|
|
|
|
كىم، - كىمگە نەسىھەت قىلىدۇ؟ "نەسىھەت ئاچچىق، مىۋىسى تاتلىق "
-كونىلىرىمىزدىن دىننىي مەنبەلەردە مۇنداق بىر ئېسىل ھېكايە بار:
مەشھۇر ئۆلىما ئىمام ئەزەم (ئەبۇ ھەنىفە نۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي) نىڭ ھوزۇرىغا ئۈچ كۈنلۈك مۇساپىدىن بىر تۇل ئايال ئوغلىنى ئېلىپ كەپتۇ. مەخسىدى ،- بالىنىڭ قوسىغى ئاغرىيتتكەن، تىۋىپ ئانار يىمىسۇن دەپتۇ، لىكىن بالا ئانار يىيىشتىن قالماپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئىمام : ئۈچ كۈندىن كىيىن كېلىڭ ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئايال رەنجىگەندەك بولۇپ ساقلاپتۇ. ئىمام ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ،ئۇ ئايالنى چاقىرىپ ئوغلىغا چىرايلىق نەسىھەت قىپتۇ.ئايال دەپتۇكى : ئى ھۆرمەت ساھىبى ، كەلگەن كۈنىمىزلا نەسىھەت قىلىپ قويماستىن ئۈچ كۈن ساقلىتىشنىڭ ۋەجى نىمىكىن؟
- سىلى مەخسەتلىرىنى ئېيتقاندا شۇنداق خىجىل بولدۇمكى، - شۇ كۈنى مەن ھەم ئانار يىگەنىدىم، ئۆزۈم قىلىپ تۇرۇپ ئوغۇللىرىغا " قىلما " دىسەم تەسىر قىلىشىغا ئىشەنچىم يوق، مانا بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى، بەدىنىمدە ئانارنىڭ تەسىرىمۇ قالمىدى، ئەمدى ئوغلىڭىز ئاناردىن قول ئۈزۈپ ساقىيىپ قېلىشى مۈمكىن ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ،-ئىمام. دەرۋەقە بالا ئانار يىيىشتىن قاپتۇ، سالامەتلىگىمۇ ئەسلىگە كەپتۇ.
ھازىر مۇشۇنداق ئىنچىكە ئويلايدىغان ئادەم يوق دىيەرلىك. بۇ بىر كىچىككىنە مەسىلە. پۈتۈن جەمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، بەلكى بىر شەخىسنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مەسىلە.
ئەمدى ھەر بىرەيلەندىن سوراپ باقسام : بىرەر دوستىڭىز، ياكى تونۇشىڭىز سىزگە (ئاخشامقى سورۇن ئالامەت قىززىدى، ناھايىتى قاملاشقان كاساپەتكەن...ۋەھاكازالار ...)دىگەندەك ناچار قىلمىشلىرىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بەرگىنىدە ئېتىراز بىلدۈرەلىدىڭىزمۇ؟ (مېنىڭ ئېتىراز بىلدۇرەلمەي ،قىزىقىپ تىڭشىغانلىغىم يادىمدا)
سىز ۋە مەن شۇنداق ۋاقىتتا نەسىھەت قىلىشقا ، توسۇشقا تېگىشلىك ئىدۇق.....
شۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغانلىغىنى ئاڭلىدىم: مەلۇم بىر ناھىيە بازىرىدا جامائەت ئەسىر نامىزىدىن يېنىشىغا 5 - 6 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنى يىتلىۋالغان بىر ئايال يىغلاپ ھال ئېيتىپتۇ : " مەن ئۆز بەختىمنى ئۆزۈم نابۇت قىلغان ئايال، سېسىق نامى پۇر كەتكەن پالانى. مەن قاتتىق پۇشايمان قىلىمەن ، ئاللاھقا تۆۋبە قىلىمەن ،ماڭا دۇئا قىلىپ قويۇڭلار " دەپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىپتۇ، بەزىلەر تۆۋە دەپ ياقىسىنى تۇتۇشۇپتۇ، بەزىلەر كۆز يېشى قىلىشىپتۇ، بەزىلەر تىللاشقىنىچە كېتىشىپتۇ، يەنە بەزىلەر دۇئا قىلىشىپتۇ. شۇكۈندىن باشلاپ ئۇ ئايال مەسچىت ئالدىدا ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ سەدىقىسى بىلەن كۈن كەچۈرۈپتۇ، بىر قانچە كۈنلەردىن كىيىن بىر ياش ئەر - ئايال چىقىپ ئۆز ئۆيىگە ئەكىرىپ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ، لىكىن مەھەللە شۇندىن باشلاپ ئۇ ئائىلىنى ياتلاپ كىرىپ - چىقىش قىلماي مەھەللىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپتۇ.
بۇ ۋەقە بەلكىم راستتۇ، ۋە بەلكىم راست ئەمەستۇ. لىكىن ئەنە شۇنداق پۇشايمان قىلىپ چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلار شۇنداق تاشلىنىپ قالسا ، شۇلارنىڭ جاۋاپكارى كىم بولىدۇ؟ ھەممەيلەن ئالىجاناپلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز، لىكىن ئەمەل قىلالمايدىكەنمىز ،نىمىشقا؟ دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ سىياسىتى بىلەن ھەممە ئادەم مۇنتىزىم تەربىيە كۆرىدىغان بوپكەتتى. بولمىسا مەكتەپ ھېچكىمنى يامان ئىشقا ئۆگەتمەيدۇ.
جەمىيەتتە،- مەسچىتلەردە ھەم ئىمام، خاتىپلىرىمىز تەبلىغ قىلىۋاتىدۇ، دىمەك نەسىھەت قىلىۋاتىدۇ. ھېچقانداق ئاتا - ئانا بالىللىرىنى يامان يولغا يىتەكلىمەيدۇ.
ج خ ئورۇنلىرى ھەم جەمىيەت داشقاللىرىنى تازىلاۋاتىدۇ، ھەددىدىن ئاشقانلىرىنى جازالاپ باشقىللىرىغا ئىبرەت قىلىۋاتىدۇ.
يازغۇچى - شائىرلار ھەم يازمىللىرىدا پۈتۈن ئەلگە نەسىھەت قىلىۋاتىدۇ، ھەتتاكى بىزمۇ توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيارىمىزدا ھەم شۇ مەزمۇندا بەس - مۇنازىرە قىلىشىمىز . لىكىن سەۋەپنى ئويلىشىدىغانلار ئاز. (200،000يۈەن نەخپۇل تېپىۋىلىپ چۈش كۆرۈپ قالدىم، كاللامدا ئىككى خىل ئاڭ جەڭ قىلىپ ئاخىرى يامان ئىددىيە غەلبە قىلدى) چۈشۈمدە بولسۇن ياكى رىئاللىقتا بولسۇن تەپەككۇر قىلىۋاتقان كاللا يەنىلا بىر . يەنى مۇشۇ گەپلەرنى دەۋاتقان مېنىڭ كاللام شۇ. شۇنداق ئەھۋالدا سىزنىڭ قانداق قىلىدىغانلىغىڭىزنى بىلمىدىم؟
بولمىسا بىزگە تەربىيە كەممۇ؟ نىمىنڭ ياخشى ، نىمىنىڭ يامانلىغىنى بىلەلمەيمىزمۇ؟ جەمىيەتتە ئېزىۋاتقان كىشىلەر كىملەر؟ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا يانچۇقچىلار،پاھىشىلەر ۋە پاھشىۋالار،ئالدامچىلار ۋە ئوغرى قىمارۋازلار كىم؟ باشقا بىرى ئەمەس، سىز ۋەمەن بولمىغان تەقدىردىمۇ سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ئاكا - ئاچىىللىرىمىز،ئىنى - سىڭىللىرىمىز . ھىچ بولمىغاندا ئۇرۇق - تۇققانلىرىمىز. بىزدە شۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىش تۇيغۇسى بارمۇ،يوق؟ ئىككى دۇنيالىقىنى يوقاتقىلىۋاتقان شۇ قېرىنداشلىرىمىزنى توسۇپ قالالايمىزمۇ؟ توسۇپ گەپ ئاڭلىتالمىغاندا ئاللاھقا دۇئا قىلىپ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىشىنى سورىيالماسمىزمۇ؟
مەنمۇ ھەم ئىللەتلەرنى تۈزۈتۈشنى ئۆزۈمدىن باشلىسام، سىزمۇ ھەم شۇنداق قىلسىڭىز، ئاستا -ئاستا يىقىنلىرىمىزنىڭ تۈزۈلۈشىگە ياردەم بەرسەك، مىللىتىمىز، جەمىيىتىمىز تۈزۈلۈپ كېتەر ئىدى، - ئەلۋەتتە.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ ئىلمي مۇنازىرە قىلىشىنى،پۈچەك ئىنكاس بىلەن مۇنبەرنى ئاۋارە قىلماسلىغىنى ئۈمۈت قىلىمەن
|
|
|
|
|
|