مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2558|ئىنكاس: 46

كۈلۈپ قوياڭلار كېچىچە ئىت چۈشىگەن بولساڭل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20112
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7271
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 05:04:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى سۈرئەت بىلەن تارىم ئۆز ئارا پو ئېتېشىپ قاپتۇدە:
سۈرئەت دەپتۇ:مېنى ئۆيدىكىلەر بەك ئەتىۋارلايدۇ.يېمىگەننى يېگۈزۈپ،كەيمىگەننى كەيگۈزۈپ باقىدۇ.
تارىم ئۇھسىنغان ھالدا:سېنى بەك خارلاپتۇ ئاداش،بىزنىڭ ئۆيدە يېمىگەننى ئىتقا،كەيمىگەننى دىۋانىگە بېرىدۇ.

ھەممىڭلار ماۋۇ تەكلىماكان دېگەن ئاداشنى بىلىسىلەر،بۇ ئاداشنىڭ سەل ئاغزى بىزەپ،ئاچچىقى كەلسە خەقنى 7 پۇشتىغىچە قوشۇپ تىللايدىغان خۇيى بار.شۇنداق ۋاقىتلاردا يېزىنىڭ مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەي ياللانما
ئوقۇتقۇچى قىلىپ قويۇپتىدە بۇ ئاداشنى.
بىر كۈنى دەرىسخانىدا تازا ھېسىيات بىلەن دەرىس ئۆتىۋاتسا زامانى يېنىدىكى قىزنىڭ بېقىنىنى چىمدىپ كەپسىزلىك
قىپتىكەن،تەكلىماكاننىڭ ئاچچىقى كېلىپ زامانىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ۋاقىراپ تۇرۇپ:
ئاچاڭ بارمۇ؟دەپ سوراپتۇ.
زامانى:ئاچام بار دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
تەكلىماكان نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي:ھە،مېنىڭمۇ 2 ئاچام بار دېگۈدەك.

سەلكىن11بىلەن رۇخسانا كەچتە سىرتتىن تاماق يېمەكچى بولۇپ رۇخسانا گىرىم قىلغىلى ياندىكى ئۆيگە كىرىپ
كېتىپ خېلى ئۇزۇنغىچە چىقماپتۇ.سەلكىن11نىڭ ئاچچىقى كېلىپ ۋاقىراپتۇدە:
ھــــــــي،خوتۇن!!!!!قاچانغىچە چىقمايسەن،قوسقۇم ئېچىپ كەتتى مېنىڭ.
رۇخسانا:ۋاي ۋۇي دۆتمۇ سىز،بىر سائەت بولاي دېگەندۇ سىزگە بىر مىنۇتتا چىقىمەن دەۋاتقىلى.

يوچۇن ئادەم بىر قېتىم سورۇندا ئۆزىنىڭ ناھايىتى نەمۇنىلىك ئەر ئىكەنلىكىنى،ئايالىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرى
قىلدىغىننى سۆزلەپ پو ئاتقىلى تۇردىدە.
مەن ئايالىم بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى بۆلىشىۋالغان دېدى يوچۇن ئادەم.
ئاغىنىلەردىن بىرسى:سەن نېمە ئىش قىلىسەن؟
يوچۇن ئادەم:مەن باللانى يەسلىگە ئاپىرىش،ئۆي تازلاش ئىشلىرىنى قىلىمەن.
ئاغىنلەردىن بىرسى:ئۇنداقتا ئايالىڭ نېمە ئىش قىلىدۇ؟
يوچۇن ئادەم:ئايالىم پۇل بىلەن مېنى باشقۇرىدۇ.<كىنىشكىسى بار سايماخۇن>

ئوتياقنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ۋاقتى ئىكەن،بىر قېتىملىق چاغاندا ئۆيىگە چوڭلارنى يوقلاپ كەپتۇدە،چوڭلارغا ھەربىي قىسىمنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەۋاتسا يولدا 4 قىز قاتارلىشىپ ماڭغاننى كۆرۈپ قېلىپ گېپىدىن
توختاپ ئۇلارغا قاراشقا باشلاپتۇ.
بۇنى كۆرگەن ئانىسى:دادىسى قاراڭلار،بالىمىز چوڭ بوپتۇ،بۇرۇن قىزلارغا قارىمايتى.
ئوتياق ئانىسىغا :ئۇنداق ئەمەس ئانا،بۇلارنىڭ بىرسى قەدەمنى توغرا ئالمىدى دېگۈدەك.

راۋاپ بىر شاتۇتى بېقىپ ئۇنىڭغا كۈندە گەپ قىلىشنى ئۆگىتىدىكەن،شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى شاتۇتىدىن ئىمتاھان
ئېلىپ باقماقچى بولۇپ گەپ باشلاپتۇدە.
راۋاپ:مەن ئاش يەيمەن.
شاتۇت:مەنمۇ ئاش يەيمەن.
راۋاپ:مەن نان يەيمەن.
شاتۇت:مەنمۇ نان يەيمەن.
بۇنى ئاڭلىغان راۋاپ مەن نېمە دېسەم شۇنى دەيدىغان چېغى دەپ ئويلاپ دەپتۇدە:
مەن ئۇچالايمەن دېيىشىگە.
شاتۇت:پو ئاتمىغىنەۋا دېگۈدەك.

ماۋۇ كۆزۈم خوتەنلىك ھەممىڭلار بىلىسىلەر،بۇ قىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ يولغا چىقىش ئالدىدا دادىسى كۆزۈمگە
دەپتۇدە:
قىزىم،ئۈرۈمچىدە بىز <ي>دېگەننى ئۇلار <ر>دەيدۇ،دوسلىرىڭىز ئالدىدا چېنىپ قالماڭ دەپتۇ.
كۈزۈم بولىدۇ دادا دەپ يولغا چىقىپتۇ ۋە ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئاياغ مېيى ئالماقچى بولۇپ بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ
پىركازچىكتىن سوراپتۇ:
سىلەردە ئاراغ مارلاردىغان قارمار بارمىتاھا.

سېرىقبۇيىنىڭ ئايالى بېگانە قاچانلا قارىسا گۈرۈچ تامىقى ئېتىدىكەن،ھەم شۇنىڭدىن باشقا تاماق ئېتىشنى بىلمەيدىكەن،بۇنىڭدىن زېرىككەن سېرىقبۇيا بىر كۈنى ئاشخانىدا تاماق يېمەكچى بولۇپ ئاشخانىغا بېرىپتۇ.
سېرىقبۇيا كۈتكىچىدىن:ئاشخاناڭلاردا نېمە بار؟
كۈتكۈچى:پولو.گاڭپەن،شوۋىگۈرۈچ بار دەپتىكەن.
بۇنى ئاڭلىغان سېرىقبۇيا:ئاللا،بېگانە مۇشۇ ئاشخانىدا ئىشلەۋاتامدا دېگۈدەك.

شوخزىبا يولدىشى پاكدىل520دىن سوراپتۇ:جېنىم سىز مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىسىز؟
پاكدىل520:سەن مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرسەڭ،مەنمۇ شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن.
شوخزىبا:ئاللا جاجاڭنى بەرسۇن.

ئىۋۇ جانپولاتنى بىلىسىلەر،مۇنبەر تۈرمىسىگە كىرىپ كەتكەن،ھەم بۇ بالىنىڭ مىجەزىنىمۇ بىلىسىلەر ئېغىز غېرىچلاشقا
ئامراقلىقىنى.بۇ بالا مىسران باشقا مېھمانلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتسىمۇ ئېغىز غېرىچلاپ تۇرۋالىدىكەن،ئاچچىقىنى ئىچىگە
يۈتۈپ يۈرگەن مىسران بىر كۈنى دەپتۇدە:
ئەگەر يەنە باشقىلار ئالدىدا ئېغىز غېرىچلىساڭ ئېلىپ چىقىپ ئېتىۋېتىمەن.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىسران بىلەن بىر نەچچە باشلىق بىلەن قايسى يوپۇرماق چوڭ دېگەننى تالىشىپ قاپتۇ.
بىرسى دەپتۇ ئۈجمە يوپۇرمىقى چوڭ.بىرسى يەنە بىر نېمە يوپۇرمىقى چوڭ دەپ بىر يەرگە كېلەلمەپتۇ.
بۇنى كۆرۈپ ئىچى سىقىلىپ كەتكەن جانپولات مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ ۋاقىراپتۇدە:
ئېتىۋەتسەڭمۇ ئېتىۋەت گېپىمنى دەۋالاي،ھەممىدىن پالما يوپۇرمىقى چوڭ.<ئاخىرى مۇنبەر تۈرمىسىگە قامىدى>


ئەتە كەچتە يەنە بار ھەرقايسى بەگلەر ۋە خانلارغا.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kuzum + 88 يامان كەپتۇ ما يۇمۇرلىرى غۇجام....كۆزۈم

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 88   باھا خاتىرىسى

ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق،ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29232
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5055
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2011-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 10:49:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا ھ اھ   كۈلۈپ ئولتۇرالماي قالدىم . ئالامەت ئوخشتىش بوپتۇ . ياشاپ كىتىڭ

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4414
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5505 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 10:50:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن بەك قىززىق يۇمۇرلاركەن، ئەممازە يېڭى ئەزالارغا ئاشمايدىغان چىغىۋا.............
ئاۋۇ شاتۇتىنىڭكىنى ئوقۇپ ئەجەپ كۈلۈپتىمەن دىسە.......................

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!
مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 10:50:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (يارزات) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 5064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12676
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6952 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 10:52:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىت سۇرۇپ چۇش كورگەنلەرگە يوق مانا  [s:182]  [s:152]

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

♥زىمىن بىرىنجى ۋ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18299
يازما سانى: 737
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 1016
توردا: 5586 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 10:57:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى  ھى  ............. مېنى  ھەجەپ كەلتۈرۋىتىپسىزغۇ ؟ 

راستىنلا  دەل  كەپتۇ ماڭا ،،،، مېنىڭ  شۇنداقراق  مىجەزىم  باتى [s:151]  [s:151]
، تالاغا  قېتىپ  چىقمغىچە  ئۇنمايدىغان ~~~~     [s:179] ```````
قاندا  بىلىپ  قاغانسىز   بۇ مىجەزىمنى ،ۋاي  توۋا  ``````` [s:136]

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 11:07:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شاتۇتىنىڭككگەشۇنچىلىك كۈلۈپتىمەن  .
ئەتىگەندە خۇش كەيپىيات ئاتا قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر  .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

كۈنلىرىم قىممىت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16384
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 11:10:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى بەك قىزقارلىق چىقىپتۇ  [s:127]  [s:138]

ئالدىراپ كۈلمىگىن تەڭشەپ قۇيىدۇ، دەرد ـ ئەلەم كۈزۈڭنى ياشلاپ قۇيىدۇ . ئۇنۇتما ، بىرگە بىر تەڭشەلگەن جاھان ، نامەرتلەر سىنىمۇ ئالداپ قۇيىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28710
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5601
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2011-2-1
ئاخىرقى: 2013-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 11:13:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھاھ ھ.. ئالامەت ئوخشتىش بوپتۇ . ياشاپ كىتىڭ [s:159]  [s:159]  [s:159]

جەۋلانى

ھاياتقا ئۈمۈد بى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9450
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 11:13:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (يارزات) نىڭ يازمىسىغا

ھەقىقەتەن كەلتۈرۈپ قويۇپسىزغۇ ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش