مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3460|ئىنكاس: 31

« ئىشىمىز تۈزۈك» دىگەن ناخشا ھەققىدە ئىككى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15312
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9549 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 12:36:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

« ئىشىمىز تۈزۈك» دىگەن ناخشا ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز


ئەسلى مەن ناخشا ئۇقۇشنى بىلمىگەندىكىن ياكى ئوبزورچى بولمىغاندىكىن بۇ گەپنى دىمىسەممۇ بۇلاتتى. لىكىن دىمەي بولمىدى. چۈنكى يۈز بىرىۋاتقان بەزى ئىشلار مىنى بەك بىئارام قىلدى. توغرىسىنى دىسەم غەزەپلەندۈردى.
گەپنى باشتىن باشلاي: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-، 70- يىللىرىدا خوتەن دىيارىدىكى خوتەن(ئۇ چاغدا خوتەن شەھرى تېخى قۇرۇلمىغان ئىدى)، قاراقاش ناھىيىلىدىكى كومۇنارلار(ئەنى چاغدا دېھقانلار گوڭشې ئەزاسى يەنى كومۇنار دەپ ئاتىلاتتى) پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرقى بۇيىچە يۇرتنى گۈللەندۇرۈش قىزغىنلىقى بىلەن، قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقۇرى تەرىپىدە ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق بولغان زور كۈلەملىك سۇ ئىنشىئاتى قۇرۇشىغا قاتناشتى. قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنى بويىدا( يەنى خوتەن شەھرىنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە توغرا كىلىدۇ) پەيزىئاۋات، نۇسىي، لاڭرۇ، پوپۇنا...قاتارلىق قەدىمىي كەنتىلەر بار. پەيزىئاۋات كەنتىنىڭ سەل شىمالىغا بىر سۇ ئىلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇپ «پەيزىئاۋات سۇ ئىلىكتىر ئىستانسىسى» دەپ ئاتالدى. ئىستانسىنىڭ سەل ئايىغىغا(ھازىرقى قاراقاش دەريا ئېلىش بېشى) سۇ بولگۈچ ياسىلىپ، قاراقاش دەرياسىنىڭ سۇيىنى خوتەن، قاراقاش ناھىيىلىرىگە باشلايدىغان ئۆستەڭلەر چېپىلدى...
70 - يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى بىر كۈز، مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇيتتىم. بىزنىڭ ئائىلىدىدىنمۇ بىرقانچە كىشى بۇ يىلقى قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئىدى: دادام شۇ چاغدا «خەلق كومۇنىسى(خەلق گوڭشېسى)»نىڭ باشلىقى بولغاچقا بىزنىڭ كومۇنانىڭ « قۇماندانى» بۇلۇپ بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشتى. ئىككى ئاكام « قايتا تەربىيە»گە چۈشكەن ياش بولغاچقا، دادام ئۇلارنى « ئاممىدىن ئايرىلىپ قالماڭلا... چېنىقىڭلا... مىنىڭ سايەمدە ئالاھىيدە بۇلىۋالماڭلا...» دەپ بىرگە قاتناشتۇردى. ئۇرۇق- تۇققانلاردىنمۇ بىر-قانچەيلەن كومۇنار بولغاچقا مىڭلىغان كومۇنارلار قاتارىدا بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشتى... ئۇلار زامانىۋى قاتناش قۇرالى ھىساپلىنىدىغان كومۇنا ئىگىلىكىدىكى بىر قانچە تىراكتۇر ۋە ئەترەت( ئۇ چاغدا كەنت ئەترەت دىيىلەتتى)نىڭ ئات، ئىشەك، كالا ھارۋىلىرىغا يوتقان- كۆرپە ۋە ئوزۇق- تۈلۈكلىرىنى بېسىپ، ئۆزلىرى كەتمەننى مۇرىسىگە سېلىپ:
ئۆستەڭ ياقىلاپ بېرىپ،
تۇتقان سۇلىرىڭ قايسى؟
بىزنى يامان دەپ بىلىپ،
تۇتقان يارلىرىڭ قايسى ؟
.......................................
كومۇنا ياپ- يىشىل پىلەك،
شۇ پىلەكتىكى قوغۇن كومۇنارلار.
پىلەك ئاينىسا قوغۇن چوڭ بۇلار،
پىلەك چوڭايسا قوغۇن قەن بۇلار.
...............................
دىگەندەك ناخشىلىرىنى بولىشىغاتوۋلىشىپ، 30—40 كىلومىتىر يولنى پىيادە بىر كۈندە بېسىپ ئىش ئورنىغا كىلىپ ئىشقا ئاتلىنىشقان. شۇيىلى دادام ۋە ئاكىلىرىم روزى ھېيتتىمۇ ئۆيگە قايتمىدى. كىيىن ئاكىلىرىمنىڭ دەپ بىرىچە شۇ كۈز، باش قىشتا دادام كومۇنانىڭ «قۇماندالىق شىتابى» دىيىلگەن كەپىدە، ئاكىلىرىم بولسا كومۇنارلار بىلەن بىللە ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە، پەشئايۋانلىرىدا يېتىشىپتۇ، ھاۋا سوۋۇپ ھەتتا كىيىنكى كۈنلەردە كىچىلىرى مۇز توڭلاپتۇ. كىيىملىرى پىتلاپ كىتىپتۇ. دادام مۆرىسىدە كەتمەن، ئەمگەككە يىتەكچىلىك قىپتۇ، ئاكىلىرىم ياش كومۇنارلار بىلەن بىلەن «ياش زەربىدارلار ئەترىتى»دە ئەمگەك قىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىردىن – بىر زامانىۋى قۇرالى پارتلىتىش دورىسى ئىكەن، ئەگەر ئۆستەڭ چاپىدىغان يەر دۆڭلۆك ياكى قورام تاشقا دۇچ كەلسە رەھبەرلەر قوشۇلسىلا، خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىق بۈلۈمنىڭ باشلىقىنىڭ يىتەكچىلىكىدە پارتلىتىپ بىرىدىكەن. قالغان قورالى بولسا كەتمەن، گۈرجەك، جوتۇ، زەمبىل ... ئىكەن. تاماق ئوپچا بۇلۇپ، ئاساسلىقى ئۇماچ ۋە زاغرا ئىكەن. تۇرمۇش جاپالىق، ئەمگەك ئېغىر بولسىمۇ كادىرلار ۋە ئامما قىلچە زارلانمايدىكەن. چۈنكى ئۇلاردا« ئىستانسا پۈتۈپ، ئۆستەڭ چېپىلسا، يۇرتىمىزغا ئېلىكتىر توكى ۋە سۇ كەڭرى بارىدۇ، تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىپ كېتىدۇ...» دىگەن گۈزەل ئارزۇ- ئىشەنچ بار ئىكەن. ھېيت يېقىنلاشقاندا ئەترەت كادىرلىرى ئىككى ئاكامنى قايتۇرۋەتمەكچى بولغانكەن، بۇنى دادام ئۇقۇپ « باشقىلار نۆۋەت بىلەن ئائىلىسىگە بېرىپ كەلسە بۇلىدۇ، لىكىن مىنىڭ ئوغۇللىرىم ئالاھىيدە بۇلۇۋېلىپ ئۆيگە بىرىپ كەلسە بولمايدۇ» دەپ رۇخسەت قىلماپتۇ. كومۇنانىڭ باشقا رەھبەرلىرى ئارىغا چۈشكەن ئىكەن دادامدىن «نەسىھەت» ئاڭلاپتۇ. ئەمىلىيەتتە ئىككى ئاكاممۇ «كومۇنارلار تەقدىرداشمىز» دەپ قايتىشقىمۇ ئۇناشماپتۇ... مىنىڭچە بۇ شۇ چاغدىكى دەۋر روھى، كىشىلەرنىڭ ئورتاق غايىسى بولسا كىرەك.
شۇ چاغلاردا يېتىلىۋاتقان خەلق سەنئەتكارى ئابدۇللا مەجنۇن قاراقاش ناھىيىسىدە ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ، ئۇمۇ بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئىكەن. بۇ جايدىكى ئەمگەك، تۇرمۇش داۋامىدا ئۇ ئامما ئارىسىدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن «دەسمايە» توپلىغان ۋە بىر قىسىم ناخشىلارنى ئىجات قىلىپ، ئىش ئورنىدىكىلەرگە دۇتتارنى تەڭكەش قىلىپ ئۇقۇپ بەرگەن. شۇ قاتاردا مەن بۈگۈن توختالماقچى بولغان ناخشا «ئىشىمىز تۈزۈك» دۇنياغا كەلگەن:
لاڭرۇ يولى پەيزىئاۋات،
شىكەر سۈيى قەن- ناۋات.
يارىم بىلەن ئىككىمىز،
(خېنىمەي ئالتۇن ئىكەن، ناۋاتكەن) چۆلنى قىلىمىز ئاۋات.

قارلىغاچلار ئۇۋۇلاپتۇ،
پەش ئايۋاندا (دوست) پەرماندا.
قاچانغىچە يۈرەمىز،
كۈيەك ئوتىدا ئارماندا.

ئەتىگەندە( دوست) كۆلچەكتە،
مۇز توڭلاپتۇ(دوست) ئەينەكتەك.
قاچانغىچە يۈرەمىز،
كاككۇك بىلەن(دوست) زەينەپتەك.

نەقرات: ئاقىدۇ دەريالىرىىڭ سۇلىرى سۈزۈك،
قۇلىمىزدا گاڭ كەتمەن ئىشىمىز تۈزۈك.
نەچچە يىل كىيىن بولسا كىرەك، ئابدۇللا مەجنۇن دوستلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن خوتەن ناھىيىسىنىڭ « ھەمرا يۇلتۇز» كومۇنىسى( ھازىرقى خانئېرىق يېزىسى) غا كەلگەن ۋە بىر ئولتۇرۇش( كىچىك دائىرىدىكى مەشرەپ) تە يۇقارقى ناخشىلارنى ئوقۇغان. كومۇنا رادىئۇ ئۇزېلىنىڭ خادىمى تۇرسۇننىياز ھەسەن(نەچچە يىل ئىلگىرى قازا قىلىپ كەتتى) شۇ چاغدىكى چوڭ لىنتىلىق ئۈن ئالغۇدا بۇ سورۇننىڭ بارلىق ناخشىلىرىنى لېنتىغا ئېلىۋالغان. كىيىن بۇ ناخشىلار ھېيت- ئايەم، توي- تۆكۈنلەردە قويۇلغان... مەن شۇ چاغلاردا بۇ ناخشىلارنى ئاڭلىغان. بۇ مۇھەببەت، ئەمگەك تىمىسىدىكى تېكىستى ئاممىباپ، مۇزىكىسى يېقىملىق، جۇشقۇن، رېتىمى جانلىق ناخشا بولغاچقا كىشىلەرنىڭ بىردەك ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولغان ۋە تىزلا ئەل ئىچىگە تارالغان. بۇ ناخشا ئاڭلىنىشى بىلەن ئەر- ئايال، قېرى- ياش ئىختتىيارسىز بەس-بەستە ئۇسۇلغا چۈشۈش ئادەتكە ئايلانغان... بۇ ناخشىنىڭ ئىسمىنى ئىجاديەتچى « ئىشىمىز تۈزۈك»(كىيىن ئابدۇللا مەجنۇن ئۆزى ئۇرۇنلاپ نەشىر قىلدۇرغان «دەستىگۈل» ناملىق پىلاستىنكىدا شۇنداق ئاتىدى، بىزمۇ شۇ بۇيىچە ئاتايمىز) دەپ قويغان. لىكىن ئەل ئارىسىدا «لاڭرۇ يولى»، « سۇلىرى سۇزۇك»، « ئاقىدۇ دەريالىرىڭ»... دىگەندەك ناملار بىلەن كەڭ تارقىلىپ، خوتەن خەلق ناخسىلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى. پەقەت نەقىراتنىڭ ئىككىنچى مىسراسى « باغلىرىدا تاماشا، ئويناڭ تۈزۈك... ئىشىڭىزدا گەپ يوقكەن ئويناڭ تۈزۈك... باغلىرىدا تاماشا، ئىشىمىز تۈزۈك...» دىگەندەك ئۆزگۈرۈپ تۇردى.
ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھەببەت ناخشىلىرى ناھايىتى ھايالىق، يېقىملىق ئىدى. تېكىستى ۋە ئاھاڭلىرى چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقىي ھىسسىيات ئىدى. خۇددى « سىنى ئەسلەيمەن»، « تارىم ناخشىسى» ۋە بىر يۈرۈش «قايتا تەربىيە» ناخشىلىرىدەك، چىن ھىسسىياتتىن تەۋەللۇت بولغان بۇ ناخشىلارنىڭ ئىجادىيەتچىلىرى ئۆز ئىجادىيىتى ئارقىلىق پۇل تېپىشنى ياكى نام چىقىرىشنى ئەمەس بەلكى يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىشنى مەقسەت قىلغاچقا ناھايىتى يېقىملىق، ھايالىق چىققان بۇلۇپ، ناھيىتى تىزلا ئەل ئىچىدە تارالغان.
ھازىرقى بەزى ناخشىلارنى ئاتا- بالا، ئۇرۇق- تۇققانلار بىللە ئولتۇرۇپ ئاڭلاشقىمۇ نۇمۇس قىلىمىز. قىزلار ئۇيالماستىن سەھنىلەردە « سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ كىچىنى ئۇنتۇيالمايمەن...»، «لىۋىمگە سۈيەمسەن...» دىگەندەك بىھايا سۆزلەرنى ناخشا قىلىپ ئۇقۇيالايدۇ. يىگىتلەر بولسا « مىنى سۆيمىسەڭ ئۈلىمەن...»، « لەۋلىرىڭنى چىشلەيمەن...»، « ئۇنداق قىز، مۇنداق قىز...» دىگەندەك پەسكەش، بىمەنە سۆز تىزمىلىرىنى ناخشا دەپ سەھنىگە ئاچىقالايدۇ. ھىندىستاننىڭ ياكى چەتئەل كىنولىرىنىڭ قىستۇرما مۇزىكىلىرىغا ھېلىقىدەك تېكىسنى سېلىپلا «ئۆز ئىجادىيىتىم» دەپ ئۇيالماستىن بازارغا سالالايدۇ. خېلى چوڭ سورۇنلاردا ئۇرۇنلانغان بۇنداق ئاتالمىش «ئىجادىي ناخشا»لارنى ئاڭلاپ بولسىڭىز يا تىكىستى يا مۇزىكىسى ئىسىڭىزدە قالمايدۇ، ھەم ئىككىنچىلەپ بىرسى قايتا ئۇقۇمايدۇ. دىمەك بۇنداق ئەخلەت ئىجادىيەتلەر كىشىگە ئىستىتىك زوق بىرىش دىگەندىن يۈزمىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا. بۇ خىل ناخشىلارنى ئۇرۇنلايدىغان ئاتالمىش « ئاتاغلىق، ئەل سۆيگەن...» چولپانچاقلارنىڭ سەھنىدىكى كىيىم، چاچ ۋە بەدەن قىياپىتى توغرىسىدا توختالسام گەپ ئۇزىراپ كىتىدۇ.
