدىم، بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ ھە ئايشەم ھەدە،_دېدىم مەن ھاياجاندىن تىتىرەپ.
       _بولدى قولىڭىزدىكى ئىشنى قويۇپ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ يولدىشىڭىزغا بۇ خۇش-خەۋەرنى دەپ، خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇڭلار،_دېدى ئايشەم ھەدەم، يەنە ئىرىنمەي ماڭا ئېغىر ئاياق مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ ئىزىپ ئىچۇردى.
       _مەن بۇ خەۋەرنى ئاۋال ئاپامغا دەيمۇ ياكى سەردارغا دەيمۇ،_دەپ سورىدىم مەن ئايشەم ھەدەمدىن. ھىچقانداق جاۋاپ بولمىغاندىن كىيىنلا ئىشخانىغا سەپ سالدىم. مەن خۇشاللىقىمدا نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئايشەم ھەدەمنىڭ ئىشخانىدىن قاچان چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيمىغان ئىدىم. 《 تۇغرا ئاۋال ئاپامغا تىلېفۇن قىلىپ ئاپامنى بىر خاتىرجەم قىلايچۇ》 دەپ ئويلاپ، ئاپامغا تىلېفۇندا بولغان ئىشلارنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەردىم.
       _ۋاي جىنىم بالام، سىز ئېغىر بوي بولۇپسىزغۇ، بۇ دېگەن ئېغىر ئاياق ئاياللاردا بولىدىغان ئالامەتلەر،_دېدى ئاپام ھاياجان بىلەن.
       مەن ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ راستىنلا ئېغىر ئاياق بولغانلىقىمنى جەزىملەشتۇردۇم. ئۆيگە بالدۇرلا قايتىپ ساردار ئامراق تاماقلاردىن نېمىنى قىلىشنى ئويلاپ ئاخىرى بېلىقنى كۆرسەم كۆڭلۇم ئاينىشىغىمۇ باقماي بېلىق قورىمىسى تەيارلىدىم. مەن ئەزەلدىن بېلىق يىمىگەچكە بىر قاسقان پىتىر مانتا تەيار قىلىپ سەردارنىڭ كىلىشىنى تۆت كۆزۇم بىلەن كۆتتۇم. سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى سەككىزنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. مەن سەردارنى كۇتكەچ ياتاق ئۆيىمىزگە جايلاشتۇرۇلغان كارۋات كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇردۇم. ئاندىن كۆرپە، يۇتقان، ياستۇقلارنىڭ كىرلىكىنى ئالماشتۇرۇپ، پاكىز تۇرغان ئۆيلىرىمنى يەنە بىر قىتىم رەتلەپ چىقتىم. كىيىم ئىشكاۋىدىكى كىيىم-كىچەكلەرنى رەتلەپ، دەزمال سىلىشقا تىگىشلىك كىيىملەرنى دەزماللاپ ئاسقۇغا ئاستىم. قىلغىدەك ئىش قالمىغاندىن كېيىن تاماق ئۇستىلىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سائەتكە قارىدىم. سائەت 11 دىن ئاشقان ئىدى. 《ھەي ئېسىت، تاماقلارنى مەزىسى بىلەن يىيەلمەيدىغان بولدىدە، بوپتۇ كىرەك يوق، ئىسسىتىپ بىرەرمەن ئەمدى، ھەي بىراق شۇ كەيىپ ھالەتتە كەلمىسە بولاتتىغۇ》 دەپ ئويلىدىم. ئورۇننى سېلىپ بىردەم ياتقان بولساممۇ ئەمما ھىچ ئۇيقۇم كەلمەيتتى. يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. مېھمانخانىنىڭ يول تەرەپتىكى دەرىزىسىدىن سەردارنىڭ يولىغا قارىدىم.

       يولدا ئاندا-ساندا كەچ قالغانلار ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۇشۇپ تۇراتتى. ئاسمانغا قارىدىم. بۈگۈن ئاسمان شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدىكى، سانسىز يۇلتۇزلار كۆكتە چاراقلاپ تۇراتتى. كۆڭلۇمدە يۇلتۇزلارمۇ مېنىڭ بۇ ئالەمچە خۇشاللىقىمغا ئورتاق بولۋاتقاندەك تۇيۇلۋاتاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن سەككىز ئاينى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۆتكۇزدۇم ئەمەسمۇ. ئىككى قىتىم ئادىتىم ۋاقتىدا كەلمەي سەردارنى قۇرۇق ئۆمىدلەندۇرۇپ خۇشال قىلىپ قويۇپ ئارقىدىن تىل ئىشتكەن ئىدىم. ئۇ بالىغا قانچە ئىنتىزار بولغانچە مەن شۇنچە تەڭلىك بولۇپ ئۆتىۋاتقان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئاخىرى مۇرادىم ھاسىل بولغان ئىدى. دەرىزە تۈۋىدە ئىككى-ئۈچ سائەت ئۆرە تۇرۇپ پۇت-قۇللىرىم ئۇيۇشۇپ كەتتى. مەن سائەتنىڭ بىردىن ئاشقىنى كۆرۈپ سەردارنىڭ كەيىپ كىلىدىغىنىنى جەزىملەشتۇرۇپ، لەسسىدە بولدۇم-دە، ياتاق ئۆيگە كىرىپ ياتتىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن،  پەللەمپەيدىن كېلىۋاتقان ئېغىر بىسىلغان تونۇش ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ، يۈرەكلىرىم يىنىك سىلىپ كەتتى. سەردار قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلدى. مەن يۈگۈرۈپ بىرىپ ئىشىكنى ئاشتىم. ئۇ بەكلا ئېغىرلىشىپ قالغان ئىدى. سەردارنى يۆلەشكە تۇتۇندۇم، بىراق ئۇ مېنى قاتتىق بىر سىلكىىتىپ دەلدەڭشىپ بىرىپ كىرىسلودا يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ كىيىملىرىنى، ئاياقلىرىنى يىشىپ، بېشىغا ياستۇق قويۇپ، ئۇستىگە ئەدىيالنى ياپتىم. بىردەم سەردارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزاقتىن-ئۇزاق قارىدىم، بارماقلىرىم بىلەن چاچلىرىنى يىنىك تارىدىم. مەن چىقىپ يىتىپ قالدىم.
      شۇنچە كەچ ياتقىنىمغا باقماي بۈگۈن بەكلا سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتىپتىمەن. نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ، سەردارنىڭ ئورنىدىن تۇرىشىنى كۆتتۇم. سائەتتە قاراپ تۈنۈگۈنكى تاماقنى ئىسىتماقچى بولۇپ نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى سەردار ئەزەلدىن كەيىپ بولغان ۋاقىتتا قورىغان تاماقنى يىمەيتتى. مەن تۇجۇپىلەپ لازا-ئاچىقسۇلىرىنى، دورا-دەرمەكلىرىنى تىتىتىپ ئۇزۇپ تاشلاپ سۇيۇق ئاش قىلدىم. تاماق پىشقاندىن كېيىن سەردارنى ئاۋايلاپ ئويغاتتىم.
       _ۋاي نېمە كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك، نېرى بولىڭە،_دېدى سەردار ماڭا دوق قىلىپ. مەن سەل ھارسىنغان بولساممۇ ئەمما دەرھال ئۆزۇمگە كىلىپ، خۇش پىچىملىق بىلەن دەستىخان ھازىرلىدىم. سەردار بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئاش ئىچىشكە تۇتۇندى. ئۇ تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن مەن تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا ھاياجان بىلەن سۆزلىدىم.
         _نېمە، راستما؟ راستمۇ يا؟_ئۇ ياندۇرۇپ، ياندۇرۇپ سوراپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى،_ۋاي نېمىشكە تۈنۈگۈن تىلېفۇن قىلمىدىڭىز، تىلېفۇن قىلغان بولسىڭىز مەن ئاخشام بالدۇر كىلەتتىم ئەمەسمۇ، ۋاي ئىسىت، دىمىسىمۇ ئىلگىرىكى ئەھۋالغا ئوخشىمايدىكەن، ئىدارىدىكى ئاياللارمۇ سېزىك بولسا مۇشۇنداق بولىدۇ دەۋاتاتتى. خۇدايىم ئاخىرى مۇرادىمىزغا يەتكۇزۇپتۇ، ئۆتىگەن نامازلىرىڭىزنىڭ بەرىكى بىلەن ئاخىرى بالىلىق بولىدىغان بوپتۇق مانا،_سەردار ھاياجانلىناتتى. ئۆيدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ سۆزلەيتتى. بىر چاغدا ئۇ مېنى دەست كۆتۇرۇۋىلىپ كارۋاتقا ئاۋايلاپ قويدى-دە، قورسىقىمنى يىنىك سىلىدى.
       _ۋىيەي، نېمە قىلىۋاتىسىز، ھازىر تېخى بىلىنمەيدىغان تۇرسا، خۇدايىم بويرىسا سىزگە بۇدرۇق ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بىرىمەن،_دېدىم مەن سەردارنىڭ ئاجايىپ خۇشال تۇرقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمنى نەملەپ تۇرۇپ.
       _ياق، ياق، ئۇنداق دىمەڭ، قىز بولسىمۇ، ئوغۇل بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ، مېنى دادا بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇرگىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق،_دېدى سەردار.
        _مەن ئەمدى سىزنى 《دادىسى》 دەپ چاقىرىمەن،_دېدىم مەن نازلىق ئەركىلەپ.
        _ھە راست، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن رۇخسەت سوراي، بىللە دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرتۇپ، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ كىلەيلى،_دېدى سەردار.
       بۈگۈن چۈشكىچە ئىشخانىدىكى ئىشلىرىم شۇنچىلىك ئاينىشلىق بولدى، چۈشتە ئۆيگە كىرىپ ھەيران بولدۇم، چۈنكى ئەزەلدىن قازان بېشىغا ئۆتمەيدىغان سەردار ئاخشام مەن ئەتكەن تاماقلارنى ئىسسىتىپ، ئۇستەل ئۇستىگە تىزىپ، مېنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن. بۈگۈن چۈشتىكى تاماقنى شۇنچىلىك ھۇزۇر بىلەن يىدىم. چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانىغا ماڭدۇق. يولدا كېتىۋىتىپ ئۇنى قولتۇقلىۋالدىم. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئەرلىك سالاپىتىگە بەك ئەھمىيەت بەرگەچكە يولدا ئەزەلدىن مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى يامان كۆرەتتى. بىراق بۈگۈن ئۇ ماڭا باشقىچە  يىقىملىق كۆرۈنۈپ قويدى.

