مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3863|ئىنكاس: 69

ئۈرۈمچىدىكى تورداشلار يىغىلىشىغا < شئېىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239309
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12474 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:17:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز تورداشلار مانا ئۈرۈمچىدىكى تورداشلار يىغىلىشىنى تۈگۈتۈپ ساق - سالامەت يۇرتۇمغا قايتىپ كىلىۋالدىم ، ئۈرۈمچىدىكى تەسىراتنى تورداشلار يېزىپ بوپتۇ ، مەن ئەمدى ئاشۇ تورداشلارنىڭ رىئاللىقتىكى ئوبرازىنى مۇبالىغە قىلغان ئاساستا شئىرى چاقچاق يېزى قويدۇم ، تورداشلارنىڭ خاپا بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،بۇنداق سورۇندا كۈلكە كەم بولسا بولمايدۇ دەپ قارايمەن .


ئۇيغۇرۇم 007غا

كىيىۋېلىپ < مۇنتۇجى > ئېچىپ قۇيۇپ مەيدىنى ،
ئاقسالىقنىڭ دەردىدىن، تىتىرەپ يۈرەر لاغىلداپ .
گەپ سۆزلىرى مۇلايىم ، بويى بولغاچ بەك پاكار  ،
يول ماڭاركەن لادادەك ، ئىتىك ئىتتىك غارىلداپ .

زامانىغا

دورا پۇرۇش داموللام دەپ ئاڭلىغان مەن سېنى ،
سۇراپ باقاي مەن سەندىن چىرايىڭدا رەڭ قېنى ؟
چىم - چىم يۇلتۇز يۈزۈڭنى ، شاياتۇنلار كۆرسە گەر ،
ئۆلمەي تۇرۇپ موردىدەك چىقىپ كىتەر جان جېنى .

ئىرپانغا

مەنلام سىمىز دەپ يۈرسەم ، بەك سىمىزكەن ئىرپانكام ،
پۈتۈن بەدىنى كىلەڭسىز  خۇددى، سوققان يوغان تام .
ئۆتۈپ كۈن-  ئاي ۋە يىللار ، ماي قاپلىسا گۆشىنى ،
كىچىك قۇلقى تۈگۈلۈپ ، بۇلۇپ قالارمۇ سىزىم كام .

ھېسلىرىمغا ،

بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ ، كىرىپ قاپتۇ ئەر سىياق ،
چىرايىدا قانمۇ يوق ، بۇرنى ئىگىز ھەم پاناق .
ئەنسىرەيمەن بىر كۈنى ، قىلسا تويغا ئۇ تۇتۇش ،
بوزەك ئىتىپ ئايالى ، يەپ يۈرەرمۇ مۇش تاياق .

ئۆزتۈرۈككە

ئۈرۈمچىگە قەدەمنى، ئالسام تۇنجى قېتىملام ،
يۈگۈرۈپ كەلدى ئۆزتۈرۈك بىرىپ ماڭا شوخ سالام ،
ئاشخانىغا باشلاپ ئۇ ، مىھمان قىلاي دەپ قۇيۇپ ،
بۇيرۇپ تېخى راڭپىزا ،دىدى خوشە ئىش تامام .

زۇلپىقارغا

بىزنىڭ باشلىق زۇلپىقار ،ئۆزى كىچىك ،بەك شوخكەن ،
يولدىن ئۆتسە گەر قىزلار دەپ كىتەركەن بەك ئۇزكەن .
لال قىلغاچقا كۆزىنى ، شۇنچە گۈزەل ئۈز قىزلار ،
يەپ تۇرۇپمۇ ھەسەلنى ، بەكمۇ ئاچچىق تۇز دەركەن .

قەھۋەگە

يۈگۈرۈپ كىلىپ يىراقتىن ، بىلەت ئۈچۈن قەھۋە قىز ،
سالام بەرمەي بىلەتنى ، ئېلىپ كەتتى شۇنچە تېز .
بەلكىم ئەقىلى- ھوشىنى ، چىرماپ كىتىپ بوجالار ،
كۆتۈرلۈپ بىز ئىسىدىن ،ئۇنتۇلغاندۇق ھەممىمىز .

چىرايىنى كۆرمىگەچ ، قاراپ قالدۇق كەينىدىن ،
بىرىمىز دىدۇق ئەدەپلىك بىرىمىز دىدۇق قارامتۇل ،
ھەر كالىدا ھەر خىيال ، بۇلۇپ تۇرغاچ رىتىمسىز .
چۈشەنمەيلا قەھۋەنى ، دىدۇق ھەممە ھازازۇل .

ناركوزغا

جۇدۇن سوققان دەرەختەك ،ناركوز ئىكەن بەك ئاۋاق ،
دىرىڭ - دىرىڭ چېچىغا چۈشمەيدىكەن ھەم تاغاق .
بويى بولغاچ بىر يېرىم ، تىك سىزىقتەك ،ئىنچىكە ،
لەرزان شامال چىقسىمۇ ، لىڭشىيدىكەن ھەممە ياق .

خورازغا ،

سۇ باسقاندەك كاتەكنى ، خوراز بىزدىن نېرى قاچتى ،
ھەيۋە قىلىپ سۈر قىلىپ ،قانات كىرىپ تۇپا چاچتى .
ئۇيۇن تۈگەپ قايتقاندا ، سويۇپ يەيدۇ مېنى دەپ ،
ھالال ئەمەس گۆشۈم دەپ ، پوق يىگىلى تېز چاپتى .

دىلنازۇكقا .

ئاڭلغانتىم دوسلاردىن، دىلنازۇكنى مۇماي دەپ ،
ئايرىلغاندا ھەممىمىز خوش دىمىدى ئەجەپ خەپ ،
ئاسقان يوغان سومكىڭىز ، تارتىپ كېتىپ ئالدىغا،
ئەنسىرىدىم بېسىمدا ، دۈم چۈشەرمۇ سىزنى دەپ .

مارىسقا

بۆرتالا ھەم ئۈرۈمچى ،تۇرپان ،قەشقەر  ،غۇلجىدىن ،
ئەجەپ تاتلىق يىغىلدۇق ،قېرىنداش ھەم، مۇنبەرداش ،
شۇنداق ئىسىل سورۇنغا ، يەرشارىنىڭ سىرتىدىن ،
تاشقى پىلانىت ئادىمى ، مارىس كەلدى ئالدىراش .

ئالىم ئەھەتكە

زىيادەننى ئىنىقراق ،كۆرۈش ئۈچۈن يىراقتىن ،
دىرىزىنىڭ كۆزىدەك،تاقىۋاپسىز كۆزئەينەك .
چۈشمەك بۇلۇپ رەسىمگە ، بوجالارنى قۇچاقلاپ ،
تېخى يەنە كىيىپسىز ، تۈگمىسى يوق ئاق كۆڭلەك .

مارجانغا ،

داخانلارنىڭ قولدىكى ،ساختا ، يالغان تەسۋىدەك ،
ماجان قىزنىڭ چىشلىرى ئىكەن ئەسلى ئىگىز -پەس .
چاندۇرماسقا ھەر قاچان ، سېلىپ يۈرگەچ يالغان چىش ،
ئالتۇن -كۆمۈش چۇقۇم دەپ ،قىلار ئىكەن بەزى قەس .

سەردار 668 غا

ئۇۋچىلارنىڭ قولدىكى بىرجۈپ ، قارام ئوقيادەك ،
سەردارنىڭ كۆزىنى توسىۋاپتۇ ، چاچ ھەم قاش .
گەدەنگىچە كىيۋېلىپ ، چوڭ پوسمىنى قاتۇرۇپ ،
دىققەت قىلىڭ بىر كۈنى ، سېسىمىسۇن ئاۋۇ باش .

ئاركاداشقا

ھەر يەرلەردىن مىھمانلار ، كەپتۇ ماڭا مىھمانغا ،
قىلىپ قالماي چىقىم دەپ قېچىپ كەتتى ئاركاداش .
چىقىپ جۈمە نامزىدىن ، ھالسىز كەلدى بىلەتكە ،
بىر كوي پۇلنى چىڭ تۇتۇپ ، ماشىنىغا بوپ ھاپاش .

قايتماسقا

تارتماق بۇلۇپ رەسىمگە ، تىزىپ قويۇپ بىزلەرنى ،
ئوغوللارنى كەينىگە ، ئالدىغا تىزىپ قىزلارنى .
بىزنى قاچىلاپ ئەپكىتىپ ، كىچىكىنە ئاپراتقا ،
ئالا تاغىل قىلىپسىز  ، بۇياپ قۇيۇپ كۆزلەرنى .

زۇمرەتتاشقا ،

مۇھەببەتلىك لىرىكا ، يازسا دەيتىم زۇمرەتنى ،
رىئاللىقتا - ھاياتتا ، چۇقۇپ تارىتتى كۈلپەتنى .
مانا تۇنجى ئۇچۇرشىش ، ھېسلىرىمنى نۆل قىلىپ ،
بەرمەك بولدۇم ئۇنىڭغا ، يالغان ئاشىق لەقەمنى .



ئىككى ناخشىچىغا

زىيادەگە

ناخشا ئېيتىپ سەھنىدە ، چۈپ قالسىمۇ پاشنىسى ،
چاندۇرماسقا تىرىشىپ ، ياڭراپ تۇردى ناخشىسى ،
بىزدىن چىققان كىچىكلەر ، مازاق قىلسا ، ساز قىلسا ،
ئۈرۈمچى دەپ ۋاقىراپ ، چۇۋۇلۇپ كەتتى ماڭقىسى .

جاھانگىرگە ،

ئانىسى ئۆلگەن تايچاقتەك ، سەكرەپ چىقىپ سەھنىگە ،
ناخشا توۋلاپ ئالا -  تاغىل ، سالام بەردى ھەممىگە ،
بۇ سورۇندا ئاجايىپ ، چاپان سېتىپ-  پۇل تېپىپ ،
تاپقان پۇلنى كىرا قىپ ، قايتىپ كەتتى ئۆيىگە .


ئەسكەرتىش ----- بۇ پەقەتلا چاقچاق تورداشلار ئەگەردە خاپا بولسا ماڭا ئۇچۇر قىلسا بۇلىدۇ ، نەق ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن ، بۇ پەقەت كۈلكە ئۈچۈنلا ، ئاشۇرۇپ يېزىلدى ، ھەرگىزمۇ باشقا مەقسەت يوق .

مەنبە------ تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان> ئۈرۈمچىدە يېزىلدى .


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
قەھۋە + 100 ئالامەت كەلتۈرۋېتىپسىز جۇمۇ،ئەمدى كۆرۈپت
musilina + 100 بەك جايىدا كەپتۇ بۇ چاخچاقلار
گۈل-چۈشى + 200 ئالامەت كەپتۇ، قايىللىقىم ھەم ھۆرمىتىم ئ
قىزغىن + 300 ھا ھا ھا
Zulpikar + 100 قالتىس !

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 800   باھا خاتىرىسى

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ                                 !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!     [s:63]

___________________
زىيادەنىڭ پاشنىسى كىرىپ قالدى ھە راست !
سەت كۈلىۋېتىپتىمەن شۇ چاغدا !
يەنە باشلانغاندا ئاتقان لۆڭگىچۇ تېخى.........

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26864
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5272
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇغان پوسما ئاۋۇ قىزغا بەكمۇ يارىشىپتۇ جۇمۇ  [s:132]

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4447
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84748
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9944 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىزىپتۇ. زادى بىزنىڭ مىللەتتىن باشقىسى بۇنداق سورۇنلارغا تازا لايىق ئەمەسمۇ قانداق؟ بۇدا ئېتوت كېچىلىكى بولسا مىنى چاقىراسىلەر!

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21052
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5877
تۆھپە نۇمۇرى: 327
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2011-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:30:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى تاڭنۇرنىڭ قۇشاقلىرى راسمۇ باللا ....كۈلۈپ ئۇچەيلىرىم ئۇزۇلۇپ كەتتى كىم قاتىدۇ ۇنى ئەمدى قۇشاققا......

ئىشەنىچ-ۋە مۇھەببەت   بىر گەۋدە

يالغۇزنىڭ يارى خۇدا

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8106
يازما سانى: 3824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19881
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 1450 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداقمۇ يىزىپ بۇلغانسىز .......... [s:127]
ما چاپلىننىڭ ئىنكاسىنىڭ قىزىقلىقىنى پۇسمىغا كۇزىڭىز چۇشتىمۇ ياكى قىزغىمۇ [s:180]

ھەيرانمەن ئىنساننىڭ نادانلىقىغا،
كۇلىمەن كۇڭۇلنىڭ ساراڭلىقىغا.
يىغلايمەن ئازاپنىڭ ئاچچىقلىقىغا،
قانمايمەن ھاياتنىڭ تاتلىقلىقىغا.

ئوماق قوزام....!!! T

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16072
يازما سانى: 1206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 575
توردا: 5462 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:33:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ كەپتۇ، قەلىمىڭىز بەك ئۆتكۈركەن. ئۆرۈمچىنى بەك سوغۇق دەپ ئاڭلىغانتىم، ئەمما رەسىمدىكىلەر راست نىپىزلام كىيىنىۋاپتىكەن، ئەسلىدە  مۇنداقكەندە............ [s:123]

تەمەيىم يوق ساخاۋەتتىن، ۋەتەن پەخرىم غورۇرىمدۇر، ئۇنىڭ قوينى ماڭا جەننەت، مۇقەددەس ۋەتەنگاھىمدۇر. zalimin zulumu varsa, sevennin allahi var! ! http://www.1000do.info/?227122.htm

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4447
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84748
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9944 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:36:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاڭنىۇغا

مازاق قىپسىز ھەممىنى <لىيۇ دۈمچەك> تەك تۈگۈلۈپ،
ئوقۇپ خېلى ياقتۇردۇق بولۇپ قاپتۇ كۈلكىلىك.
يەيدىغاننى يەۋەلىپ، كۆردىغاننى كۆرۋېلىپ،
بۆرتالاغا بېرۋېلىپ تىللىغىنىڭىز تۈلكىلىك.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24875
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6324
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:37:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت يېزىپ قويۇپسىز،جۇمۇ !!! ئوبدانلا كەپتۇ... [s:138]  [s:138]  [s:138]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9226
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 6846 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 12:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بەزىلەرنى خېلى ھەجىۋىلەشتۈرۈپسىز،سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەن سۆزلەرمۇ بار ئىكەن،«خورازنى پوق يىگىلى»دىگەندەك.لايىقىدا بولغىنى ياخشىتى.مۇبالىغىمۇ مۇبالىغىدەك بولسا باشقىچە تەسىر بىرەتتى.ئەمدى بۇ خوراز ھىچ يەرگە بارماس بولۇپ كىتەرمۇ؟

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش