|
|
|
|
مەزكۈر ئەسەر يازغۇچى ئەخمەت ئىمىن ئاكىمىزنىڭ ‹‹ مانا تاماششا ›› ناملىق نەسىرىنى داۋام قىلىژۇرلۇپ يېزىلدى .
مەن بايرام ئويناۋاتىمەن .......
قارا بۇ شەھەر ماڭا ئوخشاش ھەر كۈنى بايرام ئويناۋاتىدۇ ، ياش چەكلىمسى يوق بۇ شەھەردە كۈن پاتمايدۇ ، كېچە بولمايدۇ ، نازىنىنلار ، قىرانلار شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىلىرىگە مەن بىلەن تەڭ چاپماقتا .......
كەل دۇنيا كەل ، بۇ بايرامنى بىللە ئوينايلى ، قارا دىسكوخانىلار ، چايخانىلار ، مەيخانىلار ، تورخانا ، كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبلىرى ، ئويۇنلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، يېڭى سورۇنلارنى بىزگە ھەدىيە قىلىپ ، ھەدەپ قىزىماقتا ، بىزنى چاقىرماقتا ....... تاماقخانا ، رېستۇرانلار بەكمۇ ئالدىراش ، زاكاس قىلىنغان ئورۇنلار يېڭى مىھمانلىرى بولغان بىز ئۈچۈن تېزلىك بىلەن تازىلانماقتا ، ئىسسىق ئۆيلىرىمىز ئاللىقاچان سوۋۇغان ، بۈگۈن يەنە قۇپقۇرۇق ....... بىرەر قېتىم تولۇق قىززىپ باقمىغان قازانلىرىمىز توپا پېتى تۇرۇپتۇ ئەنە ، بىزگە بايرام تولا ، تەرەققىيات يانچۇقلىرىمىزنى توم قىلدى ، ئاشۇ ھەر بىر يانچۇقىمىزدا لىقلاپ بايرام ، تۇغۇلغىنىمىز ئۈچۈن كەلدى-دەپ بايرام ، ئۆلگەندە كەتتى-دەپ بايرام ، ھاللا كۈنىمىزدىن چىشلىرىمىز كۈلسە مۇبارەكلەپ بايرام ، ئېپىمىز كەلمەي زىيان چىشلىسەك تەسەللىي بايرام ، يوقلاپ بايرام ، سوراپ بايرام ، قىلالىساق قۇتلاپ بايرام ، قىلالمىساق سوتلاپ بايرام ، ئىگەللىمىسەك پۇتلاپ بايرام ، يۇقىرىغا خوشامەت بايرىمى ، تۆۋەنگە نادامەت بايرىمى ، قىز-چوكان ، مومايلىرىمىزغا ئاياللار بايرىمى ، نازىنىن قىرانلارنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن ئاشۇق-مەشۇق بايرىمى ، جۇپى يوق بايقۇشلارغا بويتاقلار بايرىمى ، ئاتا ، بوۋايلارغا دادىلار بايرىمى ........ ئەۋلادىمىزمۇ دەل بىزنىڭ ، ئۇلارغا بالىلار بايرىمى ، ئوغۇل بولدى دەپ سۈننەت توي بايرىمى ، قىز بولدى دەپ بۆشۈك توي بايرىمى ، يىل ئاخىرى كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ بايرام ، يىل بېشى يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ دەپ بايرام ، جۈپ تاپتى دەپ مۈرادىغا يەتكەنگە بايرام ، ئايرىلدى دەپ ئەركىنلىك تاپقانغا بايرام ، ئۆزىمىزنىڭ بايراملىرىمىزغىمۇ بايرام ، خەقىنىڭكىنى زورلاپ تارتىۋالغان بايراملىرىمىزغا بايرام ، بىلىپ تۇرۇپ تاشلىيالمايۋاتقان ئادەت تۇيغۇمىزغا چۇڭقۇر شىكەستىلەنگەن بايراملىرىمىزغا بايرام ، ........
بىزگە مانا مۇشۇنداق بايراملار تولا ، مۇشۇنداق بايراملارغا ماس بىزلەرمۇ تولا . ئەرلىرىمىزگە خوتۇن تولا ، ئاياللىرىمىزغا ئەركەك تولا ، بىرىمىزمۇ تاق قالمايمىز ، بۇ بايراملاردا ھەمشىرلىرىمىز بىلەن تەڭ گاھى ئاچچىقتا تولغۇشۇپ ، گاھى مەسخۇش كۆزلىرىمىز تورلۇشۇپ ، گاھى مەمنۇنىيەتتە خۇمارلىشىپ ، گاھى بىرلەشكەن ، ماس كەلگەن قەلىبلىرىمىزنى تۇمارلىشىپ ، گاھى خۇشاللىقتىن قاقاھلاپ چاۋاكلاپ ، گاھى تەسىرلىنىپ ئۆرتىنىپ كېتىمىز ، گاھىدا بىر گەۋدىدەك چىرمىشىپ ، گاھى نازلىنىپ تارتىشىپ ، تۇغۇلغاندا ھايات ئىكەنلىكىمىزنىڭ رەسمىيتى ئۈچۈنلا يىغلاپراق چۈشكەنتۇق ، غەمدىن قىلچە ئەسەر يوق مانا مۇشۇنداق ياشاپ كېتىۋاتىمىز ، يانچۇقلىرىمىز ئۆزىمىز تاپقان پۇللار ۋە باشقا قەرىز پۇللىرى بىلەن لىق تومپايغان ، بۇ كۈنلەردە پۇل بايلىقى بىزدىن ئايلانسۇن ، بىز ئۈچۈن پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ، بايلىقلىرىمىز ، ھېچكىمدەك يوق كۆڭلىمىزگە ئايلانماقتا ، قۇرۇغدالغان بۇتۇلكىلارغا ئايلانماقتا ، تېنىمىزگە قوشۇلۇپ مەئىشەت تۈتەكلىرىگە ئايلانماقتا ، ئىنسانلىقىمىزغا ،ئەخلاقىمىزغا قوشۇلۇپ رەڭگى ئۆڭمەكتە ، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە ھىدى يوق جۇلاسىز سۇنئىي گۈلگە ئايلانماقتا ....... گۇل –ئۇ دىگەن ئىنسان ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماددىي كۆڭۈل ، ئەنە ئاشۇ كۆڭۈللەر ئۆز ئىگىلىرى بىلەن شەھەر مەركىزىگە ئاقماقتا ، كۇتۇپخانا خىزمەتچىسى كۇتۇپخانىنى خۇددى كەلگۈسىدە كۇتۇپخانا ئاچمايدىغاندەك ئات كاللا قۇلۇپنى قوش قىلىپ سېلىپ ئەتمەكتە ، شۇڭا بۈگۈن بىز كىتاپ ساتمايمىز ، گۇل ساتىمىز ، كىتاپ ئالمايمىز ئاشۇ كۆڭۈللىرىمىز ئۈچۈن گۈل ئالىمىز ، بىز ساخاۋەت قىلمايمىز ، ساقنى بۇزىمىز ، بىرلەشكەننى چاچىمىز ، ئەجرىمىز سىڭگەن نەق پۇلىمىزغا نىسى ساختىلقى چىقىپ تۇرغان ھېجاق ئالىمىز ........
كەل يېقىن كەل دۇنيا ، مانا بۈگۈنكى بايرامنى مۇشۇنداق ئايىغى چىقماس ھەزىل كۈلكىلەر بىلەن كۆڭۈللۈك ئوينايمىز .
ھەر كۈنلۈك بايرامنىڭ ھارپىسى بولغان ئۆتمۈشتە ، شەھەر رەستىلەردىكى بىز ئۈچۈن گۈزەللىكىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان كىيىم-كېچەك مەركەزلىرى ، گۈزەللىك سالونلىرىنى تازا قايناتقان ئىدۇق . مانا بۈگۈن جان چىقىپ كەتسىمۇ يەنە يانماي نازىنىن ، قىرانلارغا ئايلاندۇق . مەيلى بىر ئاي ئاچ قالساقمۇ بۈگۈن بىر كۈن ئويناپ ئېتلىپ كەتسەك ، ئوينىساق ئۆزىمىزنىڭكىگە ئوينىدۇق دۇنيا ، بىغەملىكنى كالىلارغىلا بەرمىگەن ئەتە ھامان ئەتە كېلىدۇ ....... قارا دۇنيا مانا بۇ بۈگۈنكى بايرامنىڭ ھۆرمىتى .......
مانا نازىنىنلار ، قىرانلار سورۇنى قىززىماقتا ، تاۋلانماقتا ، ھېچكىم بۇ يەردىكى بىزدىن ، شىرىن تائام شىرىن سالاملاردىن نە كۆڭۈلنىڭ رىزاسى ، نە قىسمەتنىڭ داۋاسى ، نە دەرىتلەرنىڭ خاپاسى نە ئازادىلىكنىڭ ھاۋاسىنى تاپالمايدۇ ، سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرۇش ، بەزمىلىرىمىزدىن كۆڭۈللۈك ئويۇنلىرىمىزدا پاك قەلىبلىرىمىز يوق ، رەڭلىك چىراقلار ئاستىدا لىڭشىغان سايىلىرىمىز ۋە تەخسىلەردە ئىسكىلىتى كۆرۈنۈپ قالغان بېلىقلىرىمىزلا بار ، تەبەسسۇملىرىمىزدا مىھىر يوق ، تەڭسىزلىك ئىچىدىكى يالغان ھىجىيىش كۆڭلىمىزنىڭ پەسلىكىنى چاندۇرمايدۇ . دۇنيا مەن ياش تۆكەي قاراپ تۇر ، لېكىن دۈشمەنلىرىم كۆرۈپ قالمىسۇن ! مەن كۈلەي بىللە كۈلەيلى ، لېكىن دۈشمەنلىرىم كۆرمەي قالمىسۇن ! ھەشەمەتلىك سورۇنىمىزنى سىپايە گەپلەر ، ئەدەپ تەكەللۇپ ، تەۋەززۇلۇقلار بىلەن لىق تولدۇرىمىز ، نەق گەپلەرنى تاپالمايمىز ، خوشامەت سۆزلىرىنى ئەۋىج ئالدۇرۇپ ، چىن سۆزنى ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس قىلىمىز .......
قارا دۇنيا يېقىن كېلىپ قارا ! ھەممە يېرىمىز لىق رەڭلەر بىلەن پارقىرىغان ، قىرانلىرىمىز يانچۇقىدىكى پۇللار قىپقىزىل ، ئۇنىڭغا خىل كەلگەن نازىنىن قىزلىرىمىزنىڭ لەۋلىرى قىپقىزىل ، ئاتا-ئانىمىزنىڭ كۆز يېشىدا سۇغۇرۇلغان قولىمىزدىكى ، قوينىمىزدىكى ، باغرىمىزدىكى كۆڭلىمىزنىڭ سىمۋولى بولغان گۈللىرىمىزمۇ قىپقىزىل ، پارقىرىغان ئاياقلىرىمىز قاپقارا ، كۆزلىرىمىز قاشلىرىمىز قاپقارا ، مۆتىۋەرلىكىمىزنىڭ ، جەلىپكارلىقىمىزنىڭ يارىشىقى بولغان كىيىملىرىمىز قاپقارا ھەمدە شۇلارنى ئۈستىمىزگە چىقارغانلارنىڭ قوللىرى قاپقارا .......
تېرىلىرىمىز ئاپئاق ، كىرپىلىرىمىزگە ئۇچقۇنداپ قونۇۋاتقان قارلار ئاپئاق . لېكىن قەلبىمىزنىڭ ئاقلىقىغا چىن پۈتىمىز ، قانداق رەڭدە ئىكەنلىكى ئۆزىمىزگە ئايان ....... قارا مانا بىز مۇشۇنداق رەڭگارەڭ ‹‹ ئادەت ›› ، تۇرمۇش ، تەرەققىياتلار قوينىدا چاندۇرماي ياشايمىز ، چۈنكى مۇشۇنداق باياشاتچىلىق توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىدۇ ، ئويۇن چىقىدۇ ، بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىز تەرەققىياتنى بەلگىلەيدۇ ، كەل دۇنيا كەل ، ساڭا يانچۇقۇمدىكى ئويۇنچۇقۇمنى كۆرسىتەي ، بىللە ئوينايلى !
قارا مۇنۇ ئويۇنچىقىمىز يۇلغۇن ياغىچى ، يەنە بىر ئويۇنچۇقىمىز چىرايلىق ياسالغان نەقىشلىق پىچىقىمىز بار ....
ھا ھا ھا ئويۇنچۇقلىرىمىز سەرخىلمىكەن ، مەخسۇس دىگىنە .......
يۇلغۇن ياغىچى ئاساسلىق قورالىمىز ھىساپلىنىدۇ ، ئۇ بۇ ئويۇننى ئوينىغان چاغدا قولىمىزغا بىلىپ بىلمەي چىقىپ قالىدۇ ، ھەسەت ، خۇسۇمەت ، تۆھمەت ، شۆھرەتپەرەسلىك ، كۆرەلمەسلىك ، كىبىر ، مەنمەنچىلىك ، چوڭچىلىق ‹‹ سەندىن مەن قالامدىم ›› ، ئۇنى دەل بىزنىڭ قولىمىزغا چىقىرىپ قويىدۇ ........
چىرايلىق ياسالغان نەقىشلىك پىچاق ئۇ دەل يۇلغۇن ياغىچىمىزنىڭ ئەڭ مۈكەممەل يانداش ئويۇنچۇقى ھىساپلىنىدۇ ........
بىرسى يات بولامدۇ ئۆز بولامدۇ ھېچقىسى يوق شۇنداقلا يېڭلىق ياراتتىمۇ ، ياكى تەرەققىي قىلدىمۇ كۆكلىدىمۇ،ۋە ياكى كۆزگە كۆرۈندىمۇ <<ئۇ>> نەرسىلىرىمىزگە ئىش چىقىدۇ، يۇلغۇن تايقىنى سانچىيمىز كۆكلەپ ئاسمانغا چىقماقچى بولسا بېشىغا سانچىيمىز،كۆتىگە سانچىيمىز، سانچىيمىز ماڭمىغاندا ئەنسىرمەيمىز چۈنكى بىزدە چىرايلىق ياسالغان نەقىشلىك،ئۆتكۈر پىچقمىز بار يۇلغۇن تايقىمىزنى غەزەپ بىلەن ئۇچلايمىز،داۋاملىق سانچىيمىز يەنە ماڭمايدۇ ئۈچلايمىز يەنە سانچىيمىز.... تاكى كۆكلىگەن يېرىدىن تىك موللاق ئاتقۇچە، ھەيرانلىقتا قاتقىچە،ئاھسىنىپ ياتقۇچە،....بىز مۇشۇنداق ياكى ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كىتىمىز ياكى مۇشۇنداق ئاغزىنى مايلايمىز...
بىزنىڭ ۋاقتىمىز بار....كىشى ماراشقا، تۆھمەت ئارتىشقا ،ھەسەت قىلىشقا,كۆرەلمەسلىكە، ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆزگنى قۇرۇتۇشقا،ئاجىزنى تىللاپ يۇقىرنى يالاشقا....
بىز ناھايىتتى ئۈستا تېۋىپ،ئەمچى....
،يارلانغان يارنى تاتلاپ ئەپلەشكە....يا ئۆلتۇرىمىز،يا ئىككىنچى بىرنىمە دىگۈسىز قىلۋىتشكە،ئىش قىلىپ سەۋەپ قىلمىز.....
بىز تالشىمىز....ھاياتلاردىن جاھان تالشىمىز،كۇچلۇكلەردىن كۇچ تالشمىز ،ئادەم بولغاندىكىن ئۆزىمىزگە چۇشلۇق كىبىر،شۆھرەت،ئابروي تالشىمىز،بىر-بىرىمىزدىن قالماسلىقنى تالشىمىز،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولمىغان ھەممە نەرسىنى تالشىمىز، بىزگە ئاشمىغان ھەممە نەرسىنى تالشىمىز....قەغەز يولۋاس بولۇپ ئاجىزنىڭكىنى ئۇرۇپ سوقۇپ ئالداپ ،قويۇپ ،تالشىمىز، گېزى كەلسە تام ئارقىسىدىكى ئىتتەك بولالايمىز،ئىتنىڭ سۆڭكىنى تالشىمىز.....
كەلگەندە ئانمىز قورسىقنىڭ دەرىت ئاچىچىق ئاغرىق ئازاپىلىرنى سۇغۇرۇپ تالشىپ چۇشمىز كەتكەندىمۇ تېچ ئەمەس بۇ دۇنيادىكى ئالدىغنىمزنى قويماي تالشىپ يۈز ئابرويمىزغا تۇشلۇق شۆھرىتىمىز،ئابرويىمىز بىلەن يەنە تالشىپ ئەڭ ئاخىردا تالشىشىتا مەغلۇپ بولۇپ بىزدىن بۇرۇن كەتكەن ئۆلۈكلەردىن قەبرە تالشىمىز....
ئىگمىز گال يارتىپتىكەن، نەپىس يارتىپتىكەن شۇ ئۆز نەپسىمىز ئۈچۈن تالشىمىز....
مانا دۇنيا كۆرىۋال ، قوينىڭدا باشقىلاردىن ئاشقان تالاشلارنى مەن تالىشىپ تاماششا قىلىۋاتمەن ، بۈگۈن ئەتىنىڭ بايرىمىنى تالىشىۋاتىمەن ، كۈندە بايرام ئويناۋاتىمەن ........
كۆرۈپ تۇرىۋاتسەن ، يەنە قارا دۇنيا... تېڭىلغان كۆزلەر ھاڭغا ئىتتىرىلىۋاتىدۇ ، ئاقسىغان پۇتلارغا تىغلار بىلىنىۋاتىدۇ ، بوۋاي بوتۇلكىغا تىزلىنىۋاتىدۇ ، دادا قىمارغا يۈكۈنىۋاتىدۇ ، ئوغۇل كەيىپتە يىقىلىۋاتىدۇ ..........
تىلەمچى سۇنۇلغان پۇلنىڭ ئازلىقى تۈپەيلى ساخاۋەتچىنى تىللاۋاتىدۇ ، نامەردلەر سېنى قولىدا پىرقىرىتىپ مەرىتلەرنى ئاھ سىندۇرىۋاتىدۇ .........
سەرەڭگە ساتقۇچى قىزنىڭ چاقماق بىلەن خوشى يوق ، ھېچكىمنىڭ سەرەڭگىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ ، ئەمما يەنە سەرەڭگسنى ساتالماي كونا بۇلۇڭدا ئاۋارە بولىۋاتىدۇ .........
ساختا نىقاپ نەق پۇلنى ئالدىغاندىن كېيىن ئېچىلىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ كۈلكىسى كېيىنكى ئولجىغا تىكىلىۋاتىدۇ .......
قاپقارا سەت كۆمۈرچنىڭ ئاران ياققان ئوتى يەنە ئۆچۈپ قېلىۋاتىدۇ ، ئىدارە باشلىقىنىڭ قىزى ‹‹ سەۋەبسىز ›› لا مەركىزى ئالىي مەكتەپكە ئورۇنلىشىۋاتىدۇ ............
چېچى چىرايلىق ، پارقىرىغان يىگىت كەيىپتىن كېيىن شەھۋەت نەپەسلىرى ئۈچۈن يېڭى سۈزۈك غۇنچىلار بازىرىغا بازارلىققا مېڭىۋاتىدۇ ، يېقىن ئەتراپتىلا ئېزىقىش باشلىنىپ كەلگۈسىدىكى كۆز ياشلار تۆكۈلۈش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ .........
قىز ئوماقلىقىدىن 4-5 يىگىتنىڭ ئاتالمىش ئۆمۈرلۈك سۆيگۈنى بولىۋاتىدۇ ، ئەمما ئاكىسى ئالغان ‹‹ قىز ›› غا بۇرۇنلا ‹‹ چىۋىن ›› قونۇپ ، پۇشايماندا قاچىسىنى تۇتۇپ ئولتۇرىۋاتىدۇ ، لېكىن بىز پاك ياشا ساق ياشا ، شۇندىلا سەن پادىشاھ - دىگەن كونا قېلىپتىكى يادقا سۆزلىرىمىز بىلەن يەنىلا ياشاۋاتىمىز ..........
شەيتان مۇخلىسلىرى بەرىكەتلەرنى يىراقلارغا قوغلاپ ، ئادەم ئاتىنىڭ باللىرىنى ئېزىقتۇرىۋاتىدۇ ........
ھا ھا ھا ......... توغرا سەن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىسەن ، يەنە كۈلىۋال تازا ئېچىلىپ يېيىلىپ كۈل ، باشقىلارنىڭكىنى بىباھا بىلىۋاتقان گۆھەر بىلىنىۋاتقان ، ئەمما ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى يوقاتقان بىزدەكلەرگە كۈلىۋال ، بۇرۇن ئالقىنىڭدىكى ئويۇنلىرىمىزنى كۆرمىگەندەك كۆرىۋال ! مانا بىزگە بايرام ، مانا بىزگە تاماششا ، مانا بىزگە ئويۇن ..............
-ئىنسان زىمىنغا تۆرىلىپ نىمە ئۈچۈن ياشايدۇ ؟؟؟
-قورسىقى ئۈچۈن ، نان ئۈچۈن ....................
نان بىلەن خوشۇڭ يوقما ، بۈگۈنكى يىگەن تائامىڭنىڭ ياخشىلىقى ، چىقارغاندىن كېيىن ئىشلىتىدىغان قەغىزىڭنىڭ سۈپەتلىكلىگىدىن سورا ..............
قارا دۇنيا ، بۈگۈن سېنىڭ يۆنىلىشىڭنى ئاياللار بەلگىلىدى ، ئۇلارنىڭ كوپتىسى بىلەن يوپكىسىنىڭ ئارىسىدا بۈيۈك ئىدېئولوگىيە بار !
قارا دۇنيا ، يەنە بۈگۈن سېنىڭ تەرەققىياتىڭنى ئەرلەر بەلگىلىدى ، ئۇلارنىڭ تۈگۈلمىگەن مۇشتى بىلەن ، قاپقارا بۇرۇتلىرىنىڭ ئارىسىدا زور تەرەققىيات بار !
توغرا: بىز بىر توپ ئەمادۇرمىز ، ھەممە نەرسىنى قاپقارا كۆزلىرىمىز بىلەن كۆرۈپ يۈرگەن ، بىز بىر توپ سۆيمىگۈچىلەدىندۇرمىز ، ھەممە نەرسىنى لەۋلىرىمىز بىلەن چىڭ سۆيۈپ يۈرگەن .............
قارا دۇنيا ، ئالقىنىڭغا چاچقان مىھىرنى يىراقتىكى چۆلدىن ئىزدەۋاتىمەن ، ئىنسان ئەقلى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندا چوقۇم ھەممە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ ، ئېزىقىشلار يىراقلارغا پالانغاندا ، قىسمەتلەر قوينى يۇمۇلغاندا ، ھەقىقەت ئىشەنچ بىلەن تىك تۇرغاندا ، ھالاللىق تىرىشچانلىققا قول بەرگەندە ، شۈكىرلەنگەن قەدىر ئۆزىمىزگە قالغاندا ، ئىنسان يىغلىغان كۆزلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ساڭا كۈلۈپ قارىغاندا ، مىھى-مۇھەببەت زەيتۇنغا ئايلىنىپ كۆكتە چاقناپ ھەممىمىزگە نۇر چاچقاندا ، قەلبىمىزنى ئىللىتقاندا چوقۇم كۈلەربىزنىڭ بەختىمىز..........
|
|
|
|
|
|