چ چ تىلفۇنغا باغلاش ئۈچۈنمۇ يەنە شۇ ئىككىنجى ئەۋلاد قوغدىنىش پارولى لازىم بولىدۇ.تىلفۇنغا باغلاشتىن بۇرۇن سىزدىن ئاۋال ئىككىنجى ئەۋلاد قوغدىنىش پارولىنى سورايدۇ. ئەگەر ئىنككىنجى ئەۋلاد قوغدىنىش ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز. ئۇيغۇرۇم007 دىگەن ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى :
ئەمدى سىز ئىككىنجى ئەۋلاد قوغدىنىش پارولىنى بىلىدىغان ئەھۋال ئاستىدا تىلفۇنغا باغلاش ئۈچۈن ئاۋال چ چ باش رەسىمىڭىزگە ماۋۇسنىڭ بەلگىسىنى ئەكىلىپ چەكمەي تۇتۇپ تۇرسىڭىز ھېلىقى يورىتىلىدىغان بەلگىلەر قاتارىدا بىر كۆل رەڭ تىلفۇننىڭ بەلگىسى بار شۇنى چىكىپ ئېچىلغان كۆزنەكتىكى 立即绑定دىگەن خەتنى چىكىپ بىۋاستە تىلفۇنغا باغلاش ئادرىسىغا كىرىڭ. ئۇنىمۇ رەسىملىك قىلىپ يوللاي دىسەم مەن ئۇ كەسىپنى ئېچىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن قايتا بىكار قىلىپ ئاندىن قىلىشقا توغرا كىلىدىكەن، تور قايتا ئىلغاندىن كىيىن تىلفۇنۇم تور ئۇچۇرلىرىنى قۇبۇل قىلالماس بوپ قالدى شۇڭا ... ئەمدى ئۆزۈم پەرەز قىلغىنىم بويىچە دەپ باقاي. سىز شۇ توربەتكە كىرگەندىن كىيىن تىلفۇن نۇمۇر كىرگۈزىدىغان بىر كۆزنەك چىقىدۇ، شۇ يەرگە تىلفۇن نۇمۇرنى كىرگۈزگەندىن كىيىن مۇقۇملاشتۇرۇش ياكى كىيىنكى قەدەم دىگەن كونۇپكىنى باسسىڭىز تور بەت تىلفۇنىڭىزغا بىر قاتار سانلارنى ئەۋەتىپ بىرىدۇ سىز كىيىن چىققان رامكىغا تىلفۇنىڭىزغا ئەۋەتىلگەن نۇمۇرلارنى كىرگۈزۈپ مۇقۇملاشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
ئەمدى يەنە بىر ئەھۋال ھەممە تىلفۇن ئۇ ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. نىمىشقا شۇنداق ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمىدىم توردىن ئىزدىسەم بىرسى تىلفۇننىڭ ئىشى دەيدۇ،بىرسى تورنىڭ ئىشى دەيدۇ ئىشقىلىپ دىگەن ئۇسۇلنىڭ ھەممىنى سىناپ باقسام بولماي باشقا بىر دوستۇمنىڭ تىلفۇنىغا قىلسام قۇبۇل قىلدى.
رەسىمى:
ئەمدى ئالدىنقى تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا ئوموملاشتۇرۇپ جاۋاب بىرەي.
1-ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغاندا ۋىروسخورلارنىڭ ئىشلىمەي قېلىشى.
ھازىقى ۋىروسلار يۇققاندىن كىيىن ئاۋال ۋىروسخورنى جايلىۋىتىپ ئاندىن باشقا ئىشلىرىنى قىلىدىغان بوپ كەتتى. مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان يېڭى ۋىروسلارنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ شۇ. تۆۋەندىكى ۋىروسنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراڭ.
قىزىل توت چاسا ئورۇنغا ئېلىپ قويۇلغىنى شۇ بىر ۋىروسنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكتىن ۋىروسخورنى يۇيىۋىتىش، ئىچكى توردا تارقىلىش،تىلفۇندا چىققان چ چ نىمۇ ئوغۇرلاش،ۋەزىپە سىتونىنى تاقىۋىتىش، مۇداپىيە تىمىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش.ئىشقىلىپ نۇرغۇن. ھەممىسى پەقەت بىر ۋىروسنىڭ ئىشى.قالغىنىنى ئۆزۈڭلار تەرجىمە قىلىۋىلىڭلار.
2-ۋىروس بىلەن يۇقۇملاندى دەپلا سىستىما قاچىلاشقا ئالدىرىماڭ.
يانامراق ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغان ئەھۋال بايقالغاندا يۇيالمىسىڭىز ئالدىراپ سىستىما ئالماشتۇرىمەن دىمەي،360نىڭ مۇداپىيە تېمىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر-بىرلەرپ ئشقا سېلىڭ. رەسىمدىكىدەك:
بۇنداق قىلىپ بولۇپمۇ ئۈنىمى كۆرۈلمىسە ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئاخىرقى سىزىقتا كۆرسىتىلگەن جايغا كىرىپ شۇ قاتاردىكى دىتاللار ئارىسىدىن 系统急救箱نى چىكىپ سىستىمىڭىزنىڭ موھىم قىسىملىرىنى قايتا قاچىلاڭ، ئۈنۈمى ئادەتتە سىستىما ئالماشتۇرغان بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت ئامال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بىرىلسا بولىدۇ.
3-كونا نۇسخىدىكى چ چ ئىشلىتىۋاتقانلار(2008-2009-2010)
چ چ نىڭ ھەربىر يىلقى نۇسخىسىدا ئىقتىدار تەرەپتىن باشقا بىخەتەرلىك تەرەپتىنمۇ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.ئالدىنقى تىمامدىكى ئىككىنجى ئەۋلاد قوغدىنىش پارولىنى يىشىش قۇرالىمۇ 2010-يىلى 8-ئايدا چ چ تور بېتىنىڭ بىر يوچىقىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ 10-ئايغا بارمايلا چ چ توربېتى يوچۇقنى ئىتىۋەتكەنلىك ئۈچۈن ئىشلىمەس بوپ قالدى. شۇڭا كونا نۇسخىدىكى چ چ نىڭ چاتىقى جىق بولىدۇ.
2011-يىلى نۇسخىسىنى ئىشلىتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئالدىنقى تىمىدا سورالغان ئاساسلىق سۇئاللار مۇشۇلار يەنە يېڭى سۇئاللار بولسا سورىساڭلار بولىدۇ.
ھە راست چ چ ئوغۇرلاشنى ئۈگۈتۈپ قوي دىگەندەك ئۇچۇرلارنى يوللىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەنبە:ئۆزۈم.