مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1376|ئىنكاس: 16

تاش قوراللار دەۋرىدە تۇرۇپ قالغان جوڭگو پۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سايرام بىلوگ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7769
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 469
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-2 11:35:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاش قوراللار دەۋرىدە تۇرۇپ قالغان جوڭگو پۇتبولچىلىقى

2011‏-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ياپونىيەنىڭ غەلبە قىلشى بىلەن ئاياقلاشتى، بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان 16دۆلەت كوماندىسنىڭ ئىپادىسى بىر- بىرسىدىن قېلىشمىغىدەك دەرىجىدە بولدى،نۇرغۇن كوماندىلارنىڭ ئىپادىسى ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى چوڭ ئىلگىرلەش بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە بىلەن كورىيەنىڭ ئىپادىسى بەكمۇ ئالاھىدە ۋە يارقىن بولدى. بۇ ئىككى كوماندا ئۇزۇن يىللىق يىڭىلىق يارىتىش ۋە تېخىنىكا يىڭىلاش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدائۆزلىرىنىڭ ئاسىيا پۇتبولىنى دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش ئىقتىدارى ۋە يۇشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلدى.
مانا مۇشۇنداق ئاسىيادىكى كۈچلۈك كوماندىلار تېخىمۇ كۈچلۈنۈپ،ئاجىز كوماندىلار تەدىرىجى كۈچلۈنۈۋاتقان پەيىتتە ، جوڭگو كوماندىسى تېخنىكا ، تاكتىكا جەھەتتە ھېچقانداق بۇسۇش ۋە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلالماي يەنىلا شۇ  تاش قوللار دەۋرىدە ئېزىپ يۈرمەكتە!
زانچىنو قوماندانلىقىدىكى ياپونىيە كوماندىسى ۋە جاۋگۇاڭلەي قوماندانلىقىدىكى كورىيە كوماندىسى بۇ قېتىمقى ئاسيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا توپ مەستانلىرىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ھەم ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان كوماندابولۇپ قالدى، بۇ ئىككى ياش كوماندا ئىككى ئىقتىدارلىق تېرىنىرنىڭ يېتەكلىشىدە ئوڭۇشلۇق ھالدا كونا يىڭى ئەزالارنىڭ ئالمىشىنى تاماملاپ، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ،تېخىنكا سەۋىيسى يۇقىرى بىر تۈركۈم يىڭىدىن يىتىشپ چىققان ياشلاردىن تەشكىللەنگەن كوماندىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ،دۇنيادىكى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبۇل سەھنىسىگە يۈرۈش قىلىشتەك ئىقتىدارنى يىتىلدۇردى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ ، ئاسىيا پۇتبولچىلىقى ياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ يېتەكلىشىدە كەلگۈسىدىكى ئىككى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە دۇنيا پۇتبول مەركىزى بولغان ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قىتەلىرىدىكى كۈچلۈك كوماندىلارغا كۈچلۈك تەھدىت سېلىشى مۇمكىن.
بۇ قېتىمقى ئاسيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە ياپونىيە بىلەن كورىيە كوماندىسنڭ ئوينىغان 120مىنۇتلۇق 2دە2بولۇپ تەڭلەشكەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۇ قېتىملىق ئاسيا لوڭقىسى مۇسابىقىسدىكى ھەممە ئىتىراپ قىلغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئوينالغان مۇسابىقە ھېساپلىنىدۇ!
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى دۆلەت كوماندىسى ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋيىسنى نامايەن قىلدى، ھەر ئىككى كوماندا ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا سەۋيىسى ۋە تاكتىكىسى ئۆزگىرىشچان بولۇشتەك ئالاھدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىپ ،ھەر بىر كوماندا ئەزالىرى ئۆز ماھارەتلىرى ۋە كوماندا ئەزالىرى ئارسىدىكى ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقنى يۇقىرى سەۋىيەدە جارى قىلدۇرۇپ ،ئاسيا پۇتبول تارىخىغا يېزىلغىدەك بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى،شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيادىكى باشقا كوماندىلار سىلىشتۇرۇپ ئۈگىنىدىغان دەرسلىك مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى.
دۇنيا پۇتبولچىلىقىنڭ تەرەققياتىغا قارايدىغان بولساق ، دۆلەت كوماندىلىرى ئىچىدە ئۇدا 2008يىللىق ياۋرۇپا لوڭقسى ۋە 2010يىللىق دۇنيا لوڭقسنى ئالغان ئىسپانىيە كوماندىسى ۋە پۇتبول كۇلۇپلار ئارىسىدا ئىزچىل دۇنيا پۇتبولچىلىقىنڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋيىسنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقان بارسىلونا كوماندىسى ئاللبۇرۇن دۇنيا پۇتبولچىلىقىنڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا ۋە تاكتىكا سەۋيىسىنىڭ ۋەكىلى ۋە باشلامچىسى بولۇپ كەلمەكتە.يېقىندىن بىرى ياپونىيە ۋە كورىيەمۇ ئىسپانىيەگە ئوخشاش بۇ خىل توپ كونتىرول قىلش ، ئەزالار ئارىسىدىكى قىسقا پاس ۋە توختىماي ئورۇن ئالماشتۇرۇشنى تەكىتلەيدىغان يۇقىرى ئەقىلى ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان پۇتبول ئويناش ئۇسۇلىغا يىقىنلاشماقتا. زانچىنو،  جاۋگۇاڭلەي بۇ ئىككى تېرىنىر ھەرقايسى كۈچلۈك كاماندىلارنىڭ تاكتىكىسنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغانلاردىن بولۇپ ، كۆپ قېتىم مۇخپىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ھەر ئىككلىسى ياپونىيە ۋە كورىيە كاماندىلىرىنىڭ توپ تېپىش ئۇسۇلى ۋە تاكتىكىسدائۆزگىرىش بولماقتا ، بۇرۇنقىدىن ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرلەش ناھايىتى زور ، كوماندا ئەزالىرى ناھايىتى ياش ،شۇنىڭغا ئىشنىمىزكى بۇ كوماندىلارنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور ! دېگەن . جاۋگۇاڭلەي2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسى مۇسابقىسدىن كېيىن، كورىيە كوماندىسنىڭ باش تېرىنىرلىق ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان ،ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا كورىيە كوماندىسى بۇنىڭدىن كېيىن ئىسپانيە كوماندىسدىن ئۈگۈنىدۇ دەپ ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان ،بۇ قېتىمقى ئاسيا لوڭقسى بۇتبول مۇسابقىسدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ،بۇرۇنقى قاراملىق بىلەن توپ ئوينايدىغان <تەيجى يولۋىسى>غا قارغاندا ھازىرقى كورىيە كوماندىسى مۇرەككەپ مۇسابىقە تاكتىكسنى ئىگەللەش ۋە مۇسابىقە رىتىمىنى كونتۇرۇل قىلىشتا زور ئىلگىرلەش بولغان.
ھازىر ياپونىيە ۋە كورىيە كوماندىسى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى بولغان خەلىقئارالىق سەۋىيەگە قاراپ يۇرۇش قىلماقتا ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماھىيەت جەھەتتىن ئەقىل پاراسەتكە تايىنىپ توپ تېپىشتەك ئاساس بولغاچقا ،بۇلارنىڭ ئوينىغان مۇسابىقىسى نۇرغۇلغان ھساپلاش،ئالدىن پەرەز قىلش قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تولغان، ئۇلار ھازىر ئۆزنىڭ ئويلىغىنى،ئەقىل پاراستنى مەيداندىكى بەدىنى ،ھەركىتى ۋە تاكتىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدىغان بولغان.باشقىچە ئېيتقاندا ياپونىيە ۋە كورىيە كوماندىسى دۇنيا پۇتبولچلىقىنڭ تاكتىكا جەھەتتىكى ھەققي سىرنى بىلىپ يەتكەن بولۇپ ،دۇنيا پۇتبولچىلىقىنڭ توغرا بولغان بىر يولىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە.
ئەگەر بىز كورىيە بىلەن ياپونيەپۇتبولچىلىقىنڭ تەرەققياتنى بىر >كومپىيۇتىر <دەۋرى ياكى >ئۇچۇر <دەۋرىگە كىردى دېسەك،ئۇنداقتا جوڭگو پۇتبولچىلىقنىڭ تاكتىكا سەۋىيىسى ئەڭ تۆۋەن ئىپتىدايى >تاش قوراللار <دەۋرىدە تۇرماقتا .
جوڭگو پۇتبول كوماندىسغا نىسبەتەن بۇ خىل ئوخشىتىشنىڭ ھېچقانداق ئېشىپ كەتكەن ياكى ئېغىر كەتكەن يېرى يوق ،كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەت بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ،مەيلى 2004يىلدىكى ئالىخەن بولسۇن ،2007يىلدىكى جۇگۇاڭخۇ بولسۇن ھەتتا 2011يىلدىكى گاۋخۇڭبو بولسۇن ،جوڭگو كوماندىسى ئاسيا لوڭقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابقىسى جەريانىدا بىزگە ئاشكارلاپ بەرگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە ئۇبولسمۇ >توپ تىپشتىكى مۇدىئاسىزلىق<تۇر، يەنى توپ تىپىشتىكى مۇدىئاسى ئىنىق ئەمەس بولۇشتۇر .مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى ئەگەر بىر كوماندا تېىنىكا جەھەتتە قانچە ئاجىز بولسۇن ،سۈرىتى قانچە ئاستا بولسۇن ،ھۇجۇمچىلىرى قانچە ئاجىز بولسۇن ئەگەردە توپ تىپىشتىكى مۇدىئامۇ بولمىسا ئۇنداقتا بۇ كوماندا ئەزالىرى ھازىرقى زامان پۇتبول روھتى بولمىغان قۇرۇق قاپتىن ئىبارەتتۇر.بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادلىنىش شەكلى بولسا پۇتبول مەيداندا قارغۇلارچە توپ تىپىش ،ئىنىق مەيدانى ،توپ تىپىش ئۇسۇلى بولماسلىقتىن ئبارەتتۇر يەنى بىز دائىم كۆرىدىغان جوڭگو پۇتبول كوماندا ئەزالىرىنىڭ مەيداندا بىرىنجى قەدەمدە توپنى توختۇتۇپ،ئىككىنجى قەدەمدە ئۇياق بۇياققا قارىۋىتىپ ،ئۈچىنجى قەدەمدە پاس بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.
ھازىرقى زامان پۇتبولچلىقى پۇتبولچىلاردىن ئاساسەن مۇنداق ئىككى نەرسنى تەلەپ قىلدۇ،1‏.ئاساس:يەنى بەدەن ساپاسى ،سۈرەت ،ۋە تېخنىكا ،تېخنىكا دېگەندە يەنى توپ ئېلىپ مېڭىش ،توپ توختىتىش ،پاس بىرىش ،ۋارتارغا توپ ئۇرۇش ،تالىشىپ توپ ئېلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.2‏-يۇقىرى ساپا يەنى مىڭنى ئىشلىتىش ،ھېساپلاش،روھى ساپاسى ،ئۆز ئارا ماسلىشچانلىق ئىقتىدارى ،مۇسابقىنى كۆزۈتۈش ۋە تاكتىكىنى چۈشۈنۈش ئىقتىداردىن ئىبارەت. جوڭگو كوماندىسى ھازىرغىچە بىرىنجى تەلەپنىمۇ تولۇق ئورۇنداپ بولالمايۋاتىدۇ.
ئاسيادىكى باشقا كوماندىلار بىرىنجى تەلەپنى ئورۇنداپ ئىككنجى تەلەپ ئۈستىدە ئىزدىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە ،جوڭگو كوماندىسى 2004يىلى ئاسيا لوڭقىسدا ئىككنجى بولغاندىن تارتىپ ئىككى قېتىملىق تاللاش مۇسابقىسدە گۇرپىدىن شاللنىپ قېلىشى دەل بۇنىڭ ئىپادىسى . بۇ قېتىمقى ئاسيا لوڭقىسى مۇسابىقىسدە ئىراق ،ئىئىوردانىيە ،ئۆزبىكىستان ،سۈرىيە ،ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى قاتارلىق كوماندىلا مۇسابىقە جەريانىدا مەلۇم دەرجىدە توپ تىپىشتىكى مۇدىئاسى ۋە يولىنى ئىپادىلەپ بەردى ،كوماندا ئەزالىرى مۇسابىقە جەريانىدا ناھايىتى سىلىق ھەم توغرا پاسلىشىپ ،ئۆزلىرىنىڭ ئالدىن ھېساپلاش،ئالدىن كۆرۈش سەۋيىسى ۋە مۇدىئاسنى ئىپادىلەپ بەردى ،ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىلگىرلىشى باشقلارنى ھەيران قالدۇردى .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جوڭگو پۇتبولچىلىقدىكى ساغلام بولمىغان مۇھت جوڭگو پۇتبولچىلقىنى ھازىرقى زامان پۇتبول تاكتىكىسى ئۇستىدە ئويلىنىشتىن مەھرۇم قىلدى ،شۇنداقلا ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىلەش قاتارلىق ئىشلاردا ئارقىدا قالدۇردى،بولۇپمۇ ساغلام كەسپى پۇتبولچلىق مۇھتىنى بۇلغۇۋەتتى ،يىقىندا جوڭگو پۇتبولچىلىقىدا توپ تىكىشىپ قىمار ئويناش ، پارخورلۇق جەھەتتلەردە تۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ،ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش ،تاكتىكا تەتقىقاتى جەھەتتە ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى .ئەگەردە ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش پۇتبول مەيدانى بولماسلىق ،مائارىپ تۈزۈلمىسى ،پۇتبولچىلارنىڭ كاپالەت تۈزۈلمىسى ۋە كەلگۈسىدە چىقىش يولى تاپالماسلىقتەك سەۋەپلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچىراپ پات يېقىندا تۈپتىن ھەل بولمايدۇ دېسەك ،جوڭگو پۇتبولچىلقىنڭ تاكتىكا، تېخنىكا جەھەتتەيىڭىلىق ئېلىپ بارماسلىقىغا ھېچقانداق سەۋەپ يوق ،توسالغۇ يوق ،ھەمدە گۇمران بولۇش يولغا ماڭغان پۇتبولچلىقنى قۇتقۇزماسلىقمۇ سەۋەپ تاپالمايدۇ .شۇنچە يىللارىدن بېرى شۇنچە كۆپ تېرىنىر ئالماشقان بولسىمۇ پۇتبولچىلىرىمىز يەنلا ئون يىل بۇرۇنقىدە مەيداندابىرىنجى قەدەمدە توپنى توختۇتۇپ،ئىككىنجى قەدەمدە ئۇياق بۇياققا قارىۋىتىپ ،ئۈچىنجى قەدەمدە پاس بېرىشتىن ئىبارەت ھالتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.ئۇلاردا ئالدىن پەرەز قىلىش ،ئالدىن ئويلاش ئىڭى كەمچىل بولماقتا .يىغىنچاقلىغاندا مەشىق ئۇسۇلنىڭ ئاددى بۇلۇشى ،مەيداندا تاكتىكا ئىشلىتىش ئۇسۇلنىڭ توغرا بولماسلىقى ،شۇنداقلا كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسنىڭ تۆۋەن بولىشى قاتارلىقلار جوڭگو پۇتبولچلىقىنڭ ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقغا ماس كەلمەسلىكى ۋە ئەمەلىي جەڭگە ماس كەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھازىر جوڭگو كوماندىسى بىر ياخشى تېرىنىرغا مۇھتاچ،شۇنداقلا دۇنيادىكى داڭلىق تېرنىرلارنى چاقىرىپ كەلگۈدەك شارائىتمۇ بار ،ياخشى تېرىنىرنى ئەكىلش ھەرگىزمۇ تىز سۈرەتتە نەتىجە يارتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بىزگە توغىرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ئاساسمىزنى تورغۇزۇشتىن ئىبارەت.ئەمما جوڭگو پۇتبولچىلىقىنڭ پۇتبول تاكتىكا سەۋيىسنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە بۇ جەھەتتكى تەتتىقات قىزغىنلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،ھەر قايسى يۇقىرى سەۋيەدىكى پۇتبول تاكتىىكسى ،توپ تىپىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى .ئۈگۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ،بۇ ئارقىلىق ياش ئۆسمۇر پۇتبولچلارنى تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ ،ئۇلارنى توغرا نەزىرىيە ،توغرا مەشىق ئۇسۇلى بىلەن تەربىلەپ يىتىشتۇرۇپ،ئارقا سەپ كۈچىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك .مۇشۇ ئۇسۇللار ئارقىلق جوڭگو كاماندىسنىڭ تاكتىكا ،تېخنىكا جەھەتتە ئارقىدا قىلىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ ،بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققيات يولى ،تەربىلەش ئۇسۇلىغا يول كۆرستىپ بىرشىمىز كېرەك .شۇنداق بولغاندىلا جوڭگو كوماندىسى >تاش قوراللار <دەۋرىدن يىنىپ چىقالايدۇ!
مەنبە:سايرام بىلوگى 

http://boypc.blogbus.com/

مەن كەلدىم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41660
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 9284 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-2 12:08:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇ دىگەننى بىر كىشىلىك قويىۋىتىپسىزغۇ.... [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر!!!

ئېنگىلىزتىلى ئۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22920
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3718
تۆھپە نۇمۇرى: 661
توردا: 2041 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-2 12:12:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقويدىغان نەرسە چىقىپتۇ [s:166]

ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنەمسىز؟www.tilhumar.biz

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22639
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7356
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2011-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-2 12:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما  تىمىنى  نەدىنمۇ  تاپقانسىز ئەمدى........... [s:166]  [s:166]

   ماۋزۇ دىگەن  سەت  چۇشۇپتىغۇ،،بۇ تىمىغا،،،،،،

    ياخشى تىما بوپتۇ،،،مانا [s:178]

ئىسىل ياشاڭ- كۈلۈپ ياشاڭ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26361
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-2 12:42:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن پۇتبولچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن پۇلدار، ئەڭ زامانىۋى بايلار بولۇپ، چەتئەللىك بايلار سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ماشىنىلارنى سېتىۋالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2595
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10489
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-2 01:08:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر مىللەت بارلىق تەنھەركەت تۈرلىرىنىڭ پىشۋاسى بولىشى ناتايىن. ياۋرۇپا ئەللىرىدە پوتبۇلغا بولغان تونۇش،قىزىقىش ۋە ئۇلاردىكى مەدىنىيەت قاتارلىق ئامىللار ئۇلارنى پوتبۇل ساھەسىدە پىشۋاغا ئايلاندۇردى.جەنۇبى ئامىرىكا دۆلەتلىرىمۇ شۇنداق.
    ئەمدى بىز دۆلىتىمىزنىڭ پوتبۇل ئىشلىرىغا كەلسەك، بۇ خىل تەنھەركەت تۈرىنىڭ دۆلىتىمىزدە پەيدا بولغىنىغا ھىچقانچە ئۇزۇن ۋاقىت بولمىدى.تۈرلەرگە بولغان تونۇش ۋە قىزىقىش نوقتىسىدىن ئېلىپ ئىيتساقمۇ، پوتبۇلغا بولغان تونۇش ۋە قىزىقىش بەكمۇ بەك ئارقىدا. نۆۋەتتىكى بۇ قىزغىنلىقنى بىر خىل دورامچىلىق ۋە قارغۇلارچە قوغلىشىش دەپ چۈشەنسەكمۇ ئارتۇقچە كەتمەيدۇ.
دىمەك تونۇش ياخشى بولمىغاندىن كىيىن،كوماندىغا ئەزا تاللاش،مەشىقلەندۈرۈش،باشقۇرۇش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى تۆۋەن ساپادا،پەقەت بىر شەخسى كۆز قاراش بىلەن ئىلىپ بىرىلىشى مۆمكىن.

غۇلجا شەھەر چۇغلۇق يىزا-ئېگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9112
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-2 01:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ، دۆلىتىمىز جۇڭگونىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىكى جانسىز ئىپادىلىرى ، نەتىجىسىز قايتىش ئەھۋاللىرى خېلى تەپسىلى ئوپراتسىيە قىلىنىپتۇ . تىما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ~

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .
مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-2 01:58:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
aragon بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-2 02:41:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

9-قەۋەت (ablajan5) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قاۋاقخانا ئاچاي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28575
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5198
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2011-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-2 02:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما تىمىغا ئا ئىنكاس دەھشەت ماس كەپتۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش