تور ئارلاۋتىپ ئۈچىرتىپ قالدىم ، دوسلارغا ياردىمى بولار دىگەن ئۈمىددە يوللاپ قويدۇم .
QQ ماس قەدەم ياردەمچىسى بولسا، 腾讯 شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىر خىل يانفون يۇمشاق دېتالى بولۇپ، يانفوندىكى سانلىق-مەلۇماتلار، مەسىلەن، ئالاقە دەپتىرى، قىسقا ئۇچۇر، سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە تور زىيارەت خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك ھالدا تورغا زاپاسلاپ بېرىش ۋە لازىم بولغاندا
يانفونغا ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارلىرى تەمىنلەنگەن…
بەزىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن يانفوننى يۈتتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇد بولىدۇ. بۇنداق چاغدا يانفون ئىچىدىكى بارلىق ئۇچۇرلاردىن، جۈملىدىن
تېلىفون دەپتىرى، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىقلاردىن ئايرىلىمىز، SIM كارتىسىنىغۇ تولۇقلاپ بېجىرگىلى بولىدۇ، بىراق يانفوندىكى ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ناۋادا يانفونىڭىزغا
QQ ماس قەدەم ياردەمچىسى قاچىلانغان ھەمدە «تېلىفون نومۇرلىرىنى تورغا يۈكلەش» ئىقتىدارى ئارقىلىق نومۇرلارنى زاپاسلاپ قويغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا يېڭى يانفونغا بۇ ئۇچۇرلارنى ناھايىتى ئاسانلا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، QQ ماس قەدەم ياردەمچىسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا،
يانفون قىسقا ئۇچۇرى، پاراڭلىشىش خاتىرىسى، تور زىيارەت خاتىرىسى قاتارلىقلارنى زاپاسلاپ بېرىش ئىقتىدارى بولۇپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قولايلىق. سىز QMail، كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلانغان
QQ يۇمشاق دېتالى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، زاپاسلىۋالغان بۇ ئۇچۇرلىرىڭىزنى ناھايىتى ئاسانلا تاپالايسىز. ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، مەخسۇس مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق، يانفون، كومپيۇتېر، تور بېكەت قاتارلىق زاپاسلاش نۇقتىلىرىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ۋە دەلىللەش ئېلىپ بارىدۇ، مەشغۇلاتمۇ ئىنتايىن قولايلىق.
QQ ماس قەدەم ياردەمچىسى نۆۋەتتە كۆپ خىل سۇپا قوللايدىغان يانفون يۇمشاق دېتالى بولۇپ، Symbian S60/v2/v3/v5،
iPhone، Android ۋە Windows Mobile قاتارلىق ھەرقايسى يانفون مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا ئىشلەيدىغان نۇسخىلىرى تولۇق تەمىنلەنگەن.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(يانفونىڭىزنىڭ تىپىغا ماس ھالدىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ):
QQ ماس قەدەم ياردەمچىسى |
مەنبە: torhumar.com