ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۆھتىرەم تورداشلار!
سىلەر بىلەن مىللىي چالغۇلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان راۋاب ھەققىدە ئورتاقلاشماقچىمەن.
بىلىدىغىنىڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار!
راۋاب قاچان ،قانداق سەۋەب بىلەن مەيدانغا كەلگەن؟دەسلەپ ياسىغۇچىسى كىم؟تەرەققىيات تارىخىدا قانچە قېتىم ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەن؟سەنئەتچىلىكىمىزدىكى ئورنى قانداق؟..........ۋەھاكازالار .
ئاپراسياپ ۋە راۋاب ھەققىدە رىۋايەت
[align=justify]ئاپراسياپ قەشقەردە خانلىق تەخىتتە ئولتۇرغان يىللاردا، ئەل يۇرتنى ئادىل باشقۇرۇپ، تىللاردا داستان بوپتۇ. ئاپراسياپ ئادەملەر قورسىقىنى تويغۇزۇپ، ئۆز ئىش - ئوقىتى بىلەنلا مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئويۇن - تاماشىنى قىلمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بوپتۇ. ئۇ پۇقرالارنى يايرىتىشقا سەۋەب بولىدىغان بىر چارە - تەدبىر ئويلاپ چاھارباغقا كىرىپ، ئۇيان ئۇيلاپ، بۇيان ئويلاپ خىيال سۈرۈپ تۇرغان پەيتتە، بىر تورغاينىڭ مۇڭلۇق سايرىشى بىر ياندىن ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھ دىققەت بىلەن كۆزىتىپ ئۆزىمۇ تەقلىد قىلىپ سايراپ بېقىپتۇ. ئەمما، ئۇ شۇنى ئەستىن ئۆتكۈزۈپتۇكى، مەن بىر پادىشاھ، كىشىلەر توپى ئارىسىدا قۇشلاردەك سايراپ يۈرسەم كۈلكىگە قېلىشىم تۇرغان گەپ، ئەڭ ياخشىسى ياغاچتا بىر سايمان ياساپ، شۇنىڭغا قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى چىقىدىغان قىلىپ بىر ھۈنەر كىرگۈزەي دەپتۇ. توققۇز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، توققۇز غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا بىر توپ ياغاچنى بىر چالغۇ ئەسۋابى قىلىپ ياساشقا تۇتۇنۇپتۇ ھەم ئۇنى دەسلەپكى شەكلىگە كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ بۇ ياغاچنى خۇددى ئادەم سىياقىدا ياساپ، بىر ئېغىز بېكىتىپتۇ. قوينىڭ ئۈچىيىنى ئىنچىكە ېشىپ ئۈچ تال تارا ساپتۇ. لېكىن، بۇ ئەسۋابتىن ئاۋاز چىقماپتۇ. ئىش باشلىغان توققۇزىنچى كۈنى باغنىڭ يېنىدىكى ئىش ئورنىدا يەنە شۇ ئەسۋابقا ئاۋاز چىقىرىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتسا، بىر يىگىت جاراڭلىق ۋە بەكمۇ مۇڭلۇق ناخشا ئوقۇپ كۈنتۇغار ياقتىن كۈنپاتار ياققا كېتىپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭ ناخشىسىغا بىلىنەر - بىلىنمەس قىلىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئارىدىن بىر ئاش پىششىقى ۋاقتى ئۆتۈپ ھېلىقى ناخشىچى يىگىت قايتىپتۇ. ئۇ يەنە ناخشا ئوقۇپ ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن ناخشىسى ئالدىنقى قېتىمقىسىدەك جاراڭلىق بولماي، غۇدۇرۇڭراق چىقىپتۇ. ئاپراسياپ بۇ ئىشقا ھەيران قاپتۇ - دە، قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ، دەرھال ھېلىقى يىگىتنى چاقىرتىپ سەن قەيەرگە بېرىپ كەلدىڭ، - دەپتۇ. يىگىت قېيناتا - قېينانامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەلدىم، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئاپراسياپ دەرھال ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، ياساۋاتقان چالغۇ ئەسۋابىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ قارنىنى چوڭقۇر ئويۇپ، ئۇ يەرنى تېرە بىلەن ئوراپ، تارىغا زەخمەك ئۇرغانىكەن، بۇ ئەسۋابتىن مۇڭلۇق ئاۋاز چىقىپتۇ. ئاپراسياپ يىگىتنىڭ ئىككى قېتىملىق ناخشىسىدىن شۇنى ھېس قىلغانىكەنكى، يىگىت ئەتىگەندە تاماق يېمىگەن، قورسىقى ئاچراق، شۇڭا ئاۋازى جاراڭلىق چىققان، جېيناتا - قېينانىسىنىڭ ئۆيىگەبېرىپ قورسىقىنى جىقراق توقلىۋالغاندىن كېيىنكى ناخشىسى بولسا لەرزان چىققانىكەن. دېمەك، ئاپراسياپ كەشىپ قىلغان بو ئەسۋاب راۋابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى بولۇپ قالغان. كېيىن ئۇ تېخىمۇ يۇقىرىراق ئاۋازلىق چالغۇ ئەسۋابى ياساش مەقسىتىدە دۇتارنى ياسىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەلدە ئادەملەر قورساق توقلاپلا يۈرىدىغان ئادەتلەر تۈگەپ، نەغمە - ناۋامۇ بولىدىغان، ساز چېلىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان بولۇشقانىكەن.
[align=justify]مەنبەسى: بىلىقۇت تورى[align=justify]
http://www.bilqut.com/madiniytimiz/show.php?itemid=640
دولان راۋابى
دولان راۋابى ئەڭ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، دەستىسى بەربابقا ئوخشاش كەڭ ياسىلىدۇ. دولان راۋابىنىڭ دەستىسىگە ئادەتتە پەدە باغلانمايدۇ. بۇ ئۇنى ناھايىتى ئەپچىل سىيرىپ چېلىش، بەزى ئالاھىدە مىللىي پۇراقلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ياخشى شەرت ـ شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. دولان راۋابىنىڭ يۈزلۈكىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. كۆپىنچىسىگە 15 ـ 19 غىچە تار سېلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ئۈچ تال تارى ئاساسىي تار بولۇپ، باشقىلىرى قوشۇمچە ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قىسقا ئىككى مۈڭگۈزى باش قىسمىدىن سەل يۇقىرىراق ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئۇسلۇبتا نەقىش قويۇلغان. دولان راۋابى ئۈجمە ۋە ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىپ يۈزلۈكىگە ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلىدۇ. بۇرۇنقى نۇسخىلىرىغا ئۈچەي تار سېلىناتتى. ھازىر ئاساسەن پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ باش قىسمى ياپىلاقراق، كەڭ كەلگەچكە، ئادەتتە قۇچاققا يانتۇ قويۇپ چېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات ناھىيىسى قاتارلىق دولان رايونلىرىغا كەڭ تارقالغاچقا «دولان راۋابى» دەپ ئاتالغان.
قەشقەر راۋابى
راۋاب ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ۋە مىللىتىمىزنىڭ بىردىنبىر ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە چالغۇسىدۇر. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى چاققان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا، خەلقىمىز مەيلى سەھنىدە بولسۇن ياكى ئىش ـ ئەمگەك، سەپەرلەردە بولسۇن، ئۇنىڭ ئېلىپ يۈرۈپ، خالىغان چاغدا چېلىپ كۆڭۈل ئاچالايدۇ. راۋاب چالغاندا، راۋابنىڭ بېشى ئوڭ قول بېلىكىمىز بىلەن ئوڭ مۈرە ئالدىدىكى قولتۇققا تىرەپ، يانتۇ كۆتۈرۈلۈپ چېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى قۇلاي بولغانلىقتىن، مەشرەپلەردە ئولتۇرۇپ ياكى سەپەرلەردە يول يۈرۈپمۇ چېلىشقا بولۇۋېرىدۇ.
ئۇيغۇر راۋابىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار «قەشقەر راۋابى»، «دولان راۋابى»، «قۇمۇل راۋابى»، «چاپلىما راۋاب»، «باس راۋاب» ۋە قەدىمىيرەك بولغان «قويچى راۋابى» قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.
راۋاب قۇلاق ئورنى، دەستىسى ۋە راۋاب بېشى (ئەكس سادا قاپىقى)دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. بېشىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى تەرىپىگە يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان بىر جۈپ قوچقار مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ، راۋاب ھۆسنىگە كۆركەم زىننەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ. بۇرۇن راۋابنىڭ يۈزىگە ئات ياكى ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى. ھازىر يۇقىرى سۈپەتلىك راۋابلارغا ئاساسەن يىلان تېرىسى ئىشلىتىلىدىغان بولدى. راۋاب كۆپرەك ياڭاق، ئۆرۈك ۋە چىناي ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. قەدىمكى راۋابلارغا قوي ـ ئۆچكە ئۈچىيىدىن تار ئېشىلىپ سېلىناتتى. ھازىر ھەممىسىگە ئاساسەن پولات سىم ئىشلىتىلىدۇ.
قەشقەر راۋابىنىڭ دەستىسىگە كىرىچتىن ياكى سۇلياۋ يىپتىن 20 نەچچە پەدە باغلىنىدۇ. بېشى دۈگىلەك يېرىم شار شەكلىدە ياغاچتىن ئويۇلۇپ، يۈزىگە يىلان تېرىسى كېرىلىپ ياسىلىدۇ. شۇڭلاشقا، «ئويما راۋاب» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈزلىكىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 13 سانتىمېتىر، ئادەتتە 6 ـ 7 تال سىم تار سېلىنىدۇ ھەمدە بىرلا ئالدىنقى تارى ئاساسىي مېلودىيە ئورۇنداش ئۈچۈن، قالغانلىرى قوشۇمچە ئاككورد ياكى سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئاۋازى ياڭراق، جۇشقۇن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ.
قەشقەر راۋابىنىڭ سىرتقى ياغاچ يۈزىگە سۆڭەك ياكى سۇلياۋدىن خىلمۇخىل گۈزەل مىللىيچە نەقىشلەر قويۇلۇپ، ئالاھىدە ئىشلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب قەشقەر رايونىدا كۆپرەك قوللىنىلغاچقا، «قەشقەر راۋابى» دەپ ئاتالغان.
قۇمۇل راۋابى
قۇمۇل راۋابىمۇ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياسىلىش شەكلى چوڭ جەھەتتە دولان راۋابىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق، قۇرۇلمىسىدا مەلۇم پەرقلەر بار.
قۇمۇل راۋابى راۋاب بېشى، پەدە قويۇلغان كەڭرەك ئۇزۇن دەستىسى، پەدە قويۇلمايدىغان تارراق قىسقا دەستىسى ۋە قۇلاق ئورنى قاتارلىق تۆت قىسىمدىن ياسىلىدۇ. قۇلاق ئورنى ئۈچ بۈرجەك شەكلىدە بولۇپ، ئالتە دانە قۇلاق بېكىتىلگەن. راۋاب دەستىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسمى دولان راۋابىغا ئوخشاش ياسىلىپ پەدە قويۇلمايدۇ. تۆۋەنكى قىسمى كەڭرەك بولۇپ، مىستىن 14 دانە پەدە قويۇلىدۇ.قۇمۇل راۋابى كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. راۋاب بېشى (ئەكس سادا قاپىقى) ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ، سوقىچاق ۋە ياپىلاقراق ھەمدە سەل چوڭراق ياسىلىدۇ. سوقىچاق بېشىنىڭ كەڭ دىئامېتىرى 23 سانتىمېتىر، تار دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. پەدە قويۇلمىغان دەستىسى 15 سانتىمېتىر، پەدە قويۇلغىنى 28 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 85 سانتىمېتىر.
قۇمۇل راۋابىنىڭ يۈزلۈكىگە بۇرۇن ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى ھەم ئۈچەيدىن تار ئېشىپ سېلىناتتى. ھازىر ئومۇمەن يىلان تېرىسى كېرىلىپ، پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ 13 تال تارى بولۇپ، ئالدىنقى ئالتە تال تارى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار، قالغانلىرى ئەكس سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. (1) (2) تارى بىر جۈپ ھالدا «d1» ئاھاڭىغا، (3) (4) تارى بىر جۈپ ھالدا «g1 ئاھاڭىغا، (5) ۋە (6) تارلىرى تومراق بولۇپ، تۆۋەندەك بولغان «d» ۋە «G» ئاھاڭلىرىغا تەڭشىلىدۇ. قۇچاقتا ياقتۇ قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ (كۆپىنچە بىرىنچى قول ئورنىدا)، ئوڭ قولدا زەخمەك بىلەن تار چېكىپ چېلىنىدۇ.
قۇمۇل راۋابىنىڭ ئۈستىگە خىلمۇخىل مىللىي پاسوندىكى نەقىشلەر ئويۇلىدۇ، بەزىلىرىگە ھەتتا ئۈنچە ـ ياقۇتلار قويۇلۇپ نەپىس ياسىلىدۇ. بۇ خىل راۋاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆپرەك قوللىنىلغاچقا، «قۇمۇل راۋابى» دەپ ئاتالغان.
مەنبەسى:بەيدۇدىن ،گۈزەل ئىلى تورى
http://hi.baidu.com/%D3%F1%CB%D8%C6%D5%BD%AD/home
باس راۋاب
بۇ تۆۋەن ئاۋازلىق راۋاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <باس > دېگەن سۆز نېمىسچە <Bass> دەپ يېزىلىپ، <تۆۋەن>، <تۆۋەن ئاۋازلىق> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل راۋابنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى ئومۇمەن چاپلىما راۋاب بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بىراق، ھەجمى چوڭراق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا جەمئىي ئۈچ تال بوم تار (ئېشىلگەن پولات سىم) سېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا مۇھىم بولغان تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، يانتۇ تۇتۇلۇپ چېلىنىدۇ. ئۇمۇمەن، راۋاب (بۇرۇن <راباب> ۋە <رەباب> دەپمۇ ئاتالغان) بەربابنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولۇپ، <تەۋارىخى مۇسيقىيۇن> دا < 16 - ئەسىردە ياشىغان ياركەنتلىك مۇزىكا ئۇستازى قېدىرخان ياسىغان> دېيىلگەن.
دولان راۋابى
بۇئەڭ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، دەستىسى بەربابقا ئوخشاش كەڭ ياسىلىدۇ. دولان راۋابىنىڭ دەستىسىگە ئادەتتە پەدە باغلانمايدۇ. بۇ ئۇنى ناھايىتى ئەپچىل سىيرىپ چېلىش، بەزى ئالاھىدە مىللىي پۇراقلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ياخشى شەرت - شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. دولان راۋابىنىڭ يۈزلۈكىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. كۆپىنچىسىگە 15 - 19 غىچە تار سېلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ئۈچ تال تارى ئاساسىي تار بولۇپ، باشقىلىرى قوشۇمچە ئەكىس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قىسقا ئىككى مۈڭگۈزى باش قىسىمىدىن سەل يوقىرىراق ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئۇسلۇبتا نەقىش قويۇلغان. دولان راۋابى ئۈجمە ۋە ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىپ يۈزلۈكىگە ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلىدۇ. بۇرۇنقى نۇسخىلىرىغا ئۈچەي تار سېلىناتتى. ھازىر ئاساسەن پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ باش قىسمى ياپىلاقراق، كەڭ كەلگەچكە، ئادەتتە قۇچاققا يانتۇ قويۇپ چېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات ناھىيىسى قاتارلىق دولان رايونلىرىغا كەڭ تارقالغاچقا <دولان راۋابى> دەپ ئاتالغان.
قۇمۇل راۋابى
قۇمۇل راۋابىمۇ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياسىلىش شەكلى چوڭ جەھەتتە دولان راۋابىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق، قۇرۇلمىسىدا مەلۇم پەرقلەر بار قۇمۇل راۋابى راۋاب بېشى، پەدە قويۇلغان كەڭرەك ئۇزۇن دەستىسى، پەدە قويۇلمايدىغان تارراق قسىقا دەستىسى ۋە قۇلاق ئورنى قاتارلىق تۆت قىسىمدىن ياسىلىدۇ. قۇلاق ئورنى ئۈچ بۈرجەك شەكلىدە بولۇپ، ئالتە دانە قۇلاق بېكىتىلگەن. راۋاب دەستىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسىمى دولان راۋابىغا ئوخشاش ياسىلىپ پەدە قويۇلمايدۇ. تۆۋەنكى قسىمى كەڭرەك بولۇپ، مىستىن 14 دانە پەدەو قويۇلىدۇ. قۇمۇل راۋابى كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. راۋاب بېشى (ئەكىس سادا قاپقى) ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ، سوقىچاق ۋە ياپىلاقراق ھەمدە سەل چوڭراق ياسىلىدۇ. سوقىچاق بېشىنىڭ كەڭ دىئامېتىرى 23 سانتىمېتىر، تار دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. پەدە قويۇلمىغان دەستىسى 15 سانتىمېتىر، پەدە قويۇلغىنى 28 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 85 سانتىمېتىر. قۇمۇل راۋابىنىڭ يۈزلىكىگە بۇرۇن ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى ھەم ئۈچەيدىن تار ئېشىپ سېلىناتتى. ھازىر ئومۇمەن يىلان تېرىسى كېرىلىپ، پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ 13 تال تارى بولۇپ، ئالدىنقى ئالتە تال تارى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار، قالغانلىرى ئەكس سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. قۇچاقتا يانتۇ قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ (كۆپىنچە بىرىنچى قول ئورنىدا)، ئوڭ قولدا زەخمەك بىلەن تار چېكىپ چېلىنىدۇ. قۇمۇل راۋابىنىڭ خىلمۇ خىل مىللىي پاسوندىكى نەقىشلەر ئويۇلىدۇ. بەزىلىرىگە ھەتتا ئۈنچە - ياقۇتلار قويۇلۇپ نەپىس ياسىلىدۇ. بۇ خىل راۋاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆپرەك قوللىنىلغاچقا <قۇمۇل راۋابى> دەپ ئاتالغان. قويچى راۋابى بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان قەدىمكى راۋاب بولۇپ، شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن قەشقەر راۋابىغا ئوخشىشىپراق كېتىدۇ. بىراق، ياسىلىشى ئاددىي، راۋاب بېشى سەل چوڭ، دەستىسىمۇ ئۇزۇنراق كېلىدۇ. 10 نەچچە پەدە باغلىنىدۇ. يۈزلىكىگە ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلىپ ئۈچ تال ئۈچەي تار سېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن قەشقەر راۋابى بىلەن ئوخشاش.
مەنبەسى:ئىلى ئالمىزار مۇنبىرى
http://www.almizar.net/BBS/simple/index.php?t242.html
راۋاب
راۋاب — ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئوموملاشقان ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى بىر خىل چالغۇ ئەسۋاپتۇر .ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ،ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا
،مەيلى سەھنىدە ياكى ئەمگەك ۋە ياكى سەپەرلەردە بولسۇن ،ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ
خالىغانچە چالغىلى بولىدۇ
راۋاب ئادەتتە قۇلاق ئورنى ،دەستىسى ۋە راۋاب بېشىدىن .ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ .بېشىنىڭ يۈز قىسمى ئادەتتە قۇياشقى ياكى تولۇن ئايغا ئوخشايدۇ .بېشىنىڭ ئۈستۈنكى ئىككى تەرىپىگە ھىلال ئاي ياكى بىر جۈپ قوشقار مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ ،راۋاب ھۆسنىگە بىر خىل زىننەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ .راۋاب كۆپرەك ياڭاق ،ئۆرۈك ،چىنار ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ .يۈزىگە يىلان تېرىسى ئىشلىتىلىدۇ .ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا قەشقەر راۋابى ،دولان راۋابى ۋە ئەڭ قەدىمىي بولغان قويچى راۋابى ،يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىپ ياسالغان چاپلىما راۋاب (تالالىق راۋاب )ۋە تۆۋەن ئاۋازلىق باس راۋاب قاتارلىق خىللىرى بار .قەدىمكى راۋابلارغا قوي ،ئۆچكە ئۈچىيىدىن تار ئېشىپ سېلىنغان ،ھازىر ھەممىسىگە پولات سىم ئىشلىتىلىدۇ .
راۋابلارنىڭ ھەر قايسى خىللىرىنىڭ تۈزۈلۈشى قىسمەن جەھەتتىن بىر–بىرىدىن پەرقلەنسىمۇ ،ئومومىي قانۇنىيەت ۋە شەكىل جەھەتتىن بىر –بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ .
مەنبەسى تەڭرىتاغ تورى
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/wenhua/content/2007-06/01/content_7843.htm
مەنبە:توردىن تەرمىلەر