مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 987|ئىنكاس: 0

ئالىمجان شۇجىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كەلدى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18477
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10681 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-7 03:40:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالىمجان بىلەن جاڭ چۈنشيەن قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى
    — شۇجى ئاكا ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !

    چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەن ، ئالىمجان خالىق ئالاھىدە تەييارلىغان سوۋغىسىنى ئېلىپ ، ‹‹ شۇجى ئاكىسى ›› نىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كەلدى .

    — ئالىمجان ، مېنىڭ قېرىندىشىم ، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !

    ئىككەيلەن قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى .

    — قايتىپ بېرىپ ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ سالامەتلىكى قانداقراقكەن ؟ – ، جاڭ چۈنشيەن سەمىمىيلىك بىلەن ئالىمجاننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ئەھۋال سورىدى .

    جاڭ چۈنشيەن ئالىمجانغا مۇنداق دېدى : ‹‹ مەن خەۋەرلەردىن سىزنىڭ ھەمراھ تېپىشتىكى ئۆلچىمڭىزنى ئۇقتۇم ، سىز تاشقى قىياپەت مۇھىم ئەمەس ، كۆڭلى ياخشى بولسىلا بولدى ، دەپسىز . بۇ ناھايىتى مۇھىم ، چوقۇم ياخشى تاللاڭ ›› .

    ئالىمجان قېرىندىشىنىڭ سۆزلىرىدىن بىرنېمىنى چۈشەنگەندەك مەمنۇنلۇق بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى .


ئالىمجان شۇجىغا چاغانلىق سوۋغا ئېلىپ كەلدى
   
    39ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى ئالىمجان گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بىجيې شەھىرىدە كاۋاپچىلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداپ ، سەككىز يىلدا يىغقان 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ ، ‹‹ ساخاۋەتچى كاۋاپچى ›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى .
    بۇلتۇر 28 – دېكابىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئالىمجان خالىقنىڭ بۇ ساخاۋەتلىك ئىش – ئىزلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، توردا ئۇنى قوللاپ بىر بېلەت تاشلىدى ھەم مۇنداق تەستىق سالدى : قېرىندىشىمىز ئالىمجان ياردەم قىلغان 100 يۈەننى دەسمايە قىلىپ، سەككىز يىلدا 300 مىڭ زىق كاۋاپ سېتىپ تاپقان 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا سەرپ قىلغان، بۇ ئىشتىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم! ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئەزاسى، شۇنداقلا ياخشى ئوغلانى، ئىنىمىز ئالىمجانغا بىر ئاۋاز بېرىمەن.

مەنبە .....http://www.nur.cn/html/news/16473.shtml

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش