|
|
|
|
ماشاۋ ۋۇ (ما دوتەي) 喀什行政长官:马绍武 [align=justify]
ما شاۋ ۋۇ –خۇيزۇلارنىڭ خەلپىسى، ئىشانى،. ئېيتىشلارغا قارغاندا، ماشاۋۋۇ توقسۇن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا دىن تەرغىپ قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان، كۆپلىگەن مۇرىت توپلىغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى دەسلەپ توقسۇن، قەشقەردە، كېيىنكى ۋاقىتتا ئىلدا تۇرغان.
ماشاۋۋۇ شىنخەي .ئنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە قەشقەردە تۇرغاندا ئۇنىڭ قەشقەر، يەكەن، خۇتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى مۇرىتلىرى نەچچە مىڭ (خۇيزۇ) غا يەتكەن. ئۇنىڭ دىننىي سالاھىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ياڭ زېڭشىن ئۇنۇڭغا قەشقەرنىڭ ئامبال(ھاكىم)لىقىنى بەرگەن. ما فۇشىڭ(ما تىتەي) قەشقەردە بولغان مەزگىلىدە ما تىتەينىڭ خوتىنى ماشاۋۋۇغا مورىىت بولغان ۋە ئۇنى كۆرگەنلا يەردە تىزلىنىپ ئۇنۇڭغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن. ئۆزنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ قارايدىغان ما تىتەي بۇنۇڭدىن قاتتىق نارازى بولغان. شۇ كۈنلەردە ماشاۋۋۇ قەشقەرنىڭ دوتىيى جۇ رۇيچى بىلەن زىتىلىشىپ قالىدۇ. ماتىتەي ياڭ زېڭشىنغا مەلۇم قىلمايلا، جۇ رۇيچى (دوتەي) بىلەن ماشاۋۋۇ (ھاكىم)نىڭ تامغىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى قەشقەردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. ياڭ زېڭشىن ما تىتەينىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئاغرىنىپ، بۇنڭىدىن ئۆچ ئېلىش قارارىغا كېلىدۇ ۋە پۇرسەت كۈتىدۇ. ۋەقەدىن كېيىن جۇ رۇيچنى ئاقسۇغا دوتەي، ماشاۋۋۇنى ئۈچتۇرپانغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
ما فۇشىڭ(ما تىتەي) (喀什都督马福兴) [align=justify]
1919-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، يەنى ماشاۋۋۇ ئۈچ تۇرپاندىكى مەزگىلدە، تاشكەنىتتە ئابدۇللا رۇزى باقىيوف، ما سەنچاڭلار باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئىتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچۇرشىدۇ. 3-ئىنتېرناتسىئونال ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ ئىتتىپاقتا نەچچە مىڭلىغان ئەزا ۋە 568 كوممۇنىسىت بار ئىدى. بۇ كوممۇنىسىتلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئىدى. 3-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شەرىق بىيۇروسىنىڭ شۇجۇسى ئابدۇللا رۇزى باقىيوف، مۇئاۋىنى ما سەنجى ئىدى(ما سەنجى قارا قولدا توختاپ قالغان ئىلغار زىيالى خۇيزۇ ئىدى). شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئىچىدە سوتسىيالىستىك يېڭى ئىدىيە تارقىتىش، ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ھەققانىي كۈرشىگە يارىدەم بېرىش 3-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شنجاڭغا قاراتقان ۋەزىپىسى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچتۇرپاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خادىمىلىرى ماشاۋۋۇنىڭ ما فۇشىڭ بىلەن زىددىيىتى بارلىقىنى بىلەتتى، ما شاۋۋۇنىڭ دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈرگەنلىكىنى بىلەتتى.
قانداقتۇر بىر سەۋەپلەر بىلەن ماشاۋۋۇ ئوتتۇرا ئاسيىا ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىدىكى خۇيزۇ كومۇنىستلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلايدۇ. شۇنۇڭىدىن باشلاپ ماشاۋۋۇ ماتىتەيدىن ئۆچ ئېلىشقا ھازىرلىنىدۇ. ئۇ ئاقسۇ دوتىيى جۇرۇيچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ماتىتەينىڭ ياڭزېڭشىنغا يوللىغان پوچتا مەكتۈپلىرىنى ئاقسۇدا تۇتۇپ قالىدۇ. ياڭزېڭشىننىڭ ما تىتەيگە ئەۋەتكەن مەكتۈپلىرىنىمۇ ئۆتكۈزمەي، يۇقرى بىلەن تۈۋەننى زىدىيەتكە سالىدۇ ۋە ياڭزېڭشىنغا مەكتۈپ يوللاپ، ماتىتەينىڭ يامان غەرىزنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن ماتىتەينى ئۆزىگە نىسبەتەن خەۋىپلىك دەپ بىلىپ، ئۇنى كونا رەقىبى ماشاۋۋۇنىڭ قۇلى بىلەن يۇقاتماقچى بۇلۇپ، ماشاۋۋۇغا بۇيرۇق قىلىدۇ. ماشاۋۋۇ جىددىي تەييارلىق قىلىدۇ. بۇ يىللاردا ماشاۋۋۇ ھەربىي مەمۇرلار بىلەن بىرلىشىپ ئىچىكى ئۆلكىلەردىن ئەپيۇن تۇشۇپ كېلىپ، ئەپيۇنخانا، قىمار خانا ئېچىپ پۇل تېپىۋاتقانىدى.
شۇ كۈنلەردە سېيىت نوچى ئۈچتۇرپانغا كېلىدۇ ۋە ئۈچتۇرپاندا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ناشايان ئىشلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئۈچتۇرپاندا قىمارخانا، ئەپيۇنخانلار ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ، ھەربىيلەر ۋە ئەمەلدارلار ئۈچتۇرپان خەلقىگە ئالۋان سېلىش ئارقىلىق ياشلارنى قىمارخانىلارغا ئالداپ، زورلاپ ئېلىپ كېلىپ، مەجبۇرىي قىمار ئوينىتاتتى. ئۇتتۇرسا قاماپ قۇيۇپ ياكى باغلاپ ئاتا-ئانسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۆي-زېمىنلىرىنى، ۋەج-بىساتلىرىنى ساتقۇزۇپ پۇلىنى ئېلىۋالاتتى.
بۇنۇڭدىن غەزەپلەنگەن سېيىت نوچى بىر قىمارخانىدا جىدەل چىقىرىپ ، قىمارخانا خۇجايىنىنى ئەيىپلەيدۇ. بۇ قىمارخانا ھەربىيلەر باشقۇرغان قىمارخانا بولغاچقا، مىمارخانا خۇجاينى بىر پەي ئەسكەرنى سېيىت نوچىنى تۇتقىلى ئەۋەتىدۇ. سىيىت نوچى بوي بەرمەي، ئۇلارنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋىتىدۇ. بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان ماشاۋۋۇ سېيىت نوچىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ھىمايىسىگە ئېلىپ، قىمارخانىنىڭ زىيىنىنى تۈلەپ بىرىدۇ. ئۈچتۇرپاندا ھەركەت قىلىۋاتقان گېلاۋ خۇيچىلار سېيتى نوچىنىڭ ماشاۋۋۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سىېيىت نوچى بىلەن ئالاقە باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سېيىت نوچى ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ.
سېيىت نوچىنى پايلاپ يۈرگەن ھەربىي-مەمۇرىيلار ماشاۋۋۇغا سېيىت نوچىنىڭ گېلاۋخۇيچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلقىنى مەلۇم قىلىغاندا، ماشاۋۋۇ سېيىت نوچىنى يۇقاتماقچى بۇلىدۇ ۋە سېيىت نوچى بىلەن قۇرئان تۇتۇشۇپ ئاغا-ئىنى بۇلىشىدۇ. سىيىت نوچىنىڭ قولىغا بىر پارچە خەت تۇتۇقۇزۇپ، يول خىراجىتى بېىرپ، ئۇنى قەشقەرگە جۇ دوتەينىڭ يېنىغا يولغا سالىدۇ. ئاغزى چاپلانمىغان بۇ كونۋېرىتتىكى خەتنى ئاق كۈڭۈل سېيىت نوچى ئۇقۇتۇپ باقمايدۇ.
جۇ دوتەي خەتنى ئېلىپ ئۇقۇپ ھەيران بۇلۇپ، ئۇنۇڭدىن: ‹‹خەتنى ئېچىپ باقتىڭمۇ؟›› دەپ سۇرايدۇ ۋە: ‹‹بۇ خەتتىن مەن ۋاقىپ بولدۇم، شۇنداقتىمۇ سەن ھاكىمنىڭ ئالدىغا بار›› دەيدۇ. ئاندىن تەرجىمانغا:‹‹ بۇ تۇلۇمۇ ئاق كۆڭۈل، ساددا ئادەم ئىكەن. بۇ خەتنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇڭلار، قېچىپ كەتسۇن!›› دەيدۇ. سېيىت نوچى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ماششاۋۋۇ بىلەن قۇرئان تۇتۇپ قىلىشقان قەسىمىگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ كېتىدۇ ۋە:‹‹بۇ ئۆلۈم خېتى ئەمەس!›› دەپ تۇرۇۋالىدۇ. قەشقەر ھاكىمى بۇ خەتنىڭ راستنلا ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقاندا، سېيىت نوچى ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.
‹‹سىېيىت نوچى ئۆزنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ كەپتۇ›› دېگەن گەپ قەشقەرگە تارىلىپ، كىشىلەر سېتىت نوچىدىن ھال سوراپ كېلىپ، ئۇنۇڭغا قېچىپ كىتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ. ئەمما سېيىت نوچى:‹‹قاچسام باشقىلارنىڭ سېيىت نوچى ئۆلۈمدىن قورقۇپ قاچقان، دىگەن ئۆسەك سۆزىگە قالىمەن!›› دەپ قاچقىلى ئۇنمايدۇ. تۆت كۈندىن كېيىن سېيىت نوچى ئۆلۈم مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. كىشىلەر جاللاتنى سېتىۋېلىپ،‹‹ئۇنىڭ ئۆلمەيدىغان يىرىگە ئاتقىن›› دەپ تاپلايدۇ. ئەمىلىيەتتە شۇنداق قىلىنىدۇ. لېكىن سېيىت نوچى ئۆزىنى ئېتىۋېتىش توغرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ئاخىر ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدۇ. ئۇ ئۆلۈشتىن ئېلگىرى:‹‹مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات، نائۇستاڭ يېقىن كەلمە›› دېگەن قۇشاقنى ئېيىتپ مەردانىلەرچە ئۆلىدۇ.
ماشاۋۋۇ قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن، ماتىتەينى ئۆز قۇلى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.
كېيىن ئۇ ما تىتەينىڭ لەنگەردىكى داچىسىغا كېتىۋاتقاندا، ماتىتەينىڭ گۇماشتىللىرى تەرىپىن ئوققا تۇتۇلغان بولسىمۇ، يېنىك يارلىنىپ قېچىپ قۇتۇلىدۇ.
[align=justify]
(被处决后的马福兴)
[align=justify]
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ماشاۋۋۇ ئۈچتۇرپاندا تۇرغان مەزگىلدە خۇيزۇ كۇمۇنىسىتلىرى ئارقىلىق سوۋېت بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان ئىكەن. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇنىڭ سوۋېت تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قۇيۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مومكىن.
ماشاۋۋۇ قەشقەردە ئوق تېگپ يارلانغاندا، سوۋېت كونسۇلىنىڭ تەكلىپى بىلەن سوۋېتكەچقىپ داۋالاندى ۋە قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، قەشقەرگە دوتەي قىلىپ كۆتۈرۈلدى.
1933-يىل 4-ئاينىڭ8-كۈنى تۆمۈر سىجاڭ(تۆمۈر ئېلى) قۇشۇنى قەشقەرنى ئىشخال قىلغاندا، ما دوتەي قەشقەر ھاكىمىيىتى ۋە خەزىنىسىنى ماجەنساڭغا ئۆتكۈزۈپ بېىرپ، سوۋېت ئىتتپاقى كونسۇلىنىڭ ھىمايىسىدە سوۋېتىپەرەس ئىبراھىم لوزۇڭ دېگەننىڭ بېغىدا تۇردى.
شۇ يىلى 8-ئاينىڭ17-كۈنى تۆمۈر سىلىڭ قىرغىز ئوسمان قىسىملىرىنى قوغلاپ چىققاندا، ما جەنساڭ قىسىمى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ چاغدا ماشاۋۋۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئورنىغا قايتىپ، يەنىلا دوتەيلىك مەنسىپىدە تۇردى.
ئۇ 1935-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ، خەلىق ئىشلار نازارىتىگە نازىر بولدى. 1937-يىلى شېڭ شىسەي ھاكىمىيتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، مال-مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىندى. 1942-يىلى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى.
(شېرىپ خۇشتار يازغان‹‹ شنىجاڭ يېقىنىقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر›› نامىلىق كىتابتىن [ئەنئەنەبلوگى]نىڭ يازغۇچىسى : ئەنئەنە ئەپەندى تەييارلىدى. شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى، 2000-يىل نەشىرى)
كۈچۈرمەكچى بولسىڭىز ئەنئەنەبلوگى: http://anana05.blogbus.com دەپ مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتكەيسىز!
|
|
|
|
|
|