سۈيۈملۈكۈم، ئۇقامسەم.مېنى پاشا چېقىۋالسىمۇ شۇنچىلىك ئاغرىيدۇ،ئېچىشىدۇ،قىچىشىدۇ،ئەمما.سېنى دەپ،كۆڭلۈڭنى دەپ.قاتتىق ئازاب چەكسەممۇ مەيلى،ماڭغا بىلىنمەيدۇ،ئەكسىنچە مەن ساڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ،مەندىن ئەنسىرمە دەيمەن..
سۈيۈملۈكۈم،سېنىڭ مېنىڭ بۇرنۇمنى چىمداشقا ئامراقلىقىڭنى بىلەن،ئەگەر خالىساڭ،مەن مەڭگۈ ساڭغا چىمدىغۇزىمەن.ھەتتا،بۇرنۇمنى ساڭغا كېسىپ ئېلىپ بېرىشقىمۇ رازىمەن...چۈشىنەمسەن...
سۈيۈملۈكۈم،سېنىڭ مېنى ساقلاۋاتقانلىقىنىڭ بىلىمەن،ماڭغا ئېنتاين مۇھتاجلىقىڭنىمۇ بىلىمەن،مانا مەن كەلدىم.سېنى ھەرگىز يالغۇر تاشلاپ قۇيمايمەن..مەيلى كۆڭلۈڭ يېرىم ياكى خۇشال بۇلسۇن،مەن سەن بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشكە تەييار...
سۈيۈملۈكۈم،مەن سېنىڭ خۇشاللىقىڭ كۈلكەڭ ئۈچۈن،ساڭغا ھەر دائىم ئۇتتۇرۇپ بېرىمەن،ئىشتىن ھېرىپ كەلسەممۇ،سېنىڭ خۇشاللىقىڭ ئۈچۈن،سەن بىلەن ئويۇن ئوينايمەن.مەيلى سۈيۈملۈكۈم،سەن خۇشال بۇلساڭ،مەنمۇ خۇشال بۇلىمەن..
سۈيۈملۈكۈم سەن بىلەمسەن،سەن ماڭغا تېلىفۇن قىلغان چېغىڭدا،ئۆزەمنىڭ نېمىش قىلىۋاتقانلىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن.چۈنكى مەن بەكلا خۇشال،سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىيالىدىم ئەمەسمۇ؟
سۈيۈملۈكۈم،ئۇقامسەن،سېنىڭ ماڭغا تاماق ئېتىپ بېرىۋاتقان ۋاقتىڭ،سېنىڭ ئەڭ گۈزەل،ئەڭ يېقىملىق،ئەڭ مېھرىبان،ئەڭ ۋاپادار،ئەڭ كۈيۈمچانلىقىڭ چىقىپ تۇرغان ۋاقتى.مەن سېنىڭ بۇ ۋاقتىڭغا بەك ئامراق....
سۈيۈملۈكۈم .قاراپ باققىنە؟...سېنى بىر ئامال قىلىپ خۇشال قىلالايمەن..سېنى كۆڭلۈڭنى چوقۇم ئالالايمەن.خاپا قىلىپ قۇيغان يېرىم بۇلسا،مېنى كەچۈرگىن.5جۈپ كۆزلەر سېنىڭ كەچۈرۈۋىتىشىڭىنى ئۈمىد قىلىپ تۇرىدۇ،سەن مېنىمۇ خۇشال قىلالامسەن؟
سۈيۈملۈكۈم،ياخشى چۈش كۆرگىن،مەن بۈگۈن كەچتە چوقۇم يەنە چۈشۈڭگە كىرىمەن.سېنىڭ ياخشى ئۇخلاپ،ياخشى دەم ئېلىشىڭنى تىلەيمەن...خەير-خوش...
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ..ياقتۇرۇپ كۆرگىنىڭلارغا رەخمەت.