بۈگۈن ئۇشبۇ مۇنبەرنىڭ "شېئىرىيەت گۈلزارى" سەھىپىسىگە "ياخشى" دېگەن شېئىرىمنى يوللىغان ئىدىم، بىراق xxباشقۇرغۇچى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈپ، "مەزمۇن بەك قىسقا، تولۇقلاپ بېيىتىپ ئاندىن يوللاڭ" دېگەن بىر ئۇچۇر كەلدى، ئۇچۇر كەلدىيۇ ماڭا بەك ھار كەلدى، ئالدى بىلەن مەن يوللىغان تېمامنى بۇ يەرگە ئەينەن يوللاپ باقاي، كۆرۈپ بىر نەرسە دەڭلار...
ياخشى
(سانائىل ھەرپىيات)
ياشلىقتا ياخشىغا يارىغان ياخشى،
"ياشلىق"قا يۈگەننى ياسىغان ياخشى.
يامانغا يېلىنىپ يۈگۈرگەنلەردىن،
يىرگىنىپ يىراقتا ياشىغان ياخشى.
يامبۇغا يېڭىلىپ يات يەردە يۈرمەي،
يۇرتىدا يەكتەكنى يامىغان ياخشى.
ياۋلارنىڭ يېرىگە ياغدۇرۇپ يالقۇن،
يىقىلغان يىگىتنى يۆلىگەن ياخشى.
مەنبەسى: ئابدۇل
ئاخىرى بۇ ئەلەمگە چىدىماي qqدا خەت يازدىم،<< بىزدە ئامال يول، ئۈچ مىسراغا يەتمەيدىغان شېئىرلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ>>دېگەن جاۋاپ كەلدى، ئامال يوق مۇنۇ جايدا ھال ئېيتىۋاتىمەن.......
تۇغماس توخۇ ياتىدۇ، كەتەكنى چىڭ ئېگەللەپ،
تۇغمايدۇ يا كاتەكنى، تۇغقانلارغا بەرمەيدۇ....
مۇنبەرنى چوڭ قۇرۇپ ئەزا سانىنى 300000غا يەتكۈزگەن بىلەن بۇنىڭدىن بىزگە نەپ كەلمىسە ......
نېمە ئۈچۈن ماس سەھىپىگە خاس شۇ سەھىپىگە بولغان ئىشتىياقى بار، شۇ تۈرنى چۈشىنىدىغان كىشىنى باشقۇرغۇچى قىلىپ تاللىمايدۇ؟؟؟!!!!!
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە 130خىلدىن ئارتۇق شېئىرىي شەكىل بار دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئۆمرۈمدىن ئىككى مۈچەل ئۆتكۈچە ئىزدىنىپ ئاران 36خىل شەكىلنى تاپالىدىم، يەنە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىمەن، ......
شېئىر دېگەن ھەجىمگە ئەمەس بەلكى مەزمۇنغا قارايدىغان نەرسە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە "تەجىنىس" قا ئوخشاش ئىككى مىسرا بىلەنلا چەكلىلنىدىغان شېئىر شەكىللىرىمۇ، "رۇبائىي"غا ئوخشاش تۆت مىسرادا چەكللىنىدىغان بىراق يېزىش ئاسان بولغان شەكىلمۇ، يەنە "مۇساۋىيات تەرەپەيىن" گە ئوخشاش تۆت مىسرادىلا چەكلىنىدىغان، ئاسانلىقچە يازغىلى بولمايدىغان شەكىلمۇ بار، مەن "سانائىل ھەرپىيات" نى ئىككى كۇبلېت قىلىلپ يازسام ئوقۇپ بېقىلمايلا ئۆچۈرۈپ تاشلاندى، "رۇبائى"نىغۇ سەككىز ئوننى يېزىپ بىراقلا "ئۈچ كۇبلېتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك " دېگەن شەرتكە چۈشۈرۈپ يوللاۋەرسەك پۈتتى، بىراق پۈتكۈل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە " سانائىل ھەرپىيات" تىن يەنە قانچىسى يېزىلدى؟؟؟؟ يەنە بۇنىڭغا قوشۇپ بىرەرنى يېزىۋېلىش مۇمكىنمۇ؟؟؟؟
بىزنىڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىنمىسا مەيلى، بىراق بىز بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن مىراسلارنى ئۆزىمىز ياكى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن دەپسەندە قىلىپ كەلدۇق، ئەجەبا مۇنبەرنىڭ "مۇقەددەس" تۈزۈملىرى ئۆزىمىزنىڭ ئەمگىكىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن، ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەنمۇ؟؟؟؟؟
ئۇلۇش ئاللاھ ئادەمنى لاھىيىلىگەندە مۆرىنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىنى تەپەككۈر قىلالايدىغان، پىكىر يۈرگۈزۈپ ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان قىلىپ ياراتمىغانمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئەي بېكەت باشلىقى باشلىق باشقۇرغۇچىلار، مەدەنىيىتىمىزنى دەپسەندە قىلمىساڭلار، "ھەقىقەت"نى" ئەمەلىيەت"تىن ئىزدىسەڭلار..........
بۇنداق ھاقارەتكە يول قويمىساڭلار........
نۇرغۇن قېتىم شېئىرلار نىڭ كۆپ يوللىنىپ كەتكەنلىكى، شېئىرلارنىڭ سۈپىتى ۋە ئاز كۆپلىكى سەۋەبلىك بىر قىسىم ئەزالار نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن شېئىرغا چەك قويۇلغان، قېنى بۇ ھەقتە ئادىل پىكىر بىرىدىغانلار ئوتتۇرغا چىقىپ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسا. |
مۇستەقىل قارىشى يوق، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ئويۇن كۆرىدىغان ئەزالارغا ۋاختىدا چارە قوللىنىمىز. |