ھالىمغا بىر رەت يەتسەڭچۇ ئەي يار،
كۆرگىلى بولماس ئۇشبۇ يۈرەكنى.
شۇ ئىشقىم بىلەن كەتسەم دۇنيادىن،
قۇچاغلاپ يىغلامسەن مەسۇم تېرەكنى.
~
ئەخلاقسىزلىق ئىللىتىدۇر،
قارا نىيەت ھەم ئاچكۆزلۈك.
ئىككى ئالەم قارا يۈزۈڭ،
ياشىغىن باشقىدىن تۈزۈك.
~
بىر ئۆمۈر بولۇپ خىزمەتتە،
تۇراي مەن ئانا يانىڭدا.
كۆزلۈرۈڭدىن غەم يوقۇسۇن،
خۇش يۈرگۈن كۆڭۈل باغىڭدە.
~
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مۇسلىنە ، باشلاپ بەرگىنىڭىزدە بوغۇم سانى ئازلىق تۈپەيلى مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ئاز بوغۇمدىن ئاددى تۈزۈلۈپ قالدى . ئاددى بولسىمۇ مۇشائىرىنىڭ بىرى قىلغايسىز.