80- يىللاردا ئابدۇللا مەجنۇن ھەر جەھەتتە يېتىشكەن خەلىق سەنئەتكارى بولۇپ تۇنۇلدى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت يۇرتىدا ئىشلىدى. كىيىن يەنە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسىغا يۆتكۈلۈپ، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. 90- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا خوتەنلىك ناخشىچى ئابدۇخېلىل نەمەت بۇ ناخشىنى شىنجىاڭ تىلىۋىزىيىسىنىڭ مەلۈم بىر پىرۇگىراممىدا ئۇرۇنلىدى، شۇنىڭ بىلەن تىزلا پۈتۈن شىنجاڭغا تارالدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىر قىسىم «مەدىنى ئوغرىلار»نىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئۇلار ھەسەلگە ئولاشقان چىۋىندەك ئولۇشۇپ بۇ ناخشىنىڭ تىكىستىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئۇقۇشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ناخشىنىڭ نۇرغۇن كىلونلانغان نۇسخىسى يەنى: «قەشقەر يولى پەيزاۋات، يارنىڭ يولى پەيزاۋات، باغلار يولى پەيزاۋات » قا ئوخشاش مىسرا بىلەن باشلىنىدىغان نۇسخىلىرى بارلىققا كەلدى. 2002- يىلى بولسا كىرەك، رامىزانغا ئاز قالغاندا خىزمەت بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالدىم. بۇ چاغلار ھەممە رىستۇرانلاردا توي- مەرىكە تازا قىزىغان چاغ ئىكەن. مەن چۈشكەن مىھمانخانىنىڭ تاماقخانىسىدا ھەر كۈنى توي بۇلۇپ تۇردى. توينىڭ نەغمىلىرىنىڭ ئاۋازى ياتاققىچە ئاڭلىناتتى. ھەر كۈنى كەچتە ياتاقتا ئولتۇرۇپ «ئىشىمىز تۈزۈك» دىگەن بۇ ناخشىنى «ھەقسىز» ئاڭلاپ تۇردۇم. ھەتتا بەزى كۈنلىرى بىر ئاخشامدا بىر تويدا ئىككى- ئۈچ قېتىم ئاڭلايتتىم. مەن ئەجەپلىنىپ بۇ ئىشنى ئۈرۈمچىلىك دوستلىرىمغا دىسەم ئۇلار « بۇ ناخشا ھازىر ئۇرۇمچىدىكى رىستۇرانلار مارشى بۇلۇپ قالدى، شۇڭا كىشىلەر قايتا- قايتا تەلەپ قىلىشىدۇ...» دىيىشتى. بەزىلەر بۇ ناخشىنى بارا- بارا ئۈزىنىڭ قىلىۋېلىش دەرىجىسىگە يەتتى. كىيىنچە مەلۇم بىر خېلى يىتىشكەن ” چولپانچاق “ خانىم «قەشقەر يولى پەيزاۋات» دەپ ئۇقۇپ پىلاستىنكا ئىشلەپ ساتتى. بۇنى كۈرۈپ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خانىمنى غايىبانە تىللاشتى. شۇندىن كىيىن خېلى كۆپ ”چولپانچاق “ بۇ ناخشىنى تارتىنماي بۇزۇپ ئۇقۇشتى. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى مەدىنىيەت ساھەسىدە ئۆزىنى” تۆتنىڭ بىرى“ دەپ يۈرگەن بەزى كىشىلەر بۇ ناخشىنى قەشقەر خەلق ناخشىسى دەپ يۈرگۈدەك. ئۇنتۇپ قالماڭكى بۇ ناخشا قانداقتۇ بىرسى تۆت سەر ھاراق ئىچىۋېلىپ، تاماكىنى بۇلىشىغا چىكىپ، ئىجادىيەت ھەققى تېپىش ئۈچۈن زورىغا تىزىپ چىقىلغان نەرسە ئەمەس، بەلكى يۇرەكنىڭ ئىچكى قېتىدىن چىققان چىن ھىسسىيات. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمگەك مەيدانىدىكى تاغ پارتلاتقان چاغدىكى گۈمبۈرلەشنىڭ، كەتمەن- گۈرجەكنىڭ تاشقا تەككەندىكى تاراڭ- تۇرۇڭنىڭ، بازغاننىڭ مىتىنغا ئۇرۇلغان چاغدىكى جاڭ- جۇڭنىڭ، كومۇنارلارنىڭ تاش- توپا يۆتكىگەندە كۈچىگەندىكى «ھە، ھۇ» لىرىنىڭ، كومۇنارلارنىڭ ھېيت كۈنىدىكى ئائىلىسىنى، يېقىن كىشىلىرىنى سېغىنىشلىرىنىڭ ئورگانىڭ بىركىشىدىن ھاسىل بولغان گۈزەل مىلودىيە. دىمەك «ئىشىمىز تۈزۈك» دىگەن بۇ ناخشا ئەينى چاغدىكى جاپالىق ئەمما قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش جەڭلىرىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ ئاللىقاچان خوتەن خەلق ناخشىسى بۇلۇپ ئەل ئارىغا تاراپ كەتكەن، ئۇنى ئەمدى ئابدۇللا مەجنۇننىڭمۇ خالىغانچە ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ دەپ قارايمەن. ئەگەر يۇقۇردا دىگەنلىرىمگە ئىشىنەلمىسىڭىز ئابدۇللا مەجنۇندىن سوراپ كۈرۈڭ. ئۇ ھېلىمۇ ھايات، بەلكىم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇقام تەتقىقات ئورنىدىن پىنسىيىگە چىققاندۇر. ھازىر «ئىشىمىز تۈزۈك»كە ئوخشاش كىشىگە ياقىدىغان ناخشىلار ئىجاد بولماي، ساپلا نىمجان، يىغلاڭغۇ ناخشىلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىدىكى سەۋەپ- كەتمەننى ئۆشنىسىگە سېلىپ، ناخشىنى بۇلىشىغا توۋلاپ، كۈنىگە پىيادە 30—40 كىلومىتىر يول يۈرەلەيدىغان، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ تاغ يۆتكەپ ئۆستەڭ چاپالايدىغان يىگىتلىرىمىزنىڭ بولماسلىقىدىن دەپ قارايمەن.
ئەگەر سىز ياز كۈنلىرى خوتەنگە كەلسىڭىز خوتەن ناھىيىسىنىڭ لايقا يېزىسىغا كىلىپ قاراقاش دەريا ئېلىش بېشىنى ساياھەت قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. چۈنكى سىز بۇ يەردە ئەينى ۋاقىتتىكى جاپالىق ئەمگەكنىڭ مىۋىلىرىنى كۈرەلەيسىز. سىز بۇ ناخشىنى ئۇقۇڭ، لىكىن بۇزۇپ ئۇقۇماڭ، ئىجادىيەتكە، ئىجادىيەتچىگە، خەلىققە ھۆرمەت قىلىپ ئۇقۇڭ. شۇ چاغدا سىزمۇ ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسىز.

«ئىشىمىز تۈزۈك» دىگەن ناخشىنىڭ ئابدۇللا مەجنۇن ئۆزى ئۇرۇنلاپ«دەستىگۈل» ناملىق پىلاستىنكىسىغا كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى يوللاپ قويدۇم. كۈرۈپ ھوزۇرلانغايسىلە. 


                       

مەنبە:ئۆز قەلىمىم



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
قىزغىن + 200

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 04:29:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ،تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە بارىكاللا!مەنمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەزكۇر ناخشىغا دىققەت قىلىپ كەلگەنتىم،كېيىن بازاردا راستىنلا بۇ ناخشىنىڭ كۆپ خىل ۋارىيانتى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.زور كۆپچىلىك كىشىلەر  مۇشۇنداق بىر قايىل قىلارلىق چۈشەنچىگە تەشنا ئىدۇق.مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يۇرتقا بارغان،ئەمگەكچان خوتەن خەلقىدە تاغنى تالقان،چۆلنى بوستان قىلىدىغان فەرھاد روھى باركەن! خوتەن خەلقىنڭ باتۇرلىقى، جەسۇر روھى بىزنىڭ ئۈگنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ!بۇ تېما ناھايىتى ئەتراپلىق،تەپسىلى،ئىلمى يوسۇندا يېزىلىپتۇ.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 789
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13865
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 05:24:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناخشىنى مەن بەك ياقتۇراتتىم ، لىكىن ئەسلى مەنبەسىنى بىلمەيتتىم ، بۇ توغرىدا ئەتىراپلىق چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ....

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 05:38:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روزى سايىت ئاكىمىز يازغان   < دېھقان بولماق تەس > دېگەن شېئىرىنىمۇ ئوقۇغۇچى بولماق تەس، ئوقۇتقۇچى بولماق تەس، بالا بولماق تەس، ئەر بولماق تەس ،،،،دېگەندەك ماز تېمىلارغا ئۆزگەرتىپ، روزى سايىت ئاكىمىز تارىم ژۇرنىلىدىكى زىيارەتتە بۇ توغۇرلۇق بىر مۇنچە قاخشىغان.

  دېمىسىمۇ ھازىرقى كىشلىرىمىزدە  تەقلىدشۇناسلىق، دورامچلىق بەك ئېغىرغۇ؟   سەنئەتكارلىرىمىز ئۇ بۇ دۆلەتنىڭكىنى تەرجىمە قىلىپ ئېيتقاننى ئاز دەپ يەنە بۇزۇپ ناخشا ئېيتىدىغۇ تېخى.

   ئانا يۇرتۇم خوتەننىڭ ئەمگەكچان خەلقىنىڭ    جاھىللارچە ئىشلەش روھى ۋە تارىخى كەچۈرمىشلىرىنى كۆز ئالدىمدا نامايەن قىلغىنىڭزغا كۆپ رەھمەت.  لېكىن ئاشۇ خەلقىمىزنىڭ قان - تەرىنى بىر شەخىشكە يېغىنچاقلاپ< خوتەن ئۇلۇغئاتا شۇ ئىنشائاتى ۋە  قاراقاش دەرياسى ئېلىش بېشىنى قىزىلىشنى ھەمدە ياسلىشىنى يولداش ۋاي ۋېينىڭ 30 يىللىق قان تەرى ۋە تۆھپىسى بىلەن ئۆلچەيمىز...> دەپ  تاشتىن مۆھۈر ۋە  ھەيكەل ئورنىتىلدى. 99% تى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى تۇرسا  ئۇ يەردە بىۋاستە كەتمەن چاپقان.   لاھىيلىسە، تېخنىك جەھەتتىن يول كۆرسەتسىلا ھەممىنىڭ ئېگىسى بولامدىكەن.

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ئاجايىپ سەزگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9235
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12336
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 5947 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 06:15:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇ تېمىنىڭ دائىرىسى نۆۋەتتىكى بىزنىڭ ناخشىنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغۇرىسىدىكى بىر بوشلۇق ئۈچۈن ئېلىنغان تۇنجى قەدەم بۇلۇش سۇپىتى بىلەن قىممەتلىك بولسا يەنە بىر تەرەپتىن تار دائىرىدە مۇشۇ ناخشىنىڭ ئاسلى مەنبەسى،ناخشىنىڭ تارىخى ئارقا كۈرۈنىشى جەھەتتە ئاڭلىغۇچىلارغا قىممەتلىك بىلدۈرمە بىلەن تەمىنلەپ،ئەسلى تېكىست،ئەسلى ئاھاڭ،ئەسلى ئاپتۇر توغۇرىسىدا ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئىتىش بىلەن بىرلىكتە ئەمگەكچان خۇتەن خەلقىنىڭ ئۆز بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش داۋامىدىكى،ئەقىل پاراسەت،چىدامچانلىق،سەۋىرچانلىق،كەلگۈسىگە ئىنتىلىشتىكى ئۈمىدۋارلىغىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ خۇتەننى چۈشۈنۈشكە شۇنداقلا خۇتەن خەلقىنىڭ خاراكتىرىنى چۈشۈنۈشتە بەلگىلىك بىلىم بىلەن تەمىنلىگەن.
مۇشۇنداق تېما ئۈستىدە ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغانلا بولساق خۇتەن خەلىق ناخشىلىرىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنى قۇتقۇزۇش(ساپلىغىنى ساقلاش) جەھەتتە كۈچ چىقارغان بۇلىمىز.مەن ئىلگىرى داۋانچىڭ(قەمبەر خانىم)ناخشىسى ھەققىدە يېزىلغان بىر ماقالىنى كۈرۈپ شۇنداق سۈيۈنگەن ئىدىم لىكىن شۇنىڭدىن كىيىنلا بۇ ھەقتە ئىزدىنىش تۇختاپ قالغان ئىدى بۈگۈن بۇ ماقالىنى كۈرۈپ يەنە بىر قېتىم يىڭى ئۈمىد كۆرگەندەك بولدۇم.ئاپتۇر يەنە ماقالىسىدا بىر قىسىم ناخشىلارنى ئۆزگەرتىپ ئۇقۇش جەھەتتىكى ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويغان دىمىسىمۇ بىر قىسىم كومپىزىتورلىرىمىز ئۈزنى قەستەن قىيناپ ناخشىنىمۇ قىيناپ ئۇنى ئاكارتلاشتۇردۇق دەپ يا ئالۋاستىغا ،يا جىنغا ،يا ئادەمگە ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ،زوقلۇنىش سەۋىيىسى ئىنتايىن تۈۋەن بولغان بىر قىسىم كۈرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئەبجەش ناخشىلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش يۇلىدا ئۈزىنى ئۇپىراتماقتا. بەزى ناخشىلار ئاكارتلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن جەزبىدارلىقى تېخىمۇ ئېشىپ،تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ ئىستىتىك زوق بىرىش نىسبىتى ئاشقان بىلەن بەزى خەلىق ناخشىلىرى ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ئەسلى ماھىيىتىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇپ تۇنجى ئۇچراشقۇچىلارنىڭ نەزىرىدە (مۇشۇ ناخشا شۇ ئوخشايدۇ) دەيدىغان خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويماقتا،باشقا ئەللەردە بىر ناخشا ياكى بىرەر mtvچىقىرىش ئۈچۈن نەچچە يىل سەرىپ قىلىشقا،نۇرغۇن ئۆتكەللەردىن ئۈتۈشكە توغۇرا كىلىدىكەن،لىكىن بىزدە ئۇنداق ئىش يوق،سىز شۇنداق بىر ئىشنى قىلىشنى خىيال قىلىپ چۈشتىن كىيىنلا ئىش باشلاپ ھەپتىنىڭ ئاخىرىسى ھېچ بىر تۇسالغۇسىزلا ئىشىڭىزنى پۈتتۈرەلەيسىز.(پۇلىڭىزلا بولسا ) تەھرىرلەش ،تەستىقلاش ئۆتكىلى يوق دىيەرلىك.شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنى قۇتقۇزىمىز دەيدىكەنمىز  مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيتى بولغان ماقالىلىرىمىز ئارقىلىق ناخشىلىرىمىزنىڭ ساپلىغىنى قوغداشقا كۈچ چىقارساق چۇقۇم كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بەرگەن بۇلىمىز .ماقالىنىڭ ئاپتۇرىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن قەلىمىنىڭ توختاپ قالماي تېىخىمۇ ياخشى بولغان ماقالىلىرى بىلەن بىردىنبىر مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تەشنا قەلىبلەر ئۇچۇن كۇچىنى ئايىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن باشقۇرغىچىلارنىڭ بۇ ئەسەرنى نادىرلاپ قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمەن.
چوڭ موللام

يوق ئشىىم ھاكىم،ئەمەلدار،شاھى-سۇلتانلار بىلەن،بىرگە بولسام دەيمەن دائىم باغرى سۇنغانلار بىلەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29962
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2011-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 06:29:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن تېما ئىگىسىگە رەھمەت: مەنمۇ بۇ ناخشىنى ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايمەن،ئىلگىرى مىلۇدىيەسىگە قاراپ خوتەن خەلق ناخشىسىمىكىن دەپ ئويلىغان.بىراق قايسى بىر سورۇندا بىرەيلەن بۇ ناخشىنى كۇچار خەلق ناخشىسى دەپ ئىككىمىز مۇنازىرىلىشىپمۇ قالغان،ئەمدى بۇ ناخشىنىڭ مەنبەسىنى بىلىۋالدىم.
ئويغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ تېكىست مەسىلىسىگە كەلسەك بولۇپمۇ مۇھەببەت .،،سۆيگۈ تېما قىلىنغان خەلق ناخشىلىرىدا خەلقمىز ئەزەلدىن مۇھەببەتنىڭ گۈزەللىكىنى،ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ بىر بىرىگە ۋاپادارلىقنى،چىن مۇھەببەتنىڭ بەخت- سائادەتنىڭ سىموۋۇلى ئىكەنلىكىنى ئۇلۇقلاپ تولىمۇ گۈزەل تىل ۋە يېقىملىق كۈيلەر بىلەن مەدھىيلەپ كەلگەن، مەسىلەن:ئىلى خەلق نخشىلىرىدىكى...يايرىمنى كەپتۇ دىسە،
                  يۈگرەپ چىقاي باشىم بىلەن .
                  يار يۈرگەن كوچىلارغا،
                  سۇ سېپەي ياشىم بىلەن.
بۇ تېكىستتە ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا بولغان تەلپۈنىشى،ۋاپادارلىقى نىمە دىگەن ئېسىل تىل بىلەن تەسۋېرلەنگەن ھە؟؟
يەنە قەشقەر ىەلق ناخشىسىدىكى: ئۆگزەڭگە چىقىۋاپسەن،
                                يەر تۆۋىنىگە قاراپ.
                                ئىشىكىڭدىن تولا ئۆتتۈم،
                                بۇلبۇلۇڭ بولۇپ سايراپ .
دىمەك مانا بۇ گۈزەللك .مانا بۇ سەنئەتتىكى بەدىئىلىك،بىراق يېقىنقى يىللاردىن بويان سەنئەتنى قىلچە چۈشەنمەيدىغان ، سەنئەت تەپەككۇرى يوق ،ئىشىكنىڭ يوچىقىدىن ئۆگىنىۋالغان ،ئۆزىنىڭ نىمە ناخشا ،قانداق ئاھاڭدا توۋلاۋاتقانلىقىنىنۇ بىلمەيدىغان پۈچەك.تېتىقسىز بىر نىمىلەر  باش –ئاخىرىنىڭ تايىنى يوق ،ۋەزىن،قاپىيەسى چۈشمىگەن( تېكىستلەرنى)  بۇزۇلغان،تايىنى يوق ئاھاڭلارغا سېلىپ ،ئالا-تاغىل ھاڭراپ خەلقنى ئالداپ ۋە بىزار قىلىپ كەلمەكتە،سەنئەتتىن زوق ئېلىش ئىقتىدارى تۆۋەن،بىر قىسىم نادان تاماشىبىن مۇشۇنداق تېتىقسىز (ناخشا) لارنى ئاڭلاپ ئۇلارغا يېشىل چىراق يورۇتۇپ بىرىپ ،ئۇيغۇر ناخشا سەنئىتىنى پۈچەكلەشتۈرمەكتە مەسىلەن قايسىدۇر بىر چاغدا بىر تاكسىدا mp3 دىن مۇنداق بىر (ناخشىنى) ئاڭلىغانمەن:
ئىچىپ-ئىچىپ ھاراق ئىچىپ،
مەس بولىۋالغۇم بار.
شۇ يارلارنىڭ ماز گەپلىرىدىن،
گاس بولىۋالغۇم بار،            قاراڭ نىمە دىگەن تېتىقسىز ھە؟؟ بۇ تېكىستنىڭ ئۆزىدىنلا بىر خىل چۈشكۈنلۈك، ئەدەپسىزلىك تەرغىپ قىلىنغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇرمامدۇ؟
يەنە: ئاسماندىكى تولۇن ئاينى  ئۈزسەم بولارمۇ؟
     كۆڭلۈم چۈشكەن ئاشۇ يارنى سۆيسەم بولارمۇ
بۇ تېكىستتە ئۆزى سۆيگەن ،چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن، (كۆڭلى چۈشكەن) يارىنى سۈيۈش –سۆيمەسلىكنى باشقىلارغا مۇراجەت قىلغان ۋە مەسلىھەت سالغان، ئۇنىڭچە مۇھەببەت دىگەن ئاشۇنداق ئاددى نەرسىمىدۇ؟ ئىككىلىنىپ قالغانكەنسەن، كۆڭلۈڭدە شەك بار، كۆڭلۈڭدە شەك بولغانىكەن بۇ سىنىڭ كۆڭلۈڭدىكى يار ئەمەس دىگۈسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ.
خۇلاسە كالام: تېما ئىگىسىنىڭ «ئىشىمىز تۈزۇك» ناملىق ناخشا ھەققىدىكى بۇ ماقالىسىگە ئورتاقلىشىش مەخسىدىدە ئۆز پىكرىمنى سۉزلەپ قويدۇم ،مەن بىلەن پىكىرداش تورداشلارنىڭ  ئۉز كۉز قارىشىن ىيزىپ قالدۇرىشىنى سورايمەن.

salam123 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 06:41:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 6849 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 07:01:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئجادىيەت ئوغرىلىرىنى ئاز دەمسىز،بۇ بەك نۇمۇسسىزلىق.

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

كۈلىۋەرمە كۈلكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29390
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5438
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 07:52:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇ [s:166] ، شۇڭا ئىنكاستەك ئىنكاس چۈشۈپتۇ.  [s:166]

بېكارچى دېمەڭبىزنى، تېلىۋىزور كۆرەلەيمىز. جاننى قىينىماستىنلا، خوپ ھۇزۇر سۈرەلەيمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13459
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5942 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 08:52:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇم توردىشىم -شەرەپ؛ناھايىتى مۇھىم ھەم توغرا مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز.مەن قەشقەر پەيزىۋاتتىن مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى.بۇ ناخشا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا دەرىسلىگىدە بار،بەزى ئوقۇغۇچىلار ھەتتاكى بەزى ئىشچى خىزمەتچىلەرمۇ دەرىسلىكتە ئېنىقلا خۇتەن خەلق ناخشىسى دەپ تۇرسىمۇ بىزنىڭ دەپ چۇشۇندىغانلار  يوق ئەمەس،چۇنكى بىز ھەمىمە ئادەمگە دەرىس ئۇتۇپ بولالمايمىز دە.كەچۇرۇڭلار ،بىز  مۇزىكا ئوقۇتقۇچىللىرى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە مۇمكىن بولغان ھالدا جەمىيەتكە كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە بۇ ناخشا خۇتەن خەلق ناخشىسى دەپ تەشۋىق-تەربىيەنى تېخمۇ ياخشى ئىشلەيلى . [s:166]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش