مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1492|ئىنكاس: 15

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھقا ئاشىق ق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23338
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6098
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 05:40:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت
[پەلسەپىۋىي ئەسەر]
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىن

     بىز قەدىمكى يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى كەنجى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ, كۆپ قىرلىق, كەسكىن رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا, مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى بىلەن راۋاجلان غان مىللەتلەر قاتارىدا گۈللەپ راۋاجلىنىش قىممىتى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال (ئومۇملاشقان) ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان رىقابەت ئىقتىدارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ۋاھالەنكى, پۈتۈن ھاياتىي كۈچ ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىشىش, مۇجەسسەملىشىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان بۇنداق ئۇنىۋېرسال رىقابەت قىممىتى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن, ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن, ھەر بىر مەملىكەت ئۈچۈنمۇ ئاساسلىق ھايات ۋە قابىلىيەت دەرىجىسىدۇر. ئادەمنىڭ ھاياتىي كۈچى, ئىممونىتېت ھالىتى, مىزاج-خىلىتلىرى ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا مۇجەسسەملىشىپ, بەدىنىنى ئوراپ تۇرغان« نۇر چەمبىرىكى –«ئارا جىلۋىلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس, ھازىرقى ئائىلە-جەمىيەت-مىللەت ئەھۋالى, مەنىۋىي, ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى, ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتىي سۈپەت ئىقتىدارىنى, رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى – قىسقىسى, ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىغا مەركەزلىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى, يەر يۈزىدىكى نەچچە مىڭلىغان مىللەتنى, تارىختا نامى ئۆچكەن ياكى ھاياتىي ئىقتىدارىنى نامايەندە قىلغان مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئۆلچەيدىغان, ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە « پال » ئاچىدىغان بىرلا مىزان بار,  بولسىمۇ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدۇر.
ئېيتىش كېرەككى, ھەر بىر ئادەمنىڭ مەيلى ئۇ تۇغما قابىل ياكى ساھىبجامال بولسۇن, مەيلى ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن, مەيلى ئۇ ئىقتىساد ياكى ئىلىم-پەن, سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسۇن, ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى, شەخسىي ئىززىتى ۋە رىقابەت كۈچى, بەختى ۋە تەقدىر-قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ شەخسىي ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس, بەلكى ئۇ ھالقىپ-قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان ، تەۋە ئېتنىك تۈركۈمنىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مانا بۇ شەخس تەقدىرىنىڭ مىللەت ھالىتىگە بېقىنىش قانۇنىدۇر.
ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە-كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائي مىللەت» ۋە «سىياسىي مىللەت»تىن ئىبارەت.
«ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» دېگەندە, ئومۇمەن مىللەتشۇناسلىق شەرتلىرى بويىچە ئۆلچىگەندە, مىللەتلىك شەرتلىرى تولغان مىللەتنى نەزەردە تۇتىمىز. ئۇيغۇرلار ئۆز تىل-يېزىقى, تارىخى, فولكلور بايلىقى, مائارىپ سىستېمىسى, مۇقام-مەشرەپ خەزىنىسى, كىلاسسىك ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتى, توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم يوسۇنلىرى, مىللىي مەدەنىيەت ئىرسىيىتى بولغان تىپىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتلىكى سۆزسىز. ئۇلاردىكى كۆپلىگەن ئىپتىخارلىق خاسىيەتلەر بىلەن بىرقاتار ئىللەتلەر, دەل مۇشۇ مۇقامغا يەتكەنلىك, ئەمما ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىگەنلىك بىلەن توغرا تاناسىپتۇر. كۆپ ھاللاردا ئۇلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئار-نومۇسىغا چېتىلىدىغان نەرسىلەرگە كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت ئىپادىلىسمۇ, ئۇنى ئاقىلانە تەھلىل قىلىش, راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ. مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن ئۇلارنى بىر-بىرىگە ھەتتا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە قارشى سۆز-چۆچەككە سېلىش مۇمكىن. مانا بۇ گۇماندا بولۇپ, ئىشەنچتە بولماسلىق, غەزەبتە بولۇپ ئەقىلدە بولماسلىقتۇر.
«ئىجتىماىي مىللەت» دېگەنلىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى «تەبىىي مىللەت» دەپ قاراشقا سېلىشتۇرما قىلىنغان. ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۆزىنىڭ بىر بالداق ئۈستۈنلۈكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن مىللەتتۇر. ئەگەر بىز ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى ئومۇمىي تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي ھەمدەملىككە ئېرىشمىگەن مىللەت دەپ قارىساق, ئىجتىمائىي مىللەتنى بۇنداق ئاڭ, بۇنداق ھەمدەملىككە ئېرىشكەن مىللەت دېيىشىمىز مۇمكىن. ئىجتىماىي مىللەتنى ئېتنولوگيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى, كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى, ئاڭلىق ئەن ئەنىۋىي مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۈچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە, ئىجتىمائي مىللەتنىڭمۇ بىر قاتار خۇنۈكلۈكلىرى, زەىپلىكلىرى بولسىمۇ, ئەمما ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئاللىقانداق ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇلار بىكارتەلەپ لايغەزەللىك, تەلۋىلەرچە ھەشىمەتخورلۇق, مىللەتنىڭ ھەمدەملىكىدىن ئېشىپ چۈشكەن يۇرتۋازلىق, ئۆز مەنپەىتى ياكى گۇرۇھ مەنپەىتى ئۈچۈن مىللەت گەۋدىسىنى پېتىقلاپ دەپسەندە قىلىشتىن خېلىلا چەتلەشكەن. بىر ياقىدىن باش, بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا خەيرخاھلىق-تىلەكداشلىق قىلىش ئۇلارنىڭ دائمىي ئالامىتى.
«سىياسىي مىللەت» دېگەن ئىبارە مىللەتلەرنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى, «ئىجتىماىي مىللەت» كاتېگورىيىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ, ئادەتتىكى سىياسىي سەلتەنەت مەنىسىگە قارىتىمىغان. «سىياسىي مىللەت» ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى مىللىي-ئەنەنىۋىي مەدەنىيەت, مىللىي ئاڭ ۋە بىرلىك ھەمدەملىككە, رىقابەت ۋە ئىجادىيەت ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بىرقاتار ئۆزگىچە ئالامەتلىرى بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ.
ئۇلار يالغۇز پەن-تېخنىكا, تاۋار ۋە سودىدا دۇنياۋىي تەسىر قوزغاپ قالماستىن, شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇشنى تەشكىللەش, تۇرمۇش مەدەنىيىتى جەھەتتىنمۇ باشقا خەلقلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان.
ئۇلار ئۆز مىللىي تۈركۈمىنى ئەۋزەللىك بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ قالماستىن, يەنە ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىغان. ئۆز مىللىتىنىڭ ئىجتىماىي مىللەت, «تەبىىي مىللەت» چاغلىرىدىكى غەيرىي ئىنسانپەرۋەر, غەيرىي مەدەنىي ئىللەتلىرىنى ئاشكارا, سىستېمىلىق تەنقىد-مەسخىرە قىلىشقا تۇتۇن غان. بۇ ھەقتە ئەسەرلەر نەشر قىلغان, كىنو-فىلىملەر ئىشلىگەن;
ئۇلار نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىدا, ئىنسانىيەت تارىخىنى كەلگۈسى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىزدىنىشىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. توپلىشىپ ياشايدىغان ياپونلار بىلەن تارقىلىپ ياشاش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارغا نەزەر سالساقلا كۇپايە. ياپونلار كىچىككىنە ئۈنۈمسىز, تاغلىق ئارالنى ماكان قىلغان, مەدەنىيەت تارىخىغا خېلىلا كېيىن قەدەم قويغان مىللەت. ئۇلاردىكى ياشاش رىقابەت كۈچى, تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكىگە شۇ قەدەر زىچ مەركەزلەشكەنكى, ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى, ھەر بىر سۆزى, ھەر بىر ھەرىكىتىگە مىللىي نومۇس-ئىپتىخارىنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇلار خەلق ئىگىلىكى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈمدارلىق مۇمكىنلىكى ئۈستىگە ئۇيۇشتۇرغان.
يەھۇدىيلارمۇ شۇنداق خەلق. ئۇلار تارىخىي ھادىسىلەر سەۋەبىدىن چەت ئەللەرگە چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ, نەدە تۇرمۇش پاراۋان بولسا شۇ يەرگە ئۆزىنى ئاتماي, يەنىلا كىچىككىنە بولسىمۇ, ئانا زېمىنى ئىسرائلىيىگە تەخىرسىز توپلىنىپ, تېز ئارىدا كۈچلۈك رىقابەت قۇدرىتىگە ئېرىشتى.
ئەلۋەتتە, بىرىنچىدىن, ھازىرقى بۇ ئۈچ خىل مىللەت كاتېگورىيىسى تۇغما ياكى ئۆزگەرمەس قېلىپتا قۇيۇلغان ئەمەس. ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ يېتىلىش تارىخىدا بۇ پەللىلەرنى بېسىپ ئۆتۈشى ياكى چېكىنىپ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن, ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدىكى يۇقىرى كاتېگورىيىدە تۇرغان مىللەتمۇ تارىخىي ۋە ئىجتىماىي ئاجىزلىقلار, بۆھران ۋە زىلزىلىدىن خالىي ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى كامالەتكە يۈزلىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت.
مانا, ھازىرقى جاھان مىللەتلىرىنىڭ قول ئىلكىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى, تۇرمۇش رىسقى, يۈز-ئابرۇيى, مەتبۇات نوپۇزى, تونۇلۇش دەرىجىسى, تەسىر دائىرىسىنى بەلگىلەپ تۇرغان ئۈچ تامغا!
مانا ئەمدى ئۆزىمىزگە قايرىلىپ قاراپ باقايلىچۇ!
ئۇلۇغبېك پاجىەسىدىن كېيىن ئەدىپ-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆرۈنگەن ئالەمشۇمۇل ئالىملار چىقمىدى, مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىنبىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل, دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتېگورىيىسىدىكى«ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى»، «شېىرىيەت مىللىتى» بولۇپ قېلىۋەردۇق. بوياقچىدىن ئارتۇقراق خىمىك, تۆمۈرچىدىن ئارتۇقراق فىزىكلىرىمىز بولمىدى…
سەنئەتتە داڭق چىقارغان, سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كېزىپ, تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا چۈشكەن لاماكانلىقى بىلەن, تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ, جەڭ-جېدەللەردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدرەتلىك, زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمىدۇق.
«شېىر مىللىتى» دېگەن نام بىلەن «تالانتلىق»، «ئاتاقلىق» ئىبارىىرىگە مەست بولۇپ, بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمىز نېمىشقا مىللىتىمىزنى «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»تىن ھېچبولمىغاندا «ئىجتىماىي مىللەت»لىك مۇقامىغا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپمۇ كۆردۇقمۇ؟
ھەممىگە مەلۇم, ئۇلۇغبېك پاجىەسىدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ نوقۇل «كەتمەن بىلەن ھوسۇل»، «ناماز بىلەن غۇسۇل»، «دۇتار بىلەن ئۇسسۇل»دىن ئىبارەت بارى-يوقى ئۈچلا شادىلىق پىرقىرىما چاققا بەند بولغان مىللەت ئەمەس ئىدى.
قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ, بۈگۈنكى كۈندە مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ-ئۆي زىياپەت, پۇل تاپسا مەككە-مەدىنىگە زىيارەت, بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا-پاقالچاق, ئۆپكە-ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربىتى يەتمىگەن خەلق يەنىلا كونا مۇقامغا يورغىلىسا, ئەسر ئالماشقان بىلەن ئۇنىڭ رىسقى نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ؟!
يېقىنقى بەش ئەسر مابەينىدە «ئەۋلىيا چەتتىن, مۇرت بىزدىن» بولۇپ, ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نېمە بولدى؟
يېقىنقى بەش ئەسردىن بۇيان دىنىي مەزھەپچىلىك بىلەن مۇرت-مۇخلىسلىق پىرقىۋازلىقى, يۇرتۋازلىق-مەھەللىۋازلىق, موللام ياكى ئەپەندىلىرىمىزدىكى كىچىك گۇرۇھۋازلىق, ئەل غېمىنى مۇز دەرياغا پىرقىرىتىپ چۆرۈۋەتكەن مەنسەپ-بالداق ھېرىسمەنلىكى, تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنىڭ تەلۋە دەبدەبىلىرى بىلەن دەل-دەرەخسىز جەزىرىدىكى قۇيۇنتازدەك مەسۇلىيەتسىز پىتنە-ئىغۋا تۆھمەتخورلۇقى قاتارلىق ئالتە زەھەر تۈپەيلىدىن «ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇيغۇرلار» ئۇيۇشۇش كۈچىنى «ئېچىغان سۈت»كە ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە «ئىسمىمىز ئۇيغۇر, ئىشىمىز ئۇرغۇي» بولۇپ چىقتى.
گەرچە تارىخىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق سەھىپىلىرى بىر-بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ, ئەمما بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىق ئۇلىدا جىلۋىلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار دىغار, ھون, تېلé قەبىلىلىرى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنى بىرلەشتۈرۈپ جۇجان ۋە كۆكتۈرك خانلىقىنى غۇلىتىپ, تاڭ سۇلالىسى سەلتەنىتىنى ئۆڭلۈك-سۈيگۈن قوشۇنلىرى بىلەن تۈبۈتلەرنىڭ تالاڭ قىلغۇچ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ, يىپەك يولىنى نەچچە قېتىم ئۈزۈپ قويغان كۈچلەرنى تازىلاپ, سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ, ئۆز تەسىرىنى ئەرەب خەلىپىلىكىگىچە كېڭەيتىپ, ئۆز تىلىنى ئىمپىرىيە تىلى—ئەرەب تىلى بىلەن «بەيگىدىكى ئاتتەك» مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ, ئىچكى ئۇيۇشۇش ۋە سىرتقا قارىتا بىرلىك-ھەمدەملىكنىڭ شاراپىتىنى نامايىش قىلغانىدى. ۋاھالەنكى, ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننى چېكىندۈرگەن, چىڭگىزخان سەلتەنىتىگە مەنىۋىي ئوزۇق بېغىشلىغان بۇ خەلق كېيىنچە, ئەھمەتشاھ قاراقاشى غەزىلىدىكى»ئات « ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى!
بىلىشىمىز كېرەككى, ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بىزگە ئەقىل-ئىدراكىمىزدىن باشقا ھېچقانداق خىزىر رەھنەما ئەمەس!
مەنبە : «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» گېزىتىدىن ئېلىندى.

ئاللاھقا ئاشىق قەلىب ئېلىمگە ئاشىق بۇلىشى كىرەك!!!

ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5872
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10664
تۆھپە نۇمۇرى: 546
توردا: 5719 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 06:33:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل

مۇنداق تېمىلارنى كۆردىغان كىشلەر نىمانچە ئازدۇ... [s:148]

روھىمىز سۇلمىسۇن دىسەڭلار تارىخ ئۈگىنىڭلار، قەددىمىز سۇلمىسۇن دىسەڭلار ھۈنەر ئۈگىنىڭلار!  ( ---- سوپاخۇن ئۇيغۇر گېنىرال)

ئارزۇيۇم ئاددي ھەم بۈيۈك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14234
يازما سانى: 1706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12358
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 06:46:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل

ياخشى  تېما بوپتۇ !!!  مىللەت ئۇقۇمىنىڭ بۇنچە مۇرەككەپ بولىشىدىمۇ  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ -ئادەت ،  مىجەز-خارەكتىرى بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن !!!   
ئۇيغۇرلار «ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇيغۇرلار» ئۇيۇشۇش كۈچىنى «ئېچىغان سۈت»كە ئايلاندۇرۇپ قويدى !   
يۇقارقى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئېچىم بىر ئاچچىققا تولدى !!!  تولىمۇ جايىدا يىزىلىپتۇ [s:166]

قولۇمداقەلەم   ،  يۈرەكتە ئەلەم !يۈتمىسۇن غورور،تەۋرىسۇن ئالەم !

ھاياتقا ئۈمۈد بى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9450
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 07:37:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل

تېمىڭىزغا رەھمەت ! ... قىممىتى بار ...

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580139
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 08:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل

ئۇستاز،ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ھەر بىر ئەسەرلىرى بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ھەم ئەھمىيەتلىك [s:166]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27549
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2011-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 08:25:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل

جۇغلانمىسى  0  دىن يۇقىرى بولغانلار كۆرەلەيدۇ .

يۇقارقىلارمۇ راست ئېيتىدۇ ،ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامانىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىملارنىڭ ئالىمى ،ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنلا ئەمەس ،بەلكى دۇنيا ھەرقانداق بىر مىلەتنىڭ پايدىلنىش ماتىرىيالى ۋە چىقىش يۇلىنى تېپىپ بىرىدىغان ياخشى كۇمپاسى بۇلالايدۇ ،ئۇنىڭ ئەقلىگە بارىكاللا ،ئاللا خالىسا ئۇنىڭ مۇشۇ ئەھمىيەتلىك ئەسەرلىرى ۋە ئۈزىنىڭ ياخشى ئەخلاقىغا كۆپ ئەجىر ئاتا قىلغاي



كۆكچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13242
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8088 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 08:58:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل

ئالىمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.
ئالىم ئىنتايىن ئىلمىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەغدىرى ئۇستىدە چوڭقۇر پەلەسەپەۋى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئەسلىي ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇتتۇرا مەكتەپ دەرسلىگى ۋە ئالىي مەكتەپ دەرسلىگىنىڭ مەركىزى ئورنىغا قويۇلۇپ ،ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈلىشى ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبيىكتى قىلىنىشى كېرەك ئىدى.ئەپسۇس بۇخىزمەت  تېخى تولۇق ئىشلەنمىدى. ئالىم تەپەككۈر يۈكسەكلىگىگە قانداق قىلىپ يېتەلىگەن ؟ئۇنىڭ ئەقلىي تەپەككۈر ئىقتىدارى قانداق يېتىلگەن؟ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا كۇتۇپخانىغا قارايدىغان خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولغانلىغى ئۈچۈنمۇ ؟ياكى ئالىم  ئاۋال تەبىئى پەن ئوقۇپ كىيىن ئىجتىمائى پەن بىلەن شۇغۇللانغانلىغى ئۈچۈنمۇ ؟مانا مۇشۇ مەسىللەر ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلىنايلى .مەن ياش ئەدىپلىرىمىزدىن خۇددى ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئازراق ماتىماتىكا ياكى ماتېماتىكىلىق لوگىكىنى ئۆگىنىپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15327
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9553 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 09:03:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل

ئاۋال ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي، ئاندىن...................

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10422
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9144
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 4739 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 09:24:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل

بەك كوپكەن ،ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي ............

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9818
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 11:05:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل

،ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي ....... [s:166]

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش