مىسرانىمدىكى دوسلارغا
ئالدى بىلەن ئوتتۇز ئوغۇلدىن باشلايلى :
مىسرانىمدا بىر يىگىت ،
تىنىم تاپماي ئىشلەيدۇ.
قەيسەر ئۆزى تىرىشچان،
ھەممە ئۇنى داڭلايدۇ.
مىسرانىمدا بىر يىگىت ،
تىمىلارنى تەستىقلار.
كۆرسە يامان ئادەتنى،
دەرھال ئۇنى ئوڭشىتار.
مىسرانىمدا بىر يىگىت ،
رەسىم يوللاپ ھارمايدۇ.
باش سۆرەتنى ئۆزگەرتىپ،
ھەۋەس بىلەن قارايدۇ.
مىسرانىمدا بىر يىگىت ،
قوشاق قېتىپ يۈرىيدۇ.
تاپالماستىن سۆيگۈسىنى ،
مىسرالاردىن ئىزدەيدۇ.
مىسرانىمدا بىر يىگىت ،
شېئىر يېزىپ يۈرىيدۇ.
نامەرىت بولمادوستۇم دەپ،
مەرت بولۇشقا ئۈندەيدۇ.
مىسرانىمدا بىر يىگىت ،
ھېكايىلەر سۆزلەيدۇ.
كۆرگەن ئاڭلىغىنىنى،
مۇنبەرلەرگە يوللايدۇ.
مىسرانىمدا بىر يىگىت ،
خەۋەر _ ئۇچۇر يوللايدۇ.
بىلگەچ جاھار سىرىنى ،
ھەممە ئۇنى قوللايدۇ.
مىسرانىمدا بىر يىگىت ،
يۇمۇر _ چاقچاق يوللايدۇ .
كۈلكەھەمراھ بولسۇن دەپ،
بارماقلىرى تالمايدۇ .
مىسرانىمدا بىر يىگىت ،
بەس _مۇنازىرە قوزغايدۇ.
ياخشى بولسۇن مۇنبەردەپ،
نەسىھەت قىلىپ ھارمايدۇ.
ئەمدى توققۇز قىزىمىزغا كەلدى:
مىسرانىمدا بىر تال گۈل ،
تېما بېزەپ ھارمايدۇ.
يازمىلىرى بەك تاتلىق،
ھەممە كۆرۈپ داڭلايدۇ.
مىسرانىمدا بىر قىزچاق ،
شېئىر يېزىپ ھارمايدۇ.
سېغىنشنىڭ كۈيىنى ،
ھەممە يەرگە باشلايدۇ.
مىسرانىمدا بىر قىزچاق ،
قوشاق قېتىپ ھارمايدۇ.
مۇشائىرە ئېيتىشتا،
ھەممە ئۇنى چىللايدۇ.
مىسرانىمدا بىر قىزچاق ،
نەسىر يېزىپ ھارمايدۇ.
ئازاپ كەچمىشلىرىنى ،
شۇ قۇرلاردىن ئىزدەيدۇ.
مىسرانىمدا بىر قىزچاق ،
ھېكايە رومان يازىدۇ.
ئازاپ بىلەن شادلىقنى ،
ھەممىسىگە سۆزلەيدۇ.
مىسرانىمدا بىر قىزچاق ،
رەسىم يوللاپ تۇرىدۇ.
بەكمۇ گۈزەل بولغاچقا،
ھەممە ھوزۇر سۈرىدۇ.
مىسرانىمدا بىر قىزچاق ،
تۇرمۇشقا ئىزھات بېرىدۇ.
نەسىھەتلىرى جايىدا،
ماڭا بەكمۇ ياقىدۇ.
مەنبە :ئۈزۈم