ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار بۈگۈن سۆزلىنىدىغان مەزمۇن ئۆزكومپىيوتۇرىڭىزدا ۋىروس بايقاش ۋە ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش.
سىز بەلكىم ۋىروسخور تۇرسا بىز ئۆزىمىز بايقاپ نىمە قىلىمىز دىيىشىڭىز مۇمكىن لىكىن ۋىروسخور ھەممە ۋىروسنى بايقاپ بولالمايدۇ. بەزى ۋىروسلار ئالاھىدە ياسىلىدىغان بولۇپ ۋىروس ياسىلىپ بولغاندىن كىيىن ھەممە ۋىروسخورلاردا ئۆلتۈرگۈزۈپ سىناپ بېقىپ ۋىروسخور ئۆلتۈرگەندىن كىيىن شۇ چىقىرىپ بەرگەن ئالاھىدىلىككە قاراپ ۋىروسقا باشقا خىل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ياسىلىپ ئاخىرىدا ۋىروسخور بايقىيالمايدىغان ھالەتكە كىلىدۇ.
تورداشلار ئۈچۈن مەن تۆۋەندە سۆزلىنىدىغان ۋىروسلارنى ئۆز كومپىيوتۇرمدا سىناق قىلىمەن، ئۆزۈم ياسىغان جىمۇ، كۆردۈڭلارمۇ نىمە دىگەن زور قۇربانلىق بۇ ھې ھې ھې.
ئاۋال سۆلىنىدىغىنى كۈلرەڭ كەپتەر دەپ ئاتىلىدىغان ۋىروس.
بۇ ۋىروس 2001-يىلىلا خەتەرلىك ۋىروسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ھازىرغا قەدەر ھەرخىل خاككىرلار تەرىپىدىن ھەرخىل ئۆزگەرتىلىپ 60مىڭ خىلدىن ئېشىپ كەتتى.
بۇ ۋىروسنىڭ ئالاھىدىلىكى:
بۇ ۋىروس بىلەن يۇقۇملانسىڭىز باشقىلار سىزنىڭ كومپىيوتۇرىڭىزنى خۇددى ئۆز كومپىيوتۇرىنى باشقۇرغاندەك باشقۇرىدۇ، خالىسا كومپىيوتۇرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى يۇيىۋىتىدۇ،خالىسا ھۆججەتلىرىڭىزنى ئۆزىگە يۆتكۈۋالىدۇ،خالىسا تىلكامىرانى باشقۇرۇپ سىزنى كۆزىتىپ ئولتۇرىدۇ،خالىسا سىزنىڭ مىكروفۇندا سۆزلەشكەن پارىڭىڭىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرىدۇ خالىسا سىزنىڭ قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشىڭىزنى كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ،خالىسا سىزنىڭ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقان خەتلىرىڭىزنى ئوغۇرلۇقچە كۆرىۋالىدۇ... ۋاي ئىشقىلىپ بەك جىق.
بۇ خىل ۋىروسنىڭ ئادەتتىكىسىنى ۋىروسخور بايقىيالايدۇ يۇقىرىدا مەن ئېيتقاندەك ئۆزگەرتىلسە بايقىيالمايدۇ مەسلەن:
بۇ ۋىروسنىڭ قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى رەسىمى ئۆزۈم خالاپلا بىر ئىسىم قويۇپ قويدۇم mmدەپ.(ئادەتتە كۆپىنچى خاككىرلار مۇشۇنداق قالايمىقان ھەرىپلەر بىلەن ئىسىم قويىۋالىدۇ)
ئەمدى ۋىروسخور بىلەن تەكشۈرگەن رەسىمى:
مانا تەكشۈرسە ھېچنىمە چىقمىدى. ئەمدى بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق بايقايمىز. ئادەتتە كۆپۈنچە ۋىروسلار ھەممىسى قوزغىلىشچان بولغاچقا يەنە exe شەكلىدە بۇخىل شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ھەممسى دىگۈدەك ۋەزىپە سىتونىدا ئىجرا بولىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ۋەزىپە سىتوننىنى ماۋۇسنى ئىكراننىڭ ئەڭ ئاستىغا ئەكىلىپ ئوڭ تەرەپنى چىكىپ 任务管理器نى چەككىسىڭىز بولىدۇ. رەسىمگە قاراڭ .
رەسىمدىكىسنىڭ ھەممىسى مىنىڭ كۆمپىيوتۇرۇمدا ھازىر ئىجرا بولىۋاتقان ھۆججەتلەر. سىزىقتا كۆرسىتىلگىنى دەل بايىقى ۋىروس. مەيلى ۋىروس مەيلى باشقا ئادەم جىلە قىلىدىغان قانداق دىتال سىزنى بوزەك ئەتسە سىز ئۇنى قانداق ئۆچۈرۈشنى بىلمىسىڭىز مۇشۇ ۋەزىپە سىتونى ئارقىلىق ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ. ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى ئاسان شۇ تۈرنى بىر چىكىپ ئاندىن结束进程نى چەكسىڭىزلا بولىدۇ. لىكىن يانا بىر شوم خەۋەر ھازىر كۈلرەڭ كەپتەر ۋىروسلىرى تەرەققى قىلىپ ۋەزىپە سىتونىدا توشۇرۇن ھالەتكە ئۆتىۋالىدىغان بولىۋاپتۇ بۇنى مەخسۇس ياسالغان قۇراللار بىلەن ئاران تەكشۈرگىلى بولىدىكەن.
ئەمدى توردىكى بەزى ئالدامچى دىتاللار تونۇشتۇرىلىدۇ.
مەسلەن تۆۋەندە مەن ياسغان دىتال، بۇ دىتال مانا مۇنداق ئالدامچىلىق قىلىدۇ، دىتال ئىسمى چ چ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش دىتالى. چ چ دەرىجىسىنى تىزراق ئۆستۈرۈشكە قىزىقىدىغانلار ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ . مەن سىلەرگە كۆرسىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئادەتتىكىچە ياساپ قويدۇم ھەرخىل تېخىمۇ ئىشەندۈرىدىغان بىزەكلەرنى بەرمىدىم رەسىم تۈۆۋەندىكىدەك:
سىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش دىگەن كونۇپكىنى باسقاندا سىزنىڭ كىرگۈزگەن چ چ نۇمۇرىڭىز ۋە مەخپى نۇمۇرىڭىز مىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىمغا يىتىپ كىلىدۇ، چۈنكى بۇ دىتالنى ياسىغاندا مەن ئېلخەت ئادرىسىم بىلەن باغلاپ قويغان،سىز كىرگۈزگەن ھەرقانداق ھەرپ ۋە سان ئۇدۇل مىنىڭ ئېلخېتىمگە كىلىدۇ. مەسلەن:
مانا مۇشۇنداق يەنە ھەرخىل ئۇسۇللار بار چ چ ھەقلىق بەلگىلەرنى ھەقسىز يورۇتۇش دىتالى دىگەندەك.
مەنبە: ئۆزۈم.