ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت ramu كە 2011-02-14 08:52 PMئەۋەتىلدى :
دوستۇم توردىشىم -شەرەپ؛ناھايىتى مۇھىم ھەم توغرا مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز.مەن قەشقەر پەيزىۋاتتىن مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى.بۇ ناخشا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا دەرىسلىگىدە بار،بەزى ئوقۇغۇچىلار ھەتتاكى بەزى ئىشچى خىزمەتچىلەرمۇ دەرىسلىكتە ئېنىقلا خۇتەن خەلق ناخشىسى دەپ تۇرسىمۇ بىزنىڭ دەپ چۇشۇندىغانلار يوق ئەمەس،چۇنكى بىز ھەمىمە ئادەمگە دەرىس ئۇتۇپ بولالمايمىز دە.كەچۇرۇڭلار ،بىز مۇزىكا ئوقۇتقۇچىللىرى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە مۇمكىن بولغان ھالدا جەمىيەتكە كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە بۇ ناخشا خۇتەن خەلق ناخشىسى دەپ تەشۋىق-تەربىيەنى تېخمۇ ياخشى ئىشلەيلى . [s:166]
بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزگىنىڭىزگە رەھمەت.ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرى گەرچە ئۇيغۇر مىللىتىگە ئورتاق بايلىق بولسىمۇ لىكىن ئۇزاق مەزگىللىك تۇرمۇش،ئۆرىپ-ئادەت،ياشاش شارائىتى،تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش،يۇرت ماكانى گۈللەندۈرۈش جەريانىدىكى ئىش ھەركەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىغىدەك ئالاھدىلىكلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇر خەلىق ناخىشىلىرىنىڭ ئىجات بۇلۇش،تارقىلىش،ئەل ئارىسىدا ئۇمۇملىشىش جەھەتلەردە رۇشەن ھالدا بىر بىرىدىن پەرىقلىنىپ جۇلالىنىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرى ھەرقايسى جاي ناملىرى بىلەن تارقالغان بۇ ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنىڭ ساپلىغىنى گەۋدۈلەندۈرۈشتە رۇشەن بەلگە سۈپىتىدە ئىپادىلنىدۇ.سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىڭىزنى مەن قوللايمەن ھەمدە سىزنىڭ يەنىلا ئىرىنمەي دەرىسلىكتىكى مۇشۇ ناخشىنىڭ تىكىستىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ پىكىرىمىزگە ئورتاقلىشىشڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
چوڭ موللا زەيدىن