       بىز دوختۇرخانىغا كىرىپ نۆۋىتىمىزنى ساقلىدۇق. 《دىلبەر》، مەن دوختۇرنىڭ چاقىرغان ئاۋازىدىن چۆچۇپ، سەردار بىلەن بىرگە كىردۇق. دوختۇر ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن 《 B تىپلىق ئولتۇرا ئاۋازلىق تەكشۇرۇش ئاپراتى》 دا تەكشۇرتۇشنى بويرىدى. دوختۇر قورسىقىمغا تەكشۇرۇش سۇيۇقلىقىنى سۇرتۇپ بەكمۇ ئۇزۇن تەكشۇرۇپ كەتتى. قانچە ئۇزۇن تەكشۇرگەنچە مەن شۇنچە بىئارام بولۇشقا، جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. دوختۇر تەكشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. مەن نەتىنجىنى ئىلىپ كېسەل كۆرسىتىش ئۆيىگە كىردىم.
        _سىڭلىم، سىز ھامىلدار ئەمەسكەنسىز، _دېدى دوختۇر چىرايىمغا بەك قارىۋىتىپ. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئارقىمغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم. بەدەنلىرىم ياپراقتەك تىتىرەيتتى.
        _ياق، ياق دوختۇر، قايتا تەكشۇرۇپ باققان بولسىڭىز، خاتا بولۇپ قالدىمىكىن،_دېدىم مەن ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي.
        _ئۇنداق بولمايدۇ سىڭلىم، خاتا ئەمەس، سىزدىكى بۇ ئالامەتلەرنى 《ساختا ھامىلدارلىق》 دەيمىز، بىر نەچچە كۈن دورا يىسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىسىز، بەك ئۆمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ، سىز تېخى ياشكەنسىز، پۇرسەت دېگەن كۆپ،_دېدى دۇختۇر.
        كۆزلىرىمدىن قويۇلۋاتقان ياش كۆز ئالدىمنى خىرەلەشتۇرگەن ئىدى. دۇختۇرنىڭ ئاخىرقى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. مەن شۇ تاپتا سەردارنىڭ 《دىلبەر بولدى قىلىڭ، بىز تېخى ياشقۇ، يەنە بالىلىق بولالايمىز》 دېيىشىگە بەكمۇ مۇختاژ ئىدىم. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس، ئۇ ئالىقاچان يېىنىمدىن ئايرىلغان ئىدى.



2. ئۆمىدسىزلىك



       كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ تولۇمۇ مەنىسىز ئۆتمەكتە ئىدى. ئائىلىدىكى بېسىم، سۇغۇق كەيپىيات پەقەت ئىشخانىغا كەلگەندىلا سەل-پەل يىنىكلەپ، ئۆزەمنى خىزمەتكە ئۇرۇش بىلەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلغاندەك بولاتتىم. توي قىلىپ ئىككىنجى يىلغا قەدەم قويغان بولساممۇ مەندە ھىچبىر شەپە بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مەن ئاپامنىڭ، دۇستلىرىمنىڭ مەسلىھەتى بىلەن دوختۇرخانىغا كۆرىنىپ بىقىشنى نىيەت قىلدىم.
      _ياخشىكەنغۇ سىڭلىم، بالياتقۇ، تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، رۇھى بېسىمىڭىز بەك ئېغىردەك قىلىدۇ، سىز كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ئۆزىڭىزنى خۇشال تۇتۇڭ. شۇ چاغدا چوقۇم ھامىلدار بولالايسىز، توي قىلىپ ئۈچ-تۆت يىلدىن كېيىنمۇ پەرزەنتلىك بولالايدىغانلار دائىم ئۇچراپ تۇردىغۇ،_دېدى دوختۇر ئايال.
      _دوختۇر، بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، باشقىلاردىن ئاڭلىسام، بالياتقۇغا سۇ ماڭدۇرۇپ باقسا تېخىممۇ ئىشەنچىلىك جاۋاپقا ئېرىشكىلى بولىدىكەن، شۇڭا شۇ داۋالاشنى بىر قېتىم قىلدۇرۇپ باقسام دېگەن ئۆمىددە ئىدىم،_دېدىم مەن دوختۇرغا ئىلتىجا بىلەن تىكىلىپ.
       _ھەي، سىزگە قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قىلۋاتىدۇ، خەق نېمە دېسە شۇنى قىلىپ باققۇلۇق ئەمەس، سۇ ماڭدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، مەن سىزگە بالىلىق بولالايسىز دېدىمغۇ، بەك ئىشەنمىسىڭىز چوڭ دوختۇرخانىلارغا بىرىپ بىقىڭ،_دېدى دوختۇر سەل تىرىكىپ. مەن بالىلىق بولالىشىمنى تازا جەزىملەشتۇرمىگەن بولساممۇ ئەمما قەلبىمدە پاللىدە ئۆمىد شامى يىلىنجىغاندەك بولدى.
     مەن ناھايىلىك دۇختۇرخانىنىڭ تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى تېخىممۇ جەزىملەشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى كۈن سوراپ، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا  باردىم. تۇرقىدىن ناھايىتى پىشقانلىقى چىقىپ تۇرغان، خۇش-پىچىم خەنزۇ ئايال دوختۇر مېنى بەكمۇ ئەستايىدىل تەكشۇرۇپ چىقىپ خۇددى ناھايىلىك دوختۇرخانىدىكى دوختۇرنىڭ دېگىنىدەكلا تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى چىقىرىپ بەردى.
      _دوختۇر، مەن تامامەن ساغلام ئىكەنمەن، ئەمسە نېمىشقا ھامىلدار بولالمايمەن؟_دەپ سورۇدۇم راۋان خەنزۇ تىلىدا.
      _سىز ساغلامكەنسىز، ئەمدىكى مەسىلە يولدىشىڭىزدا. يولدىشىڭىزمۇ كىلىپ تەكشۇرتۇپ باقسۇن، ئاندىن مۇۋاپىق داۋالاش قىلساق بولىدۇ،_دېدى دوختۇر.
      ئۆيگە خۇشال قايتىپ كەلدىم. سەردارغا ئەھۋالنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردىم.
       _ھە، سىز چاتاقنى مەندە دېمەكچىما؟_دېدى سەردار زەردە بىلەن.
       _ياق ئۇنداق دىمىدىم، شۇ دوختۇر يولدىشىڭىزمۇ بىر قىتىم تەكشۇرتۇپ باقسا، ئاندىن مۇۋاپىق داۋالاش قىلىلى دېگەن،_دېدىم مەن ئىھتىيات بىلەن. سەردار ھەرھالدا ئويلىغىنىمدەك كاجلىق قىلىپ تۇرۋالمىدى. ئۇمۇ ناھايىلىك دوختۇرخانىغا بىرىپ كۆرۇندى. ئۇمۇ ساغلام ئىدى. بىز بىرلىكتە ۋىلايەتلىك دۇختۇرخانىغا باردۇق. سەردار تەكشۇرتۇپ چىقىپ، تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى مېنىمۇ ئاڭلىسۇن دەپ بىللە ئىلىپ كىردى. سەردارغا دۇختۇر قەتئىي مەسىلە يوق، ناھايىتى ساغلام دەپ دىياگىنۇز قويدى. مەن تەكشۇرۇش نەتىنجىسىدىن خۇشال بولغان بولساممۇ يەنە بىر تەرەپتىن تولۇمۇ ھەيران بولدۇم. ئاياللار بۆلىمىدىكى ھېلىقى دوختۇردىن قانداق قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت سورىغاچ، دورا ئىلىپ قايتتۇق.
     دۇختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە كەيپىياتىمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خۇشال تۇتۇشقا تىرىشتىم، دورىلارنىمۇ ۋاقتىدا ئىچىپ ماڭدىم. سەردارمۇ ھاراقنى ئاز ئىچىشكە  تىرىشتى. مۇشۇ يۇسۇندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالتە ئاي داۋالانغان بولساممۇ ھىچقانداق شەپە بولمىدى. ۋاقىت ئۇزارغانچە كەيپىياتىمنى ھەرقانچە ياخشى تۇتۇشقا تىرىشقان بولساممۇ ئەمما ئۈنىمى بولمايۋاتاتتى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا چوڭ دوختۇرخانىلارغىلا قاراپ ئولتۇرماستىن ئاڭلىغانلىكى دوختۇر بولامدۇ تىۋىپ بولامدۇ ھەممىسىگىلا كۆرۇندۇم. يىمىگەن دورام قالمىدى. سەردارمۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەر ئاچچىقلىنىدىغان، ئۆيگە دەسسىگىسىمۇ كەلمەيدىغان بولۇپ كەتتى. سەردارنىڭ تۇرقىغا قاراپ مەن تېخىممۇ ئازاپلىناتتىم.
       _ھەي، بىرى كىلە،_دېدى بىر كۈنى سەردار كەيىپچىلىكتە غەزەپ بىلەن. مەن تىتىرەپ ئالدىغا باردىم.
       _سېنىڭدىن ئىيۋۇ مىكيان ياخشى ھىي، خۇراز يېنىغا كىلىپ قويسىلا نەچچىنى تۇغىدۇ، ئېسىت ساڭا خەجلىگەن پۇللار، ساقمىش تېخى، سېنى كۆرسەملا بۇغۋەتكىم كىلىدۇ، خەپ جۇمۇ،خەپ. ئاغىينىلەرنىڭ ئالدىدا ھەجەپ بېشىمنى كۆتەرگىلى قويمىدىڭغۇ.
       _مەندە نېمە ئامال، مېنىمۇ ساق دېدىغۇ، سىز ماڭا بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز.........
       گېپىمنىڭ ئاخىرى تۇگىگىچە تەككەن بىر تەستەك يۈزلىرىمدىن ئوت چىقىرۋەتتى. مەن يىغلىغان پىتى ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
       _ھەي، تېخى ماڭا قىيداۋاتامسەن؟ ھېلى بىكا ئۇستىخانلىرىڭنى سۇندۇرۋاتماي ھە، ما كۆزۇمگە كۆرۇنمەي مەندىن نېرى يۇر جۇمۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟_دېدى سەردار ئارقىمدىن كىرىپ كۆزلىرىمگە جۇنۇپ تۇرۇپ.
      _ماقۇل، ئۇقتۇم،_دېدىم مەن ئارتۇق گەپ قىلالماي. كۈندىن-كۈنگە ئۇيقۇللىرىممۇ ئازلاپ كەتكەن ئىدى. ياتساملا تۇگىمەس خىياللارغا چۆكۈپ كىتەتتىم. گۇناھنى سەردارغا قويغۇم كەلمەيتتى، ھەم ئۆزەمگىمۇ قويمايتتى. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ گەپتە چىقىشىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن سەردار مەندىن بارا-بارا يىراقلاپ كىتىۋاتاتتى.

       بىر كۈنى ئاپام ئۆيگە ئاق لاتىغا ئورالغان بىر نەرسىنى كۆتۇرۇپ كەلدى.
      _بالام، ئاڭلىسام قۇشقاچنىڭ بالىسىنى تىرىك پىتى يۇتۋەتسە بۇنىڭ ئۈنىمى بەك ياخشى بولىدىكەن. نۇرغۇن ئاياللار مۇشۇ سەۋەپنى قىلىپ بالىلىق بوپتىكەن، شۇڭا بۇنى بەكمۇ تەستە تاپتىم، جىنىم بالام، قىينىلىپ كىتىدىغىنىڭىزنى بىلىمەن، شۇنداقتىمۇ كۆزىڭىزنى يۇمۇپلا يۇتۋىتىڭ، ئۇلۇغ ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن بالىلىق بولۇپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس،_دېدى ماڭا ئاپام يىلىنىپ تۇرۇپ. ئۆزەمنى تۇتۋالالمىدىم، كۆزلىرىمدىن سەلدەك قويۇلۋاتقان ياشلار يۈزلىرىمنى يۇيماقتا  ئىدى.  ئۆزەمنىڭ دۇچار بولۋاتقان بۇ قىسمەتلىرىمگە يىغلايتتىم. ئاپامنىڭ قولىدا تېخى تۇكمۇ چىقمىغان بىر پارچە گۆش تۇراتتى. مەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئاللادىن پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى تىلەپ ھېلىقى گۆشنى يۇتۋەتتىم. مانا شۇنداق قىلىپ مەن ئەمدى سەۋەپ قىلدۇرۇشقا ئۆتكەن ئىدىم. مۇشۇ جەرياندا نۈرغۇن موللىلارنى تۇنۇپ كەتتىم. موللا ئىزدەپ شەھەر ئاتلاپ بارمىغان يىرىم قالمىدى. مۇشۇ تەرەقىدە تۆتىنجى يىلنىمۇ شەپىسىز ئۆتكۈزۋەتتىم. مانا ئەمدى سەرداردىن ئۆتۈپ قىيناپامنىڭ زەھەردەك گەپلىرى ئۇ جىنىمدىن  بۇ جىنىمغا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.  
     بىر كۈنى سەردار ئاپىسىنى يوقلاشقا ماڭدى. مەنمۇ نېمىلا بولمىسۇن چوڭلارنى يوقلاپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەچكە سەردار بىلەن بىللە چوڭ ئۆيگە باردىم.
     _ئوغلۇم، ما ئۆيگە كىرىڭە،_دېدىم قىيىناپام ماڭا بىرنى ئالىيىۋىتىپ. سەردار ئاپىسى بىلەن ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بىراق ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولغاچقا ھەممە گەپ ئوقتەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
     _ھەي بالام، ئاۋۇ تۇغماس خۇتۇننى قاچانغىچە ئۆيدە ساقلايسىز؟ بۈگۈن ھەجەپ ئىزا تارتماي بوسۇغامغا دەسسىگىلى كەپتا، بۇ بىرنىمە ئاخىرى نەسلىمىزنى قۇرۇتۇپ بولىدىغان بولدى، سىز دېگەن مېنىڭ تەۋەرۈك بىرلا بالام، ئۇنى ۋاقتىدا قويۋىتىڭ، بىلدىڭىزمۇ ئوغلۇم.
      ئۆرە تۇرغىدەك ماجالىم قالمىغان ئىدى، خۇددى تىكەننىڭ ئۇستىدە ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۋاتاتتىم. ئىشىكنىڭ قاتتىق يىپىلىشىدىن ئىسىمگە كىلىپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ئوي-پىكىرلىرىم چىگىشلىشىپ، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي گەڭگىراپ قالغان ئىدىم. كۆڭلۇمدە نېمىنىڭ شۇنچىلىك نۇمۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ، نېمىنى خاتا قىلغىنىمنىمۇ  بىلەلمەي بېشىم قايغاندەك كېتىپ باراتتىم. ماشىنىنىڭ قاتتىق تۇرمۇزلىنىشى بىلەن بىراۋنىڭ 《ھوي، ئۆلگىڭ بولسا باشقا يەرگە بارمامسەن، ساراڭمۇ بۇ》 دەپ تۇۋلىشىدىن ئىسىمگە كىلىپ قارىسام، ماشىنا يولنىڭ ئوتتۇرسىغا كىرىپ قالغان ئىدىم. مەن ئېغىر پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ يولنىڭ چىتىگە چىقتىم.  
     مەن يەنە چىداش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. سەردارغا قارىسان ئۇمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يۇرۋاتاتتى. مەن ھەرقانچە قىلساممۇ يۈرۈكىمنى چىرماپ تۇرغان قايغۇ-ھەسرەت چەمبىرىكىدىن قۇتۇلالمىدىم. ئۆمۈدۈممۇ پۇتۇنلەي ئۇزۇلگەن ئىدى. قانچە ئازاپلانسام ئۆزەمنى ئىشقا شۇنچە ئۇراتتىم. ئەمما مەن پەقەت شۇ ئازاپ يىلتىزلىرى بىلەن چىرمىلىپ كەتكەن ئىدىم.



3. گۈزەل ئەسلىمە




    سەردار ئاپىسىنىڭ بېسىمى، ئەل-ئاغىينىلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە بەرداشلىق بىرەلمەي ئاخىرى ئاجىرىشىش تەلىۋىنى ئوتۇرغا قويدى. مەن نېمىمۇ دىيەلەيمەن، سەردار بىلەن ھەرقانچە ئاجراشقىم بولمىسىمۇ ئەمما ئامالىم يوق ئىدى. ئۇنىڭدا ماڭا نىسپەتەن مۇھاببەت قالمىغان ئىدى. تۆت يىل مۇھاببەتلىشىپ، ئالتە يىل ئۆي تۇتۇپ ئاخىرى ئاجىرىشىش ئالدىدا تۇرۋاتاتتۇق. ئەتە بىز تامامەن مۇناسىۋەتسىز، يات ئادەملەرگە ئايلىنىپ كىتەتتۇق. مەن كارۋاتقا ئۆز ۋاقتىدىكى رەسىملىرىمىزنى يىيىۋىتىپ گۈزەل ئەسلىمىلەرگە تولغان چاغلىرىمىزنى بىرمۇ-بىر كۆز ئالدىمغا كەلتۇردۇم.
       ئالى مەكتەپ قوينىغا يېڭىدىن قەدەم قويغان چاغلار نەقەدەر گۈزەل چاغلار ھە! ئالى مەكتەپكە بىرىپلا بىر چەتتىن ئوقۇش بىلەن ئالدىراش بولساق، بىر چەتتىن ئولتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدۇق. چۈنكى يېڭى بارغان چاغدا ھەرقانداق مەكتەپتە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۆتىۋىلىش، يۇرتلۇقلار ئولتۇرىشى نەچچە ئايلارغىچە قايناپ كىتەتتى. ھەر ھەپتىدە بىر كىلىدىغان ئارام ۋاقىتلىرىمىز مەكتەپ مەكتەپلەردىكى ئولتۇرۇشلاردا بولاتتى.
       _دىلبەر، ئەتە بىزنىڭ ناھايىلىكلەر كان مەكتەپتە كۈتۋىلىش ئولتىرىشى قىلىدىكەن، بىرگە بارايلى ھە، _دېدى ياتاقدىشىم سانىيە.
       _مەن سىلەرنىڭ ناھايىدىن بولمىسام، ئۇنىڭ ئۇستىگە تونىمايدىغان يەردە قورۇنۇپ قالىمەن.
      _نېمە دەيدىغاندۇ، بىر ناھايىدىن بولمىغان بىلەن بىر ۋىلايەتتىن تۇرساق، ھىسابتا بىر يۇرتلۇق دېگەن گەپ، جىنىم ماقۇل دەڭ ھە.
      مەن سانىيە بىلەن كان مەكتەپكە باردىم. ئۇلار يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بىر ئاشخانىدا كۈتىۋالماقچى ئىكەن. مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىردەمدە چىقىشىپ قالدىم. سانىيەمۇ يۇرتلۇق دۇستلىرى  ئالدىدا بەكمۇ ھۆرمىتىمنى قىلدى. تاماقلار تارتىلغاندىن كېيىن شۇ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچى چىقىپ يىغىلىش مەقسىدىنى دېدى. ماڭا ئۇ بەكمۇ تۇنۇش بىلىندى. مەن ئۇنىڭ بىزنىڭ ناھايىدىن ئىكەنلىكىنى بەكمۇ تەستە ئېسىمگە ئالدىم. باشلىنىش سۆزى تۇگىگەندىن كېيىن تانسا، ئۇسۇل باشلاندى. مەن تانسا بىلمىگەچكە تانسىغا تارتقانلارنى رەت قىلىپ ئويناۋاتقانلارنىڭ ئوينىنى كۆرۈپ ئولتۇردۇم. يەنە بىرەيلەن تانسىغا تارتىپ كەلدى. بۇ دەل ھېلىقى مېنىڭ يۇرتلۇغۇم ئىدى. مەن رەت قىلغان بولساممۇ ئەمما ئۇ قولۇمدىن تارتىپ مەجبۇرى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى.
       _دىلبەر، مېنى تونىدىڭىزمۇ يا؟ مەن ئەزىمەت،_دېدى ئۇ.
       _تۇنۇدۇم.
       _ئۇنداقتا تانسىغا تارتسام نېمىشقا ئۇنمايسىز؟ تاس قالدىڭىز مېنى ئوسال قىلىپ قويغىلى.
       _تانسا ئويناشنى بىلمەيتتىم.
       _شۇنداقكەنسىز، بىراق مانا پۇتلىرىڭىز بىرئوبدانلا كىلۋاتىدۇ، ئازراقلا ئوينىسىڭىز ئۈگىنىۋالغىدەكسىز. ھە راست، بۇنىڭدىن كېيىن ئىزدىشىپ ئۆتەيلى، قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسىڭىز مېنى ئىزدەڭ.
       گەپنىڭ ئايىغى تۇگىگىچە مۇزىكا تۇختىدى. ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇردۇم. توساتتىن بىرسىگە كۆزۇم چۈشتى. قارشى تەرەپتىكى ئوغۇللار ئولتۇرغان ئۇستەلدىكى بىرسى ھاراق تۇشقۇزۇلغان رومكىنى كۆزىگە تۇتۇپ، ماڭا قاراۋاتقاندەكلە بىلىندى. ئۇ رومكىنى كۆزىدىن نېرى قىلدى. ئۇ راستىنلا ماڭا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى. مەن دەرھال كۆزلىرىمنى ئىلىپ قاچتىم. ئەزىمەت مېنى يەنە تانسىغا تارتىپ كەلدى. بۇ قېتىم ئۇ تانسىنى ئويناپ بولۇپ، دەيدىغان گېپى بولغاچقا سىرتقا چىقىشىمنى ئىيتتى. مەن گەرىچە سىرتقا چىققىم بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. سىرت بەكلا سۇغۇق ئىدى.  
      _ئۇياققا قاراڭ، ئۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى، ھىسابتا بىز بىر يۇرۇتلۇق. سىزگە دەيدىغان گىپى باركەن. ئاڭلاپ بىقىڭ.
      ئەزىمەت گېپىنى تۇگۇتۇپلا كىرىپ كەتتى. ئۇ ھېلىقى ماڭا تىكىلىپ قالغان بالا ئىدى. مەن سەل قورۇنۇپ، باشقىلار كۇرۇپ قالارمۇ دېگەن ئەندىشە بىلەن تۆت ئەتراپىمغا قاراپ ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتتۇم. مەن پەرەز قىلغاندەك ئۇ ماڭا تەلەپ قويۋاتاتتى. مەن گەرىچە چىرايلىق بىر قىز بولساممۇ تولۇق ئوتۇرا مەكتەپتە سىنىپ باشلىقى بولۇپ ئوقۇغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر ئوغۇللار ئەزەلدىن ماڭا قالايمىقان گەپلەرنى قىلىپ باقمىغان ئىدى. يىگىتلەرنىڭ تەلەپ قويىشىنى تۇنجى قىتىم ئاڭلىشىم ئىدى.  شۇڭا خۇددى بىرسى تۇتىۋالىدىغاندەك جىددىيلىشىپ، يۈگۈرگەن پىتى ئاشخانىغا كىرىپ كەتتىم. شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ بالا كۈن ئاتلاپ دېگۈدەك بىزنىڭ مەكتەپتىلا ئىدى. سانىيە ماڭا يالۋۇرۇپ مېنى ئىلىپ چىقىشقا تىرىشاتتى.
     2- مەۋسۇملۈك ئوقۇشىمىز باشلىنىپ كەتتى. ھېلىغىچە قولاق ئاغرىقىم تۇگىمىگەن ئىدى. بۇ ئىشقا سانىيەنىڭ ئارلاشقىنى ئاز كىلىپ، ئەمدى ئەزىمەت ئوتۇرغا چىققان ئىدى. توۋا ئادەم دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن. تۇرۇپلا مەنمۇ باشقىلار بىلەن مۇھاببەتلىشىپ باقمايمۇ دېگەن ئوي كالامغا كىلۋىلىپ، ئۇ بالىنىڭ تەلىۋىگە ئاخىرى قوشۇلدۇم. شۇنداق قىلىپ مەن رىشات بىلەن يۇرۇپ قالدىم. بىراق ئاي ئۆتمايلا رىشاتقا ماقۇل دېگىنىمدىن پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم. نېمىشقىكىن ئۇ مېنى قانچە ئىزدەپ  كەلگەنچە مەن ئۇنىڭدىن شۇنچە قاچاتتىم. بىزارلىق ھېس قىلاتتىم.
     _دىلبەر ئاتلىق قىز مۇشۇ ياتاقتىما؟_دەپ سورىدى بىر ناتۇنۇش قىز.
     _بار، مەن شۇ.
     _سىزنى سىرتتا بىر بالا چاقىرىدۇ.
     مەن چوقۇم رىشات كەلدى دەپ ئويلىدىم. شۇڭا ياتاقداشلىرىمغا بىرەرسىڭلار چىقىپ، مېنى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە كەتتى دەپ قويساڭلار دەپ ئۆتۇندۇم. بىراق ھىچكىم مېنىڭ بۇ ئىلتىماسىمغا قوشۇلمىدى. ئاخىرى ئۆزۇم چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. رىشاتنىڭ يېنىغا بىرىپ نېمە گەپ بولسا تېزراق ئىيتىشىنى دېدىم. ئۇ بىردەملىك بولسىمۇ ئايلىنىپ كىلىشنى ئىيتتى. بۈگۈن قىرىشقاندەك ئۇن بەش كۈنلۇك تۇلۇن ئاي شۇنچىلىك تولۇق چىقانكى، ئەتراپنى خۇددى كۈندۇزدەك يۇرىتىۋەتكەن ئىدى. يولدا كىتىۋاتقانلار ماڭا بەكرەك قاراپ قويسىلا، يۇزۇمنى يۇشۇرۇشقا تىرىشاتتىم. رىشات تېز ماڭسا مەن ئاستا ماڭاتتىم. ئۇ  مېنى ساقلىسا مەن تېز مىڭىپ ئالدىغا ئۆتۇپ كىتەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن پەقەر بىللە مىڭىشقا رايىم يوق ئىدى. بىز شۇ يۇسۇندا مىڭىپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارقىغا كېلىپ تۇختۇدۇق.
       _دىلبەر، بۈگۈن قانداق كۈن بىلەمسىز؟_دەپ سورىدى ئۇ. مەن جاۋاپ بىرىشنى خالىمىدىم. ئۇنىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالدى.
       _بۈگۈن بىر يۇرۋاتقىلى ساق بىر ئاي بولغان كۈن. شۇڭا بۈگۈن بىرەر ۋاق تاماقنى بىرگە يەمىز دەپ كەلگەن. بىراق سىز قوشۇلماي قويدىڭىز. سىز مەندىن سەل قىچىپ يۇرۋاتىسىز، بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
      مەن ھىچنېمە دىمىدىم. بىز يىرىم سائەت ئۇپچۇرىسىدە مۇنداقلا پاراڭلىشىپ قايتتۇق. مەن ئۇنىڭدىن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى بۇ مەن ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىدى، خالاس. شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم ئىزدەپ كەلسە زادىلا كۆرۈشكىلى چىقمىدىم. ئوتۇرغا مەيلى كىمنىلا قويسۇن مەن ئۇنى زادىلا ياقتۇرمىغانلىقىمنى ئىنىق ئىيتتىم. ئۇمۇ مېنى ئىزدەشتىن زادىلا باش تارتمىدى. شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئۈچىنجى يىلىغىنى تاماملاپ يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندىم.
      گىياھسىز ئۇزاق يوللار ماڭا تولۇمۇ زىرىشلىك تۇيۇلدى. قىرىشقاندەك يېنىمغا بىر يىگىت جايلاشقان ئىدى. كۆزۇمنى يۇمۇپ باقتىم، نەدىكى ئۇيقۇ بولسۇن.
      _ھەي بالىلار، دۈم-دۈم ئويناپ ماڭىلىچۇ، ھەجەپ زىرىكىشلىك بولۇپ كەتتى بۇ سەپەر.
       قىزنىڭ بۇ مۇراجىتى بىلەن ئاپتۇبۇس ئىچى بىردىنلا جانلاندى. بىز قى-چۇ بىلەن ئىككى سائەتتەك دۈم-دۈم ئويناپ ھاردۇق.
      _ئىسمىڭىز نېمە؟ _دېدى يېنىمدىكى يىگىت.
      _دىلبەر، سىزچۇ؟
     _سەردار.
     _قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسى؟
     _مالىيە ئىنىستۇتىدا.
     مەن يېنىمدىكى يىگىت بىلەن ئۇ يەر، بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ، ئۇ يىگىتنىڭ ناھايە بازىرىدىن ئىكەنلىكى بىلىپ ھەيران بولدۇم. چۈنكى مەن بىر بازاردا تۇرۇپمۇ، بىر تولۇق ئوتۇرادا ئوقۇپمۇ بۇ يىگىتنى ئەزەلدىن كۆرمىگەن ئىدىم. بىزنىڭ پارىڭىمىز بارا-بارا قىزىپ كەتتى. چۈنكى بىزدە خېلى كۆپ پىكىر ئورتاقلىقى بار ئىدى. بىز يول بويى ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ ئاخىرى يۇرتىمىزغا يىتىپ كەلدۇق. سەردار يۇك-تاقامنى كۆتۇرۇپ ئۆيۇمگىچە ئەكىلىپ قويدى. مەن بازارغا چىقساملا ئۇ خۇددى مېنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۇچۇرشۇپ قالاتتۇق. تەتىلدىن يېنىپ مەكتەپكە قايتىشتا ئاپتۇبۇسقا چىقىپ سەردارنى كۆرۇپ يەنە ھەتران بولدۇم. ھەر ئىككىلىمىز بىر بىرىمىزگە قاراپ كۇلۇپ كەتتۇق. ئۇ يىنىمدىكى كىشى بىلەن ئالمىشىپ مەن بىلەن بىرگە ئولتۇردى. ھازىر ئويلىسام ئاللا شۇ چاغدىلا سەردارنىڭ ئوتنى مېنىڭ قەلبىمگە سالغان ئىكەن. بىز شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۆز-ئارا ئىزدىشىپ تۇردۇق. ھەر قىتىم ئۇچراشقاندا ھەر ئىككىلىمىز چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىلەتتۇق. بىز تولۇمۇ يېقىن دۇستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق. ياتاقتىكى سانىيەدىن باشقا قىزلار  مېنى ئۇنىڭ بىلەن يۇرۋاتىدۇ دەپ بىزگە تولۇمۇ مەسلىكى كىلەتتى. بىراق ئۇ ماڭا تەلەپ قويمىسا بىز قانداقمۇ يۇرگەن ھىسابلىنىمىز.
    《8-مارت》 خانىم-قىزلار بايرىمى يىتىپ كىلىپ مەن بىر نەچچە دۇستۇمنى ئىلىپ سەردارنىڭ دۇستلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقتۇق. بىز رەسىمگە چۈشتۇق. باغچىلارغا باردۇق. بىرگە تاماق يىدۇق. قۇياش تاغ كەينىگە ئۆتكەندە ناھايىتى ھارغىن ھالەتتە ياتاققا كەلدۇق. مەن شۇنچىلىك  ھارغان بولساممۇ لىكىن بەكلا خۇشال ئىدىم. ئىشىك چىكىلىپ مېنى سىرتتا بىرەيلەننىڭ چاقىرۋاتقانلىقى ئاڭلاپلا يۈرەكلىرىم ئىختىيارسىز يىنىك سىلىپ كەتتى. مەن ئۆزەمنى تۇزەشتۇرۇپ سىرتقا چىقتىم. سەردار مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ قولىدا قىزىل قەغەزدە ئوراقلىق بىر بولاق تۇراتتى.
      _ئاددىي بولسىمۇ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،_دېدى سەردار بولاقنى سۇنۇپ. مەن تۈزۈت قىلىشنى ئويلاپ تۇرىشىمغا بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللار كىلىپ قالدى. مەن دەرھال بولاقنى ئالدىم-دە، سەردارغا رەھمەت دىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ ياتاققا ئۇچقاندەك كىرىپ كەتتىم. مەن بولاقنى ھاياجان بىلەن ئاچتىم. قوللىرىممۇ سۇس تىترەيتتى. بولاقتىكى بىر دانە ياقۇت كۆزلۇك ئۇزۇك ۋە بىر دانە ئالبۇم ئىدى. مەن ئۇزۇكنى بارماقلىرىمغا سالدىم.  قوللىرىمغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتىم. ئاندىن ئالبۇمنى ئاچتىم. ئالبۇمنىڭ بىرنجى بىتىگە 《سۈيۈملۈك دىلبەر، بىز ھايات مۇساپىمىزنى بىر ئۆمۇر  بىرگە بىسىپ، ئەتراپنى مۇھاببەت گۈللىرىنىڭ خۇش پۇراق ھىدلىرىغا توشقىزايلى》 دېگەن خەت ھۆسنىخەت شەكلىدە تولۇمۇ كۆركەم يېزىلغان ئىدى. مەن چەكسىز ھاياجانغا چۈمۈلدۇم. پۇتۇن ۋۇجۇدۇمنى تاتلىق بىر سىزىم ئەسىر قىلدى. يۈرەكلىرىم تىپىچەكلەيتى. يۈزلىرىم ئوي بولۇپ يانغان ئىدى.
  دىمەك، بىز ھەقىقەتەن مۇھاببەتلىشىۋاتقان ئىدۇق. بىز باشقىلاردەك ئوغۇللار تەلەپ قويۇش، قىزلار قوشۇلۇش باسقۇچىنى بىسىپ ئۆتمەي، ئەكسىچە شۇنچىلى تەبىئىي مۇھاببەت قاينىمىغا چۈمگەن ئىدۇق. ئۇ مېنى تولىمۇ قەدىرلەيتتى، دائىم كۈتكەن يىرىمدىن چىقاتتى. سەردار مەندىن بىر يىل بۇرۇن ئوقۇش پۇتۇرۇپ يۇرتىمىزغا كىتىپ قالدى. مەن ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم چەكسىز شىرىن يۈرەك سۆزلىرى بىلەن تولغان مۇھاببەت مەكتۇپلىرىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، يىنىش-يىنىشلاپ ئوقۇپ چىقاتتىم. مەن ئۇنىڭسىز كۈنلەرنى بارماق بىلەن ساناپ دىگۇدەك ئۆتكۇزۇپ ئاخىرى ئوقۇشىمنى تۇگىتىپ، يۇرتقا قايتتىم. بىز يەنە جەم بولدۇق. ھەر ئىككىمىز ئىشلىرىمىزنى ئۆيدىكىلەرگە دىدۇق. ئۇلار قارشى چىقمىدى. سەردار دادام بولمىغاچقا بىزنىڭ ئۆيگە پات-پات كىلىپ ئېغىر-يىنىك ئىشلارنى قىلىپ بىرىپ كىتەتتى. ئاپام بۇنىڭدىن تولۇمۇ خۇشال ئىدى.
      بىز تۆت يىل مۇھاببەتلەشتۇق. بىزنىڭ مۇھاببىتىم شۇنچىلىك قەدىرلەشكە ئەرزىيتتى. بىر-بىرىمىزنى تولۇمۇ ھۆرمەت قىلىشاتتۇق. كوچىدا بىر-بىرىمىز بىلەن ھە دىسە كوچا-كويلاردا سۆرىشىپ يۇرمەيتتۇق. كۆرۇشكىمىز كەلسە، بىرەر سائەت بىرگە تاماق يەپ، پاراڭلىشىپ قايتاتتۇق. مەن ئوقۇش پۇتۇرۇپ ئىككىنجى يىلى سەردار بىلەن توي قىلىپ بەختلىك كىچىك ئائىلەمنى قوردۇم.
      خىياللىرىم شۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزەمنى پەقەت تۇتۋالالمىدىم. ناۋادا بالىلىق بولالىغان بولساملا جەزمەن بەختلىك بولىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. ئەپسۇس، تەقدىرىم شۇنچىلىك ئوخشايدۇ. بىر كېچە يىغا بىلەن ئۆتتى. سەھەردە كۆز جىيەكلىرىم قىزارغان ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. سەردار بىلەن ئەتىگەندىلا خەلق ئىشلار ئىدارىسىغا باردۇق. ئۇ يەردىكىلەر قولىمىزغا ئاجىرشىش گۇۋاھنامىسىنى تۇتقۇزغاندا ئۆزەمنى يۇقۇتۇپلا قويغان ئىدىم. بىز ئىدارە قورۇسىدىن چىقتۇق، مەن كۆڭلۈمدە سەردارنىڭ مېڭا دەيدىغان گېپى بار دەپ ئويلىدىم. بىراق ئۇ ئالىقاچان ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي كىتىپ قالغان ئىدى.  كىينچە ئويلىسام ئەسلى مەن ئۆزەم سەردارغا ئىككى ئېغىز بەخت تىلەشنى ئويلىغان ئىكەنمەن
.


4. قىزىم يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچتى



       سەردار بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن مەن پۇتۇم ۋۇجۇدۇم بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتىم. باشقىلار ئۇنى-بۇنى سايە قىلغان بولسىمۇ ئەمما مېنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشقا زادىلا رايىم يوق ئىدى. سەردار بىلەن ئاجىرشىپ بىر يىلدىن كېيىن سەردار باشقا بىرى بىلەن توي قىلدى. مەن كۆڭلۈمدە بەخت تىلىگەن بولساممۇ ئەمما ناھايىتى ئازاپلاندىم. شۇ جەرياندا خىزمىتىمدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. بۆلۇم مۇدىرىمىز ئايشەم ھەدەم ئارامغا چىققان ئىدى. ئۇ ئارامغا چىقىش ئالدىدا ئورنىغا مېنى تەۋىسىيە قىلغان ئىدى. باشقا خىزمەتداشلىرىم ۋە ئىدارە رەھپەرلىرى مېنىڭ كەسپى ئىقتىدارىمغا قايىل بولغاچقا مەن ئايشەم ھەدەمنىڭ ئورنىغا بۆلۇم مۇدىرى بولۇپ ئۆستۇم. مانا ئەمدى ھېلىقىدەك ئالدىراش خىزمەتلىرىم يوق بولدى. كۈن بويى ئىشخانىدا باشقىلارغا ئىش ئورونلاشتۇرۇش، باشقىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ خۇلاسىسىنى چىقىرىشتىن باشقا ئىش بولمىغاچقا كۈن بويى بىكارچىلىقتىن ئىشىم پۇشاتتى. قىرىشقاندەك سەردار دائىم ھامىلدار ئايالى بىلەن ئۇچراپ ئىچىمنى ئاچچىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك بۇ قىلىقلىرى ماڭا ياقمىسىمۇ ئەمما كۆڭلۈمدە سەردار ئەمدى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىك بىقىپ يۈرەلەيدىغان بولدى دەپ ئويلايتتىم. چۈنكى سەردارنىڭ مەن بىلەن ئامالسىز ئاجراشقىنى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى.
       2007- يىلى باھار ئايلىرىئىدى. بۆلىمىمىزدىكى ئوماق خىزمەتدىشىم زۇھرە ماڭىمۇ QQ ئىلىپ بەردى. مەنمۇ ئاندا-ساندا QQ دا ساۋاقداشلىرىم بىلەن سۆزلىشىپ ئەھۋاللىشىپ تۇرىدىغان بولدۇم.
        بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن بىكارچىلىقتا QQ نى ئاچتىم. مېنى  《تۇپراق》 نامىدىكى بىرەيلەن ئىلتىماس قىلدى. مەن قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى. بىز قىسقا سالاملاشتۇق. ئۇ ئۆزىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى. مەن تەغدىرنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تولىمۇ ھەيران بولدۇم، ئۇ رىشات ئىدى. مەن يەنە جىددىي ئىشىم بارلىقىنى باھانە قىلىپ QQ نى ئۆچۇرۋەتتىم. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن QQ نى ئاچتىم. ئۇ سۆز قالدۇرغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ مېنى كۆپ كۈتكەنلىكىنى، ئاخىرى ئۆمىتسىزلىنىپ بىر خىزمەتدىشى بىلەن توي قىلغانلىقىنى، ئۇ قىز بىلەن كۆكۈللۈك ياشىغانلىقىنى، لىكىن توي قىلىپ ئىككىنجى يىلى دادا-بالىنى بۇ ئالەمگە يالغۇز تاشلاپ كېيىپ قالغانلىقىنى، شۇندىن بىرى يالغۇز ياشاپ كىلۋاتقانلىقىنى، مېنىڭ تۇرمۇش ئىشىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قايتىدىن ئۆمىدكە تولغانلىقىنى يازغان ئىدى. تۇرۇپلا رىشاتقا شۇنچىلىك ئىچىم ئاغىردى، رىشاتتىنمۇ بەك ئانىسىز قالغان بىچارە بالىسىغا بەكرەك ئىچىم ئاغىردى. مەن رىشات بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ تۇردۇم. ۋاقىت ئۆتكەنچە  تۇرمۇشۇمدىكى غىرىپلىق ئاستا-ئاستا يۇقاشقا باشلىدى. ئۇ سانىيە بىلەن بىرگە ناھايىمىزگە كەلدى. ئۇ بۇرۇنقىدەك ئېغىر-بىسىق، كەم سۆز ئىدى. ئازراق سەمىرىپ قالغان بولۇپ،  سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىز ئەنە شۇنداق بىرىش-كىلىش قىلىپ تۇردۇق. گەرىچە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ كەتمىسەممۇ ئەمما بىز چىقىشىپ قالغان ئىدۇق. تەغدىرىم مېنى چۆگىلىتىپ يەنە رىشاتقا تۇتقۇزغان ئىدى.
      مەن رىشات بىلەن توي قىلدىم. ئاپام ئۇنىڭ يۇرتىغا بىرىشنى خالىمىغاچقا، مەن ئاپامنى تاشلاپ كىتەلمەي يەنە ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىدا تۇرۇپ قالدىم. رىشاتنىڭ ئوماق ئوغلى تۇرمۇشۇمغا ئۆزگىچە مەزمۇن قوشقان ئىدى. بىز ئامراق ئانا-بالا بولۇپ قالغان ئىدۇق. رىشات ھەر شەنبە، يەكشەنبىلىك دەم ئىلىشتا ئۆيگە قايتىشنى زادىلا ئۇنۇتمايتتى. ئۇ ئۆزىمۇ يىتىمچىلىك ئىچىدە چوڭ بولغاچقا ئۆي ئىشلىرىغا بەكمۇ ماھىر ئىدى. بىز ئىناق-ئىجىل ئۆتىۋاتاتتۇق.
      رىشات كەلگەن بىر كۈنى بېشىم قىيىپ مىجەزىم بولمىسىمۇ رىشاتنىڭ قارىشىپ بىرەي دېگىنىگە قارىماي ئۆز قولۇم بىلەن لەغمەن ئەتتىم. چۈنكى بۈ كۈنى مېنىڭ تۇساتتىن ئۆز قولۇم بىلەن ئەتكەن لەغمەننى شۇنچىلىك يىگىم كەلگەن ئىدى. مەن ئاشنى يىرىم يەپلا كۆڭلۇم ئاينىپ، ھۆ قىلىپ كەتتىم. رىشات مېنىڭ ھالىمنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى.
      _چوقۇم بويىڭىزدا بار دىلبەر،_دېدى ئۇ ھاياجان بىلەن. ئەمما مەن ئىشەنمىدىم. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلار مېنىڭ ئىسىمدىن تامامەن كۆتۇرلۇپ كەتمىگەن ئىدى. بىز شۇ كۈنىلا دۇختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرتتۇق.
      _مۇبارەك بولسۇن، سىز ھامىلدار ئىكەنسىز. بۈنىڭدىن كېيىن دەم ئىلىشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىڭ، يىگىڭىز كەلگەن نەرسىنى سىڭمىسىمۇ زورلاپ يەڭ، ھامىلدار مەزگىلىدىكى دەسلەپكى ئۈچ ئىيىدا بەك دىققەت قىلىڭلار،_دېدى دوختۇر. مەن قولاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. چۈشۈممۇ نېمە دەپ ئۆز-ئۆزەمنى چىمدىپ باقتىم. بۇ چۈشۈم ئەمەس ئىدى. مەن راستتىنلا ھامىلدار بولغان ئىدىم. سىزىك مەزگىلىم باشلىنىپ بەكمۇ قىينالدىم، ئەمما مەن بۇ قىينىلىشنى ھۇزۇر ھىسابلايتتىم.
       ھەممە مېۋە-چىۋىلەر تازا مەي باغلاپ پىشقان كۈز مەزگىلىدە ئوماق قىزىم دىلناز يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچتى. مەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال ئىدىم. شەپقەتلىك ئاللا ماڭا ئەڭ زور بەختنى ئاتا قىلغان ئىدى.



ئەسكەرتىش: 1. رەسىمنى تاتلىقىم كىرىشتۇردى.
 رۇخسىتىمسىز ئەسىرىمنى باشقا مۇنبەرگە يۆتكىمەڭ.


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
زامانى + 200 ئېسىل تىما    بولسا
hokumran + 300 ياخشى ئەسەر
Dilnaz + 100
musilina + 200 نادىر تېما
kapsizkiz + 200 بەك ياخشى يېزىپسىز تاتلىق ،
suzuk-ay + 200 نادىر تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1200   باھا خاتىرىسى

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

غەيرەت &nbs

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 115641
تۆھپە نۇمۇرى: 664
توردا: 2559 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 06:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ھەدە!
تېمىڭىزنى مانا ئوقۇپ تۈگەتتىم. ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ. تىل ئىشلىتىش شۇنداق جايىدا،ئامىباپ...
كونىلاردا"بالىلىق ئۆي بازار،بالىسىز ئۆي مازار " دېگەندەك بالىسىز ئۆي ھەقىقەتەنمۇ بىر زەرەتكارلىققا ئوخشايدۇ. ئەمما جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئانىلار يەنى بالىسىنى تۇغمايلا ،ئاللاھ بەرگەن تىرىك جاننى چۈشۈرۋېتىشىمۇ زادىلا ئەقلىمگە سىغمايدۇ ،دېسە...

كۈلۈپ ياشاڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21148
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3008
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2011-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 07:32:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن  [s:166]  [s:154]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27719
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2349
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-1-25
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 07:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ، ئاياللارنىڭ تۇغۇشى ئەزەلدىن باربولغان تەبىئى قانۇنىيەت. خۇددى قوزاگوشى پايدىلىق، بۇدورىنى ئىچسە بۆرەككە پايدىلىق دىگەندەك لاۋزا گەپلەركەن بۇ. ئاللا ھەركىشىنىڭ نىيەت ئىقبالىغا يارىشا رىسىق ۋە تۇرمۇشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

قانغا چىلانغان موما

ھاياتتىن گۈزەلل

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3276
يازما سانى: 972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13680
تۆھپە نۇمۇرى: 521
توردا: 4791 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 08:00:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈغمىغان ئايال تىرىك تۇرۇپ نەچچە ئۆلىدۇ،بالىسىزلارغا  بىلىپ بىلمەي چاقچاق قىلىپ  قانچىلىغان ئائىلىلەرنىڭ  بۇزۇلشىغا سەۋەپچى بۇلىۋاتقىنىمىزنى ئاللا بىلىدۇ

سىرلىقلىقىڭىزنى

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 1854
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 41957
تۆھپە نۇمۇرى: 3084
توردا: 6338 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 08:01:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىزنى كۆز ياش ئىچىدە ئۇقۇپ تۇگەتتىم جانىم ....بۇ ھىكايىدىكى ۋەقەلىكلەر ئەمەلى تۇرمۇشتىن ئېلىنىپتۇ شۇڭا مۇشۇنداق  كىشىنىڭ يۇرەك تارىنى چىكىپ كۆزدىن ياش ئاققۇزالايدۇ ....بۇ تىمىڭىز چۇقۇم نادىرلىنىدۇغۇ دەيمەن ...سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

كۆڭۈلچەككە ئالدامچى ئامراق كىلىدۇ. گۈلنىڭ ئومرى قىسقا كىلىدۇ ،چۇنكى ھەممىغا يارىغاچ، تىكەننىڭ ئورى ئۇزۇن بۇلىدۇ ،چۇنكى ھەممىگە سانچىلغاچ.....

ئايال بولدۇم .ھە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2096
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8405
تۆھپە نۇمۇرى: 273
توردا: 3056 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 08:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى كۆرۈپ خۇددى مېنىڭ تۇرمۇشۇم يېزىلغاندەك ھىسسىياتقا كېلىپ قالدىم . ئاللا ماڭىمۇ بىر پەرزەنت ئاتا قىلسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى .....

بىر مىسال باردۇر ئىشەنگەن تاغ ئارا ياتماس كىيىك، دوستلۇرۇم مەندىن زېرىكتى ، دۈشمەنلىرىم سەن ھەم زېرىك!....

بىر مىللەتتە ساپ

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 17942
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 5178 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 08:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  sarwinaz كە 2011-01-30 08:20 PMئەۋەتىلدى  :
بۇنى كۆرۈپ خۇددى مېنىڭ تۇرمۇشۇم يېزىلغاندەك ھىسسىياتقا كېلىپ قالدىم . ئاللا ماڭىمۇ بىر پەرزەنت ئاتا قىلسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى .....

سەۋىر قىلىڭ سىڭلىم، ئۇلۇغ ئاللا ھەممىگە قادىردۇر.

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.
ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 09:00:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (sarwinaz) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22515
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3497
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 1230 سائەت
تىزىم: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2011-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 09:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىڭىز بەك تەسىرلىككەن ئاللا ماڭىمۇ پەرزەنت ئاتا قىلغاي لىكىن يولدىشىمدڭن ئايرىلىپ قىلىشنى خالىمايمەن. [s:166]  [s:166]  [s:162]  [s:154]  [s:160]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش