ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەممىڭلارغا تېنچلىق، ئاسايىشلىق، بەخت -ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن، باسقان قەدىمىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن.....!
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ، مۇنبەرداشلار ئۆزئارا شائىرانە ھېسياتلىرىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆڭۈل ئۈنچىلىرىمىزنى چېچىشىپ ، مۇنبەر كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ئاساستا مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ مۇشائىرە سورۇنىنى ھازىرلىدىم،يازغانلىرىم تازا ئۆلچەمگە لايىق چىقماي قالدى، شۇنداق بولسىمۇ ئاۋاز قوشۇپ بېرەرسىلەن.قېنى ،بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىۋالماي مەرھەمەت قىلايلى ....
مۇھاببەت ھەققىدە:
كۆرمەك ئۈچۈن بولدۇم ئىنتىىزار ،
قىيا كۆزۈڭدە باقساڭچۇ يار،
ئوت تۇتاشتى جانۇ -تېنىمگە،
ھالىمغا بىر رەت يەتسەڭچۇ يار.
ئەخلاق ھەققىدە:
ياخشى خۇلق يار بولسۇن ساڭا،
ئەخلاق- ئادەم زىننىتىدۇر.
پەسكەش قىلىق، ناچار خۇلق،
ئەخلاقسىزلىق ئىللىتىدۇر.
ئانا ھەققىدە:
جان ئانا مېھرىڭنى بېرىپ ،
مېنى ئۆستۈردۈڭ مۇشەققەتتە.
پەرزەنت بۇرچۇمنى قىلاي ئادا،
بىر ئۆمۈر بولۇپ خىزمەتتە.
ئەسكەرتىش: ھەر بىر كۇبلىت شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسراسى كېيىنكى كۇبلىتنىڭ باشلىنىش مىسراسى قىلىنىدۇ. ئەگەر باشقا شەكىلدىكى شېئىرلارنى يېزىشنى خالايدىغانلار بولسىمۇ مەرھەمەت....قېنى ئەمسە ،جۆر بولىدىغانلار بارمىكىن...؟
مەنبە : ئۆزۈم